بوۋاينىڭ كۆز يېشى
2013-يىلى 9-ئاينىڭ مەلۈم بىر كۈنى ئىدى.
ئىشخانىڭ ئىشلىرىنى بىر قۇر بېسىقتۇرۋېتىپ ،ئىش بىجىرگىلى كەلگەن ئادەممۇ بولمىغاچ،كۈزنىڭ سالقىن ھاۋاسىدىن بىردەم نەپەسلىنەي دەپ ئىشخانىدىن سىرىتقا چىقىپ كەتكەنتىم.خەنزۇ ئەسكەرنىڭ چاقىرشى بىلەن ئالدىراشلا ئىشخانىغا يېنىپ كىردىم.
ئىشخانىغا ئىش بىجىرگىلى كىرگەن ئۇيغۇرلارغا تۇلىسى مەن يىتەكچىلىك قىلىپ ماتىرياللارنى كۆرسىتىپ چۈشەندۈرۈشكە مەسئۇل ئىدىم.
بىراق تۈپ ماھىيەتتىكى ئىشلارنى ماڭا بەرمەي ئۆزى قىلاتتى.
ئىشخانىغا كىرشىمگە باشلىق <<مەلىكە بۇياققا كەپ ئولتار >>-دېدى.
قارسام باشلىقنىڭ قېشىدا بىر ئادەم ئولتۇراتتى.ئۇ ئادەم ئىشىك تەرەپكە ئارقىسنى قىلىپ ئولتۇرغان ئىدى. ئارقا كۈرنىشىدىن قارسام كىيىملىرىگەپاختا چاپلىشىپ قالغان ئىدى.
كاللامدا يەنە بۇ بىچچارە ئادەمنى نەس بېسىپتۇ دەپ دەپ ئويلىدىم. چۈنكى بىزنىڭ ئىشخانىغا كىرگەنلەرنىڭ تۇلىسى جەرىمانە تۆلگىلى ياكى ئىش بىجىرگىلى كىلەتتى.بىزنىڭ بۇ باشلىقىمىز ھەربىيلەرنىڭ ئاتلىشىدا3 -مۇجاڭ دەرجىسىدە بۇلۇپ،مەيلى ئىش بىجىرگىلى كەلگەنلەر بولسۇن ياكى جەرمانە تۆلگىلى كەلگەنلەر بولسۇن،خۇش پىئىل مۇئامىلە قىلاتتى.بىجرىپ بىرىشنى خالىمىغان ئىش بولسا ئىشخانىدىكى ئەسكەرگە ئارتىپ قۇيۇپلا قاچاتتى.
باشلىقىمىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ياخشى مۇئامىلىسنى كۆرسەم خوش بۇلاتتىم.ئۆزىنى قاچۇرسىلا ئىش بىجىرگىلى كەلگەنلەرگە ئاستا كۇسۇرلاپ يۇلىنى كۆرسىتىپ قۇياتتىم.ئۇلارمۇ خوش بۇلۇپ ئىشلىرنى ئاسانلا ھەل قىلىپ كىتەتتى.ئازراقلا ياردىمىم تەككىنى ئۈچۈن ئۈزۈممۇ خوش بۇلاتتىم.
نۇرغۇن چېگىش خىياللار بىلەن باشلىقنىڭ يېنىغا باردىم.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇسىز؟بىرەر ئىش بىلەن كەلدىڭىزما ؟دەپ سورشىمنى بىلىمەن.بۇ بوۋاي كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ؛
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قىزىم. بۇلار چاقىرىپتىكەن شۇڭا كىلشىمتى دېدى يىغا ئارلاش تەلەپپۇزدا،
بوۋاينىڭ گىپىنى ئاڭقىرالماي باشلىققا قارىدىم.باشلىق مەخسىتىمنى چۈشەندى بولغاي بولغان ئىشلارنى ماڭا چۈشەندۈردى.ئارام كۈنى بولغان ئىش بولغاچقا مەن خەۋەرسىز ئىدىم.
باشلىقنىڭ بوۋايدىن تەپسىلاتىنى سورىغىن دىيىشى بىلەن بوۋايدىن سوراشقا باشلىدىم.
شەنبە كۈنىدە بوۋاينىڭ نەچچە شىرىك بىرلىشىپ ئالغان 2-يۈزمىڭ يۇندىن ئارتۇق پاختىسقا ئوت كىتىپ كۈيۈپ كىتىپتۇ.
ئوت ئۈچرۈشتىكىلەر چىقىپ ئوتنى ۋاختىدا ئۈچۈرۈپ پاختىنىڭ يېرمىنى ساقلاپ قاپتۇ. بوۋاي بۇ گەپلەرنى ئېيتىپ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى. يۈرگىمنى بىرخىل بىئاراملىق قاپلىدى.ئىگىلىك تىكلەش ئاسانمۇ ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن،بوۋايغا قاراپ مەنمۇ يىغلاي دەپ قالغىنىمنى كۆرگەن باشلىق ،ماڭا بوۋايدىن ئوت قانداق كەتتى دەپ سورىغىن دېدى.
بوۋا كۆڭۈللىرنى يېرىم قىلمىسلا خۇدايىم ئاسانلىقنى بىرەر دىدىم.ۋە قانداق بۇلۇپ ئوت كەتكىنى سورىدىم.
بوۋاينىڭ دەپ بىرشىچە ئوت :توكنى ياندۇرۇپ قۇيۇپ پاختا چۈشۈرۋاتقاندا پورزا ئېتىلىپ سىم كۈيۈپ پاختىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ مۇشۇنداق ھادىسە كەپ چىقىپتۇ.باشلىقنىڭ ئىنچىكە تەپسىلاتنىمۇ سورىغىن دىيىشى بىلەن سوراپ چىقتىم.بوۋايدىن قانچىلىك زىيان بولغىنى سورىسام 2-يۈزمىڭدىن ئارتۇق زىيان بولدى دەپ يىغلىدى.باشلىققا ھەممىنى تۇلۇق چۈشەندۈردىم.
كۆڭلۈمدە بۇ نامرات دېھقان بولغاندىكىن ياردەم قىلا ھۆكىمەت دەپتىمەن تېخى...!باشلىق كىتاپتىكى ماددىلار ئىچىدىن بوۋاينىڭ ئوت كىتىش ھادىسنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ،يۈزمىڭ يۇەن جەرمانە تۈلەيسەن دېدى.ھەم بۇ سۆزلەرنى بوۋايغا دىيشىمنى بويرىدى.
بېشىم بىر پىقىردى ،بولغان زىياندىن نىمە قىلارىنى بىلمەي قالغان بوۋاي بۇ گەپلەرنى ئاڭلىسا نىم بۇلۇپ كىتەر دەپ ئىچىم شۇنداق ئاچچىق بۇلۇپ تەستە ئېغىز ئاچتىم.
بوۋاي گىپىمنى ئاڭلاپ مۇنۇلارنى دەپ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى.بانكىدىن ئۇرۇق-تۇققانلاردىن قەرىز ئېلىپ ئالغان پاختا ئىدى ئۇ،بۇ قەرىزنى قانداق تۈلەرمەن دىسەم ،ھۈ...ھۈ...پارتىيەنىڭ ياردەم قىلشىنى سورايمەن دەپ.باشلىقمۇ بوۋاينىڭ يىغىسنى كۆرۈپ چاي قۇيۇپ ئەپ كىلىپ ماڭا قاراپ تۇردى.مەن بوۋاينىڭ سۆزلىرىنى ئەينەن دەپ بوۋايغا ياردەم قىلىشنى ئۆتۈندىم.باشلىق بوۋاينىڭ تىجارەت گۇۋانامىسنىڭ يوقلىقىنى شۇڭا بۇ جەرمانە قويغانلىقىنى دېدى.ۋە ھازىرچە قايتىپ تۇرسۇن كىيىن خەۋەر قىلايلى دىدى.باشلىق بوۋاينىڭ يىغىستىن تەسىرلەندىمۇ قانداق چىراي ئىپادىسى بىر خىل بۇلۇپ كەتكەن ئىدى.
بوۋايغا بىر مۇنچە تەسەللىنى بېرىپ ئۇزۇتۇپ قويدۇم.
ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ شۇنداق بىئارام بولدۇمكىن بۇ خىزمەتتىن بىزارلىق ھىس قىلىپ كەتتىم.باشقىلارغا ياردەم قىلالىسامغۇ خوش بۇلدىكەنمەن بىراق بايىقى بوۋايدەك ئەھۋاللارغا يۇلۇققانلارغا قاتمۇ-قات كەلگەن زىيانغا قاراپ ئۇلارغا ئىچىم ئاغرىپ شۇنداق بىئاراملىق ھىس قىلدىكەنمەن.
ئەسلى بۇ بوۋاي بۇ ياشقا بارغاندا تۇرمۇشنىڭ غېمىنى قىلماي باللىرنىڭ راھىتىنى كۆرشى كىرەكتى.بىراق تۇرمۇش بۇ بوۋاينى ئارام ئالغۇزماپتۇ.
مەنبە رىياللىق