بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ V8 P; o# ^1 K; S- Z- c0 E# `& D! I2 c
ئادەم بۇ دۇنيادا دوسىتسىز ياشىيالمايدۇ. ۋاپادار، چىن دوستى بولمىغان كىشىنىڭ كۈنلىرى مەنىسىز، زېرىكىشلىك ئۆتىدۇ. دوسىتسىز كىشى ھاياتنىڭ لەززىتىنى تېتىيالمايدۇ. دوسىتلىقىنى قەدىرلەش، ۋاپادار، چىن دوست تېپىشقا ئىنتىلىش، دوسىتلۇق ئارقىلىق كۆڭۈلنى ئاۋۇندۇرۇش ئادەمنىڭ ھاياتىنى ھەقىقى مەنىلەرگە ئىگە قىلىدۇ. خەلقىمىزدە "قازانغا يۇلۇقساڭ قارىسى يۇقار، يامانغا يۇلۇقساڭ يالىسى"دېگەن گەپ بار. شۇڭا دوسىت تاللاشتا سەزگۈر ھەم ئېھتىياتجان بۇلۇش كېرەك. ئۇنداق قىلماي سەللا بىخۇتلۇق قىلىنسا، شۇ ئادەمنىڭ بارلىق ئىشلىرى، تەرەققىياتى چەكلىمە ۋە تۇسالغۇلاردىن خالىي بولالمايدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن: "ياخشى دوسىت ئىپار ساتقۇچىغا ئوخشايدۇ، ناچار دوسىت تۆمۈرچىنىڭ كۆرۈكىنى باسقۇچىغا ئوخشايدۇ، ئىپار ساتقۇچى يا ساڭا ئىپاردىن ھەدىيە قىلىدۇ ياكى سەن ئىپاردىن سېتىۋالىسەن ۋە ياكى ئىپار خۇشبۇي ھىدىنى پۇرايسە. كۆرەك باسقۇچى يا كىيىمىڭنى كۆيدۈرىدۇ ياكى ئۇنىڭ يېنىدا سېسىق پۇراقلارنى پۇرايسەن" ياخشى دوسىت بىر گۆھەركى ، ئۇ بىزگە بەخىت ئېلىپ كىلىدۇ، بىلەلىگەن ئادەمگە دوسىتلار بىلەن ئۈلپەتلەشمەك ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئىشتۇر. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن مۇسۇلمانلىرىمىز دوسىتلىقىنىڭ قەدىرىگە يىتىپ بۇلالمايۋاتىدۇ، شۇ سەۋەبلىك ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىك ۋە ئېغىر پاجىئەلەر يۈز بەرمەكتە. مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا تەۋسىيەم شۇكى، چىن دوسىتلىقنى قەدىرلەڭ، دوسىتلۇق گۈللىرىنى چەيلەپ ۋاقىتىسز خازان قىلماڭ. ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلىگەن دوسىتلۇق ھەقىقى دوسىتلىقتۇر. بىرەر ئېھتىياج ياكى ئاللىقانداق مەقسەتلەر سەۋەبىدىن ئورنىتىلغان دوسىتلۇق چىن مەنىدىكى دوسىتلۇق شەرىتىگە توشمايدۇ، بۇنداق كىشىلەرنى سىرداش دوسىت قىلىشقا پەقەت بولمايدۇ. دوسىتنىڭ دوستىغا بولغان مۇھەببەتلىك كۆيۈنۈشى خۇددى بىر پۈتۈن بەدەنگە ئوخشايدۇ، ئۇلاردىن قايسىبىر ئەزا ئاغرىپ قالغان بولسا، باشقا ئەزالار تەڭ بىئارام بۇلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن : " مۆمىنلەرنىڭ مىسالى ئۆز-ئارا دوسىتلىشىش ، كۆيۈنۈش ۋە يار-يۆلەكتە بۇلۇشتا بىر پۈتۈن بەدەنگە ئوخشايدۇ، بەدەندىن بىرەر ئەزا ئاغرىسا، پۈتۈن بەدەندىن ئۇيقۇ قېچىپ ۋە قىزىپ ئارامسىزلىنىدۇ" دوسىتنىڭ دوستىغا قىلغان دۇئاسى شەكسىز ئىجابەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن " مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ دوستى ھەققىدە قىلغان غايىبانە دۇئاسى ئىجابەت بۇلىدۇ، دۇئا قىلغۇچىنىڭ بېشىدا بىر مۇئەككەل پەرىشتە بۇلۇپ، ھەرقاچان ئۇ ئادەم ئۆز بۇرادىرى ھەققىدە خەيرىلىك دۇئا قىلسا ، مۇئەككەل پەرىشتە " ئامىن ساڭىمۇ شۇنداق بولسۇن دەيدۇ " مۇسۇلمانلار ھەرۋاقىت دوستلىرى ئۈچۈن خەيرىلىك دۇئالارنى قىلشىنى ئۇنۇتماسلىقى، دۇئا ئارقىلىق دوستىغا بولغان مۇھەببىتىنى كۈچەيتىشى ، دوسىتلۇق رىشتىنى مۇستەھكەملەشكە تىرىشىشى لازىم. سىرداش، پەزىلەتلىك ، پاراسەتلىك دوسىت ھايات يۇلىمىزدىكى ئىپار ساتقۇچىغا ئوخشايدىغان بىر ياخشى ھەمراھ، ئۇ بىز ئۈچۈن قايغۇغا تەسەللى، شادلىققا شىرىك، شۇنداقلا كەلگۈسى ئىستىقبالىمىز ئۈچۈن يۆلەك، ھەمدەم بولغۇچىدۇر. ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى دوسىتلىقىنى قەدىرلەيدىغان، ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەتلىك كىشىلەر بىلەن دوسىتلىشىشىقا مۇۋەپپەق قىلغاي. ھەممەيلەن دوسىتلىقىنى قەدىرلەيلى، ئۆز-ئارا دوسىتلۇق مۇناسىۋەتنى يىراقلاشتۇرىدىغان، دوسىتلۇققا سەلبىي تەسىر بىرىدىغان، دوسىتلۇقنى بۇزىدىغان بارلىق ناچار ئادەت ۋە ئىللەتلەردىن يىراق تۇرايلى!!!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' ~2 d W$ I/ x3 t2 G
|