مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4284|ئىنكاس: 83

"نىيوتۇننىڭ ئالمىسى"ئۈستىدە قايتا ئويلۇنۇش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4832
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18539
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6103 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 08:03:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

"نىيوتۇننىڭ ئالمىسى"ئۈستىدە قايتا ئويلۇنۇش

قاسىم سىدىق


ئاپتۇرنىڭ ئىزاھاتى:
نىيوتۇن ئالمىنىڭ يەرگەچۈشىشىدىن ئىلھاملىنىپ «ئالەملىك تارتىش كۈچى»نى ئويلاپ تاپقان ئىدى.ئېينىشتېيىن زامان -ماكان ئەگرىلىگى ئىدىيىسىنى تارتىش كۈچىنىڭ ئورنىغا دەسسەتتى.لىكىن ،ھازىرغىچە كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسى ئۆزۆل - كېسىل ئىسپاتقا ئىرىشەلمىدى.ئۇنىڭ ئۆستىگە نۇۋەتتە گىراۋىتۇن،تارتىش كۈچى دولقۇنى ۋەتارتىش كۈچى مەۋجۈت ئەمەس دەيدىغان تەتقىقات نەتىجىلىرىمۇ مەيدانغا كەلمەكتە.
مەن بۇ تېمىدا نىيوتۇننىڭ ئالمىسىنى مەركەز قىلغان ھالدا ھەركەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانونى ،ھەركەت شەكلى قاتارلىق ئۇقۇملار نۇقتىسىدا تۇرۇپ مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ دەسلەپكى يەكۆنلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.ئوخشىمىغان تەپەككۆر يوللىرىدىن مېڭىپ كۇرۆش تارتىش كۈچىنىڭ ماھىيىتىنى بىلىشتە زۇرۇرى ۋاستە.ئۇقۇرمەنلەرنىڭ ئوخشىمىغان قاراشلىرى بولسا دادىل ئوتتۇرىغا قويۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.



ياش نىيۇتون ئالمىنىڭ يەرگە چۈشىشىدىن ئىلھاملىنىپ"ئالەملىك تارتىش كۈچى"نى ئويلاپ تاپتى


1


«ئېغىرلىق» _ خۇددى ھەركەتكە ئوخشاشلا زەررىچە ياكى جىسىم «ئۇزىدىكى نەرسە» دەپ قارالسا «تارتىش كۈچى»ھەققىدە بەزى يېڭىچە پەرەزلەرنى كەلتۆرۆپ چىقىرىشقا بولىدىغاندەك قىلىدۇ.مەسىلەن نىيوتۇننىڭ ئالمىسىنىڭ ئېغىرلىغى مۇشۇئالما «ئۇزىدىكى نەرسە».ئالمىنىڭ بېغىدىن ئۆزۆلۈپ تۇۋەنگە چۈشكەن ھەركىتىمۇ ئالما ئوزىنىڭ ھەركىتى.ئالما تېخى شاختىكى ۋاقىتتا يەر شارىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش ھەركىتى بىلەن ،قوياشنى چۆرىدىگەن ئوربىتىلىق ھەركىتىگە تەڭ قاتنىشاتتى.بېغىدىن ئۆزۆلگەندىن كىيىن ھەركەت يۆنىلىشىدە ئۆزگىرىش يۆز بەردى ۋە تۆۋەنگە چۈشتى.ھەركەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانونى بېغىدىن ئايرىلغان ئالمىنى مۇئەللەقتە جىم تۇرغۇزماي يەرگە چۈشۈشكە مەجبۇر قىلدى.ۋەھاكازا دىگەندەك.

بۇ خىل تەپەككۆر يۆنىلىشىدە يەنە ئىزچىل مېڭىپ باقساق مول تەساۋۋۇر دۇنياسى ئالدىمىزدا زاھىر بولىدۇ.مەسىلەن:
1.يەرگە چۈشكەن ئالمىنىڭ ئۇزىدە ئەزەلدىنلا بار ئومۇمى ھەركەت مىقدارى يەنىلا تۇراقلىق بولىدۇ.ئالما بېغىدىن ئۆزۆلگەن دەسلەپكى پەيىتلەردەئىنىرىتسىيە تۆپەيلى ئونىڭ ھەركىتى يەر شارىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئاغقان ھالدا تۆۋەنلەش بولىدۇ.تەدىرىجى ئېغىش مىقدارى قىسقىراپ،يەرگە يۆزلەنگەن يۆنىلىشتىكى تىزلىكى ئېشىپ بارىدۇ.لىكىن يەنىلا ئومۇمى ھەركەت مىقدارى تۇراقلىق بولىدۇ.يەنى ،ئالما شاختىكى ۋاقىتتا قانچىلىك ھەركەت مىقدارىغا ئىگە بولغان بولسا،يەرگە چۈشۈش جەريانىدىمۇ يىغىندى ھەركەت مىقدارى ئۆزگەرمەيدۇ.

2.ئالما يەر يۆزىگە چۈشكەندىن كىيىن قارىماققا «جىم»تۇرغىنى بىلەن ماھىيەتتە ئونىڭ ئومۇمى ھەركەت مىقدارى يەنىلا تۇراقلىق بولىدۇ.چۈنكى ئۇ ئەمدى يەر شارى بىلەن ھەم ئوقىدا ئايلىنىش ھەركىتىگە ھەم ئوربىتىلىق ھەركەتكە قاتنىشىۋاتقان بولىدۇ.يەر شارىنىڭ بارلىق تەركىپلىگۆچىلىرىمۇ ھەم شۇنداق.

يۇقۇرقىلاردىن بىز ھەركەت يۆنىلىشىنىڭ ئۇزگىرىشى سەۋەپلىك ھەركەتنىڭ ئومۇمى مىقدارىدا ئۆزگۆرۈش بولمايدىغانلىغىنى پەرەز قىلالايمىز.يەنى بۇ يەردىكى ئۇزگۆرۆش پەقەت ھەركەت  شەكلىدىكى ئۇزگۆرۈش،ھەركەت شەكلىنىڭ ئالمىشىشى بولۇپ،ئومۇمى ھەركەت مىقدارىدىكى ئۇزگۆرۈش ئەمەس.

2


بەزىلەر يۇقۇرقى تەشەببۇسلىرىمنى ئاڭلاپ«ئۇنداقتا ئېغىرلىق ھەممىگە ئايان پاكىتقۇ،بۇنىڭغا نىمە دەيسەن؟!»دېيىشى مۆمكىن.تۇغرا،ئېغىرلىقنىڭ مۇئەييەن شەرىتلەر ئاستىدا ئىپادىلىنىدىغانلىغى پاكىت.لىكىن مىنىڭ نەزىرىمدە ئېغىرلىقمۇ ۋىكتۇر(يۆنىلىشكە ئىگە مىقدار) بولۇپ،ئېغىرلىقنىڭ يۆنىلىشى بار دىگەن قاراش بەزى چۈشەنمەسلىكلەرنى ھەل قىلىشى مۆمكىن.بېغىدا ئېسىلىپ تۇرغان نىيوتۇن ئالمىسىنىڭ ئېغىرلىغى يەر مەركىزىگە يۆزلەنگەن بولغاچقىلا  بېغىدىن ئاجىرىغاندىن كىيىن يەر يۆزىگە چۈشكەن!.
يۇقۇرقىچە قاراشتا «تارتىش كۈچى »ئارتۇقچە ،كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ كەلگەن ئۇقۇم ۋە خاتا سەزگۆ بولۇپ قالىدۇ.يەنى بۇ ھالدا بىز "تارىتىش كۈچى"ئۇقۇمى ۋە ئاتالغۇسىدىن ۋازكېچىپ ،ئۇنىڭ ئورنىغا "ئېغىرلىق كۈچى"ئۇقۇمىنى ۋە ئاتالغۇسىنى دەسسەتسەك بولىدۇ.چۈنكى ھەرقانداق شەكىلدىكى«كۈچ» يۆنىلىشكە ئىگە.

بەزىلەر يەنە ئالەم بوشلۇغىدىكى ،بەزى ئەمىلى تەجىربە ۋە ئىدىيال تەجىربىلەردىكى ئېغىرلىق كېمىيىش،يوقۇلۇش ھادىسىسىنى شىپى  كەلتۆرۆپ"ئەمدى بۇنىڭغا نىمە دەيسەن؟!"دىيىشى مۆمكىن.بۇ سوئالنىڭ جاۋابىمۇ بەك ئاددى.

ئېغىرلىق يوقالمايدۇ،پەقەت ئۆز شەرىتلىرىگە كۇرە بەزىدە بىز ئۇنى ئۆلچىيەلمەيمىز.يەنى ئۇ بەزىدە «مۆكۆۋالىدۇ».
يىتەرلىك تىزلىكتە پىقىراۋاتقان ،سىزىقلىق ھەركىتى ،تەۋرىنىشى ئىنتايىن كىچىك بولغان زەررىچە ۋە جىسىمنىڭ «ئېغىرلىغى» ھەممە يۆزىگە دىگىدەك تەقسىملەنگەن بولىدۇ.ھازىرقى تېخنكا شارائىتىدابىزنىڭ ئۇنى تارتىپ چىقىدىغان تارازىمىز يوق.بىز ئۇنىڭ مەۋجۈتلىكىنى پەقەت نەزەريىۋى جەھەتتىن مۇ ئەييەنلەشتۆرەلەيمىز.دىمەك ئېغىرلىقنىڭ نەزىرىمىزدىكى كېمىيىشى ياكى يوقۇلىشى ئونىڭ ھەقىقەتەن يوقالغانلىغىغا تەڭ ئەمەس.پەقەت ئىپادىلىنىش شەكلىنى ئۇزگەرتتى خالاس.

3


مىنىڭ يۇقۇرقى تەشەببۇسلىرىم ھەركەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانونى بىلەن ماسسا -ئىنىرگىيەنىڭ ساقلىنىش قانونى ئاساس قىلىدۇ.
يەكۈنىم شۇكى: نەچچە ئەسىرلەپ باش -ئاخىرىغا چىقىپ بولغىلى بولمايدىغان «تارتىش كۈچى»دىن ۋازكېچىپ «ئېغىرلىق كۈچى»نى دەسسىتىش كېرەك.«ھەركەت _ ھەركەت قىلغۇچى ئوبىكىتنىڭ ئۇزىدە بولىدۇ»دىگەن ئالدىنقى شەرىت ئاستىدا نىيوتوننىڭ ئالمىسىنى يەرگە چۈشۈشكە مەجبۇر قىلغان كۈچ يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى ئەمەس بەلكى نىيوتۇننىڭ ئالمىسىنىڭ ئۇزىدىكى ئېغىرلىق كۈچى ۋە  ئۇنىڭ سىزىقلىق يۆنىلىشى.بىز بۇ راسىت ۋە يالغان كۈچلەرنىڭ خاسلىقلىرىنى ،شەرىتلىرىنى ،يۆنۆلۈشلىرى قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلساق يۇقۇرقى تەشەببۇسنىڭ ئورۇنلۇقلىغىنى ھېس قىلالايمىز.

ئەسكەرتىش :
قالغان مۇلاھېزىلەرنى داۋاملىق ئىنكاس شەكلىدە تولۇقلايمەن.تورداشلارنىڭ بۇ  تەشەببۇسلارنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى كۇرسۆتۆپ بېرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.قىززىقمايدىغانلارنىڭ تېمىنى بىر ياققا تاشلاپ قويۇپ ماڭا ئازار بېرىپ كەتمەسلىكىنى سەممى ئۆتۆنىمەن!.


2014.1.9



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XERHAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-19 11:51 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101964
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 957
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 251 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 09:22:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مۇشۇ فىزىكا خىمىيەگە ئائىت بىرنەرسىلەرنى ئانچە چۇشىنىپ كەتمەيدىكەنمەن  شۇنداقتىمۇ ئەجرىڭىزگە كوپ رەخمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1920
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4720
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 09:36:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئويلايمەن.ھاۋا يەنى ئۇكسىگىن دەپ ئاتالغان ھاۋا بولغان شارائىتتا ھەر قانداق نەرسە يەرگە چۈشىدۇ.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28759
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 10:00:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
izqel يوللىغان ۋاقتى  2014-2-6 09:36 PM
مەن ئويلايمەن.ھاۋا يەنى ئۇكسىگىن دەپ ئاتالغان ھاۋا بول ...

تۇرپانغا ئوخشاش ئويمانلىققا جايلاشقان يۈر يۈزى تۆۋەنرەك ( يەنى دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەن ) بولغان جاي باشقا جايلارغا قارىغاندا ئوخشاش پەسىل ، ئوخشاش ھاۋارايىدا ئىسسىقراق بولىدۇ ، بۇ ھاۋانىڭ يەنى ئوكسىگىننىڭ زىچلىقىدىنمۇ ؟
ئەگەر سىز دىگەندەك نوقتىدا تۇرۇپ ئويلىساق  دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەن بولغان يەردىكى ئالمىنىڭ يەرگە چۈشىشى بىلەن دېڭىز يۈزىدىن يۇقىرى يەردىكى ئالمىنىڭ يەرگە چۈشىشى ۋاقىت جەھەتتىن پەرىققە ئىگە بولارمۇ ؟

مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103075
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 45
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2014-2-2
ئاخىرقى: 2014-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 10:55:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئىلگىرىمۇ سىزنىڭ ماقالىڭىزىنى كۆپ ئوقۇغان قاسم ئەپەندى،راس بۇرۇنقى ماقالىڭىز مىنى ئازىراق بولسىمۇ قايىل قىلغان،لىكىن ئويلاپ قالدىم،بۇ قىتىم سىزگە قىرىلىق يىتىپ قالغان ئوخشايدۇ!!!سىزدىن سوراپ باقاي ئالمىنىڭ ئىغىرلىق كۈچى نەدىن كەلگەن، بۇ ئىغىرلىق كۈچىنىڭ يەر شارى بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوقمۇ؟ ئۇنداقتا ئالما نىمىشقا يەنە يەرگە چۈشىدۇ،ئالما ئۇچۇپ ئاسمانغا چىقىپ كەتسە بولمامدۇ!!! مىنڭچە سىز ماسسا بىلەن ئىغىرلىق دىگەن ئۇقۇمنى ئارلاشتۇرۇپ چۈشۈنىۋاپسىز،سىز دىگەن نىيوتۇننىڭ ئالمىسىنىڭ ئۇزىدىكى ئېغىرلىق كۈچى دىگىنىڭىز ماسسا ئۇ،بۇ ماسسا سىرتقى تەسىر ئارقىلىقلا ئىغىرلىقىقا ئىگە بولالايدۇ،بۇ تەسىر دەل تارتىش كۈچىدۇر.ئىغىرلىق ھەرگىزمۇ شۇ ماددىنىڭ ئۆزىدىكى نەرسە ئەمەس.«ئېغىرلىق يوقالمايدۇ،پەقەت ئۆز شەرىتلىرىگە كۇرە بەزىدە بىز ئۇنى ئۆلچىيەلمەيمىز.يەنى ئۇ بەزىدە «مۆكۆۋالىدۇ».» سىز دەپ بىقىڭ ئۇ نەگە مۆكىۋالىدۇ؟ ماسسا تۇلاقلىق بولغان جىسىمنىڭ ئىغىرلىقى تامامەن سىرتقى تەسر تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ ئەپەندى، مەسلەن ئارلىق ۋە باشقا جىسىمنىڭ ماسسى قاتارلىق ئامىللا.

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ئۇتغۇر + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
taremogli + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

ئەركىلىمە ھە!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12091
يازما سانى: 1204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8691
تۆھپە نۇمۇرى: 376
توردا: 3123 سائەت
تىزىم: 2010-9-29
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 11:30:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
XERHAN يوللىغان ۋاقتى  2014-2-6 10:00 PM
تۇرپانغا ئوخشاش ئويمانلىققا جايلاشقان يۈر يۈزى تۆۋەن ...

تۇرپاندىكى يەر يۈزى تۆۋەن ئويمانلىقلارنىڭ تىمپىراتۇرسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئويمانلىقتا ئىسسىقلىقنىڭ تولۇق تارقىلالماسلىدىن بولىدۇ، ئوكسىگىننىڭ قويۇق زىچلىقىدىن ئەمەس. ئوكسىگىن يوق يەردىمۇ تارتىش كۈچى پەيدا بولىدۇ، مەسىلەن ۋاكوملۇق قاچىلانغان يىمەكلىكلەرمۇ خالتىسىنىڭ ئىچىدە لەيلەپ قالمايدۇ.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
XERHAN + 11 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 11   باھا خاتىرىسى

بەزىلەر كۆكتە ئۇچۇپ سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق،مەن مىسالى يالاڭ ئاياق دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32240
يازما سانى: 915
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19477
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 1170 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2014-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 12:03:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىسىماخىۇن يوقاپ كەتتڭىلىغا بامۇ سىلە، شەكىل نەزىرىڭلا قايدا بولاپ كەتتە

نىم دەپ يازسام بولا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32240
يازما سانى: 915
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19477
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 1170 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2014-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 12:04:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

نىم دەپ يازسام بولا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4832
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18539
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6103 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 12:25:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى مەخپى نومۇرنى تاپالماي،ئۇنتۇپ قېلىپ«مىسرانىم»غا كىرەلمىگەن ئېدىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-7 12:26 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97939
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 335
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2013-9-17
ئاخىرقى: 2014-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 12:31:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاممىنىڭ يەرگە چۇشۇشى يەر شارنىڭ  تارتىش كۇچى ئەمەس  ئاممىدىكى ماسسىنىڭ كۇچى  دېمەكچىما  
مۇشۇ بىز نەپەس ئېلىۋاتقان ھاۋانى مىسال ئالساق ئادەم قانچە يۇقىرغا ئۆرلىگەنسىرى نەپىسى سىقىلىدۇ چۇنكى يۇقىرغا ئۆرلىگەنسىرى بىز نەپەس ئېلىۋاتقان  ھاۋا دىكى ئوكسىگىن نىڭ زىچلىقى ئازىيىپ  باردۇ   دېمەك بىزنەپەس ئېلىۋاتقان ھاۋانىڭ تەركىبىدىكى ئازوت ئوكسىگىن قاتارلىق تەركىپلەرنى  يەر شارى  ئۆزىگە تارتىپ تۇردۇ  دەپ ئويلايمەن شۇڭا دېمەكچى بولغىنىم
ئاممىنىڭ يەرگە چۇشۇشى ئۆزىنىڭ ماسسىسى بىلەن ۋە ھاۋا بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىكمىكى دەپ ئويلايمەن


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش