مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3145|ئىنكاس: 27

ئاقيولى:جەڭگاھتا چاقنىغان يارقىن يۇلتۇزلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1358
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51017
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9840 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 11:01:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جەڭگاھتا چاقنىغان يارقىن يۇلتۇزلار


ئاپتۇرى:ئابلىمىت ئاقيولى




   تېما يوللىغۇچىنىڭ ئىلاۋەسى:ئابلىمىت ئاقيولى ئاكام كورلىدا ياشاۋاتقان پىشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىرى.تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلاردا ھەر ئىككى ھەپتىدە چوقۇم بىر ياخشى كىتاب سېتىۋالاتتىم.شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەكتەپتە تۇرمۇشلۇق پۇلدىن چىقىنالماي قالغان ۋاقىتلارمۇ بولغان ئىدى.مەلۇم بىر كۈنى كورلا جامە مەسجىت يېنىدىكى مىراس كىتابخاسىدا ئىمىن ئەھمىدىي ئاكىمىز تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلىنغان‹‹بوزقىر ئېپمىرىيىسى چىڭگىزخان››دېگەن كىتابتىن بىرنى كۆرۈپ قالدىم.قارىسام ياندا پۇلۇم ئاز،قانداق قىلىش كېرەك؟شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىتابنى بىر يەرگە ئوغۇرلۇقچە يۇشۇرۇپ قويدۇم.ھەپتە ئۆتۈپ 2008-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى يەنە شۇ كىتابخانىغا بېرىپ سۇقۇپ قويغان يەرنى ئاختۇرسام كىتاب چىقىپ قالدى.شۇ ۋاقىتتا يېنىمدا تۇرغان ئادەملەر قىلغان قىلىقىمغا قاراپ ھەيران قالغان ئىدى.كىتابخانا خوجايىنى ياسىنجان ئاكام ئىككىمىزنى تۇنۇشتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن  ئابلىمىت ئاقيولى ئاكام كىتابقا شۇ ۋاقىتتا شۇنداق بېغىشلىما يېزىپ بەرگەن ئىدى:

   ئىلىم -مەرىپەتكە ئىشتىياق باغلاش -ئىستىقباللىق ئۇرۇنۇشتۇر.كىتاب-ئىلىم مەرىپەت ئېگەللەشنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى.مەن سىزنىڭ نۆۋەر ياشلىق دەۋرىڭىزنى قەدىرلەپ،بىلىم -مەرىپەت ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى بېغىشلىغانلىقىڭىزدىن ئىنتايىن سۆيۈندۈم.بۇنداق ياخشى ئادەتنى ئۈزمەي داۋام قىلىپ،خەلققە كېرەكلىك ئوغلانلاردىن بولۇپ چىقىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

سىزگە مۇۋەپىقىيەت تىلەپ:ئابلىمىت ئاقيولى.

2008.2.4

1.jpg

   مەن شۇ ۋاقىتتا شۇنداق ھاياجانلانغان،ماڭا مەدەت بەرگەن ئۇستازنىڭ يېزىپ  بەرگەن ھېكمەتلىك سۆزى ھاياتلىق يولۇمغا زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېپ كەلگەن ئىدى.تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ جەمىيەتكە قەدەم قويغاندىن كېيىن  ئابلىمىت ئاقيولى ئاكام بىلەن ئالاقە قىپ بولالمىدىم.مۇشۇ  يىلى نەچچە كۈن ئالدىدا ئۇستاز بىلەن كۆرۈشۈپ ھال-مۇڭ بولدۇم.ئۇستازنىڭ نۇرغۇن ياخشى يازمىلىرى بار ئىكەن.ئۇستاز ئۆز يازمىلىرىنى تور دۇنياسىغا يوللاپ قويۇشۇمغا قۇشۇلدى.مەن بۇندىن كېيىن ۋاقىت ۋە پۇرسەت چىقىرىپ ئابلىمىت ئاقيولى ئاكىمىزغا ئوخشاش پىشقەدەم زىيالىيلار بىلەن ئالاقىدە بولۇپ ياخشى يازمىلارنى تورداشلار بىلەن  ئۇچراشتۇرۇشقا تىرىشىمەن.مەزكۇر يازما ئابلىمىت ئاقيولى ئاكىمىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ھەربىي سەپكە قاتناشقاندا ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن،كۆرگەن ئىشلار خاتىرسى بولۇپ تورداشلارنىڭ مەزكۇر يازمىنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

ئاپتۇرنىڭ تۇلۇق تەرجىمىھالىنى بىلمەكچى بولسىڭىز مەزكۇر ئادرىسقا كىرىپ تۇنۇشۇڭ:

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-118542-1-1.html

  

-مارشالدىن.




جەڭگاھتا چاقنىغان يارقىن يۇلتۇزلار



1962-يىلدىكى ئۆزىمىزنى قوغداپ ،قايتۇرما زەربە بېرىش جېڭىدىكى باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ تۆھپە ياراتقان ئەزىمەتلەر توغرىسىدا

1962-يىلىىدىكى جۇڭگو-ھىندىستان ئىككى قوشنا دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يۇز بەرگەن ئۇرۇشتا ،ئېلىمىز ھۆكۈمىتى ۋە خەلق ئازاتلىق ئارمىيىمىز  ھىندىستان ھۆكۈمىتى ۋە ھىندىستان ئارمىيىسنىڭ چېكىدىن ئاشقان يولسىزلىقلىرى تاقەت قىلىپ تۇرغىلى بولمايدىغان چەككە يەتكەندىلا ئۆزىمىزنى قوغداپ ،قايتۇرما زەربە بېرىشكە مەجبۇر بولغانىدى .

بۇ جەڭدە كوماندىر ،جەڭچىلىرىمىزئارمىيىمىزنىڭ ۋەتەنگە ،خەلققە چەكسىزسادىق بۇلۇشى ئەنئەنىسى ۋە قەھرىمانلىق ،قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىپ ،جاپادىنمۇ ،ئۆلۈمدىنمۇ قورقماي ئاداققىچە جەڭ قىلىپ غەلبىنى قولغا كەلتۇرۇشتە ئېسىل ئىستىلىنى جارىي قىلىپ، ئاخىرقى شانلىق غەلبىنى قولغا كەلتۇردى .شۇنداقلا ،تىللاردا داستان بولغۇدەك قەھرىمانلىق قىسسەلىرىنى ياراتتى .شۇ قېتىملىق جەڭگە قاتناشقان قېرىنداش خەنزۇ قىسىملاردىكى 2نەپەر سەپدىشى  بىلەن بىر ئوت توچكىسنى ئۇجۇقتۇرۇپ ، ئۈچ ليودەنپاۋ(گائۇبىتسا يەنى قىسقا سىتۇۋللۇق ئىغىر تۇپ ) نى ئولجا ئالغان ،بىر قانچە ئىستھكامنى قولغا ئالغان  ھايات قەھرىمان پاڭ گوشىڭ؛ سول پۇتى پارتىلاشتا ئۈزۇلۇپ كەتكەن تۇرۇقلۇق يەنە سەپداشلىرىنىڭ دۇشمەنلەرنى يۇقىتىشقا راۋان ئىلگىرلىشى ئۈچۈن مىنالاشتۇرۇلغان رايۇندا دۇمۇلاپ يول ئېچىپ شەرەپ بىلەن قۇربان بولغان كۆرەش قەھرىمانى لوگۇاڭشى؛ دۈشمەن ئىستھكامنى پارتىلىتىش داۋامىدا ئككى پۇتى ئۇزۇلۇپ كەتسىمۇ  ،يەنە ھوشىنى يىغىپ جەڭنى داۋاملاشتۇرغان  كۆرەش قەھرىمانى جاڭ يىڭشىن؛ ئۆز كۆكرىكى بىلەن دۇشمەن تىرەپ تۇرىۋالغان قول مىناسىنى دۈشمەن ئىستھكامىغا نىقتاپ پارتىلاتقان خۇاڭ جىڭۇاڭ،كۆرەش قەھرىمانى چېن دەيفۇ ۋە ۋاڭ جۇڭديەن ،ۋۇيۇەنمنڭ قاتارلىق ناھايىتى كۆپلىگەن قەھرىمانلار مەيدانغا كەلدى .بىزنىڭ قەھرىمان مىللى قىسىمىمز ئاتلىق 3-پولكتىن سەپداشلىرىنىڭ ھاياتى قىل ئۈستىدە قالغاندا كۆكرەك كېرىپ دۇشمەن بىلەن ئېتىشقان ،تېنىگە ئۈچ پاي ئوق تېگىپ ،بەش جايدىن ئېغىر زەخمىلەنگەن تۇرۇقلۇقمۇ ،ئاخىرقى تېنىقى توختمىغۇچە دۈشمەنگە زەربە بېرىشنى توختاتمىغان تاغ يۈرەك ،قەيسەر،ئالىيجاناپ قەھرىمان ئىسمايىل مۇھەممەت مەيدانغا كەلگەنىدى . قەھرىمان ئىسمايىل مۇھەممەتنىڭ قەھرىمانلىق ئىش پائالىيەتلىرى توغرىسىدا ”جەڭ تۇتەكلىرى ئارىسىدىكى كۇنلەر ۋە تۈنلەر “ناملىق ئەدەبىي خاتىرەمدە تەپسىلى توختالغانلىغىم ئۇچۇن ،بۇ ئەسىرىمدە شۇ قېتىملىق جەڭدە باتۇرلۇق بىلەن تۆھپە ياراتقان باشقا ئوغلانلارنىڭ ئەزمەتلەرچە ئىش -ئىزلىرىنى تۇنۇشتۇرىمەن .



1.   پاراسەتلىك ۋە جاسارەتلىك كوماندىر

ئەمەت توختى



1966-يىلى 1-ئايدا ،بىز يېپيېڭى ھەربىچە فورمىلارنى كېيىپ ،تۇلۇپ تاشقان ئېپتىغار بىلەن شىنجاڭ ھەربىي رايۇننىڭ قەشقەر خاڭدىدا تۇرۇشلۇق ئاتلىق ئۈچۇنچى پولكىغا بارغاندا،ئەڭ ئالدى بىلەن ئاڭلىغىنىمىز 1962-يىلىدىكى ئۆزىمىھنى قۇغداپ ،قايتۇرما زەربە بىېىش جىڭىدە ئاجايىپ پىداكارلىق كۆرسەتكەن كۆرەش قەھرىمانى ،ئىنقىلاۋى قۇربان  ئىسمايىل مۇھەممەتنىڭ قەھرىمانلىق ھىكايىسى بولدى .شەرەپلىك قۇرباننىڭ يۈرەك تارىلىرىمىزنى تىتىرەتكەن ئاجايىپ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرى،بىزنى پېشقەدەم جەڭچىلەردىن باشقا جەڭ ھىكايىلىرى ۋە قەھرىمانلىق قىسسلىرىنى ئاسماقچىلاشقا ئۈندەيتتى .تەشنالىق ئىلىكىدە كوچىلاپ سوراپ يۇرۇپ ،شۇقېتىملىق جەڭگە قاتناشقان بىر پىشقەدەمدىن مۇنداق بىر قىزىقارلىق قوشاقنى ئاڭلاپ قالدۇق  ؛

جاسارەتلىك ،پاراسەتلىك

باۋبىڭ پەيجاڭ ئەمەت توختى .

سەبداشلىرى بىلەن بىللە

دۈشمەن پوتىينىى دەل سوقتى .

ھەمىمىزنىڭ دىققەت ئتىۋارى ئەمدى بىردىنلا  ” ئەمەت توختى”دېگەن بۇ ئسسىمغا يۆتكەلدى . ئەمەت توختى ئىسىملىك  پېشقەدەم زەمبىرەچىلەر(ئىزۋۇنىت) پەيجاڭى ئىكەن .ئابلا مامۇت ئىسسىملىك يەنە بىر سەپدىشى بىلەن دۈشمەن پوتىيىنى يەر بىلەن يەكسان قىپتۇ ،ھەقىقى جەڭ ئەھۋالى زادى قانداق بولغىيتى؟:دىگەن قىزىقىش ھەممىمىزنىڭ ئوي-خىيالىنى غىدىقلايتى .ئاخىرى ھېلىقى پىشقەدەمدىن قايتا-قايتا تەلەپ قىلىپ بۇ ھەقتىكى ھېكايىسىنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولدۇق .

  ئەمەت توختى ئىسسىملىك تولىمۇ ئېگىز ،بەستلىك كەلگەن بۇ ئەزمەتنىڭ قاغىلىق ناھيىسىدىن بۇلۇپ ،بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى ،ئازادە يېڭى زامانغا بولغان چوڭقۇر مىننەتدارلىق ،خەلق ئارمىيىسىگەبولغان ئوتتەك مۇھەببىتى بىلەن ئۇ1956-يىلى دۆلەت شىتاتىدىكى ئەۋزەل مائاشلىق خىزمەتتىن كېچىپ ،ئازاتلىق ئارمىيسىگە جەڭچى بۇلۇپ كىرىدۇ .ئۇ ۋۇجۇدىدا يېلىنجاپ تۇرغان ئېپتخار ۋە مەدەنىيەت ساپاسى باشقىلاردىن يوقىرى بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن قىسمدا تىزلا كۆزگە كۆرۇنىدۇ.يېڭى ئەسكەرلەر روتىسىدىكى تۈپ ئاساس تەلىم تەربىيە ئاياقلاشقاندىن كېيىن بەستى ئىگىز،كۈچتنگىر بۇلۇشتەك ئارتۇقچىلىقى بىلەن تۇپچىلار رۇتىسىنىڭ كالبىرى 57مىللىمىتىرلىق ئاتكاچىسىز (ئارقىغا تەپمەيدىغان )زەمبىرەك ئىزۋۇتغا تەقسىم قىلىىندۇ.كىينكى  تەلىم تەربىيە ،ئەمىللى مەشغۇلات ۋە باشقا پائالىيەتلەردە ،ئۇ روھىيىتى ۋە ۋۇجۇدىدىكى بارلىق ئالاھىدىلىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ ،باشلامچىلىق بىلەن ئىشلەشنى ماھارەتتە بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەي ئىزچىل تايانچلار قاتارىدا تۇرغاچقا ،بەنجاڭلىق (ئوتدىلىنيە كوماندىرلىقى ) قا ،كېيىن ،يەنە ئاتكاچىسىز زەمبىرەك ئىزۋوتىنىڭ كوماندىرلىققا تەيىلىنىدۇ .

  1962-يىلى ،غەربى چېگىرىمىزدا ھىندىستان ئەكسىيەتچىلىرى بېشەملىك بىلەن ئۇرۇش ئاپىتىنى بىزگە تاڭغاندا ،ئەمەت توختىمۇ قىسىم بىلەن بىللە ۋەتەن ،خەلققە بولغان چەكسىز مۇھەببەت ئۇرۇشىخۇمار تاجاۋۇزچىلارغا بولغان كۈچلۇك ئۆچمەنلىك ئىچىدە ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىدۇ .

شىزاڭ ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ئالى رايۇنىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ھىندىستان قۇشۇنلىرىنىڭ بىر روتىدەك ئەسكەر كۈچى ،51 تىپلىق بىر مىنامىيۇت ،تۆت پىلىمۇت ۋە زاپاس ئوق –قوراللار بىلەن بىزنىڭ 2-نۇمۇرلۇق قاراۋۇلغانىمىزغا 13كىلومېتىر كېلىدىغان گودىخىتىر (8-نۇمۇرلۇق تايانچ پونكىت) دەيدىغان يەر شارائىتى ئەپلىك تۆپىلىككە ئورۇنلىشىۋالغان بۇلۇپ ،چوڭ –كىچىك ئىستھكامدىن بەشنى ،بىرزېنىت چېدىر دىن ئىككىنى قۇرۇپ ،بۇ يەنى كېچە-كۇندۇز چىڭ ساقلاپ ياتقانىدى .

         يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىق شىتابىنىڭ جەڭ پىلاننى ئورۇنلاشتۇرۇشغا ئاساسەن ،ئاتلىق 3- پولىك رەھبەرلىكى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى  ئاتكاچىسىز زەمبىرەك ئىزۋوتنى پىيادىلەر11-پۇلىكى 3-باتالىيۇن توققۇزىنچى روتىسغا ماسلاشتۇرۇپ ،گودىختىتر تايانچ پۇنكىتىدىكى دۈشمەنلەرنى يۇقىتىشقا سەپلەپ بەردى .

11-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچتە ، ئەمەت توختنىڭ  ئاتكاچىسىز زەمبىرەك ئىزۋوتى پىيادە ئەسكەرلەر 9-رۇتىسى بىلەن بىللە بىزنىڭ ئككىنچى نۇمۇرلۇق قاراۋۇلغانىمىزدىن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ يولغا چىقىپ، بىرەر سائەتلەردىن كېيىن يەنە پىيادە يۇرۇش قىلىپ ،تۈن نىسپىدىن ئاشقان چاغلاردا ،دۇشمەن ئىستھكامنڭ كەينى تەرىپىگە تەخمىنەن 200مىتىرچە كېلىدىغان جايغا يىتىپ كېلىپ ئابرۇن (يۇشۇرۇنىدىغان جاي )ئىگەللىدى.ئەمەت توختى قول ئاستىدىكى ئوتدىلىنيە كومىندىرلىرىغا ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرۇپ بۇلۇشىغا ،دۈشمەن تايانچ پونكىتىدىن ئۈچ نەپەر چارلىغۇچى چىقىپ كەلدى ، ئۇلار قىسىملىرىمىز ئابرۇن ئالغان جايغا ئون مېتىردەك يېقىنلاشقاندا بىرەر شەپىنى سىزىپ قېلىپ ،ۋاقىراشقان ۋە قالايمىقان ئوق چىقارغىچە ،ئۆلەر –تىرىلىشكە باقماي قاچتى.ئوڭ تەرەپتىكى پىيادە ئەسكەرلىرىمىز ئۇلارنى يەر چېشلەتتى .بۇ چاغدا دۈشمەن تايانچ پونكىتىدىكى ھەممە ئىستھكامدىن قارا-قۇيۇق ئوت ئېچىلىپ ،قاراڭغۇ تاغ ئىچى پال –پۇل چاقماقسىمان نۇرلار ،قۇلاقنى پاڭ قىلغۇدەك زالىپ ئاۋازلار ۋە بۇرۇننى ئېچىشتۇرىدىغان بەدبۇي پۇرۇخ ھىدلىرى بىلەن تولغاندى.ئارقىدىنلا يەنە دۈشمەننىڭ ئارقا لىنىيەسىدىكى توپچى قىسىملىرى بىزنىڭ سېپىمىزنى قارىغۇچىلارچە توپقا تۇتۇشىغا باشلىدى .«گۇمبۇر-گۇمبۇر»قىلغان دەھشەت ئاۋازلاربىلەن تەڭ ئاسمان پەلەك ئوت تۈۋرۈكى كۆترىلىپ، قاقاس تاغ جىلغىسىدىكى توپا –تاشلارنىڭ كۆلى كۆككە سۇرۇلاتتى .ئاسمان زىمىننى قۇيۇق بەدبۇي چاڭ –تۇتەك قاپلايتتى .11-پولكونىك ئۈچۈنچى باتالىيۇننىڭ شىتاب باشلىقى ئاتكاچىسىز زەمبىرەكتە قايتۇرما ئوت ئېچىشقا بۇيرۇق بەردى،بۇ چاغ ئالا تېغى قاراڭغۇ  دۇشمەننىڭ ئوت توچكىلىرىنى ئاڭقىرىش بىئەپ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتكاچىسىز زەمبىرەكنىڭ نىشان توغىرلاش ئەينىكىنى  قىروۋ قاپلىۋىلىپ ،قارىغا ئېلىش مۇمكىنچىلىكىنى يوقاتقانىدى .ئەمەت توختى شتاب باشىقىغا كونكىرىت ئەھۋالنى ئىزاھلاپ 10مىنۇت پۇرسەت بىرىشنى تەلەپ قىلدى .شىتاب باشلىقى قايىل بۇلۇپ قۇشۇلغاندىن كىيىن ،توپچىلىىرىمىز نىشان توغىرلاش  ئەينىكىنى ئسسىق قويۇنلىرىغا سېلىپ قىرۇنى ئېرىتىپ پاك-پاكىز تازلىدى .

    بۇ چاغدا ،قىسىملىرىمىزنىڭ ئوڭ-سول تەرەپلىرىدىكى دۈشمەن ئەجەل ھۇدۇقىشىدا تازا غالجىرلىشىپ قىسىملىرىمىزنى توختاۋسىز ئوققا تۇتماقتا ئىدى .ئەمەت توختى 4-5-ئۆتدىلىنيلەرنى باشلاپ ،ئوڭ ئالدى تەرەپ نىشانىغا 200مىتىرچە كىلىدىغان جايدا پوزىتسىيە ئېگەللەپ ،2زەمبىرەكتىن بەش پاي ئوق ئاتقۇزغانىدى،ھەممىسىلا تازا جايىغا تېگىپ دۈشمەن قوماندانلىق شىتابىىنىڭ تەلتۈكۈس بىت-چىىتنى چىقاردى .پىيادىلىرىمىز بىر ئاتاكا بىلەنلا بۇ نوقتىنى تىز ئىشقال قىلدى.ئەمەت توختى جەڭچىلەرنى باشلاپ ئالغا ئىلگىرلەۋىتىپ ،ئالدى تەرەپتە300مىتىردەك ئارلىقتا دۇشمەننىڭ ئككى بىرنزىن چېدىرى تۇرغانلىقىنى كۆردى ۋە قارىغا ئىلىش ئۆلچىمىنى بەلىگىلەپ تۆتىنجى ،بەشنچى ئوتىدىلىنىيەگە ئۇنى تۇپقا تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈردى ئىككى زەمبىرەكنىڭ ھەر بىرى بىر پايدىن ئۇق ئىتىپلا ئىككى چىدىرنى تىتىما –تىتما قىلىپ كۆزدىن يۇقاتتى.   ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشقا ئۈلگۈرگەن بىر قىسىم دۈشمەنلەر تاغ ئۈستىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر ئىستىھكامغا قېچىپ دالدىلىنىۋالغان ئىدى .ئەمەت توختى مولجالنى 500مىتىرغا توغىرلاپ ئېتىش بۇيرۇقىنى بەردى. بىر پاي تۇپ ئوقى بىكارغا كەتتى .ئەمەت توختى بۇ ئىستىھكام تاغ ئۈستىدە بولغاچقا مۆلچەرلىمەك قىيىنراق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ،200مىتىر ئىلگىرلەپ پوزىتسىيە ئىگەنلىگەندىن كىيىن ،5-ئوتدىلىنىيە يەنە بىر پاي ئىتىۋىدى ،يەنە تەگمەي قالدى .4-ئوتدىلنيە بىر پاي بىلەنلا بۇ نىشاننى پاچاقلىۋەتتى .

    بۇ قېتىمقى جەڭ پەقەت 15مىنۇتلا داۋام قىلدى .18پاي توپ ئوقىدىن 16پاي ئوقتا 7نىشان ئۈزۇل-كېسىل يوقىتىلىپ ،پىيادىلىرىمىزنىڭ قالدۇق دۈشمەننى تەلتۈكۈس يوقۇتۇشقا تۇلۇق ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى.

       بۇ چاغدا دۈشمەننىڭ 9-تايانچ پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان 11-پولىكنىڭ 8-روتىسى دۈشمەن ئىستىھكاملىرىنىڭ جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىشكە دۈچ كەلگەنىدى .جەڭ توختىىماي شىددەت بىلەن داۋاملاشماقتا ئىدى .ئەمەت توختى 5-ئوتدىلنيىنى باشلاپ ياردەمگە بېرىپ ،ئككى پاي ئوقنىڭ بىرىدە دۈشمەن ئوق-دورا ئامبىرىنىڭ ۋەتۋەرىكىنى چىقاردى.يەنە 8پاي توپ ئېتىپ ،ھەممىسىنىلا دەل جايىغا تەككۈزۇپ ،دۈشمەن تايانچ پونكىتىنى ئۈزۇل-كېسىل بىت-چىت قىلىپ 8-روتىسىنىڭ جاھىل دۈشمەننى ئوڭۈشلۇق يىغىشتۇرۇشقا ئەۋزەل شارائىت ھازىرلاپ بەردى .

جەڭدىن كىيىن ،يوقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىق شىتابى،ئەمەت توختى ۋە ئۇنىڭ ئاتكاچىسىز زەمبىرەك ئېزۋوتىنىڭ بۇ قىتىمقى جەڭدىكى تۆھپىلىرىگە يوقىرى باھا بەردى.قېرىنداش قىسىملارغا ماسلىشىپ ،ئىلگىرى-كىيىن 5قىتىم ئۇرۇن يۆتكەپ ،ناۋۇتچىكلارغا پاراسەتلىك بىلەن قوماندانلىق قىلپ ،28پاي توپ ئوقىدىن 25پاينى دەل جايىغا تەگكۈرۇپ ،دۈشمەننىڭ 9ئورۇندىكى كۈچلۇك ئوت توچكىسنى ۋەيران قىلغان ،دۈشمەننىڭ تۇلۇق يوقىتىلىشىنى ياخشى ئىمكانىيەت بىلەن كاپالەتلەندۇرۇپ ،ئۆزى ۋە ئىزۋۇتنى ھىچقانداق تالاپەتكە ئۇچىراتماي ،ۋەزىپىنى ئالاھىدە ياخشى ئورۇندىغان ئېزۋۇت كوماندىرى ئەمەت توختىنى 1963-يىلى 1-ئايدا شىنجاڭ ھەربىي رايۇنى پارتىكومى 1-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ خاتىرگە ئالدى ۋە قىسىملارغا ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئىزۋۇتىدىن ئۆگىنىشنى چاقىرىق قىلدى .

زۆرۈر قىستۇرما :

جەڭدىن كىيىن تۆھپىكارلار  جاسارەتلىك ۋە پاراسەتلىك ئىرۋوت كوماندىرى ئەمەت توختى زەمبىرىكچىلەر روتىسىنىڭ مائاۋىن كوماندارلىقىغا  ئۆستۈرۈلدى .كىيىن يەنە مىللى ئاتلىق 3-پولىك قوماندانلىق شتابىنىڭ توپ زەمبىرەك تۈرى بۇيىچە شىتابىسى بۇلۇپ يۆتكەلدى . مىللى ئاتلىق 3-پولىك 1969-يىلى 9-ئايدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كىيىن ،ئۇ ئۆزيۇرتى قاغىلىققا يۆتكىلىپ ،ناھىيلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمىدە ھەربىي ئىشلار بۆلۇمچىسىنىڭ باشلىقى بۇلۇپ ئىشلەپ ،          يىلى پىنسىيەگە چىققانىدى.ھازىر ئاخىرقى ئۆمرىنى ئايالى ،پەرزەنتلىرى بىلەن بىللە خاتىرجەم ئۆتكۈرمەكتە .


2.ماھارەتكە  تولغان زەمبىرەكچى ئەزىمەت

ئابلا مامۇت



         1962 –يىلىدىكى جەڭ غەلبىلىرى ئۈستىدە گەپ ئېچىلىپ ،جاسارەتلىك ۋە پاراسەتلىك كوماندىر ئەمەت توختى ئېغىزغا ئېلنىسىلا ،ئۇنىڭغا ياندىشىپ تەڭ تەرىپلىنىدىغان يەنە بىر ئەزەمەت بار ،ئۇ ئاتلىق 3- پولك توپچىلار روتىسى ئاتكاچىسىز زەمبىركچىلەر ئېزۋۇتىدىكى مۇئاۋىن ئوتلنىيە كوماندىرى ئابلا مامۇت .

   «قۇغۇن يۇرتى پەيزىئاۋات،شېكەر سۈيى قەنت-ناۋات»دېگەن خەلق ناخشىسىدىكى قەنت-شېكەردەك تاتلىق مېۋە يېتىشتۈرىدىغان ،ئىشچان،خۇشچاقچاق كىشىلەر ياشايدىغان يۇرتتىن 1960-يىلى ئارمىيىگە قاتناشقان ئابلا مامۇت قىسىمىنىڭ زەمبىرەكچىلەر روتىسىغا تەقسىملەنگەندە خۇشلۇقىدىن قىن-قىنىغا پاتماي قالغانىدى.ئۇ ئاتكاچىسىز زەمبىرەكچىلەر ئوتدىلىنىيسىدە تۇنجى قېتىم كالبىرى 57مىللىمىتىرلىق ئارقىغا تەپمەيدىغان زەمبىرەكنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ئۈستىدە دەرس سۆزلىنىۋاتقاندا ئۆز بۇرچىنىڭ ئانچە يېنىك ئەمەسلىكىنى ،بۇ قورالنى ھەرخىل شارائىتتا ئۈنۈملۇك ئىشلىتىش ئۈچۈن قىتىرقىنىپ ماھارەت ئېگەللىمىسە ۋە جاپاغا چىداپ مەشىق قىلمىسا ئۇنىڭ «تىلى»نى تۈزۈك بىلىپ بولالمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.ئەنە شۇ پەيىتتىن باشلاپ ،ئۇ بوش ۋاقىت تاپسىلا بۇ زەمبىرەك يېنىدىن ئايرىلمىدى.ئابلا مامۇتنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەنرەك ئىدى.ئەمما ،ئىش ئەمگەك دېسە ،ھەر قانداق جاپا-مۇشەققەت ئالدىدا مىت قىلماي،ئىشنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ قىلاتتى .كالبىرى 57مىللىمىتىرلىق ئاتكاچىسىز زەمبىرەكنىڭ ئاسراش،قارىغا ئېلىش ،ئېتىش قانۇنىيەتلىرىنى ئېگەللەشتىمۇ ،ئۇ زور زىھنى ۋە جىسمانىي كۈچىنى سەرىپ قىلدى،نەزەرىيە جەھەتتىن كوماندىرلارنى ۋە پىشقەدەم جەڭچىلەرنى ئۇستاز تۇتۇپ ئېرىنمەي سورىدى.ئاتايىن ۋاقىت چىقىرىپ سوراپ بىلىۋالغانلىرىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى ،مۇھىم قائىدىلەرنى پىششىق يادلاپ ئېسىدە چىڭ ساقلىدى .ئاساسى ماھارەتنى خېلى پۇختا ئېگەللىۋالغاندىن كىيىن ،ئۇ ئارقىدا قېلىۋاتقانلارنى يېتەكلەپ ئۆگىتىشنى ئۆز ۋەزىپىسى ۋە شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بىلىدىغانلىرىنى تېخىمۇ پىشىقلىدى ،ئەمىلى مەشغۇلاتتا تېخىمۇ ئىلگىرىلىدى.ئۇنىڭ بۇنداق ھەربىر پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ،زەمبىرەكچىلىك تېخنىكىسنى پۇختا ئېگەللىشى ئۆزىمىزنى قوغداپ ،قايتۇرمازەربە بېرىش جېڭىدە تازا ئەسقاتتى.

       1962يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى 5قېتىم يۆتكىلىپ قىلغان جەڭدە ،ئۇ ئۆزىنىڭ پىشقان مەشغۇلات تېخنىكىسى ۋە توغرا ،دەل قارىغا ئېلىش ماھارىتى ئارقىلىق ،يەنە بىر ئوتدىلنىيىدىكى زەمبىرەكلەر بىلەن ماسلىشىپ ،28پاي ئوقنىڭ 25پاينى نىشانغا دەل تەككۈزۈپ،دۇشمەننىڭ 9جايدىكى تايانچ بازىسىنى كومپەيكۇم قىلىپ ،پىيادە قىسىملىرىمىزنىڭ ھۇجۇمدا غەلبە قىلىشىغا ئەۋزەل ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى.جەڭدىن كىيىن ،شىنجاڭ ھەربىي رايۇن كەڭشىۋەر ئالدىنقى سەپ قۇماندانلىق شىتابى پارتكومى ئۇنى 1-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ خاتىرگە ئالدى.

       ئۇرۇش ئاياقلىشپ ،تېنىچ ،نۇرمال خىزمەتلەر داۋاملاشقاندىن كىيىن ،قىسىم رەھبەرلىكى ئابلا مامۇتنى ئېزۋۇت كوماندىرلىقىغا ،مۇئاۋىن روتا كوماندىرلىقغا ،دىھقانچىلىق روتىسىنىڭ كوماندىرلىقىغا ،پىيادە 17-پولك         باتالىيۇننىڭ مۇئاۋىن كوماندىرلىقىغا ،پىيادە 17-پولك قوماندانلىق شىتابىنىڭ مۇئاۋىن ناچالىنىك شىتاب (فۇسەنمۇجاڭ)لىقىغا ئۆستۇرۇلدى.كىيىن ،ئۇ يەرلىككە كەسىپ ئالماشتۇرۇپ ،پەيزىئاۋات ناھىيلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىنى بىر قانچە قارار ئۆتەپ پىنسىيگە چىققانىدى.كېسەللىك تۇپەيلىدىن ،     يىلى   ئايدا  يېشىدا بەخىتكە قارشى ۋاپات بولدى .


3.جىگەرلىك پىلىمۇتچى ،قابىل تەشكىلاتچى

ئابدۇرېھىم ئابدۇۋايىت


«يولداشلار ،ئوتدىلىنىيەكوماندىرىمىزغا دۈشمەن ئوقى تېگىپ قۇربان بولدى ،ئۇنىڭ ئىنتىقامىنى ئالايلى !تاجاۋۇزچى دۇشمەننى قىرايلى !» قەھرىمان ئىسمايىل مۇھەممەت قۇربان بولغاندا ،ئاپتۇموبىل كابىنكىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان سىتانكۋاي پىلىمۇت بىلەن دۈشمەنگە ئەجەل ئوقى ياغدۇرىۋىتىپ جاراڭلىق ئاۋازدا سەپداشلىرىنى سەپەرۋەر قىلغان بۇ ۋېجككىنە ،ئەمما ،تولىمۇ مىختا جەڭچى دەل ئېغىر پىلىمۇتچىلار 3-ئوتدىلىنىيسىنىڭ مۇئاۋىن كوماندىرى ئابدۇرېھىم ئابدۇۋايىت ئىدى.

چىياڭسەن ئېغىزىدىكى قايتۇرما زەربە بېرىش جېڭىدا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان دۈشمەنگە ئوتدىلىنىيەكوماندىرى ئىسمايىل مۇھەممەت تەمكىنلىك ۋە قەيسەرلىك بىلەن تاقابىل تۇرۇپ ،قارشى تەرەپنىڭ ئوت كۈچىنى بېسىپ ئېتىشقان چاغدا ،ئۆز سەپدىشىنىڭ قوغداپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىشىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ ،ئۆزى قارىغا ئالغۇچى بۇلۇۋاتقان سىتانكۋاي پىلىمۇتتى پەم بىلەن دۈشمەنگە توغۇرلاپ شىددەت بىلەن ئوققا تۇتتى .پىلىمۇت كۈتۈلمىگەندە كاشىلىغا ئۇچىرىغاندا ،سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە چاقماق تىزلىكىدە كاشىلىنى ئوڭشاپ ،دۈشمەنگە ئەجەل ئوقى ياغدۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى .جەڭدە تىز ئىنكاس ۋە چاقماقتەك ھەرىكەت ھەل قىلغۇچ ئامىللاردىن  ھېسابلىنىدۇ .ئابدۇرېھىم ئابدۇۋايىتمۇ ئەجەل بېشىغا سايە تاشلاپ تۇرغان شۇ پەيىتتە مېڭىسىنى سەگەك تۇتۇپ ،دۈشمەننىڭ ئوت كۈچى كۈچلۈك جاينى ۋە قېچىۋاتقانلارنى قۇرۇلغا ئېلىپ ئۈنۇملۈك زەربە بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرغاچقا ،كىيىن ياردەمگە كەلگەن 1-روتىدىكى سەپداشلىرىنىڭ چىياڭسەن ئېغىزىدىكى دۈشمەننىڭ يۇشۇرۇن تايانچ پونكىتىنى بىت-چىت قىلىپ ،غەلبىنى  قولغا كەلتۇرۇشگە ئەۋزەل ئىمكانىيەت ياراتتى .شۇ قېتىملق جەڭدىن كىيىن ،شىنجاڭ ھەربىي رايۇنى كەڭشىۋەر ئالدىنقى سەپ قۇماندانلىق شىتاب پارتكومى ئۇنى 2-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ خاتىرگە ئالدى.ئۇ يەنە بىر قانچە قىتىمىلىق جەڭ ۋە جەڭگىۋار ۋەزىپىلەردە باتۇرلۇق ۋە پىداكارلىقىنى ئىپادىلىگەچكە يەنە بىر قىتىم 3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ خاتىرگە ئىلىندى.

كىيىن ،قىسىم رەھبەرلىكى ئابدۇرېھىم ئابدۇۋايىتنىڭ جەڭدىكى ،جەڭدىن كېيىنكى ئىپادىسىگە قاراپ ،ئېزۋۇت كوماندىرى ،مائاۋىن رۇتا كوماندىرى ،روتا سىياسى يېتەكچىسى ،روتا كوماندىرى، پىيادە18-پولك قوماندانلىق شىتابىنىڭ مائاۋىن ناچالىنىك شىتابى(فوسەنمۇجاڭ) ، پىيادە 16-پولكنىڭ مائاۋىن پولك كوماندىرى ،1983-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە يەكەن ناھىيلىك ۋە پەيزىئاۋات ناھىيلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرگە ئۆستۈردى.1969-يىلى ،ئۇ شىنجاڭدىكى ئازاتلىق ئارمىيە كوماندىر –جەڭچىلىرى ۋەكىلى سۈپىتىدە ،پايتەخىتتە پارتىيە 9-قورۇلتىيىغا ۋەكىل بۇلۇپ قاتناشتى ۋە ماۋزېدۇڭ باشچىلىقىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قۇبۇل قىلىشىغا سازاۋەر بولدى .ئۇ        -يىلى ئارمىيەدىن يەرلىككە كەسىپ ئالماشتۇرغاندىن كىيىن،يەنى 1993-يىلىدىن2003-يىلىغىچە  قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم سىياسى قانۇن كۇمىتتىنىڭ شۇجىسسى ،ئۇمۇملاشتۇرۇپ تۈزەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋەزىپىلىرىنى  ئۇزۇن يىل ئىشلەپ 2003-يىلى 60يىشىداپىنسىيىگە چىققانىدى،ھازىر ئائىلە تەۋەلىرى بىلەن بىللە كىيىنكى ئۆمىرىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزمەكتە.


4.ئەجەل سايىسى ئاستىدىكى  پىداكارلىق


    1962-يىلى كەچكۈزدىكى ھىندىستان ئارمىيىسى بىلەن بولغان چىگرا ئۇرۇشى،بىزنىڭ خەلق ئازاتلىق ئارمىيىمىز ئۈچۈن ناھايىتى زور سىناق بولغانىدى.دېڭىز يۇزىدىن ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 4500مىتىر ئىگىزلىكتىكى جۇدۇن-چاپقۇنلۇق قاقاس تاغنىڭ ھاۋاسى ناھايىتى شالاڭ ،كىسلارۇت كەمچىل ،دەل-دەرەخسىز ،ئاھالىسىز ،ئۇنىڭ ئۈستىگە كىلىماتى ئۆزگىرىشچان ،قىش كۈنلىرى جۇدۇن ئەدىگەندە تىمپىراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 50گىرادۇس ئەتىراپىدا بولغاچقا ،بۇنداق مۇھىتتا ئۇرۇش قىلىش ئەمەس ،ئەڭ ئەقەللى تىنچ تۇرمۇچ كەچۈرۇشمۇ ئاسانغا توختىمايتتى.ئەمما ،بىزنىڭ ۋەتەنگە ،خەلققە سادىق ئوت يۈرەك ،قەيسەر كوماندىر-جەڭچىلىرىمىز بۇنداق قەبىھ شارائىت ئالدىدا ئىككىلىنىپ باقمىدى.ئۇلار ئۈستىگە 40-50جىڭلىق يۈكنى يۈدۇپ ،قار-مۇزلۇق تىك تاغلاردىن ئېشىپ ،مۇز قاپلىغان دەريالاردىن كېچىپ ئۆتۇپ،جەڭگىۋار پىخۇت(پىيادە)يۇرۇش ۋە جەڭ قىلىش ۋەزىپىلىرىنى غەلبىلىك ئورۇنلىدى.

   10-ئاينىڭ 23-كۈنى ،تىيەنۋىنديەندىن ئالى رايۇنغىچە بولغان سەككىز كىچە-كۈندۇزلۈك مۇشەققەتلىك جەڭگىۋار يۇرۇشىنى ئەسكە ئالغاندا ،كىشىنىڭ شۇنداق بىر يۇرۇش بولغانلىقىغا ئىشەنگۈسى كەلمەيلا قالىدۇ.بۇ سەككىز كىچە-كۈندۇزئىچىدە ،كوماندىر جەڭچىلىرىمىز كۆزلىگەن نىشانغا بىخەتەر ،تىز يېتىپ بىرىش ئۈچۈن ،بىرەر قېتىم كۈدە-كۆرپىسىنى يېشىپ ،پۇت-قوللىرىنى بىخارامان سۇنۇپ ئۇخلاپ باقمىدى.چاڭ-تۇزان ۋە ئاچچىق تەر سېڭىپ كەتكەن كىيىملىرىنى بىرەر قېتىم ئالماشتۇرۇش شارائىتىغا ئېرىشەلمىدى. سەككىز كىچە-كۈندۇزدە پەقەت بەش ۋاقلا خام-خۇتا تاماققا ئېغىز تېگەلىدى.چۈنكى ،قاتناش كۈچىمىز تولىمۇ چەكلىك ،يۈرۇش شارائىتى  بىئەپ بولغاچقا ،ئاشۇ خام-خۇتا تاماقلارنىمۇ ئۇدۇللۇق يەتكۇزۇپ بېرىش ئىمكانىتى يوق ئىدى.شۇڭا ،سەپەر ئۈستىدە سۇغۇق سۇ بىلەن قۇرۇق نان غاجىلاشقا توغرا كەلگەنىدى.بۇنداق غورىگىل تۇرمۇش ئالدىدا بىرە جەڭچىمۇ ۋايساپ ياكى نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ باقمىدى .شالاڭ ھاۋالىق ،ئوڭغۇل-دوڭغۇل تاغ ئىدىرلىرى ۋە قىيان كولاپ كەتكەن جىرالاردىكى جاپالىق پىيادە يۇرۇشتە چىدىغۇسىز دەرىجىدە ھارغان ۋە چارچىغان جەڭچىلەر يول مېڭىۋىتىپ ئۇخلاپ كېتەتتى .سەپەر ئارلىقىدىكى 10مىنۇتلۇق ئارامدا بولسا ھەممەيلەن دىگۈدەك ئۆزلىرى ئۇدۇل كەلگەن يەرگە تاشلىنغانچە ئۇيقۇغا غەرق بولاتتى ،لىكىن ۋاقىت تۇلۇپ يۇرۇش بۇيرۇقى بىرىلگەن ھامان ئۇرۇنلىرىدىن دەس تۇرۇشۇپ يۇرۇشنى داۋاملاشتۇراتتى .ئىزچىل شۇ تەرىقىدە يۇرۇش داۋامىدا بىرەر ئادەممۇ سەپتىن چۇشۇپ قالمىدى.

   10-ئاينىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ،قارا قۇرۇم – گاندىس ئېگىزلىكىدە،كېچە ھاۋاسى سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك سوغۇق بولىدۇ.چىدىر تىكىش شارائېتى بولمىغانلىقتىن جەڭچى- كوماندىرلار ئۇچۇقچىلىقتا ئۇخلاشقا مەجبۇر ئىدى.كۆپچىلكنى ئۈششۈتۈپ قويماسلىق ياكى ئۆپكىسىگە سوغۇق ئۆتكۈزۋالماسلىق ئۈچۈن ،كوماندىرلار پۈكۈلۈپ كېتىۋاتقان پۇتلىرىنى چىدام بىلەن يۆتكەپ ،يۇمۇلۇپ كەتكەن كۆزلىرىنى يىرتىپ ئېچىپ ،شاخ-شۇمبا ۋە تەمەچ تېرىپ كىلىپ ،گۈلخان يېقىپ كۆپچىلىكنى نۆۋەت بىلەن ئىسىندۇردى ۋە ئۇلارنى ئۇيقۇغا غەرق قىلۋەتمەسلىك ئۈچۈن تەسىرلىك كۆرەش ھىكايىلىرىنى ،قىزىقارلىق لەتىپىلەرنى سۆزلەپ كۆپچىلىكنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى ئۆزلىرىگە مەركەزلەشتۈردى.كۆپچىلىكنى ئۇيقۇ بېسىپ بۇلالماي قالغاندا ،ھەر بىر كىشىگە پەقەت يېرىم سائەتتىنلا ئۇخلاش مۆھلىتى بەلگىلەپ بېرىپ ،ۋاقىت توشقاندائويغۇتۇپ، ھەركەت قىلغۇزۇپ ،يامان ئاقىۋەتكە قىلىشتىن ساقلاپ كەلدى.

ھىندىستان ئارمىيىسىنىڭ 16-نۇمۇرلۇق تايانچ پۇنكىتى ئېگىزتاغ يامزىلىنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان بۇلۇپ ،يەر شارائىتى دۈشمەنگە ئەپلىك ،قىسىملىرىمىزغا قولايسىز ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈرىكى پوك-پوك قاقۋاش دۈشمەن ئارمىيىمىزنىڭ كۈچلۈك قايتۇرما ھۇجۇمىدىن مۇداپىيلىنىش ئۈچۈن ،بۇ تايانچ پونكىتىغا 200مىتىر كىلىدىغان دائىرىدە 60مىتىر كەڭلىكتە ،250مىتىر ئۇزۇنلۇقتا مىنالاشتۇرۇلغان «بىخەتەر رايۇن »قۇرىۋالغانىدى.بۇ تايانچ پونكىتقا ئومۇمى قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىغاندىن كىيىن ،قېرىنداش قىسىملاردىن نۇرغۇنلىغان جەڭچىلەر مىناغا دەسسىۋىلىپ قۇربان بولدى.تالاپەت كۆپ بۇلۇپ كەتكەچكە يوقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىق شىتابتىن ئاتلىق 3-پولىكىمىزنىڭ 1-روتىسىنى ئالىي تارماق قىسىمنىڭ 4-روتىسىغا ماسلىشىپ ،دۈشمەن تايانچ پونكىتىنىڭ ئارقىغا ئۈتۇشكە بۇيرۇق قىلدى.زەربىدار بۇلۇپ ئەڭ ئالدىدا ئىلگىرلەۋاتقان 1-روتىنىڭ 1-ئېزۋوتى ئۆزلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۈتىۋاتقان بۇ دائىرىنىڭمۇ مىنالاشتۇرۇلغانلىقىدىن بىخەۋەر بۇلغاچقا ،پۇتۇن غەيرىتىنى ئىشقا سېلىپ ئىلگىرلىمەكتە ئىدى.ئۇلار بىلەن بىللە ھۇجۇمغا ئۆتكەن ساپىيۇرنى روتىسىنىڭ(قۇرلۇش لىيەنى) كوماندىرى بۇ دائىرىدىكى يۇشۇرۇن خەۋىپنى بايقاپ قالدى-دە، جىددى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ كۆپچىلىكنى توستى .1-ئېزۋۇت جەڭچىلىرى مىنا خەۋىپى تۈپەيلىدىن ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قۇيۇپ ۋەزىپىنى ئۇرۇندىيالماسلىقتىن ئەندىشە قىلغاندا ،ساپىيۇرنى روتىسىنىڭ كوماندىرى كۆپچىلىككە :«جەڭگىۋار ۋەزىپە ھەمىمىزگە ئورتاق ،ھازىرقىدەك چىكىنىش ياكى ئايلىنىپ يۇرۇشكە بىئەپ شارائىتتا مىنالاشتۇرۇلغان رايۇندىن ئۈتۇشنىڭ بىرلا چارىسى بار ،ئۇ بولسىمۇ :تاشتىن-تاشقا دەسسەپ ئۆتۈش»دەپ چۈشەندۇردى.1-تۇركۈمدە شۇ ئۇسۇل بۇيىچە 22نەپەر جەڭچى خەتەرلىك دائىرىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى .ئېلى رۇسۇل ئىسىملىك بىر جەڭچى ئۈتىۋاتقاندا پۇتى تاشتىن تېيىلىپ كېتىپ يارىلانغان ئىدى.ئۇنىڭ ئوتدىلىنىيە كوماندارى سىدىق قۇربان ئۇنى قۇتقۇزۇشقا بېرىپ ،مىناغا دەسسىۋالدى-دە،پارتىلاشتا پۇتلىرى ئۈزۈلۈپ قۇربان بولدى. ساپىيۇرنى رۇتا كوماندىرى يۈرىكى ئېچىشقان ھالدا كۆپچىلىكنى قايتا ئۆتۈشىتىن توستى ۋە چاقماق تېزلىكىدە 10جايدىكى مىنانى تازىلاپ،باشقا جايدىن ئۈتۈشنى شەرەت قىلۋىدى،قالغان جەڭچىلەر ۋاقىتنى قولدىن بىرىپ قويماسلىق ئۈچۈن ،خەتەرگە قارىماي داۋاملىق تاشتىن-تاشقا دەسسەپ ئۈتۈپ ،مىنالاشتۇرۇلغان رايۇندىن نىشانلانغان نوقتىغا يەتتى-دە ،قېرىنداش قىسىملارغا ،دەل ۋاقتىدا ھەمدەم بۇلۇپ ،دۈشمەننىڭ قاچار يۇلىنى توسۇپ،شۇ قېتىملىق جەڭدە ئۈزىل-كىسىل غەلبىنى قولغا كەلتۈرۇشكە كاپالەتلىك قىلدى.

      10-ئاينىڭ 28-كۈنى ،كەچ سائەت 8دە،مىللى ئاتلىق 3-پولكنىڭ 3-روتىسى ھىندىستان ئارمىيىسىنىڭ 14-نۇمۇرلۇق تايانچ پونكىتىغا قايتۇرما زەربە بېرىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.تەلەپ:تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن شىچىۋەنخى دەرياسىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۇپ ،دۈشمەن ئىشقال قىلۋالغان ئېگىزلىكىگە تىز يىتىپ بېرىپ ،ياردەمگە كىلىۋاتقان دۈشمەن قۇشۇنلىرىغا تۇسۇپ زەربە بېرىشتىن ئىبارەت ئىدى.ۋاقىت قىس ،ۋەزىپە جىددى بولغاچقا ،قۇشۇن تاماققا قارىمايلا جىددى يولغا چىقتى .پۈتۇن كېچىلەپ پىيادە يۇرۇش قىلىپ ،2-كۈنى تاڭ سەھەردە ،مۇدەتتىن ئىلگىرى شىچىۋەنخى دەرياسىغا يىتىپ كەلدى.شىچىۋەنخى دەرياسىنىڭ بۇ بۆلىكى مۆلچەردىكىدىن 50-60مىتىردەك كەڭ ،چوڭقۇرلىقى 1مىتىردىن تىرەن بۇلۇپ ،سۇيۈزىنى بىر قەۋەت چۈرۈك مۇز قاپلىغانىدى.بۇ يەردە نە كۆۋرۈك،نە كىمە،نە سال يوق سۇ يۈزى سىلىق ئاققاندەك قىلغان بىلەن ئاستى ناھايتى تىز، شىددەتلىك ئىدى.مۇشۇ پەيىتتە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ ،مۇز يېرىپ كېچىپ ئۈتۈشتىن ئۆزگە چارە يوق ئىدى .ۋاقىتنى ئۇتتۇرىۋەتمەسلىك ئۈچۈن كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىتىپاق ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن يېرىم يالىڭاچ بۇلۇپ دەرياغا چۈشتى .ئۇلار قولىنى چىڭ تۇتۇشۇپ سەپ بۇلۇپ ،يېشى كىچىك ،تېنى ئاجىزلارنى ئارىغا ئېلىپ ماڭدى.پولك ئىستىروي بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئىسمايىلىوۋ موسانىڭ ئەسلىدە ئۆپكە كېسىلى بولغاچقا ،قىسىم تىيەنۋىندىيەگە چىققاندىلا ،ئېگىز تاغ رېئاكسىيىسى تۇتۇپ ،يۇزلىرى ئىشىپ، نەپسى قىسىلىپ ،كۆزلىرىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلپ ،دوزاق ئازابى تاتقانىدى.شۇڭا دەسلەپكى جەڭگە قاتناشتۇرۇلمىغانىدى.لېكىن ،بۈگۈنكى بۇ ئېغىر سىناقتا ،ئۇ چىشلىرىنى چىڭ چىشلەپ ،ھەممىگە چىداپ ،كۆپچىلىكنىڭ ئەڭ ياخشى يول باشچىسى بولدى.پىلىمۇت روتىسىنىڭ مۇئاۋىن كوماندارى ئۇبۇل موسا تېخى تۇنۇگۈنكى جەڭدە ئوق تېگىپ يارلانغانىدى.بىراق،بۇ ئەزىمەت ئاغرىق ئازابنى ئىچىدىلا بىلىپ،چاندۇرماي جاندىن ئۆتەر مۇزلۇق سۇدىن باشقىلار قاتارىدا ئوڭۈشلۇق ئۆتتى.

كېچىچە پىيادە يول يۇرگەن جەڭچىلەر ھارغىن ھەم ئاچ ئىدى.كىندىكىگە كەلگەن مۇزلۇق سۇ ئېچىدە بەزىلەرنىڭ يوتىسىنى ،بەزىلەرنىڭ كاسىلىرىنى چىرىمدان،چۇرۇك مۇزلار تىلىپ قانىتىۋەتتى،سۇدىن چىققان ھامان ھۆل كىيىملەر جاققىدە توڭلاپ قېتىپ كەتتى.ئەمما ھېچكىم غىڭ قىلمىدى.ئۇلار ئۇيۇشقان تەن،كۆكىرىپ كەتكەن كالپۇكلىرىنى ئىشقلاپ-ئۇۋۇلاپ ئاز-تولا قان يۇرۇشتۇرگەندىن كىيىن ،ھاپىلا-شاپىلا كېيىندى-دە،چاقماق تىزلىكىدە يۇرۇش قىلىپ،كۆزلىگەن نىشانغا دەل پەيىتىدە يىتپ باردى.شۇ قېتىملىق ۋەزىپە ئورۇنلىنىپ ئۈچ كۈندىن كېين قايتار چاغدىمۇ ھېلىقى چىدىماق تەس ئازاپ يەنە بىر قېتىم تەكرالاندى.ۋەتەن ئۈچۈن ، غەلبە ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىۋەتكەن پىداكار ئەزىمەتلىرىمىز جەڭگىۋار ۋەزىپە ئۇرۇنلانغان چاغدا ،بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ھېلىقى جاپا-مۇشەققەتلەرنى تىزلا ئۇنتۇپ يېڭى جەڭگىۋار ۋەزىپىلەرنى كۈتۈۋېلىشتى.


5-جەڭگاھتىكى پۇقرا پىدائىى ئەزەمەتلەر




1962-يىلىدىكى جەڭدە،خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ ئۆزىمزنى قوغداپ ،قايتۇرما زەربە بېرىش جېڭىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى زور ئىرادىگە كېلىپ،قاتناش نازارىتىگە قاراشلىق قەشقەر ترانسىپورت شىركىتى،كورلا ترانسىپورت شىركىتى ،سودا نازارىتىنىڭ پاختا تۇشۇش شىركىتى ،زاپاس ئەشيالارنى تۇشۇش شىركىتى ،تاشقى سودا ئىدارىسىنىڭ ترانسىپۇرت شىركىتى ،بىڭتۈەن ماشىنا سايمانلىرىنى تۇشۇش باشقارمىسى ۋە ئۈرۈمچى تىرانسىپورت شىركىتى قاتارلىق ئۇرۇنلاردىن ئىلگىرى-كېيىن بۇلۇپ تۆت قېتىمدا 1095ئاپتۇموبىل ئاجىرىتىپ بەردى.بۇلاردىن 990ئاپتۇموبىل ھەربىي لاۋازىمەتلەرنى تۇشۇشقا ،51ى جەڭ قىلىۋاتقان قىسىىملارغا مۇلازىمەت قىلىشقا سەپلەندى.

  جەڭگاھقا مۇلازىمەت قىلىش پەسلى دۇنيادىكى ئەڭ ئىگىز تاغ تىزمىلىرىنىڭ باش قىش مەزگىلى بۇلۇپ ،دىڭىز يۈزىدىن 5000مىتىر ئىگىزلىكتىكى يوللىرى تولىمۇ خەتەرلىك ،كىلماتى جۇدۇن-چاپقۇنلۇق،شالاڭھاۋالىق قارا قۇرۇم ــگاندىس ئىگىزلىكىدە ئىدى.يەرلىكتىن ئاجىرىتىلغان بۇ پۇقرا پىدائىي قېرىنداشلار گاھىدا ئاچ-توق ،گاھىدا ئۇدا دەم ئالماي ،گاھىدا چىڭىقىلىپ ئاغرىۋاتقان بېشىنى تىڭىپ قۇيۇپ ،ماشىنا كوزۇپىنى كارۋات ،يۈك قاپلايدىغان برىزىنېتىنى چېدىر ،قار-مۇزلارنى ئۇسسۇزلۇق قىلىپ ،قۇرۇق نان غاجىلاپ بۇ خەتەرلىك مۇساپىدا ئالدىنقى سەپكە ياردەم بىرىش ۋەزىپىسىنى قەيسەرلىك،ساداقەتلىك بىلەن ئادا قىلدى.شىنجاڭ پاختا ترانسىپۇرت شىركىتىنىڭ پىشقەدەم شوپۇرى ئابدۇللانىڭ بىر پۇتى زەخمىلەنگەن ئىدى.شۇ ھالدىمۇ ئۇ چىڭ تۇرۇپ تەلەپ قىلىپ ئالدىنىقى سەپكە ئاتلاندى ۋە ئۇچىرىغان خىلمۇـ خىل قېيىنچىلىقلارنى قەيسەرلىك بىلەن يېڭىپ، ھەربىي ئەشىيالارنى تۇشۇش ۋەزىپىسىنى ئىنتايىن ياخشى ئادا قىلدى.ئۇيەنە ئاڭلىق ھالدا ئوق-دورا ساندۇقلىرىنى يۆتكەپ ،يۈك چۈشۈرۈش ،يارىدارلارنى يۆتكەش ،شېھىتلارنى ئېلىپ مېڭىش ،نوسىلكا كۆتۈرۇش ،سانتارلىق قىلىشتەك ئۇچىرىغانلا ئىھتىياجلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلدى.

   قەشقەر ترانسىپۇرت شىركىتىدىكى شوپۇر ھاجى ئىبراھىم ياشىنىپ قالغان ،كىسەلچان تۇرۇقلۇق ئالدىنىقى سەپكە ياردەمگە بېرىشنى قەتىئي تەۋرەنمەي تەلەپ قىلىپ ،شىركەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئارىسىدا ئىنتايىن گەۋدىلىك ئۈلگىسىنى كۆرسەتتى.شىنجاڭ تاشقى سودا شىركىتىدىكى شوپۇر ساۋۇت ئەيسا ئالدىنقى سەپكە بەش قېتىم قاتناپ ،قەيەر ئىھتىياچلىق بۇلسا شۇ يەرگە ھازىر بولدى.بىر قېتىم ئۇ تاغقا بېنزىن تۇشۇماقچى بولغاندا ئالدىنقى سەپنىڭ زەمبىرەك ئوقىغا تولىمۇ ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدى-دە ،بۇ ۋەزىپىنى تالىشىپ تەلەپ قىلىپ ،ئالدىنقى سەپكە تىز ۋە بىخەتەر يەتكۈزۇپ بەردى.قەشقەر ترانسىپۇرت شىركىتىدىكى جوزۇڭشى ،گې شىياۋئاۋ ،دىڭ سۇڭچېڭ ،خۇاڭ يوخې قاتارلىق تۆت كىشى ئاتلىق 3-پولكقا سەپلەپ بېرىلگەندىن كىيىن ،زاگاڭدىكى بىر قىتىملىق كەسكىن جەڭدە ،ئۇلار بۇيرۇققا بىنائەن ،دۈشمەنگە قوغلاپ زەربە بەرگەن قىسىمنى تۇشۇۋاتقاندا ،يۇشۇرۇنغان دۈشمەننىڭ تۇيۇقسىز ئوققا تۇتۇشىغا دۈچ كېلىپ ،ئاپتۇموبىل كاردىن چىقىدۇ ،شوپۇر دىڭ سوڭچىڭنىڭ تۆت يېرى يارلانغان بولسىمۇ ،لىكىن،تاكى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانغا قەدەر خىزمەت ئورنىدا دات-پەريات سالماي چىڭ تۇرىدۇ.يارلانغان شوپور گې شياۋئاۋ بىر قولىدا ئوق تېشىۋەتكەن جاراھەت ئاغزىنى چىڭ بىسىۋىلىپ ،يەنە بىر قولىغا قورال ئېلىپ دۈشمەنگە قاراپ ئېتىلىدۇ.پۈتۈن بەدىنى قانغا بويالسىمۇ ،جەڭ ئاخىرلاشقىچە بەرداشلىق بېرىدۇ.جۇزۇڭشى بىلەن خۇاڭ يوخې سەپداشلىرىنىڭ يارلانغانلىقىنى كۆرگەن ھامان قەھرى-غەزىپى ئۆرلەپ ،قورال ئېلىپ ،ئازاتلىق ئارمىيە جەڭچىلىرى بىلەن بىللە دۈشمەنگە زەربە بېرىدۇ. جەڭدىنكىين ئاتلىق 3-پولك پارتكومى ئۇلارنى 3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ خاتىرگە ئالدى.

جەڭ داۋام قىلىۋاتقان چاغلار. يېڭىشەھەر ناھىيە تازغۇن گۇڭشى ئەزاسى ئىمىن سىدىق تاش يول ياقىسىدا كېتىۋاتقاندا لىق بىنزىن باكلىرى قاچىلانغان ئالدىنقى سەپكە ياردەم بەرگۈچى بىر ئاپتۇموبىلدىن قۇيۇق ئىس-تۈتەككۆتۇرۇلۋاتقانلىقىنى سىزىپ ،بىر ياقتىن ۋاقىراپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ ،بىر ياقتىن ئۇقتەك يۈگىرەپ ئاپتۇموبىلنىڭ ئالدىغا ئۈتۇپ ئۇنى توسىدۇ ۋە شوپۇر بىلەن بىللە ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا ئوت ئۈچۈرۈشكە كىرىشىدۇ.قوللىرى ۋە پۇتىنىڭ خىلى چوڭ قىسىمى كۈيۇپ كەتسىمۇ چىداپ،دەرھال كىيىملىرىنى سالىدۇ-دە،باكلارغا ئوت تۇتۇشۇشقا باشلىغانلىرىنى يېشىپ چۈشۈرۈشكە كىرىشىدۇ،بەخىتكە قارشى ئۇلۇغ ئوتتا باكلار پارتىلاپ كەتكەنلىكتىن، ئىمىن سىدىق ئېغىر يارلىنىپ ،جىددى قۇتقۇزۇش ئۈنۇم بەرمەي شەرەپ بىلەن قۇربان بولىدۇ.

  دىمەك، 1962-يىلى ۋەتەننىڭ غەربى چىگىرسىدىكى جوڭگو بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرسىدىكى  ئۆزىمىزنى قوغداپ ،قايتۇرما زەربە بېرىش جېڭىنىڭ غەلبىسىدە ھەر مىللەت خەلقىنىڭمۇ تېگىشلىك ئەجىرى ۋە تۆھپىسى بار.......

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-7 03:16 AM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
XERHAN + 99 ماختاشقا تېگىشلىك
barquk8 + 100 ئەجرىڭىزگە ھۆرمەت !

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 199   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102859
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 237
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 11:38:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ،كۆپ بىلىملەرنى بىلىۋالدىم

ھەر ئىشتا بىر خەيىر بار !

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12341
يازما سانى: 953
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11323
تۆھپە نۇمۇرى: 1449
توردا: 1102 سائەت
تىزىم: 2010-10-1
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 11:55:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارمىغايسىز قېرىندىشىم !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96768
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1111
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 571 سائەت
تىزىم: 2013-8-6
ئاخىرقى: 2014-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 12:00:27 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  داداممۇ 1962ئىشلارنى ئانچە مۇنچە سۇزلەپ قۇيدۇ بەزىدە.ئۇ ۋاقىتلاردا قەشقەر ۋىلايىتى بۇيچە تاغ دۇلقۇنى دەپ(چۇڭلار شۇنداق ئاتايدىكەن) بارلىق ئائىلىلىلەردىن بىردىن ئەر كىشىنى يىڭسار تىغىغا ئەمگەككە ئاپىرىپتىكەن.1962-يىلى ھىندىستان   بۇلغان ۋاقىتلاركەن. بۇ ئىشلارغا قاراپ بۇلارنى رۇدا تاۋلاشقا ئەمەس ھىندىستانلىقلارغا كۇچ كۇرسەتكىلى ئىچىقتىمىكىن دەپ ئۇيلاپ قالدىم.




يىڭسار بىلەن ھىندستان چىگىرلىنامدۇ، دۇسلار

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20124
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 12:55:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت مارشالكا،. مەنمۇ بۇ ئۇرۇش  توغرىسىدا ئاڭلىغان ئىدىم. چوڭ دادام سۆزلەپىرەتتى. كېيىنچە، كىتابخانىلاردىن بۇ ھەقتە ماتېرىيال ئىزدەپ باقتىم، ئەمما تېپىلمىدى. بۈگۈن سىزنىڭ تېمىڭىز ئارقىلىق كۆپ نەرسىلەرنى بىلۋالدىم. ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.

ئاقيولى ئاكىمىزنىڭ نادېر ئەسەرلىرىنى بىزگە سۇنۇپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

قەلبى يارا بوپكەتكەن ئەبلەخ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97835
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1065
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2013-9-14
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 01:24:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت جاپا چېكىپسىز........
چەتئەل تاجاۋۇزچىللىرغا قارشى كۈرەشتە قۇربان بولغان قەھرىمانلارنى خەلق ئۇنتۇپ قالمايدۇ.
مەنمۇ ئۇرۇشقا ئائىت ھىكايىلەرگە بەك قىزىقىمەن .دادام كىچىك ۋاقىتلاردا قۇراللىق بۈلۈمنىڭ ئەكبەر ئىسىملىك بىر باشلىقى باركەنتۇق ،ھىندىنستان بىلەن بولغان ئۇرۇشتا بىر سائەتتە18مىڭ پاي پىلىمۇت ئۇقىنى ئېتىپ بوپتىكەن ،سىتىۋۇل بەك قىزىپ كېتىپ ئاتقان ئوقلىرى ئالدىغا توكۇرلاپ چۈشۈشكە باشلىغاندا ئىسىگە كىلىپ قارىسا بىر قۇلىقى يوقمىش .ھىندىلارنىڭ ئاتقان ئوقى قۇلاقنى ئەكەتسىمۇ بىلمەپتىكەن.شۇ كىشىنىڭ دادامغا دەپ بىرىشىچە  ھىندىستانلىق راجىلار   سەت يۈزىنى  داپتەك قىلىپ قاغىلىقنى بىزنىڭ دەپ، يايلاقلىرغا قاراۋۇلخانا قۇرۇپ، يەرلىك پادىچىلارغا بۇندىن كىيىن سىلەر بىزگە تەۋە دەپ ھەيۋە قىپتۇدەك،پادىچىلار توغرا بىز سىلەرگە تەۋەغۇ دەپ قۇيۇپ،قايتىپ كەلگەندىن كىيىن يەرلىك ھۈكۈمەتكە ئەھۋالنى ئىنكاس قىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك دىپلوماتىيە يولى ئاقمىغاندىن كىيىن بۇيرۇق بويىچە چەمبەر شەكىلدە ئۇلارنىڭ  چوڭ بازىسنى قورشاپ ،ئاندىن ئۈزىنىڭ ئوقى ئۈزىگە تىگىپ كەتمىگۈدەك دەرىجىدە كەينىگە چىكىنىپ بازىنى نىشانلاپ ئۈچ سائەت زەمبىرەك پىلىمۇتلار بىلەن ئوققا تۇتۇپتىكەن ئاخىردا ئۇ بازىغا ئوت كېتىپتۇ،بېرىپ قارىسا ئادەم زاتى  قالماپتۇدەك .شۇندا تۇرسا  راجىلارنىڭ بىر ئايرۇپىلانى كىلىپ پاراشوت بىلەن ماددى ئەشيالارنى تاشلاپ بىرىپ كېتىپ قاپتۇ،بىزدىكىلەر بېرىپ قارىسا  يىمەكلىك ۋە ئوق دورا ئىكەن ،ئادەملىرمىز تېخىچە ھايات دەپ قالغانچېغى،كىيىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى ئالغاندا 200دەك ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلنىپتىكەن ،يەنە باشقا جەڭلەردە قىسىملىرمىز ھىندىلارنىڭ بىز تەسلىم بولدۇق دەپ ئاق بايراق چىقارغانلىرنغا چېقىلماي ،قاچقانلارنى قوغلاپ ماڭسا ما تەسلىم بولدۇم دىگەن كۈچۈكلەر كەينىدىن ئوق چىقىرىپ بىرقانچە جەڭچىنىڭ بېشىغا چىقىپتىكەن ،شۇندىن كىيىن مىللى قىسىمدىكىلەر تەسلىم بولدۇم دىگەنلەرنىمۇ ئېتىۋېتىپ ماڭىدىغان بوپتىكەن،شۇنىڭ بىلەن قېرىنداش قىسىملار سىلەر بەك رەھىمسىز ئىكەنسىلەر دىگەندەك گەپلەرنى قىپتىكەن......

ھىندىلاربولسا خەپ!40يىلدىن كىيىن بىز يەنە كىلىمىز دەپتىكەنمىش.....ئەگەر بۇنداق دىگىنى راست بولسا،مانا ھازىر 50يىلدىن ئېشىپتۇ.قارىغاندا قورققان تىللايدۇ دىگەن راست گەپكەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   unix212 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-7 01:27 AM  


بەزىى ئادەملەر ئۈزىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ئاۋازنى ئىنىق ئاڭلىيالايدۇ،ھەم شۇنىڭ بىلەن يول تۇتىدۇ،بۇنداقلارنىڭ بەزىلىرى ساراڭغا ئايلىندۇ،بەزىلىرى  رىۋايەتكە.

ھاياتقا ئۈمۈد بى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27297
يازما سانى: 1190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9441
تۆھپە نۇمۇرى: 446
توردا: 1665 سائەت
تىزىم: 2011-1-22
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 09:18:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوللىغان تېمىڭىزغا تەشەككۈر ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73736
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5012
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 881 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 09:44:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىندىستاننىڭ شۇ قېتىمقى مەغلۇبىيىتى ئىچىگە بەك ئۈتۈك كەتكەن چېغى ، ئىسرائىلىينىڭ ئىلغار قوراللىرى بىلەن قوراللانغان خىل ئەسكەرلىرىنى چىگرىغا توپلاپ ئاخبارات داۋرىڭى سېلىۋاتىدۇ ،
قايتا سوقۇشۇپ قالسا ھىندى زەڭگىللىرىنىڭ يۈرىكىگە قورقۇنۇچ سېلىۋەتكەن ئۇيغۇر باتالىيونى يانا كارامىتىنى كۆرسىتىپ قۇيار !!!!
( لىكىن ئۇنداق باتالىيۇن ھازىر مەۋجۇت ئەمەستە !)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99209
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 442
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 351 سائەت
تىزىم: 2013-11-3
ئاخىرقى: 2014-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 09:52:28 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شامال7 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-7 12:00 AM
داداممۇ 1962ئىشلارنى ئانچە مۇنچە سۇزلەپ قۇيدۇ بەزىدە.ئ ...

يىڭىسار   ھىندىستان بىلەن  چىگىرلانمايدۇ     .     خۇتەن     قاغىلىق     قاتارلىق    جايلارچىگىرلىندۇ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1878
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2252
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3064 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 10:27:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hiyal0097 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-7 09:44 AM
ھىندىستاننىڭ شۇ قېتىمقى مەغلۇبىيىتى ئىچىگە بەك ئۈتۈك  ...

ھەر-بىر ئۇيغۇر بىر ئەسكەر، مىڭ يىللاپ قاندىن قورقۇپ جىنى چىقىپ كىتىدىغان، قىزىل نەرسە ئۇچراپ قالسىمۇ ھۇشىدىن كىتىدىغان ئۇيغۇر تىخى يوق...
ھىندىلارنىڭ ئەسكەرلېرىنىڭ سانى كۆپ بولغان بىلەن چىرايىغا ياخشىراق قاراپ باقساڭلار بىلىسىلەركى، قان ئازلىق ۋە ئۇيقۇسىزلىققا گىرىپتار بولغان بىر توپ كىسەللەر دۈۋلىمىسى... hindi.jpg

بۇنداق ئادەملەرنىڭ ئىنكاسىمۇ ئاستا، بەدىنىدە كۈچ بولمايدۇ. نەچچىمىز بارساقلا تېرە-پېرەن قىلىۋىتىمىز...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-7 10:36 AM  


ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش