مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1047|ئىنكاس: 5

قاسىم سىدىق:مىنىڭ نەزىرىمدىكى "قارا ئۆڭكۈر" [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4826
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18519
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6084 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 10:28:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مىنىڭ  نەزىرىمدىكى "قارا ئۆڭكۈر"


__ كائىناتتىكى ئاجايىپ"تۆگمەن"لەر


قاسىم سىدىق


ئاپتۇرنىڭ ئىزاھاتى:

فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىققا ئالاقىدار ھەرقانداق سىستىمىلىق نەزەريە "قارا ئۇڭكۆر"دىن ئىبارەت بۇ نەزەريىۋى رىياللىققا ئۇز پۇزىتسىيىسىنى بىلدۆرۆشكە مەجبۇر بولىدۇ.مەن شەكىل نەزەريىسى بىلەن ھەپىلىشىش جەريانىدا ئوخشاش مەسىلىگە دۇچ كەلدىم.مۇبادا شەكىل نەزەريىسى "قارا ئۇڭكۆر"دىن ئۇزىنى قاچۇرسا ۋە بۇ ھەقتە خاس قاراشقا ئىگە بولمىسا مۇكەممەل  ۋە سىستىمىلىق نەزەريە بولالماي قالىدۇ.نەزەريىنىڭ توغرا ياكى خاتا بولىشى ئايرىم بىر مەسىلە بولسا ،ئۇنىڭ لوگىكىلىق زىدىيەتلەردىن خالى سىستىما بولىشى يەنە بىر زۇرۇرى تەلەپ ۋە يەنە بىر ئايرىم مەسىلە.مەقسەت نەزەريىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى بولسىمۇ لوگىكىلىق زىدىيەتلەردىن خالى بولۇش نەزەريىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى يۇقۇرى كۆتىرىدىغان كونكىرىت قەدەم باسقۇچ ۋە تەپەككۆر شەكلىدىن ئىبارەت.
مەن يۇقۇرقى زۇرۇرىيەت ۋە نىشانلار تۆپەيلى "قارا ئۇڭكۆر"ھەققىدە خېلى ئەستايىدىل ئىزدەندىم."قارا ئۆڭكۆرنىڭ تۆزۆلىشى ھەققىدە"دىگەن يازمام توردا ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن بەزى تورداشلار مەندىن "قارا ئۇڭكۆر"نىڭ زادى قانداق رىياللىق ئىكەنلىگى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلىشتى.يۇقۇردا تىلغا ئېلىنغان زۇرۇرىيەت ۋە بۇ تەلەپلەر قوشۇلۇپ مىنىڭ سىز كۇرىۋاتقان بۇ تېمىنى يېزىشىمغا تۆرىتكە بولدى.
ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەنقىدى نەزەردىن ئۆتكۆزۆپ،مۇلاھىزە قىلىپ كۇرىشىنى،مەسىلە بايقىسا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن.



1


قارا ئۇڭكۆر ھەققىدىكى دەسلەپكى تەسەۋۋۇرنى  1783-يىلى ئەنگىلىيە تەبىئەت پەيلاسۇپى ۋە گىئوگىراپى جون مىچېل (John Michell) كاۋىندىشقا يازغان بىر پارچە خېتىدە ئوتتۇرىغا قويغان.ئۇ ،مۇبادا قوياش ماسسىسىدەك ماسسىغا ئىگە بولغان بىر ئاسمان جىسىمىنىڭ رادىيوسى 3 كىلومىتىر بولسىلا بۇنداق جىسىم كۇرۇنمەيدۇ دەپ قارىغان.1796-يىلى فىرانسىيە فىزىكا ئالىمى لاپلاس "ماسسىسى 250 قوياش ماسسىسىغا ئىگە ،دىيامىتىرى يەر شارى دىيامىتىرىچىلىك بولغان نۇر چاچقۇچى تۇرغۇن يۇلتۇز،ئۇزىدىكى تارتىش كۈچى سەۋەبىدىن يورۇقلۇقنىڭ ئۇزىدىن يىراقلىشىشىغا يول قويمايدۇ"دەپ ئالدىن پەرەز قىلغان."قارا ئۇڭكۆر"(black hole)دىن ئىبارەت بۇ ئاتالغۇنى 1968-يىلى ئامىرىكا ئاسمان جىسىملىرى فىزىكى جۇن ۋېئلېر(John Archibald Wheeler,1911年7月9日—2008年4月13日)ئوتتۇرىغا قويغان.

1915-يىلى 12-ئايدا _ ئېينىشتېيىن كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىنى ئېلان قىلىپ 1ئايدىن كىيىن،گىرمانىيە ئاستىرونۇمى كارىل شىۋارزېسچىلد ئېينىشتېيىن مەيدان تەڭلىمىسىنىڭ توغرا يېشىمىنى تېپىپ،نۇقتىۋى ماسسا ۋە شارسىمان ماسسا پەيدا قىلغان تارتىش كۈچىنى تەسۋىرلىگىلى بولىدىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويۇدۇ.بۇ ئەمگەك شىۋارزېسچىلد ئەگرىلىگى ۋە شىۋارزېسچىلد رادىيوسى قاتارلىق ئۇقۇملارنى ئۇز ئىچىگە ئالىدۇ.



گىرمانىيە ئاستىرونۇمى كارىل شىۋارزېسچىلد

ئىنچىكە ھېساپلاش ئارقىلىق قولغا كەلتۆرۆلگەن نەتىجە شۇبولدىكى ،مۇبادا ئاسمان جىسىملىرىنىڭ بارلىق ماسسىسى پىرىسلىنىپ ئىنتايىن كىچىك بولغان"تارتىش كۈچى رادىيوسى"غا يىغىلسا بۇ دائىرىگە بارلىق ماددىلار،بارلىق ئىنىرگىيە(يورۇقلۇقمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) بەنىت قىلىنىدۇ.سىرتىدىن قارىغاندا،بۇ ئاسمان جىسىمى مۇتلەق قاراڭغۇ -زۇلمەت بولۇپ،"قارا ئۇڭكۆر" مانا مۇشۇ رىياللىقتىن ئىبارەت.

ئېينىشتېيىن ۋە شىۋارزېسچىلددىن كىيىن تاكى خاۋكىڭغىچە "قارا ئۇڭكۆر"نىڭ يۇقۇرقىچە سالاھىيىتى ئۇزگەرمەي كەلدى،يەنى،قارا ئوڭكۆر ھەممىنى يۇتىدىغان ،لىكىن ھېچنىمىنى قويۇپ بەرمەيدىغان رىياللىق سۈپىتىدە تونۇلدى.

2




1973-يىلى ستېفېن خاۋكىڭ  (Stephen William Hawking)"ئىشلارنىڭ كۆرۆش دائىرىسى"دەيدىغان بىر ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ قارا ئۇڭكۆرنىڭ ئەلپازىنىڭ بۇرۇنقىدەك بەكمۇ زۇلمەتلىك ئەمەسلىكىنى دەسلەپ تەشەببۇس قىلدى.



计算机模拟的利用全比例事件视界望远镜观察人马座A*的阴影
ساگىتتارىئوس A يۇلتۇز تۇركۆمى قارا ئۇڭكۆرى ئەتراپىدىكى ئىشلارنىڭ كۇرۇش دائىرىسى


"ئىشلارنىڭ كۇرۇش دائىرىسى"دىن ئىبارەت بۇ ئىدىيە بۇيىچە بولغاندا زامان -ماكان ئەگرىلىكىنىڭ بىر چىگرا سىزىقى بولۇپ ئىچىدىكىلىرى ھەرقانداق قىلىپمۇ سىرتىدىكى كۇزەتكۆچىگە كۇرۇنمەيدىكەن.پەقەت بۇ كۇرۇش دائىرىسى سىزىغى سىرتىدىكى ھادىسلەرنىلا كۇزەتكىلى بولىدىكەن.مۇشۇ ھادىسلەرنىڭ ھالىتى ،قىزىلغا سىلجىش قاتارلىق ھادىسىلەر مەركەزدە قارا ئۇڭكۆر مەۋجۈتلىكىدىن بىشارەت بېرىدىكەن.سىزىقنىڭ ئىچىدىكى تارتىش كۈچىنىڭ تىزلىكى يورۇقلۇق تىزلىكىدىنمۇ يۇقۇرى بولغاچقا قارا ئۇڭكۆرگە چۈشۈپ كەتكەن يورۇقلۇق ھەرگىز ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ چىقالمايدىكەن.

خاۋكىڭنىڭ قارا ئۇڭكۆر تەتقىقاتىدىكى تۆھپىسى يالغۇز ئۇنىڭ 1973-يىلى "ئىشلارنىڭ كۇرۇش دائىرىسى"نى ئوتتۇرىغا قويغىنىدىلا ئەمەس.ئۇ 1974-يىلى تېخمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا كىۋانىت ئىففىكىتىنى تەھلىل قىلىپ قارا جىسىملارنىڭ ئىسسىقلىق رادىياتسىيىسى قويۇپ بېرىدىغانلىغىنى يەكۈنلەپ چىقتى ۋە يەكۈننىڭ نەتىجىسى "خاۋكىڭ رادىياتسىيىسى"دەپ ئاتالدى.خاۋكىڭ رادىياتسىيىسىنىڭ بىزگە دەپ بېرىدىغىنى شۇكى،قارا ئوڭكۆرنىڭ ماسسىسىنىڭ كېمىيىپ كىتىش ھادىسىسى ئۇنىڭ پارلىنىدىغانلىغىنى كۇرسىتىدۇ.قارا ئۇڭكۆرنىڭ مۇشۇنداق پارلىنىشى سەۋەبىدىن ماسسىسى خورايدۇ.
"خاۋكىڭ رادىياتسىيىسى"ئۇقۇمى نەزەريىۋى جەھەتتىن فىزىكىنى قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزدى دەپ قارالدى.چۈنكى ئېينىشتېيىننىڭ مەيدان تەڭلىمىسىدىن شىۋارزېسچىلد قەلىمى ئارقىلىق چاچراپ چىققان "قارا ئۇڭكۆر" فىزىكا قانونلىرىنى پۆتۆنلەي كارغا كەلمەس قىلىپ قويغان ئىدى.خاۋكىڭ رادىياتسىيىسى"ھە"دىگەندىلا نەزەريىۋى جەھەتتىن بولسىمۇ فىزىكىنى ۋە فىزىكلارنى بۇنداق مەشئۇم تەقدىردىن قۇتۇلدۇردى.

گەرچە 2010-يىلى ئىتالىيىلىك تەتقىقاتچىلار خاۋكىڭ رادىياتسىيىنى بايقىدۇق دەپ ئېلان قىلىشقان بولسىمۇ ،لىكىن بۇ بايقاش ئورتاق ئىتراپ قىلىنمىدى.لىكىن «خاۋكىڭ رادىياتسىيىسى»دىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇم ئۇزىنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى ئەسلا يوقاتمىدى.چۈنكى ئۇ فىزىكىنى ئالاقىدار قىيىنچىلىقلاردىن قۇتقۇزاتتى.ئېينىشتېيىن مەيدان تەڭلىمىسىنىڭ مەھسۇلى بولمىش قارا ئۇڭكۆر ئۇزىدە فىزىكىغا لەھەت تەييارلىغان ئىدى.شۇ تۆپەيلى نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار خاۋكىڭ رادىياتسىيىنى كۆزۆتۈش مەقسىدىدە ئىزدەنمەكتە.تەجىربىخانىلاردا "قارا ئۇڭكۆر"لەرنى بەرپا قىلماقتا.

3


ھازىر «قارا ئۇڭكۆر مەۋجۈت ئەمەس»دەپ تەشەببۇس قىلغۇچىلار ئۇنىڭ فىزىكا قانونلىرىغا خىلاپ رىياللىق ئىكەنلىگىنى ھەر تەرەپتىن تەكىتلەشتى.بۇلارنىڭ ئىچىدە «مەركەزدىن قاچقۇچى كۈچ»كە خىلاپلىق قىلىدىغانلىغىدىن ئىبارەت بۇ پاكىتمۇ بار.مەركەزدىن قاچقۇچى كۈچ بولسا ناھايتى كەڭ تەجىربە ئاساسىغا ئىگە ئۇقۇم.

1984-يىلى تۇغۇلغان شىۋىتسىيىلىك سەنئەتكارفابىئان ئوئېفنېر ئۇزىنىڭ «قارا ئۆڭكۆر »ناملىق بىر يۇرۆش بەدىئى سۆرەتلىرى ئارقىلىق كىشىنى تەسەۋۋۇر دۇنياسىغا باشلايدۇ.
فابىئان ئوئېفنېر نىڭ«قارا ئۆڭكۆر »ناملىق بىر يۇرۆش بەدىئى سۆرەتلىرى تەسەۋۋۇر ئارقىلىق سىزىلغان سىزما رەسىملەر بولماي،بەلكى مىتال كالتەككە ھەرخىل رەڭلىك سىرلارنى سۆركىگەندىن كىيىن مىتال كالتەكنى يۇقۇرى تىزلىكتە پىقىراتقاندا يۇز بەرگەن ھادىسىنى 40مىڭدەن بىر سىكونىتتا فۇتۇ ئاپاراتتا تارىتقان نەتىجىكەن.تېمىدا سىر چاچراندىلىرىنىڭ بۇ خىل كۇرۇنىشىنى مەركەزدىن قاچقۇچى كۈچ كەلتۆرۆپ چىقارغان دەپ چۈشەندۆرۆلگەن.


Black Hole: Photographs of Paint Flung by Centrifugal Force by Fabian OefnerM

黑洞:照片油漆甩下离心力的费边oefnerm



http://www.thisiscolossal.com/2013/03/black-hole-photographs-of-paint-flung-by-centrifugal-force-by-fabian-oefner

/

دەرۋەقە،قارا ئۇڭكۆرنىڭ بىز بۇرۇن پەرەز قىلىۋالغان مۇدىھىش ئەلپازى مۇشۇ مەركەزدىن قاچقۇچى كۈچ تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ.


قارا ئۇڭكۆر مەركەزدىن قاچقۇچى كۈچ تەرىپىدىن رەت قىلىنغاندىن باشقا "يورۇقلۇق تىزلىكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك پىرىنسىپى"تەرىپىدىنمۇ رەت قىلىنىدۇ.ھەرقانداق تىزلىك 300كىلومىتىر سىكونىتتىن ئاشمىغان ئەھۋال ئاستىدا گىراۋىتوننىڭ فۇتۇنغا تەسىر كۇرسىتەلىشى مۆمكىن ئەمەس.گىراۋىتون تىزلىكى فۇتون تىزلىكى بىلەن تەڭ بولغان تەقدىردىمۇ نەتىجە ئوخشاش.

بۇنىڭدىن باشقا قارا ئۇڭكۆر ھەركەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانونىنىڭ كونتىرۇللىغىدا بولىدۇ.

ئۇنداقتا قارا ئۇڭكۆر بەزىلەر ئېيىقاندەك ھەقىقەتەن مەۋجۈت ئەمەسمۇ؟.ياق ،ئۇ مەۋجۈت،لىكىن ئۇنىڭ چۈشەندۆرلىشى بىلەن رىياللىغى ئوتتۇرىسدا پەرىق بار.قارا ئۇڭكۆرنى باشقىدىن چۈشەندۆرۆش كىرەك.لىكىن شۇسى ئىنىق،فىزىكىنى قارا ئۇڭكۆر دىشۋارچىلىغىدىن قۇتقۇزۇشتا بەزى يېڭىچە قاراشلارنى تىكلىگەندىن باشقا مۇقەررەر ھالدا "تارتىش كۈچى"دىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇم ئۈستىدە قايتا ئويلۇنۇشقا مەجبۇر بولىمىز.تارتىش كۈچى ئىدىيىسىنىڭ ئالەمنىڭ كېڭىيىشىنى چۈشەندۆرۆپ بىرەلمەيۋاتقانلىغىدىن ئىبارەت بۇ پاكىتنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.

4



نۇۋەتتىكى يېڭى ئۇچۇرلار قارا ئۇڭكۇرنىڭ ئاللىقانداقتۇر سىرلىق مەخلوق بولماي ،ئادەتتىكى فىزىكىلىق ۋاستىلەر بىلەن تەسۋىرلەشكە بولىدىغان ئاددى رىياللىق ئىكەنلىگىنى بارغانسىرى ئىسپاتلىماقتا.ئوبرازلىق ئىتساق قارا ئۇڭكۇر گۇيا ئالەمدىكى"تۆگمەن"لەربولۇپ ئۇلار ھەرخىل جىسىملاردىن ئىبارەت"دان"لارنى زەررىچە،گامما "ئۇن"لىرىغا ئايلاندۇرۇپ تارتىپ چىقىرىدۇ."ئالەملىك تارتىش كۈچى"مۇ ھەممىنى بەلگىلەيدىغان قازى - قۇززاتلىق مەرتىۋىسىدىن سەل پەسكە چۈشكەندەك قىلىدۇ.

قارا ئۇڭكۆرنىڭ ئايلىنىش تىزلىكى ئىنتايىن يۇقۇرى،مەركەزدىن قاچقۇچى كۈچ،مەركەزگە ئىنتىلگۆچى كۈچ قاتارلىق ئالاقىدار ئۇقۇملار نۇقتىسىدىن قارىغاندا قارا ئۇڭكۆرنى چۈشەندۆرگىلى بولمايدۇ.قارا ئۇڭكۆرنى پەقەت ئايلىنىش يۆنىلىشى ئوخشاش بولغان زەررىچىلەر جەمگاھى دەپ قاراشقا بولىدۇ.مەركىزىدە ئاللىقانداقتۇر ماددىنىڭ زىچلىغى غايەت زور بولغان"غەيرى نۇقتا"مەۋجۈت ئەمەس.بەلكى ئارتۇق زەررىچىلەرنى رادىياتىسىيە سۆپىتىدە قويۇپ بېرىدىغان تونىل مەۋجۈت.بۇنداق رادىياتسىيە زەررىچىلەرنىڭ ئۇز ئاراسۇقۇلۇپ يۆنىلىشىنى ئۇزگەرتىش سەۋەبىدىن مەيدانغا كېلىدۇ.قارا ئۇڭكۆر نى شۇ تۇپەيلى دان قوبۇل قىلىپ ئۇن چىقىرىدىغان تۆگمەنگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ."خاۋكىڭ رادىياتسىيىسى" مەركەزدىن قاچقۇچى كۈچنىڭ پەنجىسىگە چۈشۈپ قېلىپ بۇ تۈگمەن تېشىنىڭ چىگرا يۆزىدىن چىقىۋاتقان زەررىچىلەر  _"ئۇن"تۇزاندىلىرىدىن ئىبارەت.

مۇئەييەن تىزلىكتە ئايلىنىۋاتقان دىسكا ئۆستىگە بىردانە نورنى پىقىراتماي تاشلىساق مەركەزدىن قاچقۇچى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ دسكىدىن ئىرغىتىپ تاشلىنىدۇ.لىكىن،نۇرنىڭ ئايلىنىش يۇنىلىشىنى دىسكا مەركىزىگە قارىتىپ يىتەرلىك تىزلىكتە ئوقىدا ئايلاندۇرۇپ سېرىلدۇرۇپ تاشلىساق نۇر مەركەزدىن قاچقۇچى كۇچنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ دىسكا يۇزىدە ئايلانما ھەركەت قىلىدۇ،تىزلىك يىتەرلىك بولسا ھەتتا دىسكا مەركىزىگە قاراپ سىلجىيدۇ.
قارا ئۇڭكۆرگە چۈشۈپ كەتكەن ماددىلار ئاساسەن زەررىچە ھالىتىدە بولغاچقا ئۇلارنىڭ سىپىن تىزلىكى ۋە سىزىقلىق تىزلىكىمۇ غايەت زور بولغاچقا (مەسىلەن،فۇتون)مەركەزدىن قاچقۇچى كۈچنىڭ تەسىرىنى يېڭىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ.مەن بۇ يەردىمۇ «تازلا بولسا مىنىڭ دادام »دىيىشكە مەجبۇرمەن.يەنى بۇ جەريانلاردىكى ھەركەت شەكىللىرىنى 29-تىئورما ئارقىلىق ياخشى چۈشەندۆرۆپ بەرگىلى بولىدۇ.

بىر زامانلاردا تولىمۇ سىرلىق ھېساپلىنىدىغان قارا ئۇڭكۆر ھازىر تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۆزلۆكسىز تىرىشچانلىغى نەتىجىسىدە ئانچە سىرلىق نەرسە بولماي قالدى.بىز قارائۇڭكۆرنىڭ ماسسىسى قانچە كىچىك بولسا شۇنچە تويمىغۇر بولىدىغانلىغىدىن،تويۇنغان قارا ئۇڭكۆرلەرنىڭ ھەتتا «غىزالىنىش»تىن توختاپ ئۈچەككە كىرىدىغانلىغىدىن،بەك تويۇپ كەتكەنلىرىنىڭ زەررىچىلەرنى پۇركۆپ چىقىرىۋىتىدىغانلىغىدىن خەۋەر تاپتۇق.
يۇقۇردا تىلغا ئېلىنغان ھادىسىلەر بىزگە يەنەنىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟.بۇ پەقەت ماكاننىڭ خۇددى شەكىل نەزەريىسىدە ئالدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدەك ئومۇمىلىقتا چەكسىز،ھەربىر كونكىرىتلىقتا چەكلىكلىگىدىن بشارەت بىرىدۇ.يەنى زىچلىغى تۆۋەن ،ماسسى كىچىك قارا ئۇڭكۆرلەرلا يەنە ماددا قوبۇل قىلىشنىڭ ماكان شەرتىگە ئىگە بولغانلىغى ئۈچۈن "تويمىغۇر"بولىدۇ."ئاشقازىنى"توشۇپ كەتكەنلىرى،تويغانلىرى "غىزالىنىش"تىن توختاپ تاماقتىن كىيىنكى ئۇيقۇغا ،ئۈچەككە كىرىدۇ.ئاشقازىنىغا بەك كۇپ نەرسە قاچىلىۋالغانلىرى سىڭدۆرۆپ بولالماي "ياندۇرۇپ"تاشلايدۇ.دىمەك چەكلىك ماكان چەكسىز زىچلىقنى قوبۇل قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۆستىگە سۆر -ھەيۋىسى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ھەركەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانونى "چەكسىز زىچلىق"قا يول قويمايدۇ.

يۇقۇرقى مەنزىرىدە ئېينىشتېيىننىڭ"ماكان ماددىنىڭ سوزۇلۇشچانلىغى"دىگەن ئىدىيىسى مىسىلسىز خىرىسقا يولۇقىدۇ.يەنى،ماكان ئېينىشتېيىن ئېيىتقاندەك سوزۇلۇشچان مىقدارمۇ ،ماددىمۇ ئەمەس،ئۇ سوزۇلۇپ"چەكسىز زىچلىق"نى ئۇزىگە سىغدۇرالمايدۇ."غەيرى نۇقتا"پەقەت ماتىماتىكىلىق ئىدىيە بولۇپ ،فىزىكىلىق رىياللىق ئەمەس.بۇ تەشەببۇسلارنىڭ ھەممىسىنى ھازىرقى قارا ئۇڭكۆر تەتقىقاتنىڭ نوپۇزلۇق نەتىجىلىرى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.

مىنىڭ قارا ئۇڭكۆر ھەققىدە ھازىرغىچە ئېلىپ بارغان ئىزدىنىشلىرىمدىن چىقارغان دەسلەپكى يەكۈنىم شۇكى:

قارا ئۇڭكۆر مەۋجۈت.ئۇنىڭ شەكىللىنىشىدە تارتىش كۈچى ئاساسى ئامىل ئەمەس.قارا ئۇڭكۆرنى تارتىش كۈچىنى ئىشلەتمەي تۇرغاندىلا زىدىيەتسىز شەرىھلەپ بەرگىلى بولىدۇ ،ئۇ،ئوخشاش ھەركەت شەكلىگە ئىگە ،زىچلىغى نىسبەتەن يۇقۇرى بولغان زەررىچىلەر جەمگاھى.ئۇنى فىزىكا قانونلىرى ئارقىلىق چۈشەندۆرگىلى بولىدۇ.پەقەت بەزى ئىسلاھاتلارنىڭ ئېلىپ بىرىش ۋە يېڭى ئۇقۇملارنى كىرگۆزۈش  كېرەك خالاس!.


مىنىڭ قارائۇڭكۆرنىڭ نىمىلىگى،ئۇنىڭ شەكىللىنىش مىخانىزىمى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىمنىڭ دەسلەپكى يەكۈنى مۇشۇ .مەن قارا ئۇڭكۆرنىڭ ئەپتىنى ئۇزەمنىڭ "كۇزۇم" بىلەن كۇرۇشكە مۇۋەپپەق بولدۇم.خاتا كۇرىۋالغان بولۇشۇممۇ مۆمكىن،نىمە بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئەمدى بۇ"كۇرگەن"لىرىمنى مەخسۇس تېما قىلىپ يېزىپ كۆپچىلىكنىڭ تەنقىدى نەزىرىگە ۋە ئورتاقلىشىغا سۇنۇشنى توغرا تاپتىم.چۈشەنمەسلىكلەر بولسا ئىنكاس ئارقىلىق تولۇقلايمەن.

پايدىلىنىڭ:

"نىيوتۇننىڭ ئالمىسى"ئۆستىدە قايتا ئويلۇنۇش
http://bbs.bagdax.cn/thread-22109-1-1.html

2014.1،13 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-6 10:39 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4826
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18519
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6084 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 05:38:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ 2007-يىلىدىكى خەۋەر ئىكەن:

قارا ئۆڭكۈر ئەمىلىيەتتە مەۋجۇت ئەمەس


دۇنيادا زادى قارا ئۆكۈر بار يوقلىقىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ ، قارا ئۆكۈر ئوتتىرىغا قويۇلغان بىرىنجى كۈندىن باشلاپلا نۇرغۇن تالاش تارتىشلارغا سەۋەپ بولۇپ كەلمەكتە ، گەرچە ھازىرقى قارا ئۆكۈر تەلىماتى بەزى نەرسىلەرنى چۈشەندۈرەلىسىمۇ ، لىكىن شۇ سەۋەپلىك دۇنيا بارغانسىرى غەلىتە بولۇپ كەتمەكتە .

يېقىندا ئامېىكىلىق بىر تەتقىقاتچى "物理评论D      Physical Review D" دا ماقالە ئىلان قىلىپ قارا ئۆڭكۈر مەۋجۈت ئەمەس دىگەن قاراشنى ئوتتىرىغا قويدى ، ئەگەر بۇ قاراش توغرا بولىدىغان بولسا ئالىملارنى 40 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت قىينىغان مەسىلە شۇنىڭ بىلەن غايىپ بولىدۇ . ( لىكىن بۇ زامانىمىزدىكى ئەڭ ئۇلۇغ فىزىكا ئالىملىرىنىڭ بىرى سىتىفېن خافكىڭنىڭ ئەڭ زور ئەپسۇسلىنارلىق ئىشى بوپ قىلىشى مۇمكىن--ئىزدەنگۈچى )

ئاددى قىلىپ ئېيىتقاندا قارا ئۆڭكۈر بوشلۇقتىكى بىر نوقتا ، ئۇنىڭ ئالەملىك تارتىش كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ ، قارا ئۆڭكۈردىن مەلۇم يىراقلىقتىكى دائىرىدە ھەتتا نۇرمۇ قارا ئۆڭكۈرنىڭ تارتىش كۈچىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ . 1974-يىلى خافكىڭ قارا ئۆڭكۈرنىڭمۇ مەلۇم ئالاھىدە ئۇسۇل بىلەن سىرىتقا ماددا تارقىتىدىغانلىقىنى ئىلان قىلغانىدى . لىكىن يۇقىرىقى ئىككى خۇسۇسىيەت ئۆز ئارا زىت بولغاچقا ئالىملار ئىزچىل بۇنىڭدىن قايمۇقۇپ كەلگەنىدى .

يېقىندا ئامرىكا "Case Western Reserve University" دىكى فىزىكا ئالىمى لاۋرىنىس . كىرائۇس ۋە ئۇنىڭ خىزمەتدىشى ئۇلارنىڭ بىر ماتىماتىكىلىق فورمۇلا ئىجاد قىلغانلىقىنى ، بۇ فورمۇلا ئارقىلىق قارا ئۆكۈرنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى . ئۇلار فورمۇلاسىدا  ئېينىشتىيىن ئوتتىرىغا قويغان "relativistic effect of time"  دىن پايدىلانغان .

http://bbs.izdinix.com/thread-27225-1-1.html




ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4826
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18519
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6084 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 05:46:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۆۋەندىكى ئىككى ئابزاسنى سېلىشتۇرۇپ كۇرۇڭلار

مانا بۇ مىنىڭ 1-ئاينىڭ 13-كۆنى "باغداش"قا يوللىغان بۇ تېمدا دىگەن گېپىم:

ئۇنداقتا قارا ئۇڭكۆر بەزىلەر ئېيىقاندەك ھەقىقەتەن مەۋجۈت ئەمەسمۇ؟.ياق ،ئۇ مەۋجۈت،لىكىن ئۇنىڭ چۈشەندۆرلىشى بىلەن رىياللىغى ئوتتۇرىسدا پەرىق بار.قارا ئۇڭكۆرنى باشقىدىن چۈشەندۆرۆش كىرەك.لىكىن شۇسى ئىنىق،فىزىكىنى قارا ئۇڭكۆر دىشۋارچىلىغىدىن قۇتقۇزۇشتا بەزى يېڭىچە قاراشلارنى تىكلىگەندىن باشقا مۇقەررەر ھالدا "تارتىش كۈچى"دىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇم ئۈستىدە قايتا ئويلۇنۇشقا مەجبۇر بولىمىز.تارتىش كۈچى ئىدىيىسىنىڭ ئالەمنىڭ كېڭىيىشىنى چۈشەندۆرۆپ بىرەلمەيۋاتقانلىغىدىن ئىبارەت بۇ پاكىتنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.


مانا بۇ خاۋكىڭنىڭ 1-ئاينىڭ 24-كۆنى ئىلان قىلغان تەكلىپى:
*
     قارا ئۆڭكۈر دېگەن نېمە؟ قارا ئۆڭكۈر دېگىنىمىز ناھايىتى يۇقىرى زىچلىققا ھەم زور ماسسىغا ئىگە بولۇپ، كۈچلۈك تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە ھەرقانداق ماددا ھەم نۇرمۇ ئۇنۇڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان جىسىمدىن ئىبارەت. بۇ يەردە دېيىلگەن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ دېگەنلىك كلاسسىك تېئورېمىدا ئورۇنلۇق بولغان بولسىمۇ بىراق كۋانت تېئورېمىسىغا ئاساسلانغاندا ئېنېرگىيە ھەم ئۇچۇر قېچىپ چىقىدىكەن. ئۇنۇڭ بۇ قېتىم تەكلىپ بەرگىنى قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئېنىقلىمىسىنى قايتا يېزىش. قارىغاندا قارا ئۆڭكۈر توغرىلىق مۇنازىرە ئەمدى قايتا يەنە بىر بالداققا كۆتۈرۈلىدىغاندەك قىلىدۇ.
مەنبە:
http://bbs.bagdax.cn/thread-22455-1-1.html

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97939
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 335
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2013-9-17
ئاخىرقى: 2014-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 11:26:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىتفېن خاۋكىڭ دېگەن كىشىنىڭ تىرىشچانلىق روھىدىن ئۆگىنىشقە بۇلىدۇ
بۇ ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى   لېكىن ئۇنىڭ بۇ كائىنات ھەققىدىقى  كۆز قارشىدا ئۇ  كائىنات بىر ياراتقۇچى
تەرپىدىن يارتىلماستىن ئۆزلىكىدىن   بارلىققا كەلگەن دېگەن  ھازىرمۇ شۇ ئەقىدىسىدىمۇ ياكى كۆز قارشى ئۆزگەردىمۇ  بىلمەيمەن   دىننى ئىنكار قىلىدىغان  ھەر قانداق ئاتىزىمچى پەننى ئالىم بولسۇن   بۇنداق ئىتىقاتسىز بىلىمدانلار ھامان مەغلۇپ بۇلىدۇ ...پەيغەمبەر (س ە  ۋ )ئەلەيھىسالامنىڭ  بىر ھەدىسىمۇ ھازىرقى زامان ئىلىكتىرونلۇق مىكروسكوپ  ئاستىدا تەتقىقى قىلىنىپ چىقىپ نۇرغۇن ئىلىم پەن  ئالىملىرى مۇسۇلمان بولدى  

بۇ ھەدىس‹‹ ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن جەسىتىنى زىمىن يەيدۇ  (جەسىتى چىرىپ توپىغا ئايلىنپ كېتىدۇ) بىراق قۇيرۇق سۆڭەك  بولسا بۇنىڭدىن مۇستەسنا  ئۇنى زىمىن يىمەيدۇ   (چىرىمايدۇ)
ئىنسان بولسا شۇ قۇيرۇق سۆڭەكتىن  يارتىلغان  قىيامەت كۇنىدا شۇ قۇيرۇق سۆڭەكتىن قوراشتۇرلۇپ چىقىلدۇ››  ..
قۇيرۇق سۆڭەك  ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىسى
قۇيرۇق سۆڭەك دېگەن نىمە ؟
قۇيرۇق سۆڭەك  ھەجىمى نۇقۇتچىلىك بار  ئۇمۇرتقىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىسىمىدىكى نۇقۇتچىلىك سۆڭەك  بۇلۇپ  بۇنى قۇيرۇق سۆڭەك ياكى ئادەمنىڭ ئۇرۇقى دەپمۇ ئاتىلدۇ


20-ئەسىرنىڭ 30 يىللىردا گىرمانىيەلىك تۆرەلمە شۇناس ئالىمى ھانزىس فىمەن قۇيرۇق سۆڭەك ئۇستىدە تەتقىقات ئىلىپ بارغان تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق بىر ئىشنى بايقىغان
ئىلىم پەندە
ئەرنىڭ مەنى سى  بىلەن ئايالدىن چىققان تۇخۇمدان  بىرلىشىپ زىگوتا باسقۇچىغا ئايلانغان ۋاقتىدا يەنى ئۇرۇقلانغان توخۇم  تۆرەلمە(بوۋاق) شۇنىڭدىن( ئۇرۇقلانغان توخۇم )  بولىدۇ     دېيىلگەن  لېكىن بۇ ئالىم تۆرەلمىنىڭ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن شەكىللەنمەيدىغانلىقىنى بەلكى بۇ  ئۇرۇقلانغان تۇخۇم  تۆرەلمەنىڭ (بوۋاقنىڭ) ئۇزۇقى  ئىكەنلىكىنى تېپىپ چىققان  تۆرەلمە بولسا   ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ يۇزىدە تەخمىنەن 15 كۈنلۇك بولغاندا  بىر يىپسىمان ھۇجەيرە شەكىللىندىغانلىقىنى  تۆرەلمەبولسا شۇ بىر دانە يىپ شەكىللىك ھۇجەيرىنىڭ  بۇلۇنۇپ  كۆپۇيۇپ تەدرىجى تەرەققى قىلىپ  شۇنىڭدىن  ئىنساننىڭ  بارلىق ھۇجەيرە  ئەزالىرى  مۇشۇ  ئۇرۇقلانغان تۇخۇم يۇزىدىكى يىپسىمان ھۇجەيرىدىن   ھۇجۇتقا كېلدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان    بۇ يىپسىمان ھۇجەيرىنىڭ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدا پەيدا بۇلۇپ  بارا بارا بۇلۇنىشىنى ئىلىم پەندە‹‹ يىپلىق بۇلۇنۇش›› ياكى دەسلەپتە مۇشۇ ھۇجەيرە ھاسىل بۇلۇپ بۇلۇندىغانلىقى ئۇچۇن ‹‹ ئىپتىدايى يىپ ›› دەپمۇ  ئاتايدۇ   .. ئەمدى بۇ تۆرەلمىدە ئەڭ دەسلەپتە شەكىللىندىغىنى ئىنساننىڭ نېرۋىسى مېڭىسى ۋە  ئۇزۇقلۇق سۇمۇردىغان كىندىك نەيچىسى (شىلەنكە)سى شەكىللىندۇ نېرۋا شەكىللەنگەندىن كېيىن بۇ نېرۋىنى ئۇمۇرتقىلار قاپلايدۇ
چۇنكى نېرۋا ئادەم ئۇچۇن ئىنتايىن مۇيىم بولغاچقا نېرۋا ئاللاھ تەرپىدىن يارتىلىنىپ ئۇمۇرتقىلار قاپلىغاندىن كېيىن ھېلىقى ئەڭ دەسلاپكى  يىپ  ئاستا -ئاستا يۆگۇلۇپ  كاللەكلىشىپ كېيىن ئۇمۇرتقا سۆڭىكىنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى قۇيرۇق سۆڭەككە ئايلىندۇ
دېمەك قۇيرۇق سۆڭەك ياكى (ئادەمنىڭ ئۇرۇقى ) ئاشۇ  ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىكى ئىپتىدايى يىپنىڭ دەل ئۆزى شۇ  شۇ يىپتىن جەسىتىمىز شەكىللىنىپ كېيىن   شۇ يىپ ئاستا ئاستا كەينىگە چىكىلىپ  خۇددى گېلەمنى ئېچىپ يەنە دوملىتىپ يىققانغا ئوخشاش   كەينىگە پۇرۇلۇپ   قۇيرۇق سۆڭەككە ئايلىندۇ ..رەسۇلۇللا (س ھ ۋ)  چىرىپ كەتكەن  جەسەتلەرنىڭ  قۇيرۇق سۆڭىكىدىن ئاللاھ قايتا قوراشتۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى بىزگە ئاللاھ تەرەپتىن كەلگەن ۋەھىي بۇيىچە  دەپ بەردى  دېمەك ئاللاھ بىزنى يەنى ئادەم ئەلەيھىسالامنىڭ نەسلىنى  ئاشۇ قۇيرۇق سۆڭەككە (ئادەمنىڭ ئۇرۇقىغا)  ئايلىندىغان يىپتىن  ياراتقان  قىيامەت كۇنى يەنە شۇ يىپتىن  بىزنىڭ ئۆلۇپ چىرىپ كەتكەن جەسىتىمىزنى  ئاللاھ  تائالا ئۆزىنىڭ 99 ئىسىم سۇپىتى ئىچىدىكى ‹‹ئەل مۇئىيدۇ ›› قايتا ئەسلىگە كەلتۇرگۇچى دېگەن سۇپىتى ۋە قۇدرىتى  ھەممگە قادىرلىقى بىلەن شۇ(1) يىپ (ئادەمنىڭ ئۇرۇقى)(2)  تۇپراق ۋە  ئاسماندىن چۇشۇرگەن ئالاھىدە(3) سۇ   قاتارلىق   3 ئامىل بىلەن
جەسىتىمىزنى يەردىن خۇددى كۆكتات ئۇندەندەك ئۇندۇرۇپ چقىرىپ   چىرىمىغان جەسەت ھالىتىگە كەلتۇردۇ  ئاندىن ئەسلىگە كەلتۇرۇلگەن يەنى چىرىمىغان ھالىتىگە كەلتۇرۇلگەن  
  جەسەتكە   روھنىمىزنى  كىرگۇزدۇ  بۇ  قايتا تىرلىش ھادىسسى  مۇشۇ شۇ
گىرمانيە تۆرەلمە شۇناس ئالىمى  ھانزىس فىمەن  قۇيرۇق سۆڭەكتىكى سۆڭەككە ئايلانغان  ھۇجەيرىلەرنى ئېلىپ  قاتتىق ئىزىپ ئۇندەك قىلىپ  ئانىنىڭ قوسىقىغا تېرىغان ۋاقتىدا بۇ قۇيرۇق سۆڭەك قايتىدىن تۆرەلمە بۇلۇپ ئۇنگەن
قۇيرۇق سۆڭەك ھۇجەيرىسىنى  500  گىرادۇسلۇق قايناق  سېلىپ  قاينىتىپ  ئاندىن ئېلىپ   ئانىنىڭ قوسىقىغا تېرىسا  بۇ يەنە تۆرەلمە يەنى بوۋاقنىڭ جەسىتى بۇلۇپ ئۇنگەن
ئەڭ ئۆتكۇر كىسلاتاغا 15 كۇن چىلاپ قۇيۇپ ئېلىپ ئانىنىڭ قورسىقىغا تېرىسا بۇ يەنە تۆرەلمە بۇلۇپ ئۇنگەن  دېمەك بىزنىڭ جەسىتىمىز توپىغا ئايلانسىمۇ بىزنىڭ ئۇرۇقىمىز يوقاپ ياكى  ئۆزگۇرۇپ كەتمەيدۇ ئاللاھ تائالا ھەر بىر قېپى (جەسىتى) بار جانلىقنىڭ  ئۇرۇقىنى  يوقىمايدىغان  شۇ جانلىقنىڭ ھەر خىل پىئوگىراممىسنى ئۇرۇق ئۆزىدە ساقلايدىغان قىلىپ ياراتقان  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97939
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 335
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2013-9-17
ئاخىرقى: 2014-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 11:39:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دېمەك بىزنىڭ قايتا تىرلىشىمىز ئىلىم پەن ئارقىلىق ئىسپاتلىپ چىقتى  رەسۇلۇللاھنىڭ  قۇيرۇق سۆڭەك (ئادەمنىڭ ئۇرۇقى)  ياكى   جەسەت شەكىللىنىشتىن ئىلگىركى ئىپتىدايى يىپ  ھەققىدىكى سۆزى
ئىلىكتىرونلۇق مىكروسكۇپ ئاستىدا  ئىسپاتلىلىنىپ چىقتى
ئاللاھ تائالا قۇرئانى كەرىمدە مەخلۇقاتنى قانداق ياراتقان بولساق ئۇنىشۇ ھالىتىدە ئەسلى ھالتىگە كەلتۇرمىز دەيدۇ
يەنە بىر ئايەتتە  سۇرە تارىق تا  ھەر بىر ئادەم بىلەن شۇ ئادەمنى ساقلاپ تۇرغۇچى پەرىشتە بار
ئىنسان ئۆزىنىڭ نىمىدىن يارتىلغانلىقىغا قارسۇ ن ئۇ ئېتىلىپ چىقققۇچى مەنئىدىن يارتىلدى  ئۇ مەنئى ئۇمۇرتقا بىلەن قۇۋۇرغا سۆڭىكىنىڭ ئارسىدىن چىقىدۇ  دېگەن
ۋەللاھۇ ئەلەم
قارا ئۆڭكۇر نى چوڭقۇر تەپەككۇر قىلماي تۇرۇپ ياكى تەتقىق قىلامماي تۇرۇپ يوق دەپ تۇرۋالساق   بولماس بىز ئىنسانلار بىلمەيدىغان نەرسىمىز كۆپ كائىناتتىكى سىرلار نۇرغۇن

ئاللاھ  ھەممىنى بىلگۇچى  ئىلمى چەكسىز زامان ۋە ماكان تاللىمايدىغان ئالىمدۇر


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4826
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18519
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6084 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 01:37:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئالىملار پۇرقۇۋاتقان قارا ئۆڭكۈر قاتارلىقلارنى بايقىدى
上周最佳太空照片:科学家观测喷发的黑洞等



腾讯科学讯(悠悠/编译)据国外媒体报道。2月6日,钱德拉X射线天文台观测到半人马A星系附近的喷发黑洞,半人马A星系距离地球1200万光年之遥,其中心“超大质量”黑洞的极地喷射出X射线流,喷射流中包含超级黑洞引力从恒星撕扯的灰尘和气体。多数星系被认为中心区域存在着黑洞,其中包括银河系,虽然银河系黑洞并不存在这样特殊的黑洞


http://tech.qq.com/a/20140210/004758.htm#p=1

بۇ ،ئالدىنقى ھەپتىدە تارتىلغان سۆرەت ئىكەن.يەنى، مەن بۇ تېمىنى يازغاندىن كىيىنكى بايقاشكەن!




كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش