ئـــايـــالىڭ
ئابدۇلەتىپ نۇرمەمەت
خۇش پۇراقلىق گۈل كەبى گۈلزارىڭدۇر ئايالىڭ،
ھــاياتىڭنىڭ شادلىقى،بوستانىڭدۇر ئــايــالىڭ،
تـاڭ سەھەردە چاقنىغان چولپانىڭدۇر ئـايــالىڭ،
سېنىڭ ئۈچۈن بىر گــۈزەل دۇنيارىڭدۇر ئايالىڭ،
ساداقەتلىك،ھايالىق دىلدارىڭدۇر ئــايــــالىڭ.
تــەڭ كۆرىدۇ سەن بىلەن ھالاۋەتنى،جاپــانى،
كـەچۈرىدۇ رەنجىمەي سەندىن ئۆتكەن خاتانى،
ئــۇنتۇمايدۇ ھەر يــەردە ئــەيىۋىڭنى يــاپارنى،
ئــۇنتۇمايدۇ ھـــەرگىزمۇ يىغلاتساڭمۇ ۋاپــانى،
ئــۆزى ئاددى بــولسىمۇ سۇلتانىڭدۇر ئايــالىڭ.
ئويلاپ باققىن ئۇنىڭسىز نەدە ساڭا ئىسسىق جاي،
ئۇ بـولمىسا سەھەردە نەدە ســاڭا ئىسسىق چـاي،
ئــۇ بولسىلا يېنىڭدا سەن جاھاندا كـــاتتا بـاي،
يــاخشىلارنىڭ قەلبىگە نۇر چاچىدۇ تـــولون ئاي،
ئــۆزگىلەردىن مىڭ ياخشى ئۆز يارىڭدۇر ئايالىڭ.
ئۇ بولسىلا يېنىڭدا قارغاي كەبى كۆكلەيسەن،
ئــۇ بـولسىلا يېنىڭدا بېھۇدە ياش تۆكمەيسەن،
ئــۇ بولسىلا يېنىڭدا قـــۇياشسىرى ئــۆرلەيسەن،
ئــۇ بولسىلا يېنىڭدا بىر نىشاننى كــۆزلەيسەن،
دەرتلىرىڭنــىڭ داۋاسى،دەرمانىڭدۇر ئايــالىڭ.
ھــەر كويلارغا سالىدۇ ھاياتلىقنىڭ بــۇ يــولى،
يالغۇز ئۆتسەڭ بولىسەن غېرىپلىقنىڭ بىر قــۇلى،
بەخت دېگەن ئۆيۈڭدە خوشال ئۆتسەڭ ھەر كۈنى،
ئېچىلمامدۇ پۇشتۇڭنىڭ كـەلگۈسىدە ھەر گــۈلى،
شۇڭا دەيمەن سەن ئۈچۈن گۈلتاجىڭدۇر ئايالىڭ.
ئۆتكەن كۈنلەر كېتىدۇ،يېنىپ مەڭگۈ كەلمەسكە،
ئامالىڭ يوق تۇرمۇشتا ھەر مۈشكۈلنى يەڭمەسكە،
پۇرسەت بەرمە ئۆزۆڭگە مۈشكۈللەردە مەڭدەشكە،
توققۇزىڭنى تەل قىلماق ئەمەلىيەتتە بەك تەسكە،
بىللە ياشناپ گــۈللەشكە گــۈلخانىڭدۇر ئايالىڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-7 06:34 PM