دەرىجىدىن تاشقىرى ناتىق
يولۋاس:مەن ئورمانلىقتىكى ئەڭ دەسلەپتە بىيىغانلارنىڭبىرى،تونۇغانلار مىنى غوجام دەپ چاقىرىدۇ،تونۇمۇغانلار مىنى پۇلدار دەپئاتايدۈ،توردا ئىلگىرى «ئىسىلزادە»دىگەن ئومۇمى نامىمىز بار ئىدى،بىراق ھازىر نىمەبولدىكىن ھەممىسى مىنى «يەرلىك زومىگەر»دەپ ئاتايدىغان بولدى،مەن ئويلاپمۇ تىگىگەيىتەلمىدىم،مولچەرىمچە بىرقانچە كۈن بۇرۇن مىنىڭ كۈيئوغلۇمغا«يەرلىكزومىگەر»ماركىلىق ماشىنا سوۋغا قىلغانلىغىمدىن بولسا كېرەك.كوپچىلىك مىنىڭقىياپىتىمنىڭ ۋەھشىلىكىگىلا قاراپلا بىرنىمە دىمەڭلا،ئەمىلىيەتتە مەن ناھايىتى مۇلايىم،قەلبىممۇناھايىتى پاك.ھىچ بولمىدى دىگەندە مەن ئۆزۇمنىڭ بالىللىرىمغا يەنىلا ناھايىتىياخشى مۇئامىلە قىلىمەن،«يولۋاس ھەرقانچە ۋەھشى بولسىمۇ،بالىسىنى يىمەيدۇ»دىگەنھىكمەتلىك سۆز بار ئەمەسمۇ.ھە راس،ھازىر غايىسىنى سۆزلەش مودا بولىۋاتىدۇ.مىنىڭ غايەمبولسا ئۆزەمنىڭ ھوقۈق ۋە مال-مۈلۈكىنى ئۆز بالىللىرىمغا مىراس قالدۇرسام،ئۈلارداۋاملىق ئورمانلىقتىكى بايلىق مەنبەسىنى مونۇپۇل قىلسا،ماڭا ۋارىسلىق قىلىپداۋاملىق ئورمان پادىشاھى بولسا دەيمەن.
تۇلكە:مەن ئورمانلىقتا ئەڭ بۇرۇن خوجايىنلارنىڭقوينىغا كىرگەنلەردىن،مىنى ياخشى كۆرىدىغانلار مىنى ئايال چولپان دەپ چاقىرىدۇ،ياخشىكۆرمەيدىغانلار مىنى تۇلكە جىن دەپ ئاتايدۇ،توردا مىنى «ئاپاق خىنىم»دەپئاتايدىغانلارمۈ بار،يەنە ئادەمنى بىزار قىلىدىغانلار مىنى چۇشۇرۇپ «سەتەڭ »دەپئاتايدۈ.قانداقلا بولمىسۇن مەن بۇلارغا پىسەنىتمۇ قىلمايمەن،ئورمانلىقنىڭ ھاياتلىقنىزامى دەل «تۈلكىنى كۆرەڭلەتكىنى،يولۋاسنىڭ ھەيۋىسى»،قانداقتۇر ياۋا توخۇ،ياۋائۆردەكلەرگە خوجايىنلارغا يىقىنلىشىش پۇرسىتىمۈ يوق!سىلەر مىنىڭ ئورمانلىقتىكىئاددى پۇقرا قاتلىمىنى كۆزگە ئىلماسلىقىمغا قاراپ بىر نىمە دېمەڭلار،ئەمىلىيەتتەمەن «بولغۇسى ئېرىم»يولۋاسقا يەنىلا ئىنتايىن مۇلايىم،بولمىسا ئۇ قانداقمۇ دائىمئۆيگە قايىتىشنى خالىماي يۈرسۈن.مىنىڭ غايەم ناھايىتى ئاددى،ئۇ بولسىمۇ بىركۇنلەردە رەسمىلەشسەم،ئوچۇق ئاشكارە ئورمانلىق خانىشى بولسام،قىنى كىممۇ مىنى«كىچىك ئۈچىنجى»دەپ چاقىرالايدىكىن؟
بۆرە:مەن ئورمانلىقتىكى ئەڭ بۇرۇن «دىڭىزغاسەكىرىگەن»لەردىن،مىنى ياخشى كۆرىدىغانلار مىنى خوجايىن دەپ چاقىرىدۇ،ياخشىكۆرمەيدىغانلار مىنى «مەككار سودىگەر»دەپ ئاتايدۇ،كونا جەمىيەتتە مىنىڭ ئورنۇمناھايىتى تۆۋەن ئىدى،ھازىر قەد كۆتۈرۈپ خوجايىنغا ئايلىنىپلا قالماي،يەنە تىخى ئورمانلىقتىكى ئەمدىلا دىڭىزغا سەكرىگەن ئۇششاقھايۋانلارنىڭ تۇتۇمىغا ئايلاندىم.سىلەر ھەمىڭلار بىلەلمىدىڭلار،ئەمىلىيەتتە مىنىڭمۇۋاپىقىيەت قازىنىشىم ناھايىتى ئاسان بولغان،ئۇ بولسىمۇ بىز بۆرىلەرنىڭقائىدىسىدە چىڭ تۇرۇپ:يولۋاسقا ۋاپادار بولۇش،تۇلكىگە خوشامەت قىلىش،شېرىكلەربىلەن ئىتىپاق بولۇش،كىچىك ھايۋانلارغا ئازراقمۇ رەھىم قىلماسلىق.......نى ئەمەلدەكۆرسەتتۇق.بىز بۆرىلەرنىڭ قارا نىيىتىمىز بار،شۈڭلاشقا مەن غايەمنى پەقەت سىلەرگەئاستاغىنە ئېيتالايمەن:ئۇ بولسىمۇ كۇنلەرنىڭ بىرىدە يولۋاسنى ئورمانلىقتىن قوغلاپچىقىرىپ،بىز بۆرىلەر ئورمانلىققا پادىشاھ بولساق.مۈنداق دىسەم مىنى خام-خىيالقىلىۋاتامدىكىن دەپ زاڭلىق قىلىۋاتىسىلەرغۇ دەيمەن؟مەن ئوغۇرلۇقچە سىلەرگە ئىيتىپبېرەي:مەن يولۋاس بىلەن تۈلكىنىنىڭ كۆرۈنمە چاستوتىسىنى ئوغۇرلۇقچە سۈرەتكە ئىلىۋالدىم،پۇرسەتتېپىپ تورغا چىقىرىۋەتسەملا بولىدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن مەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى سەرىپ قىلدىم،«بالاڭدىنكەچمىسەڭ،بورىنى قىلتاققا چۈشىرەلمەيسەن»ـدىگەن ماقال تەمسىل بار ئەمەسمۇ!
توشقان:مەن ئورمانلىقتىكى ئەڭ كۈچى ئاجىزلارنىڭبىرى،مىنى ھۆرمەتلەيدىغانلار مىنى پۇقرا دەپ چاقىرىدۇ،ھۆرمەتلىمەيدىغانلىرىئاغزىغا كەلگىنىچە مىنى «يىتىم»دەپ ئاتايدۇ.ئەمىلىيەتتە بىزنى «چۈپۈرەندە»دەپئاتىشى لازىم،بىز يالغۇز يولۋاس تەرىپىدىنئانى تىپىلىپلا قالماستىن،يەنە بۆرىنىڭمۇ ئېزىشىگە ئۇچىرايمىز،ئادەمنىڭ ھەمىدىنبەك ئاچىغىنى كەلتۇرىدىغىنى ھەتتا تۈلكىگە ئوخشاش تەيارتاپلارمۇ (بىكار تەلەپلەرمۇ)بىزنى مازاق قىلىپ«ئەخلەت»دەيدۈ.مىنىڭچە ئۇلار مەدىنىيەتسىز ئىكەن،بۇرۇنقىلارئىيىتقان«توشقان ئۆلسە،تۈلكە ھازا تۇتۈپتۇ»دىگەن سوزنى ئەجىبا ئۇلار ئۇنتۇپقالغانمىدۈ؟بىز توشقانلار بولمىساق،سىلەر تۈلكىلەرنىڭ بەخىتلىك تۈرمۈشى نەدىنكېلەتتى؟يىيىش،كىيىش،تۇرۇش،مىڭىشتا ھەمىدە ئۆزەڭلارنىڭ كۈچىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرسەڭلاربولىدۈ.بىز توشقانلارنىڭ نەدىمۇ غايىسى بولسۇن دەيسىلەر،ئويلايدىغىنىمىز كۈندە ئۇۋىمىزنىڭقېشىدىن چۆپ يىيەلىسەك دەيمىز.بىراق ھازىر ئۇۋىمىزمۇ بولمىسا!چۆپ يىگىنى بىرىش ئۈچۈننەچچە سائەت سەرىپ قىلىپ،يەنە نەچچە پويىز،نەچچەئاپتاۋۇز ئالمىشىپ ،قىستالغىنىمىزدىن باشلىرىمىز قىيىپ كېتىدۇ،چوپ يىيىش ئۈچۇنمۈيەنە يولۋاس،بۆرىلەرنىڭ كۆز ىگە قاراشقا توغرا كىلىدۇ تىخى.شۇنىڭ ئۈچۈن مىنىڭئەۋلادلىرىمغا دەيدىغىنىم:بۇداقى ئۆمۈرۈڭلاردا سىلەر ھەرگىزمۇ توشقان بولوپ تۈرەلماڭلار!
杂文选刊 2013-يىللىق 11-سان(كىيىنكى يېرىم ئايلىق)تىن ئېلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-6 07:51 PM