مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 995|ئىنكاس: 13

پەرزەنت تەربىيىسىدىكى 10 خىل سەۋەنلىك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103257
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 451
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 147 سائەت
تىزىم: 2014-2-7
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 08:30:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پەرزەنت تەربىيىسىدىكى 10 خىل سەۋەنلىك

ئەخمەتجان مەمتىمىن

    ئاتا –ئانا بالىنىڭ تۇنجى ئۇستازى ، بالىنىڭ تەقدىرىگە ئەڭ ئاۋۋال كۆڭۈل بۆلگۈچى . ھەر قانداق ئاتا –ئانا پەرزەنتىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇپ يېتىلىپ ، جەمئىيەتتە بىر كىشىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ . شۇ سەۋەبتىن پەرزەنتلىرىگە قاتتىق تەلەپ قويىدۇ . ئەگەر ئاتا – ئانىلارئۆز پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشۇشجەريانىدا تەربىيە ئۇسۇلىغا دىققەت قىلمىسا ، تەربىيە ئەكس تەسىر كۆرسىتىپ ، ئۇلارنىڭ بالىدىن كۈتكەن ئۈمىدى قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ .

1. ھەددىدىن زىيادە ماختاش

  بەك كۆپ ماختاش بالىنى چۈشەپ قويۇش بىلەن بىللە ، بالىغا روھىي جەھەتتىن يۈك بولۇپ قالىدۇ . ئاتا –ئانسىىنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالمىغاندا بالىدا ناھايىتى ئوڭايلا ئوڭۇشسىزلىق پىسخىكىسى پەيدا بولۇپ ، روھىي جەھەتتىن ئازابلىنىدۇ .ئاتا –ئانا بولغۇچى بالىنى ھەمىشە ‹‹بەك ئەقىللىق›› دەپ ماختىسا ، ئەمما ئىمتىھان نەتىجىسى بىرەر قېتىم كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالسا تاپا – تەنە قىلىپ تىللىسا ياكى ئۇرسا ، بالىدا ئۆزىنى ئەيىپلەش ، تۆۋەن كۆرۈش تۇيغۇسى كۈچىيىپ كېتىپ ، ئىشەنچسىنى يوقىتىپ قويىدۇ .

    بالىلارنى ئىلھاملاندۇرۇشتىكى توغرا ئۇسۇل ، كونكرېت ئىشلاردا ماختاپ تۇرۇش ، بالا بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولغاندا :‹‹مەن ساڭا ئىشىنىمەن ، سەن ئۇ ئىشنى چوقۇم قىلالايسەن››دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئىلھاملاندۇرۇش ، بالا غەلىبە قازانغاندا بولسا :‹‹ قارا ، سەن بۇ ئىشنى شۇنداق ياخشى قىلدىڭ ، قالتىسكەنسەن ›› دېيىش ، لېكىن مۇئەييەنلەشتۈرگەندە ۋە ئىلھام بەرگەندە ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ماختاشتىن ساقلىنىشتۇر .

2. كۆپ سۇئال سوراش

  نۇرغۇن ئاتا –ئانىلار بالىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلىشى ئۈچۈن ، بالا مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن توختىماي سوئال سوراپ بالىلارنى زېرىكتۈرۈۋېتىدۇ . مەسىلەن : ‹‹بۈگۈن مۇئەللىم سەندىن سوئال سورىدىمۇ ؟ ›› ،‹‹ماتېماتىكا دەرىسىدە سوئاللارغا جاۋاب بېرەلىدىڭمۇ ؟ ›› ، ‹‹كىملەر بىلەن بىللە ئوينىدىڭ ؟ ›› . . . دېگەندەك . بەك كۆپ سورالغان بۇنداق سوئاللار بەزىدە بالىنىڭ كۆڭلىگە ياقماي بالىدا بىزارلىق ۋە قارشىلىشىشنى پەيدا قىلىدۇ . چۇنكى بالىلارنىڭ كۈندۈزدە مەكتەپتە بولىدىغان ۋاقتى ئۇزۇنراق بولۇپ ، ئەتىگەندىن كەچكىچە ئۆگىنىش قىلىش داۋامىدا چارچايدۇ . شۇڭا بالا ئۆيگە قايتىپ كېلىشىگىلا ئۇنىڭدىن مەكتەپتە نېمە ئۆگەنگەنلىكىنى سورىماي ، ئازراق ئارام ئېلىۋېلىشى ياكى ئوينىۋېلىشىغا يول قويۇش كېرەك . بۇنداق قىلغاندا بالىنىڭ جىسمانىي كۈچى ئەسلىگە كېلىپ ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ .

3. كۆپ بۇيرۇق قىلىش

‹‹ تاپشۇرۇقۇڭنى ئىشلە ! ›› ، ‹‹تېلېۋىزورنى ئۆچۈر ! ›› ، ‹‹كىيىمىڭنى پاسكىنا قىلىۋەتمە! ›› . . . گە ئوخىتىاش بۇيرۇقلار بالىدا ئوڭايلا ‹‹ ئاڭلىسىمۇ ئاڭلىماسقا سېلىۋالىدىغان ››قاشاڭلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، بالىنىڭ تەشەببۇسكارلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ ، شۇنداقلا بالا ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى تۆۋەن مۆلچەرلەيدىغان بولۇپ قالىدۇ . ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ، ئۆگىنىش ئىقتىدارىغا بولغان ئىشەنچىسى ئاجىزلاپ ، ئۆزىنى مەڭگۈ چوڭ بولالمايدىغاندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ . شۇڭا ئاتا –ئانىلار بالىلارنىڭ ئۆز قىزىقىشىغا ئاساسەن ئىش قىلىشىغا يول قويۇشى كېرەك .

4. زىيادە قاتتىق تەلەپ قويۇش

  بالىلارنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى چەكلىك بولغاچقا ، يا ئۇنداق ، يا مۇنداق يېتەرسىزلىكلەرنى سادىر قىلىپ تۇرىدۇ . ئاتا –ئانىلار بالىغا بەك قاتتىق تەلەپ قويۇۋالسا ، بالىنىڭ ئىززەت –نەپسىگە تېگىپ قويىدۇ . بالىنى مەلۇم نەرسىنى ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرغاندا ، ئۇلارنىڭ ئەسىلىدىكى سەۋىيىسى بىلەن ئۆگەنمەكچى بولغان نەرسىسىنىڭ پەرقىنى بەك چوڭ قىلىۋەتمەسلىك كېرەك . بولمىسا بالىلار ئۆگىنىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ ، شۇنداقلا ئۇلاردا زېرىكىش ياكى قارشىلىشىش كەيپىياتى شەكىللىنىپ قالىدۇ . ئائىلە تەربىيىسىدە ئاتا –ئانىلار پەرزەنتىنىڭ جىىمانىي ۋە پسىخىك جەھەتتىكى تەرەققىيات سەۋىيىسىنى ھەمدە ئۆگەنمەكچى بولغان بىلىمنىڭ ئەمەلىي سەۋىيىسىنى ئەتراپلىق ئىگىلەپ ، ئاندىن شۇ ئاساستا مۇۋاپىق تەربىيە مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلىنى تاللىشى ، بالا مەلۇم ئىشنى قىلالماي مەغلۇپ بولغاندا ، ئۇنى دادىللىق بلەن قايتا سىناپ بېقىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ، بالىنى مۇۋەبپەقىيەت قازىنىشتىكى ھەر خىل يوللار ۋە ئىمكانىيەتلەرنى ئويلىشىشقا تەدرىجىي ئادەتلەندۈرۈشى لازىم .

   بىز بالىلارنىڭ خاتالىق ئۆتكۇزشىگە يول قويۇشىمىز ، ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بالىلاردا مەغلۇبىيەتكە دۇچ كەلگەندە بېلىنى قويۇۋەتمەيدىغان ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھنى يېتىلدۈرەلىشىمىز كېرەك .

5. كۆپ ئەيىبلەش(ئۆزىنى تۇتىۋالالماي ۋارقىراش،تىللاش ۋە مەسخىرە قىلىش)

   بالىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاندا ، بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويغاندا ‹‹ئىمتىھاننى قانداق بەرگىنىڭ بۇ ؟ دۆت ، قاباقباش! ›› ،‹‹مۇشۇنچىلىك ئىشنىمۇ قىلالمامسەن كالۋا ! ›› دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئەيىبلەش بالىدا ئاسانلا ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك ، قورقۇش پسىخىكىسىنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ . بالىلار ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ، ئاتا – ئانىىسنىڭ تەسەللى بېرىشى ۋە ئىلھاملاندۇرۇشىغا تېخىمۇ موھتاج . شۇڭا ئاتا –ئانىلار بالىنىڭ مەغلۇبىيەت ۋە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىكى تەجرىبە –ساۋاتلىرىنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ ، ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىپ ، قەيەردە يىقىلغان بولسا شۇ يەردە ئورنىدىن تۇرۇشىغا مەدەت بېرىشى ، نامۇۋاپىق سۆزلەرنى ئىشلىتىپ ئەيىبلەشتىن ساقلىنىش كېرەك .

    ئەگەر بالىڭىزنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز ھەم ئاراڭلاردىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئويلىسىڭىز ، بالىغا ئالدىراپ ئاچچىقلانماڭ ياكى ئاچچىقلىنىشتىن ئىلگىرى ، نېمىگە ئاچچىقلانماقچى بولغانلىقىڭىزنى ئوبدان ئويلاپ ، كەيپىياتنى ياخشىلايدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇلنى تپپىپ چىقىڭ . بالىنىڭ بىلىپ –بىلمەي ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكلىرىگە نىسبەتەن زىيادە قاتتىق قوللۇق قىلماي ، مۇلايىملىق بىلەن تەربىيە بېرىش ، يەنى بالىلارغا قىلغان ئىشىنىڭ خاتا بولۇپ قالغانلىقىنى سوغۇققانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈش ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇل .

    ئاتا –ئانىلار بالىلىرىغا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇشتىن قورقماسلىق ، خاتالىقىنى تونۇشقا جۈرئەت قىلىش ، تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا خاتالىقىنى تۈزىتىش توغرىسىدا تەربىيە بەرسە ۋە بالىنى شۇ ئاساستا يېتەكلىسە ، ئاتا –ئانا بولغۇچى ئۆزىمۇ ئوڭايسىزلىنىپ قالمايدۇ ، بالىمۇ خاتالىق ئۆتكۈزۇشنىڭ ئاتا –ئانىسىنىڭ ئۆزىگە بولغان مۇھەببىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ .

6. ئۆزىنىڭ بالىسى بىلەن باشقا بالىلارنى سىلىشتۇرۇش

   ھەممە بالىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى ۋە ئاجىزلىقى بولىدۇ . لېكىن كۆپىنچە ئاتا –ئانىلار بۇ نۇقتىغا سەل قارايدۇ ھەمدە باشقىلارنىڭ بالىسى قىلالىغاننى مېنىڭ بالاممۇ قىلالىشى كېرەك ، دەپ قاراپ ، بالىسىغا ئۇ خشاش ئۆلچەمدە تەلەپ قويۇپ بېسىم ئىشلىتىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن بالىدا نارازىلىق ۋە ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ ئىشەنچىسىنى يوقىتىدۇ . نۇرغۇن ئاتا –ئانىلار دائىم ئۆزىنىڭ بالىسىنى باشقىلارنىڭ بالىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ :‹‹سەن نېمىشقا پالانچىدەك بولالمايسەن››دېگەندەك تاپا –تەنىلەرنى قىلىدۇ . بۇ بالىلارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدۇ . چۇنكى بۇنداق ئەيىبلەشلەر بالىنىڭ باشقا ياشتىكى بالىلارغا يەتمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ قويىدۇ . ئەمەلىيەتتە ، بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى تەرەققىياتىدا پەرق بولىدۇ . ئاتا –ئانىلار بالىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى قوبۇل قىلىپ ، بالىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكلىرىنى كۆزىتىپ بايقاشقا ماھىر بولۇپ ، بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولغان ئۇسۇل ۋە چارىلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ ، ئاجىز نۇقتىلىرىنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىشى لازىم . بۇنىڭدىن باشقا ، بالىلارنى باشقىلارنىڭ بالىسى بىلەن سېلىشتۇرماي ، كۆپرەك بۇرۇنقى ئەھۋالى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ، بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئىلگىرىلىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە ماھىر بولۇشى كېرەك .

7.  بالىنىڭ گىپىنى دىققەت قىلىپ ئاڭلىماسلىق،ئۇلارنىڭ تەلىپىگە كۆڭۇل بولمەسلىك.

  بالىنىڭ گېپىنى دىققەت قىلىپ ئاڭلىماسلىق — بالىلارنىڭ تەپەككۇرىنى بوغۇش بىلەن باراۋەر . ئەگەر بالىلارنىڭ تەپەككۇرى بوغۇلسا ، كېيىن تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان ، ئويلىغانلىرىنى ئىپادىلىيلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ . بۇ پەرزەنت تەربىيىسىدىكى چوڭ خاتالىق .غەربلىكلەرنىڭ‹‹ھەيران قېلىش تەتقىقاتنىڭ ئاتىىسى ، ئۇتۇق قازىنىشنىڭ ئانىسى ››دەيدىغان گېپى بار . بالىلارنىڭ قىزىقىشى ئەقلىي تەرەققىياتىنىڭ باشلىنىشى ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ھېىابلىنىدۇ . قىزىقىش بالىلارنىڭ ئىلىم –پەننىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشى ھەم يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى . بالىلار مۇستەقىللىقىنىڭ يېتىلشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرگە يولۇقىدۇ ھەم كۈچلۈك ھەيرانلىق ھېسسىياتى بىلەن ئۆزلىرى بايقىغان ھەرقانداق نەرسىنى چۈشەنمەكچى بولىدۇ .بۇ بالىلارنىڭ بىلىم ئېلىش ئارزۇسى ، ئىجادىي تەپەككۇرىنىڭ بىخ سۇرگەنلىكىدۇر .بالىلارنىڭ ئىجادىي تەپەككۇرىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز ، ئۇلارنى قوللىشىمىز ، ئىلھام بېرىشىمىز ، ئۇلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا ئويلىنىپ جاۋاب بېرىشىمىز ، كەلسە –كەلمەس تەنقىد قىلماسلىقىمىز كېرەك .

  گەرچە بالىنىڭ دەۋاتقىنى بىر خام خىيال بولسىمۇ ، ئاتا –ئانىلار ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلىشى ھەم بالىنىڭ ئۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىغا ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشى كېرەك .

  بۇنىڭدىن باشقا ، ئاتا –ئانىلار يەنە بالىلار بىلەن ىىردىشىشقا ، ئۇلارنىڭ ئايرىم پسىخىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى بايقاشقا ماھىر بولۇشى ، بالىنىڭ مەسىللەرنى مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىشى ، تەسەۋۋۇرىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم ۋە ئىلھام بېرىشى ، ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بېرىشى ، رەسىم سىزىشقا يېتەكلىشى كېرەك .

8. بالا بىلەن بىللە بولۇشقا ۋاقىت چىقارماسلىق

بىر قىسىم ئاتا –ئانىلار خىزمەت ، تىجارەت جەھەتتىكى ئالدىراشلىقى ، تۇرمۇشتىكى خاتىرجەمسىزلىكى تۈپەيلىدىن بالىلىرى بىلەن ئانچە كارى بولمايدۇ ، پەرزەنتىنىڭ ھەرقايىىس تەرەپلەردىكى ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ ، بالىلىربنىڭ نېمىنى ئويلاپ ، نېمىگە قىزىقىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ .ئاتا –ئانىلار ئىمكان بار ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ بالىلىرىنى سىرتلارغا ئەچىقىپ سەيلە قىلدۇرۇپ ، تەبىئەت بىلەن كۆپرەك ئۇچراشتۇرۇپ ، بالىلارنىڭ تۇغما ئەقلىي تالانتىنى قېزىشى ،ئەتراپتىكى شەيئىلەرگە قارىتا قىزىقىش پەيدا قىلىشى كېرەك . بالىلار بىلەن كۆپرەك بىللە بولۇپ بەرگەندە ، بالىلارنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ . شۇڭا مۇۋاپىق ۋاقىت ، مۇۋاپىق ئورۇن ، مۇۋاپىق رەۋىشتە بالىلارنى ئۆزى ئويلاشقا ، ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەشكە ، ئۆزى تەجرىبە قىلىشقا ، ئۆزى ئىزدىنىشكە ، ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئىپادىلەشكە ۋە ئىقتىدارىنى يۈكسەلدۈرۈشكە رىغبەتلەندۇرۇشىمىز ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بالىلارنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش جەريانىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىغا ئۆز ۋاقتىدا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك .

9.     بالىنى ھەددىدىن زىيادە ئاسراش

  ھەرقانداق ئاتا –ئانا ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ، دۇنيادا ئۆز پەرزەنتىدىن ‹‹تاتلىق ›› نەر سە بولمايدۇ .ئەمما بەزى ئاتا –ئانىلار پەرزەنت تەربىيىلەشنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلىنى بىلمىگەنلىكتىن بالىغا بولغان ئامراقلىقنى ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىدۇ . بالىغا بولغان زىيادە ئامراقلىق ۋە ئۇلارنى ئورۇنسىز ئاسراش بالىلارنىڭ پسىخىك جەھەتتە ساغلام يېتىلەلمەسلىكىگە سەۋەبچى بولۇپ ، ئۇلارنى ئەمەلىي چېنىقىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ . جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يالغۇز پەرزەنتلىك ئائىلىلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە . يالغۇز بالىلار ئائىلىدە ئاتا –ئانىسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆيۈنۈشى ، چوڭلارنىڭ ئاسرىشى ، قەدىرلىشى بىلەن چوڭ بولغاچقا ، ئۇلارنىڭ مۇ ستەقىل ياشاش ئىقتىدارى بارغانسېرى ئاجىزلاپ كېتىۋاتىدۇ . ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىنىڭ ھەممە ئىشىنى قىلىپ بېرىشى بالىلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ۋە سىناپ بېقىش ئارزۇسىنى سۇسلاشتۇرۇپ ، بالىلارنى ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلىش ھوقۇقىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىپ قويماقتا . بۇ ئۇلارنىڭ خاراكتېرىنىڭ نورمال تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي ، ئىقتىدار ئۆگىنىدىغان ۋاقتىنىمۇ كەينىگە چېكىندۈرۈپ قويىدۇ . بۇنداق تىپىك مىساللار ئەتراپىمىزدىمۇ ئاز ئەمەس . ھازىر تولۇق 2–يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ كىيىمىنى يۇيالماسلىقى ، تولۇقسىز 3–يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۇندىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ ئاددىي ئىشلاردىمۇ ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىقىدەك ئەھۋاللار بىز ئۈچۈن ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس .

   بالىنى ئاسراش ھەددىدىن ئېشىپ كەتسە بالا ئۆزىنى يارامسىز ھېس قىلىپ قالىدۇ . ئاتا –ئانا دائىم بالىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزى باشقۇرسا ياكى توغرا–خاتانى ئايرىماي بالىنىڭ قارارىنى ئىنكار قىلسا ، بالىنىڭ پەزىلىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ قويىدۇ . ئەگەر بالىلار قۇربى يېتىدىغان يېنىك ئىشلارنى قىزىقارلىق ئويۇندەك بىلىپ قىلىشقا يېتەكلەنسە ، ۋاقىت ئۇزارغانچە ئۇلارغا ئەمگەكنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى مۇھىم رولىنى بىلدۇرگىلى ، ئىرادىسىنى تاۋلاپ ، تەدرىجىي ھالدا مۇستەقىل ياشاش قابىلىيىتىنى يېتىلدۇرگىلى بولىدۇ . شۇڭا ئاتا –ئانىلار كۆپ خىل پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق بالىلارنىڭ مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇشى ، ‹‹بالىلار ئۆزلىرى ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئىشلارنى ئۆزى قىلىشى كېرەك ›› دەيدىغان پرىنسىپنى ئېسىدە چىڭ ساقلىشى ، بالىلارنىڭ كاللىسىدىكى ‹‹مۇمكىن ئەمەس ›› دېگەن ئىدىيىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىشى كېرەك .

10.   بالىنىڭ دوستلىشىشىنى توسۇش

  ئۇزۇن مۇددەت تەنھا يۈرۈش بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى تەرەققىياتىغا ئىنتايىن پايدىسىز . بىر قسىىم ئاتا –ئانىلار بالىلىرىنىڭ دوستلىرى بىلەن ئويناپ ئارازلىشىپ قېلىشىدىن قورقىدۇ . ئۇلار بالىلارنىڭ ياشاش قابىلىيىتىنىڭ دەل ئەمەلىي تۇرمۇش جەريانىدا توپلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ .ئاتا –ئانىلاردىكى ھەممىگە چات كېرىۋالىدىغان ئەھۋال كۆپەيگەنسېرى ، بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا –ئانىلار بالىلارنى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا يېتەكلەپ ھەم ئۇلارغا باشقىلار بىلەن دوستلىشىش ، ئۆز ئارا ياردەملىشىش ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىشنى ئۆگىتىپ ، شاد –خۇرام كەيپىياتنى ساقلايدىغان قىلىپ تەربىيىلىشى لازىم .

  بالىلىق دەۋردىكى ئەقىل –پارا سەتنىڭ تەرەققىياتى ئادەمنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدىكى تەرەققىياتىغا بىۋاىىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ . شۇنىڭ ئۇچۇن ، ئاتا –ئانىلار بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان بالىلىق دەۋرىدىن ئوبدان پايدىلىنىپ ، ئەڭ كىچىك ئىشتىن باشلاپ بالىلارنىڭ ئۇتۇق قازىنىش تۇيغۇسى ، غەلىبە قىلىش تۇيغۇسى ، ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشى ، ئەقىل –پاراسەت جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى ئۆز ۋاقتىدا ئېچىشى ، ئۇلارنى ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيىلىشى ، ئۇلارغا مەغلۇبىيەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىتىشى كېرەك.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, @% r. u+ k. b9 @& U) R' H. }

ئاپتۇر : ئەخمەتجان مەمتىمىن    ؛ بۈگۈر ناھىيىلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى .

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# `6 @4 Z8 r* Y. Z8 `, C1 G! X

مەنبە : ‹‹ شىنجاڭ ئاياللىرى ›› ژۇرنىلى 2008-يىل 11-سانىدىن ئېلىندى .


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% F- v# i! M9 O9 ?

.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. E( f; a' U' \: ]* V4 W4 f2 t* D$ wبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" A# D7 C/ y; J! }1 d# ^
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-9 08:40 PM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ O# H+ O) S8 z2 c* ?! ^& c; e* `
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) S4 m+ R7 C0 |

بۈگۈنكى تېرىشماسلىق - ئەتىكى مۇھتاجلىققا رازى بولغانلىق .

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1724
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5522
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 776 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 08:49:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىنىڭ تىل چىقىشىغا پايدىلىق دەپ بالامغا كۆپ گەپ قىلىپ بېرەتتىم،بۇنىڭ زىينى يوقتۇ ھە؟

ئىككى مۆچەلنى ساق توشقۇزۇشقا نسىپ قىلدىڭ .....12 يىللىق ئارزۇيۇم كۆپۈككە ئايلىنىپ قالمىسىكەن،پەقەت سەندىنلا ئاسانچىلىق تىلەيمەن يا رەببىم.....!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74417
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3229
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-1-31
ئاخىرقى: 2014-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 08:53:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،مىنىڭچە بالىلارنى ئىمكانىيەت بولسا يىزا-قىشلاقلارغا كۆپرەك ئاپىرىپ ئۇلارنىڭ نەزەردائىرسىنى تىخىمۇئىچىش كىرەك.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! ?+ o6 a! c0 p( H

ئۇخلىغان مىللەت يائۆلىدۇ،ۋە ياكى قۇل بولۇپ ئويغۇنىدۇ                           مۇستافا كامال ئاتاتۇرۇك

ئۇيغۇر قىزلىرى پ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38587
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4776
تۆھپە نۇمۇرى: 196
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2011-4-24
ئاخىرقى: 2014-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 08:56:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىمدە قىلىشچە دادام مىنى كىچكىمدە تولا ئەيىپلەيدىغان. ئاتا ئانىلار كۆرۇپ قۇيسا بولغۇدەك ماۋۇ تىمىنى

سەن ئەزرائېلنى ئۇنتۇپ قالغان بىلەن ،ئەزرائېل سىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2727
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 392 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 09:07:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بالامغا تاپشۇرۇق ئىشلەش ، ئۆگىنىش قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە  كۆپرەك سۆزلەپ قۇيىمەن.

بەزى ئىشلارغا مەڭگۈ ئامال يوق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63
يازما سانى: 3054
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32210
تۆھپە نۇمۇرى: 4424
توردا: 7274 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 09:07:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چوڭ بولۇپ ئىسىمنى بىلگۈچە دادامنىڭ ماختاپ باققىنىنى بىلمەيتىم، مەيلى مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن زېھىن سىناش مۇسابىقىللىرى بولسۇن ۋە ياكى ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە بولسۇن ، مۇكاپات بۇيۇملىرىنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە خوشال كىرگىنىمدە دادامدىن ئاڭلايدىغان سۆزۈم پەقەت ۋە ۋەپەقەت ھە ياخشى، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىش! شۇنىڭ بىلەن شۇ خوشاللىقىمدىن ئەسەرمۇ قالمايتى..ئىش ئۇققىدەك بولۇپ ئەقىل كىرگەندە دادامنىڭ نەقەدەر توغرا قىلغانلىقىنى بىلدىم.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) S; `! _2 J: l3 a7 d! W-----بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, [$ q# \$ P) _" C
توغرا بولغان ئائىلە تەربىيسى بالىنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ئىكەن..

بەزى چاغلاردا بىلىدىغىنىڭ قانچە ئاز بولسا شۇنچە بەخىتلىك بولىسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99354
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 281
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 69 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2014-7-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 10:57:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Zulpikar يوللىغان ۋاقتى  2014-2-9 09:07 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 d! H+ h" _) G; |+ K/ X% D
چوڭ بولۇپ ئىسىمنى بىلگۈچە دادامنىڭ ماختاپ باققىنىنى ب ...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 t7 D2 Y& k" Z6 [+ h
بىز  ئاتا  ئانا   بولغۇچىلار   باللىرىمىزنى    ياخشى   تەربىلەيمىز   دەپ     قىلغانلىرىمىز    بەزىدە   ئەكىسچە    ئۈنۈم   بىرىپ   قالىدىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103245
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 373
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2014-2-7
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 11:12:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  تېمىكەن   مەنمۇ  دىققەت  قىلسام  بولغۇدەك  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84233
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 236
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2012-8-22
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 03:38:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nurjahan0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-9 08:49 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 Y9 }  |$ n6 G3 F. M
بالىنىڭ تىل چىقىشىغا پايدىلىق دەپ بالامغا كۆپ گەپ قىلى ...

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# }# ~1 `7 r% }$ B  L/ e( }شۇنداق قىلغىنىڭىز دۇرۇس.

ئۇزدىل تورتېخنىكا مەركىزى - ئۇيكوم ھەقسىز شېركەت سېستىمىسى http://www.uzdil.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1613
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7963
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 287 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 10:07:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش