مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 459|ئىنكاس: 2

مۇھەممەت ئابلىز بۆرەيارنىڭ تەرجىمالى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20124
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 01:48:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سۈيۈملۈك تورداشلار، بۈگۈن يەنە بىر تېما ئەكەلدىم گەرچە كۈچۈرۈلمە بولسىمۇ، ئەمما، مۇنبەردە بۇ ھەقتە تېما يوق ئىكەن. مەن بۇ تېمى يوللاشقا لايىق دەپ قارىغاچقا يوللىدىم. قېنى مەرھەممەت قىلغايسىلەر!!

قەلبىمدە بالىلىق تېخى تۇلۇق ئاخىرلاشمىغان ۋاقىتتا، رەھىمسىز تەقدىر مېنى شۇ گۈزەل سەھرادىن يىراقلاشتۇرۇپ، شەھەر قوينىغا باشلاپ كەلدى. ھەممە يەر ئېگىز-ئېگىز بىنالار بىلەن قاپلانغان بۇ شەھەردە، بالىلارنىڭ تۇرمىشى باشقىچە بولىدىكەن. ھەممە يەر بىنا، ئاسپالىت يول. بالىلار بولسا ئائىلە بىلەن مەكتەپ ئارىسىدا قاترايدىغان بىچارەلەر. ئۇلارنىڭ نە ئۇيۇن ئوينىغىلى ۋاقتى چىقسۇن، تۈگىمەس تاپشۇرۇق بىسمى ئۇلارغا زادى ئازادىچىلىك بەرمەيىتتى.
كىچىكىمدىن يىزىدا چوڭ بولغاچقىمىكىن، بۇ يەرگە قىلىپلا كۈنەلمەي قالدىم. خىيالىم داۋاملىق بالىلقىمدا، ئاشۇ غەمسىز مىنۇتلاردا ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا بىز ئوينايدىغان ئۇيۇنلار ناھايىتى كۆپ ئىدى. ئۇيغۇر بالىلار ئۇيۇنلىرى تۈرىنىڭ كۆپ خىللىقى، مەزمۇنىنىڭ ئەخلاققا، ئۆرۈپ- ئادەتكە ماس كىلىشى جەھەتتە ئالاھىدە ئۇرۇنغا ئىگە ئىدى. بىز ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن شۇ مىراسنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدۇق. لېكىن، ھازىر شەھەرلەردە زامانىۋى تەرەققىيارنىڭ تىزلىقىدىن ، بالىلار كومپيۇتىر، تېلغۇن، ئەقلىي ئۇيۇنچۇق قاتارلىقلارغا مەستانە بۇلۇپ، شۇ ئۇيۇنلىرىمىزنى ئۇنتىغان ئىدى.

مانا، مەنمۇ چوڭ بولدۇم، ئەقىلل تاپتىم، بالىلىقمنى ئۈزۈمگە ھەمراھ قىلىپ ئالغان قاراپ ماڭماقتىمەن. بالىلقىمدىكى شۇ ئۇيۇنلار تا كۆز ئالدىمدا ئىدى. ئەزەلدىن كىتابخانا ئايلىنىشقا ئامراق بولغاچقا، كىتابخانىلارنى ھارماي ئارلايمەن. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، كىتابخانىدىن ئۇيغۇر بالىلار ئۇيۇنلىرى ناملىق بەش قىسملىق كىتاب ئۇچقاپ قالدى. شۇنداق سۈيۈنۈش ئىچىدە قۇلۇمغا ئېلىپ قارىدىم، ئاپتۇرى دەل مۇھەممەت ئابلىز بۆرىيار ئىدى، شۇ ۋاقىىتتىن باشلاپ ئاپتۇرغا بولغان ھۆرمىتىم، قىزىقشىم بار بولدى، كېيىن تۇلۇق ئوتتۇرىغان چىققاندىن كېيىن « ئىنساپ سودىگىرى» ناملىق بۇ ئەسەر بىلەن تۇنۇشتۇم. بۇنىڭ ئاپتۇرىمۇ دەل مۇھەممەت ئابلىز بۆرىيار ئىدى. ئاپتۇر شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ قەلبىدە چۇڭقۇر ھۆرمەتلەيدىغان شەخىسكە ئايلاندى.........

بۈگۈن يازغۇچىلار تورىدىن ئاپتۇرنىڭ تەرجىمالىنى تېپىپ يوللاپ قويدۇم. ئاللاھ خالىسا، ئاپتۇرنىڭ ئىش-پائالىيەتلرىىنى يەنە توپلاپ، ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن


مۇھەممەت ئابلىز بۆرەيارنىڭ تەرجىمالى


مۇھەممەت ئابلىز بۆرەيار 1958– يىلى 8– ئاينىڭ 8– كۈنى ئاتۇش شەھەر ئۈستۈنئاتۇش يېزىسىدا دېھقان
ئائىلىسىدىن دۇنياغا كەلگەن. 1966– يىلىدىن 1977– يىلىغىچە ئاتۇشتا باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1978– يىلىدىن 1983– يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇپ باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1983– يىلى 3–ئايدىن 1986- يىل 12- ئايغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1987– يىلى 1– ئايدىن ھازىرغىچە قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ جەرياندا، 1988– يىلى 9–ئايدىن 1990– يىلى 7– ئايغىچە قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى تىل فاكۇلتېتىدا ئىنگىلىز تىلى ئۆگەنگەن.

نەسىرچى، بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى مۇھەممەت ئابلىز بۆرەيار قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىىدا كەسپىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان 20 نەچچە يىل جەريانىدا «ئۇ، ئۇخلىغانمىكىن»، «ھاياتتا مۇنداق خەتلەرمۇ يېزىلغان»، «گۈلدۈرمىگە تۆكۈلگەن ھەسرەت»، «بۇرۇت ماجراسى»، «ئۇيغۇر ھېكايىلىرىدىن تاللانما − ئۇزاق كېچە»، «تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى ۋە مەشقلىرى»، «كەندىرلىكتىكى چۈش»، «ئايدىكى داغ»، «ئۇيغۇر نەسىرلىرىدىن تاللانما»، «ئانا ئارزۇسى»، «يۇنان ئەپسانىلىرى»، «قەشقەر مەجمۇئەسى − قەشقەر ئەدىبلىرى»، «ئۇيغۇر مەدەنىيەت قامۇسى» (10 توم) قاتارلىق ئەدەبىيات – سەنئەت، مەدەنىيەت – مائارىپ، پەن – تېخنىكا، ئىجتىمائىي تېمىلاردىكى 100 نەچچە پارچە كىتابنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن. 2003 – يىلى ئۇ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن «مەكىت قويى» ناملىق كىتاب شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۇنجى نۆۋەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تۈرىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاشتا 3– دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى»، «ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرى ھەققىدە ئومۇمىي بايان»، «جۇڭگو ئۇيغۇر سەنەملىرى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئەدەب – ئەخلاقى قامۇسى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك – ئىچمەك قامۇسى»، «ئۇيغۇر خانىم- قىزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم – كېچەك، زىبۇ – زىننەت مەدەنىيىتى»، «شىنجاڭ مىللىي ئۆرپ – ئادەت قامۇسى»، «ئومۇمىي خەلقنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇش مەجمۇئەسى» (20 توم) قاتارلىق ئىلغار مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ – ئادەتكە تەۋە چوڭ ھەجىملىك تېمىلارنى پىلانلاش، تۈزۈش ئەمگىكىنى ئىشلىگەن.

مۇھەممەت ئابلىز بۆرەيار سابىق «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 1989 – يىللىق 4 – سانىدا ئېلان قىلىنغان «كۆۋرۈك ناخشىسى» ناملىق نەسرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەندىن بۇيان، نەسىر ئىجادىيىتىگە يانداش ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ۋە بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللاندى. ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ ھەر دەرىجىلىك گېزىت – ژۇرناللاردا «ئىنساپ سودىگىرى»، «ئويغاق ئەۋلاد»، «چىرايلىق ئالۋاستى»، «ئاق يۆگەك»، «ئالتۇن چىشلىق تىلەمچى»، «كونا تۈگمەن»، «سۇسىز دەريا»، «نۇقتا»، «نورۇز بوۋاينىڭ ھەسرىتى»، «ئاچچىق – راست گەپلەر» قاتارلىق 300 پارچىدىن ئارتۇق نەسرى؛ «ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرىنىڭ دەرسلىك قىممىتى»، «ئۇيغۇرلاردا بالا تەربىيەسى ۋە بالىلار ئەدەبىياتى»، «‹تۈركىي تىللار دىۋانى› ۋە بالىلار ئويۇنلىرى»، «خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىمىزنى بالىلار ئەدەبىياتىدا قايتا جانلاندۇرۇش ھەققىدە»، «ھەقىقىي ئىجادىيەتچىلەر قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشى لازىم»، «ئۆتۈملۈك تېمىلاردا يېزىلغان ئىجادىي ئەسەرلەر قانداق بولۇشى كېرەك»، «مۇھەررىرلەر ساپاسىنىڭ نادىر ئەسەرلەرگە بولغان تەسىرى توغرىسىدا»، «نەشرىياتچىلىقتا ئوقۇش تەكشۈرۈشنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيىتى» قاتارلىق 30 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. بىر بۆلۈك نەسىرلىرى «ئاق يۆگەك»، «قەشقەردە توي»، «ئۇيغۇر نەسىرلىرىدىن تاللانما» قاتارلىق بىرلەشمە ۋە كوللىكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. «ئىنساپ سودىگىرى» ناملىق نەسرى شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 2008 – يىل نەشر قىلغان ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تىل – ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. «كونا تۈگمەن»، «سۇسىز دەريا» ناملىق ئىككى پارچە نەسرى بېيجىڭ يازغۇچىلار نەشرىياتى 1999– يىلى نەشر قىلغان «شىنجاڭ يېڭـى دەۋىر ئاز سانـلىق مىلـلەت ئەدەبىـي ئەسەرلىرىدىن تاللانما − نەسىرلەر» ناملىق خەنزۇچە توپلامغا كىرگۈزۈلگەن. «قەشقەر گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بىر يۈرۈش چاتما نەسرى 1992 – يىلى «شىنجاڭدىكى گېزىتلەرنىڭ 1991 – يىللىق ئەدەبىي بەتلىرىدىكى ياخشى ئەسەرلەر» نى باھالاشتا 3 – دەرىجىگە؛ «چىرايلىق ئالۋاستى» ناملىق چاتما نەسرى «7 – نۆۋەتلىك خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.

مۇھەممەت ئابلىز بۆرەيار ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىنى قېزىش، توپلاش، رەتلەش بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ، ئاۋۋال «ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرى» ناملىق تۆت توملۇق كىتابنى، ئاندىن ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرى ۋە ئۇيغۇر بالىلار قوشاقلىرىنى خېمىرتۇرۇچ قىلىش، ئۇيغۇر بالىلار تېپىشماقلىرى ۋە ئۇيغۇر بالىلار چۆچەكلىرىنى ئالاھىدە تاللاش ئارقىلىق تۈزۈلگەن «ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قاماسى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەسەرنى نەشر قىلدۇردى. شۇنداقلا، يۇقىرىقى قامۇسقا ئاساسەن قايتا ئىشلەپ چىققان «ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرى» (ئىككى توم)، «ئۇيغۇر بالىلار قوشاقلىرى ۋە تېپىشماقلىرى»، «ئۇيغۇر بالىلار چۆچەكلىرى» قاتارلىق كىتابلارنى نەشر قىلدۇردى. «ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قاماسى» 2010 – يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7– نۆۋەتلىك مۇنەۋۋەر كىتاب ۋە ئۈن – سىن  ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

مۇھەممەت ئابلىز بۆرەيار ھازىر جۇڭگو خەلق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ  ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى ئوقۇش تەكشۈرۈش (تېما پىلانلاش) ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، كاندىدات ئالىي مۇھەررىر.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-6 08:28 PM  


ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

چىراقپاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 552
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8751
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1272 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 12:44:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     مۇھەممەت ئابلىز بۆرەيار ئەپەندىنىڭ ..ئىجادىيەت مۇساپىسى تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولسۇن!

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99851
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1896
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2013-11-20
ئاخىرقى: 2014-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 05:03:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.

ھاياتتا ھېچكىمنىڭ قولىغا ئېسىلما،ھېچكىمنڭ تېمىغا يۆلەنمە،شۇنداق كۈنلەر كېلىپ ،ئۇ قوللار بوشىشىپ ،ئۇ تاملار يىقىلىپ كېتەر،يەنىلا ئۆزەڭگە  تايانغىنىڭ ئەۋزەلدۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش