مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 373|ئىنكاس: 7

ئوقۇغۇچىلارغا پايدىلىق كۆرسەتمىلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102447
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2014-1-18
ئاخىرقى: 2014-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 07:51:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئوقۇغۇچىلارغا پايدىلىق كۆرسەتمىلەر


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" M( r: v* D% B3 q; ~, O* e


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, V# q3 l6 G/ V5 I

بارلىق ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر. دۇرۇت ۋە سالام پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا بولسۇن.

ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغاندەك ئوقۇش ئىبادەتلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كاتتا ئىبادەت. ئوقۇش ئارقىلىق ياراتقان رەببىمىزنى، پەيغەمبىرمىزنى جۈملىدىن دىنىمىزنىڭ ئىچكى قىسىملىرىدىن تارتىپ تولۇق چۈشىنىپ يىتىمىز.

شۇنىڭ ئۈچۈن بولسا كېرەك، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: « بىلگىنكى، ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق» دېگەنىدى. دەرۋەقە شۇنداق!  بىلىپ، چۈشىنىپ ئىتراپ قىلىش بىلەن يۈزەكى ھالدا ئىتراپ قىلىشنىڭ پەرقى بار. دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ قانچىلىغان مۇسۇلمانلىرىمىز بىلىش، چۈشىنىش، ئوقۇش يولىدا جاپا تارتمىدى، بەدەل تۆلىمىدى، قۇربان بەرمىدى. ئۇلار جاپا تارتقانىدى، بەدەل تۆلىگەنىدى. بەدەل تۆلىگەندىمۇ ھەممە كىشى مۇسۇلماننىڭ شۇ قەدەر جۈرئەتلىك ئىكەنلىكىگە ھەيران قالغۇدەك دەرىجىدە قۇربانلىقلارنى بەرگەنىدى. ھەم قۇربانلىقلارنىمۇ بەرمەي بولمايتتى.

چۈنكى ئۇلار ئىسلامنى، پەيغەمبەرنى مۇكەممەل چۈشىنىشنى ئويلىغان كىشىلەر ئىدى. ئۇلار ھەقىقى ھاياتلىقنىڭ قۇرئاندىن باشلىنىدىغانلىقىنى، قۇرئانسىز ھاياتتا نە تەم، نە لەززەت بولمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇلار جاھىلىيەتنىڭ قاراڭغۇ زۇلمەتلىرىدە تىڭىرقاپ قالغان بۇ ئۈممەتنىڭ ھالىغا قاتتىق ئىچىناتتى. ھەم ئىچىنمايمۇ تۇرالمايتتى. كۈنسايىن قۇرئاندىن، ئىسلامدىن، دىنى مائارىپتىن شىددەت بىلەن يىراقلىشىۋاتقان بۇ ئۈممەت ئۈچۈن ئىچىنىش، قايغۇرۇش ھەر بىر ئاقىل مۇسۇلماننىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەجبۇرىتى ئىدى. ھالقىلىق پەيتدە ئۈممەت ئۈچۈن ئىچىنىش، قايغۇرۇشنىڭ ئۆزىمۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بېرەلمەيدۇ. ئۇنىڭ بىردىن-بىر ئامالى چارە-تەدبىر قوللىنىش ۋە مۇنتىزىم، سېستىملاشقان نىشان تۇرغۇزۇپ قاراڭغۇ زۇلمەت ئىچىدە سوقۇۋاتقان يۈرەككە مەشئەل يېقىپ بېرىشتىن ئىبارەتتۇر.

ئەنە شۇلار ئۈممەت ئۈچۈن مەشئەل بولغانىدى. ئۈممەتنىڭ سۈيىدە ئاققان، ئوتىدا كۆيگەن ئىدى. ئۇلار ئۈممەتنى جاھىلىيەتنىڭ زۇلمەتلىك قاراڭغۇ ھاڭلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قۇرئانغا قايتىش، دىنى مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش، يۈرەكنى ئاقارتىش قاتارلىق پېرىنسىپ، شۇئارلارنى ئوتتۇرغا قويغان ۋە ئۆزلىرى باشلامچى بولۇپ ئىجرا قىلىپ بەرگەنىدى.

ئۇلارنىڭ باشچىلىقىدا نۇرغۇن ياشلار ۋە كونا پىكىر-ئېقىمدىكى كىشىلەر ھەقىقەتنى قايتا تونۇپ يىتىپ قۇرئان ۋە سۈننەتكە قايتىۋالغانىدى. ئۇلار ئۈممەتنى ئىسلاھ قىلىش، يۈرەكنى ئاقارتىش ئۈچۈن مىھنەتسىز خىزمەت قىلغان، بەدەل تۆلىگەن، شەھىد بولغان مەرىپەتۋەر ئاۋانگراتلاردۇر. ئۇلار ھازىرغا قەدەر ئەسلىنىپ تۇرغان « ئابدۇ قادىر داموللام» « ئابدۇ خالىق ئۇيغۇر » « سابىت داموللام » قاتارلىق ئۈممەتنىڭ يۈرەكلىرىنىڭ قات-قىتىدىن ئورۇن ئالغان ئالىملىرىمىزدۇر. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ قىلغان خىزمەتلىرىنى سەدىقە جارىيەنىڭ قاتارىدا قىلغاي! ئۇلارنى دائىم ئەسلەپ تۇرىمىز.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- Y# p% I" v. [

مەقسەتكە كەلسەك:

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 {% S: x) L' T& c8 X

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قۇرئان ۋە ئەرەب تىلى ئۆگىنىش ھەققىدە شېرىن خىياللارنى قىلىدىغانلىقىنى لېكىن تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە بەك ئالدىراشلىقىنى، شۇڭا ئوقۇشقا مەخسۇس ۋاقىت ئاجىرتالمايۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدوق.

شۇ سەۋەپ ئوقۇش ئارزۇسى بار ۋە كەلگۈسىدە ياخشى، ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىپ، دىن ئۈچۈن بىر كىشلىك خىزمەت قىلىش خىيالى بار قېرىنداشلارغا كۆڭۈلدىكى سەمىمى تەكلىپلىرىمىزنى بايان قىلىش ئۈچۈن مەزكۇر ماقالىنى سۇندوق.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 `) b, W8 S! P. ?) x$ p: U2 m

1-قەدەم نىشانىڭىز ئېنىق بولسۇن.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; S$ I) G% u7 v8 A; L

قېرىندىشىم، قايسى كەسپتە ياكى قايسى بىلىمنى ئوقۇڭ، چوقۇمكى ئېنىق نىشانىڭىز بولسۇن. ئېنىق نىشان-غايە تۇرغۇزماي تۇرۇپ قەدەم ئالسىڭىز خۇددى قايسى يۆلىنىشتىن كۈچلۈك شامال چىقسا، شامال ئىتتىرگەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ ماڭغان دېڭىزدىكى كىمىگە ئوخشاپ قالسىز. سەمىڭىزدە بولسۇنكى، دېڭىزدا ئېنىق نىشان بويچە ئىلگىرلىمەي، شامالنىڭ يۈلىنىشكە قارتا ماڭغان كىمە مەگگۈ قىرغاققا ئۇلىشالمايدۇ.

قېرىندىشىم، ئەگەر سىز ئەرەب تىلى ئۆگىنىشنى مەقسەت قىلغان بولسىڭىز، چوقۇمكى سىزدە نېمە ئۈچۈن ئەرەب تىلىنى تاللىغانلىقىڭىز، نەچچە يىل ئوقۇيدىغانلىقىڭىز، پۈتۈن كۈن ياكى ئىشتىن سىرتقى چاغلاردا ئوقۇيدىغانلىقىڭىز ھەققىدە ئېنىق نىشان بولسۇن.

ئېنىق نىشانىڭىز بولسا سىز قىلماقچى بولغان ئىش ئەمەلگە ئاشىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « ھەر قانداق ئىش نىيەت-نىشانغا قارتا بولىدۇ. ئىنسان نېمىنى نىشانلىغان بولسا شۇنىڭغا ئېرىشىدۇ.» دېگەنىدى. دەرھەقىقەت شۇنداق! سىز تىل ئۆگىنىشنى ھەقىقى نىشان قىلغان بولسىڭىز شۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز. شۇنداقلا تىل ئۆگىنىشتىن نېمىنى مەقسەت قىلغان بولسىڭىز، شۇنىڭغا ئېرىشىسز. مەسلەن: تەرجىمانلىق، دىنى مائارىپ قاتارلىقلار...


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 p0 E$ r/ b9 J# x, n- ?3 f. Y

قېرىندىشىم، سىز نىشان بەلگىلىگەن ئىكەنسىز، نىشان-غايە ۋە ئارزۇ-ئۈمۈتلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرشىڭ. غەلبە « پو » ئاتقۇچىلارغا ۋە لاپ ئۇرغۇچىلارغا ئەمەس بەلكى ئەمەلى ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسەتكۈچىلەر ۋە ئاز بولسىمۇ توختىتىپ قويماي داۋاملاشتۇرغۇچىلارغا مەنسۇپدۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: « ئىش-ھەركەت ۋە ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى، ئاز بولسىمۇ داۋاملىشىپ تۇرغۇنىدۇر.» دېگەنىدى.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 J) g) y3 W5 W( L: N

ئۆتتى نۇرغۇن يىل بىلىم بابىدا يەنە مەن ناداندۇرمەن،

بىلسەم، ئەسلى سامادا نىشانسىز ئۇچقان قۇش ئىكەنمەن.

ئۆگەتتى رەسۇلۇللاھ ئەمەل قىلاي، ھەر ئىشنىڭ باشى نىشاندۇر.

نىشان ئېنىق، بىلىم ئالاي، چۈنكى مەن پەيغەمبەر ئىزباسارىمەن.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! Q; C# S2 F* _1 K3 J* |


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" n+ d5 p: M/ X, s3 z

2-قەدەم ئوقۇش ۋاقتىڭىز ئېنىق، سېستىملىق بولسۇن.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# Y0 o: k$ t: Q; G! W% k

ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك جەمىيەت ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان ھازىرقى دەۋىردە بىلىم ئېلىش ئىلگىرىكى چاغلاردىن كۆرىنەرلىك ئاسان بولدى. كىشىلەر ئۆيدە تۇرۇپمۇ بىلىم ئېلىش مۇمكىن بولىدىغان قولاي شارائىتتىن بەھىرلىنۋاتىدۇ. بۇمۇ ئاللاھ تائالانىڭ بىزگە بەرگەن ئۇلۇغ نىئمىتى ئەلۋەتتە.

قېرىندىشىم، ئەگەر سىز بىر ئۆي بېشىغا كىيىلمىگەن، تۈرلۈك ئائىلە بېسىملىرىغا دۇچ كەلمىگەن خۇسۇسەن تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە قاتراپ يۈرمەيدىغان ۋە پۈتۈن كۈن دەرىس ئۆگىنىشكە ۋاقىت ئاجىرتالايدىغان ئەركىن بىرى بولسىڭىز، ۋاقتىڭىزنى قەدىرلىشىڭىزنى ۋە مۇشۇ ئەزەللىكنى غەنىمەت بېلىپ كۆپرەك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئۆتكەن ۋاقىت ئىتىلغان ئوقتۇر. چىكىلداۋاتقان ھەر بىر دەقىقە سىز ئۈچۈن تارىخقا ئايلىنىدۇ. بۈگۈن ئۆتتى، ئەتە بۈگۈنكى «بۇ كۈن» سىزگە قايتا كەلمەس تارىخ بولۇپ قالىدۇ. ھازىر سىزدە قاراپ ئاھ ئۇرۇپ ئىچىنىدىغان ياكى خوشاللىقتا ھاياجانلىنىدىغان تارىخ يارتىش ئەركىنلىكى بار!


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( i! [9 q2 j2 ?$ L9 p3 D

ئۆتىدۇ ھايات ئالماي رۇخسەت سېنىڭدىن،

ئۆتكەن كۈن قايتا يوقتۇر بىپەرۋا بولما بۇنىڭدىن.

تۇرسا ئالدىڭدا كۆپ پۇرسەت بىخود يۈرۈپسەن،

ئەجەل يەتكەندە ئاھ ئۇرۇپ ئۆتۈنەمسەن رەببىڭدىن.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) Y2 `% @, Z9 }$ T' l6 s( p- \

قېرىندىشىم، ئەگەر سىز تىجارەت قىلىدىغان سۆدىگەر، مۇقىم خىزمەت قىلىدىغان خادىم، دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جاپاكەش دېھقان، بالا بېقىش ۋە ئائىلىدىكى تۈگىمەس ئۇششاق-چۈشەك ئىشلىرى كۆپ ئائىلە ئايالى، ياكى ئاللىقانداقتۇر ئىشلىرى كۆپ بىر شەخس بولسىڭىز، ئېنىقكى سىزنىڭ ۋاقتىڭىز تامامەن ئاز. كۈندۈزدە سودا، خىزمەت ۋە باشقا ئىشلار تۈپەيلى ئوقۇشقا ۋاقتىڭىز چىقماسلىقى مۇمكىن.

نۇرغۇن كىشىلەر بىر ئائىلە بېشىغا كىيىلىپ قالغانلىقىنى باھانە قىلىپ ئوقۇشتىن يالتايدى. ماھىيەتتە ئائىلىسى بارلارنىڭ ئوقۇشى ئەمەلىيەتكە زىت ئىش ئەمەس ئىدى. بۇ يەردىكى مەسىلە سىزنىڭ ۋاقىتنى قانداق ئورۇنلاشتۇرشىڭىز ۋە ئوقۇشنى قانچىلىك ياخشى كۆرىشىڭىزدە. چۈنكى ۋاقىت چىققاندا ئوقۇش بىلەن ۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇشنىڭ پەرقىنى سىزمۇ بىلىشىڭىز مۇمكىن.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 Z6 ]6 n  A# q! `, z8 G6 R6 K

قېرىندىشىم، سىز كۈندۈزدە ئوقۇشقا ۋاقىت چىقمىغانلىقى ئۈچۈن مەن ئۈچۈن ئوقۇش مۇمكىن ئەمەس دەپ ئويلاۋاتامسىز؟! ئويلاپ بېقىڭ، سىزچە ئوقۇپ نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلەر ھېچ ئىش قىلماي مەخسۇس ئوقۇغانلارمىدۇ؟ ئەجىبا ئۇلار تۇرمۇش غىمىنى قىلمايدىغان ئادەملەرمىدۇ؟

سىز ھاياتىڭىزدا بىراۋنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ باققانمۇ؟ مەشۇقىڭىز ھەققىدە رومانتىك شېرىن خىياللار دېڭىزىغا غەرق بولۇپ تالاي كىچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۈپ باققانمۇ؟ ھېچ بولمىسا باشقىلاردىن ئۇلارنىڭ بىر-بىرگە بولغان مېھرىنى، سۆيگۈسىنى ئاڭلاپ باققانسىز. بەلكىم سىز ئاشىقلىقنىڭ تىپىك مىسالىمۇ تېخى؟!

ھەر بىر ئىشنى قىلىش ئۈچۈن مۇھەببەت بولىدۇ. مەسلەن: سىز مەشۇقىڭىز ئۈچۈن تالاي كىچىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزدىڭىز. چۈنكى سىز ئۇنى خىيال قىلىشنى بەخىت دەپ بىلىسىز. كۆڭلىڭىز ئارامىدا بولمىسا ئۇنىڭ تەبەسسۇمىنى كۆرۈش سىزگە خوشاللىق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. چۈنكى سىز ئۇنى ئۆزىڭىزنىڭ بىر قىسمى دەپ ئويلايسىز. ئۆزىڭىزنىڭ بىر قىسمىدىن ئايرىلىشنى ھەرگىز خالىمايسىز. ئىھتىمال مەشۇقىڭىزغا ئېرشىش ئۈچۈن رومانتىك ۋە تىراگىدىيەلىك پېلان سوقۇپ تالاي كىچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزىشىڭىز مۇمكىن.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 b' P: {  b! V

قېرىندىشىم، سىز ئوقۇشنى ياخشى كۆرەمسىز؟ مەشۇقىڭىزنى ياخشى كۆرگەندەك كۆرەمسىز؟ مال-دۇنيانى ياخشى كۆرگەندەك كۆرەمسىز؟ بەزىلەر سۆيگۈ-مۇھەببەت ئۈچۈن، مال-دۇنيا ئۈچۈن تالاي كىچىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزدى. سىز ئوقۇش ئۈچۈن قانچە كىچىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۈپ باقتىڭىز؟


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" @0 v5 Q, l2 ^4 {. Z* z1 c

قېرىندىشىم، ئىلگىرى ئويلىمىغان بولسىڭىز ھازىردىن باشلاپ ئويلاپ كۆرۈڭ. دەڭسەپ كۆرۈڭ. سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ. قانداق كۆرەلىسىڭىز شۇنداق كۆرۈڭ. كۈندۈزدە جاپا-مۇشەققەتتە ھارغىچە ئىشلەپ كەچ بولغاندا مەشۇقى ئۈچۈن كىچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەنلەرنى ئوبدان كۆرۈڭ. كۈندۈزى قىلىدىغان ئىشىم، تېريدىغان يىرىم، باقىدىغان بالام بار دەپ ئوقۇشتىن يالتايغان، ئەمما كىچىلىرى نەچچە سائەت كىنو-فىلىم كۆرگەنلەرنىمۇ تەپسىلى كۆرۈڭ. قانداق كۆرەلىدىڭىزمۇ؟ مىنىڭچە كۆرەلىدىڭىز. كۆرگەندىمۇ ئۆتكەن ھاياتقا پۇشايمان قىلغۇدەك كۆردىڭىز. بەلكىم ئەنە شۇ كىشى سىز بولۇپ قىلىشىڭىزمۇ مۇمكىن!

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% F  u1 ?- p; _* K

قېرىندىشىم، سىز ئوقۇشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئوقۇشنى ھاياتىڭىزنىڭ بىر قىسمى دەپ بىلسىڭىز، ئاللاھ خالىسا چوقۇمكى سىزگە دەرىس ئوقۇغۇدەك ۋاقىت چىقىدۇ. ئۈمۈتۋار بولۇڭ. ئالدى بىلەن ئوقۇشقا نىشان تىكلەڭ. ئوقۇشنى ۋۇجۇدىڭىز بىلەن ياخشى كۆرۈڭ. ئاندىن سىزگە ۋاقىت قۇچاق ئاچقۇسى!

مەسلەن: كۈندۈزى تۇرمۇش ۋە باشقا ئىشلار تۈپەيلى ئوقۇيالمىسىڭىز، كەچ تەرەپتە ئوقۇڭ. كەچ ۋاقىتى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئالتۇن پۇرسەت. ئوقۇش ئۈچۈن جاپاغا چىداش كېرەك. كۈندۈزدە 10 مىنۇت ۋاقىت چىقىپ قالسىمۇ سەل قارماڭ، ھېچ بولمىسا 10 مىنۇت جەريانىدا دەرىسىڭىزنى بىر قىتىم كۆرەلىشىڭىز ياكى يېڭى سۆزلەرنى يادلىۋېلىىشىڭىز مۇمكىن.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 z# b  X4 b  Y

3- قەدەم ھازىرقى ئەھۋالىڭىزنى سەۋەپ قىلىپ دەرىستىن چىكىنمەڭ.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* M' k8 O: t5 x

ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك، ئوقۇش يولىغا قەدەم باسقان كىشىلەر ئارسىدا ئەسلى تۇتۇش قابىلىتى ياخشى ياكى ناچار، ياشتا چوڭ ياكى كىچىك كىشىلەر بار. بىر مەزگىل ئوقۇپ ماڭغاندىن كىين دەرىس سەل قىيىنغا توختىسا، ئۆزىنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ياكى ياشتا چوڭ بوپ قالغانلىقىنى باھانە قىلىپ دەرىستىن چىكىندىغانلارمۇ پەيدا بوپ قالىدۇ.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! ]/ _" W4 l( d% N# ~

ئەسلى تۇتۇش قابىلىتىنىڭ ياخشى؛ ناچار بولىشى تەبى ئەھۋال. بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە تىرىشچانلىقتا. سىزدە 10 سومغا 1000 سومنى قوشسا نەچچە پۇل بولىدىغانلىقىنى پەرق ئەتكۈدەك ئەقىل بولسا، دېمەك سىز ھەممىنى ئۆگىنەلەيسىز. شۇنداقلا سىزدە ئائىلىدىكى بەزى مۇھىم مەسىلىلەرگە جاۋاپ تاپقۇدەك روھ بولسا، دېمەك سىز دۆت ئەمەس. سىزنى دۆت قىلىۋاتقان نەرسە، دەل سىزدىكى كەلگۈسىدىن قورقۇش كېسىلى. ئوقۇشنى ئاخىرغا ئېلىپ چىقىشتىن كۆزىڭىز قورقتى. قورقتى ئەمەس؛ بەلكى شەيتان قورقۇتتى.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* `/ G7 \# V8 ^9 ~

ئۇ قۇلاق تۈۈىڭىزدە، «سەن چوڭ بوپ قالدىڭ، ئەمدى ئۆگىنەلمەيسەن. ئوقۇمىساڭمۇ سەن بىر مۇسۇلمان. دەرىسنى تاشلا، ئوقۇش دېگەننى قوي. كىين ئوقۇۋالساڭمۇ بولىدۇ، ئالدىڭدا پۇرسەت بار. كورىيەنىڭ كىنوسىنى كۆرۈپ قوي، تۇرمۇش ئۆگىنىسەن، لايىق ئىزدەپ كوچا قالماي ئىتتەك يۈگىرەيسەن. ئوقۇمىسام ئۆزۈمگە يۈز كېلەلمەيمەن دەمسەن؟ ئۇنداق ئەمەس، ئائىلەڭنىڭ ئىشىنى كىم قىلىدۇ؟ قار ياغدى، قار تازلىمىساڭ بولماس. يامغۇر ياغدى، ئۆگزىگە چىقىپ سۇلياۋ ياپمىساڭ بولماس. نېمە دېگەن چىرايلىق ئېچىلغان پاختا-كېۋەزلەر، پاختا ئۈزمىسەڭ بولماس. ئايالىڭ ياقاڭغا ئېسىلىدۇ، پۇل تاپمىساڭ بولماس. ماڭ بازارغا بار، دۇكان ئاچ. ئوقۇغاچ ئىشلىرىمنى قىلىمەن دەمسەن؟ مۇمكىن ئەمەس، ئايالىڭ تۇغىدۇ، بېشىدا پاي-پىتەك بولمىساڭ بولماس. ئۈمۈتنى ئۈز، دەرىسنى تاشلا. ئەمدى چوڭ بوپ قالدىڭ، زىھنىڭ يەتمەيدۇ. پۇل تاپ، يۈز تاپ، كۆزۈڭنى ئاچ، ئىلىمسىز سۆزلەپ زالالەت ئۇرۇقىنى چاچ. دەرىسخانىدىن، ھەق سۆز ئورۇنلىرىدىن، ئوقۇشتىن قاچ، قانداق قاچىمەن دەمسەن؟ قورقما، مەن سەن بىلەن بىرگە قاچىمەن. مىنىڭ قىچىشتا تەجرىبەم بار، سەندەكلەرنى تولا قاچۇرغانمەن. كەل، بىللە قاچىمىز، يۈگۈرەپ قاچىمىز، كەينىمىزگە قارماي قاچىمىز. ھاسىراپ تىلىمىز ساگگىلاپ قالغىدەك قاچىمىز.» دەپ پىچىرلايدۇ.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ \& y! J0 g5 h- M/ C/ {# j; R

ئۇ ۋەسۋەسە سالدى، ئازدۇردى، ئۆگىنەلمەيسەن، قولۇڭدىن كەلمەيدۇ دېدى. چۈنكى شەيتان سىزنىڭ ئۆگەنمەسلىكىڭىزنى، دەرىس تاشلىشىڭىزنى، كەلگۈسىدە يارامسىز ئادەم بولۇپ چىقىشىڭىزنى تولىمۇ خالايتتى.

قېرىندىشىم، دەرۋەقە ياشتا چوڭ بوپ قالسا ئوقۇش ھەقەقەتەن تەسكە توختايدۇ. لېكىن مۇتلەق ئوقۇغىلى بولمايدىغان ئىش يوق. بۇ سىزدىكى تىرىشچانلىققا باغلىق. تىرشىڭ، ئاللاھ ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگۈچىدۇر، دۇئا قىلىڭ، ئاللاھدىن سوراڭ، دەرىسنى كۆپ تەكرا قىلىڭ. ئاللاھ ئۆزى ئاسان قىلىدۇ.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( E7 h5 @3 X' p- w4 P/ [% @& V

ئىلىم ئىشقى قىلدى مىنى مەھلىيا ئۆگىنىش بۇرچۇمدۇر،

زور ئىشتىياق بىرلە كىرىشتىم، ئەمما زىھىن ئاجىزدۇر.

يۈرەكتە ئارزۇ، نىشان ئېنىق بوشاشمايمەن تائەبەت،

چۈنكى ئاللاھ ئۈمۈتۋار قەلبكە ئاسانلىق بەرگۈچىدۇر.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 L. g5 I' H' D( ~% b# a

قېرىندىشىم، ھازىر شارائىت تولۇق تۇرۇپتۇ. سىزدە ئوقۇشقا پەقەت ۋاقىت يوقمۇ ئەمەس. بەلكىم سىز بۇرۇندىن بېسىم بىلەن ئوقۇپ كۆنۈپ كېتىپ، بېسىم بولمىسا ئوقۇمايدىغان ھالەتكە ئادەتلەنگەن بولىشىڭىز مۇمكىن. ناچار ئادەتنى تاشلاڭ. دەرىس ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىڭ. كىنو كۆرۈپ ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ. مەقسەتسىز ھالدا توربەت ئاقتۇرۇپ يۈرمەڭ. ۋاقتىڭىز ئۆتكىنى ئۆتكەن بولىدۇ...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Abu-Bahadir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-7 07:57 PM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 v/ D3 q6 ~0 q- W) _% z9 b2 b4 B* ?بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& D$ D! ?/ o# V% s

ئۇيغۇر ئوغلى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 3756
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16008
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1328 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 01:17:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم شۇنداق ئېسىل تېما يوللاپسز. ئويلىنىشقا تېگىشلىك!

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98904
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4197
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 530 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 12:25:46 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        مۇشۇنداق نادىر تېمىلار پات-پات چىقىپ تۇرسا بەك ياخشى بولاتتى. ھەقىقەتەن ئادەمگە ئىلھام بېرىدىكەن. ئاللاھ رازى بولسۇن قېرىندىشىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7151
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 02:57:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ ياقتۇردۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102879
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 252
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2014-1-28
ئاخىرقى: 2014-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 03:09:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن نادىر تېمىكەن......

ئى رەببىم مېنىڭ غېمىم بار دېمەي،ئى غەم مېنىڭ رەببىم بار دېگىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103087
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 269
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2014-2-2
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 10:16:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ رەھمەت ھازىر مۇشۇ ئككى يول ئارىسىدا تىڭىرقىغان ياشلارغا ياخشى يول كۆرسەتكۈدەك ئەسەركەن !

[/cئۆلۈم يېتەرلىك نەسىھەت!!!olor]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102551
يازما سانى: 727
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2027
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 106 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 01:52:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە

بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102447
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2014-1-18
ئاخىرقى: 2014-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 04:11:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن مىسرانىمداشلارغا كۆپ تەشەككۇر!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش