مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2351|ئىنكاس: 10

ئېشەكلەر ۋادىسى ھەققىدە ھېكايىلەر(2) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۈمەن مەن ئۈچۈن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1691
يازما سانى: 748
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 19509
تۆھپە نۇمۇرى: 970
توردا: 655 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 02:54:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پاجىئە ئازگالدىن باشلاندى

ئەتىيازنىڭ كۆيدۈرگە ئاپتىپى ،تەپتىنى ئوتتەك قىلىپ زىمىنغا چىچىلماقتا ،ئەمدىلا يوپۇرماق چېقىرىشقا باشلىغان دەل-دەرەخلەرمۇبۇ ئاپتاپتىن ھوزۇر ئىلىۋاتامدۇ ؟ياكى ئۆستەڭدە ئىقىۋاتقان سۇلارنىڭ شىلدىرلىشىنى ئاڭلاۋاتامدۇ؟يەڭگىل شىۋىرلاپ قوياتتى ،چۈشكە يىقىنلىشىپ قالغاچقا ئۆستەڭ يىنىدىكى قۇممۇ خىلى قىززىغان بولۇپ ،قۇم ئۈستىدە يىشى يەتمىشلاردىن ھالقىغان ئىككى بوۋاي ئولتۇراتتى ،بۇلارنى دورىغاندەك بوۋايلارنىڭ ئۈستىدىكى توك سىمىدا گۇ-گۇ قىلىشىپ ئىككى پاختەكمۇ ئۆز پارىڭىنى قىلىشىپ يۈرەتتى ،ھەر ئىككىلى بوۋاينىڭ چىرايىدىن ئۇزۇن يىللارنىڭ ئۇلارغا قىلغان سوۋغىسى ئىنىق بىلىنىپ تۇراتتى ،يۈزلىرى قارىداپ ،پىشانىسىنى تىلىم-تىلىم قورۇق باسقان ،كۆز ئەتراپىغىمۇ قورۇقلار چۈشۈپ نۇرسىز كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ ئاران پىلىلداپ قالغانىدى ،ئۇلار شۇ ياشلىقىنى مەغرۇر چاغلىرىنى ئەسلىشەتتى ،يەر ئىسلاھاتى ،كوممۇنا ،مەدىنىيەت زور ئىنقىلابى ،يەر ھۆددە بىرىلگەندىن كېيىنكى  قىزىقارلىق ۋەقەلەرنى سۆزلىشىپ بەزىدە ئىغىر ئاھسىنىپمۇ قوياتتى .

ئۇلار قانچىلىك پاراڭلاشتىكىن تاڭ بىر ۋاقىتتا توساتتىن ئۈستىدىكى سىتولبىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كانايدىن چىققان قوپال ئاۋاز ئۇلارنىڭ سۆزىنى توختىتىپ قويدى ،بۇ ئاۋازدىن چۆچۈپ كەتكەن ئىككى پاختەكمۇ پۇررىدە ئۇچۇپ كەتتى .

-ساقال ئاتام كەنتىدىكى بارلىق يولداشلار دىققەت !!!...

كەنىتتىكى بارلىق يولداشلار دىققەت !!!!

كانايدىن كەنىت سېكىرتارى ئىسمايىل تاۋاقنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتاتتى .

ئىككى بوۋاي كانايدىن چىققان ئاۋازغا قۇلاق سىلىشتى .

-تۆۋەندە ئىسمى چىققان يولداشلار كەنىت ئىشخانىسىغا تىزدىن كېلىڭلار ،مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش بار .

-كەنىت بوغالتىرى دىلمۇرات تىزدىن دادۈيگە كېلىڭ .

-كەنىت ئاياللار مۇدىرى  بۇخەلچەم تىزدىن دادۈيگە كەلسە .

6-گورۇپنىڭ گوروپ باشلىقى قاسىم تۇراپ تىزدىن دادۈيگە كەل......

ئىسمايىل تاۋاق ھەر بىرەيلەننىڭ ئىسمىنى چاقىرغاندا ئالاھىدە ئۇرغۇ بىلەن بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان ھالدا چاقىراتتى ،بۇنداق تەبىقە ئايرىشقا بىز ھەيران قىلىۋاتقىنىمىز بىلەن بۇ ئىككى بوۋاي پەرۋاسىز ئىدى ،ئۇلارنىڭ ئەنسىرەيدىغىنى پەقەت قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش باردۇ ؟دەپ شۇنىلا ئويلايتتى ،بالىلار تېخى يىقىندىلا ھاشاردىن قايتىپ ئەتىيازنىڭ تىرىلغۇ ئىشلىرىغا جىددى كېرىشىپ كەتكەن ،ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىمۇ مۇشۇ ھاشار ئىدى ،ئۇلارنىڭ ھاياتىدا قانچىلىغان ھاشارلارغا چىقمىغان دەيسىز ؟بەلكىم ئۆمرىنىڭ يىرىمى دېگۈدەك شۇنداق ھاشار دەپ  ئۆتۈپ كەتكەندۇ ؟قانچىلىغانلار شۇ ھاشار دەپ ئۆلۈپ كەتكەندۇ؟بۇ نۆۋەت يەنە بىرەرھاشار بولسا ئەتىيازلىق تىرىلغۇ ئىشلار تاشلىنىپ قالاتتى ..

ئىككى بوۋاي مۇلاھىزىسىنى قىلغاچ تۇرسۇن بىز ئىسمايىل تاۋاق بىلەن ئازراق تونۇشۇپ چىقايلى .

ئىسمايىل تاۋاق مۇشۇساقال ئاتام كەنتىدە   دەل تازا ئاچارچىلىق مەزگىللىرىدە تۇغۇلغانىدى ،

ئۇكىچىكىدىن تارتىپ قورساققا ئامراقمۇ ؟ياكى بەرگەن يىرىم نورمىغا  قورسىقى تويمامدۇ؟ھەرقىتىم ئانىسى يىرىك قوناقتا ئەتكەن  سۇيۇق ئۇماچ پىشقىچە ئالدىراپ كېتىپ قوشۇق بىلەن تاۋاقنى ئۇراتتى ،ئانىسىمۇ بۇنىڭ شۇ ئادىتىنى بىلىپ سۇپىردا بىرەر بۇردا زاغرا ساقلاپ قوياتتى ،ھەر قىتىم تاۋاقنى ئۇرغىنىدا ئانىسى شۇ زاغرىنى ئىسمايىلغا بىرەتتى ،شۇنىڭ بىلەن قورسىقى ئاچسىلا تاۋاقنى ئۇرۇشمۇ  ئادەت بولۇپ قالغانىدى ،بىر قىتىم مەكتەپتە ئىككىنجى سائەتلىك دەرستە ئەتىگەندە يىگەن پۇچۇق زاغرا قورسىقىدا تۇرمىدىمۇ تاڭ ،تاۋىقىنى يەنە تاراڭشىتتى ،دەرس ئۆتىۋاتقان مۇئەللىمنىڭ تازا ئاچچىغى كېلىپ .

-ھوي قارنى تويمايدىغان ئىسمايىل تاۋاق بۇيەردە پۇچۇق تاۋىقىڭنى تاراڭشىتىۋەرمەي ،قورسىقىڭ ئاچقان بولسا قۇم كۆلگە بېرىپ جىگدە تىرىپ يە،دەپ سىنىپتىن ھەيدەپ چىقاردى .

شۇ قۇمكۆل بولمىغان بولسا قانچىلىغان بالىلار ئاچ قالاتتىكىن تاڭ ،جىگدىلەر پىشماستىنلا سىيرىپ يەپ بولاتتى ،نەچچىسى تېخى جىگدىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ پۇتلىرى قايرىلىپ كەتكەن ئىشلارمۇ بولغانىدى ،ئىسمايىل تاۋاقمۇ بىر قىتىم جىگدىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ جىگدىنىڭ شوخىسى يۈزىنى جىجىۋىتىپ چىكىسىدە رۇشەن تارتۇق ئىزى بار ئىدى ،بۇرۇن ئىسمايىل تاتۇق ،دېيىشسىمۇ لېكىن ھازىر ھىچكىم تاتۇق دەپ ئاتىيالمايتتى .شۇئىشتىن  كېيىن ئىسمايىلغا تاۋاق دېگەن نام سىڭىپ قالدى ،مەكتەپتىمۇ ياخشى ئوقۇيالمىدى ،كېيىنكى كۈنلەردە بولسا ھەجىلەپ ئاران ئۇقۇيالايدىغان يېڭى يىزىقىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ئۇ پۈتۈنلەي ساۋاتسىز قالدى ،لېكىن تۇرمۇشى قاتتىقچىلىقتا ئۆتكەچكىمۇ ئىشقا پىشقان بەردەم ئادەم بولدى ،كېيىن يەرلەر ھۆددە بىرىلگەندىن كېيىن يەرنى ياخشى تىرىپ كۆزگە كۆرۈنۈپ ئاۋۋال گورۇپ باشلىقى ،ئاندىن كەنىت باشلىقى ،مانا ھازىر بولسا كەنىت سېكىرتارى بولدى .بىر ئىشلارنى پۇختا قىلىشقا ئادەتلەنگەن ئىسمايىل تاۋاق يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىنى ناھايىتى بىجانىدىل ئىشلەيتتى ،مۇشۇ بىر نەچچە يىل ئىچىدە سېكىرتارلىقمۇ يارىشىپ كىچىك ۋاقتىدا داۋاملىق ئاچ يۈرۈيدىغان ئىسمايىل تاۋاقمۇچىرايلىققىنە  قورساق سىلىۋالغانىدى .

بۈگۈنمۇ يۇقىرىدىن بىر ئۇقتۇرۇش چۈشكەنىدى ئۇقانداق ئۇقتۇرۇشكىنتاڭ .

ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتمەيلا بۇ ئۇقتۇرۇش ھەممەيلەنگە يادا بولۇپ پۈتۈن كەنىت بويىچە سەپەرۋەلىك باشلىنىپ كەتتى ،يۇقىرىدىن كەلگەن ئۇقتۇرۇشتا مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە كەنىتتىكى بارلىق ئائىلىلەرگە پاتقاق گازى كۆلچىكى ياسىلىپ ،دېھقان ئائىلىرىنى پاكىز ئىنىرگىيەگە ئىگە قىلىپ شەھەرلىكلەر بىلەن ئوخشاش ياشاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى ،ئەتىيازنىڭ ئالدىراش مەۋسۇمى دېھقانلارنى ھالسىراتسىمۇ ،ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ كۈندۈز يەتمىسە كېچە ئىشلەپ دېگەندەك پاتقاق گازى قۇرۇلۇشى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەندى ،لېكىن قىزىقارلىق يىرى شۇكى بۇغداينىڭ كۆكىگە يەرلىك ئوغۇت يىللارغا قارىغاندا ئاز سىلىنىپ پۈتۈنلەي خىمىيىۋى ئوغۇتلار بىلەنلا سۇغىرىلدى ،مۇشۇ ئىش بىلەن تەڭ مەھەللىدىمۇ قىزىقارلىق ئىشلار بولۇپ ئۆتتى.

مەھەللىنىڭ دوقمۇشىدا بىر چەرچىن مال دۇككىنى بولۇپ ئاخشىمى بىكار بولۇپ قالغان ياشلار بۇيەردە تاماكىسىنى پۇرقىرتىشىپ ھەرخىل  پاراڭلارنى قىلىشاتتى ،ئۇلارنىڭ پاراڭلىرى دېھقانچىلىق ،يەر تىرىش ئىشلىرىدىن چۈشسە ،ئاخىرىدا بىرىپ ئۆزى ياخشى كۆرۈپ قالغان قىزنىڭ ھويلىسىغا چالما ئاتقانلىقىنى ،قايسى بىر يېڭى تويى بولغاننىڭ تېلفۇنىنى سايراتقىنىدىن تارتىپ خىلمۇخىل ئەپسانە پاراڭلار بولاتتى .

بۇلارنىڭ ئارىسىدا 40  ياشلاردىكى ئىلھام دېگەن بۇرۇتلۇق ئادەم ھەممىدىن گەپدان كىشى بولغاچقا باشقىلارمۇ ئۇنى كۆپرەك گەپكە سالاتتى .

بۈگۈنمۇ ئاۋۋال ئىلھامكام  گەپ باشلىدى .

-ساۋۇت قارى ھەي ،يەرگە سۇتۇتۇپ بولدۇڭما؟

-شەھەر يولىغا تۇتۇپ بولدۇم ،ئاقى مەلىگە باراي دېگەندە ئوغۇت تۈگەپ كېتىپ ئاچالمىدىم ،ئەتىگەنلىككە ئوغۇت ئەكىلىپ ئاچىمەن.

-ئوغۇت تۈگەپ كەتكەنما؟مەن چوڭ بولغاندىغۇ يەرگە ھىچ بىر ئوغۇتمۇ سالمايدىكەن ،شۇ ئوغۇت سالمىغان ناننىڭ كۈچى بەك بارمىكى دەيمەن.

-ۋاي كۈچى بوممامتى ئەمسە ئىلھامكا  ، چوڭ دادام مېنى داۋاملىق پارنىڭكنىڭ بالىسى دەپ زاڭلىق قىلىدۇ ،چوڭ دادام بىلەن كەتمەن چىپىشىپ قالسام ،مەن بالدۇر ھىرىپ قالىمەن دېگىنە .

-كەتمەننىڭ ئۇچى ئۆتىدۇ ،ناندىن ئۈچى ئۆتىدۇ دەپ ياشاۋەردىڭ دىگىنە ھاپىزجان دەپ يەڭگىل كۈلدى ،ئىلھامكام .

-ۋوي ئىلھامكا ئانداق دەپ كەتمىگىنە ئۆزەڭنىڭ ھالى تايىنلىق ھەقىچان .

-چاقچاق قىلىپ قويدۇمەي ،موخۇركاڭ بارما؟بوسا بىرنى يۆگىيە ماقاپلىق تاماكىنىڭ تازا كۈچى يوقمۇ ؟تەسىر قىلمايدىغۇ ئادەمگە .

ئارىدىن ئىلھامكامنى شاڭخو قىلىپ قىلىپ يەنە بىرى چىقتى .

-قانداقراق تەسىر قىلسا بولىتى ئىلھامكا ،تەسىر قىلماس بولۇپ قالغاندۇ ھەقىچان .

-ۋاي ماڭەۋە ،پارنىكنىڭ باللىرى نېمە بولۇشماقچىتىڭ ئاغزىڭدا گىپىڭ بار ھەممىڭنىڭ .

يەنە بىرى شوراۋاتقان تاماكىنى قولىغا ئىلىپ گەپ قىستۇردى .

-ئىلھامكا ئۇنداقمۇ دەپ كەتمە،بىزمۇ كىچىك بولغان بىلەن ،بىر قىتىمدا نەچچە قىردىن ئاتلىيالايمىز جۇما.

-تايىنلىق ئۇكام ،تايىنلىق ،ھىلى بىكا كۇرۇك توخىدەك ۋاقاقشىپ قالاسىزمىكى ؟

-ياق ،ئىلھامكا سەن ۋاك دىمىسەڭ ،مەن ھەرگىز ۋاك دىمەيمەن .

-بولدى ئۇكام تولا پو ئاتماي ، موخۇركىدىن بىرنى يۆگىگىنە .،قايلا بىزچۇ  شۇ يىللىرى يىرىك قوناقنىڭ ئۇنىدا زاغرا يەپ چوڭ بولغان ،ھازىرقى ئون گىژدەڭنى پۇچۇق زاغرىغا تەڭ قىلمايمەن مەن .يەرگە پايدا قىلىدۇ دەپ ئوغۇتنى چىچىۋەردۇق ،يەر قىتىپ كەتمەننى بىشىڭدىن ئىگىز كۆتۈرۈپ چاپساڭ ،يەرگە ئۆتمەي يەر داراڭشىيدۇ .

ھەممەيلەن بىردەم جىم بولۇشۇپ تۇتاشقان تاماكىلىرىنى چىكىشتى بەزىلىرى قايتىدىن تاماكا ئوراشقا تۇتۇش قىلدى گەپنى چوڭ قىلغان ئىلھامكامنىڭمۇ تاماكا يۆگىگىچە قوللىرى بىلىنەر-بىلەنمەس تىترەپ تۇراتتى .

يېزا باللىرى قايسى بىر ئىشتىن خۇشاللىق تاپىدۇ دەيسىز ؟ئۇلارنى قىيناۋاتقان شۇ ياشلىقنىڭ تۈرلۈك –تۈمەن سەۋدالىرىنى شۇ بىر تال تاماكا ياكى بىر-بىرى بىلەن چاقچاقلىشىپ ،شاڭخولىشىپ ،بەزىدە ئۇرۇشۇپ تىللىشىپ يەنە يارىشىپ ،شۇ ھىجرانلارغا ئازراق مەلھەم تاپىدۇ ،كۈندۈزى ھېرىپ ئىشلىگەن ياشلار كەچلىكى مانا مۇشۇنداق پاراڭلارنى سېلىشىپ ئۆزلىرىنىڭ ئىچ- پۇشقىنى چىقىرىشدۇ،كەچلىرى ئۆيىگە كېرىشىپلا شېرىن ئۇيقۇغا كېتىدۇيۇ ،ئەتىسى يەنە جاپالىق ئەمگەك ئۇلارنى كۈتىۋالىدۇ ،ئۇلار مۇشۇ كەچلىكىلا بىر ئاز ئارامچىلىق تاپسا كېرەك ،كۈندۈزى قۇلاق تۈۋىدە ياڭراپ تۇرىدىغان ‹‹ئىددىيىمىزنى ئۆزگەرتىپ قالاق تۇرمۇش بىلەن تىزرەك، خوشلىشىپ يېڭى پاكىز ئىنىرگىيە پاتقاق گازى ئىشلىتىپ شەھەرلىكلەرگە يىتىشىۋالايلى ››دېگەندەك سەرلەۋىلىك ماقالىلەر،ئەتراپىغا قارىسا تام-تاملاردىكى تىنچلىق ،مۇقۇملۇق ،دانا كومپارتىيىمىزنى مەدىھلەيدىغان شۇئارلار لىق تولۇق ،شۇڭلاشقىمىكى بۇ ياشلار شەھەرگە ھەۋەس قىلىدۇ ،قايسى بىر قىتىم شەھەرگە كېرگىنىدە كېرگەن دىسكوخانىلىرىنىڭ گىپىنى قىلىشىدۇ ،شۇيەردە قاش-كۆزىنى ئوينىتىپ قويغان بىرىنىڭ ۋىسالىغا يىتەلمەي ئاھ ئۇرۇشلىرىنى ئويلاپ شۇڭا تاماكىلىرىنى بولۇشىغا يۆگەيدۇ ،شۇڭا ئۇلاردا بىر ‹‹شەھەر چۈشى ››ئاللىبۇرۇن شەكىللەنگەن ،شەھەرلىكلەردەك ياشاشنى ،تۇققۇزى تەل راھەت تۇرمۇشنى سېغىنىدۇ ،لېكىن شەھەردىكى قاينام –تاشقىنلىقنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان رەھىمسىز رىقابەت ،ئالدامچىلىق ،خۇمسىلىق ،ساختىپەزلىك بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچسىز ھايات ئۇلارنىڭ بۇ چۈشلىرىدە كۆرۈنمىسە كېرەك .

ئۇلارئايال قىرىنداشلىرى ،ئاياللىرىنىڭ تەتۈرىسىچە تېلۋۇزۇر كۆرۈش بىلەن خوشى يوق ،ئاياللىرى كوڭجۇ-يوڭجۇ ،شارۇلخان دىيىشىپ كەتسە ، يەنە تېخى خەۋەرلەردىكى قايسى بىر دېھقاننىڭ پاتقاق گازى ئىشلىتىپ نەپ ئالغانلىقىنى، ئىغىزىدىن شال ئاققۇزۇپ سۆزلەشلىرى ،بىچارە دېھقاننىڭ بولسا كۆزىدىن ياش ئاققۇزۇپ تۇرۇپ تۈمەنمىڭ رەھمەت ئىيتىۋاتقىنى كۆرۈشسە ئۇلارنىڭ پەرۋايى پەلەك، ئىشنىقىلىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرغىدەك ،ئۇرغۇپ تىشىۋاتقان كۈچىنى ئىشلىتىپ قەددىنى كۆتۈرگىدەك بىر نەخ گەپ يوق .

مۇشۇنداق بولمىغۇر پاراڭلارنى قىلىۋىرىپ  بىزنىڭ باش قەھرىمانىمىز بولغان تەخەيلەرنى ئۇنتۇلۇپ قالدىمىكى دەپ قالماڭ ،تېخى ئالدىمىزدا ئېشەكنىڭ گىپىنى قىلىۋىرىپ سېلەرنى زىرىكتۈرۈپ قويىشىمدىن ئەنسىرەيمەن .

يەنە بىر ئاخشىمى يەنە شۇ دۇككان ئالدىغا يىغىلىشىپ قىززىق پاراڭلار قايناپ كەتتى .

ئۇلار بىردەم جىم ئولتۇرۇشۇپ تاماكىلىرىنى شوراشتى ،ئارىدىن بىرىنىڭ ئاغزى قىچىشتى بولغاي گەپ ئىچىپ قالدى .

-ئىلھامكا ،پاتقاق گازى دەيدىكەن ،قانداق گاز ئۇ ،قانداق چىقىدىغاندۇ دەيمە ؟توۋا،توۋا!!!!!

-پاتقاق گازى دىمەيسەن ئوسۇرۇق گازى دەيسەن ئۇنى ،چىچقان سىيگەن پوق –سۈيدۈكنى ئۇ ئازگالغا تۆكىسەن ،ئۇ غەلدە-غەشلەر ئىچىغاندىن كېيىن ،چىققان گاز كۆيىدۇ دەپلا چۈشەندۈرىۋەتتى ،ئىلھامكام .

-ھە ماندامىتى يا ،لېكىن ئۇ ئازگال يىسەملام دەپ ئاغزىنى ھام ئىچىپ تۇرىدىكەن ھە؟ئۇ بىر كۈنى بىر ھارۋا بىر نەرسە تاشلىۋەتسەم تېخى گاز چىقاي دىمەيدا .

-كىچىك بالىمۇ سەن ھەي،بوياقچىنىڭ كۈپى ئەمەس ئۇ ماياقتىن سىلىپ بولغىچە ئاياقتىن چىقىدىغان نەچچە ئاي ئىچىسا ئاندىن چىقىدۇ ئۇ .

-قايلا ئىلھامكا ،دەپ گەپ باشلىدى ،يەنە بىرى .

-ھە،ھە سەن قوپتۇڭما گەپ قىلە ئۇكام ھە .

-قايلا ئا ئىسمايىلكام باغۇ ؟

-ھە....

ھەممەيلەن جىم بولۇشۇپ كەتتى .

-ئاخىرىنى دىگىنە ھە ،نېمە بولۇپتۇ ئىسمايىلكامغا .قايسى ئىسمايىلكام ئۇ ھە؟ بالىلار ئارىدىن بىرسى گەپ  قاتتى .

-ھەجەب گەپنىڭ بىلىغا تىپىشتى مانېمىلەر .

-قايسى ئىسمايىلكام بولىتى ،ما ساقال ئاتامنىڭ شۇجىسى ئىسمايىلكام ،ئىسمايىل تاۋاق .

-ھە،ھە،نېمە بولاپتائىسمايىلكام .

-نېمە بولىتى ،ناھىيىگە يىغىنغا بىرىپتىكەن ،داپەنجىخانىدا ئولتۇرۇپ ئېشەك سۈيدۈكىنى جىقراق ئىچىپ سالغانمۇ ؟ئۆيگە چىدىم دەپ ئاسىخان نايناقنىڭ ھويلىسىدىكى پاتقاق گازى كۆلچىكىنىڭ ئازگىلىغا چۈشۈپ كىتىپتۇ .

ھا....ھا...ھا...

ئولتۇرغانلارنىڭ ئارىسىدا پاراققىدە كۈلكە كۆتۈرۈلدى.

-ئازگالغا چۈشۈپ كېتىپتۇ ،ۋاي خۇدايىم  !نېمىش قىلىدىكىن ئاسى نايناقنىڭ ئۆيىدە .

سورىدى كۈلىۋىرىپ كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتكەن ،ئىلھامكام بىر ئىشنى تۇيغاندەك .

-ۋايتاڭ نېمىش قىلىدىكىن مەن بىلمىدىم ،ئىسمايىلكامنىڭ گال بىلەن خوتۇنغا ئامراقلىقىنى ھەممىڭلار بىلىسىلىغۇ ؟شۇ داپەنجىخانىدا بولۇشىغا يەپ-ئىچىپ مەست بولۇپ مۇشۇ ئىش تىرىلغان ئوخشايدۇ شۇ.

تەلىيىگە ھىچنىمە بولماپتۇ ،ئەتىسى قارىسا  ئازگالنىڭ ئىچىدە ياتقان ،ھىلىمۇ ياخشى بىر نەرسە تۆكىدىغان ئازگىلى تەرەپكە ئۆتۈپ كەتمەپتۇ بولمىسا ئىش باركەن دەيمەن .

-ئوبدان بوپتا ،ئېشەك سۈيدۈكىنى ئېچىپ ،پوق –سۈيدۈككە تازا تويۇۋاپتىدە ئىسمايىلكام .ھا..ھا....ھا...

-ئۆزى كولىغان ئورىغان ئۆزى چۈشۈپتۇ دېگەن شۇمۇ نېمە ھە بالىلار .

-كىچىكىدىن تارتىپ گالغا ئامراقتى بۇ ئىسمايىل تاۋاق ئاخىر بىشىغا چىقىدىغان بولدى دە شۇ گىلى .

-ھىلىمۇ يۇقىرىدىن ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش ،ئومۇمنىڭ پۇلىغا يەپ-ئىچمەسلىك دەپ سۆزلەپ تۇرغىنى ،بولمىسا ئىش بار جۇما ،قويۇپ بەرسە بىزنىمۇ تىرىك يىۋىتىدا بۇ كادىرلار .

-ئاسى نايناقنىڭ ھويلىسىغا قانداق كېرىپ بەك ھەيران قىلىۋاتىمەن جۇما باللا.

-بەك ھەيران قالغان بولساڭ،ئەتە ئۆزىدىنلا سوراپلا باقمامسە ئىسمايىلكامنىڭ قانداق بولۇپ كېرىپ قالغان دەپ ..

شۇ ...شۇ....ئۆزىدىنلا سورىغۇلۇق .....

دۇككان ئالدىدىن خىلى بىر ۋاقىتلارغىچە كۈلكە ئۈزۈلمىدى . ......

ئەتىسى سەھەردە نامازدىن يانغان جامائەت مەسچىتتىن چىقىپ مەسچىت ئالدىدىكى ،قەبرىستانلىق تەرەپكە قاراپ دۇئا قىلىشتى ،بىرھازا دۇئا قىلغاندىن كېيىن ھەممەيلەن بىر-بىرىگە سالام بىرىپ بولۇپلا ئالدىراپ ئۆيلىرىگە ماڭماقچى بولۇپ تۇراتتى ،توساتتىن مەزىن ئاخۇن گەپ قىلىپ قالدى .

-ئە،ئە..ئە..ئىم ...جىندەك تەخىر قىلىڭلار جامائەت .

-ئالدىرىشىۋاتقان جامائەت مەزىن ئاخۇننىڭ گىپىنى ئاڭلاپ تۇرغان ئورۇنلىرىدا چىپپىدە توختاشتى .

-ما بىزنىڭ سېكىرتار ئازراق كىلىشمەسلىككە يولۇقۇپ يىتىپ قاپتۇ جامائەت شۇڭا بى كۆرەپ چىقىلى دېگەن .

جامائەت ئارىسىدىن غۇلغۇلا كۆتۈرۈلدى ،ھەممەيلەن ھەرە غوژىلدىغاندەك ھەممەيلەن پاراڭ قىلىشىپ كەتتى .

-خەپشۈك جامائەت ،خەپشۈك ..ھە ..دەپ گەپ باشلىدى ئىمام ئاخۇنۇم .

-سېكىرتار مۇشۇيەردە تۇرغان ھەممەيلەنگە ئاز ياخشىلىق قىلمىغان ،بۈگۈن ئاغرىپ قالسا يوقلاپ قويمىساقمۇ سەت تۇرا جامائەت ،ھەممەيلەن بى تاپقىنىمىزنى ئەكىرىپ كۆرۈپ چىقىلى .

-ئۈلۈشكۈنلاساق تۇرىتى،بىركۈننىڭ ئىچىدىلا نېمە بولغاندۇ ؟سېكىرتار .

-جان خۇدانىڭ ئىلكىدە سايىتاخۇن ،خۇدايىم بىر كېچىدىلا كېسەل بىرەي دىسە بىرىۋىرىدۇ ئاشۇنداق ،كېسەل يوقلاش دېگەن چوڭ ساۋاب ئىش بۇنداق تالىشىۋەرمەي غىپپىدە كېرىپ چىقىلى مىڭىڭلار .

-ئەمسە ھىلىم ئاخۇننىڭ بىر تەخىيى تۈنۈگۈن ئازگالغا چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈپ كېتىپتا ؟ھىلىم ئاخۇننىڭ ئۆيىگىمۇ چىرىپ چىقىلى جامائەت ،دەپ سۆزقايتۇردى سايىتاخۇن يەنە .

-چىك ئا،نېمە دەپ يۈرۈيسىلەۋە سايىتاخۇن تەخەي ئۆلەپ كەتسىمۇ ئەمدى كۆرگىنى چىرىمىزما ؟دىدى مەزىن ئاخۇن چىچىلىپ .

-ئەمدى دەيمىنا ،ئىككىلىسى شۇ بىر ئازگالغا چۈشۈپ كېتىپتۇ ،ھىلىمكامنىڭ تەخىيىغۇ ئۇ ھايۋان بولغاندىكىن چۈشۈپ كېتىپتۇ دېسەك ،ما ئىسمايىل شۇجى چوڭ بىر ئادەم تۇرۇپ نېمە بولۇپ چۈشۈپ كەتكەندۇ دەيمە شۇ ئازگالغا ئەقلىم ھەيران جۇما!

-سايىتاخۇن ،ھەممە ئادەمنىڭ ئازىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ ،سىلىمۇ ياشلىقلىرىدا قىلىپ يۈرگەن بۇزۇقچىلىقلىرىنى ئۇنتۇلۇپ قاللىما ؟

-ئۇنتۇپ قالامدىغان مەزىن ئاخۇنۇم ،ئۇنتۇپ قالامدىغان مەن باريەردە شۇ سىلىمۇ بارتىلە سىلىمۇ ئۇنتۇپ قالمىغانلا ؟....

....يەنەبىردەم تالاش-تارتىش بولسا ھەممەيلەننىڭ ئەسكى مازلىرى سۆرىلىپ چىقارمىكىنتاڭ ،ئاخىرى گەپ بىريەرگە كېلىپ  تاۋاقنى كۆرگىلى كېرگىلى كېرىدىغان بولدى .

بۈگۈن مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگىگىنى بىلەن ھەرقىتىم مەھەللىدە توي –تۆكۈن نەزىر -چىراغلار بولۇپ قالسا مەسچىت بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق ئىشلار  يۈز بىرىپ تۇراتتى ،ئاۋۋال تويغا بارامدۇق ؟ئۆلەمگە كېرەمدۇق ؟دېگەندەك تالاش-تارتىشلارئاخىرى ئىمام ئاخۇن بىلەن مەزىننىڭ يول باشلىشى بىلەن بەزىدە ئۆلۈمنى قويۇپ تويغا ،گاداينىڭكىنى قويۇپ باينىڭكىگە كېتىش بىلەن تۈگەللىنەتتى .

قىززىق جاھاننىڭ  ئىشلىرى ،‹‹ئەل قارغىشى ئوق››دېگەن راستمۇ نېمە ؟تۈنۈگۈن ھويلىغا قويۇۋىتىلگەن تەخەيلەر خۇشال-خۇرام ئويناپ يۈرەتتى ،خۇددى ئۇلارغا كۆزتەككەندەك بىر-بىرى بىلەن قوغلىشىپ يۈرۈپ توساتتىن تەخەيلەردىن بىرى ئاغزى ئوچۇق قالغان پاتقاق گازى ئازگىلىغا چۈشۈپ كەتتى ،بۇنى كۆرگەن يەنە بىر تەخەي ئەندىككەندەك يىراققا قىچىپ كەتتىيۇ ،ھايال ئۆتمەي نېمە بولغاندۇ ؟دېگەندەك قۇلاقلىرىنى دىڭ قىلىپ ئازگال بىشىغا كېلىپ قاراپ كەتتى .

تەخەينىڭ ئازگالغا چۈشۈپ كەتكىنىنى تۇنجى بولۇپ غىنى سىرىق كۆرگەنىدى ،غىنى سىرىق ئازگالنىڭ يىنىغا كېلىپ بولغىچە تەخەي تىپىرلاپ يىنىدىكى ئىچىتىش ئازگىلىغا كېرىپ بولغانىدى ،ئامال يوق غىنىمۇ كۆپ ئىشنى ئاڭقىرالماي تۇرۇپ قالدى ،ھايات قالغان تەخەيمۇ قىرىندىشىغا ماتەم تۇتقاندەك ئۈن-تىنسىز سۈكۈتكە چۈمدى .

قارغىشقا كەتكەن ھىلىمكامنىڭ تەخىيىلا بولۇپ قالمىدى،پاتقاق گازى كۆلچىكى كولانغاندىن بۇيان مەھەللىنىڭ تىنىچلىقىنى بۇزۇپ تۇرىدىغان بۇنداق خەۋەرلەر ئۈزۇلمەي چىقىپ تۇردى ،ھىلى بىرىنىڭ پاقلىنى چۈشۈپ كېتىپتۇ دىسە ،ھىلى بىرىنىڭ موزىيىنى چۈشۈپ كېتىپتۇ دەۋاتقان ،ھەتتا يېڭىدىن مېڭىشنى ئۈگۈنگەن بوۋاقلاردىنمۇ چۈشۈپ چىققانلار بولدى ،شۇنىڭ بىلەن نەچچەيلەن يەنە شۇ ئوتۇن-كۆمۈر ياخشىكەن دىيىشىپ ئاران سالغان پاتقاق گازى ئازگاللىرىنى تۇندۇرۇشتى .

ھەممىدىن يامان بولغىنى رەمەتلىك تەخەينىڭ ئازگالغا چۈشۈپ پاتقاق گازىغا ئايلىنىپ كېتىپ يەنە بىر ھەمرايىنى يالغۇز قويغىنى يامان بولدى دە ؟!بۇ تەنھا تەخەيجان ئەمدى يەنە نېمە قىسمەتلەرگە يولۇقار ؟...

مەنبە:قەلىمىم.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alzaman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-5 02:56 AM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 j3 G0 d2 N; d! o7 E( b6 `" j& _
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 s% S3 B1 q& B3 k1 z- m

قەشقەرنىڭ كۆزيىشى مىنىڭ كۆزيىشىم، قەشقەرنىڭ چۆكۈشى مىنىڭ قىسمىتىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 1143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13162
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 5839 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 01:23:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھا ھا ھا،يېزىدىكى ئىشلارنى شۇنچە تەبىئى يېزىپسىز،رەخمەت تىمىڭىزغا!يەنىمۇ ياخشى ئەسەرلەر بىلەن بىزنى تەمىن ئىتىشىڭىزگە تىلەكداشمىز!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99903
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 158
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2013-11-21
ئاخىرقى: 2014-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 09:48:55 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا بەك ياخشى يىزىلغان ئەسەركەن،ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم،ئادەمگە ئاخىرى باردەكلام تۇيغۇ بىرىدىكەن،رەھمەت،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99903
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 158
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2013-11-21
ئاخىرقى: 2014-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 09:49:06 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا بەك ياخشى يىزىلغان ئەسەركەن،ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم،ئادەمگە ئاخىرى باردەكلام تۇيغۇ بىرىدىكەن،رەھمەت،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98231
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2013-9-26
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 12:14:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنىڭ ماۋزۇسىنى يەنە بىر ئۇيلىنىپ باقسىڭىز بولغۇدەك !

شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنىڭىزگە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 794
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2319
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 12:27:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز ،ئىجات تۇلپارىڭىز ھارمىغاي ،يەنمۇ ئىسىل ئەسەرلىرىڭىز بولسا بىزدىن ئايىمىغايسىز .

ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.

قاراخان

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 796
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12711
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2228 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 12:46:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىلىنىڭ بۇ تەخەي ھەققىدە قىسسەڭلا ،ئۈچ پادىشالىقنىڭ قىسسىدەك نەچچە كىتاپ چىقامدۇ نېمە ؟ بولسا تىزراق يوللاڭلا ،سەھراغا بېرىپ باقمىغان بەزى شەھەرلىكلىرمىز ئانچە-مۇنچە چۈشىنىپ قالار ،سوتسىيالىستىك يېڭى يېزىلىرمىزنى .

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101769
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 109
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2014-1-4
ئاخىرقى: 2014-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 02:01:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاھا  دەششەت يىزىپسىز جۇمۇ.  ئاخىرى بامۇ يوقمۇ ؟

پــىــيــاز

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66157
يازما سانى: 754
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9479
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 955 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2014-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 02:24:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋزۇسى ئانچە ياقمىدى .

پىيازنىڭ پوستى كۆپ ، ئەخمەقنىڭ دوستى كۆپ !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102100
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 853
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 152 سائەت
تىزىم: 2014-1-10
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 02:37:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوپوغىدا جىق ئەنسىرمەي يېزىڭ ، ئۇمۇ ئۈلەپ قالسا ، يۇپۇغىدىن نەۋرە تۇققان تەخىيىنى ئەكەلدۇق دەپ باشلايسىز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش