مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1683|ئىنكاس: 5

كېچىلەرنىڭ ئۇيقىسىغا كىرەيلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88712
يازما سانى: 403
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8555
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 567 سائەت
تىزىم: 2012-12-17
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 01:17:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېچىلەرنىڭ ئۇيقىسىغا كىرەيلى

كېچە كۆزى نىمانچىلا قاپقارا ؟
تىكىلمەكتە دەرىزەمگە سىنچىلاپ .
خالاس خوتتا قىززىماقتا دەقىقە ،
لاي بەدىنىم سوزۇلماقتا غەم چاناپ .

قاراڭغۇلۇق كالپۇگىنى يايدى كەڭ ،
يىيىلمەكتە ئىسراپ بولغان بوشلۇقۇم .
چېچىلمىغان چېچەكلىرىم نەم تارتقاچ،
ئاۋاق ئىكەن زادى كۆڭۈل قوشۇقۇم .

تامچىلايدۇ تىپىرلىغان قانلىرىم ،
ھال كېسىلى چۈشتى ئاجىز تومورغا .
چىقىۋىرىپ خاتالىقنىڭ سۈت چىشى ،
موھتاج بولدۇم ۋىجدان پىشقان تونۇرغا .

قارا كېچە قىزىقمىدى كۈلكەمگە ،
ئىپادەمنىڭ سايىسىدا مۈگدىدىم .
مېغىزلىرىم قوش ئامبۇردا قىسىلغاچ،
دىئالوگدا بىر بوغۇمدا ئۈنلىدىم .


سەبرە سەتتەك بىلىنىدۇ بەزىدە ،
تاقەت سۈيى كۆيدۈرگەندە يۈرەكنى .
قارانچۇققا تەۋە قىلىش جايىزدۇر ،
يىلىكىدە قوۋۋىتى يوق بىلەكنى .

مۇزەك ھاۋا زىناقلىرى ئېچىلسۇن ،
قاناتلارغا سەلكىن شامال تىلەيلى .
ئەتە يەنە سوغۇققىنە كۈلمىسۇن ،
كېچىلەرنىڭ ئۇيقۇسىغا كىرەيلى .

ئېھتىياتسىز نىپىز - نىپىز سۈركىلىش ،
پەيدا قىلار قېلىن –قېلىن زىدىيەت .
قويرۇق بولسا ھەرىكەتكە ئەندىكىش ،
ئامەتلەرگە قامچا سالار شور نىيەت .


ئادىمىيلىك خىسلەتلەرگە مىلىنىپ ،
سۆيگۈ ئۈچۈن خەيرىلىك كۈن چىللىدىم .
ئەجداتلارنىڭ ھۆسنى ئۈچۈن خەيرىلىك ،
چۈشلىرىمنى شەيتانلاردىن كۈنلىدىم .

سىرغىماقتا نۇرلىرىمغا كېچىلەر ،
ئاق –قارىغا ئارلىشىدۇ قىسمىتىم ،
قەلب شېشەم ئۈچۈن چوقوم كۆكلىنەر،
ئېھتىماللىق قىرغىقىدا قىممىتىم .

ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bahwanbiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-10 01:17 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84233
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 426
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2012-8-22
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 03:17:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلھامىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.

ئۇزدىل تورتېخنىكا مەركىزى - ئۇيكوم ھەقسىز شېركەت سېستىمىسى http://www.uzdil.com

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1887
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5064
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1252 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 11:52:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلى ئۆزگىچىمۇ نېمە،قالتىس يېزىپ قويۇپسىز جۇمۇ
سۆز-جۈملىلىرى پاساھەتلىك،دەرت بەرمىسۇن قېرىندىشىم.....

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2821
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16509
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2527 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 11:40:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىئالوگدا بىر بوغۇمدا ئۈنلىدىم .
.................................................سىزگە تەپەككۈر رىزىق قىلىپ بېرىلگەن ئىكەن.ئاپىرىن باغۋەن،ھېسلىرىڭغا بولدۇم ھېرىسمەن...

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5403
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20182
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2251 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 11:45:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆك ئاسماندا قاقىمەن قانات ،
بۇ شېئىرنىڭ باغرىدا يېتىپ .
مۇڭلانسامكەن دەيمەن كېچىدە ،
يۇلتۇز بولۇپ يۈرەككە ئېقىپ .

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 130
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11026
تۆھپە نۇمۇرى: 357
توردا: 281 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 04:42:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆڭۈللەرنى  غەش قىلغان شۇ مۇڭلۇق كىچە

ئورۋالدى  مۇز يۈرەكۈمنى  تىمتاس  قوينىغا

كىچە خىياللىرى  مەن ئۈچۈن بىر ئۆزگەرمەس ھەم ئايرىلماس بىر ھەمرا
ئىلھامىڭىزغا  كۆز تەگمىسۇن  دوستۇم  ئەجىرىڭىزگە  رەھمەت

مۇھەببەت بىلەن نەپرەت
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش