كىلىنچەك
ئاناڭ بەرگەن شەرمى-ھايانى،
داداڭ بەرگەن چىدام- غەيرەتنى،
ئەجدات بەرگەن چىن ساداقەتنى،
كەلدىڭ ھەمرا قىلىپ كىلىنچەك.
چېھرىڭدە نۇر پارلايدۇ تال-تال،
لەۋلىرىڭدىن تۆكىسەن بال-بال،
مېھرىڭدە جۇت تىترەيدۇ غال-غال،
سەن باھارغا ئەنداز كىلىنچەك.
ئىزلىرىڭدىن پۇرايدۇ ئەنبەر،
قوللۇرۇڭدا تاغلار سىلكىنەر،
شىجائىتىڭ يوقنى تەل ئىتەر،
ھىممىتى كۆپ قەيسەر كىلىنچەك.
ئىرىتىسەن سۆيگۈدە تاشنى،
يۇقتۇرمايسەن ئۇستۇڭگە چاڭنى،
قەدىرلەيسەن ھەردە بەختىڭنى،
ئائىلەڭگە سادىق كىلىنچەك.
( چىمەنA )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا چىمەنA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-7 11:24 PM