بۇ سودا شاخلىتىپ سىتىشمۇ؟
يېقىندا دىيارىمىز كورلىدا ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ تەۋەسىدە خۇنەن خۇالەي چايچىلىقىغا ۋاكالەتچى بولۇش قىزغىنلىقى باش كۆتۇرۇپ نۇرغۇن كىشىلەر تۈركۈم-تۈركۈملەپ 20 مىڭ يۈئەن بىلەن بۇ ئىشقا ۋاكالەتچى بولماقتا، ئەلۋەتتە پۇلى بارلا ئۆيدىكى پۇلنى، پۇلى يوقلا باشقىلاردىن قەرىز ئىلىپ ئۈچ ئايغا قالماي قولغا كېلىدىغان 110 مىڭ يۈئەن ئۈچۈن كۆرەش قىلماقتا.
ئۇ چايچىلىقنىڭ تەرتىۋى مۇنداق ئىكەن، يەنى مەلۇم بىر ئادەم 20 مىڭ يۈئەن بىلەن ئەزا بولغاندىن كېيىن يەتتە كېلوگىراممۇ ياكى ئۇنىڭدىن جىمۇ ئىشقىلىپ قارا چاي بىرىدىكەن، بۇ چاي نۇرغۇن كېسەلگە پايدا قىلىدىكەنمىش. ئاندىن بۇ ئادەم ئاستىغا ئەزا ئىزدەيدىكەن، ھەم باشقىلارغا داستىخان سېلىپ مېھمان قىلىپ، دەرس سۆزلەيدىكەن. 20 مىڭ يۈئەن ئاز بولمىغاچقا بەزىلەرگە شۇ ۋاكالەتچى بولغان ئادەم باشقىلاردىن قەرىز ئىلىپ بىرىپ دېگىدەك ئەزا قىلىدىكەن، ئاندىن شۇ ئادەم شۇنداق تىرىشىپ يۈرۈپ ئەزاسى يەتتىگە يەتكەندە 5800 يۈئەن ئالىدىكەن، ئەزاسى 11 گە يەتسە 110 مىڭ يۈئەن ئالىدىكەن. ئەزاسى 20 نەچچىگە يەتكەندە 400 نەچچە مىڭ يۈئەن ئالىدىكەن. بۇنى دۆلەت قولايمىش، ھەتتا رەئىس شىجىنپىڭمۇ قولايمىش. چۈنكى بۇنداق قىلىش ئارقىلىق دۆلەت خۇنەن چايچىلىقىنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن مەبلەغ توپلاشنى مەخسەت قىلغان ئىكەن.
خۇش، بۇ چايچىلىقنى ھۆكىمەت نېمە ئۈچۈن ھۆكىمەت مەبلىغى بىلەن ئەمەس، تۆۋەندىكى ئاددىي پۇخرانىڭ يانچۇقى ئارقىلىق قوللىماقچى بولدى؟
ئەگەر راستىنلا بۇ ئىش قانۇنلۇق بولسا، بۇنداق ياخشى ئىشنى خەنزۇچىدىن بىمالال پايدىلىنىدىغان خەنزۇ قىرىنداشلىرىمىز قىلماي بىزگە قىلىپ قالدى؟
بۇنىڭغا ئەزا بولغاندا تاپشۇرۇلغان 20 مىڭ يۈئەن ئۈچۈن نېمىشقا دۆلەت ئىتىراپ قىلىدىغان بىر تۇتاش تالۇن چىقىرىپ بىرەلمەيدۇ؟
نېمە ئۈچۈن بۇ ھەقتىكى يازما تۇختامنى قانۇنىي گۇۋالىقتىن ئۆتكۇزۇشكە يول قويۇلمايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن سىتىش ئۈچۈن داۋاملىق چاي بىلەن تەمىنلىمەيدۇ؟ (دەسلەپتە ئەزا بولغاندا بىرلا قىتىم مانچە كېلۇ چاينى بىرىدىكەن، كېيىن بەرمەيدىكەن)
نېمە ئۈچۈن پۇلنى مەلۇم مەسئول ئادەمنىڭ قولىغا بەرمەي كارتىغا ئۇرۇلىدۇ؟
بۇ ئورۇننىڭ دۆلەتلىك باش مەسئولى كىم؟ شىنجاڭدىكى مەسئولىچۇ؟ ھە دەپ ۋاكالەتچىلىككە 20 مىڭ يۈئەن تۆلەپ كىرۋاتقانلار سىلەر رەھپىرىڭلارنى يەنى بىرىنجى قول مەسئولىڭلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، سالاھىيىتىنى بىلەمسىلەر؟
دېمەك، بۇ چايچىلىقتا مانا مۇشۇنداق بىر قاتار گۇمانلىق مەسىلە مەۋجۇت بولۇپلا قالماي بۇنىڭ ئۇچۇق ئاشكارە شاخلىتىپ سېتىش ئىكەنلىكى ھەققىدە بەيدۇدا ماتىرياللار تولۇپ يېتىپتۇ.
http://www.puercn.com/chayenews/cybg/32662.html
ئۇنداقتا شاخلىتىپ سېتىش دېگەن نېمە؟ بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى ماتىريالنى كۆرۈشكە بولىدۇ.
http://www.muzat.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=371
بىراق شۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى ئىتراپ قىلغىسى كەلمەي جان جەھلى بىلەن بۇ ئىشقا بېشىچىلاپ كىرىپ كىتۋاتماقتا.
شۇڭا شۇ قىرىنداشلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ چوڭ زىيانغا ئۇچۇراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قانۇن ئىجراچىلىرى، سۇدا-سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئۇرۇنلىرىدىكى خىزمەتچىلەر ۋە بۇ ئىشتىن خەۋىرى بولغان كىشىلەرنىڭ بۇنىڭ زادى شاخلىتىپ سېتىشقا تەۋەمۇ ياكى تەۋە ئەمەسمۇ مۇشۇ ھەقتە ئۆزلىرىنىڭ بىلىدىغانلىرىنى ئايىماسلىقىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.
ئەگەر ھەقىقەتەن شاخلىتىپ سېتىش بولسا قىرىنداشلىرىمىز ئۆزىنى ھازىر تارتسىمۇ كىچىكمەيدۇ، ئەگەر شاخلىتىپ سېتىش بولمىسا بۇ ئىشنى قىلۋاتقانلار خاتىرجەم ھالدا ئۆز ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە باشقىلارغىمۇ مەنپەت يەتكۇزەلەيدۇ دەپ ئويلايمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-10 12:42 AM