UEY،ULY،UKY توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە
ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (يەنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى-- ULY) كومپيۇتېر ساھەسىدە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى (يەنى ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان ئۇيغۇر يېزىقى-- UEY) غا يانداش قىلىپ ئىشلىتىلىدىغان لاتىن ھەرپلىرىدىن تۈزۈلگەن يېزىق بولۇپ، 2001- يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىبراھىم مۇتىھى، مىرسۇلتان ئوسمان، مۇھەببەت قاسىم، ئىمىن تۇرسۇن، ئابلىز ياقۇپ، خەمىت زاكىر، ئارسلان ئابدۇللا، ھوشۇر ئىسلام، تۈرگۈن ئىبراھىم .. قاتارلىق ئالىم، تىلشۇناس، دوكتور ۋە پروفېسسورلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 5 قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئارقىلىق 2000-يىلىغىچە ئىشلىتىلگەن 15 خىلدىن ئارتۇق ئوخشاش بولمىغان لاھىيىنى ئەستائىدىل مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق 2001-يىل 3-ئىيۇل كۈنى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن لاھىيە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە تىل-يېزىق كومېتېتىگە يوللانغان. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى سابىق رەئىس ئابلەت ئابدۇرىشىتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن شۇ يىلى باھاردا «ئۇيغۇر ئىسىم - فامىلىسى ۋە UKY توغرىسىدا مەخسۇس پىكىر ئاڭلاش يىغىنى» چاقىرىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇر ئىسىم - فامىلىلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، شۇنداقلا UKY نىڭ ئاممىۋىي ئاساسىنى پۇختىلاش، ئۇندىن كېيىن شارائىت پىششىپ يېتىلگەندە قايتا مۇزاكىرە قىلىش قارارىغا كەلگەن.
ھالىقىلىق سۆزلەرنىڭ ئىزاھاتى:
UEY--ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان ئۇيغۇر يېزىقى(ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇر كونا يېزىقى)
ULY--ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى
UKY--ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى
UKY ۋە ULY لار ئۇيغۇر كونا يېزىقى(UEY)نى تولۇق قوللىمايدىغان ئالاقە ۋاستىلىرىدا تېز ئۇچۇر يوللاش شەكلىنى كۆرسېتىدۇ.
ئەمەلىيەتتە كۆپچىلىك كومپيۇتېر، يانفۇن قاتارلىق ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىدە ئۈندىدار، QQ لاردا ئۇيغۇر كونا يېزىقى(UEY)نى قوللاش -قوللىماسلىقتىن قەتئىينەزەر UKY ۋە ULY لارنى ئىشلىتىش قائىدىسىگە بويسۇنغان ياكى بويسۇنمىغان ئاساستا داۋاملىق ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمىز.
تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى تور بەت ئۇلىنىشىنى زىيارەت قىلىڭ
http://www.ukij.org/html/UKY_Heqqide(KonaYeziq).htm
ئەسكەرتىش: يۇقىرىدىكى تەپسىلاتلارنى ياخشى ئوقۇڭ. «يېزىق ئۆزگەرتىدىكەنمىز...» ، «ULY نى ئىشلىتىش ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىنى ئىسلاھا قىلىش...» دېگەندەك خاتا تەشۋىقات ئېلىپ بارسىڭىز كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە شۇ شەخس ئىگە بولىدۇ.