ﺋﺎﻟﺪﺍﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ: بىز موسولمانلار كېيىنكى دەۋرلەردە، ئۆزىمىزنى ئالداپ كەلگەن يالغان ئىشەنچلەرنىڭ بىرى، خوتۇن ـ قىزلىرىمىزنىڭ ئىپپەت ــ نومۇسلىرىنى موھاپىزەت قىلشىتا بېپەرۋالىق قىلىش، بۇنداق بېپەرۋالىقتىن يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ كەلمەسلىكىگە ئىشىنىپ كېتىش بولدى. بۇ پەقەت، ئىماننىڭ ئاجىزلاشقانلىقى، ۋىجداننىڭ غەپلەت ئىچىدە كىرلەنگەنلىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن، ھېچقانداق كىشى خاتالىقلاردىن خالىي بۇلالمايدۇ. كىشى پەقەت يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ مۇقەددىمىلىرىدىن ساقلىنىش ئارقىلىقلا خاتالىقلاردىن ساقلىنالايدۇ. ئايال كىشى ھەرقانچە ئىرادىلىك، دىيانەتلىك، جورىسىگە سادىق بۇلۇپ كەتكەندىمۇ، ئۇلار ھېچ ۋاقىت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن ئېشىپ كېتەلمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئانىلىرى، ئەخلاق ۋە پەزىلەتلەردە ئەڭ ياخشى ئۆلگىلەردۇر. شۇنىڭلىق بىلەنمۇ، ئاللاھ ئۇلارغا مۇنۇ تەۋسىيەلەرنى قىلغان: ”ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! سىلەر باشقا ئاياللارنىڭ ھېچ بىرىگە ئوخشىمايسىلەر، سىلەر (يات ئەرلەرگە) سۆز قىلغاندا نازاكەت بىلەن سۆزقىلماڭلار. (نازاكەت بىلەن سۆزقىلساڭلار) دىلىدا نىفاق (يامان نىيەت) بار ئادەم (سىلەرگە قارىتا) تەمەدە بولۇپ قالىدۇ. (گۇماندىن خالىي) ياخشى سۆز قىلىڭلار.“ (ئەھزاپ سۈرىسى 32- ئايەت) ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ” سىلەر پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىدىن بىرنەسە سوراپ (ئالماقچى) بولساڭلار، پەردە ئارقىسىدىن سوراپ ئېلىڭلار، بۇنداق قىلىش سىلەرنىڭ دىللىرىڭلارنىمۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىنىمۇ پاك تۇتىدۇ، سىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھنى رەنجىتىپ قويۇشۇڭلار دۇرۇس ئەمەس. “ (ئەھزاپ سۈرىسى 53- ئايەت) كىتابـخانلارنىڭ چۇشىنىشىگە ئانچە يىراق ئەمەسكى، يوقىرىقى ئايەتلەردە خىتاب قىلىنغان كىشىلەر يەر يۈزىدىكى ئەڭ تەقۋا، ئەڭ ئەخلاقلىق زاتلار بولغان ساھابىلەر (پەيغەمبەرنىڭ زامانىدىكى ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتە بولغان ئۆلگىلىك مۇسۇلمانلار) دۇر. ئۇلار مۇئامىلە قىلىدىغان ئاياللارمۇ يەر يۈزىدىكى پۈتۈن ئاياللارنىڭ ئەڭ تەقۋالىرى، ئەڭ ئەخلاقلىق ۋە ئەڭ ئۆلگىلىك ئانىلىرى بولغان ئاياللار ــ پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىدۇر. يۇقىرىقى بايانلاردىن كېيىنمۇ، يەنە خوتۇن ـ قىزلىرنىڭ ئىپپەت ــ نومۇسلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئىشىدا، يالغان ئىشەنچكە بېرىلىپ ئالدانغۇچىلارغا دەيمەنكى: سىلەر قانچىلىك ياخشى بولۇپ كەتسەڭلارمۇ، پەيغەمبەردىن كامىل ئەمەسسىلەر. ئاياللىرىڭلارمۇ قانچىلىك پاك ۋە ئشەنچلىك بولۇپ كەتكەندىمۇ، ئۇلار يەنىلا پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىغا يەتمەيدۇ. سىلەر ئارىلىشىدىغان يېقىن ـ يورۇقلىرىڭلارمۇ ساھابىلەردىن ۋاپادار ئەمەس. سىلەر نېمەڭلەرگە بۇنچىۋالا ئىشەنچ قىلىپ كېتىسىلەر؟!
ﻏﯘﺭﯗﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﺭﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯗﺭ: ئىنساننىڭ دۇنيادا ئەڭ شەرەپلىك ۋە ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسى ئۇنىڭ نومۇسىدۇر. بەلكى ئىنساننىڭ نومۇسى ئۇنىڭ دىنىنىڭ ئاساسلىق پارچىسىدۇر. نومۇسنى ساقلاش دىنىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى تەلىبى ۋە ئىماننىڭ كۆرۈنەرلىك ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر. بۇ مەسىلىدە پۈتۈن دىنلار ئىتتپاقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئۆز ئەھلىنىڭ نۇمۇسىنى ساقلاشتا، ئەڭ غۇرۇرلۇق زاتلار ئېدى. مۇنۇ ھەدىس ئۇلارنىڭ نەقەدەر غۇرۇرلوق ۋە ئىپپەتلىك كىشىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ: ”بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىغا: ”سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆز ئۆيىگە كىرگەندە، ئايالىنى بىراۋ بىلەن يامان ئىش ئۇستىدە كۆرسە 4 كىشىنى گۇۋاھلىققا چاقىرسۇن“ دېگەندە، سەئىد ئىبنى مۇئاز ئىسىملىك ساھابە ئورنىدىن تۇرۇپ ــ يا رەسۇلەللاھ! مەن ئايالىمنى يامان ئىش ئۇستىدە كۆرسەم، ئۇنىڭغا 4 گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق بېرشىگە قاراپ تۇرامدىمەن ؟ ياق! ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر مەن ئايالىمنى بىراۋ بىلەن يامان ئىش ئۇستىدە كۆرسەم ئۇنى بېشىدىن ئايغىغىچە پارچىلاپ، ئىزىپ، ئۇندەك قىلىۋېتىمەن، ئاندىن كېيىن ئاللاھ مېنى قانداق جازالىسا، جازالىسۇن، ــ دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بۇ غۇرۇرىغا قايىل بولغانلىقتىن تەبەسسۇم قىلىپ، ــ ھەقىقەتەن سەئىد بەكمۇ غورورلۇق، مەن سەئىدتىن، ئاللاھ ھەممىمىزدىن بەك غۇرۇرلۇقتۇر. ئاللاھنىڭ كۈنلىشى ئۇ ھارام قىلغان ئىشلارنى قىلىشتا، ــ دەيدۇ.“ ھەر كىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ نومۇسى ۋە ئىپپىتى شۇنچىلىك مۇقەددەس بولغان يەردە، باشقىلارنىڭمۇ نومۇسى ۋە ئىپپىتىمۇ شۇنچىلىك مۇقەددەستۇر، ئۆزىنىڭ نومۇسىنى قوغداش يولىدا غۇرۇرلۇق بولغان كىشى، ئەلۋەتتە باشقىلارنىڭمۇ ئىپپەت، نۇمۇسلىرنى قوغدىشى، دۇشمەنلىك ۋە خىيانەتلەر بىلەن ئۇلارنىڭ نومۇسلىرنى ئاياق ئاستى قىلىشتىن ھەزەر قىلىشى كېرەك. يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ باشقىلارنىڭ نومۇسلىرىغا كۆز تىكىشلىرى تۈۋەندىكى بوشلۇقلاردىن كېلىپ چىقىدۇ: 1 ـ ئائىلە مەسئۇلىنىڭ ئۆز ئەھلىنى يات ئەرلەرنىڭ يامان نىيەتلىك تەمەلىرىدىن قوغداشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىكى. بۇئاجىزلىق، ئائىلە مەسئۇلىنىڭ ئەرلىك غۇرۇرىنى يۇقاتقانلىقى ياكى ئۆز ۋەزىپىسىنى تۇنۇمىغانلىقى ياكى ئۆزىنىڭ تەربىيە ساھەسىدە بىلىمسىزلىكى تۇپەيلىدىن مەيدانغا كەلگەن ئاجىزلىقتۇر. 2 ـ ئاياللارنىڭ ۋە قىزلارنىڭ كىيىنىشلىرى، سۆزلەشلىرى ۋە يۈرۈش ـ تۈرۈشلىرىدىكى نازاكىتى ۋە جەلىپكارلىقى. شۇڭا ئىسلام دىنى ھەرتۈرلۈك يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاياللارنى ئۆزلىرىگە قارىتا ئەرلەرنىڭ ھەۋەسلىرنى قوزغىتىپ قويىدىغان بارلىق ئامىللاردىن يىراق بۇلۇشقا چاقىرغان. ئاللاھ پۈتۈن مۇسۇلمان ئاياللارغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ” ئىلگىرىكى جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ ياسىنىپ چىققىنىدەك ياسىنىپ چىقماڭلار، ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەبغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار.“ (ئەھزاب سۈرىسى 33 ـ ئايەت) بۇ ئايەتتىكى خىتابتىن مەقسەت، ئاياللارنى گۈزەل، يارىشىملىق كىيىملەرنى كىيىپ، ئېسىل يۇرۇشلىرىدىن مەنئى قىلىش ئەمەس. بەلكى ئىسلام دىنى كېلىشتىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىكى ئاياللارنىڭ ۋە كۈنىمىزدىكى مەدەنىيەت دەۋاسى قىلغۇچى ئاياللارنىڭ كىيىنگىنىدەك، يات ئەرلەر بار يەردە نېپىزلىكتىن بەدەنلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان، قىسقىلىقتىن تىزىدىن ئاشمايدىغان، تارلىقتىن بەدەنلىرىگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيىشتىن مەنئى قىلىدۇ. گۈھەر نەچچە قات تۈگۈنلەر ئىچىدە ساقلانغانلىقى ۋە ھەركىشىنىڭ ئۇنى كۆرەلمىگىنى ئۈچۈن شۇنچىلىك قىممەتكە سازاۋەر بولغان نەرسىدۇر. ئايال كىشىمۇ ئوزۇن، ئازادە، ئېسىل كىيملەرنى كىيىپ يۇرسە، ئۇنىڭ ھۆرمىتى ۋە قىممىتى ئاشىدۇ، كىشىلەرمۇ ئۇنىڭدىن ھايا قىلىدۇ ۋە ئۇنى قەدىرلەيدۇ. شۇڭا ئاياللار يات ئەرلەر بار جايدا سۆز قىلغاندا، ئىمكان قەدەر ئۆزلىرىنىڭ ئاۋازلىرىنى جەلىبكار ۋە نازاكەتلىكتە سۈنئىيلەشتۇرىۋالماستىن، بەلكى نورمال، تەبىئىي سۆزلەشكە تىرىشىشى كېرەك. چۈنكى نازاكەتلىك، سۇنئىي ئاۋازلار ئەرلەرنى ئۆزىگە جەلب قىلىشنىڭ بىر ۋاسىتىسىدۇر. ئەرەب ماقالىلىردىمۇ ” قۇلاق كۆزدىن بۇرۇن ئاشىق بولىدۇ“ دەيدىغان سۆز بار. 3 ـ ئەر ـ ئايال جىنسلىرىنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا ئارىلىشىپ ئولتۇرۇشى. ئىسلام شەرىئىتىدە، ئايال كىشىلەرنىڭ ئۆز تۇغقانلىرىدىن بولمىغان، يات ئەرلەر بىلەن ئاممىۋى سورۇنلاردا ئارىلىشىپ ئولتۇرۇشى، ئۇلارغا نازاكەتلىك ۋە سۇنئىي ئاۋازلىرى بىلەن، زۆرۈرىيەتسىز سۆز قىلىشى مەنئى قىلىنغان تۇرسىمۇ، كۆپلىگەن مۇسۇلمان ئائىلىلىرى ئۆزئارا زىيارەت ياكى باشقا مۇناسىۋەتلەردىن تاشقىرى، ئاممىۋى سورۇنلاردىمۇ ئەر ـ ئاياللار بىر ئورۇندا ئارىلىشىپ ئولتۇرىدىغان، ئەرلەر بىلەن ئاياللار بىر ــ بىرىگە چاقچاق قىلىشىدىغان ئادەتلەرنى ئۈگىنىپ قالغان. بۇنداق ئىشلار دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسىگە خىلاپ بولغىنىنىڭ سىرتىدا، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىلىرىمىزگىمۇ يات كېلىدىغان ئەھۋالدۇر. بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق بىنورمال ئارىلىشىشلارغا قارشى تۇرغان كىشىگە قالاقلىق قالپىقى كىيگۈزۈلىدۇ. مانا بۇخىل ئېچىنىشلىق ئەھۋاللار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەرگەن خەۋەرلىرىنى تەستىقلىماقتا. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”كىشىلەرنى ياخشىلىقىتىن توسۇپ، يامانلىققا چاقىرىدىغان بىر زامان كېلىدۇ. يەنە بىر زامان كېلىدۇكى، زىنا ــ پاھىشىلەر ئومۇملىشىپ، ھەتتا يوللارغىمۇ تارىلىپ كېتىدۇ. بۇنداق يامان ئىشلارنى قىلغۇچىغا ”يولدىن چېكىنىپ كەتكەن بولسىڭىز“ دېيەلەيدىغان كىشى ئۇلارنىڭ ئارىسدا ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەرگە ئوخشاش سانىلىدۇ“ يەنى ئاخىر زاماندا، توغرىنى دادىل سۆزلىيەلەيدىغان ئادەم يوقنىڭ ھېسابىدا بولۇپ قالىدۇكى، ھەقىقەتنى ئېيتالىغان ئادەم شۇ زاماننىڭ ئەۋلىياسى سانىلىدۇ. ھازىر بەزى مەملىكەتلەردە، خوسۇسەن غەرب ئەللىرىدە بۇ ئىشلار ھەدىستە سۆزلەنگەن بويىچە، ئەينەن يۈز بەرمەكتە. ئۇلارنى بۇ قەبىھ ئىشلاردىن توسقان كىشى ئەۋلىيا ھېسابلىنىدۇ، ئەلۋەتتە. بۇ دېگەنلىك ئۇلارنى يامان ئىشلاردىن توسىدىغان ئادەم يوق دېگەنلىكتۇر. چۈنكى ئۇلارنى ئەخلاقسىزلىقلىرىدىن توسقان كىشى ــ ئۇلارنىڭ نەزەرىدە، ــ ئۇلارنىڭ دېمۇكراتىك ئەركىنلىكىنى مەنئى قىلغان سانىلىپ، خاتالاشقان بولىدۇ.4 ـ ئائىلىدە دىنىي تەربىيەنىڭ يوقلىقى ياكى كەملىكى. بىر ئائىلىدە ھەقىقىي دىنىي تەربىيە بولىدىغان بولسا، ئۇنىڭ پايدىسى شۇ ئائىلىدىن يېتىشىپ چىققان پەرزەنتلەرنىڭ ئۆزى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇلار ياشىغان مەھەللە، يۇرت ۋە جەمئىيەت ئۈچۈنمۇ ئومۇم بولىدۇ. ئائىلىدىكى دىنىي تەربىيە، پەرزەنتلەرنىڭ ئىپتىدائى تەربىيىسى بولۇپ، دىنىي تەربىيىنى ئۆزلىرىگە ئۆزلەشتۇرگەن قىز ـ يىگىتلەر ئائىلىنىڭ شەرىپىنى ۋە نومۇسىنى قوغداشنىڭ نەقەدەر مۇقەددەس ۋە ئۇلۇغ ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى تونۇيدۇ. نەتىجىدە، قۇرۇق سۆزلەردىن ۋە يالغان تۆھمەتلەردىن ساقىلىنىش ئۈچۈن بولسىمۇ، ياتلار بىلەن بىنورمال ئالاقە قۇرمايدۇ، قىزلار ئائىلىسىدىن رۇخسەتسىز خالىغان جايغا كەتمەيدۇ، يات ئەرلەر بىلەن بىرگە يۇرمەيدۇ. چۈنكى ئىسلام تەربىيسىنىڭ تەقەززاسى بۇ خىل يولسىز ئالاقىلارنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە مەنئى قىلىدۇ. ھۆرمەتلىك كىتابـخان! يوقىرىقى كەمچىلىكلەرنى تۈزۈتۈش ئۈچۈن مۇنۇ ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنى ياخشى چۈشىنىپ، شۇنىڭغا ئەمەل قىلىش بىزگە يېتەرلىك دەپ ئويلايمەن: ”مۆمىن ئەرلەرگە ئىېيتقىنكى، (نامەھرەملەرگە يەنى يات ئاياللارغا) تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى (ھارامدىن) ساقلىسۇن. مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر. مۆمىن ئاياللارغا ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىسىمدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن، لىچىەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن. (كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىسىمدىن باشقا) زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىن ئاتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا دىنداش ئاياللاردىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلىرىدىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەردىن (يەنى قېرى، دەلدۈش بولغانلىقتىن جىنسىي شەھۋەت يوقلاردىن)، يا ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى بىلمەيدىغان (يەنى بالاغەتكە يەتمىگەن) بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن، زىننەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياقلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن. ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار.“ (نور سۈرىسى 29 ـ 30 ـ ئايەتلەر)
ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﺭﻩﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺋﻪﯞﺭﻩﺗﻨﯩﯔ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﯩﺸﻰ: ئەۋرەت ــ ئىنساننىڭ ئېچىلىپ قالسا ئېيىپ سانىلىدىغان ۋە ئۇنىڭغا قاراشتىن ھايا قىلىنىدىغان ئورگانلىرى دېمەكتۇر.ئايال كىشىنىڭ ئەۋرەت ئەزالىرى ـ ئۇنىڭ يۈزى، ئىككى قولى ۋە ئىككى پۇتىدىن باشقا جايلىرىنىڭ ھەممىسىدۇر. ئايال كىشى ئۈچۈن بولۇپمۇ نامازدا تۇرغىنىدا، كەڭ، ئازادە ۋە قىيام، رۇكۇ، سەجدىلەردە ئىككى قەدىمىنى يېپىپ تۇرغۇدەك ئوزۇن كىيىملەرنى كىيىشى، يۈزى ۋە قوللىرىدىن باشقا ئەزالىرىنى كۆرسەتمەسلىكى شەرتتۇر. ئەگەر ناماز ئەسناسىدا يۈزى، قوللىرى ۋە پۇتلىرىدىن باشقا ئەزالىرى ئېچىلىپ قالسا، ئۇنىڭ نامىزى بۇزۇلغان بولىدۇ. ئۇنى ۋاقتىدا قايتىلىشى كېرەك بولىدۇ. ئەمما تېخى ئادەت كۆرۈش يېشىغا يەتمىگەن نارىسىدە قىزلارنىڭ نامازدا بولسۇن، ياكى ناماز سىرتىدىكى نورمال ۋاقىتلاردا بولسۇن، بەزى ئەۋرەت ئەزالىرى ئېچىلىپ قالسىمۇ، ئۇلارغا گۇناھ بولمايدۇ ۋە ئوقۇغان نامازلىرىمۇ بۇزۇلمايدۇ. بەلكى دۇرۇسلۇق بىلەن ئادا تاپىدۇ. ئەمما قىزلار كىچىك بولسىمۇ، ئەۋرەت ئەزالىرىنى يېپىپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيىپ يۈرسە ياخشىدۇر. چۈنكى قىزلار كىچىكىدىن ئىسلامىي كىيىنىش ۋە باشقىمۇ ئىسلامىي قائىدىلەرگە ئۆزىنى كۆندۈرسە، كېيىن چوڭ بولغاندىمۇ، ئۇلارغا بۇئىشلار قىيىن كۆرۈنمەيدۇ. يوقىرىقىلار ئاياللارنىڭ نامازدىكى ۋە نامازدىن سىرتقى نورمال ھاللاردىكى كىيىنىش تەرتىبى بولۇپ، يات ئەرلەرنىڭ يېنىدا شۇ بويىچە كىيىنىدۇ. ئەمما ئاياللارنىڭ ئايال جىنسلار بىلەن ئۆز مەھرەملىرىنىڭ يېنىدا كىيىنىش تەرتىبى بولسا، تىزى بىلەن كۆكسىنىڭ ئارىسىنىلا يۆگىشى بىلەن كۇپايە قىلىدۇ. باشقا پۈتۈن ئەزالىرى ئەۋرەت سانالمايدۇ. لېكىن شۇنداقتىمۇ ئاياللارنىڭ ئايال جىنىسلار ۋە ئۆز مەھرەملىرى ئارىسىدا بولسىمۇ، ئوزۇن ۋە تولۇق كىيىنىشلىرى ئىسلامىي ئەخلاقنىڭ جۈملىسىدىندۇر. چۈنكى، تۇغقانلىرى بولغان ئەرلەر ئۇنىڭ قانچىلىك يېقىن ئۇرۇق ـ تۇغقىنى بولسىمۇ، يەنىلا ئىنساندۇر. ئەگەر ئۇ دىيانىتى ئاجىز، ئەخلاقى ناچار، ۋىجدانى ئۆلگەن بىرى بولسا، ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرىغىمۇ شەھۋاني ھەۋىسى بىلەن قاراپ، ئۇنىڭدىن لەززەت ئېلىشتىن ئىككىلەنمەيدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”بالىلىرىڭلارنى يەتتە يېشىدا نامازغا كۆندۈرۈڭلار، ئون ياشقا كىرگەندىمۇ ئوقۇمىسا، ئۇلارنى ناماز ئوقۇتۇش ئۈچۈن يېنىك ئۇرۇڭلار، ياتاقلىرىنى ئايرىۋېتىڭلار“ دەپ كۆرسەتكەن. (بۇخارىي رىۋايىتى)
ﻣﻪﮪﺮﻩﻡ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﻤﻠﻪﺭ؟: مەھرەم ــ مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن ئۆزىنىڭ جورىسى ۋە بىرگە نىكاھلىنىشى دۇرۇس بولمايدىغان تۇغقانلىرى دېمەكتۇر.ئاياللارنىڭ مەھرەملىرى ــ ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن نىكاھلىنىشى دۇرۇس بولمايدىغان كىشىلىرىدۇر. ئۇلار: شۇ ئايالنىڭ ئاتىسى، بوۋىلىرى، تاغىلىرى، ئوغۇللىرى، قېرىنداشلىرى، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرى، قېيىن ئاتىسى، ئۈگەي دادىسى، قىزلىرىنىڭ ئەرلىرى، ئاچا ـ سىڭىللىرىنىڭ ئەرلىرى ۋە بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلار قاتارلىقلاردۇر. ئايال كىشى يوقىرىقىلار بىلەن يالغۇز قالسا، ئارىلاشسا، ھەتتا باشلىرىنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئاچسىمۇ گۇناھ بولمايدۇ. ئايال كىشىنىڭ ئېرىمۇ، ئۇنىڭ ئالدىدا ئەۋرەت ئەزالىرىنى ئېچىشى دۇرۇس بولغانلىق جەھەتتىن ئۇنىڭغا مەھرەم سانىلىدۇ. ئەمما ئايال كىشى ئۈچۈن نامەھرەم سانىلىدىغانلار ــ يوقىرىقىلاردىن باشقا يات ئەرلەر دېمەكتۇر.ئەركىشىنىڭ مەھرەملىرى ــ ئۇنىڭ جورىسى ۋە ئۆزى بىلەن نىكاھى باغلانمايدىغان ئايال تۇغقانلىرى دېمەكتۇر. يوقىرىقىلاردىن باشقا يات ئاياللار ئەركىشى ئۈچۈن نامەھرەم سانىلىدۇ.
ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺋﻪﯞﺭﻩﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ: بەزى ئالىملار ئاياللارنىڭ ئاۋازىدىكى نازاكەتلىكنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، ئاياللارنىڭ ئاۋازى ئەۋرەت دەپ قارىغان. ئەمما ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرى ۋە پۈتۈن مەزھەپ پىشىۋالىرى ئاياللارنىڭ ئاۋازى ئەۋرەت ئەمەس دەپ قەيت قىلغان. بىراق ئاياللارنىڭ قايسى بىر نامازغا ئەزان ئېيتىشى، ئەرلەرگە قۇرئان تىلاۋەت قىلىشى جائىز ئەمەستۇر. ئاياللارنىڭ ئەدەب ــ ئەخلاق ئىچىدە يات ئەرلەرگىمۇ نورمال سۆزلەرنى سۆزلىشى، ئېلىم ـ سېتىم ئىشلىرىنى بېجىرىشى، ئۇلاردىن ئىلىم ـ مەرىپەت ئۆگىنىشى، ئۇلارغىمۇ ئۆگىتىشى جائىزدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ياشىغان ساھابە ئاياللارمۇ ۋە كېيىنكى دەۋرلەردىكى مۆمىن ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ھەدىىس ۋە تارىخلارنى رىۋايەت قىلىپ، سۆزلەپ بەرگەن. شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ جورىسىگە ۋە مەھرەملىرىگە ئەدەبلىك ناخشا ـ شېئر ۋە قۇشاقلارنى ئېيتىپ بېرىشى جائىزدۇر. ئەمما بۈگۈنكى كۈندىكى رادىئو دولقۇنلىرى ۋە تېلىۋىزىيە قاناللىرىدىن بېرىلىۋاتقان ناخشىلار ئىنسانلارنىڭ قەلبلىرىنى كىرلىتىدىغان، كۆڭۈللىرىنى مەشغۇل قىلىدىغان ۋە ئۇلارنى ھەرخىل ۋەسۋەسىلەرگە ئۈندەيدىغان، شەيتانىي ۋاسىتىلەردۇر. مۇمىكىن قەدەر بۇلارغا بېرىلمەسلىك كېرەك.
مەنبە :ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى ناملىق كىتاب
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, x/ C, O$ e- F& c( R
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-6 07:48 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* e3 p0 q [4 H gبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: R# e# q; k0 V8 [9 r) T" p