مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1557|ئىنكاس: 22

قاراخانىلار دەۋرىدىكى مۇھىم تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ يىلنامىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89699
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1401
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 277 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 06:26:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                   قاراخانىلار دەۋرىدىكى مۇھىم تارىخي ۋەقەلەرنىڭ يىلنامىسى

   مىلادىنىڭ 850 - يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ياغما قەبىلىسىدىن كىلىپ چىققان كۆل بىلگە قاراخان ئۇيغۇر قاراخانىلار دۆلىتىنى تەشكىل قىلدى .
   870 - يىلى ئۇلۇغ پەيلاسۇپ فارابى يەتتە سۇدىكى فاراب شەھرىدە دۇنياغا كەلدى .
   970 - يىلى بۇخارا ، سامانىيلار پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى بولدى .
   893 - يىلى كۆل بىلگە قاراخاننىڭ ئوغلى ئوغۇلچاق ئىسمايىل سامانىي بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولدى ۋە بالاساغۇندىن قەشقەرگە كەتتى .
   920 - يىلى سىتۇق بۇغراخان مۇسۇلمان بولدى .
   942 - يىلى سىتۇق بۇغراخان بالاساغۇننى قاراخانىلار تىررۇتۇرىيىسىگە قوشۇۋالدى .
   955 - يىلى سىتۇق بۇغراخان ئالەمدىن ئۆتتى ۋە ئاتۇش مەشھەدتە دەپنە قىلىندى .
   960 - يىلى يەتتەسۇدىكى ئۇيغۇر - قارلۇقلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى .
   960 - 970 - يىللىرى سىتۇق بۇغراخاننىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ ۋاختىدا ، ئىسلام دىنى قاراخانىلاردا چۇڭقۇر يىلتىز تارىتتى ۋە دۆلەت دىنى قىلىپ بىكىتىلدى .
   980 - يىلى ئۇلۇغ پەيلاسۇپ ئەبۇ ئەلى ئىبىنسىنا بۇخارادىكى ئەفشان يىزىسىدا دۇنياغا كەلدى .
   992 - يىلىقاراخانىلارنىڭ قاغانى ئەلى ئارىسلاننىڭ ئورۇن باسارى ھارۇن بۇغراخان سامانىيلارنىڭ پايتەختى بۇخارانى ئالدى .
   992 - يىلى ھارۇن بۇغراخان ئالەمدىن ئۆتتى .
   996 - يىلى قاراخانىلارنىڭ غەربىي ئىلىكخانى ناسىر، غەزنەۋىلەر ھۆكۇمرانى سەبۇق تىكىن بىلەن ماۋرە ئۇننەھىرنىڭ تىررۇتىيىسى توغرىسىدا كىلىشىم تۇزدى . كىلىشىمگە بىنائەن ، سىر دەريا ۋادىسى قاراخانىلارغا ، ئامۇ دەريا ۋادىسى غەزنەۋىيلەرگە قارايدىغان بولدى .
   998 - يىلى قاراخانىلارنىڭ قاغانى ئەلى ئارىسلانخان ئالەمدىن ئۆتتى ، ئەخمەت تۇغانخان قاغان بولدى .
   999 - يىلى غەربىي ئىلىكخانى ناسىر ، بۇخارانى ئىشغال قىلىپ ، سامانىيلار پادىشاھلىقىنى يوق قىلدى .
   1000 - يىللىرى قاراخانىلار خوتەن خانلىقىنى ئۇزۇل - كىسىل بويسۇندۇردى . يۇسۇپ قادىرخان خوتەنگە خان بولۇپ تەيىنلەندى .
   1001 - يىلى سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى غەربىي ئىلىكخانى ناسىرنىڭ قىزىغا ئۆيلەندى .
   1006 - يىلى ئىلىكخان ناسىر ، نىشاپۇر ، تۇس ۋە بەلىخنى ئالدى .
   1007 - 1008 - يىللىرى قاراخانىلار خۇراسانغا يەنە يۇرۇش قىلدى ، يۇرۇش مەغلۇپ بولدى .
   1018 - يىلى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇلۇغ پەيلاسۇپى ، تالانىتلىق شائىرى ، مەشھۇر دۆلەت ئەربابى يۇسۇپ خاس ھاجىپ بالاساغۇندا دۇياغا كەلدى .
   1018 - يىلى ئەھمەت تۇغانخان بالاساغۇننىڭ شىمالىدا، 100 مىڭ جەڭچىدىن تەركىپ تاپقان شەرىقى قىتان قوشۇنلىرىنى تارمار قىلدى ۋە ئۇلارنى قوغلاپ ئۆزلىرىنىڭ تەۋەسىگە ھەيدىۋەتتى .
   1018 - يىلى ئەھمەت تۇغانخان ئالەمدىن ئۆتتى .
   1019 - يىلى يۇسۇپ قادىرخان خۇراسانغا ھۇجۇم قىلدى .
   1024 - يىلى مەنسۇر ئارىسلانخان تەخىتتىن ۋاز كەچتى . ئۇنىڭ ئورنىغا ئەھمەت تۇغانخان 2 چىقتى .
   1026 - يىلى يۇسۇپ قادىرخان قاراخانىلارنىڭ قاغانى بولدى .
   1026 - يىلى سەمەرقەنىت يىنىدا يۇسۇپ قادىرخان بىلەن سۇلتان مەھمۇت ئىككى دۆلەت كۆڭۇل بۆلىدىغان جىددىي مەسىلىلەر ئۇستىدە سۆھبەت ئىلىپ بىرىپ ، ناھايىتى مۇھىم كىلىشىمنامە تۇزدى .
   1031 - يىلى سۇلتان مەسئۇد  قاراخانىلارنىڭ پايتەختى قەشقەرگە ئەلچى ئەۋەتتى .
   1032 - يىلى يۇسۇپ قادىرخان ئالەمدىن ئۆتتى ، چوڭ ئوغلى سۇلايمان ئارىسلانخان قاغان بولدى .
   1030 - يىللىرى ئۇلۇغ تىلشۇناس مەھمۇت قەشقىرى قەشقەردە دۇنياغا كەلدى .
   1037 - يىلى ئۇلۇغ پەيلاسۇپ ئەبۇ ئەلى ئىبىنسىنا ئالەمدىن ئۆتتى .
   1039 - يىلى ئىلىك ناسىرنىڭ ئوغلى ئىبراھىم بۆرە تىكىن غەربىي ئىلىكخانى يۇسۇپنى قەشقەرگە قوغلىۋىتىپ ، مارۋە ئۇننەھىرنى ئۆز ھۆكۇمرانلىقى ئاستىغا ئالدى .
   1040 - يىلى قاراخانىلار دۆلىتى ، شەرىقى ۋە غەربىي قاراخانىلاردىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلىنىپ كەتتى .
   1040يىلى مەرۋى شاھى جاھان بىلەن سىراكىس ئوتۇرسىدا - دەندانقاندا ئۇرۇش بولۇپ ، توغرۇلبەگ سۇلتان مەسئۇدنى تار مار قىلدى .
   1055 - يىلى ئۇلۇغ سالجۇقىلارنىڭ سۇلتانى توغرۇلبەگ باغدادقا كىردى .
   1056 - يىلى شەرىقى قاراخانىلارنىڭ قاغانى سۇلايمان ئارىسلانخان ۋاپات بولدى .
   1057 - يىلى شەرىقى قاراخانىلارنىڭ قاغانى مۇھەممەت بۇغراخان بىلەن بىر قىسىم قاراخانى شاھزادىلىرى مۇھەممەت بۇغراخاننىڭ كىچىك خانىشى تەرىپىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلتۇرۇلدى .
   1058 - يىلى شەرىقى قاراخانىلارغا سۇلايمان ئارىسلانخاننىڭ ئۇكىسى توغرۇل قاراخان قاغان بولدى .
   1063 - يىلى ئۇلۇغ سالجۇقىلار ئىمپىرىيىسىنىڭ سۇلتانى توغرۇلبەگ ئالەمدىن ئۆتتى . ئۇنىڭ ئاكىسى چاغرىبەگنىڭ ئوغلى ئالىپ ئارىسلان ئۇلۇغ سالجۇقىلارغا سۇلتان بولدى .
   1068 - يىلى غەربى قاراخانىلارنىڭ قاغانى ئىبراھىم بۆرە تىكىن ئالەمدىن ئۆتتى
   1069 - يىلى يۇسۇپ خاس ھاجىپ {{ قۇتادغۇ بىلىك }} داستانىنى قارا خانىلارنىڭ قاغانى ئوبۇلھەسەن تاۋغاچ بوغراخانغا تەقدىم قىلدى .
   1071 - يىلى ئالىپ ئارىسلان {{ مالازگىرىد ئۇرۇشى }} دا ، شەرىقى روما ئىمپىراتۇرى رومان دىئوگنىس قۇماندانلىقىدىكى 200 مىڭ جەڭچىدىن تەركىپ تاپقان روما قوشۇنلىرىنى تار مار قىلدى ۋە رومان دىئۇگنىسنى ئەسىر ئالدى .
   1072 - يىلى ئالىپ ئارىسلانخان ۋاپات بولدى . ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى مەلىك شاھ ئۇلۇغ سالجۇقىلارغا سۇلتان بولدى .
   1074 - يىلى مەھمۇت قەشقىرى {{ تۇركىي تىللار دىۋانى }} نى باغداد خەلىپىسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا مۇقتەدىغا تەقدىم قىلدى .
   1074 - يىلى شەرىقى قاراخانىلارنىڭ قاغانى توغرۇل قاراخان ئالەمدىن ئۆتتى . ئۇنىڭ ئوغلى توغرۇل تىكىن ئىككى ئاي قاغان بولدى .
   1075 - يىلى شەرىقى قاراخانىلارنىڭ ئورۇنباسار قاغانى ئوبۇلھەسەن تاۋغاچ بوغراخان شەرىقى قاراخانىلارغا ھارۇن بۇغراخان 2 ئونۋانىدا قاغان بولدى .
   1080 - يىللىرى يۇسۇپخاس ھاجىپ قەشقەردە ئالەمدىن ئۆتتى .
   1080 - يىللىرى باغدادتىن ئانا ۋەتىنى قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن مەھمۇت قەشقىرى 1090 - يىللىرى ئالەمدىن ئۆتتى . ئوپالغا دەپنە قىلىندى .
   1092 - يىلى مەلىك شاھ ئالەمدىن ئۆتتى .1103 - يىلى شەرىقى قاراخانىلارنىڭ قاغانى ھارۇن بۇغراخان 2 ئالەمدىن ئۆتتى . ئورنىغا ئوغلى ئەھمەت ئارىسلانخان قاغان بولدى .
   1105 - يىلى ئەھمەت ئارىسلانخان مەھمۇت بىننى ئابدۇجىلىل قەشقەرىنى باغداد خەلىپىسى مۇستازىرنىڭ ھوزۇرىغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى .
   1135 - يىلى شەرىقى قاراخانىلار شەرىقى قىتانلارغا بىقىندى بولۇپ قالدى .
   1137 - يىلى غاربىي قاراخانىلار  شەرىقى قىتان خانى يىلۇداشى تەرىپىدىن مەغلۇپ بولدى .
   1209 - يىلى غەربىي قاراخانىلارنىڭ پايتەختى سەمەرقەنىد خارەزىم شاھلار دۆلىتىنىڭ تەسىرىگە ئۆتتى .
   1211 - يىلى شەرىقى قاراخانىلارنىڭ ئاخىرقى قاغانى مەھمۇتخان 3 ۋاپات بولدى
   1212 - يىلى غەربىي قاراخانىلارنىڭ ئاخىرقى قاغانى ئوسمان بوغراخان ۋاپات بولدى .
   
                            2014 - يىل 7 - فىۋرال .
                                    ( جۇمە )

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Azizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-8 12:47 AM  


ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 12:59:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت. ھەقىقەتەن كۆپ نەرسىلەرنى بىلۋالدىم

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەخلاق~ئادەم زىن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3723
يازما سانى: 538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6001
تۆھپە نۇمۇرى: 370
توردا: 1223 سائەت
تىزىم: 2010-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 01:18:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ رەھمەت سىزگە بۇ ھەم چۈشىنىشلىك ھەم ئىخچام ھەم مۇيىم تارىخكەن ..............، قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ..............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19369
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8663
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1963 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 01:24:28 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنبەسى  قايسى ماتىرىيال  ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قويماپسىز  ،  يىلنامىلەرنىڭ كۆپىنچىسى دائم ئۇچرايدىغان مەنبەدىكىلەر بىلەن پەرقلىنىدىكەن .

         بىلىم يوق يەردە نادانلىق ئۆزىنى بىلىم دەپ ئاتايدۇ .

ئەجەل بىر، ئۆزگەرمەس!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23152
يازما سانى: 1312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2519
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 1096 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 05:42:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت...ساقلاپ قويدۇم!

كىمىكى قېلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىسا،ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچ كېلىدۇ..............! ›

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97733
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1463
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 596 سائەت
تىزىم: 2013-9-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 07:15:24 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلاپ قويغىدەك  ئسل تىمىكەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10801
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2008 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 10:28:26 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارىخانىلار تارخىدىن ئۇچۇر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت!  بايلار بايلىقىدىن زاكات بەرگىنىگە ئوخشاش، ئىلىم ئىگىللىرىمۇ سىزگە ئوخشاش، ئۆزئىلىمىدىن باشقىلارغا زاكات بىرىش كىرەك! بولمىسا ئىلىمىنى قوسىقىدا ساقلاپ ياتقانلىقىنىڭ سورىغىنى تارتىدۇ .....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 1491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10407
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3521 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 12:13:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر قىسىم يىلنامىلەر مىنىڭ ئوقۇپ خاتىرەمدە قالغان يىلنامىلەر بىلەن ئوخشىمىدى .
  رەخمەت سىزگە ، باھادىرنامىدىكى يىزىلغان تارىخى ۋەقەلەرنىڭ ئالدىدىكى ئىشلاردىن ئىخچام قىلىپ بىرىپسىز

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 1491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10407
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3521 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 12:13:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر قىسىم يىلنامىلەر مىنىڭ ئوقۇپ خاتىرەمدە قالغان يىلنامىلەر بىلەن ئوخشىمىدى .
  رەخمەت سىزگە ، باھادىرنامىدىكى يىزىلغان تارىخى ۋەقەلەرنىڭ ئالدىدىكى ئىشلاردىن ئىخچام قىلىپ بىرىپسىز

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83744
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4008
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 635 سائەت
تىزىم: 2012-8-10
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 01:10:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ۋاپات بولغان ۋاقتى 1085-يىلى.
مەھمۇد كاشغەرى 1008-يىلى قەشقەر ئوپالدا تۇغۇلۇپ،1105-يىلى 97 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئابدۇلكېرىم بالاساغۇننى قوشۇۋالغان ئەمەس، قاراخانىيە خانلىقىنىڭ ئىككىنچى پايتەختى قەشقەرنى ئاساسىي پايتەخت، بالاساغۇننى قوشۇمچە پايتەخت قىلىپ بېكىتكەن.  
خاپا بولماڭ، بىلەرمەنلىك قىلىپ قويدۇم.  ئىملاغا دىققەت قىلايلى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش