مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 749|ئىنكاس: 9

(7)ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97345
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 667
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 392 سائەت
تىزىم: 2013-8-28
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 03:29:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% X- V# e9 e# |+ A: b
‏ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﻳﺮﻯ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻰ: مۇسۇلمان ئەرلەرنىڭ دىنسىز، مۇشرىك ۋە بۇددىست قاتارلىق ھېچبىر ساماۋىي دىنغا مەنسۇپ بولمىغان ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىشى جائىز ئەمەس. بۇ پۈتۈن ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ” (ئى مۇسۇلمانلار) مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. (ھۆر) مۇشرىك ئايال (ھۆسىن جامالى ۋە مېلى بىلەن) سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ، مۆمىن دىدەك ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر، مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېيتمىغىچە مۆمىن ئاياللارنى ئۇلارغا ياتلىق قىلماڭلار. (ھۆر) مۇشرىك ئەر سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ مۆمىن قۇل ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر.“ (بەقەرە سۈرىسى 221 ـ ئايەت) ئىسلام نەزەرىدە، ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىي ياكى خرىستىئان دىنىدىكىلەر)دىن باشقا دىنسىزلار، مۇشرىكلار، بۇددىستلار ۋە باشقىمۇ دىندىكىلەرنىڭ ھەممىسىى ئوخشاشتۇر.ئەمما ئەھلى كىتابلارغا قىلىنىدىغان مۇئامىلە پەرقلىق بولىدۇ. چۈنكى بۇلارنىڭ دىنلىرىمۇ ئەسلى ئېتىبارى بىلەن، ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ھەق دىنلار بولۇپ، زامانلارنىڭ ئۆتۇشى، دىندارلارنىڭ ئۆزدىنلىرىنى ھەرخىل ئۆزگەرتىلىشلەردىن، بورمىلىنىشلاردىن ۋە بۇزۇلۇشلاردىن ساقلاپ قالالمىغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۇپەيلىدىن بۇدىنلار (يەنى يەھۇدىي ۋە خرىستىئان دىنلىرى) ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ئەسلىدىكى ماھىيىتىنى، مەزمۇنىنى، روھىنى ۋە ساماۋىي دىنلىققا ئائىت بولغان بارلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى يوقىتىپ قويۇپ، ئاللاھقا ئەمەس، بەلكى شەخسلەرگە چوقۇنىدىغان بىرخىل خۇراپات دىنىغا ئايلىنىپ قالغاندىن كېيىن، ئاللاھ بۇ دىنلارنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئورنىغا تاقىيامەتكىچە ئۆزگەرمەيدىغان، مەڭگۈلۈك ھەق دىن ــ ئىسلام دىنىنى چۈشۈرگەن ۋە ئىسلام دىنىدىن باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ دىنلىرىنىڭ ئاللاھقا قوبۇل بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇھەقتە ئاللاھ مۇنداق دېگەن: ”كىمكى ئىسلام (دىنىدىن) باشقا دىننى تۇتىدىكەن، ئۇنىڭ دىنى ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىدۇ.“ (ئال ئىمران سۈرىسى 85 ـ ئايەت) ئاللاھ ئۆزىنىڭ نەزەرىدە قوبۇل بولىدىغان دىن پەقەت ئىسلام دىنى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ”ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزەرىدە قوبۇل قىلىنغان دىن ئىسلام (دىنى) دۇر.“ (ئال ئىمران سۈرىسى 19 ـ ئايەت)گەرچە ئەھلى كىتابلار ئاللاھنىڭ ھۆكمى بويىچە كاپىر بولسىمۇ، ئىسلام دىنىنىڭ ھەققانىيلىقى ۋە ئادىللىقىدىن ئۇلارنىڭ دىنلىرىنىڭ ئەسىلىسىنى ئېتىبارغا ئالغان ھالدا، ئۇلارغا قىلىنىدىغان مۇئامىلە پرىنسىپىنى باشقىمۇ كاپىر قەۋملارغا قارىتا بەلگىلەنگەن پرىنسىپتىن پەرقلىق قىلىپ بېكىتكەن. بۇنىڭغا بىنائەن، ئەھلى كىتابلارنىڭ ھالال يېمەكلىرىنى يېيىش ۋە ئاياللىرى بىلەن ئۆيلىنىش جائىزدۇر. چۈنكى ئەھلى كىتابلار قانداقلا بولمىسۇن، ئاللاھغا ئىشىنىدۇ.  ئاللاھ تائالا مۇسۇلمان ئەرلەرنىڭ ئەھلى كىتابتىن بولغان ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىشىنىڭ جائىزلىقى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ”بۈگۈن سىلەرگە پاك نەرسىلەر ھالال قىلىندى. كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە خرىستىئانلار) نىڭ تامىقى سىلەرگە ھالالدۇر ۋە سىلەرنىڭ تامىقىڭلار ئۇلارغا ھالالدۇر. مۆمىنلەردىن بولغان ئىپپەتلىك ئاياللارنىڭ، سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەن (يەھۇدىلار ۋە خرىستىئانلار)دىن بولغان ئىپپەتلىك ئاياللارنىڭ مەھرىنى بەرسەڭلار ئىپپەتلىك بولغىنىڭلار ۋە ئاشكارا ـ يوشۇرۇن پاھىشىنى كۆزلىمىگىنىڭلار ھالدا (ئۇلارنى) ئالساڭلار) ئۇلار سىلەرگە ھالالدۇر.“ (مائىدە سۈرىسى 5 ـ ئايەت) خرىستىئان ياكى يەھۇدىي دىنىدىكى ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىشنىڭ شەرتى، ئۇلارنىڭ ئۆز دىنلىرىدا مەھكەم بولۇپ، ئاللاھقا ھەقىقىي ئىشىنىدىغان بولۇشىدۇر. ئەھلى كىتابتىن بولغان ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىشكە رۇخسەت قىلىنىشىنىڭ ھېكمىتى، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان ئەرلەرگە ياتلىق بولۇشى ئارقىلىق ئىسلام دىنىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ۋە ھەقىقىتىنى تونۇپ، ئۆزلىكىدىن ئىسلام دىنىغا كىرىشلىرى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىشتىن ئىبارەت بولۇشى مۇمكىن. لېكىن مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئەھلى كىتابتىن بولغان ئايالىنى ئۆز دىنىنى تەرك ئېتىپ ئىسلام دىنىغا كىرىشكە زورلىشىغا بولمايدۇ. چۈنكى ئىسلام پرىنسىپىدا كىشىلەرنى ھېچ ۋاقىتتا ئىسلام دىنىغا كىرىشكە زورلاش يوقتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”دىندا (ئۇنىڭغا كىرىشكە) زورلاش يوقتۇر. ھىدايەت گۇمراھلىقتىن ئېنىق ئايرىلدى.“ (بەقەرە سۈرىسى 256 ـ ئايەت)  ئۆز ۋاقتىدا، بەزى مەشھۇر ساھابىلار يەھۇدىي ۋە خرىستىئان دىنىدا بولغان ئاياللارغا ئۆيلەنگەن. ھۇزەيفە، تەلھە،كەئبەئىبنى مالىكلار موشولارنىڭ جۇملىسىدىندور. ئۆمەر ئبن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارغا، ”ئەھلى كىتابتىن بولغان ئاياللىرىڭلارنى قويۇۋېتىڭلار“ دېگەن ماۋزۇدا خەت يازغاندا، ھۆزەيفىدىن باشقىلار ئەھلى كىتابتىن بولغان ئاياللىرىنى قويۇۋېتىدۇ. ھۇزەيفە مەدائىن دېگەن شەھەرنىڭ ۋالىسى ئېدى. ئۇ شۇ يەردە يەھۇدىي دىنىدىكى بىر ئايالغا ئۆيلىنىۋالغان. ئۇ، ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ ”ئاڭلىسام سەن ئەھلى كىتابتىن ئۆيلىنىۋاپسەن. ئۇنى قويۇۋەت!“ دېگەن خېتىغا جاۋب بېرىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ خەت يازىدۇ: ”سىز ماڭا ئەھلى كىتابتىن ئۆيلىنىشنىڭ ھالال ياكى ھارام ئىكەنلىكىنى ئېيتمىغىچە، مەن ئۇنى قويۇپ بەرمەيمەن،“ ئۆمەر ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ”ئەھلى كىتابتىن بولغان ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىش ھالال. لېكىن ئەجەملەرنىڭ ئاياللىرىدا ئۆزگىچىلىكلەر بار. ئولارنىڭ مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ بازىرىنى كاسات قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيمەن،“ دەپ يازىدۇ. ھۇزەيفە بۇ ۋاقىتتا: ”مەن ئەمدى قانائەتلەندىم“ دەيدۇ ۋە ئەھلى كىتابتىن بولغان ئايالىنى قويۇپ بېرىدۇ.“ (تارىخى تەبەرىي 3 ـ جىلد 558 ـ بەت) ئەھلى كىتابتىن ئۆيلىنىش جائىز بولغان بولسىمۇ، مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۆز ئابرويىنى، دىنىنى قوغداش، ئەۋلادلىرىنىڭ كېيىنچە ئەھلى كىتابلارنىڭ دىنىغا كىرىپ كېتىش خەۋپىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بولسىمۇ، ئونى تەرك ئېتىشى ناھايىتى ئەۋزەلدۇر. خوسۇسەن، ھازىرقى زاماندىكى ئۆزلىرىنى يەھۇدىي، خرىستىئان دەپ ئاتىۋالغان، ئەمما ساماۋىي دىنلارنىڭ تەلىماتلىرىدىن ھېچ نەرسە بىلمەيدىغان، جىنسىي ئەركىنلىكنى شەخسىي ئىشىمىز دەپ تونۇپ ئىنسانىيەت قېلىپىدىن چېقىپ، شەھۋانىي ھەۋەستىن باشقىسىنى بىلمەيدىغان بۇ ئىنسانلار ئەھلى كىتابتىن سانىلىشقا يارىمايدۇ. بەلكى ئۇلار باشقا كۇففارلار بىلەن ئوخشاشتۇر. شۇڭا ئەھلى كىتابلار بىلەن ئۆيلىنىشتىن ئالىملار توسۇپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ بۇ توسقانلىقى بۇ ئىشنى ھارام دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئولار بىلەن ئۆيلىنىش ھالال. قۇرئاننىڭ ئايىتى بۇنى ئىسپاتلايدۇ. شۇنىڭغىمۇ دىققەت قېلىش كېرەككى، يەھۇدىي ياكى خرىستىئان دىنىدىكى ئاياللارغا ئۆيلىنىشنى ھالال (يەنى دۇرۇس) دەپ بېكىتكەن ئايەت، ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ”دىندار “، ئاندىن “ئىپپەتلىك“ ئاياللارنى (يەنى ئۆز دىنلىرىغا سادىق بولغانلارنى) تاللاشنى ئالاھىدە شەرت قىلغان. ئاخىرىدا، شەرىئەتنىڭ بۇ بەلگىلىمىسىدىن چىققۇچىلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ بېكار بولىدىغانلىقىنى ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بۇ ئايەتتىكى ”دىندار“ ۋە “ئىپپەتلىك“ ئاياللار دېگەن ئىككى شەرتكە ئەمەل قىلىش موھىمدۇر.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* f' w" U4 b0 V2 z8 l# U

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( n) W1 w5 w; f‏‏ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﻳﺮﻯ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ: مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ غەيرى مۇسۇلمان ئەرلەرگە ياتلىق بولۇشى قەتئىي جائىز ئەمەس. مەيلى ئۇلارنىڭ ياتلىق بولماقچى بولغان كىشىلىرى خرىستىئان بولسۇن، مەيلى يەھۇدىي بولسۇن، مەيلى ئاتىئست بولسۇن، مەيلى بۇددىست ياكى مۇشرىك بولسۇن، بۇلارنىڭ ھېچبىرى مۇسۇلمان ئاياللارغا ئۆيلىنىشكە لايىق ئەمەستۇر. بۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە پۈتۈن ئىسلام ئەللىرىدە بىردەك مەنئى قىلنىپ كەلگەن مەسىلىدۇر. مۇسۇلمان ئاياللارنى غەيرى مۇسۇلمان ئەرلەرگە ياتلىق قىلىشنى جائىز دەپ ئېتىقاد قىلغان ياكى بۇ ئىشنى جائىز دەپ پەتىۋا بەرگەن ئادەم ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كەتكەن بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىنى ھالال سانىغان ياكى ئاللاھ ھالال قىلغان نەرسىنى ھارام سانىغان ئادەم كاپىر بولۇپ كېتىدۇ. مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ غەيرى مۇسۇلمان ئەرلەرگە ياتلىق بولۇشى ئاللاھ ھارام قىلغان كەسكىن ھۆكۇمدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ”ئى مۆمىنلەرسىلەرگە مۆمىن ئاياللار ھىجرەت قىلىپ كەلسە، ئۇلارنى سىناپ كۆرۇڭلار، ئۇلارنىڭ ئىمانىنى ئاللاھ ئۇبدان بىلىدۇ. ئەگەر ئۇلارنى سىنىغاندىن كېيىن مۆمىن دەپ تونۇساڭلار، ئۇلارنى كاپىرلارغا قايتۇرۇپ بەرمەڭلار. ئۇلاركاپىرلارغا ھالال ئەمەس. كاپىرلارمۇ ئۇلارغا ھالال ئەمەس.“ (مۇمتەھىنە سۈرىسى 10 ـ ئايەت)ئىسلام شەرىئىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارارىدا ”مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ھېچبىر ھالەتتە غەيرى مۇسۇلمان ئەرلەرگە ياتلىق بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. مۇبادا ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان ئەرلىرى ئىسلام دىنىدىن يېنىپ كەتسە، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى دەرھال ئايرىۋېتىش لازىم. شۇنىڭدەك، غەيرى مۇسۇلمان ئايال غەيرى مۇسۇلمان ئەرگە ياتلىق بولغاندىن كېيىن، غەيرى مۇسۇلمان ئايال ئىمان ئېيىتىپ مۇسۇلمان بولسا، بۇلارنىڭ ئارىسىنىمۇ دەرھال ئايرىۋېتىش لازىم“، دەپ قەيت قىلىنغان. مۇسۇلمان ئاياللارنى غەيرى مۇسۇلمان ئەرلەرگەياتلىق قىلماسلىقتىكى ھېكمەت شۇكى، ئەرلەر ئەقىل، كۈچ ۋە ئائىلىنىڭ مەسئۇللۇقى جەھەتلەردە، ئاياللارغا نىسبەتەن ئارتۇقلىققا ئىگە بولۇپ، تۇرمۇشنىڭ تەقەززاسى، ئايال كىشىنىڭ ئېرىغا ـ ئاللاھقا ئاسىيلىق بولمايدىغان ـ پۈتۈن ئىشلاردا بويسۇنۇشىنى ۋە ئۇنىڭ يوقىرىقى ئارتۇقلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ”ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر.“ ھالبۇكى مۇسۇلمان ئايال غەيرى مۇسۇلمان ئەرگە ياتلىق بولغاندىن كېيىن، ئېرىگە بويسۇنۇشقا ۋە ئۆزىگە نىسبەتەن ئۇنىڭ ئارتۇقلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. بۇ دېگەنلىك، ئۆزىنىڭ دىنىنى ئېرىنىڭ دىنى ئالدىدا خورلاشقا مەجبۇر بولىدۇ، دېگەنلىكتۇر. بۇنداق قىلىش ئىسلام قانۇنىغا ئويغۇن كەلمەيدۇ. چۈنكى ئىسلام قانۇنىدا غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ قانداقلا بىر مۇسۇلماننى باشقۇرۇش ۋە بويسۇندۇرۇش ھوقۇقى بولمايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ئاللاھ كاپىرلارغا ھەرگىز مۆمىنلەرگە قارشى يول بەرمەيدۇ.“   (نىسا سۈرىسى 141 ـ ئايەت)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, s9 l, z$ I+ O  Y5 y: m# ~بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 ^0 w0 N3 \4 K/ j" e/ `
ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﻧﯩﻜﺎﮪﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﮪﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻘﻰ: پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەۋەتىلگەندىن كېيىن، ئىسلام دىنى زىنا ـ پاھىشە، ئاياللارنى مال ـ مۈلۈك ئورنىدا قوللىنىش،كۆپ ئاياللارنى نىكاھىدا تۇتۇۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرى بىلەن كارى بولماسلىق ۋە ئۇلارنى ھەر تۈرلۈك قۇل قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قەتئىي مەنئى قىلىپ، كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش مەسىلىسىنى مۇتلەق ھارام قىلماستىن، بەلكى ئۇنىڭغا مەلۇم قائىدە ـ پرىنسىپلارنى بەلگىلىدى. بۇ پرىنسىپلار بولسا، ئېھتىياج تېېىلغاندا كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش. بىراق كۆپ بولغاندا تۆتتىن ئارتۇق بولماسلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ئىش ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ بۇھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”ئۆزۇڭلار ياقتۇرىدىغان ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى ۋە تۆتنى ئالساڭلار بولىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىل بۇلالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار بىر خوتۇن بىلەن كۇپايە قىلساڭلار بولىدۇ.“ (نىسا سۈرىسى 3 ـ ئايەت)بۇ ئايەت، ماددىي ۋە مەنىۋى ئىمكانىيىتى تولۇق بولۇپ، كۆپ خوتۇنلار ئارسىدا ئادىللىق بىلەن ئىش كۆرۈشكە ئىشەنچىسى بار كىشىلەرنىڭ بىردىن تۆتكىچە خوتۇننى بىرلا ۋاقىتتا نىكاھىدا ساقلىشىنىڭ جائىزلىقىنى ئىپادىلەيدۇ ۋە ئاياللىرىنىڭ ئارىسىدا ئادىل بولالماسلىقىدىن، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجلىرىنى قامداپ بېرەلىشىدىن ئاجىز كېلىدىغان كىشى ئۈچۈن كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنىڭ جائىز ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مۇھەممەد ئەلى سابۇنى ”ئەھكام ئايەتلىرىنىڭ تەپسىرى“ ناملىق ئەسىرىدە مونداق دەپ يازىدۇ: ” ھەرقانداق ئىنساننىڭ بىلىشى ۋە ئىقتىدارىنىڭ يېتىشچە ئەمەل قىلىشى كېرەك بولغان كەسكىن ھەقىقەت شۇكى، كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش ئىسلام دىنىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىدىن بىر ئەۋزەللىكتۇر. چۈنكى، بۈگۈنكى مىللەتلەر ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ ھەل قىلىشقا چارە تاپالمىغان ئەڭ مۇرەككەپ مەسىلىلىرىنى ئىسلام دىنىنىڭ مۇشۇ قانۇنلىرىغا مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ. كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشقا ئايال كىشىنىڭ تۇغماس چىقىپ قېلىشى ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن ئېرىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشالمايدىغان بولۇپ قېلىشى قاتارلىق بەزى سەۋەبلەر بولىدۇ. مەن بۇ ماۋزۇدا بۇسەۋەبلەرنى بايان قىلىشنى ھاجەتسىز دەپ قارايمەن. بىراق ھەر ئىنسان ئوڭايلا چۇشىنىدىغان بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن، جەمئىيەت ئىسلام نەزەرىدە، تارازىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر ئىككى تەرىپى باراۋەر، تەڭ ئۆلچەمدە بولۇشى كېرەك، تارازىنىڭ بىرتەرىپىنى ئەرلەر، يەنە بىر تەرىپىنى ئاياللار تەشكىل قىلىدۇ. تارازىنىڭ ھەر ئىككى تەرىپى تەڭ، باراۋەر بولۇشى ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ نىسبىتى ئاياللارنىڭ نىسبىتى بىلەن ئوخشاش بولىشى كېرەك. مۇبادا، ئەرلەرنىڭ نىسبىتى ئاياللارنىڭ نىسبىتىدىن كۆپ ياكى ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا، بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ يەنى ئاياللارنىڭ نىسبىتى ئەرلەرنىڭ نىسبىتىدىن كۆپ بولۇپ، تارازىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلغاندا نېمە قىلىش كېرەك؟ ئاياللارنى تۇرمۇشىنىڭ ۋە ئانىلىقنىڭ نېمىتىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇلارنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياۋروپادا ئاياللارنىڭ نىسبىتى كۆپىيىپ، ئەرلەرنىڭ نىسبىتى ئازىيىپ كەتكەنلىكى سەۋەبتىن يۈزبەرگەندەك، زىنا ـ پاھىشە ۋە رەزىللىك يوللىرىغا تاشلاپ قويۇش كېرەكمۇ؟ ياكى ئاياللارنىڭ ھۆرمىتىنى، ئائىلىنىڭ پاكلىقىنى، جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقىنى ساقلىغان ھالدا، بۇ مەسىلىنى ئىسلام قانۇنى ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەكمۇ ؟ زادى بۇ ئىككى يولنىڭ قايسىسى ياخشى ۋە مەسىلىنى ھەل قىلغۇچ بولىدۇ. ئايال كىشىنىڭ قانۇنلۇق ھالدا بىر ئەركىشىنىڭ زىممىسىدا باشقا ئاياللار بىلەن بىرلىكتە مۇقەددەس نىكاھقا باغلىنىپ ھۆرمىتى بىلەن ياشىغىنى ياخشىمۇ؟ ياكى ئۇ كىشى بىلەن ئائىلىنى پارچىلايدىغان، بالىلارنى يېتىم قىلىدىغان، جەمئىيەتنى كىرلىتىدىغان يولسىز ئالاقە باغلىغىنىمۇ؟ ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىۋاتقان خرىستىئان دىنىنىڭ دەستۇرىغا ئاساسەن، كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنى مەنئى قىلىپ كەلگەن گېرمانىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئاياللارنىڭ سان نىسبىتىنىڭ ئەرلەر نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك، جەمئيەتتە يۈز بېرىۋاتقان زىنا ـ پاھىشىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھېچقانداق چارە تاپالمىغانلىقتىن، گېرمان ئاياللىرىنى زىنا ـ پاھىشىلەردىن ساقلاپ قېلىش، ئاتىسىز بالىلارنى كوچىلارغا تاشلىۋېتىش ئېقىمىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن ئىسلام دىنىدىكى كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش مەسىلىسىگە يول قويۇش قانۇنىنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولغان.“ گېرمانىيە دۆلەت ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى G.H خانىم مۇنداق دەپ يازىدۇ: ”گېرمانىيە ئاياللىرىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن ـ بىر يولى كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشقا يول قويۇشتۇر. مەن ياراملىق بىر ئەرگە ئون ئايال بىلەن بىرلىكتە خوتۇن بولۇشنى يارامسىز بىر ئەرنىڭ بىرلا خوتۇنى بولۇشتىن ئەلۋەتتە ئەۋزەل كۆرىمەن. بۇ يالغۇز مېنىڭلا كۆز قارىشىم ئەمەس، بەلكى بۇ پۈتۈن گېرمان ئاياللىرىنىڭ ئورتاق پىكرىدۇر.“ 1948 ـ گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە ئېچىلغان ”خەلقئارالىق ياشلار قۇرۇلتىيى“ دا ئەرلەر نىسبىتىنىڭ ئازىيىپ، ئاياللار نىسبىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش قانۇنىنىڭ رەسمي شەكىلدە يولغا قويۇلۇشى تەلەپ قىلىنغان. ئىسلام دىنى بۇ مەسىلىنى ئەڭ شەرەپلىك ۋە توغرا يول بىلەن ھەل قىلپ كەلمەكتە. خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ دىنىي پرىنسىپلىرى ئىشقا يارىمىغاندىن كېيىن، ئىختىيارسىز ھالدا ئىسلام دىنىنىڭ قانۇن ـ پرىنسىپلىرىنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولماقتا. ئىسلام دىنى ئۆز تەۋەلىرىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلغاننىڭ سىرتىدا ئۇنىڭغا ئېتىقات قىلمايدىغان مىللەتلەرنىڭمۇ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشتا بىردىن ـ بىر چارە بولۇپ قالدى. بۇ نېمە دېگەن ئولۇغ دىن، ھە!ئۇلۇغ ئىسلام مۇتەپەككۇرى، ئىسلام شەھىدى، مەرھۇم ئۇستاز سەييىد قۇتۇپ، ”ئىسلامدىكى دۇنياۋى ئامانلىق“ ناملىق ئەسرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: ”ئىسلام دىنىدىكى كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش مەسىلىسى ئۇستىدە جەڭگى ـ جېدەل كۆپ بولۇۋاتىدۇ. ھەقىقەتتە بۇ ئىش ئىجتىمائىي ھايات ئۈچۈن خەتەرلىك ئىشمۇ؟ مېنىڭ كۆرۈشۈمچە، ھەر قانداق بىر ئىجتىمائىي مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىرەر قانۇن لايىھەسىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى ئېنىقتۇر. پەقەت كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشتىن ئىبارەت بۇ بىرلا مەسىلە ئۆزلىكىدىن ھەل بولىدىغان مەسىلىدۇر. چۈنكى، ئۇ، نەزەرىيەلەر بىلەن ھېسابلاشماستىن، بەلكى نىسبەتلەرگە باغلىق بىر ئىش. ھەرقانداق بىر جەمئىيەتتە ئەر ـ ئايالدىن ئىبارەت ئىككى جىنس بولىدۇ. قاچانكى سان جەھەتتە، ئەرلەرنىڭ نىسبىتى بىلەن ئاياللارنىڭ نىسبىتى تەڭپۇڭلىشىدىكەن، شۇ ۋاقىتتا بىر ئەرنىڭ بىردىن ئارتۇق ئايالنى نىكاھىدا ساقلىشى جائىز بولمايدۇ. ئەمما جەمئىيەتنىڭ تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇپ ئاياللارنىڭ نىسبىتى ئەرلەرنىڭ نىسبىتىدىن كۆپىيىپ قالغان ۋاقىتتا، بىر ئەرنىڭ كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشى جائىزدۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن، تۈۋەندە بىز گېرمانىيەنى مىسالغا ئېلىپ كۆرەيلى:  ھازىر گېرمانىيىدە بىر ئەرگە ئۈچتىن ئايال توغرا كېلىدۇ. مانا بۇــ تەڭپۇڭلۇقنىڭ يۇقالغانلىقى. مانا بۇــ ئىجتىمائىي كىرىزىس. بۇنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ بۇ مەسىلنى تۈۋەندىكى ئۈچ خىل يولنىڭ بىرى بىلەن ھەل قىلىشتىن باشقا چارە يوق: 1 ـ ھەر ئەر كىشىنىڭ بىرلا ئايالغا ئۆيلىنىشى، قالغان ئىككىسى ئەردىن، ئائىلىدىن، بالىدىن مەھرۇم ھالدا ئۆمۇر سۇرۇشى. 2 ـ ھەر ئەر كىشىنىڭ بىردىن ئايالغا رەسمى نىكاھ بىلەن قانۇنلۇق ئۆيلىنىشى، قالغان ئىككىسى بىلەن ياكى بىرسى بىلەن ئائىلىسىز، نىكاھسىز، قانۇنسىز ھالدا يولسىز ئالاقە باغلىشى. 3 ـ ھەر ئەر كىسشىنىڭ قانۇنلۇق ھالدا بىردىن ئارتۇق ئايالغا ئۆيلىنىشى ئارقىلىق ئۇلارنى ۋە ئۆزىنى ھارام ئىشلاردىن ساقلىشى، جەمئىيەتنى بۇزۇقچىلىقلاردىن پاكلىشى. ئەلۋەتتە ئۈچىنچى چارە ئەۋزەلدۇر، بەلكى لازىمدۇر.“  ئىسلام دىنى بۇنداق ئىجتىمائىي قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى پرىنسىپلارنى بېكىتتى:بىرىنچىدىن، ئالدى بىلەن كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنىڭ چەكلىمىسىنى بەلگىلەپ، ئەڭ كۆپ ساننى تۆتكە بئكىتتى. ئىككىنچىدىن، كۆپ خوتۇنلۇق بولغاندا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق قىلىشنى شەرت قىلىدى ۋە ئاياللارنىڭ بىرەرسىنىڭ ھەقلىرىنى تولۇق ئادا قىلمىغان ئەھۋالدا ئۇ ئايالنىڭ مەھكىمىگە ئەرىز قىلىش ياكى ئاجرىشىش ھوقۇقىنى بئكىتتى. ئۈچۈنچىدىن،كۆپ ھاللادا ئىككىنچى ئايال بىرىنچى ئايالنىڭ رازىلىقىسىز ھالدا ئۆيگە كىرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بىرىنچى ئايالنىڭ ــ ئەگەر ئۇ ياتلىق بولۇش ئالدىدا ئۈستىگە خوتۇن ئالماسلىقىنى شەرت قىلغان بولسا ــ شەرتىنى يۈرگۈزۈش ياكى ئاجرىشىش ھوقۇقىنى بەلگىلىدى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 b9 r/ U8 u7 e2 Q

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! L9 o3 h- g( M$ G$ ]- J‏‏ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﻛﯚﭖ ﺧﻮﺗﯘﻧﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ: ئاۋۋال شۇنى بىلىش كېرەككى، ئىسلام دىنىدىكى كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش مەسىلىسى ھاياتلىقنىڭ قىيىنچىلىقلىرى تەقەززا قىلغان بىر مەسىلدۇر. ئىسلام دىنى ئىجتىمائىي جەمئىيەتتىكى باشقىلار ھەل قىلالمىغان ئەڭ مۇرەككەپ بىر مەسىلىنى كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشقا يول قويۇش قانۇنى ئارقىلىق ھەل قىلدى. باشقا دىندىكىلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىنى ئىسلام دىنىدىكى بۇ قانۇن ئارقىلىق ھەل قىلىشقا كىرىشمەكتە. كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش قانۇنى ئىسلام دىنى كېلىشتىن بۇرۇنقى ساماۋى دىنلاردىمۇ بار ئىدى. ئەمما ئىسلام دىنى كەلگەندىن كېيىن، بۇ قانۇننى ئىسلاھ قىلىپ ئۇنىڭ چەكلىمىسىنى ۋە شەرتىنى بەلگىلىدى. كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنىڭ چەكلىمىسى، ئېھتىياج تېپىلىپ بىردىن ئارتۇق ئايالنى نىكاھىدا ساقلاشقا توغرا كەلگەندە، ئاياللىرىنىڭ سانى تۆتتىن زىيادە بولماسلىقىدۇر. تۆتتىن ئارتۇقى ھارامدۇر. ئۇنىڭ شەرتى، بىردىن ئارتۇق ئايالنى بىرلا ۋاقىتتا نىكاھىدا ساقلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ يىمەك ـ ئىچمەك، كىيىم ـ كېچەك ۋە باشقىمۇ ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجلىرىنى ئادىللىق بىلەن تولۇق ئادا قىلىشقا ئىشەنجىسى بولۇشى شەرتتۇر. كىشى ئەگەر بىردىن ئارتۇق ئايالنى نىكاھىدا ساقلاپ ئۇلارنىڭ ھەقلىرىنى جايىدا ئادا قىلالمىسا ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولىدۇ. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”ئۆزۇڭلار ياقتۇرىدىغان ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى ۋە تۆتنى ئالساڭلار بولىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار بىر خوتۇن بىلەن كۇپايىلەنسەڭلار بولىدۇ.“ (نىسا سۈرىسى 3 ـ ئايەت)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: k& a* ^8 W$ @بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- D3 W* }# y9 p) }$ z0 V
ﻛﯚﭖ ﺧﻮﺗﯘﻧﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯔ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﺗﻰ: شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ ھېچبىرى ھېكمەتلەردىن ۋە ئېسىل غايىلەردىن خالىي ئەمەستۇر. ئەركىشىگە بىردىن ئارتۇق ئايالنى بىرلا ۋاقىتتا نىكاھىدا ساقلشىغا رۇخسەت قىلىنىشنىڭ ھېكمىتى تۈۋەندىكىچە: 1 ـ ئىنسان بەزى ۋاقىتلاردا بىردىن ئارتۇق ئايالنى نىكاھىدا ساقلاشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالىدۇ. مەسىلەن: ئۇنىڭ ئايالى تۇغماس چىقىپ قېلىپ، ئۆزى بولسا پەرزەنت كۆرۈششنى ئارزۇ قىلىدۇ، ياكى ئايالى ياشىنىپ قالغانلىقتىن ئۇنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجلىرىدىن چىقالمايدىغان بولۇپ قالغانلىق سەۋەبى بىلەن ئۇ، باشقا بىر ئايال كىشىگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالىدۇ. بۇ شارائىتتا ئۇ، ئايالىنى يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۇپەيلىدىن قويۇۋەتسە ئۇنىڭغا زولۇم بولىدۇ. ئىسلام دىنىمۇ بۇنداق ۋاپاسىزلىقنى ياقتۇرمايدۇ. باشقا ئايال ئالماي دېسە ئۇ كىشى ھارام ـ پاھىشە ئىشلارغا چۈشۈپ كېتىشىدىن قورقىدۇ. شۇڭا ئىسلام دىنى كىشىلەرنىڭ بېشىغا كېلىدىغان بۇنداق قىيىنچىلىقلارنى كۆزدە توتقانلىقتىن، ئېھتىياج تۇيۇلغاندا، ئەرلەرنىڭ بىردىن ئارتۇق ئايالنى بىرلا ۋاقىتتا نىكاھىدا ساقلىشىغا رۇخسەت قىلغان. 2 ـ كىشى بىردىن ئارتۇق ئايالنى نىكاھىدا ساقلاش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجلىرىدىن چىقىدۇ. جەمئىيەتتىكى تۇل ئاياللارمۇ تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ.3 ـ ئۆيلىنىش ئائىلىلەر ۋە قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا ئورتاق باغلىنىشنى ھاسىل قىلىدۇ. يات ئائىلىلەر ئارىسىدا تۇغقانلىقنى كەلتۇرۇپ چىقىپ، ئۇلار ئاخىرىدا بىر ـ بىرىنىڭ مىراسلىرىغا ساھىپ بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنلىق ۋە تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتلىرى كۈچلىنىدۇ. مانا بۇــ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىردىن ئارتۇق ئاياللارنى نىكاھىدا ساقلىشىغا تۈرتكە بولغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولسا كېرەك.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ _- {4 k) T" |4 j- Z
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 d4 K1 k. f7 k' W4 d
‏‏ﺋﻪﺭﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﻰ ﻧﯩﻜﺎﮪﯩﺪﺍ ﺳﺎﻗﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﮪﯧﻜﻤﯩﺘﻰ: ئەسلىدە، ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئەت قانۇنى بويىچە، ئەرلەرنىڭ نامەھرەم ئاياللارغا تىكىلىپ قارىشى ۋە ئاياللانىڭمۇ نامەھرەم ئەرلەرگە تىكلىپ قارشى مەنئى قىلىنغان مەسىلىدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ زېمىندىكى ئۆزىنىڭ ۋەكىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى (نامەھرەملەرگە) تىكلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى (ھارامدىن)ساقلىسۇن. مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرداردۇر. مۆمىن ئاياللارغا ئېيتقىنكى نامەھرەملەرگە تىكلىپ قارىمىسۇن. ئەۋرەت (ئەزالىرىنى) ياپسۇن. كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىسىمدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن. لىچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن.“ (نۇرسۈرىسى ـ 30 ـ 31 ـ ئايەتلەر)ئەمما بىرگە تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان ئوغۇل ـ قىزلار بىر ـ بىرىنى كۆرۈشى لازىم. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان بىر ئادەمدىن، ــ سەن ئۇنى (يەنى ئۆيلەنمەكچى بولغان ئايالنى) كۆردۇڭمۇ؟ ــ دەپ سورىغاندا، ئۇ ئادەم ــ ياق، كۆرمىدىم ــ دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا، ــ ئاۋۋال بېرىپ ئۇنى كۆرگىن ــ دەپ بۇيرۇيدۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام.“ (مۇسىلىم رىۋايىتى) يەنە بىر ھەدىستە: ”بىرىڭلار ئۆيلەنمەكچى بولغىنىدا، ئالماقچى بولغان ئايالنى ئىمكان قەدەر كۆرسۇن“ دېيىلگەن. (ئەھمەد رىۋايىتى)شەرىئەتتە رۇخسەت قىلىنغان قاراش ۋە كۆرۈش ئايال كىشىنىڭ يۈزى ۋە ئىككى قولى بىلەن چەكلىنىدۇ. يەنى ئۆيلەنمەكچى بولغان كىشى ئالماقچى بولغان ئايالىنىڭ يۈزىگە ۋە ئىككى قولىغا تىكلىپ قارىسا بولىدۇ. چۈنكى، يۈزىگە قاراش ئارقىلىق ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى، ئىككى قولىغا قاراش ئارقىلىق ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ. ئەمما ئالماقچى بولغان ئايال ھەققىدە ئۇنىڭدىن كۆپرەك مەلۇمات ھاسىل قىلىشنى خالىغان كىشى تاغا ئاچىسىنى ياكى قىز قېرىنداشلىرىدىن بىرىنى ئۇنىڭ قېشىغا ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ بارلىق سۇپەتلىرىنى ئۇلاردىن بىلسە بولىدۇ. شۇنىڭدەك بۇئىككىسى ئۇچراشماقچى بولغاندىمۇ يالغۇز ئۇچراشماسلىقى، بەلكى قىزنىڭ ئاچا ـ سئڭىللىرىدىن ياكى ئىشەنچلىك دوستلىرىدىن بىرەرسى بۇلار بىلەن بىرگە بولۇشى كېرەك. ئەمما توي قىلىشىتىن بۇرۇن قىز ـ ئوغۇل ئىككىسىنىڭ يالغۇز ئۇچرىشىشىغا ۋە بىر يەردە يالغۇز قېلىشىغا بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”يات ئەر كىشى بىلەن يات ئايال يالغۇز قالمىسۇن. بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئۈچىنچىسى شەيتان بولىدۇ.“ (بۇخارىي رىۋايىتى)گەرچە ئۆيلەنمەكچى بولغان ئىككى جىنس، بىرـ بىرى بىلەن توي قىلىشقا كېلىشكەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ نىكاھى ئوقۇلمىغىچىلىك ئۇلار بىرـ بىرىگە يات سانىلىدۇ. ئەپسۇسكى، كۈنىمىزدىكى كۆپىنچە كىشىلەر بۇ ئىشلارنى ئاددىى ھېس قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ خەتەرلىرىگە دىققەت قىلىشمايدۇ. بۇ سەۋەنلىكلەرنىڭ تۇپەيلىدىن كۆپلىگەن قىزلار قوللىرىنى چىشلەپ قالىدۇ. ئاتا ـ ئانىلارمۇ پۇشايمان چېكىدۇ. چۈنكى كۈنىمىزدە، ئۆيلىنىمىز دەپ پەش تارتىشىپ يۇرگەنلەرنىڭ ئاز قىسمىلا بۇ نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىسىمۇ، كۆپ قىسمى تۈرلۈك سەۋەبلەر تۇپەيلى يېرىم يولدا ئايرىلىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ S* I, O" |" q7 ~" ?بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' K0 E8 j! o+ v- p' F  v0 u
مەنبە: ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى ناملىق كىتاب ‏
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  B# W) j1 }5 c
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; k& g: f, D; f: J* f

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
uyturan + 126 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 126   باھا خاتىرىسى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102840
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 830
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2014-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 05:42:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇقرا پۇقرانى ئالدىسا تىجارەت بولىدۇ،پۇقرا ھۆكۈمەتنى ئالدىسا جىنايەت بولىدۇ،ھۆكۈمەت پۇقرانى ئالدىسا سىياسەت بولىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10196
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1341 سائەت
تىزىم: 2012-5-17
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 05:54:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇسۇلمان دىگەنىڭ غەيرسى راس بامۇ ،مەن غەيرى مۇسۇلمان دىگەن گەپنىڭ قەشقەر ھېتكاھ مەسچىتنىڭ داموللسى جۈمە داموللامدىن ئاڭلغان ئەمدى توردا ئوقۇۋاتمەن. مۇشۇ غەيرى مۇسۇلمان توغۇرلۇق ماقالە بولسا يولاپ قويۇڭە مەن بىر ئوقۇپ باقاي.

ئالتۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102879
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 201
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2014-1-28
ئاخىرقى: 2014-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 06:01:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aa0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-8 05:54 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% A4 Q, N4 i3 _5 N5 [* q, J0 Lمۇسۇلمان دىگەنىڭ غەيرسى راس بامۇ ،مەن غەيرى مۇسۇلمان د ...

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 }/ J& }' n0 }% sيات دىندىكىلەرنى غەيرى مۇسۇلمان دەيدىكەن،بۇنداق دېيىش ئاڭلىشىمچە ھازىرقى چوڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭ دادىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى ئىكەنبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 k* }7 T) Y9 |% |
ئاڭلىغانلىرىم

ئى رەببىم مېنىڭ غېمىم بار دېمەي،ئى غەم مېنىڭ رەببىم بار دېگىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98904
يازما سانى: 516
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4655
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 608 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 07:20:49 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ئاللاھ بەرىكەت بەرسۇن! ئككى دۇنيالىق بەخىت يولىنى كورسىتىپ بېرىۋاتقان مۇشۇنداق تېمىغا كىرمىگەنلەر بەكمۇ بەخىتلىك بولسا كېرەك. داۋامىنى كۈتىمىز.

تەغدىر قۇلۇڭنى چىڭ تۇتىۋالايچۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 1690
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7172
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 6868 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 07:55:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللا رەھمەت قىلسۇن  ،كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97252
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 685
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2013-8-25
ئاخىرقى: 2014-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 02:38:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم  قېرىندشم  ئاللا  رەھمەت  قىلسۇن  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100780
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 415
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 119 سائەت
تىزىم: 2013-12-12
ئاخىرقى: 2014-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 04:31:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم،مەن تېمىللىرىڭىزنى ئىز قوغلاپ ئوقۇپ  كىلىۋاتىمەن،ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن،مۇشۇ تېمىللىرىڭىز ئارقىلىق نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم.

ئانا بىر دۇنيا،ئاتا بىر دۇنيا،ئىككىسى ھەقىقىي بىرلەشكەندىلا بالىلارنى گۈزەل دۇنيا قىلىپ تەربىيەلىگىلى بولى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1692
يازما سانى: 1078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10871
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 10563 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-7-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 05:36:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە اللە تەئالا رەھمەت قىلسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103167
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 419
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 94 سائەت
تىزىم: 2014-2-4
ئاخىرقى: 2014-7-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 01:21:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ خېلى كۆپ بىلىملەرنى بىلىۋالدىم،رەخمەت سىزگە.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش