ياخشىلىق قىل، قولۇڭدىن كەلسە
.
(شۇناملىق ناخشا ئىلھامى بىلەن)
.
ياخشىلىقتىن بۇ دۇنيا گۈزەل
ياخشىلىق قىل قولۇڭدىن كەلسە.
ياخشىلىق ئۇ ھەممىدىن ئەۋزەل،
ياخشىلىق قىل قولۇڭدىن كەلسە..
.
ياخشىلىقدىن بۇ دۇنيا ئاۋات
ياخشىلىقتىن كۈڭۈل بولار شاد
ياخشىلىقنى ئۈزمىگىن ھەيھات،
ياخشىلىق قىل، قولۇڭدىن كەلسە.
.
ئاتا-ئاناڭ قەدرىنى سەن قىل
ئۇنى ئۇلۇغ تاۋاپگاھىڭ بىل
يوغانلىقتا بولساڭ ھەتتا پىل،
ياخشىلىق قىل، قولۇڭدىن كەلسە!
.
پەززەنت مېۋە، يېتىلدۈر شېرىن
ساڭا پۇشمان كەلمەيدۇ كىيىن
دىمەك ئاسان، قىلماق بەك قىيىن
ياخشىلىق قىل، قولۇڭدىن كەلسە!
.
قېرىنداشلار ئەسلا بىر قورساق
ئۇنتۇمىغىن شۇنى سەن ھىچۋاق
مېھىر بەرگىن ئۇلارغا ھەرۋاق
ياخشىلىق قىل، قولۇڭدىن كەلسە
.
قوشنىلارغا بەرمىگىن ئازار
قوشنا بىزار-خۇدامۇ بىزار
يامانلىقتىن يۈرىكى سىزار
ياخشىلىق قىل، قولۇڭدىن كەلسە!
.
يوقسۇللۇقتىن سۇنۇقتۇر دىللار
ئاجىزلارنىڭ بېشىنى سىلا
بوپقالمىسۇن كۇپايە شۇلا
ياخشىلىق قىل، قولۇڭدىن كەلسە!
.
رەھبەردۇرسەن، بولما ھاكاۋۇر
ياخشىلىقنى دائىم ئويلاپ تۇر
بولسۇن ياخشى نامىڭ ئەلگە پۇر
ياخشىلىق قىل، قولۇڭدىن كەلسە.
.
پۇلدار بولساڭ ئەتراپىڭغا باق
ياخشىلىقتىن دىلغا چىراق ياق
ياخشىلىقتىن قول ئۈزمە ھەرۋاق
ياخشىلىق قىل، قولۇڭدىن كەلسە.
.
يامانلارغا بولما يانتاياق
يامانلىققا باسمىغىن ئاياق
بىلسەڭ بىزگە بۇ دۇنيا سىناق
ياخشىلىق قىل، قولۇڭدىن كەلسە.
.
ئىنساپقا كەل، بولما رىياكار
ياخشىلىققا بولغىن پىداكار
سەن كېتىسەن، بۇ دۇنيا قالار
ياخشىلىق قىل، قولۇڭدىن كەلسە!
.
ئەل يۇرت دېگەن مىسلى بىر دەريا
ھىممىتىدە كۆكلەيدۇ دۇنيا،
ئالغىن ھامان ئۇلاردىن دۇئا
ياخشىلىق قىل، قولۇڭدىن كەلسە!
.
مەنبە: ئىجادىيىتىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazaratqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-6 05:36 PM