گۈلنىڭ ھىكايىسى.تۈركلان
بىر باغدا بىر جۈپ گۈل ئۆتەركەن خوشال،
پۇراقى ئەتراپقا تارقىلار ئىكەن.
بەرگىسى ئۇلارنىڭ گويا چەشمىدەك ،
كۈن نۇرى ئاستىدا پارقىرار ئىكەن.
بىر قېتىم قارىغان كىشى ئارماندا ،
قالاركەن كۆرمىسە ئىككىنچى قېتىم.
چۈنكى ئۇ بىر جۈپ گۈل يەتتە سىياقتا ،
ئۆزگۈرۈپ تۇراركەن كۈندە مىڭ قېتىم.
جىلۋىلەر چاقناركەن گۈللەر بەرگىدە ،
ئۆتكەنلەر ھەۋەستە قارىشار ئىكەن.
تىكىنى بولغاچقا نى ھەۋەس يۈرەك ،
ئۈزەلمەي تىلىنى تامشىتار ئىكەن.
گۈللەرنىڭ بىرى بەك خوشچاقچاق ئىكەن،
تولغىنار ئىكەن ئۇ كەرەشمە بىلەن.
ئويلاركەن قانچىلىك ئۇز بۇلار ئىدىم،
بولمىغان بولسا بۇ كۈرۈمسىز تىكەن.
ھەر كۈنى ئاڭلاركەن ئۇ ماختاشلارنى،
ھىچكىممۇ تۇتماسكەن تىكەندىن قورقۇپ.
ئۇ شۇنداق مەستخۇش بوپ شىرىن سۆزلەردىن،
خىيالغا پاتاركەن چوڭقۇر ئويلۇنۇپ.
بىر كۈنى بىر يىگىت دەپتۇ ئۇنىڭغا:
سىز گۈزەل جىمىكى بوستانلار ئارا.
مەن ئاشىق بوپ كەلدىم سىزگە كۆپ مەھەل،
ۋىسالسىز بۇ قەلبىم بولدى كۆپ يارا.
ئويلارمەن ۋىسالغا يىتەرمەن قاچان،
سىز ئۈچۈن تۆكۈلەر پەقەت ياشلىرىم.
قورقىمەن ۋە لىكىن تىكىنىڭىزدىن،
ياشنايتتى يوق بولسا ئۇ ئەگەر جانىم.
ئويلۇنۇپ قاپتۇ شۇ چىرايلىق بىر گۈل،
يىگىتنىڭ سۆزىدىن ،ئاھ پىغانىدىن.
ۋە لىكىن شۇ بىر گۈل بىلمەسكەن ئەسلا،
زارىققان چىن سۆيگۈ كىلەر قاياندىن.
ھەۋەسنى كۆزلىگەن ئاشۇ بىر تۈپ گۈل،
يۇلماقنى كۆزلەپتۇ ئۆز تىكىنىنى .
يەنە بىر چىرايلىق جىمجىتقىنا گۈل،
نەسىھەت ئورنىدا قىپتۇ سۆزىنى:
ئاڭلىغىن جان دوستۇم ئېيتاي بىر ھېكمەت،
ئاڭلىساڭ ئەلەمدە چەكمەيسەن ھەسرەت.
تىكىنىڭ سەن ئۈچۈن سۈيۈملۈك بىلسەڭ،
ئۇ بولغاچ ئاشىدۇ سېنىڭدە قىممەت.
سىنىلار ئۇ بولغاچ ھەقىقىي سۆيگۈ،
ھەققىي سۆيگەنلەر قورقماس تىكەندىن.
ئۇنىڭسىز قانداقمۇ ئۆز پاكلىقىڭنى ،
ساقلايسەن پەلەكنىڭ كاج رەپتارىدىن.
ئەقلىڭنى بەرمىگىن شەيتان قۇلىغا،
ئۇنىڭدىن بىزلەرگە كەلمەس ياخشىلىق.
تىكىنىڭ بولغاچقا ئايرىيالايسەن،
قايسىسى چىن سۆيگۈ قايسى ساختىلىق.
ئېغىر بىر سۈكۈتكە چۈمۈپتۇ ئۇ گۈل،
ئۆزىنى قايتىدىن تۇنۇپتۇ دەرھال.
لالىدەك قىزارغان گۈلنىڭ بەرگىگە،
ئەركىلەپ ئۇرۇپتۇ ئۆزىنى شامال.
22-يانۋار
ئەزىزانە قەشقەر سەپىرىدە يېزىلدى