مىركايىل نورئالىم
زەپ ياراشقان ھۆسنىڭگە نىلقا، جانغا ھۇزۇر تۇقاي تاغلىرىڭ. گۈل-چىچەكتىن تامىدۇ شەربەت، تەنگە داۋا ھەسەل باللىرىڭ.
ئابرال تىغى يۈرىكىڭ ھامان، باغلىرىدا ياڭراق سازى بار. تاغلىرىدا يايرىسا ھەر جان، تۇزلىرى ھەم گۈزەل يازى بار.
قاش دەرياسى تۇمۇردا قىنىڭ ، ئاقار ئەل يۇرت سۆيگۈسى بىرگە . دۇلقۇنىدا ئىزگۈ ئىپتىخار ، پۈتمەس ئارمان بىرىدۇ بىزگە .
ھاياتىمسەن پەخرىمسەن نىلقا ، ئارمىنىمسەن تىلىكىم نىلقا . قانات بەردىڭ سىنى گۈللەشچۈن ، سۇقۇپ تۇرار يۈرىكىم نىلقا .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-9 12:47 AM
|