مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 182|ئىنكاس: 7

شەيدائىي: غەزەللەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43073
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7110
تۆھپە نۇمۇرى: 792
توردا: 367 سائەت
تىزىم: 2011-6-4
ئاخىرقى: 2014-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 06:57:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىمىننىياز مەتنىياز شەيدائىي غەزەللىرىدىن


كۆڭۈل شەرھى

ئىشىق غەۋغاسىدىن بىسيار چېكىپ ئەفغان يۈرەر كۆڭلۈم،
ھىلال ئۆچكەن شەبىستانغا مۆكۈپ پىنھان يۈرەر كۆڭلۈم.

نگار سالغان پىراقلاردا كۈيۈپ تاڭلارغا يۈز ياقسام،
سابانىڭ ئۆركىشى ئىچرە ئوقۇپ داستان يۈرەر كۆڭلۈم.

ئازاب دەرياسىدا ئاقسام ۋىسال قىرغاقىنى ئىزدەپ،
ئۇپۇق سۆيگەن باياۋاندا بولۇپ سەرسان يۈرەر كۆڭلۈم.

قىيانلار تەكتىگە چۆكسەم مېنى قىينايدۇ مىڭ تەشۋىش،

سۈكۈتلەرنىڭ بايانىدا كېچىپ ئوكيان يۈرەر كۆڭلۈم.

ھىجىرنىڭ قەھرىدە تەننىڭ شېخىدا كۆكلىسە فۇرقەت،
ئەقىدەمنىڭ گۈلى ئۆزرە ئۇرۇپ خەندان يۈرەر كۆڭلۈم.

قېنى ئۆڭمەس ناۋا بىرلە قۇياشنىڭ كۆكسىدىن بالقىپ،
زېمىستان باغرىغا ھەردەم چېچىپ گۇلخان يۈرۈر كۆڭلۈم.

قارا تۈنلەردە باشىمغا لەپىلدەپ ياغسىمۇ ھىجران،
مۇھەببەتنىڭ دالاسىدا چېچىپ ھەريان يۈرەر كۆڭلۈم.

  

يېلىنجاش



ياشاپ كەلدىم جانان ئىشقى پىراقىڭدا يېنىپ چوغدەك،
تالاي تاڭلارغا يۈز ياقتىم ۋىسالغا ئىنتىلىپ چوغدەك.

زېمىستان كۆكسىدە سەنسىز ۋوجۇدۇم توڭلىغان دەملەر،
ئۈمىدتىن پەرلىدىم جاننى ھارارەتلىك تىنىپ چوغدەك.

جۇدالىق ئوتلىرى دەۋرەپ دىلىمنى ئۆرتىسە ھەسرەت،
ئىچىمدە سويلىدى تەشۋىش، سۈكۈتلەرگە پېتىپ چوغدەك.

ساداقەت باغلىرى ئىچرە پۆرەك ئاچسام ئەقىدەمدە،
گۈلۈمنى ئەيلىدىڭ پايخان، يۈرەككە دەرت قېتىپ چوغدەك.

مۇھەببەتنىڭ خازان پەسلى جېنىمغا سالسىمۇ خەنجەر،
كۆيۈشنى ئىستىدىم ھەر چاغ ئازابلارغا قېنىپ چوغدەك.

               مىلادى 2014-يىلى 29-يانۋار، شەھىرى گۇما


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99858
يازما سانى: 330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 599
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2013-11-20
ئاخىرقى: 2014-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 10:39:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئىسىل شېئىريەت ئۈنچىلىردىن ھوزۇر ئالغىنىمدىن خۇشالمەن

رەھمەت سىزگە   قەلەم تۇلپارىڭىزھارمىغاي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 4986
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29268
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2791 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2014-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 10:17:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈنكى، ئادەمدە سىز دىگەندەك مۇھەببەت ۋە نەپرەت ھىسياتى ئېنىق بولوش كىرەك.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 335
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 104 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 10:54:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل   شېرلاركەن .     كۈچلۈك  ئاڭاڭدارلىق   يۈرىكىمنى   ھاياجانلاندۇرىۋەتتى  .     يىزىپ   تۇرۇڭ.

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5185
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 18334
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 1782 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 11:15:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەزەلگە تەشەككۈر....  بەك ئىسىل چىقىپتۇ

سۆيۈلۈشنى كۈتۈپ يۈرۈپ ، كۈتۈشلەرنى سۆيۈپ قالدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99851
يازما سانى: 498
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1768
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2013-11-20
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 07:21:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئىسىل چىقىپتۇ.

ھاياتتا ھېچكىمنىڭ قولىغا ئېسىلما،ھېچكىمنڭ تېمىغا يۆلەنمە،شۇنداق كۈنلەر كېلىپ ،ئۇ قوللار بوشىشىپ ،ئۇ تاملار يىقىلىپ كېتەر،يەنىلا ئۆزەڭگە  تايانغىنىڭ ئەۋزەلدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7151
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 03:33:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارمىغايسىز قېرىندىشىم ، بەك ياخشى يېزىپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43073
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7110
تۆھپە نۇمۇرى: 792
توردا: 367 سائەت
تىزىم: 2011-6-4
ئاخىرقى: 2014-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-16 01:33:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئەزىز تورداشلارنىڭ باھا، تەكلىپ-پىكىرلىرى ماڭا غايەت زور ئىلھام مەدەت، ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالاملار يار بولسۇن !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش