|
|
|
|
بولسىمۇ پۇلى يوق سۆيسەمچۇ مەرتنى گۆھەرقىز ئىبرايىم بولسىمۇ پۇلى يوق سۆيسەمچۇ مەرتنى،
چىرايغا كۆيمەستىن سۆيسەمچۇ سەتنى،
دەرت- ئەلەم ئازاپتا سىقىلدى قەلبىم،
شوخ يۈرۈپ كورمەستىم مۇنچە ئازاپنى.
كىشىلىك قەدرىمنى قىلىپ بىر تىيىن،
ياشاشتۇر ئۆزەمگە قارىساڭ قىيىن،
قايغۇ ۋە ئەلەمسىز ئۆتمەيدۇ كۈنۈم،
ئازاپلار دەيدىكى ئۆلۈمىڭ يىقىن.
پۇل، ئۆيگە، ماشىنىغا ياتقان ئىكەنمەن،
بەختىمنى بايلىققا ساتقان ئىكەنمەن.
ياش تۆكۈپ يۈرسەممۇ ئاغرىناي كىمدىن،
ۋىجدانسىز يارنى مەن تاپقان ئىكەنمەن.
مەرتلىنى مەتۇ دەپ قاچقان ئىكەنمەن، بايلىقنى بەخت ۋە شۆھرەت دەپتىمەن،
ئاغرىنماي ئۆزەمدىن ئاغرىناي كىمدىن،
ئۆزەمنى دۇزاققا تۇترۇق قىپتىمەن.
يىلاننى كوچىدىن تاپقان ئىكەنمەن،
ھايۋاننى ئادەم دەپ بىلگەن ئىكەنمەن.
ياخشىنى كۆرمىدى قارىغۇ كۆزۈم،
ئويلىسام ھاياتتا ئازغان ئىكەنمەن. مەنبە : ئۆز قەلىمىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 1263318936 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-6 07:35 PM
|
|
|
|
|
|