نىقابلانغان سۆيگۈ
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" n' a& j9 |8 j
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ R! M9 ^ u! u( b, g5 U2 J- ئۇلۇغ ئاللاھ نامىدىن قەسەم قىلىمەن ، مېنىڭ بۇ دۇنيادىكى بارلىق كۈلكەم ، خۇشلۇقۇم ، روھىم ، جىسمىم پەقەت ۋە پەقەت بىرلا ئىنسانغا بېغىشلانغان ، ئۇنى مەن يۈرىكىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر ، ئەڭ پاك ، ئەڭ پىنھان قاتلىمىدىن مەڭگۈ ، مەڭگۈ سۆيىمەن . مەيلى ئۇ ئىنسان مېنىڭ ئاشۇ ئوتلۇق ، سىرلىق ، مۇقەددەس سۆيگۈمنى بىر ئۆمۈر زەررىچە بىلمەي قالسىمۇ ، بارلىقىم يەنىلا شۇ ئىنسانغا تەئەللۇق ! ئۇنى بىر ئۆمۈر خىيالىمدا سۆيۈپ ئۆتسەم شۇمۇ مەن ئۈچۈن ئالەمچە بەخت !
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ v$ R2 W" N5 b u4 }+ a6 h
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# k5 P1 x. d, @- ئاپتور خاتىرىسىدىن
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" ^5 {6 C" U. E. j6 j
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( q+ T" Z) }, ?* I8 q: \: ~9 h; }قەدىرلىك دوستۇم زۇلپىيە ، ھاياتىمنىڭ بۈگۈنكى مۇشۇ كۈنلىرىگە كەلگەندە بېشىمغا بۇنچە ئېغىر ئازاب ، بۇنچە ئېغىر سەۋدا ، بۇنچە ئېغىر كۈلپەتلەرنىڭ چۈشۈشىنى زادىلا خىيالىمغا كەلتۈرۈپ باقماپتىمەن . ھاياتلىقنى تولىمۇ ئاددىي ، تولىمۇ يۈزەكى ، يەڭگىللىك بىلەن چۈشىنىپ كەپتىمەن !
دۇنيا ........ ھاياتلىق ...... تۇرمۇش .....
زۇلپىيە ، جېنىم دوستۇم ، ئۆلۈپ كېتىمەن ، گېپىمنى ئاڭلاۋاتامسەن . ھامان بىر كۈنى ئۆلۈپ كېتىمەن . ئىچىمدە نۇرغۇن – نۇرغۇن دەرد – ھەسرەلىرىم ، پىغان – نالىلىرىم ، ئارزۇ –ئارمانلىرىم قالىدۇ .مەن ئۆلۈپ كېتىمەن . لېكىن .....لېكىن ،ئاھ خۇدا ! مېنىڭ دەرە – ھەسرەت ، نالىلىرىم ؛ مۇڭ – نىدا ، ئارمانلىرىم ئىچىدە شۇ پېتىچىلا قالارمۇ ؟.... چىدىيالمايۋاتىمەن ،چىدىيالمايۋاتىمەن ، زۇلپىيە . پۈتكۈل ھۈجەيرە - توقۇلمىلىرىمدا قان – زەردابلىق ئاچچىق ياش ! تېتىرەپ كېتىۋاتىمەن ، بېشىم قېيىۋاتىدۇ ، كۆڭلۈم ئېلىشىپ كېتىۋاتىدۇ ،زۇلپىيە . مەن ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن! .....
كۆزلىرى يىغىدىن ، ئازابتىن قىزىرىپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ، چىرايى دەرد –ھەسرەت ، نالىدىن سارغايغان ، چاچلىرى رەتسىز ، پۈتكۈل تۇرقىدىن مىڭ دەرد ، مىڭ نالە ، مىڭ پىغان ،مىڭ مۇڭ يېغىپ تۇرغان كۆز ئالدىڭدىكى بۇ يىغلاڭغۇ ، ۋەيرانە چىراي كىم ؟ ئېيتە ، بۇ چىراي ئىگىسى زادى كىم ؟!
زۇلپىيە، جېنىم دوستۇم ، ھەيران قالما ، پەقەت ھەيران قالما . بىلىپ قوي ، بۇ يىغلاڭغۇ چىراي ئىگىسى مانا مەن ، مەن – ماھىرە ! ئاڭلاۋاتامسەن ، ئاشۇ چاغدىكى پۈتكۈل تۇرقى ئوتتەك قىزغىن ، ئاجايىپ ھېسسىياتچان ، لېكىن پۈتكەن – تۇرغىنى مۇزدەك سوغۇق بولغانلىقى ئۈچۈن ساۋاقداشلار ئارىسىدا « بىڭشاڭ » دەپ نام ئالغان ھېلىقى ماھىرەنىڭ دەل ئۆزى مەن !
بېشىمغا بۇنداق قىسمەتلەرنىڭ قېلىپ قېلىشىنى زادىلا ئويلىماپتىمەن ، زۇلپىيە . ئاشۇ چاغلاردا سېنىڭ كېچە – كېچىلەپ ھۆڭ –ھۆڭ يىغلاپ چىققانلىقىڭنى كۆرگەن ۋاقتىمدا ئۆزۈمچە ساڭا چېچىلاتتىم ، ئاچچىقلايتتىم .سېنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ باشقا ياتاقلارغا چىقىپ كېتەتتىم ، سەن يىغلايتتىڭ ، مەن كۈلەتتىم . سەن ئۈنسىز يىغلايتتىڭ ، مەن قاقاقلاپ كۈلەتتىم . سېنى جىلە قىلاتتىم . كۆڭلۈڭگە ياققۇدەك بىرەر ئېغىز گەپ – سۆز ، تەسەللى بېرىشنىڭ ئورنىغا يۈرىكىڭگە نەشتەردەك سانجىلىدىغان گەپلەرنى قىلىپ سېنى تېخىمۇ بەكرەك يىغلىتاتتىم . ئاھ ، زۇلپىيە ، چىدىيالمايۋاتىمەن ، ئاشۇ كۈنلەرنى ئويلىسام ئۆزۈمنى ئۆلۈپ كەتكەندەك بىھوش ھېس قىلىپ كېتىۋاتىمەن ! .... ساڭا شۇ چاغلاردا بىرەر ئېغىز تەسەللىنىڭ قانچىلىك مۇھىم بولىدىغانلىقىنى ئەمدى بىلىپ يېتىۋاتىمەن ، زۇلپىيە. شۇ چاغدىكى قىلمىشلىرىم ئۈچۈن ساڭا يۈز كېلەلمەيمەن . لېكىن ، ماڭا ئىشەنسەڭ ، سەن مېنىڭ ئىككى دۇنيالىقتىكى بىردىنبىر يېقىن دوستۇمسەن ! ئۇلۇغ خۇدا تۇرۇپتۇ . يۈرىكىمنىڭ ئەڭ پىنھان قاتلىمىدىن چىقىۋاتقان مۇشۇ نىدالىرىمنىمۇ پەقەت ۋە پەقەت ساڭىلا دەيمەن ، زۇلپىيە . سەنمۇ بولسا بىلىپ قال . ئادەم دېگەننىڭ بېشىغا كەلمەيدىغان سەۋدا ، چۈشمەيدىغان كۈلپەتلەر يوق ئوخشايدۇ . ياخشى كۈننىڭ يامىنى كېلىپ ئۆلۈپ – تارتىپ قالسام ، يۈرىكىمدىكى بۇ سىر– ھەسرىتىم مەڭگۈ سىر پېتىچە قالمىسۇن !
شۇنداق ، مەن ئاشۇ چاغلاردا ئۆزۈمنى شۇنداق چوڭ تۇتاتتىم . باشقىلارغا ئېرەنسىزلىك بىلەن پەرۋاسىز قارايتتىم . نەچچە – نەچچە يىگىتلەر يەر تېگىدىن ئوغىرلىقچە كۆزلىرىمگە تىكىلىپ قارايتتى . ئاغزىدىن بىر گەپلەر پۇراپلا تۇراتتى . بۇنى سېزەتتىم ، لېكىن سەزمەسكە سالاتتىم . ئىچىمدە ئۇلارنى « ئەخمەقلەر » دېگۈم كېلەتتى .ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن رەت قىلاتتىم . كېيىنچە ئۇلار « قول يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق »دېگەندەك ماڭا « بىڭشاڭ » دەپ نام قويۇۋالدى . ئىسمىمنى ئاتىماي ، « بىڭشاڭ » دەپ چاقىراتتى . مېنىڭ پەرۋايىم پەلەك ئىدى . يەنىلا شۇنداق بىر خىل مەغرۇرلۇق بىلەن يۈرۈۋېرەتتىم !
ھېلىمۇ ھازىرقىدەك ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ . بىز ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئايرىلىدىغان ئاخشىمى سەن مېنى سىرتلارنى ئايلىنىپ كېلىشكە تەكلىپ قىلدىڭ . چىرايىڭ تولىمۇ مىسكىن ، بىر خىل مەيۈسلۈك يېغىپ تۇراتتى . گەرچە ئايرىلىش ماڭىمۇ ئېغىر كېلىپ ، ئىچ – ئىچىمدىن يىغا ئېتىلىپ چىقىۋاتقان بولسىمۇ ، قىلچە چاندۇرماي يەنىلا ساڭا چاقچاق قىلدىم :
- ئۇنچە قىلىپ كەتمىسەڭمۇ ، يۇرتۇڭغا بېرىپ يەنە بىرنى تېپىۋالساڭ بولمىدىمۇ ؟ ئوغۇل بالا دېگەن تېپىلماسنىڭ خورمىسى ئەمەسقۇ . ئوچۇق كۈلۈپ تۇرە !
سەن گەپ قىلمىدىڭ ، كۆزلىرىمگە تىكىلىپ قارىدىڭ ، كۆزلىرىڭدە يىغا ئەگىيتتى . تۇرقۇڭ ھەقىقەتەن شۇنداق مەيۈس ئىدى .
- ماھىرە ، - دېدىڭ خېلى بىر ئۇزاقتىن كېيىن ئىزىڭدا چىپپىدا توختاپ كۆزلىرىمگە تىكىلىپ ، - مەن ساڭا قايىل . ساڭا قول قويدۇم !
كۆزلىرىڭدە يىغا ، بەدىنىڭ بىلىنەرلىك تىتىرەيتتى . ئاغزىڭ ئۈمچىيەتتى ،لەۋلىرىڭ قىمىرلايتتى ، ئاۋازىڭ چىقمايتتى .
- نېمە بولۇۋاتىسەن زۇلپىيە ، ئۆزۈڭچە باشقىچىلا بولۇپ قېلىۋاتىسەنغۇ ؟
توۋا دېگۈم كېلىدۇ . كىچىكىمدىن تارتىپ شۇنداق مەغرۇر يۈرۈپ چوڭ بولغان ، ھازىرغا كەلگۈچە ھېچبىر ئىنسان ، ھەر قانداق بىر كەلمىشلەر ئالدىدا قىلچە تىترىمەي كەلگەن ئادەم مۇشۇ دەقىقىلەردە باشقىچىلا بولۇپ قالدىم .ئۆزۈمچە ئاۋازىم ئۆزگىرىپ ، بەدىنىمگە ئىچ – ئىچىمدىن تىترەك ئولىشىپ ، كۆزۈمدە ئاچچىق بىر سۇيۇقلۇق پەيدا بولۇشقا باشلىدى .
- سەندىن يوشۇرمايمەن ماھىرە ، دېدىڭ بىر چاغدا بېلىمدىن مەھكەم قۇچاقلاپ ھۆڭرەپ يىغلىغىنىڭچە يۈزلىرىڭنى يۈزلىرىمگە سۈركەپ ، - مەن چىدىيالمايدىغان ئوخشايمەن ، مەن چىدىيالمايدىغان ئوخشايمەن ،ماھىرە ، مەن ....
سەن يىغلايتتىڭ ، ئىچ – ئىچىڭدىن ئېتىلىپ يىغلايتتىڭ ، مەن ساڭا مىڭبىر بالالار بىلەن تەسەللى بېرەتتىم :
- زۇلپىيە ، بولدى يىغلىما . ھەر قانچە ئىش بولۇپ كەتسىمۇ بۇنداق يىغلىمىغىن . سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي ، بۇلامدۇ – ھە ؟!
- سەن بىلمەيسەن ماھىرە ، ھازىرقى دەرد –ھالىمنى سەن بىلمەيسەن . يىغىلىۋالاي ، مېنى بىردەم يىغلىغىلى قويغىن . بۇ دۇنيادىكى ھاياتلىق ، تۇرمۇش ، سۆيگۈ دېگەنلەر مۇشۇنداق ئوخشايدۇ ، مەن ساراڭ بولۇپ ئېلىشىپ قالىدىغان ئوخشايمەن !ساڭا نېمە دەپ تەسەللىي بېرىشىمنى بىلمەيتتىم . سەن يىغلايتتىڭ ، پۈتۈن بەدىنىڭ جالاقلاپ تىتىرەيتتى .
- ماھىرە ، بىز ئۈچ يىل خۇددى بىر قورساقتىن چۈشكەن قېرىنداشلاردەك شۇنداق ياخشى ئۆتتۇق . بىر –بىرىمىزدىن يوشۇرۇشقۇدەك سىرلىرىمىزمۇ يوق . سەن بىلىسەن ، مەن دۆتلۈك قىلىپ كىچىككىنە تۇرۇپلا مۇھەببەت يولىغا كىرىپ قالغان تەلەيسىزمەن . سەن مېنى مەيلى چىن كۆڭلۈڭدىن بولسۇن ، مەيلى چاقچاق قىلغان بول ، بىر قانچە قېتىم زاڭلىق قىلدىڭ . مەن يىغىلىسام سەن كۈلدۈڭ . ماھىرە ، سۆيگۈ دۇنياسىدا ياشاۋاتقان ئادەملەرنىڭ كۆڭلىنىڭ نەقەدەر نازۇكلۇقىنى سەن بىلمەيتتىڭ . كىچىككىنە گەپلەر ئۈچۈنمۇ كېچە – كېچەلەپ يىغلاپ ، ئۇيقۇسىز ئۆتكەنلىكىمنى سەن بىلمەيتتىڭ . لېكىن ، سەندىن ئاغرىنمايمەن . سەندىن مەڭگۈ ئاغرىنمايمەن ، ماھىرە . ئۇلۇغ خۇدادىن ھەر ۋاقىت سېنىڭ بېشىڭغىمۇ مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ كېلىپ قالماسلىقىنى تىلەيمەن . سەن مەڭگۈ مۇشۇنداق مەغرۇرلۇقۇڭ ، مەڭگۈ مۇشۇنداق غۇرۇرۇڭ بىلەن ياشا ! سۆيگۈ دۇنياسىغا كىرىپ قالما . سۆيگۈ چۆللىرىدە قاغجىراپ ، غېرىبسىنىپ ، يېتىمسىراپ كۆزۈڭدىن تاراملاپ ياش ئېقىتىپ يۈرمە ! ...
جېنىم دوستۇم زۇلپىيە ، ئۆرتىنىپ كېتىۋاتىمەن . چىدىيالمايۋاتىمەن . ئەجەبا ،..... مەن شۇ چاغدىكى ماھىرە شۇمۇ ؟!
ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ھازىرقى ئىدارىگە ئىشقا چۈشۈپ ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپلا ئۆزۈمنىڭ يېزىسىغا تەقسىم قىلىندىم . يېڭى خىزمەتچىلىكتە كۈنلىرىم بىر خىل مەنىسىز ، زېرىكىشلىك بىلەن ئۆتۈشكە باشلىدى . مەكتەپ ھاياتىنى ئويلاپ ئولتۇرۇپ ئۆزۈمچە يىغلاپ كېتىمەن . تۇرۇپلا ماڭا بىر خىل يالغۇزلۇق ، غېرىبلىق ھۇجۇم قىلىشقا باشلايدۇ . بىر كۈنى مۇڭلىنىپ خىيال بىلەن ئولتۇرۇپ كېتىپتىمەن . شۇنداق قارىسام ، مەن بىلەن بىر ئىشخانىدا ئىشلەيدىغان بۇسارە ئىسىملىك ئايال ماڭا تىكىلىپ ئولتۇرۇپ قاپتۇ . ئۇنى كۆرۈپئۆزۈمچە خىجىللىقتىن يۈزلىرىم ئوتتەك قىزىپ كەتتى .
- نېمانچە خىيال سۈرۈپ كېتىسىز . مەكتەپتىكى ئاشىقىڭىز يادىڭىزغا كېپ قىلىۋاتامدۇ ، يا ؟
بۇسارە ئىسىملىك بۇ ئايالنىڭ مىجەزى ئاجايىپ ئىدى . ھەر قانداق گەپنى ئوچۇق – ئاشكارە ، يۈزىدىن – يۈزىگە دەۋېرەتتى . تولىمۇ گەپدان ، چاقچاقچى بولغانلىقتىن ، يېزىدىكى بارلىق ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئۇنىڭغا بەكمۇ ئامراق ئىدى .
- مەكتەپتە بىرگە ئۆتۈشكە ئەرزىگىدەك ئاشىق –مەشۇقلىرىمىزمۇ يوق ئىدى بۇسارە ئاچا ، شۇنداقلا خىيال سۈرۈپ قاپىمەن !
- ۋاي، تۈزۈك گەپ قىلسىڭىزچۇ ئۇكا ، ھازىرقى بالىلارنىڭ قايسىبىرىنىڭ ئۇنداق ئىشى يوق دەيسىز ؟
- ئىشەنمىسىلىرى مەيلى ، ئىشقىلىپ ، مەن تېخى ئۇ ئىشلار توغرۇلۇق ئويلاپ باقمىدىم .
- ماڭا قاراڭ ئۇكام ، سىز مېنىڭ قىزىم دېمەتلىك كېلىسىز . سىزنى قىزىم دېسەممۇ بولىدۇ . مەيلى مەكتەپتە مۇھەببەت تۇتۇڭ – تۇتماڭ ، ئۇنىڭ بىلەن مېنىڭ كارىم يوق . لېكىن ، سىزگە ئانىڭىز ئورنىدا نەسىھەت قىلىپ قوياي ، تۇرمۇش ئىشىڭىزنى بەك ئويلىشىڭ . ئالدىراپ كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتمەڭ . بۇنداق دېسەم باشقىچە ئويلاپمۇ يۈرمەڭ ، سىزنى ئېلىپ بەرگۈدەك ئوغلۇممۇ يوق . بىراق ، مەن ئۆزئوغلۇمدىنمۇ ئۆتە ياخشى كۆرىدىغان ، قىزىم بولسا ئىككى قوللاپ بېرىۋالدىغان بىر يىگىت بار . كېيىنكى كۈنلىرىمنى خاتىرجەم ، خۇشال – خورام ئۆتكۈزەيدېسىڭىز ، كۆزىتىپ بېقىڭ !....
- ...
ئۈن– تىنسىز ئولتۇرىمەن . بىر خىل خىجىللىق ، ئىچكى قىزىش ، ئىچكى ھاياجان پۈتۈن نېرۋا – سېزىملىرىمنى قورشىۋالغانىدى .
- ئادەم ھەر قانچە بولسا شۇنچىلىك بولار . شۇنداق ئېغىر – بېسىق ، چىقىشقاق ، ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا سىز ئوقۇغان مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ كېلىپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپئالىي مەكتەپ دىپلومى ئالغان . ھازىر ئىدارىدا تەرجىمان بولۇپ ئىشلەيدۇ !
- ئاھ......
تاس– تاماس قالدىم ئاۋازىمنى سىرتقا چىقىرىپ سالغىلى ، ئىدارىدىكى تەرجىمان يىگىت ..... ئاشۇ قارا قاشلىق ، چوڭ قارا كۆزلىرى ئوتتەك يېنىپ تۇرىدىغان ، چىرايى سۈرلۈك ، كەمسۆز ، دائىملا بىر خىل مۇڭ بىلەن خىيالچان يۈرىدىغان ئاشۇ يىگىت !... تىترەپ كېتىۋاتىمەن . ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتىمەن . توۋا، ئاشۇ يىگىت ....يەنە شۇ يىگىت !....
- شۈكلەپ كەتتىڭىزغۇ ، بىرەر قېتىم كۆرگەنمۇ ؟
- ....
بېشىمغا چۈشكەن دەرد – ئەلەم شۇ كۈندىن باشلاندى ، زۇلپىيە .مەن ئۇ يىگىتنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندە ، يەنى مەن ئىدارىگە كىرىپ كادىرلار ئىدارىسى يېزىپ بەرگەن تونۇشتۇرۇشنى كىمگە بېرىشنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالغاندا ۋاقتىمدا ، ئۆزلۈكىدىن ئىسمىمنى سوراپ ، مېنى ئىدارە باشلىقىغا تونۇشتۇرۇپ ، ئىشلىرىمنى بېجىرىپ بەرگەن ۋاقتىدا چىن دىلىمدىن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتقان ھەم بىر خىل قىزىقىش ئىچىدە ئۇنىڭغا قايىل بولغانىدىم .....سۈرلۈك چىراي ، كۆزلىرى ئوتتەك يېنىپ تۇرىدىغان، خىيالچان ، رەتلىك، پاكىز كىينگەن ئاشۇ يىگىت !..... كۆز ئالدىمدىن ئاشۇ سىيما كەتمەيتتى . ئۆزۈمچە كۈندىن – كۈنگە جىمغۇرلىشىپ ، دائىم خىيال ئىچىدىلا ئۆتىدىغان بولۇپ قالدىم .
ھەر ئاينىڭ بەشىنچى كۈنى ئىدارىگە يىغىنغا باراتتۇق . شۇ بىر ئاي ۋاقىتنى قانچىلىك تەستە ئۆتكۈزدىغانلىقىمنى بىر ئۆزۈم بىلەتتىم . بېرىپ ئاشۇ يىگىتنىڭ قارشىسىدا ئۇنىڭغا ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل ئولتۇراتتىم .ئۆزۈمنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇغان ھالدا ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارايتتىم . ئۇ باشلىقنىڭ گېپىنى تەرجىمە قىلاتتى . ئاۋازى شۇنداق جاراڭلىق ، گەپنى تولدۇرۇپ - تولدۇرۇپ قىلاتتى . شۇنداق تىكىلىپ ئولتۇرۇپ كېتىمەن ، ئۇ پەرۋاسىز ، خۇددى مېنى كۆرمىگەندەك ....
مىڭ – مىڭ ئۈمىد بىلەن تىكىلگەن كۆزلەر ،پەرۋاسىز ئوتلۇق نەزەرلەر ..... ئۇنىڭغا قاراپ ئۆزۈمنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ ، غەيرىي بىر خىل تاتلىق ھېسسىياتلار قوينىدا كېزىمەن !
ئىقرار قىلىمەن . مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغانىدىم . ئۇ بۇنى بىلمەيتتى ، زۇلپىيە . بۇرۇنقى مەغرۇرلۇقلىرىم پۈتۈنلەي تۈگەپ ،بىر خىل مۇڭلۇق ، خىيالچان ، يىغلاڭغۇ بولۇپ قالدىم . سېنىڭ ئاشۇ چاغدا دېگەنلىرىڭ پۈتۈنلەي توغرا ئىكەن . سۆيگۈ دۇنياسىدا بىر باشقا چىقالماي چاڭقاپ يۈرگەن ئىنسانلارنىڭ يۈرىكى ، كۆڭلى تولىمۇ ، تولىمۇ نازۇك بولىدىكەن . يىغلايمەن ، ھېچ گەپتىن ھېچ گەپ يوق ئۆزۈمچە مۇڭلىنىپ ھېقىقداپ يىغلاپ كېتىمەن . نۇرغۇن كېچىلەر ئۇيقۇسىز ئۆتتى . بىلدىمكى ، ئىنسانلار پەقەت سۆيگۈ ئىچىدە ياشىغاندىلا ، ئاندىن ئۆزىنىڭ قەدىرىنى ، ھاياتىلىق قەدىرىنى چۈشىنىپ يېتەلەيدىكەن ! ......
ئايدا بىر قېتىم كۆرۈش ، ئايدا بىر قېتىم غىل – پال كۆز بېقىشىش ......ئاھ ، زۇلپىيە ، ئۇ بىلمەيتتى . ئۇ ئۆزىنى مېنىڭ قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى قىلچە سەزمىگەندەك قىلاتتى . ئۇ پەرۋاسىز .مەن پەرۋانە . مەن ئىنتىلەتتىم . ئۇ قاچاتتىم !.....ئۆزۈمنى تۈگەشتۈرۈپ قويۇۋاتاتتىم ، زۇلپىيە . مەن ئۈچۈن ھازىر ھەر قانداق بىر تەۋەككۈلچىلىكلەرنى قىلىش قىيىن ئەمەس ئىدى . پەقەت ئۇ ، پەقەت ئۇلا مېنى چۈشىنىدىغان ، مېنى باغرىغا باسىدىغان ، ماڭا بېرەر ئېغىز تەسەللى بېرىپ چاچلىرىمنى سىلايدىغان ئىش بولسا ، مەتكى مەن ھەر قانداق زور بەدەل تۆلەشكىمۇ رازى ئىدىم !......
كۈنلەر شۇنداق بىر خىل رىتىمدا ئازاب بىلەن كۈتۈش ، ئۈمىد ، قايغۇ – ئەلەم بىلەن ئۆتمەكتە . ئىچىمدە ئۇنىڭ بىرەر يۈرۈۋاتقان قىز دوستى بارمىدۇ دەپ ئويلاپ ، ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ئارامسىزلىنىپ كېتىمەن .ئەگەر ئۇنىڭ راستىنلا قىز دوستى بولۇپ قالسىچۇ ؟ مېنىڭچە بۇ مۇمكىن ئەمەس . مەڭگۈ مۇمكىن ئەمەس ئىدى !! .... ئۇنىڭ قىز دوستى يوق . ئۇنىڭ قىز دوستى چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك ! .... قوشۇماقاش ، كۆزلىرىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان ، چىرايى سۈرلۈك ، مۇڭ – نىدالىق ، خىيالچان سىيما ! بۇ سىيما مېنىڭ نىرۋا - سېزىملىرىمغا ، تومۇرلىرىمدا ، ھۈجەيرە توقۇلمىلىرىمغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن ، مەڭگۈلۈك سىڭىپ كەتكەنىدى !
بىر كۈنى ئىشخانىدا يەنە شۇ ئازابلىق خىياللار ئىچىدە تولغىنىپ ئولتۇرسام ، بۇسارە ئاچام كىرىپ قالدى . ئېھتىمال كۆزۈم قىزىرىپ كەتكەن بولسا كېرەك ، ئۇ ئۇدۇلۇمغا كېلىپ ئولتۇرۇپ ، كۆزۈمگە تىكىلىپلا سورىدى :
- ماھىرە ، يىغلاپسىزغۇ ؟
قاتتىق جىددىيلىشىپ كەتتىم . ئىچ – ئىچىمدىن قاپساپ چىقىۋاتقان ئاچچىق يىغا ،ۋەھشىي تىترەكنى مىڭ تەسلىىكتە بېسىۋېلىپ ، ياشلىرىمنى قولۇم بىلەن ئىتتىك سۈرتتۈم .
- ياقەي ، يىغلىمىدىم .
يۈرىكىمدە ، تومۇرۇمدا ، تەن – تېنىمدا ئاچچىق ياش .ئاران ئولۇرىمەن . يىغلاپ سېلىشتىن ، ھۆڭرەپ يىغلاپ سېلىشتىن ئۆزۈمنى ئاران تۇتۇپ ئولتۇرىمەن . ئىككى – ئۈچ مىنوت جىمجىت ئولتۇرۇپ كەتتۇق . كۆڭلۈمدە بۇسارە ئاچامنى زاھىر توغرۇلۇق بىرەر گەپ ئېچىپ قالسىكەن ، دەپ خۇدادىن تىلەيتتىم . لېكىن ، بۇسارە ئاچام مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى تۇيۇپ قېلىپ مەن بىلەن قەستەن قېرىشۋاتقاندەك لام – جىم دېمەي ئولتۇرۇپ كەتتى . بىردەمدىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ ئاستا ئىشىك تەرەپكە ماڭدى .
- بۇسارە ئاچا ....
ئۇنى نېمىشقا چاقىرغانلىقىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيتتىم . چاقىرىپ بولۇپ شۇنداق جىددىيلىشىپ كەتتىمكى ،يۈزلىرىم ئوتتا كۆيۈۋاتقاندەك ، پۈتۈن بەدىنىم بىلەن تىلىم – تىلىم پىچىلىۋاتقاندەك ئارامسىزلىنىپ كەتتىم .
- نېمە ، بىرەر گېپىڭىز بار ئىدى دېگەندەك ماڭا قاراپلا ئولتۇردى . نېمىدەپ گەپ باشلىشىمنى بىلمەيتتىم . ھاياجان ،تەلۋىلەرچە تىترەك .....زاھىر توغرۇلۇق گەپ ئېچىشىم كېرەك . ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىشىم ، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشىم كېرەك ! ....
نومۇس ، .......ھايا.....ياق ، ياق ! ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق تەۋەككۈلچىلىكلەرنى قىلىشقا ، ھەر قانداق زور بەدەل تۆلەشكە رازى ئىدىمغۇ ! پۇرسەت غەنىيمەت . ھەرگىز بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايدۇ !
مىڭ خىل زىددىيەتلىك خىياللاردىن كېيىن ئاستا – ئاستا ئەسلىمگە كېلىپ ، بوش ئاۋازدا ، يۈرىكىمدە يىغلاپ تۇرۇپ مىڭبىر جاپادا ئېغىز ئاچتىم :
- بۇسارە ئاچا ،زاھىر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش داشۆسىنى پۈتكۈزۈپ بولغانمۇ ئ
- قانداق ، بۇنى سوراپ قالدىڭىزغۇ ؟
- مەنمۇ ئىمتىھان بېرەيمىكىن دېگەن . ئۇنىڭ ماتېرىياللىرى بارمىدۇ ؟
- ئېھتىمال باردۇ . ئۇ بالىنىڭ ياتىقىدا كىتاب – ماتېرىيالىدىن باشقا نەرسە يوق !
- ....
گەپنىڭ توختىشى بىلەن يۈرىكىممۇ توختاپ قالغاندەك تۇنجۇقۇپ قېلىۋاتاتتىم . ئۆزۈمچە ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ ، بىر يىغا قاپساپ كېلىۋاتاتتى .
ئادەم بەزىدە ئۆز ھېسسىياتىنى زادىلا كونتىرول قىلالمايدىغان ئوخشايدۇ . ئىچ –ئىچىمدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان ھاياجاننىڭ تۈرتكىسىدە ئۆزۈمنى بارا – بارا يوقىتىپ قويۇۋاتاتتىم .
- بۇسارە ئاچا ،زاھىرنىڭ بىرەر قىز دوستى بارمىدۇ ؟ بۇنداق دېسەم باشقىچە ئويلاپ قالمىسىلا . مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ، ئۇنىڭ قىز دوستى بولغان بولسا ، ئۇ قىزنىڭ ھەقىقەتەن بەختى باركەن . ئاشۇ قىزغا قاتتىق ھەۋىسىم كېلىۋاتىدۇ !
بۇسارە ئاچام خۇددى مېنىڭ كۆزلىرىمدىن پۈتكۈل ئىچكى سىرىمنى بىلۋالماقچى بولغاندەك ، كۆزلىرىمگە مىختەك تىكىلدى . ئۇنىڭ شۇ قارىشىدىن تېنىم نېمىشقىدۇر « جۇغغىدە » قىلىپ قالدى .
- زاھىرنىڭ قىز دوستى بار .سىز تېخى ئاڭلىمىدىڭىزمۇ . ئۇلار پات ئارىدا توي قىلىدىكەن . ئۇ قىزمۇ مۇشۇ يېزىدا خىزمەت قىلىدۇ .
- ئۇ قىز كىم ؟!
كۆزلىرىمگە قىزىللىق تىقىلىپ ، نېرۋام جددىيلىشىپ ،ھېچ نەرسىنى ئويلىيالمايلا قالدىم . ئاۋازىم قانداق چىقىپ كەتتىكىن ، بۇسارە ئاچام ماڭا چەكچىيىپ قاراپ قالدى .
- گۈلزار ، يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتىدىكى گۈلزارچۇ ؟
پۈتۈن دۇنيا پىرقىراپ چۆرگۈلىمەكتە ئىدى . كۆز ئالدىمغا ھېلى سۈرلۈك چىراي ، مۇڭ – نىدالىق ، خىيالچان زاھىر كەلسە ، ھېلى زىلۋا ، ئېگىز بوي ، ئاق يۈز ، چىرايىدىن بىر خىل ئوماقلىق چىقىپ تۇرىدىغان گۈلزار كېلەتتى ......گۈلزار .....گۈلزار.......گۈلزار ......! پۈتۈن كائىناتتىن مانا شۇ ئىىسم ياڭرايتتى . پۈتكۈل ھۈجەيرە - توقۇلمىلىرىمدا يەنە شۇ ئىسىملا جاراڭلايتتى !....
دوستۇم زۇلپىيە ، ئاڭلاۋاتامسەن ، شۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلىرىمنىڭ قانداق ئۆتۋاتقانلىقىنى بىلمەيمەن . ئۆلۈشنى مىڭ قېتىم ئويلاپ كەتتىم . لېكىن ، جان ئۇنداق ئاسان چىقمايدىكەن . ئۆلەلمىدىم .گۈلزار دېگەن ھېلىقى قىزنى ئىچىمدە مىليون قىتىملاپ قارغىغاندىمەن . ئۇنى شۇنداقلا كۆرۈپ قالىدىغان بولسام ، ئۆزۈمچە تىترەپ ئېتىلىپ كەتكۈدەك بولۇپ كېتىمەن . ئۇنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى ، ھەر بىر ئېغىز گېپى مېنى مىڭ ئۆلتۈرۈپ ، مىڭ تىرىلدۈرىدۇ !
زۇلپىيە ، ئادەم ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ ھەر قانداق يامان گېپىنى ئاڭلىسىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنگۈسى كەلمەيدىكەن . مەن گەرچە زاھىرنىڭ ھەقىقەتەن گۈلزار بىلەن يۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ ، لېكىن ئۇنىڭغا زادىلا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى !
ئېغىر كۈلپەت ، چىدىغۇسىز ھىجران .....كۈنداشلىق ......
ئۇيقۇم ئازلاپ ، تامىقىم قىسىلىپكېتىۋاتاتتى . كاللامدا پەقەت بىرلا خىيال . زاھىر ھەقىقەتەن گۈلزار بىلەن توي قىلامدىغاندۇ ؟! رېئاللىققا تەن بېرىپ زاھىرنى ئۇنتۇپ كېتەي دەپ نىيەت قىلدىم . نەچچە كېچە – كۈندۈز يوتقانغا بېشىمنى پۈركەپ ، ھېچ يەرگە چىقماي يېتىۋالدىم . لېكىن ، بۇ قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسى پەقەت ئۆزۈمنى ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەسكەن ......قوشۇما قاش ،ئوتلۇق كۆزلەر ، سۈرلۈك چىراي ، مۇڭ – نىدالىق ، خىيالچان سىيما يۈرىكىمگە مەڭگۈلۈك سىڭىپ كەتكەنىدى .....!
زۇلپىيە ، ئاڭلاۋاتامسەن ، ئۆز ۋاقتىدا « بىڭشاڭ » دەپ نام ئالغان مەغرۇر دوستۇڭنىڭ ھالى قانداقراقكەن ؟ ..... يىغلاپلا ، ئويلاپلا،زارلاپلا ئۆتىۋاتىمەن . قاراپ تۇرۇپ ، ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزۈمنى خاراب قىلىۋاتىمەن . مىڭ ئويلىماي دېسەممۇ ئامال يوق .زاھىرنىڭ چىرايى مىنۇت – دەقىقە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ . زۇلپىيە ،ساڭا دېسەم ، ھازىر مەن ئىككى ئادەمگە ھەقىقەتەن ئىچ – ئىچىمدىن ئۆلۈم تىلەۋاتىمەن . بىرسى گۈلزار ، يەنە بىرسى ئۆزۈم ! زاھىرغا بولسا ئىچ – ئىچىمدىن مەڭگۈلۈك تىنىچ – ئامانلىق تىلەۋاتىمەن !....
ئۇ مېنىڭ شۇ مۇقەددەس پاك سۆيگۈمنى بىلىپ قالسا ، ئۆزىنى قانچىلىك دەرىجىدە ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئۇقۇپلا قالسا ماڭا شۇلا كۇپايە ئىدى ، زۇلپىيە !
دوستۇم زۇلپىيە ، زاھىرنىڭ يۈرىكىگە كىرىپ چىقسام ، ئۇنىڭ يۈرىكىدە پەقەت ئاشۇ گۈلزار دېگەن بىر نېمە بار ئوخشايدۇ . ئۇنىڭ يۈرىكىدىن مەن مەڭگۈ ئورۇن ئالالمايدىغان ئوخشايمەن ! كۆزۈمدىن ئوختەك ياش كېتىۋاتىدۇ . يۈرىكىم سىرقىراپ تۇنجۇقۇپ قېلىۋاتىمەن . ساڭا دېسەم ، بۇ جاھان ئۇزۇن جاھان . ئۇنىڭدىن ئۈمىدىمنى ئۇنداق ئاسان ئۈزەلمىگۈدەكمەن .ئۇلۇغ خۇدادىن ھەر كۈنى ، ھەر سائەتتە ،نامىزىمدا زاھىرغىمۇ ماڭا سالغاندەك بىر ئىشىق ، بىر سەۋدا سېلىشنى قان ياش تۆكۈپ ئىلتىجا قىلىۋاتىمەن .كونىلاردا « كۆيۈك بىر – بىرىگە ئۆتىدۇ » دەيدىغان گەپ بار ئىكەن . بىر كۈنى ئەمەس بىر كۈنى خۇدا تەلىپىمنى ئىجابەت قىلىپ ، زاھىرمۇ ماڭا ئوخشاش بولسا ! ..... ئاھ ،زۇلپىيە ، زۇلپىيە ، ئېيتە ، مۇشۇنداق كۈنلەرمۇ كېلەرمۇ – ھە ؟!
قاپقارا قوشۇما قاش ، ئوتلۇق كۆزلەر ، سۈرلۈك چىراي ، مۇڭ – نىدالىق ، خىيالچان تۇرق ....ئۇنتۇيالمايمەن زۇلپىيە ، مەڭگۈ ئۇنتىيالمايمەن . مىڭلاپ ئادەملەرگە سېلىشتۇرۇپ باقساممۇ ھېچكىمگە ئوخشىمايدۇ . ئۇ زادى ئوخشىمايدۇ !.....
ئادەم دۇنياغا يارالغانىكەن ،چوقۇم يەنە بىرەر ئادەمنى مەڭگۈ ئۇنتۇيالمىغۇدەك ياخشى كۆرۈپ ئۆتۈشى كېرەك ، مەيلى ئۇنىڭ ۋىسالىغا يەتسۇن – يەتمىسۇن ،مەيلى ئۇ ئىنسان بىلسۇن – بىلمىسۇن ! مەنمۇ ئۇنى مەڭگۈ ياخشى كۆرگىنىم كۆرگەن . ئۇنى بىر ئۆمۈر چىن دىلىمدىن سۆيۈپ ئۆتىمەن ، زۇلپىيە . مەيلى زاھىر مېنىقىلچە چۈشەنمىسىمۇ ، زەررىچە ياخشى كۆرمىسىمۇ ! پۈتكۈل روھىم ، جىسمىم ، بارلىقىم ئۇنىڭغا ئاتاقلىق !.....
زۇلپىيە ، دوستۇڭ مانا مۇشۇنداق ئېغىر كۈلپەتلەر ئىچىدە كۈنلىرىنى قان –زەرداب يۇتۇپ ئۆتكۈزىۋاتىدۇ . بۇنداق بۇرۇقتۇرما كۈنلەرنىڭ يەنە قاچانغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن .بەلكىم بۇنىڭ چېكى بولماس . لېكىن ، ئۇلۇغ خۇدا تۇرۇپتۇكى ، ئۇنى كۈتكەن ، كۈتۈۋاتقان ، كۈتمەكچى بولغان كۈنلىرىمگە مىڭ مەرتىۋە رازىمەن ! ئۇنى پەقەت خىيالىمدا ، روھىمدا سۆيۈپ ئۆتسەم شۇمۇ مەن ئۈچۈن ئالەمچە بەخت !
قارا قاشلار ، ئوتلۇق كۆزلەر ، سۈرلۈك چىراي ، مۇڭ – نىدالىق ، خىيالچان تۇرق !.....
زۇلپىيە، پۈتۈن دەرد – ھەسرىتىمنى ساڭا دەپ ئىچىم خېلىلا بوشاپ قالدى . خېتىمنىڭ جاۋابىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىمەن .
خەير ، ساڭا بەخت تىلەپ : دوستۇڭ ماھىرە ( بىڭشاڭ )
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ [8 u% k: S c+ S) R/ d; |
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 o5 m4 S8 [! i5 l7 `مەنبە : ئابدۇناسىر يۇنۇس ياۋايىنىڭ « نىقابلانغان سۆيگۈ » ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى .
ئەلگەنۇر تورىدىن كۆچۈرۈلدى. www.alganur.cn
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 U+ d- ?' s$ l, r( N% J
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, H( T8 P* Q7 `- c. {( M+ ~