يېشىل ئارمانغا ئوخشايسىز
خوتەن دىيارىدىكى نۇرغۇنلىغان يازغۇچى، شائېر، قەلەمكەشلەرنىڭ پەرۋىشكار باغۋىنى پېشقەدەم ئاخباراتچى، ئۇستاز شائىر سېدىق قاۋۇز ئەپەندىگە بېغىشلانغان مۇۋەششەھ
سابانىڭ ئۆركىشى ئىچرە يۇرۇق چولپانغا ئوخشايسىز،
مېھىرلەر دولقۇنى ئۆزرە گويا فونتانغا ئوخشايسىز.
ئېلىم-ھېكمەت پايانىدىن قېزىپ دۇر، ئۇنچە-مەرۋايىت،
يۈرەككە گۈل چېكىپ ئۆتكەن ئۇلۇغ سارۋانغا ئوخشايسىز.
دىلى سۇنغان ھەۋەسكارنىڭ بېشىغا قوندۇرۇپ ئامەت،
شەبىستانغا زىيا تۆككەن كۈيۈك ئاسمانغا ئوخشايسىز.
ئىجادنىڭ ئىپتىداسىدا بوغۇنلار بەختىنى كۆزلەپ،
ۋىسال قەسرىگە يول ئاچقان يېتۈك كارۋانغا ئوخشايسىز.
قىيام بولغان ناۋالاردىن سۇنۇپ شەربەت كۆڭۈللەرگە،
تىلەككە ياندىشىپ ئاققان قېنىق ئوكيانغا ئوخشايسىز.
قىيانلاپ مەرغۇلى جاننىڭ يېڭى تاڭلارغا يانداشسا،
قەدىم بارخانغا ئات سالغان جەسۇر پالۋانغا ئوخشايسىز.
ئايان ئەيلەپ ئىجاد بىرلە ئانا تىل ئىپتىخارىنى،
قىيالاردا پۆرەك ئاچقان يېشىل ئارمانغا ئوخشايسىز.
ۋەتەن دەپ قاينىسا قانلار ئۈمىدنى چوغلىتىپ يال-يال،
جىمى قۇشلارغا مۇڭ بەرگەن سېخى بوستانغا ئوخشايسىز.
ئۇزارتىپ تۈن ئاراسىنى كۆيۈپ دەرتنىڭ ئوچاغىدا،
پىراقلارغا لاۋا ئاتقان سۈزۈك ۋولقانغا ئوخشايسىز.
زېمىستانغا كۆمۈپ چوغنى ياشاپ ھەردەم ھارارەتتە،
قىياقنى سۆيدۈرۈپ كۈلگەن گۈزەل دەۋرانغا ئوخشايسىز.
مەنبە: شەيدائىي ئىجادىي ئەسەرلىرىدىن تاللاپ يوللاندى
مىلادىي 2014- يىلى 5-فېۋرال، چارشەنبە، شەھىرى گۇما
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-6 07:31 PM