ھىممىتىڭ غەيرىتىڭدىن ئۆل لىكىن ئايرىلمىغىل،
ھەقلىقىڭ بىلگەن يولۇڭدىن جاننى بەر قايرىلمغىل.
--- ئا. ئۇيغۇرى
ھەقىقەت ئىگىلىدۇ سۇنمايدۇ!
---
تىيىپجان ئىلىيوف
______________________________________________________
ئالدىنقى شائىر ياشلا كىتىپ قالدى، ئەسەرلىرىنى ئىزدەپ سوراپ ئاران تىپىپ مەتبۇئاتتا ئىلان قىلىشتى،
كىيىنكى شائىر يىقىنقى زامانغىچە ياشىدى، ئەسەرلىرىنى ئۆزى مەتبۇئاتقا ئاپاردى.....
_______________________________________________________
ئىككى شىئىرنىڭ مەركىزى ئىددىيىسى بىر بىرىگە قارشى.
ھەقىقەت ئىگىلسە سۇنمىسا كىم كەلسە ئۇنى ئۆزىگە قاراتسا، ئۇ ھەقىقەت بولماي، رەزىنگە بولۇپ قالىدۇ.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر مەغلۇب بولغان ئىنقىلابنىڭ ئىشتىراكچىسى، بۈگۈنكى گاچا تىلىمىزدا ئىيتقاندا تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغۇچى، ئەمما بىزگە <ھەقىقەت ئۈچۈن كۆرەش قىلماق>نى، <ھەرگىز تىز پۈكمەسلىك>نى، <قەھرىماننىڭ سىيماسى>نى قالدۇرۇپ كەتكۈچى!
اللە شەھىتلىك مۇقامىنى بەرسۇن، ئامىيىن!