مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 916|ئىنكاس: 10

قۇتيار 2014-يىللىق شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھان سىستېمىلىرى چىقتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91746
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 56
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 02:23:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلا، دوستلار
قۇتيار تور بېكىتىدىن بىر قىسىملىرىمىز ئالدىنقى يىلى كىچىك بىر ئەمەلىي گۇرۇپپا تەشكىللەپ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى سوئاللىرىنى تەرجىمە قىلىپ ئۇنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسى، يانفون نۇسخىسى، كىتاب نۇسخسى ۋە تور بېكەت نۇسخىسىنى پۈتتۈرۈشنى پىلانغا ئالغان ئىدۇق. 3 ئاي جاپالىق تىرىشىش نەتىجىسىدە «قۇتيار يۇمشاق دېتال- تەرجىمە ئىشخانىمىز» دىكى بۇرادەرلەر مانا بۈگۈن ئاخىرى بۇ جاپالىق خىزمەتنىڭ تۇنجى مىۋىسىنى ھەر قايسى تورداشلارغا ۋە شوپۇرلۇق ئۆگىنىش ئارزۇسى بار دوستلارغا تەمىن ئەتمەكچى بولۇۋاتىمىز.
دەسلەپكى قەدەمدە بىز 2013-يىللىق ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى خەنزۇچە سوئاللىرىدىن (يەنى 2013-يىلى 10-ئايدىن كېيىنكى ئەڭ يېڭى سوئاللاردىن) 1-پەن ئىمتىھان سوئالى (科目一) ۋە 4-پەن (科目四) بىخەتەر مەدەنىي ھەيدەش بىلىملىرىدىن سوئال جاۋاب (安全文明驾驶) دېگەن ئىككى يۈرۈش ئىمتىھان سوئالىنى 0 دىن باشلاپ تولۇق تەرجىمە قىلىپ چىقتۇق. بۇ سوئالنىڭ تەرجىمىسىگە ئاقسۇ تەۋەسىدىكى نوپۇزلۇق شوپۇرلۇق مەكتەپ بولغان شىن يۈن (新云) شوپۇرلۇق مەكتىپىدىكى غوللۇق نەزەرىيە ئوقۇتقۇچىلىرىدىن بىرەيلەن قاتناشقان بولۇپ، بىز سوئالنىڭ توغرىلىقىغا ئالاھىدە كاپالەتلىك قىلدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا ئىملا، تىنىش بەلگە ۋە باشقا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نۇقتىلارغىمۇ سەل قارىماي كەڭ شوپۇرلۇق ئۆگەنگۈچىلەرگە قولايلىق ئېلىپ كېلىشكە تىرىشتۇق. لېكىن بىزمۇ ئىنسان بولغاندىن كېيىن بەزى بىر نۇقسانلار ياكى ھەر قايسى دوستلارغا قولايسىزلىق كەلتۈرۈپ قويغان جايلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس بەلكىم. شۇڭا ئىشنى تۇنجى باشلاپ ھەر ھالدا خېلى مۇكەممەل قىلغان بولساقمۇ ئاشۇنىڭدەك نۇقسانلار بار بولسا بىزگە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىلەرنى بېرىپ تۇرۇشىڭلارنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.


خوش ئۇنداق بولسا قۇرۇق گەپنى قويۇپ بۇ شوپۇرلۇق سىستېمىسىنىڭ ئۆزىگە كېلەيلى!
1 . قۇتيار شوپۇرلۇق سىستېمىلىرىنىڭ ھەر قايىسى نۇسخىسلىرى ھەققىدە:
مەزكۇر شوپۇرلۇق سىستېمىنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسى (بىر دانە)، يانفون نۇسخىسى (1-پەن ۋە 4-پەن ئىككى نۇسخا)، كىتاب نۇسخىسى (1-پەن ۋە 4-پەن) ۋە تور نۇسخىسى (ھازىر جىددىي ياسىلىۋاتىدۇ) قاتارلىق 4 خىل شەكىلدىكى نۇسخىلىرى بار بولۇپ، نۆۋەتتە بىز بازارغا سالغىنىمىزدىن يانفون نۇسخىىسنىڭ 1-پەن ۋە 4-پەن نەزەرىيە قىسىمى تولۇق پۈتۈپ، سىناقلاردىن ئۆتۈپ 50-60 ئىشلەتكۈچىلەرگە سېتىلىپ بولۇندى. يەنى بازارغا كىرىپ بولۇندى. يەنە كىتاب نۇسخىسىمىزمۇ بىر ئاي بۇرۇنلا بازارغا سېلىنىپ ھەر قايسى جايلاردىكى ۋاكالەتچىلىرىمىزگە يەتكۈزۈلۈپ سېتىلىۋاتىدۇ. بۇمۇ 1-پەن نەزەرىيە ۋە 4-پەن نەزەرىيە بولۇپ ئىككى نۇسخا چىقتى.
تۆۋەندە يانفون نۇسخىسىدىن بىر قانچە پارچە كۆرۈنمە يۈز رەسىملىرىنى كۆرۈپ بېقىڭلار!
1-پەن يانفون نۇسخىسىدىن كۆرنۈش










4-پەن يانفون نۇسخىسىدىن كۆرۈنۈش









ئەمدى كومپيۇتېر ۋە تور نۇسخىسى ھازىر جىددىي ياسىلىۋاتىدۇ، شۇنچە تىرىشساقمۇ بۇ تېخنىكىلىق ئىشلار بولغاچقا يەنىلا قول تۇتۇپ قېلىپ كېچىكىپ قالدى. ئاللاھ خالىسا مۇشۇ ئاي چىققۇچە بۇ ئىككى نۇسخىمۇ تەييار بولىدۇ.
ئۇنداق بولسا ھازىرچە كومپيۇتېر نۇسخىسىنىڭ بىر قىسىم كۆرنمە يۈزلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇڭلار.
كومپيۇتېر نۇسخىسىدىن كۆرۈنۈشلەر












  
2 . قۇتيار شوپۇرلۇق سىستېمىلىرىنىڭ سوئاللىرى ھەققىدە:
دۆلەت قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ 2013-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويغان ئەڭ يېڭى يول قاتناش قانۇن-بەلگىلىمىلىرى ۋە «ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش-تەربىيىلەش دەرسلىكى ۋە ئىمتىھان پروگراممىسى» قاتارلىقلارغا ئاساسەن، ئەمەلىي ئىمتىھان مەزمۇنىغا ئۇيغۇن بولۇش، مەزمۇن تولۇق ھەم توغرا بولۇش پرىنسىپى ئاساسىدا، ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن قولىڭىزدىكى ماتېرىيال تۈزۈپ چىقىلدى، ئۇشبۇ ماتېرىيالدا سوئاللارغا ماس رەڭلىك رەسىم ۋە سوئال-جاۋابلار ئىخچام، كۆركەم، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاسان چۈشەنگىلى ۋە ئەستە تۇتقىلى بولىدۇ.
ئۇشبۇ ماتېرىيال مەزمۇنى ئەڭ يېڭى، ئەڭ تولۇق بولغان خەنزۇچە ماتېرىياللارغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىنىپ چىقىلغان بولۇپ، 1 - پەن كىتابتا جەمئىي 1141 سوئال، بارلىق قاتناش بەلگىلىرى ۋە ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇنىڭ ئىچىدە كىچىك ئاپتوموبىل تۈرىدە 973 سوئال بار، بۇ سوئاللارغا يۈك ئاپتوموبىلى تۈرى بويىچە 66 سوئال، يولۇچىلار ئاپتوموبىل تۈرى بويىچە  52 سوئال، ئېغىرلىق مەشغۇلات ئاپتوموبىلى تۈرى بويىچە 50 سوئال قوشۇلغان بولۇپ، مەزمۇن تۈرى ئېنىق ئايرىلىپ، مەزمۇن ياكى ئالماقچى بولغان پراۋا تۈرى بويىچە ئۆگىنىشكە ئالاھىدە قۇلايلىق يارىتىلدى.
4 - پەن يەنى بىخەتەر مەدەنىي ھەيدەش بىلىملىرى دېگەن كىتابتا جەمئىي 800 سوئال بار بولۇپ، مەزمۇن تۈرى ئېنىق ئايرىلىپ ئۆگىنىشكە ئالاھىدە قۇلايلىق يارىتىلدى. كەڭ دوستلارنىڭ يېڭى ماتېرىيالغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، شۇنداقلا ئىمتىھاندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتەلىشى ئۈچۈن ئۇشبۇ ماتېرىيال ۋاقىت چەكلىمىسى ئىچىدە تاماملاندى. تەرجىمە قىلىش، تەھرىرلەش جەريانىدا بىر قىسىم خاتالىقلار ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن، دوستلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


3 . قۇتيار شوپۇرلۇق سىستېمىلىرىنىڭ سېتىلىش باھاسى

كومپيۇتېر نۇسخىسى بىر دانە: باھاسى 80 يۈەن (ئەسلى ئىككى نۇسخا قىلماقچى ئىدۇق لېكىن كۆپ قىسم ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن 1-پەن ۋە 4-پەننى بىرلەشتۈرۈپ بىرلا نۇسخا قىلدۇق. شۇڭا باھاسى ئاڭلىماققا يۇقىرى لېكىن ئايرىم-ئايرىم نۇسخىسىغا قارىغاندا 20 يۈەن ئەرزان. ئايرىم چىققان بولسا ھەر بىر نۇسخىسى 50 يۈەندىن چىقاتتى)
مۇددىتى: بىر يىل

يانفون نۇسخىسى 1-پەن: 30 يۈەن      مۇددىتى: بىر يىل
يانفون نۇسخىسى 4-پەن: 30 يۈەن      مۇددىتى: بىر يىل

تور نۇسخىسى: ھەقلىق ھەم ھەقسىز (ھەقلىقى تولۇق چىقىدۇ، ھەقسىز 300 سوئالدا توختايدۇ)

يۇقارقى باھالار ھەر قايسى جايلاردىكى ۋاكالەتچىلەرنىڭ يېنىدىمۇ ئوخشاش شۇ باھادا. قۇتيار شوپۇرلۇق تورىغا كىرىپ ھەرقايسى جايلاردىكى ۋاكالەتچىلىرىمىزنىڭ ئالاقە ئۇسۇللىرىنى تېپىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

4 . كېيىنكى نىشانىمىز:
بىز بۇ سىستېما ھەققىدە ۋە سوئال مەزمۇنى جەھەتتىن كۆپ ئىزدىنىپ خېلى مۇكەممەللەشتۈرگەن بولساقمۇ بىزنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانىمىزغا تېخى بار. بىز يەنە داۋاملىق بۇ سىستېمىنى ۋە سوئاللارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ چىقىمىز. يەنى ھەر بىر سوئاللارنىڭ توغرا خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلغاندىكى يەشمىسى ۋە جاۋاب تاللىلغاندىكى يەشملىرىنى تولۇق شەرھىلەپ چىقىپ، شوپۇرلۇق ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ھەقىقىي بىر شوپۇر بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا ياردەم بېرىمىز. ئەلۋەتتە سوئاللارنى ھەر قايسىڭلارغا يەتكۈزۈش بىزدىن، قوبۇل قىلىش ھەرقايسى دوستلاردىن.

5 . مۇلازىمەتلىرىمىز:
نۆۋەتتە قۇتيار شوپۇرلۇق سىستېملىرى ھەققىدە چۈشەنمىگەن جايلار ياكى بىر قىسىم ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مەخسۇس بىر تور بېكەت، مىكروخەت (ۋېيشىن) سۇپىسى، قولاي خەت (يىشىن) سۇپىسى ۋە QQ توپى تەسىس قىپ چىقتۇق. ناۋادا بۇ سىستېمىلار ھەققىدە قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىڭىز بىز ھەرۋاقىت ياردەم بېرىشكە تەييارمىز.
شوپۇرلۇق ئورگان تور بېكىتى:
www.Shopurluq.com
www.Xopurluk.com

شوپۇرلۇق مىكروخەت سۇپىسىنى ئىزدەش نامى: Shopurluq
RQ ئىككىلىك كودى



شوپۇرلۇق قولاي خەت سۇپىسىنى ئىزدەش نامى: Shopurluq
RQ ئىككىلىك كودى



شوپۇرلۇق QQ سىغا كىرىش نومۇرى: 2102434310
QQ توپ نومۇرى: 106724048

باشقا ئالاقە ئۇسۇللىرىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، قۇتيار شوپۇرلۇق تورىغا كىرىپ بىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.

6 . ھەمكارلىق مۇلازىمىتى
ناۋادا بىز بىلەن ھەمكارلاشمقاقچى بولغانلار بولسا قارشى ئالىمىز.

ئەڭ ئاخىرىدا ھەرقايسى تورداشلارنىڭ بىزنى قوللىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. سىلەرنىڭ قوللىشىڭلار بىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىمىزغا پايدىلىق.
ئۆز ئارا تونۇش بىلىشلىرىڭىزگە ۋە  يېقىنلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنۇتماڭ.

ھۆرمەت بىلەن: قۇتيار تور بېكىتى
قۇتيار شوپۇرلۇق تور بېكىتى
قۇتيار يۇمشاق دېتال - تەرجىمە ئىشخانىسى

2014 - يىلى ھۇد ئېيىنىڭ 7 - كۈنى


nurjahan1 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 06:50:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102879
يازما سانى: 199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 280
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2014-1-28
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 07:10:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەرھال يولدىشىمغا خەۋەر قىلاي
ئاللاھ ئىشلىرىڭلارغا ئەجىر ھەم ئاسانلىق بەرسۇن
يارايسىلەر ئەزىمەتلەر

ئى رەببىم مېنىڭ غېمىم بار دېمەي،ئى غەم مېنىڭ رەببىم بار دېگىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101712
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 70
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2014-1-3
ئاخىرقى: 2014-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 07:18:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى ئىش بوپتۇ

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2366
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7496
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7734 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 08:27:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلارنىڭ ئىشلىرى تېخىمۇ بەرىكەت تاپسۇن.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102859
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 237
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 09:25:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئېسىل ئىش قىلىپسىلەر،رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 479
يازما سانى: 2406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9102
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 3418 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 12:14:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈيۈندۈم ئىشلىرىڭلاردىن ......

مەن قۇرغان نەزەرباغ تور بىكىتى !www.nazarbah.com

تۈمەن ئۆركىشى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 3169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19985
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10619 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 12:56:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كاتتا بىر ئىش بوپتۇ . بۇنداقتا نىمىدىگەن قۇلايلىق ھە ؟!

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10933
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2220 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 02:54:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاپا چىكىپسىز..............  ئەجىرڭىز يەردە قالمايدۇ..........


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91746
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 56
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 11:33:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت قېرىنداشلىرىم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش