مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2998|ئىنكاس: 0

جەڭدە قۇربان بولغان مىللىي ئارمىيەجەڭچىلىرى  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90636
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1290
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 08:05:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جەڭدە قۇربان بولغان مىللىي ئارمىيەجەڭچىلىرى



مەنبە: غۇلجا شەھەرلىك ئىنقىلابىي كومىتىت خەلق ئىشلار ئىدارىسى 1981-يىلى تۈزگەن <<ئىنقىلابى قۇربانلار ئەسلىمىسى>> ناملىق كىتابچىدىن يوللاندى.

0b55b319ebc4b745662c55cccefc1e178b8215ab.jpg

سابىت بەگزات
سابىت بەگزات1918-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى 26يېشىدا مىللى ئىنقىلابىي ئارمىيەگە قاتنىشىپ،باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ،غەيرەت-شىجائەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىزۋوت كوماندىرلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن.ئۇ 1945-يىلى سىنتەبىردىكى مەشھۇر جىڭ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
   ياقۇپ ھەسەن
مەرھۇم ياقۇپ ھەسەن 1926-يىلى غۇلجا شەھەر ئۈچدەرۋازا مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى ئەمدىلا 18ياشقا كىرگەن ياقۇپ زەربىدارلىق بىلەن ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ،ئازادلىق كۈرىشىگە ئاتلانغان.شىددەتلىك جەڭلەر داۋامىدا باتۇرلۇق كۆرسەتكەن. ئۇ 1944-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ھەرەمبەغدىكى كەسكىن ئېلىشىشتا ئېغىر يارىلىنىپ،قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي،دوختۇرخانىدا قۇربان بولغان.
   مۇخپۇل روزى
مۇخپۇل روزىمۇ1926-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ،جەڭلەردە پىداكارلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىزۋوت كوماندىرى بولغان.1945-يىلى جىڭ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىش جېڭىدە ئالاھىدە جانپىدالىق كۆرسىتىپ،قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان،شۇ چاغدا تېخى19 ياشقىمۇ كىرمىگەن ئىدى.
   ئەكبەر ئىبراھىم
مەرھۇم ئەكبەر ئىبراھىم 1929-يىلى چاپچال جاغىستايدا تۇغۇلغان.1944-يىلى 15يېشىدىلا كىچىكلىكىگە باقماي ئىنقىلابىي قوشۇنغا قاتنىشىپ،جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن.مەرھۇم 1944-يىلى كۈزدىكى ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.
   ئىمىنجان مەخسۈت
ئىمىنجان مەخسۈت 1920-يىلى قەشقەر كونىشەھەردە دۇنياغا كەلگەن. گۆدەك چېغىدىلا ئاتا-ئانىسى بىلەن غۇلجىغا چىقىپ،قارادۆڭ مەھەللىسىدە ئولتۇراقلاشقان.1945-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،شۇ يىلى سىنتەبىردىكى شىخونى ئازاد قلىش جېڭىگە قاتنىشىپ،باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ،قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
   مۇ دېباۋ (خۇيزۇ)
  مۇ دېباۋ 1915-يىلى سۈيدۈڭ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى قولىغا قورال ئېلىپ،ئىنقىلاپقا قاتناشقان.شۇ يىلى11-ئايدىكى ھەرەمباغ سوقۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.

cc11728b4710b912388c1424c2fdfc039345229f.jpg


   مامۇت ئېلىيۇپ
مامۇت ئېلىيۇپ1920-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ،جەڭلەردە قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن.1945-يىلى كۈزدە ماناس دەرياسى بويىدىكى جەڭدە باتۇرلارچە قۇربان بولغان.

مۇھەممەتجان
مەرھۇم مۇھەممەتجان 1918-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،كۆپ جەڭلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن مۇھەممەتجان 1945-يىلىدىكى شىخو ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
   مۇھەممەت ئەلى
مەرھۇم مۇھەممەت ئەلى 1927-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ ئالاقىچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.شىددەتلىك جەڭلەردە يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوقتىن قورقماي ئالاقىچىلىق قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەن.ھەرەمباغ سوقۇشىدا ئۆزىنىڭ ياش غۇنچىدەك ھاياتىنى خەلقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن تەقدىم قىلغان.
   شىريازدان خالىق
شىريازدان خالىق 1908-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ،جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسىتىپ تەقدىرلەنگەن.غۇلجا ھەرەمباغ سوقۇشىدا قۇربان بولغان.
   توختاخۇن قادىر
مەرھۇم 1926-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى 11-ئايدا مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ،جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن.1945-يىلى سىنتەبىردىكى شىخو ئۇرۇشىدا 19يېشىدا قۇربان بولغان.
   ھاجى ئەيسا
مەرھۇم 1901-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى ئىنقىلابقا قاتناشقان،ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان
خۇداۋەردى
مەرھۇم خۇداۋەردى1924-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى دىكابىردا مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،خەلق ئازادلىقى ئۈچۈن جەڭلەردە پىداكارانە خىزمەت كۆرسىتىپ،1945-يىلى سۈيدۈڭدە باتۇرلارچە قۇربان بولغان.
   مۇھەممەت ئىمىن
مەرھۇم مۇھەممەت ئىمىن 1917-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى نويابىردا مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ،جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن.1945-يىلىدىكى شىخو چوڭ سوقۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

5366d0160924ab18907c03ed34fae6cd7a890b85.jpg


   مۇتەللىپ
مەرھۇم مۇتەللىپ 1928-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى نويابىردا ئۆزىنىڭ كۈچلۈك تەلىپى بىلەن ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،شۇ يىلى دېكابىردا 16يېشىدا ھەرەمباغ سوقۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
   ھۆسەيىن(خۇيزۇ)
مەرھۇم ھۆسەيىن 1924-يىلى 5-دېكابىردا غۇلجا شەھەر ئالتۇنلۇق مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى نويابىردا مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسىتىپ،ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان.1945-يىلى شىخو ۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
   مۇختار خېلىل
مەرھۇم مۇختەر خېلىل 1912-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن.1945-يىلى غۇلجا ھەرەمباغ سوقۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
   نىيازوپ
مەرھۇم نىيازوپ 1924-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،نۇرغۇنلىغان غەلىبىلىك جەڭلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن.1948-يىلى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
   ئىبراھىم
مەرھۇم ئىبراھىم 1925-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،ئىقىلابىيتەشۋىقات ئىشلىرىنى قىزغىنلىق بىلەن ئېلىپ بارغان .يىل ئاخىرى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
تۇرسۇن توختى
تۇرسۇن توختى 1925-يىلى غۇلجا شەھەر قارادۆڭ مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.19يېشىدا ئىنقىلابقا قاتناشقان.1944-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېلىپ بېرىلغان گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى قاتتىق ئېلىشىش بولغان لەڭشاڭ ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

a50f4bfbfbedab641f01af1af636afc378311efc.jpg

ئابدۇرېھىم موللاخۇن
مەرھۇم ئابدۇرېھىم موللاخۇن1929-يىلى غۇلجا شەھەر قارادۆڭ مەھەللىسىدە تۇغۇلۇپ،1946-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتناشقان.نۇرغۇن شىددەتلىك جەڭلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ،1949-يىلى 9-ئايدا شىخودا باندىتلارنى تازىلاش جېڭىدە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
روزىيۇپ ئابدۇراخمان
مەرھۇم روزىيۇپ ئابدۇراخمان 1920-يىلى غۇلجا شەھەر سۇدەرۋازا مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى 12-ئايدا مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،نۇرغۇن جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن.1945-يىلى جىڭ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.
شاكىرجان زاھىر
مەرھۇم شاكىرجان زاھىر 1928-يىلى غۇلجا شەھەر ئايدۆڭ مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1949-يىلى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،1953-يىلى11-ئايدا ئالتايدا باندىت تازىلاش سوقۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
ھەمرا غۇلام
مەرھۇم ھەمرا غۇلام 1895-يىلى غۇلجا شەھرىنىڭ ناغرىچى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،يىل ئاخىرىدا غۇلجا ئايرۇدۇرۇمىدا بولغان سوقۇشتا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.
ھۈسەنجان ھېبىبۇللا
مەرھۇم ھۈسەنجان ھېبىبۇللا1915-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
تۇرسۇن تاجى
مەرھۇم تۇرسۇن تاجى1930-يىلى موڭغۇلكۇرەدە تۇغۇلغان.1948-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،روتا كوماندىرىنىڭ مۇھاپىزەتچىسى بولغان.1950-يىلى تاشقورغان ناھىيىسىنىڭ چېگرىسىدىن گومىنداڭ قالدۇق كۈچلىرى تۇتۇپ كەتكەن.

5366d0160924ab18904003ed34fae6cd7a890b91.jpg

غوپۇر ۋىلەم
مەرھۇم غوپۇر ۋىلەم 1914-يىلى غۇلجا شەھەر دۆڭمەھەللىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،غۇلجا لەڭشاڭ سوقۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
ئىمىن مۇھەممەت
مەرھۇم ئىمىن مۇھەممەت1919-يىلى قەشقەردە تۇغۇلۇپ،كىچىگىدىلا ئىلىغا چىقىپ،غۇلجا شەھرىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە ئولتۇراقلاشقان.1944-يىلى نۇيابىردا مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،شۇ يىل ئاخىرىدىكى غۇلجا ئايدۇرۇمىدىكى جەڭدە باتۇرلارچە قۇربان بولغان.
داۋۇت كېرىم
مەرھۇم داۋۇت كېرىم1924-يىلى غۇلجا شەھرىنىڭ قارادۆڭ مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتناشقان.1945-يىلى يىل بېشىدىكى لەڭشاڭ سوقۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.
بەختى
مەرھۇم بەختى 1925-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،نۇرغۇن جەڭلەردە پىداكارلىق كۆرسەتكەن. 1945-يىلى كۈزدە مەشھۇر شىخو ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
قاۋۇل مۆمىن
مەرھۇم قاۋۇل مۆمىن1930-يىلى غۇلجا شەھەر دۆڭمەھەللىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى5-ئايدا گومىنداڭغا ئەسكەرلىككە تۇتۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا گومىنداڭنىڭ چاڭگىلىدىن قېچىپ قۇتۇلۇپ،مىللى ئىنقىلابقا پىدائى بولۇپ قاتنىشىپ،كۆپ باتۇرلۇق كۆرسەتكەن ۋە ئودلىنىيە كوماندىرى بولغان.1945-يىلى ئاقسۇ كونىشەھەردىكى جەڭدە قەھرىمانلارچە قۇېبان بولغان.

0e2442a7d933c895c33d7aa1d01373f0830200ac.jpg


ئابدۇكېرىم
مەرھۇم ئابدۇكېرىم1914-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،شۇ يىلى 12-ئايدا غۇلجا ھەرەمباغ سوقۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.
ئىسمايىل
مەرھۇم ئىسمايىل1921-يىلى غۇلجا شەھەر ھاجىبولۇس مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،نۇرغۇنلىغان جەڭلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ،خىزمەت كۆرسەتكەن.ئازادلىقتىن كېيىنمۇ كۆپلىگەن پايدىلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.1955-يىلى بۆرىتالادا بىر مەجلىستىن قايتىپ چىقىشىغا غايىپتىن تەككەن ئوق بىلەن قۇربان بولغان.
مۇخپۇللام
مەرھۇم مۇخپۇللام1921-يىلى غۇلجا شەھرىنىڭ ئالتەشۇئار مەھەللىسىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىپ،1944-يىلى مىللى ئىنقىلاب سېپىگە قاتناشقان.نۇرغۇن جەڭلەرگە قاتنىشىپ باتۇرلۇق كۆرسەتكەن.1945-يىلى سىنتەبىردىكى شىخو ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
ئىلياس
مەرھۇم ئىلياس1928-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،نۇرغۇن جەڭلەردە خىزمەت كۆرسەتكەن.ئىزۋوت كوماندىرى بولغان.1945-يىلىدىكى شىخو ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

7af40ad162d9f2d319a9c635a8ec8a136227ccb4.jpg


ھوشۇر مامۇت ھاجى
مەرھۇم ھوشۇر مامۇت ھاجى 1919-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتناشقان.شۇ يىلى يىل ئاخىرىدىكى ھەرەمباغ سوقۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.
تۇرسۇن مۇسا
مەرھۇم تۇرسۇن مۇسا1925-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتناشقان.نۇرغۇنلىغان شىددەتلىك جەڭلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ،پىداكارلىق كۆرسەتكەن.1953-يىلى قۇمۇلنىڭ شىۋىرغان تېغىدا باندىت تازىلاش جەريانىدا قۇربان بولغان.
مەھەممەت رازىق
مەرھۇم مەھەممەت رازىق1926-يىلى جىڭ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،نۇرغۇن خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن.1945-يىلىدىكى جىڭ ناھىيەسىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
خۇدابەردى جامال
مەرھۇم خۇدابەردى جامال1919-يىلى غۇلجا شەھرىنىڭ تۆپچى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،بىر ئايدىن كېيىن ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان.
مامۇت ھېلىم
مەرھۇم مامۇت ھېلىم غۇلجا شەھىرىنىڭ تۆپچى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى 11-ئايدا مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،شۇ يىلى غۇلجا شەھەر ئاچالدا بولغان جەڭدە قۇربان بولغان.
سامساق ئەخمەت
مەرھۇم سامساق ئەخمەت غۇلجا شەھرىنىڭ تۆپچى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ،1945-يىلى 2-ئايدا مىللى ئىنىقىلابقا قاتنىشىپ،1946-يىلى مىللى ئارمىيە قارمىقىدا ئاقسۇغا چۈشۈپ،ئاقسۇدىكى جەڭدە باتۇرلارچە قۇربان بولغان.

6f061d950a7b0208318add3b63d9f2d3562cc8ad.jpg


ئىسھاقجان
مەرھۇم ئىسھاقجان غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان بولۇپ،1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتناشقان. 1945-يىلى 1-ئايدا گومىنداڭ جااللاتلىرى تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشۈپ ۋەھشىلەرچە چاناپ ئۆلتۈرۈلگەن.
ئابدۇرېھىم ئىبراھىم
مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئىبراھىم1919-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان.1945-يىلى مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ،سىنتەبىردىكى شىخو ئۇرۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.
ساۋۇرجان مەرۇپ
مەرھۇم ساۋۇرجان مەرۇپ1926-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىلى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،شۇ يىلى دىكابىردىكى غۇلجا ھەرەمباغ سوقۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
ئابلىمىت
مەرھۇم ئابلىمىت1919-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا ئىنقىلابقا قاتنىشىپ.1945-يىلى بۆرىتالا ئارشاڭ ئۇرۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.

9d82d158ccbf6c815289ce32bd3eb13532fa40aa.jpg

ياسىن ئەخمەت
مەرھۇم ياسىن ئەخمەت1919-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،1945-يىلىدىكى غۇلجا لەڭشاڭ ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
تۇرسۇن
مەرھۇم تۇرسۇن1918-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن.1945-يىلى جىڭ ناھىيىسىنىڭ باجاخۇ رايونىدا دۈشمەن ئايرۇپىلانىنىڭ بومباردىمانىدا قۇربان بولغان.
رەجەپ
مەرھۇم رەجەپ1907-يىلى3-ئايدا غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،ئىزۋوت كوماندىرى،روتا كوماندىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن.1945-يىلى غۇلجا لەڭشاڭ ئۇرۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان.
ئىبراھىمجان
مەرھۇم ئىبراھىمجان1919-يىلى قەشقەر شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،شۇ يىلى 12-ئايدا غۇلجا ھەرەمباغ سوقۇشىدا قۇربان بولغان

d000baa1cd11728ba8df6ff8c9fcc3cec2fd2c7e.jpg


cdbf6c81800a19d868bf66df32fa828ba71e46a8.jpg


c83d70cf3bc79f3d11a106eabba1cd11738b29ac.jpg



d043ad4bd11373f095f18c45a50f4bfbfaed0419.jpg




مەزكۇر تېمىغا موناسىۋەتلىك سۈرەتلەرنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئادېرىسقا كىرىڭ.

http://xiangce.baidu.com/picture/album/list/15eae9c9c6212ac71a4d56c9e7d3b3126a19201d


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-5 09:10 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
بۇغداي + 126

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 126   باھا خاتىرىسى

مائارىپتا مەغلۇب بولغان مىللەت مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەيدۇ -- مەرىپەت ئوغلى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش