20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى قەشقەر شىۋىت نەشرىياتى ۋە ئۇنىڭ باسما زاۋۇتى
ئەسلى ئاپتورى: گۇننار ياررىڭ [شىۋىتسىيە] خەنزۇچىغا تەرخىمە قىلغۇچى:لىياڭ كۇۋاڭيى
ئارقا كۆرۈنىشى
شىۋىتسىيە مىسسىئونېرلار ئۇيۇشمىسى )Svenska Missionskyrkan( 1878-يىلى قۇرۇلغان شىۋىتسىيە خىرىستىيانلار جەمئىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى دىنىي مەزھەب بولۇپ، شىۋىتسىيەدىكى 2-چوڭ دىن تارقىتىش ئۇيۇشمىسى ھىساپلىنىدۇ، بۇ ئۇيۇشمىدىكى دىن تارقاتقۇچىلار 1892-يىلى نەچچە مىڭ كىلومېتر يول يۈرۈپ شىنجاڭغا كېلىدۇ، ھەمدە قەشقەردە مىسسىئونېرلار ئۇيۇشمىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، كوناشەھەر، يېڭىشەھەر، يېڭىسار، يەكەن قاتارلىق جايلاردا دىن تارقىتىش پوتكىتلىرىنى قۇرىدۇ، ئۇلار جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا دوختۇرخانا، دارىلتام، مەكتەپ ۋە قەشقەردە نەشىريات تەسىس قىلىدۇ. 1933-يىلدىن 1934-يىلغىچە خىرىستىيان دىنىغا قارشى <<خوتەن مىللىي ئىنقىلاۋىي كومىتېتى>> بىلەن <<ياشلار قەشقەر پارتىيىسى>> قەشقەرنى تىزگىنلەپ تۇرغاچقا، دىن تارقىتىش خىزمىتى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، پونكىتلار ۋەيران قىلىدۇ، ھازىرقى قەشقەر شەھەرلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمى ئورنىدىكى ياغاچتىن ياسالغان ھەيۋەتلىك چېركاۋ ۋە چىركاۋ ئاستىدىكى باسما زاۋۇتى كۆيدۈرىۋېتىلىدۇ، 1936-يىلى نەشر ئۈسكۈنىلىرىنى شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتى مۇسادىرە قىلىدۇ. 1938-يىلى ئاخىرقى بىر تۈركۈم مىسسىئونېرلار قەشقەردىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن شىۋىتسىيە مىسسىئونېرلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى 46 يىللىق دىن تارقىتىش پائالىيىتى ئۈزۈل-كېسىل ئاخىرلىشىدۇ.
گۇننار ياررىڭنىڭ قىسقىچە تەرجىھالى
ماقالىنىڭ ئاپتورى گۇننار ياررىڭ ئەپەندى دۇنياغا مەشھۇر شەرقشۇناس ۋە تىلشۇناس، ئۇ 1929-يىلىدىن 1930-يىلىغىچە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىسىنى يېزىش ئۈچۈن قەشقەردە تىل ۋە جەمئىيەت تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، شىنجاڭ تارىخىغا ئائىت نۇرغۇن قىممەتلىك ماتىرىياللارنى توپلاپ، ئانا مەكتىپى-- شىۋىتسىيە لۇند ئۇنۋېرستىتى(Lund unversity(غا تەقدىم قىلىدۇ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇ شۇ مەكتەپتە قېلىپ تۈرك تىلىدىن دەرس بېرىدۇ. ئۇنىڭ تىل قابىلىيىتى ئالاھىدە ئۈستۈن بولغاچقا، 1939-يىلدىن باشلاپ شىۋىتسىيە دۆلەتلىك دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ تەكلىپى بويىچە دىپلوماتىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، 1973-يىلى پىنسىيىگە چىقىدۇ. ئۇ دىپلومات بولغان مەزگىلدە ئىران، ئىراق، ئېفوپىيە، ھىندىستان، ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەتلەردە باش ئەلچى بولىدۇ. 1978-يىلى جوڭڭو ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن قەشقەرنى قايتا زىيارەت قىلىدۇ، ھەمدە <<قەشقەرگە قايتا سەپەر>> ناملىق ئەسەرنى يېزىپ چىقىدۇ. 2002-يىلى گۇننار ياررىڭ 95 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ.
ماتېرىيال مەنبىئى
بۇ ئەسەر ئاپتونۇم رويۇنلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ <<تۇرپان تەتقىقاتى>>(2011-يىللىق نۇقتىلىق ئىجتىمائى پەن تۈرى)غا ماتىرىيال توپلاش ئۈچۈن، گۇننار ياررىڭ ئەپەندىنىڭ <<قەشقەردىن كەلگەن مەتبۇئات>>)PRINTS FROM KASHGHAR( ناملىق ئەسىرىدىن ئۆزگەرتىپ تەرجىمە قىلىنغان، ماتىرىيالنى ستوكھولىمدىكى گۇننار ياررىڭ ماتىرىياللىرى كۈتۈپخانىسى تەمىنلىگەن. شىۋىتسىيە رېسارچ ئىنىستىتۇتى ئىستانبولدا 3-قېتىم نەشىر قىلغان نۇسخىسى ئاساس قىلىنغان. (Swedish Research Institute in Istanbul 1991 Transactions.Vol.3(
گۇننار ياررىڭ قەشقەردە (1929-يىلى)
ئۇنىڭ <<قەشقەردىن كەلگەن مەتبۇئات>> )PRINTS FROM KASHGHAR(ناملىق بۇ ئەسىرى 1901-يىلدىن 1934-يىلغىچە قەشقەردە تۇرغان جون خۇلترال)John Hultral( ئىسىملىك مىسسىئونېرنىڭ <<شىنجاڭدىكى مىسسىئونېرلار ئۇيۇشمىسى>> دىگەن ئەسلىمىسىگە ئاساسەن رەتلەنگەن.
نەشرىياتنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى
1893-يىلى ستوكھولىم خرىستىيانلار جەمئىيىتى قەشقەردىكى مىسسونېرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ خىزمىتىنى قوللاش يۈزىسىدىن قەشقەردە نەشرىيات قۇرۇشنى قارار قىلدى، بارلىق باسما ئۈسكۈنىلىرى چارروسىيە ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا، ئاندىن پامىر تاغلىرى ئارقىلىق ئات-تۆگىلەر بىلەن قەشقەرغە توشۇپ كېلىندى . نەشرىيات 1910-يىلى قۇرۇلۇشقا باشلاپ، 1912-يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. تۇنجى قېتىم يۆتكەپ كېلىنگەن ئۈسكۈنىلەر ئىچىدە بىر تىز سۈرەتلىك بېسىش ماشىنىسى، پارچە ماتىرىيال بېسىش ماشىنىسى، قەغەز كېسىش ماشىنىسى ۋە كىتاب تۈپلەش ماشىنىسى بار ئىدى. بۇ ئۈسكۈنىلەردە ئەرەب، لاتىن يېزىقىدىكى قوغۇشۇن ھەرپلەردىن باشقا، ئېھتىياج ئۈچۈن رۇس تىلىدىكى ھەرپلەرمۇ سەپلەنگەن ئىدى.
نەشرىياتنىڭ باسما زاۋۇتى
نەشرىياتنىڭ نابور(ھەرپ تىزىش) سېخى
نەشرىياتنىڭ قەغەز تەييارلاش ۋە تۈپلەش سېخى
بۇ نەشرىيات <<ئىنجىل>>، <<تەۋرات>> قاتارلىق ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان دىنىي كىتابلاردىن باشقا، <<چاغاتاي تىلى ئېلىپبەسى>> (ا.ب)، <<ھېساب>>، <<جۇغرافىيە>> قاتارلىق پەننىي كىتاپلارنى بېسىپ تارقاتتى، ئۇنىڭدىن باشقا <<يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى>>، <<ھەسەل بېقىش قوللانمىسى>> قاتارلىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش قوللانمىسىنىمۇ بېسىپ چىقاردى. ئەينى يىللاردا ئۆلچەملىك ئۇيغۇر تىلى گراممىتىكىسى ۋە ئىملا قائىدىسى ئېنىق بىكىتىلمىگەچكە، بۇ كىتابلار قەشقەر شىۋىسىنى ئۆلچەم قىلىپ، چاغىتاي تىلى گىرامماتىكىسىنى ئاساس قىلىپ بېسىلاتتى، باسما ماشىنىسى ياۋروپانىڭ ئۆلچىمى بويىچە ياسالغاچقا، كىتاپلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ياۋروپادا نەشىر قىلىنغان كىتابلار ئوخشاش بولۇپ، خاتالىق پەرقى بىر سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتمەيتتى. باسما ماتىرىياللىرى ئىچىدە كىتاب ۋە قوللانمىلاردىن باشقا، 4680 پارچە، 7 خىل نۇسخىدىكى دىن تارقىتىشقا ئائىت ئېلان تەشۋىقات بويۇملىرى، 3300 پارچە نام ئەمەل كارتوچكىسى (چەتئەللىكلەر، كونسۇلخانا خادىملىرى، سودىگەرلەر ئىشلىتەتتى)، 42800 پارچە پاسپورت ۋە چاغاتاي، پارىس يېزىقىدا بېسىلغان ھەر خىل ئۆلچەمدىكى تالۇن، جەدۋەللەر بار ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا قەشقەر قەغەز پۇلى، ئەنگىلىيە، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كونسۇلخانىسىغا كېرەكلىك ماتېرىياللارمۇ مۇشۇ نەشرىياتتا بېسىلغان ئىدى.
قەشقەر شىۋىت نەشرىياتىدا ئالبېرت ھېرمانسېن) Ahlbert Hermansson( تەرجىمە- تەھرىرلىكىدە نەشر قىلىنغان بىر قىسىم ئۇيغۇر، پارس، لاتىن، رۇس يېزىقلىرىدىكى كىتابلار
1-<<قەدىمقى زامان تارىخى>> ( شىۋىتسىيە پادىشاھلىقى تارىخىغا ئائىت تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكى)، ھېرمانسېن تەرجىمە قىلغان. 2-<<قەدىمقى زاماندىكى ھېكايە-چۆچەكلەر توپلىمى>>(بالىلار ئوقۇشلۇقى)، ئاپتورى كارېللا ۋا دېما، ھېرمانسېن تەرجىمە قىلغان. 3-<<كەچۈرىۋېتىشكە بولمايدىغان يەتتە تۈرلۇك گۇناھ>>(رومان)، ئاپتورى 1899-يىلى شىۋىتسىيەدە نەشىر قىلىنغان، ئاپتورى سېرما راگلوف، ھېرمانسېن تەرجىمە قىلغان. 4-<<ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان گېئومېتىرىيە>> (بىناكارلىق ۋە ياغاچچىلىق تېخنىك قوللانمىسى)، ئاپتورى كارلو پارسېن، ھېرمانسېن تەرجىمە قىلغان. 5-<<مارتا گرانمونىڭ دىن تارقىتىش تەجرىبىسى>> ، نىسترو تەرجىمە قىلغان. 6-<<ئىبرايلار تارىخى>>، ئاپتورى سىۋىن ھېدىن(كروراننى بايقىغان تەۋەككۈلچى) ، ئالھىرو تەرجىمىسى. 7-<<ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى>> (تولۇقلانما)، ئاپتورى ھېرمان، مەسئۇل مۇھەرىر بورسېن. 8-<<ئەسىر يارىتىش>>، 1917-يىل نەشرى، دىنى جەمئىيەت تەرجىمىسى. 9-<<ياك>>، 1921-يىل نەشرى، دىنىي جەمئىيەت تەرجىمىسى. 10-<<شېئىرلار توپلىمى>>، 1923-يىلى نەشرى، دىنىي جەمئىيەت يەرجىمىسى.
بۇ نەشرىياتتا يەنە نۇرغۇن كىتاپلار نەشىر قىلىنغان بولۇپ، گۇننار يارىڭ تاپالمىغان، لېكىن ئۇ قەشقەردە يەنە نۇرغۇن قىممەتلىك ماتىرىياللارنى قولغا چۈشۈرگەن.
گۇننار ياررىڭ قەشقەردە قولغا چۈشۈرگەن يول خېتى.
گۇننار ياررىڭ قەشقەردە قولغا چۈشۈرگەن لاتىغا يېزىلغان قوليازما.
گۇننار ياررىڭ قەشقەردە قولغا چۈشۈرگەن چەتئەللىكلەر پاسپورتى.
گۇننار ياررىڭ قەشقەردە قولغا چۈشۈرگەن ئايروپىلان بېلىتى.
مەنبەئە: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رويونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى تور بېكىتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-8 03:51 PM
|