كىتابلىرىمىزنى، قەلەملىرىمىزنى، قەلىبلىرىمىزنى چاڭ باسمىسۇن!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' Q& ?, m3 @: C# r/ p
(غەيۇرشاھ)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 b+ t$ q$ f) ]" u
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" N( x+ H! E4 s3 [( h c) f) @6 C تۇرمۇش رىتىمىمىزنىڭ كۈندىن ـ كۈنگە تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ ،بىزنىڭ كاللىمىزمۇ تىز تارقىلىدىغان چاقماق ئۇچۇرلارغا كۆنۈپ كەتتى. ھەربىرلىرىمىز بىردىن ئۇچۇر مەنبەسى، بىردىن مۇستەقىل پىكىر قىلىدىغان قۇتۇپلارغا بۆلۈنۈشكە باشلىدۇق. مۇستەقىل پىكىر قىلمىساقمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئەتراپىدا بولۇۋاتقان ئىشلارنى ، ئۆزىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنى، پىسخىمىزدىكى، ھېسسىي دۇنيارىمىزدىكى داۋالغۇشلارنى، ھېچبولمىسا يىگەن ـ ئىچكەن، ماڭغان ـ تۇرغىنىمىزنى، ۋەياكى باشقىلار ھەمبەھىرلىگەن مەزمۇنلارنى مۇڭداشقۇ، ئۈندىدار قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن تارقىتىپ كىلىۋاتىمىز.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 f6 z9 X1 Q% u1 E* u8 K
بۇ ۋاستىلەرنىڭ ياخشى تەرەپلىرى ھەم سەلبىي تەرەپلىرىمۇ بار بولغان بولدى. بىراق يېقىندىن شۇنى ھېس قىلىپ يەتتىمكى، بىز قوبۇل قىلىۋاتقان ئۇچۇرلارنىڭ مىقدارى ھەم سانى ھەددىدىن زىيادە كۆپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۇچۇرلارنىڭ سۈپىتى، ئىشەنچىلىكلىك دەرىجىسى ، مەزمۇنى ھەرخىل بولۇپ قارىماققا كىشىگە بىر قاراشقا توغرىدەك تۇيۇلغان بىلەن ئەستايىدىللىق بىلەن مۇلاھىزە قىلساق نۇرغۇن ئۇچۇرلار بىزنى يالغۇزلۇققا، شەخسىيەتچىلىككە تارتىش. باشقىلارغا نىسبەتەن، كەلسەڭ مانا كەلمىسەڭ بوپتۇ دېگەندەك تەكەببۇرلۇق قىلىش، دوستلۇققا بولسا تەنە گەپلەر بىلەن ئېنىقلىما بېرىش، مۇھەببەت ئۇقۇمىنى ھەرخىل تەنە، كىنايە ، مەسخىرە ئارلاش ئۇقۇملار بىلەن تەسۋىرلەش ۋەياكى نوقۇل ھالدا بىر قۇتۇپقا يىغىپ ، بىر تاياقتا ھەيدەش قاتارلىق بىر قاتار سەلبىي تەسىرلەر مەۋجۇت.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, c, X* P. U' E; L _+ ^
ئىسلامى بىلىملەرنى تارقىتىشتا، بەزى قېرىنداشلىرىمىز كىتابلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ،مەنبەسىنى، ئاپتورىنى ئەسكەرتىپ چۈشەندۈرۈش بەرگەن ئاساستا،ئىشەنچىلىك ياخشى مەزمۇنلارنى ھەمبەھىرلەيدۇ، بۇلارنى ئوقۇسىڭىز قەلبىڭىز راھەتلىنىدۇ، كۆڭلڭىزدە شۈبھە بولمايدۇ. ئەمما يەنە بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز بولسا، ھەدىس ـ شەرىفلەرنى ئادەتتىكى پىراففىسورلار، سىياسىيونلار، داڭلىق ئەربابلار، تارىخى شەخىسلەرنىڭ مەشھۇر سۆزلىرىدەكلا يېزىپ قويىدۇ، ھەدىسنىڭ ئىسنادىنى ، مەنبەسىنى، قايسى ساھابىنىڭ رېۋايەت قىلغانلىقىنى، قايسى تابئىننىڭ يەتكۈزگەنلىكىنى، بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھ ياكى ئەمەسلىكىنى، ھەسەن ھەدىسمۇ ياكى ئاجىزمۇ يەنى ئىسنادى ئاجىزمۇ يوقمۇ، قايسى ئۆلىمانىڭ قايسى كىتابىدا بارلىقىنى يازماستىىنلا يازىدۇ ياكى تارقىتىدۇ.سىز ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد(س.ئە.ۋ)ئەلەيھىسامنىڭ ھەدىسلىرى شۇنداق سىزنىڭچە خالىغانچە دېيىلسە ، يېزىلسا بولامدۇ ؟ ھەدىس دېگەن ئۇقۇمنى قانچىلىك چۈشىنىمىز؟ ساھابە ، تابىئىن دېگەنلەرنىچۇ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 Z! S* G% t |ئىككى ھەپتە بۇرۇن ئۈندىداردا مۇنداق بىر بىر جۈملە ئۇچراپ قالدى، بۇ جۈملە مۇنداق باشلانغانكەن:ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ،ئەگەر سەن بىرسىنى مەندىنمۇ ئارتۇق ياخشى كۆرسەڭ ئۇنى سەندىن تارتىۋالىمەنمۇ ياكى يىراق قىلىمەنمۇ، ئىشقىلىپ شۇ مەزمۇندا، قارىماققا بۇ جۈملە ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشنى تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما “ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ” دېگەن سۆزلەر بىزنى يەنە ئويلىنىشقا ئۈندەيدۇ، ئاللاھ قۇرئاندا شۇنداق بىر ئايەتنى نازىل قىلغانمۇ ؟ قانچىنجى سۈرە ، قانچىنجى ئايەت؟ بىز قۇرئانغا قانداق پوزىتسىيەدە بولدۇق؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, e, Y5 L& y9 e0 `, c8 M قېرىنداشلار ، ئۇچۇر مەنبەسى ھەقىقەتەن كۆپ، ئەمما ، بىر كۆز قاراشقا نىسبەتەن بىزدە پىكىر مۇلاھىزە، تەپەككۇر ئاز. بىر قېتىم ئالقىشلاپ يۈرەك بىرىپ قويساق، ياراپ قالسا تارقىتىپ قويساق ئىش تۈگىدى. مەقسەت، بۇ تور ۋاستىللىرىدىن توغرا پايدىلىنىش ، مېغىزىنى ئېلىپ شاكىلىنى تاشلاش، ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە ماس قەدەمدە، قولىمىزدا تۇتۇپ ئوقۇيدىغان كىتابلىرىمىزنىمۇ تاشلاپ قويماي، يېزىقىمىزنى قەغەزـ قەلەمدە پۈتۈپ ماڭساق دىگەن مەقسەتتە . قەلەملىرىمىزنى،قەدەملىرىمىزنى، كىتابلىرىمىزنى، قەلىبلىرىمىزنى چاڭ ـ توزان باسمىسۇن !
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ z; \1 N$ P: ]0 T/ j بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. X* e9 `1 k. L7 _
مەنبە : بىر دىل بىلوگى www.birdil.cnبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ W3 w- P) k: c4 g5 I. }, A