ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەتتىكى مۇۋاپىقىيەتلىرى
نىيە ۋە لوپنۇردىن بايقالغان، بۇنىڭدىن 2000 يىللار بۇرۇنقى زامانغاتەۋە بولغان گىلەملەر ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا مەدەنىيەت دەرۋازىسىغاقەدەم تاشلىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆز تەرەقىيات مۇساپىسىدە نۇرغۇننەرسىلەرنى ئىجاد قىلىپ ياكى ئۆزگەرتىپ دۇنيا يەرەقىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن .ئەجدادلىرىمىز ئىجاد قىلغان نەرسىلەر تا ھازىرغىچە ئۆز قىممىتىنى يوقاتمايكېلىۋاتىدۇ. بۇلار كىيىم ـ كېچەك ، تۇرمۇشقا كېرەك بولغان ھەرخىل ئۈسكۈنەسايمانلار، بىناكارلىق، پەلسەپە ھەتتا ھايۋاناتلارغىمۇ چېتىلىدۇ.
مېنىڭ ئەڭ دەسلەپتە چۈشەندۈرىدىغىنىمئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم – كېچەك مەدىنىيىتى. ئىنسانىيەت ھېچقاچان كىيىم – كېچەكتىنئايرىلمىغان. ئەڭ دەسلەپكى ئىنسانلار يازدا دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى، قىشتاھايۋانلارنىڭ تېرىلىرىنى يېپىنچا قىلغان. كېيىن ئىنسانلارنىڭ .ئەقىل – ئىدراكىنىڭئۆسكەندىن كېيىن ئىنسانلار كېۋەز تېرىپ، پىلە قۇرتى بېقىپ كىيىم – كېچەك تىكىدىغانخام ماتىرىيالغا ئىگە بولدى. ئۇيغۇرلار خېلە بۇرۇنلا پىلە قۇرتى چىقارغان يىپەكنىبوياپ ئەتلەسنى ئىشلەپ چىقاردى. ئەتلەستە ئۆسۈملۈك، چاقماق ۋە يۈرەكقاتارلىقلارنىڭ شەكلى بار بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەت ھادىسىلىرى ئىجتىمائىتۇرمۇشنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭئەنئەنىۋى باش كىيىمى بولغان دوپپىدىمۇ گۈللەرنىڭ، زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ شەكلىچۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەتنى، گۈزەللىكنى سۆيىدىغان روھىنى ئەكسئەتتۈرگەن. ئەتلەس، دوپپا قاتارلىقلار ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى. بۇئەلۋەتتە ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۆھپىسى. نۇرغۇن كىشىلەر كاستىيومنى ياۋروپالىقلارلاھىلىگەن دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە كاستىيومنى بىر ئۇيغۇر لاھىيلەپ تىككەن بولۇپ،ئەسلى ئىسمى كاسا تون ‹كاسىغا چۈشۈپيۇرىدىغان تون › ئىدى. بۇ خىل يېڭى پاسون ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قوبۇلقىلىنماي ، بەلكى ياۋروپالىقلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياكىيىم ـ كېچەك مەدەنىيىتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى.
قەدىمدىن تا ھازىرغىچەپەقەت ئېھتىياج بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۈسكۈنىلەر كەشىپ قىلىنغان. ئوخشىمىغانجۇغراپىيىلىك رايونلاردىكى خەلقلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىكى ئوخشىمايدىغان بولغاچقا تائام يېيىشتە ئىشلەتكەن سايمانمۇئوخشاش بولمىغان. مەسىلەن ئوتتورا تۈزلەڭلىكىدىكى مىللەتلەر چوكىنى، ياۋروپالىقلارۋىلكىنى، شۇنىڭغا يانداش ئۇيغۇرلار قوشۇقنى ئىختىرا قىلدى. ئۇيغۇر تائاملىرىدىنچۆچۆرە ، نان چاي، سۇيۇق ئاش قاتارلىقلارنى چوكا بىلەن ئىستىمال قىلىش قۇلايسىز،ئەمما قوشۇق ئۇزۇندىن بېرى بۇ ئېھتىياجتىن چىقىۋاتىدۇ.
ئۇيغۇرلار قاراخانىيلار سۇلالىسىدىن بۇرۇنباشقا تۈركىي مىللەتلەرگە ئوخشاش كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان بولغاچقاگۆشتىن پۇشۇرۇلغان كاۋاپ، شورپا، سۈتتىن تەييارلانغان سۈزمە، قېتىق، قۇرۇتقاتارلىقلارنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلغان. ئورخون خانلىقىدىن كېيىن يەنسەيۋادىسىدىن غەرىبكە كۆچكەن شەرىقى ئۇيغۇرلار قېرىنداشلىرى بولغان غەربىي ئۇيغۇلاربىلەن بىرلىشىپ ھازىرقى شىنجاڭ، گەنسۇ، ئوتتورا ئاسىيا قاتارلىق جايلاردا ئىدىقۇت ۋە قاراخانىيلار سۇلالىسىنى قۇرۇپمۇقىم ئولتوراقلىشىشقا يۇزلەندى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار يېزا ئىگىلىكنى ئاساسلىق ،چارۋىچىلىقنىقوشۇمچە كەسىپ قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇغداي، قوناق، ئارپا قاتارلىقلارلىقلار گۆشۋە سۈتنىڭ ئورنىنى ئېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىك خام ئەشياسى بولغان.ئۇيغۇرلار بۇلاردىن نان ، سۇيۇقئاش قاتارلىق ھەرخىل مىللى تائاملارنى تەييارلىدى.ئەڭ دوسلەپ ئۇيغۇرلار ئىستىمال قىلغان كاۋاپ، پولو. نان قاتارلىق يېمەكلىكلەرپۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسەتتى.بۇ تائاملارھازىر ياۋروپالىقلار، ئامرېكىلىقلار ھەم ئاسىيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىشىغا ئېرىشتى.
ئۇيغۇرلاربۇنىڭدىن 5000 يىل بۇرۇن ھازىرقى ئۆي ئېتىۋە ئۆي تۆگىسىنىڭ ئەجدادى بولغان ياۋا ئات ۋە ياۋا تۆگىنى كۆندۈردى. شۇنىڭدىنتارتىپ تۆگە تا ھازىرغىچە قۇرغاق رايونلاردىكى خەلىقلەرنىڭ ئەڭ ياخشى قۇرۇقلۇققاتناش قورالى بولدى. ئات بولسا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى سۈپىتىدە تاكىسانائەت ئىنقىلابىغىچە ئەڭ ياخشى قاتناش قورالى بولدى. دەھشەتلىك جەڭلەردە ئېگىسىبىلەن ھايات- ماماتتا بىللە بولدى. ئۇيغۇرلار ئاتنى كۆندۈرگەندىن كېيىن مىنىشكەقۇلايلىق بولىشى ئۈچۈن ئۈزەڭگە ۋە ئېگەرنى ياساپ چىقتى. قەدىمقى ئۇيغۇرلار ئات بىلەن.ئوينىلىدىغان ئويۇنلاردىن چەۋگەن توپ، بەيگە، ئوغلاق تارتىشىشنى ئىجاد قىلدى.كېيىن يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەقى قىلىشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرلار بۇغدايدىن چىققانساماننى ئىككى قۇلاقچىغا تىقىپ ئاندىن بۇ ئىككى قۇلاقچىنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ تىكىپتوپ قىلىپ ، ئىككى توپقا بۆلۈنۈپ تېپىپ ئوينىدى. ئەجدادلىرىمىز بۇ ئويۇننى قاپقاتوپ دەپ ئاتىغان بولۇپ پۇتبولنىڭ ئەڭ ئىپتىدائى شەكلى ئىدى. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭدۇنيانىڭ قاتنىشى ۋە تەنتەربىيە ساھەسىگە كۆرسەتكەن تەسىرى.
يەنسەي ۋادىسى سىبرىيىگە يېقىن بولغاچقاقىش كېچىلىرى ناھايتى سوغۇق بولغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار كارۋاتنىڭ ئاستىغائۈستى يېپىق ئوچاق سېلىپ ئاندىن ئوچاققا ئوت قالاپ ئىسىنىپ ئۇزۇن ھەم سوغۇق قىشكېچىلىرىنى ئۆتكۈزگەن. بۇ خىل كارۋات ھازىر بىزگە كاڭ دېگەن ئاتالغۇ بىلەن يېتىپكەلدى. بۇ ھازىرقى بىنا ئويلەردىكى پارنىڭ رولىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى مەدەنىيەتكە ئەڭ بۇرۇنكىرگەن مىللەتلەرنىڭ بىرسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھازىرقى ئىلىم-پەننىڭ ئاساسىنى بارلىققا كەلتۈردى. يېقىندا تۈركىيەئالىملىرى مەتبەئەنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ھازىرقەغەز ياسىغان سەيلۇننىڭمۇ ئۇيغۇرلىقى توغرىسىدىكى قاراش ئوتتورغا چىقىپ بەزىدەلىللەر كۆرسۈتۈلدى. داڭلىق ئالىم گېڭ شىمىڭ ئۆز كىتابىدا ‹‹مىلادىيە 2-ئەسىرلەردە ئۇيغۇرلاردا قەغەزچلىك پەيدا بولغان ›› دەپ يازغان. بۇ ۋاقىت سەيلۇنقەغەزنى كەشىپ قىلىپ ئۇزۇمىغان دەۋرلەرگە توغرا كېلىدۇ. كېيىن خوتەنلىك ئۇيغۇرلارخوتەن قەغىزىنى ئىشلىدى. خوتەن قەغىزى ئىلگىرىكى قەغەزلەرگە قارىغاندا ئاق ھەمسۈپەتلىك بولۇپ،ئەينى دەۋردە ناھايتى كەڭ تارقالغان. خوتەن قەغىزى ياسايدىغانئۇستىلار تا ھازىرغىچە بار بولۇپ، كىشىلەر ھازىر يەنىلا سېتىۋالماقتا. ئالىملار دۇنخۇاڭمىڭ ئۆيلىرىدىن ئېگىزلىكى ، قېلىنلىقى، كەڭلىكى ئوخشاش بولغان، قاتتىق ياغاچتىنياسالغان، نەپىس،نازۇك،مىلادىيە 11 –ئەسىرلەردىكى مىخ مەتبەئە ھەرپىدىن نەچچەيۈزنى تاپقان. بۇ شىنجاڭدا 5 –ئەسىرلەردىن 12 –ئەسىرگچە مەتبەئەنىڭ ناھايتىگۈللەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
قەدىمقى ئۇيغۇرلار ئورخون خانلىقى دەۋرىدەبىرخىل يېزىق ئىجاد قىلغان بولۇپ، بۇ يېزىنى پۈتكۈل تۈركىي مىللەتلەر قوللانغان.قاراخانىيلار دەۋرىگە كەلگەندە ، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىنى قوبۇلقىلىپ، يولغا قويغاندىن كېيىن ئەرەب تىلى تەدرىجىي تۈرك تىلىغا سىڭىپ كىرىپ تۈركتىلى يوقۇلۇشقا يۇزلەندى. شۇنداق شارائىتتا مەھمۇد كاشغەرىي ‹‹دىۋانە لۇغەتىتتۈرك››نى يېزىپ تۈرك تىلىنى قۇتقۇزۇۋالدى. ‹‹دىۋانە لۇغەتىت تۈرك›› بولسا تۈركتىلى ۋە ئەرەب تىلىنىڭ سېلىشتۇرما لۇغىتى ۋە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ خەلق ئېغىزئەدەبىياتىنى، تۇرمۇش رىتىمىنى، ئەنئەنىۋى ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى، خاتىرلىگەن قامۇسبولۇپ، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تۇنجى سىستىمىلىق لۇغىتى ئىدى. قاراخانىيلار سۇلالىسىمۇنقەرز بولۇپ، موڭغۇللار ئوتتورا ئاسىيانى ئىشخال قىلغاندىن كېيىن، چىڭگىزخانئۇيغۇر يېزىقىنى قوبۇل قىلىپ دۆلەت يېزىقى قىلدى. ئۇيغۇر ئالىمى تاتاتۇڭانى موڭغۇلخانزادىلىرىگە ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگۈتۈشكە قويدى. كېيىن ئۇيغۇر يېزىقىنى مانجۇ، شىبەقاتارلىق مىللەتلەر .ئۆگۈنۈپ ئۆزىنىڭ يېزىقى قىلىۋالدى. يۈەن سۇلالىسىنى قۇرغانقۇبلايخان گەرچە ئۇيغۇريېزىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ يېڭى يېزىق تۈزگۈزگەن بولسىمۇ،موڭغۇللار بۇ يېزىقنى قوبۇل قىلمىدى. خۇددى ‹‹ئىستىلا قىلغۇچى مىللەت ئۆزى قۇلقىلغان مىللەتنىڭ مەدىنىيىتى تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىنىدۇ›› دېگەندەك كېيىن شىنجاڭغاھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغاتاينىڭ ئەۋلادلىرى تەدرىجى تۈركلىشپ كەتتى. تۈركلەشكەنچاغاتاي ئەۋلادلىرىدىن ئەمىر تۆمۈرنىڭ نەۋرىسى ئۇلۇغبەگ دەۋرىگە كەلگەندەئۇيغۇرلاردا ئىلىم-پەن ناھايتى گۈللەندى. ئۇلۇغبەگ ئۆزى باش بولۇپ سەمەرقەنتتەرەسەتخانا قۇردى. بۇ رەسەتخانا ئەينى چاغدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ رەسەتخانائىدى. ئۇلۇغبەگ ئاسماندىكى 148 يۇلتۇزنىڭ ھەركىتىنى ئېنىقلاپ يۇلتۇزلار خەرىتىسىنىسىزىپ چىقتى. قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسترونومىيىدىكى يەنە بىر مۇۋاپىقىيىتى شۇكىئۇلار 12 مۆچەللىك كالىندارنى تۈزۈپ چىقتى. بۇلار بولسا قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يېزىق ۋە ئاسترونومىيەدىكىمۇۋاپىقىيەتلىرى.
مىلادىيە 8- ئەسىرلەردە ئۇيغۇرلاردا ئەدەبى–سەنئەت ناھايتى گۈللەنگەن بولۇپ ، ئۇيغۇر مىللى چالغۇ ئەسۋابلىرىدىن نەي، غېجەك ،ئۇسسۇللاردىن شىر ئۇسسۇلى، پىرقىرىما ئۇسسۇللار شىنجاڭدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگەتارقىلىپ جۇڭخۇا مەدىنىيىتىنى تېخىمۇ بېيىتتى. بۇ ھەقتە ئاتاقلىق تاڭ شائىرى بەيجۈيىنىڭ شېئىرلىرى بار.
ئۇيغۇرلاردىن قاراخانىيلار دەۋرىدە چىققانبۈيۈك مۇتەپەككۇر، پەيلاسوپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ‹‹قۇتادقۇ بىلىگ›› ناملىق ئەسىرىدەتەپەككۇرنى مېڭىنىڭ مەھسۇلى دەپ قارىدى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئارىستوتىل قاتارلىق داڭلىق پەيلاسوپلارتەپەككۇرنى يۈرەكتىن چىقىدۇ دەپ قارىغانىدى. ھالبۇكى ھازىرقى زامانپەن-تېخنىكىلىرى تەپەككۇرنىڭ مېڭىدىن چىقىدىغانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.ئۇيغۇر-قارلۇق ئالىمى ئەل فارابى كۆپلىگەن پەلسەپە ئۇقۇملىرىنى يېڭىلاپ‹‹ئارىستوتىلدىن كېيىنكى ئىككىنچى ئۇستاز››دەپ تەرىپلەندى. ئۇيغۇرلاردىن چىققانئەلىشىر نەۋائى ئەرەب، پارس، تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى شېئىرىيەت پەللىسىنىياراتتى. بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت، پەلسەپەدىكى مۇۋاپىقىيەتلىرى.
تۇرپان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىسسىق رايونلارنىڭبىرى بولغانلىقى ئۈچۈن سۇنىڭ پارلىنىشى تېز، ھاۋاسى قۇرغاق. شۇڭا سۇ يېتىشمەسلىكئەھۋالى ئېغىر. قەدىمقى ئۇيغۇرلار بۇ مەسىلىنىمۇ ئۈنۈملۈك ھەل قىلغان. ئۇلار كارىزچېپىپ ، سۇنى كارىز ئارقىلىق باغ، ئېتىزلارغا باشلىغان. ئۇنىڭدىن باشقادەرەخلەرنىڭ يېنىغا بىردىن قاپاق ئېسىپ، بۇ قاپاقنىڭ ئۈستىنى ئېتىپ ئاستىدىن كىچىكبىر تۆشۈك تېشىپ قويۇپ سۇ قاچىلىغان. بۇنىڭ بىلەن سۇ ئاستا-ئاستا تامچىپ چۈشۈپدەل-دەرەخلەرنىڭ ئۇسسۇزلۇقى قاندۇرۇلۇش بىلەن بىرگە سۇنىمۇ تېجەپ قالغان. بۇ سۇئىنشاھاتى قۇرلۇشى ھازىرقى تېمىتىپ سۇغۇرۇش ئىنشاھاتىنىڭ ئاساسىنى ياراتتى.
بىلىمىمنىڭ يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن قوشۇلۇپ قالغان ياكى كەم قالغان تەرەپلەربولۇشى مۇمكىن. تورداشلارنىڭمۇ ئۆزىنىڭ بىلىدىغىنىنى يوللاپ تەڭ ئورتاقلىشىشنىئۈمىد قىلىمەن.
ئاپتۇرى: ئەخمەت جان ئەنۋەر
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# r! e- J7 j$ J. M U1 u' S/ z