مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1443|ئىنكاس: 4

چۈش مۇشۇ يەردىن باشلاندى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91260
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 661
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 106 سائەت
تىزىم: 2013-2-6
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 12:30:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     مېنىڭ مۇھەببەت ھەققىدىكى شىرىن خىياللىرىم كىچىكىمدە بىرىلىپ ئوقۇغان قىزىقارلىق چۆچەكلەردىن باشلانغان.راست،ئۇ چۆچەكلەردە قەھرىمان يىگىت بىلەن تەڭداشسىز بىر گۈزەل قىزنىڭ ھىكايىسى سۆزلىنەتتى.قەھرىمان يىگىت گۈزەل قىزنى بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ ، قىزمۇ يىگىتنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە باتۇرلىقىغا قايىل بولىدۇ ھەم ئۇنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ.يىگىت تولاھاللاردا نامرات ، دىھقان ئوغلى، قىز بولسا پادىشاھنىڭ ئەتىۋارلىق مەلىكىسى ياكى بىرەر باينىڭ ئازۇلۇق قىزى .مۇشۇ سەۋەپتىن ئۇلار مۇھەببەت ۋىسالىغا يىتەلمەي ھىجران ئازابىغا قالىدۇ.لىكىن ئۇلار نۇرغۇن مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىن مۇراد مەقسىتىگە يىتىدۇ.بالىلىقىمدا مەن بۇلارنىڭ راستلىقىغا ھىچ بولمىغاندا تۇرمۇشتا ئاشۇنداق بىر مۇھەببەتنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم.چوڭ بولۇپ سەل-پەل خىيال كىرگىدەك بولغاندا ئۆزەمنى ئاشۇ قەھرىمان يىگىت ھىساپلاپ تىخى ئۇچراتمىغان ئەمما ئۇچرىتىش ئالدىدا تۇرغان ئاشۇ قىز  ھەققىدە ئاجايىپ گۈزەل تەسەۋۋۇرلارنى قىلاتتىم.كىيىنچە مەن بۇخىل ۋەقەلىكلەرنى ئەدەبىيات دەرىسلىكىمىزدىكى مۇھەببەت قىسسەلىرىدە ،ياكى قايسى بىر يازغۇچىنىڭ يازغان ئەسەرلىرىدە ئۇچراتتىم. بۇچاغدىكى يىگىت ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا بىرپ ئىلىم ئىلش ئۈچۈن ئاتلانغان ،قىز بولسا گۈزەل ئەمما مەغرۇر ،يىگىتنىڭ مۇھەببىتىگە پەرۋاسىز قارايدىغان ھالەتتە ئوتتۇرغا چىقىدۇ.يىگىت قىزنىڭ ئىشقى پىراقىدا كىچە-كۈندۈز كۆيۈپ يانىدۇ.قىز باشتا يىگىتنى رەت قىلىدۇ،ئەمما كىيىنچە ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىدىن تەسىرلىنىدۇ.ئاجايىپ رومانتىكلىققا تولغان مۇھەببەت ۋەقەلىكى مانا مۇشۇنداق باشلىنىدۇ.                                                                                                       ئوقۇتقۇچىلىرىمىز بەزىدە مۇشۇنداق پاك مۇھەببەت،تىرىشچانلىق توغۇرسىدىكى ھىكايەتلەرنى مىسال ئىلىپ بىزنى ياخشى ئوقۇپ ئىقتىدارلىق ئادەم بولۇشقا،ئەڭ مۇھىمى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدا يوقىرى نومۇر ئىلىپ چوڭ شەھەرلەردىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا بىرىپ ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.«ئالىي مەكتەپ بىر گۈزەل چۈش،-دەيدۇ ئۇلار ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ھاياتىنى ئىختىيارسىز ئەسلەپ،-ئاجايىپ گۈزەل ھايات ھە! ئالىي مەكتەپكە ئۆتسەڭلا ھەممىگە ئىرىشەلەيسەن.ئىستىقبال ،مۇھەببەت، ئويۇن-تاماشا مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ يەردە.»بۇلارنى ئاڭلاۋاتقاندا سىنىپتىكى بالىلارنىڭ خىيال قۇشلىرى ئاللىقاچان ئالىي مەكتەپكە قاراپ قانات قاققان بولىدۇ.بولۇپمۇ شۇتاپتا بۇ گەپلەرنىڭ گۈزەل ئىستەكلەر يالقۇنجاپ تۇرغان بىر قەلبنى قاتىتىق لەرزىگە سالغىننى ھىچكىم بىلمەيدۇ. ئىنىقكى مېنىڭدەك بىر دىھقان ئوغلى ئۈچۈن بۇلار مەن كىچە-كۈندۈز خىيال قىلىدىغان ھەم ئىرىشىشنى ئويلايدىغان نەرسىلەر ئىدى.مەن پەقەت ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلىسەملا قەلبىمدىكى گۈزەل چۈشلىرىم رىئاللىققا ئايلىناتتى.شۇڭا مەن ئۆز-ئۆزەمگە توختىماي ۋەدە بىرەتتىم.«ئالىي مەكتەپكە ئۆتمىگۈچە ھەرگىز بولدى قىلمايمەن.بۇ مەن ئۈچۈن بىردىنبىر يول،بىردىنبىر يول.»مەن كىچە-كۈندۈز شۇ يەرنى چۈشەيتتىم.بەزىدە بۇچۈشلىرىم مۇھەببەت ھەققىدىكى شىرىن خىياللىرىم بىلەن بىرلىشىپ كىتەتتى.                                    
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 P* M5 o" H6 d7 `' [6 e   ئەنە،مەن ئالىي مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىپلا گۈزەل بىر قىزنى ئۇچرىتپ قالدىم.ھەقىقەتەن شۇنداق،ئۇ تولىمۇ گۈزەل،قاش-كۆزى تۆكۈلۈپ تۇرغان پەرىزاتتەك بىر قىز ئىدى.تىخى ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىدى.شۇھامان قەلبىمدە بىر پارچە ئوت ۋاللىدە قىلىپ ياندى.بەزىدە ئۆزۈمنىڭ خىيالىدىن ئۆزۈم ھاياجانلىنىپ كۈلۈپ كەتسەم بەزىدە شۇنداق ئىش خۇددى ھەقىقەتەن يۈز بىرىدىغاندەكلا جىددىيلىشىپ كىتەتتىم.ئەگەر راستىنلا ئۇ قىزنى ئۇچرىتىپ قالسام قانداق قىلارمەن؟مەن بۇ ھەقتىكى خىياللىرىمنى بىر مىنۇتمۇ توختىتىپ قويالمايتتىم:    باشتا ئۇ قىزغا قانداق گەپ قىلىشنى بىلەلمەي قالدىم.بىر قىتىم ئۇ قىزنى مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدا ئۇچرىتىپ قالدىم.لىكىن يەنە گەپ قىلالمىدىم.ئەمما كىيىنكى قىتىملىق پۇرسەتنى ئۆتكۈزۋەتمىدىم.دەرىستىن قايتقان چاغ،ئۇ پەلەمپەيدىن كىتاب-ماتىرياللىرىنى كۆتۈرۈپ چۈشۈۋاتقاندا ئۇنىڭغا قەستەن سوقۇلۇپ كەتتىم.(كىنولاردا دائىم مۇشۇنداق بولىدۇغۇ)ئۇنىڭ ھەممە ماتىرياللىرى يەرگە چىچىلىپ كەتتى.مەن دەررۇ كەچۈرۈم سورىدىم. ئۇنىڭ ماتىرياللىرىنى ئېلىشىپ بىرىۋاتقاندا كۆزلىرىمىز ئىختىيارسىز ئۇچرىشىپ قالدى،ئاھ بۇ نەقەدەر ئوتلۇق كۆزلەر ھە! (راست،ئازراق يەر كام قاپتۇ) ماتىريالنى بىرىۋاتقاندا بارماقلىرىمىز ئۆز ئارا تېگىشىپ كەتتى.ھەر ئىككىلىمىز قاتتىق چۆچۆپ كىتىشتۇق...                                     بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- l; s( }4 c; F: z' F5 N2 o) S; |. }+ \
         ئەلۋەتتە ،مۇھىم جايدا توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ : مەن ئۇنىڭ كىتابى ئارىسىغا ئوتلۇق ھىسلارغا تولغان مۇھەببەت مەكتۇپىمنى قىستۇرۇپ قويدۇم.-توختا،بۇنداق قىلسام بەك ئالدىراقسانلىق بولامدۇ قانداق؟ئۇ قىز بىلەن تىخى تونۇشماي تۇرۇپ بۇنداق قىلسام بەك تەنتەكلىك بولمامدۇ.«بالام بەك كەچ بولۇپ كەتتى،تەكرارىڭنى قويۇپ بالدۇرراق ئۇخلا!»ئانامنىڭ توۋلىغان ئاۋازى بىلەن تەڭ خىيالىم بۆلۈنۈپ كەتتى.«توغرا،ئەتە ئېلىندىغان مۇھىم سىناق بار،قۇرۇق خىيالنى ئاز قىلىپ كىتاپ كۆرەي».                             
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% X- Y# @' R6 G' s9 O' w* B/ `   تۈنۈگۈن سىنىپتىكى بىر قانچە قىز-ئوغۇلنىڭ دەرىستىن قىچىپ بىر يەرگە ئوينىغىلى بارغىنى مۇئەللىمنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قاپتۇ.ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى يىقىنلىشىپ قالغاندا بۇنداق ئىشلارنىڭ پات-پات يۈز بىرىشى مۇئەللىمنىڭ قاتتق ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن بولسا كىرەك،ئۇ كەچتە يىغىن ئېچىپ بىزگە قايناپ كەتتى:«ھازىر قانداق ۋاقىت ھە! ئالىي مەكتەپكە ئۆتمەي تۇرۇپ سىلەرگە مۇھەببەتلىشىشنى كىم قويۇپتۇ؟مۇشۇنداق ئويناپ يۈرۈپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىسەڭ ئاتا-ئاناڭغا قانداق يۈز كىلەلەيسەن.شۇنى ئەسكەرتىپ قوياي ،كاللاڭ ئىشلىسە ئالىي مەكتەپكە ئۆتكىچە ئويۇننى،مۇھەببەتنى بىريانغا قايرىپ قوي،ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈۋالغاندىن كىيىىن ئوينامسەن،مۇھەببەتلىشەمسەن ئۆزۈڭنىڭ ئىشى»مۇئەللىمنىڭ بۇنداق سۆزلىرى ھەممىدىن بەكرەك سىنىپتىكى تىرىشچان،دەرىستە ياخشى،نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلەيدۇ دەپ قارالغان بىر قانچىمىزگە تولىمۇ ياقاتتى.«توغرا بۇ ھاياتىمىزدىكى ئەڭ جاپالىق ،ئەڭ ھالقىلىق بىر يىل .بىر يىلدىن كىيىن ئون نەچچە يىل ئوقوغۇنىمىزنىڭ مىۋىسىنى كۆرىمىز.ئۆمۈر بويى بەختلىك ياشايمىز.»شۇڭا بۇ ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئارا بەسلىشىپ ئەتىدىن كەچكىچە كىتاپتىن بىشىمزنى كۆتۈرمەي تەكرار قىلاتتۇق.كۈنلىكى توققۇز-ئون سائەتلەپ قاتتىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ مىڭىمىزنىڭ قىتىقى چىقىپ كەتكۈچە سوئال كۆرسەكمۇ «ۋايجان» دېمەيتتۇق.ھىلىقى «ئويۇنپەزلەر»بىزنى «كىتاب موللىلىرى»دەپ زاڭلىق قىلسا«ھىم،ھازىر ئويناپ يۈرگەن بىلەن بىز ئالىي مەكتەپكە ماڭغاندا پۇشايمان قىلىپ يىغلاپ قىلىشنمىغىنىڭنى كۆرىمىزغۇ»دىگەندەك قىلىپ مەغرۇر كۈلۈپ قوياتتۇق.              مۇئەللىم دېگەن سۆزلەرنىڭ ئىلھامىدىنمۇ مەكتەپتىن كېلىپلا سومكامنى ئىچىپ تەكرار قىلىشقا تۇتۇندۇم.ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشتىن ئىبارەت ئوتتەك قىزغىنلىق مېنى ئەسەبىيلەرچە ئۆگىنىش قىلىشقا زورلايتتى.لىكىن يىقىندىن بۇيان سالامەتىلىكىمدىن سەل ئەنسىرەپ قىلىۋاتاتتىم.كەيپىياتىم چىچىلاڭغۇ،كىچىسى ئۇيقۇممۇ ياخشى ئەمەس ئىدى.ئەمما بۇنى باھەنە قىلىپ تەكرارنى ھەرگىز بوشاشتۇرۇپ قويسام بولمايتتى.مەيلى جان كىتىدىغان ئىش بولسىمۇ ئالىي مەكتەپكە چوقۇم ئۆتۈشۈم كىرەك.قورسىقىمنىڭ كوركىراپ ئېچىپ كەتكەنلىكى ئىنىم تاماققا چاقىرىپ كىرگەندىلا يادىمغا يەتتى.تاماققا چىقسام ئۆيدىكىلەر داستىخاننى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ كورىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق تىلىۋىزىيە فىلىمى«قەقنۇس»نى كۆرگىلى تۇرۇپتۇ.بۇ كىنوغا مەنمۇ ئامراق ئىدىم.«ئونۋېرسىتنىڭ داڭلىق ئوقۇغۇچىسىنى شىركەت خوجايىنىنىڭ ئەتىۋارلىق قىزى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ.يىگىت ناھايتى نامرات ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا تايىنىپلا تۇرمۇشىنى قامدايدۇ،شۇڭا قىزدىن ئۆزىنى ئىلىپ قاچىدۇ.لىكىن ئەركە قىز ئۇ بالىنىڭ خاتىرىسىنى ئوغۇرلۇقچە ئىلىۋالىدۇ...» ھەي! بۇ كۆرۈنۈشلەر مىنىڭ مۇھەببەت ھەققىدىكى شىرىن خىياللىرىمنى قايتىدىن قوزغىۋەتكەنىدى.كەچلىك تاماقتىن كىيىن ئۆزۈمنى تەكرارغا قانچە زورلىساممۇ كاللامغا يەنە شۇ كۆرۈنۈشلەر كىرىۋالدى.خىيالىمدىكى مۇھەببەت ھىكايىسى داۋاملىشىۋاتاتتى:                                                
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ S# U7 L" n& z+ x& C0 y& d              -توغرا،ئۇ قىزنىڭ ماتىرياللىرىنى يىغىشتۇرۇپ بەرگەندە قەلىمىم ئۇنىڭ ماتىرياللىرى ئارىسىغا قىسىلىپ قالىدۇ.مەن ئالدىراش ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ كىتىپ قالىمەن.قىز ياتىقىغا قايتقاندىن كىيىن مېنىڭ قەلىمىمنىڭ ئۆزىدە تۇرغانلىقىنى بايقايدۇ.«قەلەمنى چوقۇم ئۇ بالىغا قايتۇرۇپ بىرىشىم كىرەك.» شۇنداق ئويلىغان قىز مېنى ھەر تەرەپتىن ئىزلەيدۇ.-ئاخىرى قانداق داۋاملاشسا بولار؟ ئۇ قىز مېنى مەيداندا ئۇچرىتىپ قالسا بولارمۇ؟ ياق بۇ بەك ئاددى بولۇپ قالىدۇ،ئاخىرى يەنىمۇ رومانتىكراق بولۇشى كىرەك- ئاخشىمى كەچلىك تەكراردىن قايتقاندا ئۇ قىز مېنى سىنىپىمنىڭ ئالدىدا  ساقلاپ تۇرىدۇ:   -ھىلىقى كۈنى قەلىمىڭىزنى ئۇقماي ئىلىۋاپتىمەن.قايتۇرۇپ بىرەي دىگەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 L( N& K- R/ o  e1 r5 \! P( R -رەخمەت سىزنى ئاۋارە قىلىپتىمەن.                       ئەرزىمەيدۇ.                   بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- m/ q( {3 P+ \! @
-سىزنىڭ سىنىپىڭىزمۇ مۇشۇ بىنادىما؟                                                                                                  ھەئە.                                  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ K8 w2 t1 f) a" W0 E5 N1 C
       دىمەك، ھەممە ئىش مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ:شۇ كۈندىن تارتىپ بىز دائىم ئۇچرىشىپ تۇردىغان بولدۇق.پات-پات بىرگە تاماققىمۇ چىقاتتۇق.راست ،ئۇقىزنىڭ كىلىپ چىقىشى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 }: r4 X! r2 _" g: _7 Aباي ئائىلىدىن، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەر ئىككىلىسى دۆلەت مەمۇرى.بۇ ئۇلارنىڭ ئارزۇلۇق بىرتاللا قىزى.مەن بولسام نامرات دىھقان ئوغلى.ئائىلە كىلىپ چىقىشىمىزنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەپلىك بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.ئۇ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزىنىڭ بىر دىھقاننىڭ بالىسى بىلەن ئارلىشۋاتقىنىنى بىلىپ ئىككىمىزنىڭ ئۇچرىشىشىغا يول قويمايدۇ.بىزگە ھەرخىل بىسىملارنى ئىشلىتىدۇ.لىكىن ھەر ئىككىلىمىز بۇ قىيىنچىلىقلارغا باش ئەگمەيمىز.ھىجران ،كۈتۈش،خىلمۇخىل ئازاپ ئىچىدە بىز مۇھەببىتىمىزنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز.-ۋاھ،بۇ نەقەدەر رومانتىك مۇھەببەت ھە! مەن ئۆزۈمنىڭ قىلغان بۇ تەسەۋۋۇرلىرىدىن ئۆزۈم ھاياجانلىنىپ كىچىچە ئۇخلىيالمايتتىم.ئالىي مەكتەپ ھاياتى ھەققىدىكى ئاجايىپ گۈزەل خىياللار مېنى توختىماي  ئۆز قوينىغا چىللايتتى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* |( E7 y; \4 H+ i
      ئىمتاھان جىددىيچىلىگىدىنمۇ ياكى بەك چارچاپ كەتكەنلىكتىنمۇ تۈنۈگۈندىن بىرى مىجەزىم پەقەت ياخشى ئەمەس.بۈگۈن چۈشتە مەكتەپتىن قايتىپ كىلىپ ئۆزۈمنى تاشلاپ ھىچنىمە يىمەي ياتقانچە چۈشتىن كىيىن مەكتەپكىمۇ بارالمىدىم.بىردەم قىززىپ بىردەم مۇزلاپ كەچكە يىقىن ئەھۋالىم تىخىمۇ ئىغىرلىشىپ كەتتى.بىچارە ئاتا-ئانام مەندىن ئەنسىرەپ ئەتراپىمدا پايپىتەك بولۇپ قىلمىغىنى قالمىدى.ئۇلارنىڭ دوختۇرغا ئاپىرايلى دىگىنىگە ئۇنىماي جاھىللىق قىلىپ يىتىۋالدىم.«مەندىن  ئەنسىرىمەڭلار،ئەتگىچە ياخشى بولۇپ قالىمەن.»ئۆيدىكىلەرنى بەك ئەنسىرتىپ قويۇشنى خالىمايتتىم.لىكىن يالغاندىن ئۇخلىغان بولۇپ يىتىۋالساممۇ ئانامنىڭ تۈن نىسپىگىچە بىشىمدىن كەتمەي قاراپ ئولتۇرغىننى ئېنىق سىزىپ تۇراتتىم.                    بىلىمەن،ئائىلەمدىكىلەر مېنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشۈمنى مەندىن بەكرەك ئارزۇقىلىدۇ.چۈنكى ئۇلار ھىچقاچان مېنىڭ ئۆزلىرىدەك دىھقان بولۇپ قىلىشىمنى خالىمايدۇ. دادام نەچچە ئاي مىڭىپمۇ تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز پۇلنى ھەل قىلالمايۋاتقانلىقىنى يوقىرىدا بىرەر يىقىن تونۇشى بولمىغانلىقىدىن كۆرۈپ مىنىڭ ياخشىراق ئوقۇپ كەلگۈسىدە بانكا باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇشىمنى تەكىتلەيدۇ.تاغىلىرىم(دادامنىڭ قىرىنداشلىرى)ھەر قىتىم بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەندە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنىڭ ئۆزلىرىگە تەگمەي كادىرلارنىڭ تۇققانلىرىغا كىتىپ بارغانلىقىنى سۆزلەپ كىلىپ ماڭا«سەن يىزا باشلىقى بولۇپ قالساڭ ھە!»دەپ قويىدۇ.مومام بولسا توختىماي مېنى تىلىۋوزۇردىكى شىنجاڭ خەۋەرلىرىدە چىقىدىغان قايسىدۇر بىر باشلىققا ئوخشىتىپ ماختايدۇ: «قاراڭلار ئوغلىمىزنىڭ قاش-كۆزى،ئېغىز بۇرنىنىڭ ئۇ ئادەمگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشىىغىنى.خۇدايىم بۇيرىسا ئوغلىمىزمۇ ئاشۇنداق باشلىق بولىدۇ...»ئەمما بۇۋامنىڭ بوم، سۈرلۈك ئاۋازى چىقىش بىلەن ھەممىسى جىم بولىدۇ:«ئەپەندى بولىدۇ ئەپەندى !ھەمىدىن ساۋاپلىق تىنچ ئوقەت،باشقا ئىشنى قوي.».ئانامنىڭ ئويىمۇ ماڭا مەلۇم.بىرقىتىم ئانام بىلەن يىزىلىق ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدىغان تونۇشىمىزنىڭ ئۆيىگە ھال ئىيتىپ بارغاندا ئانامنىڭ چوغدەك بىزەلگەن تام تورۇسقا قاراپ  ئاستا« ھۆكۈمەتنىڭ ئادىمى بولسا نىمىدىگەن ياخشى ھە!»دەپ شىۋىرلىغىنى ھىلىغىچە قۇلاق تۈۋىمدە. قەيىرىمنىڭ ئاغرىۋاتقىنىنى بىلمەيمەن.ئەمما شۇ تاپتا ئۈستۈمدە ئېغىر بىر نەرسە مېنى قاتتىق بىسىپ تۇرغاندەك ئىدى.كۆزۈمنى ئاچماقچى بولدۇم لىكىن ئاچالمىدىم.كاللامدا چۈشكىمۇ خىيالغىمۇ ئوخشاپ كىتىدىغان غۇۋا بىر مەنزىرە ئەكس ئىتىۋاتاتتى: قاتار بىنالار سېلىنغان،گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن ئالىي مەكتەپ ھويلىسى.مەن ئىگىز دەرەخلەر ئارىسىدىكى تار يولدا بىر قىز بىلەن كىتىپ بارغۇدەكمەن.بىر چاغدا ئالدى تەرەپتىن دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىمىز چىقىپ قاپتۇدەك.قارىسام ئۇلار ئارىسىدا قولىدا داستىخانغا ئورالغان بىر نەرسىنى كۆتۈرۈپ ئانام تۇرغۇدەك.«ئانا،سەن بۇيەردە نىمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟» دەپ ئالدىغا بىرىپتىمەن.«داداڭغا تاماق ئاپىرىپ بىرىپ ئېتىزلىقتىن يىنىشىمتى،سېنى قورسىقى ئېچىپ قالغان بولسا بۇ ئىككى پارچە ناننى ئاپىرىپ بىرەي دەپ كەلگەنتىم» ئۇشۇنداق دەپ ناننى ماڭا بىرىپلا يوقاپ كىتىپتۇدەك.مەن قولۇمدا ناننى كۆتۈرۈپ يا ھىلىقى قىزنىڭ قىشىغا بارالماي يا ناننى يىيەلمەي پىرقىراپ يۈرگۈدەكمەن.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 e" ], O* C) h9 @& T( a

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 X, D0 G. C/ ` بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-6 08:02 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ }  f  H0 ~# [' g$ G8 h) N! t
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 ~3 K, u1 \' d. @: i9 n

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100674
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 178
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 153 سائەت
تىزىم: 2013-12-9
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 03:47:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجايىپ خىيالچىكەنسىزغۇ؟؟ ياخشى چىقىپتۇ. داۋامى يوقمۇ؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21530
يازما سانى: 225
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7773
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 583 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2014-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 07:44:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز قايسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان.

كۈلۈۋېلىڭ! ئۈندىدارنىڭ ئىزدەش كۆزنىكىگە NURISTANنى كىرگۈزۈپ نۇرىستاننى قوشۇڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100021
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 935
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 174 سائەت
تىزىم: 2013-11-24
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 10:45:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى بارمۇ؟

ئۆتكەن ھەر بىر مىنۇت ۋاقتىنى ئاللاھ يولىدا سەرىپ قىلالىدۇقمۇ - يوق!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71638
يازما سانى: 1155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 223
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1202 سائەت
تىزىم: 2011-12-24
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 08:41:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاھا ! بۇ تىللىرى چۈشىنىشلىك ، ئىملاسىمۇ توغرا ، خىيالپەرەس ئىجادىيەت راستلا تولۇق ئوتتۇرا 3-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپتۇ . ياخشى يېزىپسىز .

توختىخاچام بۇرۇتلۇق ، قاق جىگدىسى قۇرۇتلۇق. تور ئىسمىم بەك مەتو .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش