تاڭنىڭ سەلكىن شامىلى يۈزۈڭنى سىيپاپ ئۆتۈن سېنى ئويغاتقىنىدا ،يارىڭنىڭ خۇشبۇي ھېدىمۇ شۇ سەلكىن شامال بىلەن بىللە كېلىپ ،دىمىقىڭغا ئۇرۇلغىنىدا سەن نەقەدەر شرىن ھېسلار ئىلكىدە مەستخۇش بولىسەن ،كۆزۈڭ قىيمىغان ھالدا كېچىنى ئۇزىتىپ ،يېڭى بىر تاڭنى خۇشال بىر كۈننى كۈتىۋالىسسەن . شۇ خاسىيەتلىك تاڭ نەقەدەر سۆيۈملۈك ،شۇ خاسىيەتلىك تاڭنى كۈتۈش نەقەدەر لەززەت ھە؟!تاڭنىڭ ئالەمچە لەززىتىنى جاھاندا ھىچ بىر نەرسىگە تەڭ قىلغىلى بولمىسا كېرەك ،مۇساپىلىرىمىزدە قاراپ باقىدىغان بولساق ،شۇ ۋىسال شارابىنى ئىچكەنلەر قانچىلىك ؟تاڭ ۋەسلىنى كۈتكەنلەر قانچىلىك ؟زۇلمەت كېچىلەرنىڭ ئۇزۇن تۈنلىرىدە ئاشۇ تاڭ ۋەسلىگە ئىنتىلىپ ئۇنى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولغانلار قانچىلىك ؟ غېرى–سەنەم،تاھىر-زۆھرە،پەرھات-شېرىن،رابىيە-سەيدىن .. يەنە تارىختا قانچىلىغان ئاشىق-مەشۇقلار شۇ ۋىسال تاڭىنى كۈتمىگەن دەيسىز؟زۇلمەتلىك تۈنلەردە شۇ تاڭنى سېغىنمىغان دەيسىز؟نەچچىسى شۇ تاڭ ۋىسال شارابىنى قەترە ئىچىپ قەھ-قەھ كۈلگەن بولسا ،نەچچىسى شۇ زۇلمەت باسقان ئۇزۇن كېچىلەردە جۇدالىق شارابىنى ،ئۆلۈم شارابىنى ئىچىپ ،گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرى كۈل بولغان ئەمەسمۇ؟ ئالدىنقى يىللىق ساياھەت پىلانىمنىڭ بىرى سۈپىتىدە يىل ئاخىرى ئاران دېگەندە ئەمەلگە ئاشتى ،بۈگۈن ھاۋا ئىنتايىن ئوچۇق ،كەيپىياتىممۇ ھاۋاغا ئوخشاشلا ئوچۇق ،قىشنىڭ سوغۇقلىرىمۇ ماڭا تەسىر قىلالمايتتى ،دوستلىرىم بىلەن كىلىشكىنىم بويىچە ئۇلار بىلەن بىللە سەپەرگە ئاتلاندىم . بىز بارماقچى بولغان ئورۇن 19-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى ئون يىلىدا ھازىرقى يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يامانيار يېزىسى سۇبھاناللا كەنتىدە ئۆزىنىڭ پاك ئەقىدىسى،چىن مۇھەببىتى ئۈچۈن ‹‹قوشماق مازار››دا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن ،‹‹رابىيە-سەيدىن ››مازىرىنى كۆرگىلى نەچچىلىگەن شائىر-ئەدىبلىرىمىزگە ئىلھام بۇلىقى بولغان بۇيولدا قايتا ئىز باستىم . بۇ يولدا تۇنجى ئىز قالدۇرغان كىشى بولسا ،ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدىبىياتىنىڭ 19-ئەسىردىكى داڭلىق پىشۋاسى ،ئۇلۇغ رىئالىزىمچى شائىرى ئابدۇرېھىم نىزارى (1770-1848)نىڭ 1835-يىلى يېزىلغان تىراگىدىيەلىك داستانى ‹‹رابىيە-سەيدىن››نىڭ مۇقەددىمىسىدىكى مەلۇماتلار بىلەن 160 نەچچە يىلدىن بۇيان خەلق ئارىسىدىكى نامى زىكىر قىلىنىپ ،ئېغىزدىن –ئېغىزغا كۆچۈپ ،دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ،رىۋايەتلەرنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە -‹‹قوشماق مازاردا››مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن ،ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ بىرى بولغان رابىيە ھېلىھەم مۇشۇ يۇرتتا ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇرۇق –تۇققانلىرىنىڭ ئاغزاكى بايانىغا ئاساسلانغاندا رابىيە 19-ئەسىرنىڭ بىرىنجى ئون يىلىدا تەلۋىچۈك دەرياسىنىڭ بويىدىكى ،سۈيى ئەلۋەك ،يىرى مۇنبەت گۈزەل بوستانلىق سۈبھاناللا كەنتىدىكى ياقۇپباي ئائىلىسىدە،رابىيە بىلەن قۇرداش سەيىدىن بولسا ،شۇ يۇرتتىكى كەمبەغەل دېھقان ئىبراھىم ئاخۇن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ،ئۇلار كىچىكىدىنلا بىللە ئويناپ بىللە ئۆسكەن ،ئۆز مەھەللىسىدىكى ئىپتىدائى دىنى مەكتەپتە بىللە ئوقۇپ ،يېڭى دوستلۇق ئورناتقان ،يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ،بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ قالغان ۋە قىيامەتلىك جۈپ بولۇشقا ئەھدە قىلغان ،بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان سەيدىننىڭ دادىسى ئىبراھىم ئاخۇن بۇ ئىككى ياشنىڭ بىشىنى قوشۇپ ،ئۇلارنى مۇرادىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ،ياقۇپباينىڭ ئۆيىگە ئەلچى كېرگۈزگەن . ياقۇپباي ئۇنىڭ قۇدا چۈشۈش تەلىپىنى رەت قىلغان .بۇ ئاچكۆز ،تەمەخور ئادەم ئارزۇلۇق قىزى رابىيەنىڭ سەلدەك ئاققان كۆز يىشى نالە زارىغا پىسەنىت قىلماي ،تېخىمۇ كۆپ يەر ،سۇ ۋەئاتاق-ئابرويغا ئىگە بولۇش مەقسىتىدە ئۇنى بايتوقاينىڭ بېگى جابىرغا بەرمەكچى بولغان.پاك مۇھەببىتى چەيلەنگەن ،ئىنسانى تۇيغۇسى خورلانغان سەئىدىن مەشۇقى رابىيەنىڭ ئىشىق-پىراقىدا مەجنۇن بولۇپ دەرت-ھەسرەت ئىچىدە يۈرەك باغرى لەختە-لەختە قانغا تولۇپ ،ۋاقىتسىز ئالەمدىن ئۆتكەن .ياقۇپباي رابىيەنى ئاخىرى جابىرغا ياتلىق قىلغان ،چىن مۇھەببەتنىڭ ئىشقىدا يانغان بۇ ۋاپادار مەشۇقە جابىرغا قولىنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتقۇزماي ئۆز ئۆيىگە قېچىپ كەلگەن ۋە سىڭلىسىنى ئەگەشتۈرۈپ سۇ ئەكىلىش باھانىسىدە سەئىدىننىڭ تۇپراق بېشىغا كېلىپ ،ئىچىدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ۋە ھەسرەت-پىغانلىرىنى تۆكۈپ زار-زار يىغلىغاندىن كېيىن :‹‹سەئىدىن مەن ھازىرلا يىنىڭىزغا بارىمەن ››دەپ ۋارقىرىغىنىچە يۈگرەپ بېرىپ قەبرىستانلىقنىڭ يىنىدىكى تەلۋەچۈك دەرياسىنىڭ كاچكۇلىغا ئۆزىنى تاشلىغان . بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان يۇرت ئەھلى يىغا-زارە قىلىشىپ ،پالتا-كەكە ،كەتمەن –گۈرجەكلىرى بىلەن دەريانىڭ مۇزىنى چېقىپ رابىيەنى ئىزدىگەن بولسىمۇ ،ئۇنىڭ نەتىرىكىنى ،نە ئۆلۈكىنى تاپالمىغان ياندۇرقى يىلى مۇزلار ئېرىپ ،توڭ كۆتۈرۈلگەندە رابىيەنىڭ جەسىتى سەئىدىننىڭ قەبرىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر لايلاتمىدىن تاپقان ،بۇنى كۆرگەن كىشىلەر ياقىسىنى تۇتۇپ ،ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ كارامىتىدىن ھەيرانۇ-ھەس قىلىشقان ۋە باش قوشۇپ :‹‹ھايات ۋاقتىدا بىر-بىرىگە قوشۇلمىدى ،ئەمدى بولسىمۇ روھى بىر يەردە بولسۇن ››دېيىشىپ ،رابىيەنى سەئىدىننىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىغا دپنە قىلغان ،بىر جۈپ قەبرە قاتۇرۇشقان ،شۇنىڭدىن باشلاپ ،بۇ بىر جۈپ قەبرە‹‹قوشماق مازار››دەپ ئاتالغان . قەبرە ياسىلىپ بىر يىلدىن كېيىن ،ئىككى قەبرە ئوتتۇرىسىدىن ئىككى تۈپ يۇلغۇن ئۈنۈپ چېقىپ ،شاخ-چاتاقلىرى بىر-بىرىگە چىرمىشىپ كەتكەن،ۋە بىر يىلدىن كېيىن ،ئۇنىڭ بىر تۈپى قىزىل ،بىر تۈپى ئاق چېچەكلىگەن ،بۇ ئىككى تۈپ يۇلغۇن چېچىگى قارىماققا بىر تۈپ يۇلغۇندا ئېچىلغان ئىككى چېچەكتەك كۆرۈنگەچكە كىشىلەر ئۇنى ‹‹چاتاق مازار››دەپمۇ ئاتاشقان ،ئاق يۇلغۇن سەئىدىننىڭ ،قىزىل يۇلغۇننى رابىيەنىڭ روھى دەپ قاراشقان .ئابدۇرېھىم نىزارى خەلق ئارىسىدىكى مۇشۇ رىۋايەتلەرگە ئاساسەن ‹‹رابىيە-سەيدىن ››داستانىنى يېزىپ چىققان .شائىر داستانىدا: خىرەد فىكرىن ھەريان رەۋانە قىلۇر، بۇ يەڭلىغكى شېرىن فەسانە قىلۇر . ۋەرەق ئۆزرە ئانداغ يازىپتۇر رەقەم، مىدا جۇش ئەيلەپ چېكىپ ئۈن ئەلەم . دىلۇ جاندا ئاڭلا مۇنى ئەھلەدەرد، قايغۇ ئەھلى دەردىكى ئىشىق ئىچرە فەرد. بىلادى مۇئەييەن ئېرۇر كاشىغەر ، كى ئاشىقلاردىن ئىشتگىل خەبەر . ........... زەئىف ئولدى جىسمى ،يۈزى كەھرەبا ، بىلىپ،لىك سىرىن مەلىھ دىلرەبا . ھەمول دىلرەبا كىم رابىئە ، كى سەئىدىنغا كۆڭلى ئىدى تابىئە . سەباھەتدە گويا يۈزى گۈل ئىدى ، لەبى لەئلى ،شېرىنلىغى مول ئىدى . قاتار كىرپىگى ئوق ،قاشى ئىردى يا ، كۆزى جادۇ ،ساچى نىھايەت قارا . قەدە گۈلشەن ئىچرە ،چۇ نەۋرەس نىھال ، نۇقەت يەڭلىغ ئېردى ئۇزارىدا خال . ئاتا يەئقۇب ئولمىش گىرىفتارى دۇن ، دىلىن سەيد قىلغان جاھان پۇر فۇسۇن . چۇ ئاگاھ بولدى قىزى ھالىغە ، قۇلاق تۇتمادى ھىچ ئانىڭ قالىغە . كى سەئىدىننى قىلدى فىراقى خاراب ، قىلىب ئىشقى ئوتى ۋۇجۇدىن كەباب . دىسە ئاھ،ئۆرتەپ ھارارەت ئوتى ، فەلەككە ياپۇشتى ،شەرارەت ئوتى . قىلىپ ھەجىر تىغى ئانى زەخمىناك ، كى سەۋسەن گۈلىدەك باغرى چاك . ................................ >>رىيازەتدەئۆتكەن باشىڭغە دەرىخ، قىزىل قانلار ئاققان ياشىڭغەدەرىخ. كى تۇپراغىغە تولغان كۆزۈڭگە دەرىخ، سارىغ گۈلدەك ئولغان يۈزۈڭگۈ دەرىخ. شەكىۋار شېرىن سۆزۈڭگە دەرىخ، سۆزۈڭگۈ دەرىخ،ھەم ئۆزۈڭگە دەرىخ. قەزا تىغى تۆككەن قانىڭغە دەرىخ، فىراق ئىچرە كۆيگەن جامىڭغە دەرىخ. ئەگەر شاھ بولسۇن ۋەگەر ئول گەدا، كى ئاخىر ئۆلۈمگە بولۇر مۇبتەلا. ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرسەم كېتەرمەن يەنە ، گۆرىستان ئېلىغە يېتەرمەن يەنە ›› سىتەمگە جاھاننىڭ ئىشن چاغلادى ، تولا يىغلادىيۇ يۈرەك داغلادى . كىشى تاپماس ھەرگىز ئۆلۈمدىن ئامان ، نە ئەتكۈم بولۇپمەن ياماندىن يامان . ....... شۇ قۇرلارنى ئويلاپ ،ئاشىق-مەشۇقلار قەبرىسىنى تىزراق كۆرۈشكە ئىنتىزار كەتكەنىدىم ،ياندۇما يېزىسىدىن ئۇدۇل مېڭىپ ئورۇن بەلگىلەش سىستىمىسىغا قاراپ بىر يولغا بۇرۇلدۇق ،مەن تېخى چوڭ يولمىكىن دەپ ئويلىغن بۇ يول ئىتىزلىقنىڭ يولى ئىدى ،بىز چىققان ماشىنا توپا يولدا قويۇق چاڭ توزان توزىتىپ ماڭماقتا ئىدى ،قارشىمىزدىن بىرەر چوڭراق ماشىنا چىقىپ قالسا ،قانداق قىلاتتۇقكىن تاڭ،بىز چاڭ –توزان ئىچىدە ئىلگىرلەپ بىر يەرگە كېلىپ توختاپ قالدۇق ،بۇ بىر كىچىك كۆۋرۈك ئىدى،بىز بۇ كۆۋرۈكتىن ماشىنىنىڭ چۈشۈپ كېتىپ پىتىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئىككىيلەن ماشىنىدىن چۈشۈپ ماڭدۇujj
,bيەنە بىر دوستۇم بولسا ناھايىتى ئاۋايلاپ كۆۋرۈكتىن ئۆتىۋالدى ،مەن بۇ چىغىر يولدا خىلى بىر يەرگىچە مەنزىرىلەرنى كۆرگەچ پىيادا ماڭدىم ،يىنىمدا سۇ ئىقىۋاتقان ئىقىنلار ،ئەتراپتىكى ئائىلىلەرنىڭ ئىشەك كالىلىرى ئوتلاپ يۈرەتتى.
بۇ توپىلىق يولدا يالغۇز مەنلا ماڭغانمۇ؟ياق .ئىككى دەۋر ئەدىبىياتىنىڭ رىشتىسى ،ھازىرقى زامان ئەدىبىياتىنىڭ ئاساس سالغۇچىلىرىدىن بىرى ،يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدىبىياتى تەتقىقاتچىسى ،‹‹رابىيە – سەيىدىن ››‹‹يۈسۈپ-ئەھمەد››قاتارلىق يىرىك ئىپىك داستانلارنىڭ مۇئەللىپى ئەھمەد زىيائى ئاكىمۇ بۇ يولدا نەچچە قىتىم ماڭغانىدى ،
نەچچە قىتىم مۇشۇ توغرۇلۇق ئىسسىق-سوغۇقنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنىدى ،ئەھمەدزىيائى ئاكىمۇ ئەڭ ئاخىرقى قىتىم ‹‹رابىيە-سەيدىن ››داستانىنى يېزىش جەريانىدا‹‹ ئىككىنجى قىتىم 30 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يېڭىشەھەر ناھىيىسى يامانيار يىزىسىدىكى سۇبھاناللا كەنتىگە يېتىپ كېلىشتى ،يول بويىغا جايلاشقان مەسچىتنىڭ يان تەرىپىدىكى ئاپپاق شور ئۆرلەپ تۇرغان قەدىمى قەبرىستانلىقتا بىر نەچچە قەبرە كۆزگە چىلىقىپ تۇراتتى ››دەپ يازغانىدى .
مەنمۇ شۇ يۇرتتىكى بوۋايلاردىن ،چوڭلاردىن سوراپ يۈرۈپ قەبرىنى ئاران تاپتۇق ،ئۇلار يولنى ئىرىنمەي ئېيتىپ بەردى ،تېخى سىلى نەدىن كەلدىڭلار؟پالانى قارىمنىڭ مەھەللىسىدىنمۇ؟دېگەندەك سۇئاللارنى سورىشىپ بىزگە يىقىنلىقىنى ئىپادىلىشەتتى،بىز شۇنداق يول يۈرۈپ ئاخىرى بۇ ىەبرىستانلىققا يېتىپ كەلدىم .
جىمجىتلىق ،تىمتاسلىق ئارىلاشقان بۇ قەبرە ئاجايىب سېھرى تۈسكە كېرگەنىدى ،يىنىمدىلا مەسچىت ،قەبرە ئارقىسىدا بولسا بۇرۇنقى تەلۋىچۈك دەرياسىنىڭ ئورنى ھازىرقى سازلىققا ئايلانغانىدى ،شۇ سازلىقتىن ئىگىزدە بۇ بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقنىڭ قەبرىسى مەغرۇر تۇراتتى ،تەخمىنەن بىرەرمو ئەتراپىدا قورۇققا ئېلىنغان بۇ قەبرىنىڭ يېنىدا يەنە باشقا قەبرىلەرنىمۇ ئۇچراتقىلى بولاتتى ،بىز بۇ ئىككى پاك ئاشىق-مەشۇققا چىن دىلىمىزدىن چىقىرىپ دۇئا قىلدۇق .
قورۇققا بىرلا ئىشىك قويۇلغان لېكىن ئىشىككە قۇلۇپ سىلىنغانىدى شۇنىڭ بىلەن مەن قورۇق تېمىدىن سەكرەپ چۈشۈپ قەبرە ئالدىغا كېلىپ بىردەم قاراپ تۇردۇم قەبرە چوڭى سەيىدىننىڭ كىچىكى بولسا رابىيەنىڭ قەبرىسى بولۇپ ،قەبرە ئوتتۇرىسىدا بىر يۇلغۇن كۆكلەپ چىققانىدى ،قىش بولغاچقا يۇلغۇنغۇ ياپراقسىز تۇراتتى ،ئۆز ۋاقتىدا ئەھمەد زىيائى ئاكا قىزارغان يۇلغۇن شاخلىرىنى كۆرۈپ رابىيە ھەققىدە يېڭى مىسرالار تۆككەنىدى . گۈزەل قىز كۆڭلىنى باستى ،ئۆزى بىلمەيدىغان غەم ، ۋۇجۇدى گۈلشىنىنى چەيلىدى ،قىلدى تامام بەرھەم . ئېلىپ بىر زەفىرانە تۈس ،سولاشتى ئەرغىۋانى يۈز ، مۇھەببەت يۈكىنىڭ ئاستىدا بولدى سەرۋى قەددى خەم . ئېقىپ نەرگىس كۆزىدىن كۆزىدىن ،گۈل يۈزىگە قەترە-قەترە ياش، قىزىلگۈل بەرگىگە ئانداغ كى چۈشتى دانەئى شەبنەم . دىلىدا ئوت ،كۆزىدە ياش ،ۋە لېكىن شۇ ئاجايىبكىم ، بۇ ئوتنىڭ يالقۇنى ئارتتى ،قۇيۇلغانسىرى كۆزدىن نەم . گېجەڭ زۇلفىغا ئوخشاش كۆڭلىدە مىڭ –مىڭ تۈگۈن چۈشتى ، قەيەردە بىر تىبىكىم ئەيلىسە دىل دەردىگە مەلھەم ....... ئەھمەد زىيائى نەچچە يىلدىن بىرى ئىنتىزار بولۇپ كەلگەن قەبرىنى كۆرگەندىن كېيىن ئاشۇنداق ھاياجانلانغان بولغىيتتى بەلكىم ،ئەپسۇس زىيائى ئاكا ،مەن كۆرگەن بۇ قەبرىنى ئىلىنغان قورۇق تامنى كۆرمەيلا ئارزۇ-ئارمان بىلەن ئالەمدىن كەتتى . ئەھمەد زىيائى ئاكىنىڭ ‹‹رابىيە –سەيىدىن ››توغرىسىدا ئىزدىنىشلىرى 1940-يىللاردىنلا باشلانغان بولۇپ،دەسلەپ ‹‹رابىيە –سەيىدىن ››ئوپىراسىنى يازغان ،ئوپىرا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن جەمىيەتتە زور داغدۇغا قوزغىغان .‹‹شىنجاڭ گېزىتى››نىڭ ئاشۇ سانلىرى تۈرمىلەر قەدەر يېتىپ بېرىپ ‹‹رابىيە-سەيىدىن ››ئوپىراسىنى ئوقۇغان مەھبۇسلار‹‹ئەھمەد زىيائى مۇشۇنداق ئەسەرنى يازغانلىقى ئۈچۈنلا ،ئاز كۈندە تۈرمىگە كېرىپ سىپىمىزدىن ئورۇن ئالىدۇ››دىيىشكەنىدى . ئەھمەد زىيائى ئاكا بۇنىڭ بىلەنلا قالماي ،‹‹رابىيە-سەيىدىن ››ۋەقەلىكىنى شئېرى داستان شەكلىدە يېزىشقا كىرىشتى ،لېكىن داستان ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا قولغا ئىلىنىپ ئۆيى ئاختۇرۇلۇپ ،بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغىنىدا ،ئەسەرلىرىنىڭ قوليازمىسى ئىچىدە ئىز-دىرەكسىز يوقاپ كەتتى ،لېكىن شائىر ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغىچە مۇشۇنداق ئارزۇ –ئارماندا كۆيۈپ –يېنىپ ئاخىرى ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى ،يەنى ئۇيغۇر داستانچىلىقىنىڭ گۈلتاجى ھىسابلىنىدىغان چوڭ ھەجىملىك داستانى ‹‹رابىيە-سەيىدىن ››نى قايتىدىن يېزىپ 1985-يىلى يورۇقلۇققا چىقاردى . بۇ يۇلغۇنلار ھەققىدە يەنە بۇ مىسرالار ئارتۇق بولمىسا كېرەك .
7-،8 –ئاي مەزگىلىدە يۇلغۇنلارچېچەك بىلەن پۈركىنىپ گۈزەللىكتە راسا ۋايىغا يىتىدۇ ،بولۇپمۇ قىزىل يۇلغۇن چېچەكلىرى چوغدەك جۇلالىنىپ ،كىشىنىڭ دىققەت-نەزىرىنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلىب قىلىدۇ،ئۇكۈن پېتىۋاتقاندا ،يەر يۈزىنى قىزىللىققا پۈركىگەن كەچكى شەپەققە ئوخشايدۇ،ئۇ-نەۋقىران قىز-يىگىتنىڭ تۇنجى قىتىم بىر-بىرىگە مۇھەببەت ئىزھار قىلىشقىنىدا ،يۈرەك قېنى ئوقچۇپ ،يۈزىگە تەپكەن چاغدىكى ھاياجاندىن قىزارغان مەڭزىگە ئوخشايدۇ ؛ئۇ –كۆكسى تىغ بىلەن يىرىلغاندىن كېيىن تەرەپ-تەرەپكە چېچىلغان ئانار دانىلىرىگە ئوخشايدۇ ؛ئۇ –جاراھەتلەنگەندىن كېيىن يۈرەكتىن تامچىلىغان قىزىل قانغا ئوخشايدۇ .
‹‹رابىيە –سەيىدىن ››قەبرىسىدىن ئۈنۈپ چىققان بۇ قىزىل يۇلغۇن مېنى قەھرىتان قىشتا ئەمەس ،خاسىيەتلىك يازدا تۇرىۋاتقاندەك ھېسىياتقا كەلتۈردى ،بەدىنىمدىكى ئوجچۇۋاتقان قانلار قىززىپ ،مېنى ئاجايىب تۇيغۇلارغا چۆمدۈردى . بۇ قەبرە تۈگىمەس مۇھەببەت قىسىسىغا شاھىت بولسا ،مەن باسقان يول، تۈگىمەس مۇھەببەتلىك يول.ئەل ئىشقىدا مېھرىنى بەرگەنلەر مېڭىپ تۈگىتەلمىگەن يول ،تالاي ئەزىمەتلەرنىڭ قانلىق ئىزى قالغان يول . شۇ ئىزلارنى تۇتىيا بىلىپ ،تىنماي پۇراۋاتقان يول. بۇ يولدا ۋىسال شارابى ئىچكەنلەرنىڭ قەھ-قەھ كۈلگەن ئۈنى ،شۇ گۈزەل تاڭنى كۈتكەنلەرنىڭ ئۈمىدلىك باققان كۆزى ،زۇلمەت كېچىلەردە تاڭ ۋىسالى ئىزدەۋاتقانلارنىڭ ھەسرەتلىك كۆز يىشى قالغان يول . بۇ يول مېھرى –مۇھەببەتكە چىن دىلىدىن مۇھەببەت بىرەلەيدىغان ھەقىقى ئاشىقلانىڭ يولى . خەير !ئامان بول مۇھەببەت يولى . ئاخىرىنى ئەھمەد زىيائى ئاكنىڭ مۇنۇ مىسرالىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇراي : .......................... ئانىڭ ۋەزىشىدۇر سىتەمكارلىق ، دەمى شاد يۈرسەڭ ،دەمى زارلىق . ئېرۇر سىفلە پەرۋەر ئانىڭ قىلمىشى ، ئەمەسدۇركى ئىمىن ئانىڭكى كىشى . ئەگەر ئول گەدادۇر ،ۋەگەر زىشەھەم ، قارايەردە بولغاي ۋۇجۇدى ئەدەم . كەل ئەي ساقى تۇردۇم يولۇڭغا قاراپ ، بىرەر جۈرئە مەيدەپ ،قىلىپ ئىزتىراپ . نىزارى بولۇپتۇر بەسى خۇدپىسەند ، ھەۋا قەيدى بولمىش يولىغا كەمەندە . ئەگەر نەچچە تۇتساڭ تامىزماي ئېچەي ، ۋەفاسىز جاھاننىڭ بارىدىن كېچەي. ھاجى ئەخمەت كۆلتىگىننىڭ ‹‹دېڭىز ئۈنچىلىرى ››دېگەن كىتابتىن پايدىلىندى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-7 03:55 PM
|