مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2641|ئىنكاس: 15

قاتار چاي پۈتۈشۈمى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۈلكىلەرگە قارا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 2480
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84162
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9685 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 03:19:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قاتار چاي پۈتۈشۈمى

ھېكايە

نۇر مۇھەممەد شۈكران

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& ]9 }" i- ^: V# R- u- f/ j& r


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 l; \, A5 D6 m9 l

          مەھشەرگۈلنىڭ كۆزىگە كەلگەن ياش تۈنۈگۈن يەتتە نەزىرىسىنى تۈگەتكەن دوستى جەننەتگۈل ئۈچۈن ئەمەس مىختەك قادىلىپ تۇرغان ئون جۈپ كۆزنىڭ يېلىنىدىن ئىدى. بەزى كۆزلەر تىكىلگەن، بەزى كۆزلەر يېنىچە سايە تاشلىغان، بەزى كۆزلەر تۆۋەندىن ئۈستىگە كۆتۈرۈلگەن، يەنە بەزى كۆزلەر ئۈستىدىن ئىگىلگەن بولۇپ، ھەممىسى شۇ تاپتا مەھشەرگۈلنىڭ كۆزىدىن جاۋاب ئىزلەۋاتاتتى. دۇنيادا يۈز بېرىدىغان ھەر قانداق ھادىسىنىڭ سەۋەبى بولىدۇ. سەۋەبسىز ئىش بولمايدۇ. كۆزلەرنىڭ تىكىلىشى بىكاردىن ئەمەس ئەلۋەتتە. ئولتۇرغان ئون ئايال نەچچە يىل ئارلىشىش ئارقىلىق مەسلىھەتلىشىپ، ئەمدى روياپقا چىقارغان قاتار چېيىنىڭ دەسلەپكى ساھىبخانىنىڭ ئۇشتۇمتۇت قازا قىلىشى ھەممىنى تاڭ قالدۇردى. تاڭ قالسىغۇ يەنە ئەسلىگە كېلىپ قالىدۇ. زىيان دېگەن ئاچچىق بولىدىكەن. ئۇنداق بىمەنە ۋاقىتتا ئۆلۈپ كېتىپ باشقىلارنى داغدا قويغان بىلەن ئۇلار قانداق قىلىدۇ؟ يولدىشىنىڭ ياقىسىدىن ئېلىپ زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش مۇمكىنمۇ؟ ئۆز ۋاختىدا ئۇ خېنىم سەپىرا مىزاج ئېرىدىن مەخپى قاتناشقانلىقىنى، ئۇ ئۇقسا يەتكۈچە تاياق يەيدىغانلىقىنى، دوستىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىشكە پېتىنالماي قاتناشقانلىقىنى، ئەگەر باشقا ئادەم تاپسا خالىس چېكىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. كاج تەلەي قارا كۆزلەر قېلىپ، توڭگۇز تەلەي خېنىمنىڭ بىرىنچى چەكنى ئېلىپ قېلىشى بىلەن يانچۇقلاردىن 550 سومدىن پۇل شاراقشىپ جەننەتگۈلنىڭ چۆنتىكىگە كىرىپ كەتكەندى. قائىدە بويىچە 50 سومدىن خەج قىلىنىدىغانلىقى مۇقىملاشقاچقا، ئالدىنقى لايىھە بويىچە سۈپۈرگە ئاخۇننىڭ ئۇشبۇ ئايرىمخانىسىدا ئالتە ئارا تەخسىلىك قورىما، ئېشىپ قالغىنىغا زاكۇسكا، ھەر بىرەيلەنگە بىر قۇتىدىن سوغۇق ئىچىملىك، قالدىسىغا كېلىشىچە مېۋە-چېۋە، گازىر-پۇرچاق قىلىپ نەخ 600 سوملۇق زىياپەت قىلىنغانىدى.  مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغىنىدىن مىڭ پۇشايمان قىلغان مەھشەرگۈلنىڭ نېمە دەپ ئۆزۈرە-خاھلىق قىلىشى قىيىنغا چۈشتى. تۇيۇقسىزكەلگەن بالا-قازانىڭ ئالدىدا ھېچكىشى قۇتۇلغان ئەمەس. ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۆلۈمنى تېخى ئارقىغا سۈرۈپ  ئېلىم-بېرىمنى نەقلەشتۈرگىلى بولمىغان. قانداقلا بولمىسۇن بۇ كۆزلەرگە بىر جاۋاب قىلماي قۇتۇلماق تەس. نەشتەردەك سانجىلىۋاتقان كۆزلەر مەھشەرگۈلنى قىينىماقتا ئىدى. ئۇنىڭ ئون جۈپ كۆزگە ئەمەس بىر جۈپ كۆزگە تىكىلگىدەك جۈرئىتى قالمىغانىدى. دوستى ئۆلدى. ئۆزىمۇ ۋىدالىشالمىغان تۇرۇپ، ئۇلارغا بىرلا ئېغىز گەپنى ئالدىراپ ئېغىز ئاچقان بىلەن 6000 سومغا بىراقلا ئېغىز ئاچىدىغان گەپ. ئۇ ئۇنچە پۇلنى تېپىش ئۈچۈن نەچچە يىل كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ تەپكىسىنى توختىماي تەپمىسە بولمايتتى. ھېلىمۇ ئۆزىمۇ ئۇ پۇللارنى ئايدىن ئايغا كىرىدىغان ئازغىنە تىكىش ئىشىدىن كېلىدىغان پۇل بىلەن يولدىشى بەرگەن كۆكتات-گۆش پۇلىدىن قىسىپ يۈرۈپ تەييارلىغانىدى. ئۇنىڭ تىكىش پۇلىمۇ مۇشۇ سورۇندىكىلەرنىڭ ئەرزان باھالىق قىلىپ بىرىدىغان ئىشى بولۇپ، چىقىمنى ھېسابلاپ كەلسە نەچچە يۈزنى تەستە تاپاتتى. بۇ چاينى ئوينىماي دېسە، دوستلىرىدىن چۈشۈپ قېلىشنى خالىمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاز بولسىمۇ بۇلاردىن كىرىدىغان كىرىمنى يىغالمايتتى. قاتار چاي باھانىسى بىلەن يىغىلىپ تومتاقلىشىپ بىر كۈنى تۇيۇقسىز پالاق-پۇلۇققولى پۇل كۆرۈپ قالسا، ئۇ پۇل بىلەن بىر بۇلۇڭدىن دۇكاندىن بىرنى ئېچىۋېلىپ ئىشتان پۇچقىقى تىكسىمۇ، تۇرمۇشى ھازىرقى ئەھۋالدىن كۆپ ياخشىلىنىپ كىتەتتى. شۇڭا بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرگۈسى كەلمىگەنىدى. كونىلاردا ‹ ئېشەك ئېشەكتىن قالسا، قۇلىقىنى كەس!› دېگەن گەپ بار تۇرسا، مەھشەرگۈل قانداقمۇ بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرسۇن؟! دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بۇ تىكىلىپ تۇرغانلارنىڭمۇ تۈرلۈك ئارزۇ-ئارمان، ئۈمىدلىرى دەل قاتار چاي پۇلىنىڭ بالدۇرراق يىغىلىپ مەقسەتلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا ئىدى. شۇڭا بۇلار كۈن سانايتتى. ئاراندا ئارزۇلىرى ئەمەلگە ئاشقىلىۋاتسا، تەقدىرنىڭ ئېغىر چاقچىقى تۈپەيلى بۇ چوكاندەك پوككىدە يىقىلىپ ئۆلۈپ قالىدىغان ئىش چىقسا ئازاپلىق قىسمەتكە دۇچار بولىدىغان گەپ. بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم كۆڭۈلدە پىلان بولمىسا بولمايدۇ. پىلانسىز ئىش مۇشۇنداق بولىدۇ. مۈشۈك جېنىدا بۇرتىغا قاراپ كامار مارايدۇ. ھەممەيلەن شۇڭا پىلاننى ياخشى تۈزۈپ ئىش باشلىمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىشقانىدى. كېيىنكى نۆۋەتلەردە يەنە مۇشۇنداق قاملاشمىغان ئىش كېلىپ چىقىپ ‹ئاپلا!› دەپ ھاڭۋېقىپ تۇرغانغا چىقىپ كەتكەن پۇل قايتىپ كەلمەيدۇ-دە! پۇچقاقنى تۈرمەسلىك كېرەك، تۈرگەندىن كېيىن سۇ كەچمەي بولمايدۇ. ئىشنى باشلىغاندىكىن داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

-بولغۇلۇق بولدى. ئۆلگەننى تىرىلدۈرۈپ ياقىسىغا ئېسىلغىلى بولمايدىكەن. ئەمدى ئېھتىيات قىلمىساق بولمايدۇ- دېدى پىداگۈل يېڭىدىن قىسىلغان چوكانغا قاراپ.

-خان، سىلنىڭ تەن سالامەتلىكلىرى ياخشىدۇ؟ دەيمەن، ئىككى كۈندە سىلىمۇ پوككىدە ئۆلۈپ بىرىپ داغدا قويمىسىلا دەيمىنا- دېدى قەھرىگۈل سۆز قىستۇرۇپ.

-ۋىييەي، ئەجەب قوپال گەپ قىلدىڭىز؟ ئاللا ساقلار. جانبار يەردە قازا بار. مەنچۇ بۇنداق قاتار چاينى تولا ئوينىغان. سىلەرنىڭ پۇلۇڭلارنى ماڭساممۇ قويۇپ كىتىمەن.خاتىرەڭلارنى جەم قىلىڭلار. پۇل-بايلىقنى ئۇ دۇنياغا يۈدۈپ كەتكىلى بولمايدۇ!- دېدى قىسىلدىگۈل ئۆزىنىڭ پۇلدارلىقىنى ئاشكارىلىغاندەك ئىشەنچىلىك ھالدا.

-بەزىلەرچۇ يۈدۈپ كەتتى- دەپ مەھشەرگۈلگە يانپاشلاندى ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان چىڭگۈل- ھەر ھالدا ئېھتىيات قىلماي بولمايدۇ خېنىم. سىلە ئاسماندا ئۇچىدىكەنلا ئەمەسما.

- ئۇچقان بىلەن قارىسىلا پۇلغا ئانچە ئېھتىياجىم يوق.نۆۋەتنى ئەڭ ئاخىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇڭلار. ئىچ پۇشۇقىغا ئوينايمەن قاراڭلار! ئۆيدە يالغۇز پۇشقىراپ ئولتۇرۇپ زېرىكىپ قىلىدىغانغا ئىش يوق تۇرسام، تاپتىگۈل قاتار چاي ئوينايمىز دەپتى. بوپتۇ، ئوينىساق ئوينايلى! ئويناۋاتقان چېيىمغا پۇتلاشمايدىكەن دەپ كېلىشىم. ئۇنچە ئادەم قورقۇتماڭلار ئازغىنە پۇلغا؟

-ھە، ماۋۇ گەپلىرى بولدى خان- دېدى خانگۈل تەستىقلاپ- ئاز بولسىمۇ پۇلكەن. ئادەمنىڭ ئىچىگە ئۆتۈپ كىتىدىكەن. قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئىشمۇ پۈتتى دوستلار. قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرايلى!  بۈگۈن نۆۋىتى كەلگەن يىغدىگۈلگە كېپىل بولىدىغانلار بارمۇ؟

-مېنىڭ ئېرىم تەرساراق، ئۆزۈمنى توناي جۇمۇ؟- دەپ ئۆزىنى يانغا ئالدى سەكپارە يىغدىگۈلنىڭ قىيامەتلىك دوستى تۇرۇپ.

-ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە جاھانىمىز بار. بىر ئادەمنىڭ بىر ئادەمگە كېپىل بولىشى نامۇۋاپىق ئۇسۇل. يەنىمۇ ئويلۇشۇپ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدىن بىرنى تاپايلى!- دەپ سۆز قىستى قابىلگۈل.

-سىزنىڭچە قانداق ئۇسۇل بىلەن زىخنىمۇ كۆيدۈرمەي، كاۋاپنىمۇ كۆيدۈرمەي بىر ئىش قىلغىلى بولار؟-دېدى توڭگۈل.

-مېنىڭچە بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن مەغلۇبىيىتىمىزنى يەكۈنلەپ، مۇكەممەل پۈتۈشۈم تۈزۈپ چىقايلى-دېدى قابىلگۈل تۇيۇقسىز بىر نېمە تېپىۋالغاندەك مىيقىدا كۈلۈپ.

      توغرا، ھەرئىشتا مۇكەممەل پىلان بولۇش كېرەك. پىلانسىز ئىش ھامان مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئەڭ ئاددىيسى ئىتمۇ سۆڭەكنى ئارقىسى بىلەن كېڭىشىپ يەيمىش. سۇ كەچكەن كىشى دەريانىڭ سۈيىنىڭ تېيىز-چوڭقۇرلۇقىنى بىلىدۇ. ھەر ئادەم سەپەر تەييارلىقىنى ئالدىن قىلغىنىدەك، دۇتار چېلىش ئۈچۈنمۇ تار تەڭشەپ، تۈزمىسە بولمايدۇ. بۇ ئاقىل پىكىرنىڭ ئوتتۇرغا پوككىدە تاشلىنىشى بىلەن ھەممەيلەننىڭ خىيالىدا ھەر خىل مۇكەممەل دانا قاراشلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى. قۇشقاچتەك ۋىچىرلاشقان خېنىملا سۈپۈرگە ئاخۇننىڭ ئايرىمخانىسىنى بېشىغا كىيىشتى. ھەممىسىنىڭ پىلانى ئۆزلىرىگە يوللۇقتەك باشلانغان دەتالاش، ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن ئاشخانىدىكى خېرىدارلار بىردىن-ئىككىدىن قوزغۇلۇشۇپ چىقىپ كىتىشتى. ياپىرىم، بۇ ئاۋازنى ئاشخانىغا كېم كىرمىدى دەيدۇ؟ قۇلاقلىرى غۇڭۇلداپ چىدىمىغان ئاشپەزلەرمۇ قىلىۋاتقان ئىشىنى تاشلاپ ئۆزلىرىنى سىرتقا ئېتىشتى. بۇ كۆرۈنۈشكە چىدىمىغان سۈپۈرگە ئاخۇن ساقالنى سۆرەپ ئالدىراپ مېڭىپ ئايرىمخانىغا كىرگىچە پەشتاققا پۇتلۇشۇپ يىقىلىپ قالدى.

-خەپشۈك! –دەپ ۋارقىرىغان قەھرىگۈلنىڭ ئۈنىدىن تىنچلانغان خېنىملار ئۆزىگە كېلىشتى. شۇ تاپتا ئۇلارنىڭ ئۆز مېڭىسىمۇ قوچۇلۇپ كەتكەن بولۇپ ئابايدىن بىرى كېم نېمە دېدى، ئۆزى نېمە دېدى بىلىشمەيتتى. ئاڭغىچە چېچەن قابىلگۈل:

-بۇ پۈتۈشۈمگە ھەممەيلەن ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ توغرا بولغان بىردىن تەكلىپىمىزنى  قاتناشتۇرۇپ جەمئىي 12تۈر بويىچە قول قويۇپ ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزەيلى!-دەپ سومكىسىدىن دەپتىرى بىلەن قەلىمىنى ئېلىپ يېزىشقا كىرىشتى. ھەممەيلەن ئىچىدىكى پىلانلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى دەپ قارىغانلىرىنى دىمىقىغا يۆتكەپ مۇقۇملاشتۇرۇشتى.

-ئاۋۋال مەھشەرگۈلدىن كەلسۇن- دېدى تاپتىگۈل ئاغزىنى ئۆمچەيتىپ. نەشتەردەك كۆزلەر يەنە ئۇنىڭ ئېغىزىغا ئاغدۇرۇلدى.

1-قاتار چايغا قاتناشقان ئون ئىككى ئادەم ئىككىدىن گۇرۇپپا تۈزۈپ، بىر-بىرىگە كېپىل بولۇپ، ئۆز ئارا توختام شەكىللەندۈرۈپ، مەبلەغنىڭ ئېغىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنسا- دېدى مەھشەرگۈل.

2-ھەر بىر خانىم ئۆزىنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامە، قان تىپى، تەن ساغلاملىق ئىسپاتى يەنە نىكاھ ئىسپاتىنىڭ قۇشۇمچە نۇسخىسىدىن بىر پارچىدىن تاپشۇرۇپ ئارخىپلاشتۇرۇلسا-دېدى قابىلگۈل.

3-تۇرۇشلۇق ئادرېسى، ئۆي كىنىشكىسى، نوپۇس، مۈلۈكى تەپسىلى تىزىملانغان ئىسپات ۋە ئۆزۈمگە تەۋە دەپ قارىغان ئالتۇن جاۋاھىراتلارنىڭ تىزىملىك ئىسپاتى تاپشۇرۇلسا-دېدى چىڭگۈل.

4-ھەر ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدىن قالدۇرماي ۋاقتىدا پۇلنى تۈپلەپ قاتار چاي نۆۋىتى كەلگەن خېنىمغا تەگكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بانكا كارتىسى بېجىرىپ ئاتچوت قىلىپ بېرىلسە، ھەرگىز كېچىكمىسە-دېدى يىغدىگۈل.

5-نۆۋىتى كەلگەن خېنىم قاتار چاي ئۆتكۈزۈش ئىشىنى مۇھىم ئىش قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىپ، ۋاقىت، ئورۇن بىلەن ئالدىن تەمىنلەش، شىرەگە تىزىلىدىغان نېمەتلەرنىڭ سانى، سۈپىتىگە كاپەلەتلىك قىلىپ، خىيانەت قىلىنمىسا-دېدى توڭگۈل.

6-قاتار چايدىن ۋاقىتسىز خوشلىشىدىغان ئىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەر بىرەيلەندىن بىر قېتىملىق چاينىڭ پۇلى ئالدىن زاكالەت قىلىپ يىغىلسا، ھەر نۆۋىتى كەلگەن خېنىم زاكالەتنى يىغىپ ئايلاندۇرسا-دېدى خانگۈل.

7-ۋاقىت مەسلىسى ئەڭ مۇھىم مەسىلە. ھازىر قاتار چايدا كېچىكىپ كېلىدىغان ئىش ئومۇمىيلىققا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. ھەر قانداق ئىشنى باھانىلاپ كېچىكىپ كېلىپ چاينىڭ كەيپىياتىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان ئىش سادىربولمىسا-دېدى پىداگۈل.

8-ھەر قېتىملىق قاتار چاي ئورۇنىنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق شەھەردىكى پۈتكۈل ئاشخانا، رېستۇرانلاردا ئولتۇرۇپ مۇھىت ئالماشتۇرۇپ باقساق، شۇڭا نۆۋىتى كەلگەن خېنىم بۇ ئىشلارغىمۇ ئالاھىدە مەسئۇلىيەت ئىڭى بىلەن قاراپ ئورۇنلاشتۇرسا-دېدى قەھرىگۈل.

9-ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە شىرە يۈزىدە ئېشىپ قالىدىغان نەرسىلەرنى نۆۋەتچى خېنىم سۇلىياۋ خالتىلارغا تەپمۇ- تەڭ قاچىلاپ ئوراشنى ئۇنۇتمىسا، ھەرگىز جىق-ئاز قاچىلاپ ئارىدا ئۆچمەنلىك سادىر قىلىدىغان ئىشتىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ساقلانسا-دېدى چوڭگۈل.

10-يەپ-ئىچىشكە كەلگەندە ھەممەيلەن ئامال بار قورۇمىلارغا تەكشى چوكا سېلىپ بىر-بىرلەپ يىيىش، كۆپ يىۋالىدىغان، تاماق ئىلغاپ ماتىلايدىغان، ياراتماي مايتاتىدىغان، ئومۇمەن كەيپىياتقا دەخلى قىلىدىغان گەپ-سۆز، ھەركەتلەر بىردەك چەكلەنسە-دېدى ئىشتىھاگۈل.

11-قاتار چايغا كەلگەندە كىيىم-كىچەك، ئەڭلىك-پەڭلىك، زىبۇ-زىننەتلەرگە ئالاھىدە كۆز قاراشتا بولۇش. ئۆز مەيلىچە ئاددىي-ساددا كېيىنىپ بىر-بىرىمىزنى كۆزگە ئىلمايدىغان ناچار كۆز قاراشتا بولماسلىق، باشقىلارغا تويغا كەلگەندەك كەيپىيات بىرشكە دىققەت قىلىنسا-دېدى پەرىزاتگۈل.

12-قاتار چايدا ئەركىن-ئازادە پاراڭلىشىش. تۈرلۈك مودا كىيىم، زىننەت بۇيۇم، ئەڭلىك ئۇچۇرلىرىدىن ئۆز ئارا خەۋەرلىشىشىپ تۇرۇش. شۇ ئارقىلىق مودا ئېقىمىغا ماسلىشىپ قاتار چېيىمىزنىڭ مەنىۋىيىتىنى يۇقىرى كۆتىرىشكە تۆھپە قوشۇلسا-دەپ گەپ قىستۇردى قىسىلدىگۈل.

       كۆپ كېڭىشىش، قايتا-قايتا قاراپ چىقىش، بىر-بىرلەپ تەھقىقلاش نەتىجىسىدە ھەممەيلەننىڭ بىگىز بارمىقى قاندەك سورۇققا بېسىلىپ قول قويۇلغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولغان پۈتۈشۈمنى نۇسخىلىتىپ ھەممەيلەنگە بىر ۋاراقتىن تەقسىم قىلغان قابىلگۈل ئۆزىنىڭ بىر قوللۇق روياپقا چىقارغان تۈنجى ئەھمىيەتلىك ئىشىدىن پەخىرلىنىۋاتاتتى. قالغانلارمۇ قوللىرىدا ۋاراقچىنى تۇتقان ھالدا ئورۇنلۇق تەكلىپ- پىكىرلىرىگە قايتا ئىنچىكىلىك بىلەن كۆز يۈگۈرۈتۈپ چىقماقتا ئىدى. دېمىسىمۇ ئون نەچچە ئايالنىڭ بىر يەرگە كېلىپ مۇشۇنداق بىر پۈتۈشۈمنى نەتىجىلىك تۈزۈپ چىقالىشى ئۇنچە ئاسانغا توختىمايدۇ ئەلۋەتتە. ئەمدى گەپ مۇشۇ پۈتۈشۈمگە ئەمەل قىلىشتا. ئوڭۇشلۇق پۈتۈشۈمنىڭ ئەمەلىيلىششى ئۇنىڭ جېنى. تۈزۈپ قويۇپ كۆز قىرىغا ئىلىپ قويماي يۈرۈيدىغان تەڭگە مىجەز خانىملارنى يوق دېگىلى بولمايدۇ. دەل قىسىلدىگۈلنىڭ ئىچىدە خۇشلۇقى تازا ئەۋجىگە چىقىۋاتاتتى. ئۇبۇ تەييار پۈتۈشۈمنى ئېلىپ بېرىپ ئۆزىنىڭ ئويناۋاتقان قاتار چېيىدا ئاقىللىق بىلەن ئوقۇپ ماختىنىپ ئۇ چاينىمۇ مۇشۇنداق قېلىپلاشتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتاتتى. باشقىلارمۇ شىرىن خىيالنى قىلىۋاتقان ئۇشبۇ پەيىتتە قابىلگۈل گۇۋاھلىق ئىدارىسىغا بېرىپ گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈش ئىشىنى چالا قىلغانلىق توغرىسىدىكى مەسىلىنى مەھشەرگۈلنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىۋىدى، قۇلاقتىن قۇلاققا تارقىغان گەپتىن يەنە پاراققىدە غۇلا-غۇلا باشلىنىپ كەتتى.

     ئىشىك تۈۋىگە ئۆمىلەپ كىلىپ ھالسىرىغان سۈپۈرگە ئاخۇننىڭ بۇ پۈتۈشۈمنى ئاڭلاپ يېتىپ كۆزى قاراڭغۇلاشتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ ھازىرقى توقچىلۇق بىلەن بۇرۇنقى يېرىم ئاچ-يالىڭاچ ۋاقىتلارنى سېلىشتۇرۇشقىمۇ قۇربىتى يەتمىدى. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قاتار چاي مۇناسىۋىتى بىلەن قىلىۋاتقان خەيرى-ئېھسان، خالىس ياردەملىرىنى، ئېلىپ بېرىۋاتقان ياخشى ئىشلىرىنى ئويلىدى. دۇرۇس نىيىتى بىلەن ئاچقان ئاشخانىسىنىڭ ھەر يىللىق ئايرىپ تۇرىدىغان كىرىمىدىن يېتىم-يىسىر، ئاقساق-چولاق، قېرى چۈرىلەرنى يوقلىغاندىكى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن ساقىغان خۇشاللىق ياشلىرىنى، ئەتراپتا يەنە شۇنداق قېرىنداشلارنىڭ كۆپلىكىنى، ئۇلارنىڭمۇ بىرەر باشپاناھ تېپىپ كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرۈشكە تەشنالىقىنى، قەلبىگە پۈتمەس ئارزۇلارنى پۈككىنى بىلەن ئىختىسادى قىيىنچىلىق سەۋەبى ئوقۇش ئۈمىدىدىن ۋاز كېچىۋاتقان مىللەت ياشلىرىنى، يەنە...ئويلىغانچە جەمئىيەتتىكى تۇرمۇش قىيىنچىلىقىدا قالغان نۇرغۇن كۆزلەر ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلدى. بۇ كۆزلەرنىڭ بەزىسى ياش قۇيۇلۇۋاتقان كۆزلەر، بەزىسى سۇلغۇنلىقىدىن چانىقىنى نەملىگەن كۆزلەر، بەزىسى نۇرسىز كۆزلەر، يەنە بەزىسى قاراڭغۇلۇق ئىچىگە يۇشۇرۇنغان كۆزلەر ئىدى. سۈپۈرگە ئاخۇن بۇ كۆزلەرگە يەنە قاراشقا پېتىنالماي تۇرسا ئىچىنى زەرداپ، ئاچچىق قاپلىۋالدى. ئۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم غەيرەتكە كىلىپ بېشىنى ئايرىمخانا ئىشكىگە قارىتىپ كۆتۈرگەن بولسىمۇ، مەيدىسىدە ھەسرەتتىن ئىسىلگەن مۇشتۇمچە گۆش ۋاككىدە يېرىلىپ، دېمەكچى بولغان گېپى دىمىغىدىن چىقماي بېشىنى قويۇشقا مەجبۇر بولدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ داۋالىتىشقا قىيمىغان يۈرىكى ئاچچىق نىدادا قېنىنى چېچىپ سوقۇشتىن توختاپ قالغاندى.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 s% J* A" M' aبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 p( G% v2 B' f& q% D0 f# {
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. r5 O* H; x7 F( D" d( Y

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. G, i4 ~& Y! M: s  E
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 I7 \5 ^1 v8 t- _
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& ~6 `- a8 e: J! @$ ^: |$ A& B
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' r" E0 L& J- \2 D# Q بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   YuqunAdam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-6 04:08 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 h$ `7 u% X! b* A/ K# Y! P  j
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ |0 C. t& c. I) V6 I" ?

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1527
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1060 سائەت
تىزىم: 2012-5-17
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 03:59:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاتار چاي خاتا چاي بۇنداق قالايمىقان چايلارغا قارشى تۇرايلى!بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; z5 z$ H6 Z  U
ھەقانىي چاي بولسا يوللۇق ئىلىپ بارساق بولىدۇ

ئالتۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32240
يازما سانى: 960
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19374
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 1159 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 04:01:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ھەكا

نىم دەپ يازسام بولا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8547
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8484
تۆھپە نۇمۇرى: 351
توردا: 112 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2014-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 04:36:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي قاتار چاي ھەي قاتار چاي شۇ قاتار چايغا كۆڭۈل بۆلگىچگە بالىلىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلسەكچۇ قولىڭىز تالمىسۇن داۋاملىق يۇللاپ تۇرۇڭ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-10 07:04 PM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ k5 a- v6 F5 e: b0 j- Z
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ D! c+ v3 m, O0 O$ |* C

پــىــيــاز

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66157
يازما سانى: 754
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9479
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 955 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2014-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 05:27:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يەرنى بىسىڭ !!مانا قاتار چاي ھەي قاتار چاي !!بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 T. S* Z/ n/ U6 o8 J) M
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 }' y% F, h/ z% A5 w6 W% w: Y7 P- F0 `; |
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   peyaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-6 05:35 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  J  ~2 Y: [4 i  W- S* \

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: [+ A7 k+ B9 U+ |, u# v, A( O

پىيازنىڭ پوستى كۆپ ، ئەخمەقنىڭ دوستى كۆپ !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 865
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 315 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2014-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 05:36:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قاتار چايلار مىللىتىمىزگە يۇققان ۋابا كېسىلىگە ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86434
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1894
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 313 سائەت
تىزىم: 2012-10-24
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 05:45:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى چايلارنىڭ جىقلىقىدىن ئىسمىنىمۇ ئاتاپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ،،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11186
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9574
تۆھپە نۇمۇرى: 555
توردا: 1752 سائەت
تىزىم: 2010-9-22
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 06:02:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيادا نەچچە مىڭ مىللەت بار. ئەمما قاتار چاي بىزنىڭ مىللەتنىڭ خانىم قىزلىرىدا ئەڭ كۆپ ، دۇنيا بۇيىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" T. R. L6 U: z4 ~/ ^* A! N
مۇشۇ قاتار چاي ئۆتكۈزگەن پۇل ۋە ۋاقىتنى ئاتا-ئانىغا ياكى بالىغا سەرىپ قىلغان بولساق، بىز مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالمىغان بۇلاتتۇق، ئاشۇ قىز ئاياللىرىمىز گۇناھلىق ئىشلاردىن ساقلىنىپ قالغان بۇلاتتى.

ئاللا ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىس

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102724
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 145
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2014-1-24
ئاخىرقى: 2014-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 06:29:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ قاتار چايلار سەۋەبىدىن  قېنچىلىغان  باللارنىڭ كەلگۈسى يوق بولدى يەنە قانچىلىغان ئائىلە ۋەيران بولىۋاتمامدۇ              ھازىر بۇ ئىشلار يېزىلاردىمۇ  بەك راۋاجلىنىپ كەتتى

ئاللاھ سەۋىر قىلغۇچىلار بىلەن بىللە!!!......

ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىس

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102724
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 145
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2014-1-24
ئاخىرقى: 2014-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 06:31:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىكەن  قولىڭىز  تالمىغاي

ئاللاھ سەۋىر قىلغۇچىلار بىلەن بىللە!!!......
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش