بەخىتلىك مەن يېنىمدا بولساڭ
فاتىمە
مىسرا بىلەن سۆزلەي سۆزۈمنى،
يىراقلاردا ئاڭلىغىن جېنىم.
ئەيمىنىمەن سىنى كۆرسەملا،
گەپكە كەلمەي دۇدۇقلاپ تىلىم.
ھەر سۆزۈڭدە توغىسەن قۇياش،
مېھرىڭ بىلەن بىرىپ تەسەللى.
قەيسەر، باتۇر بولدۇممەن شۇڭا،
ھىجرانلاردا قالساممۇ مەيلى.
ھەر دەقىقە ئويلىرىمدا سەن،
سىر تۆكىمەن گاھ سۈرىتىڭگە.
ئاڭلىنىدۇ تۇنۇش تىۋىشىڭ،
كىرسەڭ گاھى روشەن چۈشۈمگە.
يىراقلاردا بولساڭمۇ گەرچە،
دەيمەن بەختىم، بارلىقىم سېنى.
ئەقىدەمدە سالاي مەن ئۈزۈك،
ھەر دەقىقە ئۇنۇتما مېنى.
سۈرىتىڭنى سۈرتۈپ كۆزۈمگە،
چىن رىشتىمنى قىلىمەن ھاپاش.
ئۇزىسىمۇ ئاي يىللار مەيلى ،
ئارمانلىرىم سەن بىلەن تۇتاش.
داۋانلارغا بەرمەيمەن ئىمكان،
مېھرىم بىلەن يېزىپ مەن داستان.
ئۈششۇمايدۇ ئۈمۈد يۇلتۇزۇم،
كۈندىن-كۈنگە بولۇپ باراقسان.
سەن قەلبىمدە مەڭگۈلۈك باھار،
ھايات يۇلۇمغا ماياك بولۇپ.
بەخىتلىك مەن يېنىمدا بولساڭ،
روھىم، جىسمىم زور كۈچكە تۇلۇپ.
2014-يىلى2-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۈرۈمچى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-9 12:54 AM