ئانامنىڭ بولسۇن
مۇرادجان مۇختەر نائىل
ئامان قىلىپ ئەي يارەب،قەندەك ئانامنى
كۈلكە بەرسەڭ ئەڭ ئاۋال ئانامنىڭ بولسۇن
نۆۋىتىدە ئەجەلنىڭ مەن جانلار بىرەي
ھىمايەڭدە شۇ ساقلىق ئانامنىڭ بولسۇن
تامايىم يوق باشقىچە،جاپادا بولاي
شۇ جاپانىڭ راھىتى ئانامنىڭ بولسۇن
مىھنىتىدىن ئاي خىجىل دۇنيا ھەۋەستە
ئاشۇ چولپان رۇخسارى ئانامنىڭ بولسۇن
ئاق سۈتلىرى ئىمان بوپ يۈرەككە تامدى
پەرىشتىدەك ئەزىزىلىك ئانامنىڭ بولسۇن
قىممىتى ھەم ئىززىتى ئىككى ئالەملىك
بارچە دۇئا بەركەتلىك ئانامنىڭ بولسۇن
ئالاقىلاشسىڭىز : 545140843
رەھمەت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Azizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-8 12:52 AM