مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3391|ئىنكاس: 62

رازۋېدكا خاتىرىسى— بىنادىن تاشلىنىش دېلوسى(2) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 01:27:56 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سوراق ئۆيىنى ساقچىخانىدىكى ئەڭ سۈرلۈك جاي دېسە ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ. چۈنكى بۇ جايدا شۇنچىلىك سۈرلۈك تۆت تامدىن باشقا، نەدىكى دېرىزە - ھاۋادان. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە ئادەمنى بىزار قىلىپ بېشىنى قايدۇرىدىغان، زېرىكىشلىك چىراغلار. ھەمدە يەنە بىر تەرەپتە ماراپ تۇرغان بىر دۆۋە ساقچى - قاراۋۇللار...يەنىلا ئەڭ سۈرلۈكلىكى شۇكى، ئۇلارنىڭ ئالۋاستىدەك رەزىللىك چىقىپ تۇرىدىغان كۆزلىرى بىلەن كىشىلەرگە تىكىلىپ قاراشلىرى. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە تېخى توختىماستىن قىزىل نۇر چىقىرىپ تۇرغان تېلكامىرا.
بۇنداق شارائىت ئاستىدا،  ئەگەر جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ كەيپىياتى ناچار بولسا، بىئارام بوپ ساقچىلارنىڭ بىرنەچچە ئېغىز قاتتىق گېپىدىلا ياۋاشلىق بىلەن جىنايىتىنى تاپشۇرۇشى مۈمكىن.
ئەمما بۈگۈن فاسەي بۇ سوراق ئۆيىدىكى  ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يارقىن نۇقتا بوپ قالدى.
ئۇنىڭ ئۇ بويىۋالغان ئالىبالتاق چېچى بۇ جايدىكى چىراغ نۇرى ئاستىدا تىزىپ قويۇلغان بىرمۇنچە گىرىم بۇيۇملىرىغا ئوخشاش قالغانىدى. شۇتاپ ئۇنىڭغا ساقچى خادىملارلا ئەمەس، ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان خەن فۇ مۇ ئۆزىنى تۇتالماي قاراپ قالدى .
ئۇنىڭدىن سىرت، ئۇنىڭ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ھالىتىمۇ باشقىچە بولۇپ،  ئورۇندۇقتا بېلىدە تايىنىپ خۇددى سەگەنچۈكتە ياتقاندەك ئولتۇراتتى. قىسقىغىنىسى، ئۇ بۇ يەرنىڭ ۋەھىمىلىك مۇھىتىغا قىلچە پىسەنت قىلمايۋاتاتتى.
ئۇنىڭ بۇ ھالىتىدە،  جى لىڭ گې كېلىپ، مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى ئۈچەيلەننىڭ ئوتتۇرىدىكى ئۈستەلگە تاشلىغان چاغدا ئاندىن ئۆزگىرىش بولدى.
ئۇنىڭ ئۆزگىرىشى بولسا پۇتىنى مىنگەشتۈردى. بۇ  ئەھۋال جى لىڭ گې ۋە ساقچىلارنىڭ ئەلپازىنى ئۇچۇردى. ئەمما ئۇ ئەلپازىنى تېخىمۇ ئۇچۇرغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ نەس باسقان يەردە تېخى تاماكىمۇ چەككىلى بولمايدىكەن ..».
«فاسەي ئەپەندىم، ماسلىشىپ بېرىشىڭىزنى سورايمىز— دېدى جى لىڭ گې ئەدەپ بىلەن— ياخشى ماسلاشسىڭىز سوراقنى بالدۇرراق ئاخىرلاشتۇرىمىز. ئۇ چاغدا سىزمۇ تۈرمىگە كىرىشتىن بۇرۇنقى ئاخىرقى بىر تال تاماكىنى چېكەلەيسىز» .

شۇنداق قىلىپ، سوراق باشلاندى  .
ھازىر جى لىڭ گې نىڭ قولىدىكى يىپ ئۇچى ئاساسلىقى ئىككى. بىرىنجىسى - تېلكامىرا. فاسەي كىرىپ 5 مىنۇتتىن كېيىن Demen.Xvتىپلىق مائۇستىن بىرنى ئېلىپ چىققىنى ۋە خەن فۇ كىرىپ 8 مىنۇتتىن كېيىن ھېچنىمە ئالماي چىققىنى.
يەنە بىرى بولسا ھېچقانداق بارماق ئىزى تېپىلمىغانلىقى.
يۇقارقىلاردىن مۇنۇ ئىككى يەكۈننى چىقىرىشقا بولىدۇ. بىرى، فاسەي مائۇس سېتىۋالغاندىن كېيىن دۇكان خوجايىنىنى ئۆلتۈرۈپ، ئاندىن بارماق ئىزىنى سۈرتۈۋېتىپ چىقىپ كەتكەن. كېيىن خەن فۇ كىرىپ ھېچنىمىگە تەگمىگەن، شۇڭا بارماق ئىزىمۇ قالمىغان.
يەنە بىرى بولسا، فاسەي مائۇس ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن خەن فۇ كىرىپ دۇكان خوجايىنىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، فاسەينىڭ نورمال بارماق ئىزىنىمۇ قوشۇپ ئۆچۈرىۋەتكەن.
يىپ ئۇچى بىلەن قىياس، پەقەت مۇشۇنچىلىكلا. قالغىنىنى يەنىلا سوراق قىلماقتىن ئۆزگە چارە يوق.

جى لىڭ گې ئۇلاردىن بىرىنچى سوئالىنى سورىدى «دۇكان خوجايىنىنى تونۇمسىلەر؟ »
—تونۇمايمەن.
—تونۇمايمەن.
ئىككىلەيلەن مۇشۇنداق جاۋاپ بەردى. ئەگەر ئۇلار دۇكان خوجايىنى بىلەن تونۇشسا، ئاسانلا تەكشۈرۈپ بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇدېگەن سوراق ئۆيى،  ئۇلارنىڭ ھەربىر ئېغىز سۆزى خاتىرىلىنىپلا قالماستىن بەلكى يەنە تېخى سىنغا ئېلىنىدۇ. شۇڭا ئادەتتە جىنايەت گۇماندارلىرى يالغان سۆزلەشكە پېتىنالمايدۇ  .
«ئۇ يەرگە كۆپ بارامسىلەر؟ » بۇ جى لىڭ گې نىڭ ئىككىنچى سوئالى.
فاسەي كېسىپلا «ياق» دەپ جاۋاپ بەردى. خەن فۇ بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن «ئانچە - مۇنچە ...»دېدى.
جى لىڭ گې بىر تەرەپتىن يېنىدا ئولتۇرغان ساقچى خادىمىغا ياخشى خاتىرە قالدۇرۇشنى بۇيرۇغاچ يەنە بىر تەرەپتىن دېدى: «ناھايىتى ياخشى، ئۇنداقتا ...»
«تېزراق نەق گەپنى قىلىڭە! »فاسەي ئالدىراتتى.
«بۇ سوئال دەل نەق گەپ: سىلەر بۈگۈن ئۇ يەرگە نېمە قىلغىلى باردىڭلار؟ »
بۇنى سوئالغا فاسەي ئالدىراپ جاۋاب بەرمىدى. بەلكى خەن فۇ غا بىرنى قاراپ قويدى. خەن فۇ بولسا ئېڭىكىنى سىلاپ، بىردەم ئاسمانغا قاراپ ئەسلىگەندەك قىلىپ «مەن شۇ ...مۇنداقلا كۆرۈپ باققىلى كىرگەن» دېدى.
گەرچە خەن فۇ بۇ گەپنى پۈتۈنلەي ئەسلىگەن ئاساستا دېگەن بولسىمۇ، جى لىڭ گې غا سەل يالغاندەك تۇيۇلدى. نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ بىر قاتىللىق دېلوسىغا يولۇققاندىكىن،«قاتىللىق نەق مەيدانىغا نېمىشقا باردىم» دېگەن سوئالنى كۆڭلىدە ئالدىن ئويلاپ بولغان بولۇشى كېرەكقۇ.
ئۇنىڭدىن سىرت، ئۇ دېگەن بىر شىركەتنىڭ دېرىكتورى   ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن كۈنگە جۈمە. ئۇ قانداقسىگە 8:30 ئۆتكەندە خىزمەتكە بارماي بازار چۆرگىلەيدۇ؟
خىزمەت ۋاقتىدا بازار چۆرگىلەش ئۇنىڭغا ئەمەس، بەلكى بۇ ئويۇن قېپى فاسەيگە بەكرەك ماس كېلىدۇ. لېكىن بۇ ئويۇنچى فاسەينىڭ سەھەر سائەت 8:10 دە ئۇ دۇكانغا بېرىشىمۇ جى لىڭ گې نىڭ گۇمانىنى قوزغىدى. ئادەتتە مۇنداق ئويۇن ئوينايدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى كېچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ يەنە شۇنچە بالدۇر ئورنىدىن تۇرالامدۇ؟
دەرۋەقە، خەن فۇ دەپ بولغاندىن كېيىن فاسەي تەپسىلىي قىلىپ دېدى: «مەن ئۇ دۇكانغا Demen.Aتىپلىق مائۇس ئالغىلى بارغان. »
«ئىم؟ فاسەي ئەپەندىم. ئېغىر كۆرمەي قايتا بىر دەڭە؟ »جى لىڭ گې ئۆزىنى خاتا ئاڭلاپ قالغان چېغىم دەپ قايتا دەلىللەپ باقماقچى بولدى.
فاسەي قايتا تەكرارلىدى: «مەن DemenA تىپلىق مائۇس سېتىۋالغىلى باردىم. »
Demen.A ؟ توغرا ئەمەستۇ؟
تېلكامىرا تارتقان سىندە ئېنىق ئەمەسمۇ، ئۇنىڭ سېتىۋالغىنى ئېنىقلا Demen.Xvغۇ؟
جى لىڭ گې سەل غەشكە چۈشتى. ئەجىبا ئۇ بىرەر نەرسىنى خاتا قىپ قويدىمۇ؟ ياكى سىندا كۆرسىتىلگەن Demen.Xvتىپلىق مائۇسنىڭ قېپى ئىچىدىكىسى Demen.Aتىپلىق مائۇسمۇ؟ ياق،  مۈمكىن ئەمەس. دۇكاننىڭ بۈگۈنكى سودا خاتېرىسىدىمۇ Demen.Xv تىپلىق مائۇس سېتىلغانلىقى خاتىرىلەنگەن. دېمەك، فاسەينىڭ سېتىۋالغىنى ئېنىقلا Demen.Xv تىپلىق مائۇس. لېكىن ئۇنىڭ ئېغىز ئىسپاتى بولسا ئۇنىڭ سېتىۋالغىنى Demen.A.
كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ھازىر جى لىڭ گې نىڭ قولىدا ئۇنىڭ ئالغىنىنىڭ Deman.Xvئىكەنلىكى توغرىسىدا دەلىل ئىسپات بار!
ئۇنىڭ ئۈستىگە، فاسەي ئۇ سېتىۋالغان نەرسىسىنىڭ تېلكامىراغا چۈشكەنلىكىنى بىلمەسلىكى مۈمكىن ئەمەس. يەنە شۇنىمۇ ئىنكار قىلىشقا بولىدۇكى،ئۇ ساقچىلارنىڭ سودا خاتېرىسىنى تەكشۈرگەنلىكىنىمۇ ئېنىق بىلىدۇ.
دېمەك،  فاسەي ھازىر سوراق ئۆيىدە ...
ئېنىقلا يالغان سۆزلەۋاتىدۇ!
نېمىشقا؟ ئۇ نېمىشقا يالغان سۆزلەيدۇ؟ ئۇ كاللىسى ئىشلىمەيدىغان دۆتمۇ؟
جى لىڭ گې سەل جىددىيلەشتى. كۆڭلىدە بولسا  بۇنىڭ فاسەيگە پايدىسىز سۆز ئىكەنلىكىنى ئويلاپ چىقتى. ئۇ ئىزچىل خەن فۇ نىڭ گۇمانلىنىش ئېھتىمالىنى يۇقىرى بىلەتتى  بىراق ...ئەگەر بۇ بىر مەيدان سوت بولغان بولسا، ئېنىقلا يالغان سۆزلىگەن فاسەينى جىنايەتچى قىلىپ بېكىتىدۇ.
جى لىڭ گې يەنە ئويلايتتى. ئەجىبا، ھەقىقىي قاتىل فاسەيمۇ؟ نېمىشقا؟ ئەجىبا ئۇ بالدۇرراق تاماكا چېكىش ئۈچۈن مۈشۇنداق قىلىۋاتامدۇ؟ ئەمىسە نېمىشقا بىۋاستە جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ؟
«ئىككىڭلار دۇكانغا كىرىپ، چىققۇچە بولغان ئەھۋالنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىيرەك دەڭلار. فاسەي، ئاۋال سەن باشلا» .
فاسەي ئويلىنىپ ئولتۇرماي كېسىپلا ئېيتتى: «ئەتىگەن شۇ Demen.Aتىپلىق مائۇس ئالغىلى باردىم. كىرىپ دۇكان ئىگىسىدىن سورىسام < بار > دەپ كەينىدىكى ئەينەك بۇيۇم ئۈستىلى ئىچىدىن بىرنى ئېلىپ بەردى. پۇلنى تۆلەپ چىقىپ كەتتىم شۇ ...مەن كىرگەندە بىر ئوبدان تۇراتتى، ئەمدى ئۆلەپ قاپتىغۇ تاڭەي»
بۇ ئەبلەخ ...
جى لىڭ گې نىڭ سەل ئاچچىقى كەلدى. تېخىچە ئۇلاپ يالغان سۆزلەۋاتقىنىسى نېمىسى؟ ئۇ ساقچىلارنىمۇ بەك كۆزگە ئىلمىدىمۇ قانداق؟
ھېلىمۇ ياخشى ئۇ ئالغىنىنى Demen Aتىپلىق مائۇس دېدى. ئەگەر ئۇ قاتىللىق قورالى بولغان Demen.Xi تىپلىق مائۇسنى ئالدىم دېگەن بولسا، بەلكىم جى لىڭ گې نىڭ  ئۇنى بىۋاسىتە قولغا ئېلىشى مۈمكىن ئىدى.
«نېمىشقا ئۇنداق سەھەر باردىڭ؟ »جى لىڭ گې ئۆزىنى قاتتىق بېسىۋېلىپ يەنە داۋاملىق سورىدى.
«چۈنكى مېنىڭ كونا مائۇسۇم بۇزۇلۇپ قالغان. مائۇس بولمىسا مەن خىزمەت قىلالمايمەن. »دېدى فاسەي جاۋابەن.
جى لىڭ گې يەنە سورىدى: «مېنىڭ مۇنداق سوراشتىكى مەقسىدىم، مائۇس دېگەننى قاچان سېتىۋالسا سېتىۋالغىلى بولىۋېرىدۇ. لېكىن،سىلەرنىڭ بۇ خىزمەتنى قىلىدىغانلار ئادەتتە كېچىسى ئۇخلىماي، كۈندۈزى كېيىن تۇرىسىلەر. چىرايىڭغا قارىسام ھەرگىزمۇ تۈنۈگۈن ئۇخلىمىغاندەك قىلمايسەن. سەن ئېنىقكى بۈگۈن بالدۇر تۇردۇڭ. سەندىن نېمىشقا مۇنچە بالدۇر تۇرغىنىڭنى سوراۋاتىمەن. »
«مەن قاچان قوپقۇم كەلسە شۇ چاغ قوپىمەن. ئەتىگەن قوپقۇم كەلدى، شۇڭا قوپتۇم  »مانا بۇ فاسەينىڭ جاۋابى.
جى لىڭ گې ئېنىق بىلىدۇ. بۇ پەقەتلا ئۇنى چېكىپ بېقىش ئۈچۈن سورالغان سوئال خالاس. تۇيۇقسىز بالدۇر تۇرۇش، بۇمۇ بىرخىل تاسادىپىيلىق. بۇنى گۇناھ بېكىتىشنىڭ دەلىلى قىلىشقا بولمايدۇ.
جى لىڭ گې نىڭ فاسەيگە بولغان گۇمانى بارغانسىرى ئاشماقتا ئىدى.
بىراق، ئەمدىكى سوراق نۆۋىتى خەن فۇغا كەلدى.
خەن فۇ دېدى «ئەينى چاغدا مەن شۇ بازار ئارىلاۋىتىپ ئۆزۈممۇ تۇيمىغان ھالدا ئۇ دۇكانغا كىرىپ قاپتىمەن. مېنى قانچىلىك نەس باسقىنىنى دېمەيسىلەر. دۇكانغا كىرسەم ئىگىسى يوق! ئەينەك بۇيۇم ئۈستەللىرىگە مال دېگەن توشۇپ كېتىپتۇ. شۇڭا ئالدىرىماي ھەممىسىنى بىر بىردىن ئالدىرىماي كۆرۈپ چىقتىم. خېلى ئۇزاق تۇرساممۇ دۇكانچى كۆرۈنمىگەچكە چىقىپ كەتتىم. لېكىن، سودا ئۈستىلىگە بىر قېتىممۇ قاراپ باققىنىم يوق. »
«ئۇنداقتا سىز نېمىلەرنى كۆردىڭىز؟ »
خەن فۇ ئويلىدى. 8مىنۇت ھەرگىزمۇ ئاز ۋاقىت ئەمەس. ئەگەر ئېسىمدە يوق دېسەم گۇمان ئوبېيكتىغا ئايلىنىپ قالىمەن.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كۆرگەنلىرىنى دېيىش قارارىغا كەلدى. خاتا بوپ قالسىمۇ ھېچ ۋەقەسى يوق. ناھايىتى كەلسە خاتا ئېسىمدە قاپتۇ دەپ ئۆتكۈزىۋەتكىلى بولىدۇ.
«ئىم ...مۇنداقلا دەۋېرەي بولدى. ئېسىمدە قېلىشىچە، ئەينەك بۇيۇم ئۈستەللىرى ئىچىدە ماللار بەك كۆپ ئىكەن. ئەينى چاغدا ئاساسەن ھەممىسى تۆت دانىدىن تولۇق ئىكەن. ئەلۋەتتە، Demem.Aتىپلىق مائۇستىن بىرسى ئېلىپ كېتىلگىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ...»
بۇ گەپنى ئاڭلىغان جى لىڭ گې قاتتىق چۆچۈپ كەتتى. ئۇ دەرھال قولىدىن رەسىمنى چىقىرىپ دەلىللەپ باقتى. Demen.Aتىپلىق مائۇس تۆت دانە ساپساق تۇرمامدۇ؟ بىرتالمۇ سېتىلماپتىغۇ؟
بىر خەن فۇ ...ئۇمۇ يالغان سۆزلەۋاتىدىغۇ؟ بۇزادى نېمە ئىش؟ فاسەي بىلەن بۇ ئىككى جىنايەت گۇماندارى ...
دەل مۇشۇ چاغدا،  جى لىڭ گې نىڭ نەزىرى فاسەينىڭ چىراي ئىپادىسىگە چۈشتى. كۆردىكى، ئۇنىڭ ئىپادىسى بىرخىل غەيرى بولۇپ، ئاغزىدا بىرخىل مەسخىرە ئارىلاش يوشۇرۇنچە كۈلىۋاتاتتى.
فاسەي ئۇ ...كۈلىۋاتىدۇ...؟ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كۈلكە، خۇددى غەلبىدىن بۇرۇنقى كۈلكىگە ئوخشاش ...ئەجىبا ...
فاسەينىڭ بايا ئېيتقانلىرى يالغان سۆزلىگەنلىك بولماستىن بەلكى ...ئورا كولىغانلىق؟!
ئۇنىڭ يالغان سۆزلەشتىكى مەقسىدى دەل بۇ ئورىغا چۈشىرىۋىتىش. ئاقىۋەتتە خەن فۇ ھەقىقەتەن ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا بۇ ئورىغان چۈشۈپ كەتتى!
چۈنكى بۇ ئىككى جىنايەت گۇماندارى نەق مەيداندىن تارتىلغان سۈرەتلەرنى كۆرۈپ باقمىغان. شۇڭا خەن فۇ فاسەينىڭ نېمە ئالغىنىنى بىلمەيدۇ ئەلۋەتتە. ئاقىۋەت، فاسەي بۇ نۇقتىدىن پايدىلىنىپ يالغان ياسىغان. ئاقىۋەت، خەن فۇمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشكەن.
بىلىۋىلىشكە بولىدۇكى، خەن فۇنىڭ «Demen.A بىرتال كەملىكىنى كۆردۈم» دېگىنى تامامەن فاسەينىڭ «مەن Demen.Aدىن بىرنى ئالدىم» دېگىنىگە ئاساسەن توقۇلغان. دېمەك، خەن فۇ ھازىر فاسەينىڭ قىلتىقىغا چۈشتى!
دەل مۇشۇ چاغدا، فاسەي ھىجايغىنىچە: «كەچۈرۈڭلار ھە، بايا ئېسىمگە كەلدى. مېنىڭ ئالغىنىم Demen.Xvتى ...خاپا بولماي ئۆزگەرتىپ قويامسىز؟ »دېدى خاتىرىلەۋاتقان ساقچى خادىمىغا قاراپ. ئۇ ساقچى خادىمى ئۇنىڭغا بىرنى ئالىيىپ قارىغاندىن كېيىن، «خاپا بولماي ئويلاپراق گەپ قىلىڭ» دېدى.
ئاقىۋەتتە بۇ گەپتىن خەن فۇ چۆچۈپ كەتتى. ئۇنىڭ نەزىرىدە فاسەي بۇ جايدا يالغان سۆزلەشكە پېتىنالمايتتى. شۇڭا ئۇنىڭ Demen.Aنى ئالغىنىنى راست چاغلاپ قالغانىدى.
ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ فاسەيگە ئەگىشىپ سۆزىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكمۇ؟ بولمايدۇ، ئۇنداق قىلسا چېنىپ قالمامدۇ!
ئۇ فاسەينىڭ بۇ مەغرۇرلانغان قىياپىتىنى كۆرۈپ تولىمۇ بىئارام بولدى. ۋۇ ئەبلەخ .....ئەگەر ھازىر ئۆزگەرتمىسەم ...
بۇچاغدا فاسەي يەنە تۇيۇقسىز گەپ قىلدى: «ساقچى خانقىز، تېزدىن نەق مەيدان رەسىمىنى چىقىرىپ كۆرۈپ بېقىڭە، Demen.Aدىن راستتىنلا بىرسى كەممىكەن؟ »
جى لىڭ گې رەسىمنى چىقارماقچى بوپ تۇرغىنىدا، قارا تەرگە چۆمۈپ كەتكەن خەن فۇ دەرھال دېدى: «ياق، ياق، ئېسىمگە كەلدى ،ئۇ يەردە كەم تۇرغىنى Demen.A ئەمەس بەلكى Demen.Xv!»
«ھە؟»
نەق مەيدان رەسىمى چىقىرىلدى. دەرۋەقە، Demen.Aتىپلىق مائۇستىن بىرتالمۇ كەم ئەمەس ئىدى.
خەن فۇ بىرنى ئۇلۇغ تىندى- دە، كەيپىياتىنى تەڭشىۋالدى. كۆڭلىدە بولسا بۇ ۋاقىتلىق ئۆزگەرتىشنىڭ ئۆزىنى ئاشكارىلاشقا دەلىل بولالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.
«ھوي، سەن راستتىنلا Demen.Xvنىڭ كەم ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرەلەمسەن؟ »نۇر يەنىلا فاسەينىڭ ئاۋازى. ئاقىۋەت ئۇ ھاڭۋېقىپ قالدى.
داۋاملىق سوراش؟ ئەجىبا بۇ يەنە بىر قىلتاقما؟ ئۇنداق ئەمەستۇ؟
ئۇ تەپسىلىي ئويلىدى ۋە دۇكان خوجايىنىنىڭ دۇكاندىكى بىردىنبىر Demen.Xvتىپلىق مائۇسنىڭ سېتىلىپ بولغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئېسىگە ئالدى.
«جەزىملەشتۈرەلەيمەن! »دېدى ئۇ جاۋابەن. چۈنكى ئۇ Xv تىپلىق مائۇستىن بىرسىنىڭ سېتىلغانلىقىنى بىلىدۇ.
ئەمما بۇ چاغدا فاسەي بىرنى سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ «دۇكاندىكى Demen.Xvتىپلىق مائۇس ،ئەينەك بۇيۇم ئۈستىلىگە تىزىلمىغان جۇمۇ! »دېدى.
«نېمە دەۋاتىسەن؟! »خەن فۇ يەنە بىر قېتىم  چۆچۈپ كەتتى.
«Xv تىپلىق مائۇس سودا ئۈستىلىگە تىزىلغان— دېدى فاسەي مەنسىتمىگەن ھالدا— بىراق سەن سودا ئۈستىلىگە قارىمىغان تۇرساڭ، ئۇنىڭ سېتىلغىنىنى قانداق بىلىسەن؟ »
«ياق، ياق— خەن فۇ ئېغىز ئىسپاتىنى يەنە ئۆزگەرتىشكە پېتىنالمىدى— ئېنىقلا ئەينەك بۇيۇم ئۈستىلىگە تىزىلغان! »ئۇ دەپ بولغاندىن كېيىن جى لىڭ گې نى نەق مەيدان رەسىمىنى كۆرسىتىشكە ئالدىراتتى. جى لىڭ گې رەسىملەرنى چىقاردى.
خەن فۇ ئۇياق ئىزلەپ بۇيان ئىزلەپ ھەممىسىگە تۆتتىن تىزىلغان ئەينەك ئۈستەللەرنى كۆرۈپ سەل ئەنسىرىدى. لېكىن تەلىيىگە يارىشا ھېچنىمە تىزىلمىغان بىر قۇرۇق بۇيۇم ئۈستىلى رەسىمىنى تاپتى.
«كۆردىڭىمۇ؟ دەل مۇشۇ ! —دېدى ئۇ رەسىمنى كۆرسىتپ— ئىچىدىكى بىردىنبىر Xvتىپلىق مائۇسنى سەن ئېلىپ كەتتىڭ! »
«راستمۇ— فاسەي يەنە بىرنى كۈلدى— بۇنىڭ ئىچىدىكى ھەممىسى سېتىلىپ قۇرۇقدىلىپ بوپتۇ. ئەمىسە سەن قانداقسىگە بۇنىڭ ئىچىدىكىنىڭ Xvتىپلىق ئىكەنلىكنى بىلىسەن؟ »
بۇ گەپتىن خەن فۇ جىددىيلەشتى. جىددىيلىك تۈپەيلى يەنە خاتا سۆزلەپ قالدى«مەن ...مەن ئىككى كۈن بۇرۇن كېلىپ كۆرگەن! »
ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ فاسەي قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى.
شۇتاپتا جى لىڭ گې خەن فۇغا پىسەنت قىلماستىن، ھەيرانلىق نەزىرى فاسەيگە قاراپ ئولتۇرماقتا ئىدى.
خەن فۇ بۇچاغدا ئاندىن بۇ xv تىپلىق مائۇسنىڭ تېخى بۈگۈن يېڭىدىن بازارغا سېلىنغانلىقىنى ئېسىگە ئالدى.
«دېرىكتور،سەن بۇ بىردىنبىر xv  
تىپلىق مائۇسنىڭ سېتىلىپ كەتكەنلىكىنى قانداق ئۇقتۇڭ؟ ھەقىچان ...—فاسەي ئاۋازىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە سوغۇق ئاۋازدا دېدى— دۇكان خوجايىنى ئۆز ئاغزى بىلەن دەپ بەرگەن بولغىيتتى؟ »
ئۇ پۈتۈن بەدىنى قارا تەرگە چۆمگەن بۇ ۋاقىتتا، ئالدىدىكى ئۈستەلنى قاتتىق بىرنى شاپاللاپ، دېدى «مەن ...ئېسىمگە كەلدى! ئەينى چاغدا مەن مۇنداق ئويلىغان، باشقا ئەينەك بۇيۇم ئۈستەللىرى ئىچىگە تولۇق تۆت تالدىن مال تىزىلىپ كېتىپتۇ. پەقەت xv تىپلىقلا يوقكەن. شۇڭا مەن ئاۋۇ جايغا قويۇلغىنىنى xv تىپلىق دەپ قىياس قىلغان! بولمامدىكەن؟! »
«مۇنچىلىك ھىيلىگەرلىك قىلىمەن دېسەڭمۇ مەيلى— دېدى فاسەي— بىراق سەن بايا نېمە دېدىڭ؟ باشقا ھەممە بۇيۇم ئۈستىلىدە تۆت دانىدىن تولۇقمىكەن؟ »
«ھەئە! »دېدى خەن فۇ. شۇتاپتا ئۇ ئاچچىقتىن يېرىلغىدەك بولغانىدى
«بۇ دېگەن بەك مۇھىم نۇقتا جۇمۇ! سەن راستتىنلا جەزىملەشتۈرەلەمسەن؟ »
خەن فۇ ئويلىدى، دۇكان خوجايىنى كۈندە مال تولۇقلايدۇ. يەنە كېلىپ بىردىنبىر بولغان xv تىپلىق مائۇسمۇ سېتىلىپ بولغان. شۇڭا قالغانلىرى چوقۇم تۆت دانىدىن تولۇق! ھەرگىزمۇۋ خاتا بولۇشى مۈمكىن ئەمەس  .
لېكىن، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئۇ ئۆزىنىڭ تەپەككۇرىنىڭ فاسەي تەرىپىدىن  تامامەن قالايمىقان قىلىۋېتىلگەنلىكىنى سەزمىگەن ئىدى.
«ھىم! ئېنىق تۆت تال!— دېدى خەن فۇ غەزەپ بىلەن— مەن دۇكانغا كىرىپ ھەممە ئەينەك بۇيۇم ئۈستەللىرىنى بىر بىرلەپ كۆرۈپ چىققان. كۆرگەنلىرىمنى بىردىنبىر دەپ بېرەي، ياخشى ئاڭلا! Demen.Aتىپلىق مائۇس 4 تال، Demen.Xتىپلىق مائۇس تۆت تال، Demen.Xi تىپلىق مائۇس تۆت تال ...»دەل مۇشۇ چاغدا سوراق ئۆيىدىكى ھەممە كىشىنىڭ نەزىرى ئۇنىڭغا چۈشتى. ھېچكىم بىر ئېغىز ئۈندىمىدى. ئۇ نېمە بولغىنىنى بىلەلمەي تۇرغىنىدا، فاسەي ئېغىر كۆزلىرىنى ئۇۋلىۋېتىپ ئۇنىڭغا دېدى «كەچۈرگىن، چېنىپ قالدىڭ»
چېنىپ قالدىڭ؟ نېمە دېمەكچى؟
جى لىڭ گې ئۇنىڭغا باياتىن بېرى ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن بىر پارچە تىقىقلىق سۈرەتنى چىقاردى. سۈرەتتە Demen.Xi تىپلىق مائۇستىن پەقەت ئۈچىلا تۇراتتى.
«قا..قانداقسىگە؟ تۆتىنچىسى قېنى؟ »دېدى خەن فۇ دەرھال  .بۇ چاغدا جى لىڭ گې ئېغىز ئاچتى «تۆتىنچىسى سەن تەرەپتىن ئادەم ئۆلتۈرۈشكە ئىشلىتىلمىدىمۇ؟ »
خەن فۇ دەرۋەقە بۇنى ئۇنتۇپ قالغانىدى. يەنە بىرى دەل جەسەت بوينىدىكى قاتىللىق قۇرالى ئەمەسمۇ!
«خەن فۇ ئەپەندىم، سىز دۇكانغا كىرگەندە تۆت دانە Xi تىپلىق مائۇس كۆردىڭىز؟ سىز سودا ئۈستىلى كەينىدىكى جەسەتنى كۆرمىگەن ئىدىڭىزغۇ؟ ئۇنداقتا سىز جەسەتنىڭ بوينىدىكى قاتىللىق قورالىنى قانداق كۆردىڭىز؟ »
خەن فۇ ئاغزىنى ئېچىپلا قالدى  .ئۇ ئۆزىنىڭ مۇنچە ئاسان ئاشكارىلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. ئەسلى پىلاندا، ئۇ يالغان گەپ بىلەن قۇتۇلماقچى ئىدى. ئەگەر ياخشىراق ئوخشىتالىسا، بۇ ناچار ياشنى ئۆزىنىڭ بالاسىغىمۇ قويىشى مۈمكىن ئىدى. ئاقىۋەتتە دامغا ئاۋال  چۈشكىنى ئۇ ناچار ياش بولماستىن بەلكى ئۇ ئۆزى بوپ قالغانىدى.
لېكىن شۇتاپتا، جى لىڭ گې خەن فۇ دىنمۇ ئۆتە بەكرەك چۆچۈپ كەتكەنىدى.
ئۇ ئەسلا فاسەينىڭ بىر ئېغىز يالغان ئېغىز ئىسپاتىغا ئاساسەن كولىغان ئورىكىگە خەن فۇ نى چۈشۈرىۋەتكەندىن كېيىن، كولىغان ئورىكىنى بارغانسىرى چوڭقۇرلاشتۇرىۋېتىپ، ئاخىرى ئۇنى چىقالماس قىپ قويالىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.
ئۇلارنىڭ پۈتۈن دېئالوكى ئەمەلىيەتتە فاسەينىڭ بىر ئويۇنى بولدى. بۇ ئويۇننىڭ مەقسىدى دەل خەن فۇنى دۇكانغا كىرىپ Xiتىپلىق مائۇستىن تۆتنى كۆرگەنلىكىنى ئىقرار قىلدۇرۇش بولدى  !
ئۇ شۇتاپتا جىنيەتچى بولغان خەن فۇغا قارىماي، ئەسنەۋاتقان  فاسەيگە قاراۋاتاتتى.
«ئىش ئېنىق بولدى، دېرىكتور غوجام. سەن چوقۇم بۇ دۇكان خوجايىنىدىن Xv  تىپلىق مائۇسنى زاكاس قىپ قويغانغۇ دەيمەن. چۈنكى ئەينى چاغدا ئۇ ماڭا بۇ xv تىپلىق مائۇسنىڭ زاكاس قىلىنىپ بولغانلىقىنى دېگەن. ئەسلىدە سەنكەنسەندە.
ئەپسۇسلىنارلىقى، مەنمۇ ئالايىتەن بۇنى xvتىپلىقىنى ئالغىلى كەلگەن. شۇڭا ئامال قىلىپ خوجايىنىدىن سېتىۋالغانىدىم. »
شۇم تاپتا خەن فۇ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي، ھاڭۋېقىپ ئولتۇرماقتا.
ئېنىقكى، فاسەي دۇكاندىن ئايرىلغاندىن كېيىن خەن فۇ كىرىپ xv تىپلىق مائۇسنى سورىغان. بىراق دۇكان خوجايىنى ئۇنىڭ سېتىلىپ بولغانلىقىنى دېگەن. بۇ گەپتىن خەن فۇ نىڭ ئاچچىقى كەلگەن. بۇ چاغدا دۇكان خوجايىنى بىر xi تىپلىق مائۇس چىقىرىپ ئۇنىڭغا تەۋسىيە سۈپىتىدە ئىشلىتىپ تۇرۇشىنى ئېيتقان. ئاقىۋەت ئۇ خوجايىننىڭ گېپىدە تۇرمىغانلىقى ئۈچۈن ئاچچىقى كېلىپ دەماللىققا ئۆزىنى بېسىۋالالماي خوجايىننى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان.
كېيىن ئۇ ئېسىگە كەلگەندىن كېيىن، ساقچىغا مەلۇم قىلىشقا پېتىنالماي، جەسەتنى يوشۇرۇپ ،بارماق ئىزىنى سۈرتىۋېتىپ، دۇكاندىن ئايرىلغان.
«دېرىكتور، سەن دۇكانغا كىرگەندە xi دىن تۆت تال بار ئىدى ،سەن چىقىپ كەتكەندە بولسا ئۈچ تال  قالدى. قالغىنىنىڭ نەگە كەتكىنىنى، نېمىلەرنى قىلغىنىنى ئۆزۈڭ بىلەرسەن ھە ؟!».
فاسەي بۇلارنى دەپ بولۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ سوراق ئۆيىدىن ئايرىلدى.
سوراق ،ئاخىرلاشتى. جىنايەتچى جىنايىتىنى ئىقرار قىلدى.
خەن فۇ قولغا ئېلىنىپ سوراق ئۆيىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، جى لىڭ گې خاتىرىلۈگچى ساقچىدىن قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلغانلىقىنى سورىدى.
«ئون ...ئون....ئون ئۈچ مىنۇت! »
«.......!»
ئەسلى پىلاندا تۆت سائەتتە تۈگەيدۇ دېگەن بۇ سوراق 13مىنۇتتا ئاخىرلاشتى! بۇ ھەرگىزمۇ كىچىك بىر بۆسۈش ئەمەس!
بايا يۈز بەرگىنى راستتىنلا جىنايەتچىنى سوراق قىلىشمۇ ؟ياق ،ئۇنداق ئەمەس. بايا يۈز بەرگىنى ئېنىقلا جىنايەت گۇماندارى بولغان فاسەينىڭ جىنايەتچى خەن فۇ نى ئوينىتىشى ئەمەسمۇ؟!
«بۇ ئويۇن ئوينايدىغان ئادەم زادى كىم؟ »دېدى جى لىڭ گې ئۆزىنى تۇتىۋالالماي.
ئەپسۇسلىنارلىقى ،ئۇنىڭدا ئۇنىڭ ھېچقانداق ماتېرىيالى يوق. بار بولغىنى، پەقەتلا بىر مۇكاپات كارتىسى.
ACT&Farsigh?
《星际争霸2》نىڭ ئوينىغۇچىسى؟
چۈشتىن كېيىن سائەت 1دە مۇسابىقىسى بار؟
جى لىڭ گې دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا يۈگۈردى .ئۇ كۆردىكى، فاسەي ئىشىك ئالدىدا تاماكا چەككەچ ئايرىلىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىۋاتاتتى.
ئۇ دەرھال ئۇنىڭ ئالدىنى توسىۋېلىپ ئۇنىڭدىن سورىدى :«ئىسمىڭ نېمە؟ »
«فاسەي» دېدى ئۇ ۋە جاۋابەن ئاغزىدىن بىر دانە تۈتۈن چەمبىرىكى چىقارغاچ.
«فاسەي ..»جى لىڭ گې ئۇنىڭغا بايىقى 13 مىنۇتتا سوراقنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقنىڭ تامامەن ئۇنىڭ تۆھپىسى ئىكەنلىكىنى ئېيىتتى .
«بۇ ھېچ گەپ ئەمەس— دېدى ئۇ پەرۋاسىز ھالدا —ئەسلىدە ئۇنى 20 مىنۇتتا جايلاي دېگەن ئىدىم .لېكىن ئۇنىڭ ئىسمىدىكى خەن(韩) دېگەن خەتنى كۆرۈپ ئاچچىقىمدا ئۇنى تېز جايلاپ قويدۇم. »
بۇ ئەبلەخ ...
جى لىڭ گې ئويلايتتى. ئالدىدىكى بۇ ئەخلاقسىز ياش بىر تالانت ئىگىسىمۇ قانداق ؟توغرا! ئۇ بىر تالانت ئىگىسى، ھەرگىزمۇ خاتالىق يوق. ئۇنى ھەرگىزمۇ مۇنداقلا قويۇۋېتىشكە بولمايدۇ !
ئۇ مۇشتىنى تۈگۈپ ئەستايىدىللىق بىلەن فاسەيگە دېدى :«سىزدىن بىر دېلونى ماڭا ياردەم قىلىپ يېشىشىپ بېرىشىڭىزنى ئۆتۈنسەم بولامدۇ ؟»


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 05:40:03 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى يەنە بىر قانچە كۈن ئىچىدە يوللايمەن.

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 05:49:57 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nurjahan1 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-8 05:46 PM
تېزرەك بولڭ ھە،بولمىسا شامال چىقىرىپ يازمىلىرىڭىزنى ئ ...

ئاپلا  !  ئۇچۇپ كەتسە قانداق قىلارمەن؟؟؟
ھى ھى

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84162
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 869
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 946 سائەت
تىزىم: 2012-8-20
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 05:53:23 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە ئاخىرى با  ھەقاچان ھە!

ئالدى بىلەن اللە رازىلىقىنى كۆزلە. شۇندىلا ئىشىڭنىڭ بەركىتى راھىتى نەتىجىسى بۇلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 05:56:23 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ziba0996 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-8 05:53 PM
يەنە ئاخىرى با  ھەقاچان ھە!

ھەئە. بۇ دېگەن تېخى باشلىنىشى.
بىنادىن تاشلىنىش دېلوسى پاش بولمىدى تېخى!

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2990
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 434 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 06:30:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فاسەي ساقچى بۇلسا بۇپتىكەن ئەسلى، ئۇ بەلكىم  ئالاھىدە رازۋىدكىچىمۇ يا؟ داۋامىغا قارايمىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 06:48:10 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۆزەل يوللىغان ۋاقتى  2014-2-8 06:30 PM
فاسەي ساقچى بۇلسا بۇپتىكەن ئەسلى، ئۇ بەلكىم  ئالاھىدە  ...

ئۇ پەقەتلا بىر ئېلىكتىرونلۇق ئويۇن ئوينايدىغان شەخىس.
داۋامىنى ....يوللىغان چېغىمدا ۋاقىپ بولارسىز

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ھەقىقەت رەھىمسى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12923
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8675
تۆھپە نۇمۇرى: 440
توردا: 1726 سائەت
تىزىم: 2010-10-6
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 11:01:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق كاللا ئىشلىتىدىشان نەرسىلەرگە بەك قىزىقىمەن

ئەخلاق دىلدا ئەمەس ھەركەتتە ئىپادىلەنسە ئاندىن ھەقىقىي ئاخلاق بولىدۇ

ھەقىقەت رەھىمسى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12923
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8675
تۆھپە نۇمۇرى: 440
توردا: 1726 سائەت
تىزىم: 2010-10-6
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 11:03:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تپلۇق ئۇچتە ئڭقۇيمەن دەپسىز ئۇكام سىدەم خاپوممايسىز ھەقاچان  تېرجىمىڭىزگىمۇ قول قويدۇم ياخشى تەرجىمە قىپسىز  

يانا ماختىسام پۈچەك ئىنكاس بوپ قاممىسۇن ئاخىرنى بىر تىزراق يوللىۋەتسىڭىز ھە
ئۆگىنىشنىمۇ ياخشىراق قىلىڭ تولۇق ئۈچ گۈلدەك چاغلىردە ئادەمنىڭ

ئەخلاق دىلدا ئەمەس ھەركەتتە ئىپادىلەنسە ئاندىن ھەقىقىي ئاخلاق بولىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98054
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 814
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2013-9-21
ئاخىرقى: 2015-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 11:18:16 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرنى يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يىڭى تىما شەكىللدە يوللىسىڭىز.رەھمەت .ئاخىرنى ئوقۇشقا تەشنامەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش