بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( X% Q* ~+ ~% O5 g5 wئوقۇتقۇچى ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى، بۇ ئۇلۇغلارنىڭ تەبىرى. ئوقۇتقۇچى تىرىشچان باغۋەن، بۇ خەلىقنىڭ مەدھىيسى. ئوقۇتقۇچى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتنىڭ ئانسى ، بۇ تارىخىنىڭ ئوقۇتقۇچىغا بەرگەن ئېنىقلىمىسى. ئوقۇتقۇچنىڭ قەلبى ئالتۇندىنمۇ ساپ بۇلىدۇ. قەلبىي يۇلتۇزلاردەك چاقناپ تۇرىدۇ، قەلبى زۇمرەتتەك سۈزۈك ۋە غۇبارسىز كىلىدۇ. كۆيۈۋاتقان كۆمۈر ئۆز ۋۇجۇدىدىن يۇرۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق تارقىتىدۇ. ئويلاپ كۆرۈڭ. خەلق ئوقۇتقۇچىسى دەل مۇشۇنداق خىسلەتكە ئىگە ئەمەسمۇ؟ ئوقۇتقۇچىدا مېھرىبان ئانىنىڭ مۇھەببىتى، تەلەپچان ئاتىنىڭ ئىناۋىتى، پەيلاسوپنىڭ زاكونى ۋە ئەمەلىيەتچىنىڭ بىجاندىللىقى بۇلۇشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى ئۇچقۇنغا ئوخشايدۇ، ئوقۇغۇچىلارغا يالقۇنلىرىنى تۇتاشتۇرىدۇ. ئوقۇتقۇچى خۇددى تاش پەلەمپەيگە ئوخشاش ئوقۇغۇچىلارنى قەدەممۇ-قەدەم يۇقۇرىغا چىقىشىنى خالايدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنى نىمدىگەن مۇھىم نىمىدىگەن ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەس-ھە ! پۈتكۈل ئىنسانىيەت ھاياتىنىڭ تەقدىرى شۇلارنىڭ قۇلىدا. باغۋەننىڭ تەرلىرى يېشىل يوپۇرماقلاردا ياشنىسا، ئوقۇتقۇچىنىڭ تەرلىرى قەلىبلەردە مېۋە بىرىدۇ. ئەجدادلىرىمىز بۈگۈنىمىزنى يارىتىپ بەردى. بىز كىيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن ئەتىنى يارىتىشىمىز كېرەك. كىيىنكى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئۆگۈنىنى قانداق يارىتىش بولسا، بۇ تارىخنىڭ خەلق ئوقۇتقۇچىلىرى ئالدىغا قويغان ئېمتىھان سۇئالدۇر. بىراق خەلق ئوقۇتقۇچىلىرى «بىزنىڭ سەككىز سائەتتىن سىرىتقى ۋاقتىمىزمۇ يەنىلا ئوقۇغۇچىلارغا مەنسۇپ» دىيىشىدۇ. ئوقۇتقۇچى - مەكتەپتىكى ئەڭ مۇھىم ئۇستاز، ئەڭ بىۋاستە نەمۇنىسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ جانلىق ئۈلگىسى. ئوقۇتقۇچى - دىلغا چىراغ ياققۇچى، شامغا ئوخشاش ئاز-ئازدىن نۇر چاچقۇچىلاردۇر، ئوقۇتقۇچى - بور، قەلەم، كىتابنى ئالتۇن، كۈمۈش، گۆھەردىن ئەلا بىلگۈچىلەردۇر. ئوقۇتقۇچى - قۇياشقا ئوخشاش نۇر چېچىپ نادانلىق تۇمانلىرىنى تارقىتىۋەتكۈچىلەردۇر. ئوقۇتقۇچى - باھاردىكى پىلە قۇرتى، ئۇ، ئۆزىدىن يىپەك تور چىقىرىپ باشقىلارنى بوران-چاپقۇندىن تۇشۇپ قالىدۇ. ئوقۇتقۇچى - بىر كېمىچى، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنى پايانسىز ئوكيانلاردىن بىلىم گىرۋىكىگە باشلاپ بارىدۇ. ئوقۇتقۇچى - بىر باغۋەن، ئۇ ئۆزىنىڭ قان-تەرى ئارقىلىق ۋەتەننىڭ گۈللىرىنى سۇغىرىدۇ. ئوقۇتقۇچى - بىر ھەسەل ھەرىسى، ئۇ تۈرلۈك -تۈمەن گۈللەردىن ھەسەل يىغىپ، كىيىنكى ئەۋلادلارغا ئۇزۇقلۇق يەتكۈزۈپ بىرىدۇ. ئوقۇتقۇچى- ئىنسانىيەت مەدەنىيتى ۋە پەننى بىلىملەرنى تارقاتقۇچى بۈيۈك كىشىلەردۇر. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 a# K+ Z0 c& _- i, |/ s/ z/ ~3 b
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ...muslim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-6 07:18 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" r6 t3 _' ?$ j' @8 \
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( \4 Z9 z3 x1 x
|