2013-يىلنى ئوڭۇشلۇق ئۇزۇتۇپ 2014-يىلىغا ساق سالامەت كىرىۋادۇق، ھوللىۋود فىلىملىرى ئۆزىنىڭ ئىلغار تېخنىكىللىرى بىلەن ئىشلىنىپ پۈتۈن دۇنيانىڭ قايىللىقىنى قوزغىدى. بۇ يىلمۇ داڭلىق فىلىملەرنىڭ كىيىنكى قىسىملىرى بىز بىلەن يۈز كۆرىشىدىغاندەك قىلىدۇ.. تۆۋەندە مەن ئۆزۈم تەقەززالىق بىلەن ساقلاۋاتقان 2014-يىللىق ھوللىۋود فىلىملىرىنىڭ تەشۋىقات سۈرەتلىرى ۋە مەزمۇنلىرىنى تاللاپ 14 نى تەييارلىدىم قېنى ئەمسە....
2014-يىللىق ھوللىۋود فىلىملىرى :
1. ئۆزگىرىشچان ۋاجىرا 4- بۆلۈم.
تۈر : فانتازىيە،ھەركەتلىك،خەتەرلىك.
ۋاقىت : 2014-يىلى6-ئاينىڭ 29-كۈنى
دۆلەت : ئامىرىكا
تىل : ئىنگلىسچە
ھەممىمىزگە تونۇشلۇق 3 بۆلۈملۈك ئۆزگىرىشچان ۋاجىرا (200 مىلىيونلۇق بىلەت كىرىمى ياراتقان نادىر فىلىم) بۇ يىل ئۆزىنىڭ يېڭى قىسمى بىلەن ھەممىنى تەقەززا قىلماقتا،گەرچە تۆتىنجى بۆلۈمدە بىرقانچە ئاساسلىق رولچىلار فىلىمگە قايتمىغان بولسىمۇ باش رېجىسور مايكېلسوننىڭ دىيىشىچە 4-بۆلۈم ۋەقەلىكى ھەرگىز دەرىجىدىن تاشقىرى ئۆمۈچۈك ئادەمدەك <قايتىش> خارەكتىردا ئىشلەنمىگەن بولۇپ بەلكى يېڭى يول ئۇسۇلى ئارقىلىق ۋەقەلىك تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان ئېسىل كۆرنۈشلەر كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈزكۆرۈشكۈسى..
يېڭى باش پېرسوناژنىڭ مەيدانغا چىقىشى ۋە ياكى يېڭى ۋاجىرانىڭ مەيدانغا چىقىشى بەلكىم ئاتالمىش يېڭى يول بولىشى مۇمكىن، بۇ ھەقتە مايكلسۇن ھېچ قانداق ئۇچۇر ئاشكارلىمىغان.
2. خوبىت ئادىمى 3-بۆلۈم
دۆلەت : ئامىرىكا\يېڭى زىنلاندىيە
تىل : ئىنگلىسچە
تۈر : فانتازىيە،ھەركەتلىك،خەتەرلىك.
ۋاقىت : 2014-يىلى
ئەنگىلىيلىك يازغۇچى J.R.R توجىننىڭ 1937-يىلى يازغان ئوخشاش نامدىكى كۆپ قىسىملىق يازمىسى ۋەقەلىك قىلىپ ئىشلەنگەن ۋەم داڭلىق ئۈچ بۆلۈملۈك <ئۈزۈك شاھ> كىيىنكى ۋەقەلىك ئاساسىدا ئىشلەنگەن ھوللىۋود يەنەبىر داڭلىق فىلىم. ئەلۋەتتە J.R.R مۇ مۇشۇ فىلىم سەۋەپلىك دۇنياغا تۇنۇلغان.
3. سۈرەت ۋە ھىسىيات 7-بۆلۈم.
تۈر : ھەركەتلىك دۆلەت : ئامىرىكا ۋاقىت : 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى بۇ كىنونى مەن سەككىز كۆزۈم بىلەن ساقلاۋاتىمەن،بۇ بۆلۈمدە مەن ئەڭ ئامىراق ھەركەتلىك فىلىم چولپنىدىن ئۈچى بار، تاقىرباش ئەسلى باش پېرسوناژ ئوكاننا تورونتو ! داڭلىق فىلىم ئادەم سودىگىرىنىڭ باش رولچىسى جېيسىن سىتەننسىن ۋە سېرىق چاچلىق بۇرائىن.(ماشىنا ۋەقەسىدە بۇرائىننىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغان) ۋەقەلىك ئالدىنقى بۆلۈمدىكى شاۋنىڭ ئاكىسى بۇ فىلىمدە ئىنىسى ئۈچۈن قىساس ئالىدۇ ! ۋ سىتەنسىننىڭ بۇ فىلىمغا قوشۇلغانلىق خەۋىرى ئىنىقلانغان..بۇ فىلىم نۇرغۇن ماڭا ئوخشاش مەستانىلەرنى تەقەززا قىلماقتا.. 4. ئەجدىرىھا تەربىيلىگۈچى 2 (كارتون)
تۈر : كارتون،فانتازىيە، ھەركەت دۆلەت : ئامىرىكا ۋاقىت : 2014-يىلى 06-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەجدىرھا تەربىيلىگۈچى تۇنجى قىسىم قويۇلغاندىن كىيىن ئىنتاىن ياخشى بىلەت كىرىمى ۋە ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن،2-بۆلۈم توغرىسىدا ئېنىق ۋەقەلىك ئاشكرلانمىغان بولسىمۇ تۇنجى بۆلۈمدىكى ئاساسلىق ئاۋاز بەرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ئىككىنجى بۆلۈمدە باش رولچىغا ئاۋاز بەرگەنلىكى ئېنىق.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇمۇ 2014-يىلدىكى كىشىنى تەقەززا قىلىدىغان فىلىملەرنىڭ بىرى... 5.دەرىجىدىن تاشقىرى ئۆمچۈك ئادەم 2
تەۋەلىك : ئامىرىكا تۈر : خەتەرلىك، فانتازىيە، ۋاقىت : 2014-يىلى 05-ئاينىڭ 02-كۈنى ئاندىرو رولغان ئۆمچۈك پالۋان قاتارىدىكى بىر يۈرۈش بۆلۈملۈك فىلىملەر بىزگە ناتۇنۇش ئەمەس، تۇنجى بۆلۈم فىلىمنىڭ ياراتقان بىلەت كىرىمى ۋە مەستانىلەرنىڭ كۈچلۈك تەلىۋى بۇ كونا فىلىمنىڭ يېڭى يېڭى مەزمۇنلاردا مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەپ بولىۋاتىدۇ، 2-بۆلۈمنىڭ ۋەقەلىكىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇماتلار بولمىسىمۇ <قايتىپ كېلىش> خارەكتېردە بولىدىغانلىقى ئېنىق ئوخشايدۇ.فىلىمنى ئېلان قىلغان شىركەت سوننىڭ بۇ قېتىملىق تەشۋىقاتىدىن 2-بۆلۈمدىن ئىنتايىن رازىلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مىنىڭچە بۇ فىلىممۇ ساقلاپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ..قېنى بۇنىمۇ چىققاندا كۆرەمىز.. 6.ئامىرىكا كاپىتان 2
تۈر : ھەركەت، فانتازىيە، تۇرمۇش دۆلەت : ئامىرىكا ۋاقىت : 2014-يىلى 04-ئاينىڭ 04-كۈنى ئامىرىكا كاپىتانى چىقىپ ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەي ياراتقان بىلەت كىرىمىنڭ ياخشىلىقى ئىككىنجى بۆلۈمنىڭ ئىشلىنىشىگە سەۋەپ بولغان، يەنە كېلىپ قىساسكارلار بىرلەشمىسىدىكى كاپىتاننىڭ كۆرۈرمەنلەرگە يېقىشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغاچ بۇ فىلىممۇ ياخشى باھاغا ئېرىشكەن.ئىككىنجى بۆلۈم ۋەقەلىكىنىڭ ۋاقتى ئوخشاشلا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىن باشلانغان، بەلكىم ئالدىنقى قىسىم ۋەقەلىكتىن كۆپ پەرىقلەنمەسلىكى مۇمكىن، بىراق باش رولچىنىڭ ئالاھىدىلىكى كۆرۈرمەنلەرنى تەقەززا قىلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى..مىنىڭچە !
7. X ساقچىسى : زامان ئاخىرى
تۈر : فانتازىيە، ھەركەتلىك، دۆلەت :ئامىرىكا ۋاقىت : 2014-يىلى05-ئاينىڭ 23-كۈنى رەزىل ئاكا-ئۇكا ئۆزگەرگەن ئادەملەر دۆلەت كېڭەش ئەزاسى روبېرت كېللىينى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن 2013-يىلى بارلىق ئۆزگەرگەن ئادەملەر قامىلىپ سولىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى ماشىنا ئادەمنىڭ قوغلاپ ئۆلتۈرىشىكە ئۇچىرايدۇ. مانا بۇلار يېڭى بۆلۈمدىكى ئېكىس ساقچىسى فىلىمىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى، باش رولچى شوۋ جېكمەننىڭ قانداق رولدا پەيدا بولىشى ۋە ياكى قاتنىشىش قاتناشماسلىقى ئېنىق ئەمەس، قېنى بۇ كىنونىمۇ چىققاندا كۆرەمىز.. ---------- يوقارقىلار ئاساسەن كۆرۈلۈش نىسپىتى بىرەدەر يۇقىرى ھەم كۆرۈرمەنلەر بىرقەدەر يۇقىرى بولغان ئاساسلىق فىلىملەردۇر..شۇ سەۋەپ بر قەدەر ئىنچىكىلىك بىلەن تاللىنىپ يېزىلدى، ئەمدى بولسا يېڭى چىققان ۋە ياكى مەزمۇنى مەن بىلمەيدىغان يېڭى فىلىملەر، تۆۋەندە رەسىمى ۋە ئىسمى يوللاندى.. 10. ئەتىكى چىگىرا
تۈر : ھەركەتلىك، فانتازىيە دۆلەت : ئامىرىكا ۋاقىت : 2014-06-ئاينڭ 06-كۈنى
11. 300 : بىر دۆلەتنى بەرپا بولىشى
سىپارتاكدىكى 300 قەھىرماننىڭ قىسىم ئالدىنقى ۋەقەلىكى، 12. گېسىلا
تۈر : فانتازىيە دۆلەت : ئامىرىكا ۋاقىت : 2014-يىلى 4-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى
2010-يىلدىكى <چەكلەنگەن مەخلۇق رايونى> دىن كىيىنكى ئىشلەنگەن يېڭى فىلىم ياپونىيە فىلىملىرىدىكى ئالۋاستىدىن نەقىل ئېلىنىپ ئىلغات تېخنىكا بىلەن بۇ يىللىق كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرشىدىغان فانتازىيىلىك فىلىملەردىن .. كومپىيوتىرنىڭ توكى تۈگەپ كېتىپ قالدى، قالغان ئىككىسىنى ئىنكاس ئارقىلىق تولۇقلاپ قويارمەن. 2014-يىلى2-ئاينىڭ 07-كۈنى جۈمە ( پ م) تېمىنى ئۆزۈم تەييارلىغان.
|