مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1904|ئىنكاس: 0

سىياسى قانۇن ئورگانلىرى ئىجتىمائي موقىملىق ۋە ئەبەدىي...  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102893
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 229
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2014-1-28
ئاخىرقى: 2014-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 01:28:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سىياسى قانۇن ئورگانلىرى ئىجتىمائي موقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاساسى قوشۇن

راخمانجان رۇسۇل

پارتىيە 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇم يىغىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا سىياسى قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئاساسى قوشۇن ئىكەنلىگى ئېنىق كۆرسىتىپ ئۆتۈلۈپ، جايلاردىكى سىياسى قانۇن ئورۇنلىرىدىكى خىزمەتچىلەرمۇ مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە 3-ئومۇمى يىغىن روھىنى ئۈگىنىپ، تەشۋىقات قىلىپ، خىزمەت ئىستىلىدا ئۆزگۈرۈش ياساپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالدى. بولۇپمۇ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ج خ نازارىتى 3-ئومۇمى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۈيۈك ۋەزىپلەرنى ئورۇنلاشتا بىر قەدەر ئالدىدا مېڭىپ نۇرغۇن رەسمىيەتلەرنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، پاسپورت بېجىرىش، كىملىك بېجىرىش... قاتارلىق ئىشلارغا مۆھلەت بەلگىلەپ بېرىپ، كىشلەر بۇرۇن بىر قانچە ئون كۈندە بېجىرىدىغان خېلى كۆپ ئىشلار بىر قانچە كۈن ھەتتا بىر قانچە سائەتتە بېجىرىلىدىغان بولۇپ ئىشلار ئاسانلاشتى. بۇنى گېزىت-ژورنال، رادىيۇ-تېلېۋىزورلاردىن كۆرۋېلىشقا بولىدۇ.

ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خ خ نازارىتى يەنە ئۆز تەۋەلىك ئاستىدىكى كۆزنەك تارماقلىرىنىڭ خەلققە قۇلايلىق تەدبىرلەرنى ئاكتىپ ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىگى توغرىسىدا «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 1-ئاي 28-كۈنى سانىدا خەۋەر بېرىپ پۇقرالار كۆڭلىنى سۆيۈندۈردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر قېتىم مەركىزى كومتېت يىغىنىدا «ئىستىلنى ياخشىلاش» توغرىسىدا ئالاھىدە تەكىتلىدى، ئۆزى ئاساس قاتلامغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، ئامما، دېھقانلار بىلەن تاماقتا بىللە بولدى ھەتتا ئاددى پۇقرا سۈپتىدە ئاددىي ئاشپىزوللارغا كىرىپ تاماق يەپ (بىر ئاددىي ئاشخانىدا مانتا يەپ) ئاددى پۇقرالارنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلىدى، تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنىڭ ئاددى تۇرمۇشىنى بېشىدىن كەچۈردى، 1-ئاينىڭ 20-كۈنى يەنە 2-باسقۇچلۇق «تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتى» نى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى؛ 1-تۈركۈمدىكى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ تەجىرىبىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ «تۆت خىل ناچار ئىستىل» غا قارشى تۇرۇپ، ئىشنى ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ تەخىرسىز مەسىللەردىن تۇتۇپ ئىشلەپ، شۇنداقلا ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى تۈپ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر، شۇنداقلا ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا كۈچەپ، ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئۈنۈمىنى ئاساسى قاتلاملارغىچە ئەمەلىيلەشتۇرۇپ، ئاممىنى ھەقىقى نەپگە ئىگە قىلىپ، ئامما رازى بولىدىغان ئەمەلى ئۈنۈمنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاپتۇنۇم رايۇن كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، ج ك پ مەركىزى كومتېتى سىياسى بىيروسى دائىمى كومتېتى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ، جاڭ چۈنشەن ئۆز ئاغزى بىلەن «ئىجتىمائى مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئېتىبار بېرىلىدىغان نوقتا ۋە كۈچەش نوقتىسى قىلىپ، ئىقتىسادى، ئىجتىمائى تەرەققىياتىغا، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى، قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ھېچقانداق پادىشاھ (رەئىس، باش شۇجى) خەلقنى، خەلق تۇرمۇشىنى، خەلق رايىنى، ئەمىنلىكنى، كادىرلار ئىستىلىنى مۇنداق يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ تىلغا ئالغان ئەمەس ۋە ئۆزى باش بولۇپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەن ئەمەس.

لېكىن پەيزاۋات ناھىيىسىدىكى قىسمەن خەلق ساقچىلىرى ئالدىدا «خەلق» ئۇنچە ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. ھازىر نۇرغۇن ئىشلار خ خ ئىدارىسى، ساقچىخانىلار، ساقچىلار بىلەن بېجىرىلىدىغان، ئۇلارغا ئىلتىجا قىلىپ بېجىرىلىدىغان بولغاچقا خېلى بىر قىسىم ئىشلارنى بىر قانچە قېتىم بارماي، بىر قانچە قېتىم يالۋۇرماي بېجىرگىلى بولمايدۇ، ئاددى بىر ئىشنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، پەيزاۋاتتا ساقچىخانىنىڭ تونۇشتۇرسىز مۇتسىكىلىتقا ماي قاچىلاش مۇمكىن ئەمەس، سىز موتسىكىلىتقا ماي قاچىلاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىر كومپيوتىرخانىغا كىرىپ خەنزۇچە ئىككى نۇسخا تونۇشتۇرۇش باستۇرسىز، كومپيوتىردا ئىككى نۇسخا باستۇرماي ياكى كەنت، ئىجتىمائى رايۇننىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئېلىپ كەلسىڭىزمۇ بولمايدۇ، سىز چوقۇم ساقچىخانا بەلىگەپ بەرگەن كومپيوتىرخانىدا ئورۇلغان ئىسپات بولىشى كېرەك. ئۇنى ئېلىپ ساقچىخانىغا كىرپ ساقچىخانا باشلىقىنى ئىزدەيسىز، سىز ساقچىخانا باشلىقىنى تونىمىسىڭىز ساقچىخانا باشلىقىنىڭ قېشىدا تۇرغان ساقچىلار «ساقچىخانا باشلىقى يوق، يىغىنغا چىقىپ كەتكەن» ياكى «ئاخشام نۆۋەتچىلىكتە تۇرغان ئۇخلاۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بىرىدۇ. ھازىرغىچە 20 يۈەنلىك ماي قاچىلاش ئۈچۈن بىر ئىككى قېتىم ئىزدەپ كىرىپ ماي قاچىلىغان ئادەمنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ...

پەيزاۋات ناھىيەسىدە ھەر جۈمە كۈنى جۈمە نامىزى تۈگكىچە ناھىيە بازىرىنىڭ ئاساسلىق كوچىلىرى قامال قىلىنىپ موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ مېڭىشى يېرىم كۈن چەكلىنىدۇ. بۇ چاغدا يېزا ئىگىلىك بانكىسى، سودا سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى، پوچتا ئىدارىسى، مىھرى-شەپقەت دوختۇرخانىسى قاتارلىق 10 نەچچە ئورۇندا ئىش بېجىرىدىغانلار يېرىم كۈن ئىش بېجىرەلمەيدۇ. 1-ئاينىڭ 10-كۈنى جۈمە ئىدى، مەن پوچتا ئىدارسىنىڭ ئاپتۇنۇم رايۇندىن تەكلىپ قىلغان نازارەتچىسى بولغۇنۇم ئۈچۈن ھەر كۈنى پوچتا كەلگەندە پوچتا ئىدارىسىغا كىرىپ گېزىت-ژورناللارنىڭ تولۇق يېتىپ كېلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش مەجبۇرىيىتىم بار بولغاچقا ئارقا يوللار بىلەن مېڭىپ پوچتا ئىدارىسىغا كىرمەكچى بولدۇم، قارىسام پوچتا ئىدارىسى دەرۋازىسىدىن ئىككى مېتىر كېلىدىغان جايدا توساق قۇرۇلغان بولۇپ، ئۆتۈشكە مۇمكىن بولمىدى، قارىسام ئۇلارمۇ پوچتا ئىدارىسى تىجارەت ئورنىغا ئىش بېجىرىشكە كېلىپ ئۆتەلمەي موتسىكىلىتنى قويۇپ كىرىپ كەتكەنلەرنىڭ موتسىكىلىتلىرى بولسا كېرەك، مەنمۇ موتسىكىلىتىمنى يولنىڭ چېتىدە توختۇتۇپ قويۇپ، نازارەتچىلىك ۋەزىپەمنى ئىجرا قىلغىلى پىيادىلەر يولىغا چىقتىم، مەن ئەمدى يولغا چىقىپ تۇرۇشۇمغا بىر ساقچى يەنە بىر يارىدەمچى ساقچىغا بويرۇق قىلدى؛

-ھەي، ئاۋۇ موتسىكىلىتنى قاتناش ساقچى ئەترىدىگە ئەكىرىۋەت!

ئۇ گەپنى ئاڭلىغان بىر يارىدەمچى ساقچى كەلگەنىچە گەپ سۆز قىلماي قولۇمدىكى ئاچقۇچنى تارتىپ ئېلىپ موتسىكىلىتنى توساقنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ قويدى.

-مەن يا توساقتىن ئۆتىمەن دېمىسەم، موتسىكىلىتنى نىمىشقا تارتىۋالىسىلەر؟- دەپ سورىسام، ھېلىقى ساقچى «مەن شۇنداق قىلىمەن، قانداق قىلاتتىڭ؟» دېدى.

-مەن يا قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلمىسام، نىمىشقا بۇنداق يولسىزلىق قىلىسلەر؟ ماۋۇ موتسىكىلىتلارنى مۇشۇ يەردە قويۇپتىكەن، شۇڭا بۇ يەردە قويدۇم!- دېدىم.

-خىلاپلىق قىلغان قىلمىغانلىقىڭنى قاتناش ساقچى ئەترىدىگە كىرگەندىن كېيىن بىلىپ قالىسەن،- دېدى ھېلىقى ساقچى.

-ماۋۇ تۇرغان موتسىكىلىتلارچۇ؟- مەن سورىدۇم.

-ئۇنىڭ بىلەن مېنىڭ كارىم يوق!- دېدى ئۇ ساقچى.

ئاڭغىچە ئادەم يىغىلىپ كەتتى، مەن تەسىرنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ، شۇ ھامان خ خ ئىدارسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غوپور قادىرغا تېلېفون ئېلىپ، ئەھۋالنى ئېيىتتىم، غوپۇر قادىر تېلېفوننى موتسىكىلىتنى تارتىۋالغان ساقچىغا بېرىشىمنى ئېيىتتى. مەن شۇ ھامان يانفوننى ئۇ ساقچىغا تۇتقۇزۇپ قويدۇم. غوپۇر قادىر نېمە دېگەنلىگىنى مەن ئۇقمىدىم، بىر ئازدىن كېيىن ئۇ ساقچى يانفونىمنى ماڭا قايتۇرۇپ بەردى، ئەمما مەن موتسىكىلىتىمنى ئېلىپ ماڭاي دەپ موتسىكىلىت قېىشىغا بارسام موتسىكىلىتنى بەرمىدى. مەن نىمىشقا بەرمەيدىغانلىقىنى سورىسام ئۇ ساقچى «بەرمەيمەن، قانداق قىلالايتىڭ؟» دېدى. مەن مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىغا يەنە تېلېفون بەردىم، غوپۇر قادىر تېلېفوننى ھېلىقى ساقچىغا بېرشىمنى ئېيىتتى. مەن «مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىڭىز تېلېفوننى سىزگە بەرسۇن دەيدۇ» دەپ تەڭلىسەم، ئۇ ساقچى «ھەر قانداق ئەۋلىيا دېگەن بولسىمۇ ئالمەيمەن» دەپ تېلېفوننى ئالغىلى ئۇنمىدى، كىشلەر يىغىلىپ كەتتى، يىغلغانلار ئىچىدىن بىرەيلەن ئۇ ساقچىغا دېدى:

-ماۋۇ ئادەم كىچىك ئادەم ئەمەس، بۇ دېگەن داڭلىق مۇخبىر، شۇڭا بەرسىڭىز.

-بەرمەيمەن، دېدىم بەرمەيمەن!- ساقچى زادىلا ئۇنمىدى.

يەنە بىر قانچەيلەن ئارىغا چۈشتى، بىراق زادىلا ئۇنمىدى، ئەتراپقا يىغىلىپ «بېلەتسىز ئويۇن» كۆرىدىغانلار كۆپۈيۈپ، ئۇلارمۇ قاينىغىلى تۇردى، مەن بىرەر سۈركۈلۈش چىقىپ قالمىسۇن دەپ ھەم ۋەزىپەمنى ئادا قىلىشقا ئالدىراپ پوچتا ئىدارىسىغا كىرىپ كەتتىم، موتسىكىلىتىمنى ئىككى كۈندىن كېيىن مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئەكەلدۈرۈپ بەردى...

ناھىيە تەۋەسىدىكى بىر قىسىم ساقچىلارنىڭ، قىسمەن يېزا، بازارلارنىڭ دەرۋازىسىغا ئىت باغلاپ قويۇلغان بولۇپ، ئىش بېجىرگىلى كەلگەن ئامما ساقچىخانا (يېزا، بازار) ئىچىدىن بىرەر تونۇش ئادەم چىقىپ ئىتىنى توساپ تۇرمىسا كېرەلمەيدۇ.

ناھىيە بازىرى كوچىلىرىنىڭ دوقمۇش-دوقمۇشلىرىغا «ساقچى ئىشخانىسى» قۇرۇلغان بولۇپ، ئەگەر بىرەرسى ئۇ يەرگە ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قالسا، دەرھال «ھەي، قارايسەنغۇ؟ كىملىگىڭنى چىقار!» دەپ ۋارقىرايدۇ ۋە كىملىگى تەكشۈرىدۇ...

خەۋەرلەردە، كىنو-تېلېۋىزورلاردا بىلىپ-بىلمەي قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان ياكى قالايمىقان ماشنا توختاتقان شوپۇرلارغا ئاۋال ھەربىچە سالام بېرىپ، چىرايلىق چۈشەندۈرگەنلىگىنى كۆرىمىز، ئەمما بۇ ناھىيىدە ئۇنداق ئىشى يوق، كەلگەنچە شوپۇرنىڭ پىراۋىسىنى ئېلىپ كېتىدۇ؛ ئەگەر يولنى كېسىپ ئۆتكەن پىيادىلارنى كۆرۈپ قالسىمۇ «ھەي تۇماق! ھەي قۇلاقچا، ھەي رومال، كۆزۈڭ كورمۇ؟»... دېگەنگە ئوخشاش مەدەنىيەتسىز سۆزلەر بىلەن پۇقرالارنىڭ غورورىغا تېگىدۇ...

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ناھىيەلىك خ خ ئىدارىسىنىڭ بىر ساقچىسى بىر ئادەمنى تاپانچا بىلەن ئېتىۋېتىپ ج خ ئىدارىسى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە بىر قانچە يۈز مىڭ يۈەن دۆلەت تۆلىمى تۆلەپ بەردى، يەنە بىر ساقچى يەنە بىر بىگۇنا ئاممىنى ئېتىۋېتىپ، ئۇنىڭغىمۇ ج خ ئىدارىسى دۆلەت تۆلىمى تۆلىدى، يەنە بىر ساقچى مەس ھالاتتە ماشىنا ھەيدەپ ئىككى نەپەر كىچىك بالىنى باسۇرۇپ نەق مەيداندا بالىلار ئۆلۈپ كەتتى. گەرچە بۇ ئۈچ ساقچى تېگىشلىك قانۇنى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىپ جازالانغان بولسىمۇ لېكىن بىگۇناھ ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئۆلۈپ كەتكەن بولدى. ج خ ئىدارىسىنىڭ ساقچى ماشنسىنى شەخسى ئىشقا ئىشلىتىپ شوپۇر سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەپ (يىگىرمە كىلومتىر ھەيدىغان ئاچا يولدا 92 كىلومتىر سۈرئەتتە ھەيدەپ) بىر ئائىلىدىن تۆت ئادەمنى باسۇرۇپ بىر ئائىلىنى پۈتۈنلەي قۇرۇتىۋەتتى، شوپۇرغا ياكى شەخسى ئىشقا ئىشلەتكەن ساقچىغا ھېچقانداق مەسئۇلىيەت كەلمىدى، ماشىنا سوغورتىغا قاتناشتۇرغانلىقى ئۈچۈن تۆت ئادەمگە يۈز مىڭ يۈەندىنلا تۆلەم بەردى، بۇ ناھىيىدە مۇنداق مىساللار قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ، يېقىندا ئابلىمىت سوپىھاجىنىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» گە بېرىلگەن بىر پارچە ماقالىسى دىققىتىمنى تارتتى، ماقالىدا ئىككى كىشىنىڭ بىر-بىرىگە يول بەرمەي توكسىكىلىتى سوقۇلۇپ كېتىپ، ئىككەيلەننىڭ ھېچقايسى خاتالىقنى بوينىغا ئالماي جىدەل كېلىپ چىققانلىقى، سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن تەرەپ «كەچۈرۈڭ» دېگەن سۆزنى قىلالمىغاچقا جىدەلنىڭ كېلىپ چىققانلىقى يېزىلغان بولۇپ، ئۇ ماقالىدىن كىشىلىك تۇرمۇشتا ئادەمنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئادەمنىڭ بولمايدىغانلىقى، خاتالىق (سەۋەنلىك) ئۆتكۈزگەن ئىكەن كەچۈرۈم سوراشنىڭ چوڭ بالايى-ئاپەتتىن ساقلاپ قالالايدىغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن.  بىزدە «بۇغداي نېنىڭ بولمىسا بوغداي سۆزۈڭ يوقمۇ؟» دېگەن گەپ بار. بىلىپ-بىلمەي بىرەر ئىشتا سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويۇپ قارشى تەرەپتىن ئەپۇ سورساق، مېنىڭچە كەچۈرمەيدىغان ئادەم يوق، چۈنكى بۇ دۇنيا مىھىرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل، كىشلىك تۇرمۇش ئۆز-ئارا كۆيۈنۈش، كەڭ قورساقلىق بىلەن ئاسايىش، بىر دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭى بولغان ئادەم خەلقنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ ھۆرمەتلەۋاتقان يەردە ئادەتتىكى بىر ساقچىغا نىسبەتەن خەلققە ئۇنچىۋىلا ھەيۋە كۆرسىتىشنىڭ نېمە ھاجىتى، «ساقچى» نىڭ ئالدىغا «خەلق» سۆزى قۇشۇلغان، ئۇ قاسقان شەپكىنى خەلق بەرگەن، ئۇنداق ئىكەن خەلققە ياخشى مۇئامىلە قىلىپ «خەلق ساقچىسى» دېگەن ئوبرازىمىزنى ساقلايلى، ئەڭ مۇھىمى قانۇننى، دۆلەتنىڭ سىياسىتىنى ياخشىراق ئۈگىنەيلى، ئەسلى زاتىمىزنىڭ ئۇنتۇپ قالمايلى، مۇتلەق كۆپىمىز ئاددى پۇقرانىڭ پەرزەنتى، بىزدە ئۆگىنىش پۇرسىتى يەنىلا كۆپ. شارائىتىمىز ياخشى، گېزىت-ژورنال، رادىئو-تېلېۋىزور، جەمئىيەت، ئەڭ ياخشى ئۆگىنش سەھنىسى، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش مىللىتىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى، چوڭلارنى ھۆرمەتلىگەنلىك، خەلقنى ھۆرمەتلىگەنلىك، ئۇلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلغانلىق ھەرگىز ئېيىپ ئەمەس بەلكى زىننەت، پىشانىمىزدىكى دۆلەت گىربىغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىشتىن ساقلىنايلى، شۇنداق قىلالغاندىلا «ئاساسى قوشون» لىق رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائى مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت گىربىغا يۈز كېلەلەيمىز.

ئادىرىسى: شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە مەكتىپى پەيزاۋات شۆبىسى

تېلېفونى: 13999086084

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-7 06:37 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 [* b5 T, u" K* @

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& k2 U$ @3 U' n8 Q7 F

ھازىرغىچە 7 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kurkum + 10 نېمىشقا تاقايدىكىنە ؟.
019 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
Jaldur + 10 ئۇيغۇر دىگەن مۇشۇنداق
tohtihan1 + 59 ......................
paykan + 97 ھازر شىنجاڭدا ئۆزگۈچە.
babur99 + 11 نېمىشقا تاقايدىكىنە ؟.
lukqek + 20 راس ئەھۋاللار

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 217   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش