مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2173|ئىنكاس: 12

ماشىنا،يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ۋە مەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102933
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 38
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2014-1-29
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 11:57:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ماشىنا،يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ۋە مەن



ماي تەپكىسىنى كۈچەپ باسىمەن. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئەڭ يۇقىرى سۈرئەت بىلەن كېتىۋاتقان ماشىنىنىڭ شىددەتلىك ھاياجانلىرى- مېنىڭ ھاياجىنىم!

ماي تەپكىسىنى كۈچەپ باسىمەن. كۆز جىيەكلىرىم كېڭىيىپ، ۋۇجۇدۇمنى قۇرقۇنچ ۋە تەشۋىش ئىگىلەپ يۈرىكىمنىڭ دەھشەتلىك دۈپۈلدەشلىرىگە ئەگىشىپ سېنى بۇرۇنمۇ، ھازىرمۇ، كېيىنمۇ شۇنداق چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن مەڭگۈ ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ھېس قىلىمەن.

ماي تەپكىسىنى كۈچەپ باسىمەن. نۇر ۋە زۇلمەتكە تولغان بۇ رەھىمسىز دۇنيادا سانسىزلىغان ئادەملەرنى ئويلايمەن. ئۆزۈمنىڭ كىملەرنى ياخشى كۆرۈپ، يەنە كىملەردىن قانچىلىك نەپرەتلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمەن.

ماي تەپكىسىنى كۈچەپ باسىمەن. بىردىنلا قەلبىمنى ئاخىرلىشىش تۇيغۇسى چىرمىۋالدى. بارلىق تىرىشچانلىقلىرىم بارلىق ئۇرۇنۇشلىرىمنىڭ ھەممىسى بىكاردەك، زېرىكىش، بۇرۇقتۇملۇققا تولغان بۇ تۇرمۇشىمنىڭ ھېچقانداق مەززىسى يوقتەك، ‹ئۆلۈم› دىن ئىبارەك بۇ قۇرقۇنچلۇق ھەم دەھشەتلىك تاللاشنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ توغرا بىردىنبىر تاللاش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن.

ماي تەپكىسىنى كۈچەپ باسىمەن. ماشىنىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ماڭا ئاتا قىلغان شىددەتلىك ھاياجانلىرى شېئىر يازغاندىكى ھاياجان بىلەن نەقەدەر ئوخشاش! ئەي، خەلق! ئەي،قولىغا قەلەم ئالغۇچى! شېئىر يازساڭ شۇنداق ياز!

ماي تەپكىسىنى كۈچەپ باسىمەن. ئېچىنىشلىق بىر قېتىملىق قاتتىق سوقۇلۇش يۈز بەرسە-ھە! ئۇ چاغدا... سېنى توختىماستىن ئويلايدىغان، سەن ۋە ساڭا مۇناسىۋەتلىك سانسىزلىغان ئازاپلىق  ئەسلىمىلەرگە لىق تولغان بۇ سېسىق كاللام كۇكۇم تالقان بۇلۇپ كەتسە... سېنى كۆرۈش ئۈچۈنلا يارىتىلغان، بىراق بىر قېتىممۇ سېنى قانغۇدەك كۆرۈۋېلىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولالمىغان بۇ بىچارە لەنىتى كۆزلىرىم قۇيۇلۇپ كەتسە... ساڭا ئاتاپ توختىماستىن خەت يازىدىغان، ساڭا ئاتاپلا شېئىر يازىدىغان بۇ گۇناھكار قوللىرىم سۇنۇپ پارە-پارە بۇلۇپ كەتسە... يەنە .. يەنە ساڭا قاراپ ماڭىدىغان ئاسىي پۇتۇم، سېنى سۆزلەۋاتقان شەرمەندە ئېغىزىم...

ماي تەپكىسىنى كۈچەپ باسىمەن. ئەگەر مەن راسىتنلا ئۆلۈپ كەتسەم، قايسىدۇر بىر ئاقكۆڭۈل ساخاۋەتچى قەلەمدار مېنىڭ بۇ ۋاقىتسىز ئۆلۈمىمدىن قاتتىق ئازاپ ۋە ئېچىنىش ھېس قىلىپ مەن تور دۇنياسىدا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مىسرانىم تورىدا  مېنىڭ ئۆلۈمۈم ھەققىدە خەۋەر بىرەر.   بەلكىم بۇ خەۋەرنى ئۇققان نۇرغۇنلىغان ئادەملەر چەكسىز ئېچىنىش ئىلكىدە مەن ئۈچۈن ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەس قەسىدە، مەرسىيلەرنى پۈتۈپ مېنىڭ باقىي دۇنيادا تىنىچ، خاتىرجەم يېتىشىم ئۈچۈن دۇئاغا قول كۆتۈرىشەر. بۇ خوش-خەۋەردىن ئالەمچە شادلىققا چۆمۈپ، قېنقىنىغا پاتماي قالغان يەنە بىر قىسىم ئادەملەر بولسا نىتزى ‹ ئۆلىدىغانلار ۋاقتىدا ئۆلۈشى كېرەك› دېگەنىدى دەپ قاتتىق ۋاقىرار!

ماي تەپكىسىنى كۈچەپ باسىمەن. بىر قېتىملىق دەھشەتلىك سوقۇلۇشنى خىيال قىلىۋاتىمەن....

مەنبە: ئۆزۈم


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jeSat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-7 11:58 PM  


باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5403
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20182
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2250 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 01:19:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ ئىچكى دۇنيارىمنى سەيلە قىلىپ چىققاندەكلا يېزىپسىز...
رەھمەت سىزگە........
بەك يېقىشلىق چىقىپتۇ ...

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11199
يازما سانى: 474
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5756
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 1323 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 02:07:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆلۈمنى ئويلىساڭ قەۋرىستانلىققا بار دەپتىكەن.بۇنداق خەتەرگە تەۋەككۈل قىلماڭ.

ئانامنىڭ دۇئاسى مەن بىلەن بىللە،ھاياتىم شۇ دۇئا بىلەن بەخىتلىكتۇر.

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 02:09:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىچكى دۇنيارىڭىزنى چۈشەنگەندەك بولدۇم

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەجەل بىر، ئۆزگەرمەس!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23152
يازما سانى: 1312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2519
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 1096 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 05:16:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماي تەپكىسىنى كۈچەپ باسىمەن،
ئۆلۈپ كەتسەم گۆردە ياتىمەن...
ئۆلمەي قالسام ئالە شەرىڭنى...
ماشىنىنى يەنە ياسىتىمەن...

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Zulpikar + 50 قىززىقچى !

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

كىمىكى قېلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىسا،ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچ كېلىدۇ..............! ›

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 4124
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 30658
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 8991 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 10:29:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم پەقەت ۋە پەقەت مۇھەببەت ئۈچۈنلا ياشىشى،سۆيگەن كىشىسى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىسە ئۆلۈم يولىنى تاللىشى كېرەكمىكەن؟! تولىمۇ ئەقىلسىزلىك.
ئادەم ھىسسىياتنىڭ قۇلى بولماسلىقى، شۇنداقلا ئۈمىدسىز بولۇپمۇ كەتمەسلىكى كېرەك.مەشۇقىمنىڭ ۋەسلىگە يېتەلمىدىم دەپ ماشىنىنى ئەشۇنداق تېز ھەيدىگەن،ماي تەپكىسىگە كۈچەپ دەسسەۋەرگەن ھاماقەتنىڭ تەقدىرى سىزنىڭ قويۇۋالغان ئىسمىڭىزدەك بولىدۇ.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102954
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 456
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 101 سائەت
تىزىم: 2014-1-30
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 11:24:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنى تونۇمايمىز، يازغۇچى مەرسىيە ئوقۇپ مىسرانىمدا تەزىيە بىلدۈرسىمۇ كىم بولغىيىدى دەپ قالىمىز،....
شۇڭا، ئۇنداق قىلماڭ

تارىخ، شەخس،ئەسەر،ساغلاملىق قاتارلىق ئەڭ يېڭى مەزمۇنلار ئوكيان قامۇسى ئۈندىدار سالونىدا: ئىزدەش نامى okyanqamus

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102879
يازما سانى: 199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 280
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2014-1-28
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 03:12:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaltis خىياللىرىڭىز بار ئىكەن،مەنمۇ سىناپ باقايمىكى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   baharim1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-8 03:13 PM  


ئى رەببىم مېنىڭ غېمىم بار دېمەي،ئى غەم مېنىڭ رەببىم بار دېگىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1715
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8965
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 354 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 03:26:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەجەل بىر، ئۆزگەرمەس!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23152
يازما سانى: 1312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2519
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 1096 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 04:44:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Qabiljan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-8 10:29 AM
ئادەم پەقەت ۋە پەقەت مۇھەببەت ئۈچۈنلا ياشىشى،سۆيگەن ك ...

باشقۇرغۇچىلار سەرخىل....
تېما ئىگىسى پەخىرلىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى باشقۇرغۇچى ئەل ئىچىنى خۇپىيانە زىيارەت قىلىش داۋامىدا تېمىڭىزغا كىرىپ قاپتىكەن،بىرى ئىسمىڭىزنى ئوقۇيمەن دەپ جەستىڭىزگە پۇتلىشىپ دۈم چۈشۈپ بۇيەردە ئالىتاغىل سۆزلەپ قاپتۇ!چابىلجان چاپىلجان .....

كىمىكى قېلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىسا،ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچ كېلىدۇ..............! ›
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش