مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 900|ئىنكاس: 8

ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى (5)‏ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97345
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 667
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 392 سائەت
تىزىم: 2013-8-28
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 01:14:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 ]- b+ v% Z, H1 m% Z3 u‏ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﻪﺕ: مۇھەببەت ـ قەلبنىڭ مەھبۇبى تەرەپكە بولغان مايىللىقى دېمەكتۇر. مۇھەببەت پەقەت قەلبتە بولىدۇ. ئەر ـ ئاياللىق ھاياتى پەقەت ئەرـ ئايال ھەر ئىككىسىنىڭ بىر ـ بىرىگە بولغان چىن مۇھەببىتى بولغاندىلا بەختلىك ۋە سائادەتلىك بولالايدۇ. ئەرـ ئاياللىق ھاياتتا ئورتاق مۇھەببەت ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك نەرسىدۇر. مۇھەببەت ئەسلىدە، ھەر كىشى ئۇنىڭدىن بىھاجەت بولالمايدىغان پاكىز، ئېسىل بىر ئەنئەنىدۇر. ئەمما ـ ئەپسۇسلىنارلىقكى ـ كۈنىمىزدە، مۇھەببەت سۆزى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قولاقلىرىغا چىرايلىق ئاڭلانمايدۇ. ئۇلار مۇھەببەت دېسە، ئۇنى بىر گۇناھ ئىش دەپ ھېسابلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا، پاك مۇھەببەت ــ بەخت ـ سائادەتنىڭ ئاچقۇچىدۇر. كىشىلەرنىڭ مۇھەببەت سۆزىنى بىر خىل گۇناھ ـ مەسىيەت دېگەن قاراش بىلەن چۈشىنىپ قېلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، زامانىمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەر مۇھەببەت شۇئارى ئاستىدا ئۆزىنىڭ ئايالى بولمىغان يات ئاياللار بىلەن يولسىز ئالاقە قىلىشىدۇ ــ ئۇلار بىلەن بىرگە تىياتىرغا بېرىشىدۇ، بىرگە تانسا ئوينايدۇ، ھاراق ـ شاراپ سورۇنلىرىغا بىرگە بېرىشىدۇ، بەزىلەر ئىش ئورۇنلىرىدا خىزمەت باھانىسى بىلەن يات ئاياللار بىلەن يولسىز ئالاقە باغلىشىدۇ، يوقىرىقى يولسىز مۇناسىۋەتلەر تەرەققىي قىلىپ، ھەتتا پاھىشە ئىشلارنى قىلىشىدۇ. دېمەك: بەزى كىشىلەر پۈتۈن بۇزۇقچىلىقلارنى مۇھەببەت شۇئارى ئاستىدا قىلىشىدۇ. بۇ خىل بۇزۇقچىلىقلارنى كۆرگەن خەلق مۇھەببەت دېگەن شۇنداق بولىدىكەن دەپ چۇشىنىپ، مۇھەببەت سۆزىنى يامان كۇرىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىدىغان بولۇپ قالغان. ھەقىقىي پاك مۇھەببەت ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىدىغان رەزىل نەرسە ئەمەس،بەلكى ئۇنى يولىدا قوللانسا ئېسىل ئەنئەنىدۇر. ئەمما بەزى كىشىلەرنىڭ مۇھەببەت شۇئارى ئاستىدا قىلىۋاتقان بۇ يولسىزلىقلىرى ھەرگىزمۇ مۇھەببەت دېيىلمەيدۇ. بەلكى بۇنداق ئىشلار ئالدامچىلىق ۋە ئەدەبسىزلىكتۇر.پاك مۇھەببەت ـ قەلبنى گۇللەندۇرىدۇ. كىشى بىرسىگە كۆڭلىنىڭ مايىل بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ. بەلكى مۇھەببەتنى يامان يولغا قوللىنىپ، يولسىزلىق قىلغانلىقى ئۈچۈنلا جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. ئىنساننىڭ قەلبى ئاللاھ تائالانىڭ ئىدارە قىلىشىدا بولىدۇ. شۇڭا ئۇ، قەلبىگە چۈشۈپ قالغان نەرسىلەردىن جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ. ئەمما سەۋەبلەر ئارقىلىق جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. سەۋەبلەر قايسى دېگەندە، ئۇلار: ئۆزىنىڭ ئايالى بولمىغان بىرسىگە، ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىش نىيىتى بىلەن تىكىلىپ قاراش، ھېچبىر زۆرۈرىيەتسىز ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش ۋە ئۇنىڭ بىلەن زورىغا پاراڭلىشىش قاتارلىق ئىشلاردۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇسۇلمانلارنى يات ئاياللارغا تىكىلىپ قارىماسلىققا بۇيرۇيدۇ.ئەڭ غەلىبىلىك مۇھەببەت تويدىن كېيىن ئەر ـ ئايال ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان مۇھەببەتتۇر. ئەمما تېخى ئۆيلەنمەستىن ۋايىغا يەتكەن مۇھەببەت گارانتىسىز(كاپالەتسىز) مۇھەببەت بولۇپ، بۇنداق مۇھەببەت كۆپ ھاللاردا قىز ــ ئوغۇل ھەر ئىككىسىگە پۇشايمان ۋە شاقاۋەت ئېلىپ كېلىدۇ. چۈنكى مۇھەببەت گىرداۋىغا چۈشۈپ قالغانلارنىڭ ئاز قىسمى ئارمانلىرىغا ئېرىشەلىسىمۇ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، ھاياتىنى بەختسىزلىككە دۇچار قىلىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى، ئىنسان ئۆزىنىڭ قەلبىگە بىرسىنىڭ ئىشقىنى سېلىپ قويىدىغان پۈتۈن سەۋەبلەردىن يىراق تۇرۇشى ۋە ئۆز كۆڭلىگە ئۆزى ئىگە بولىشى زۆرۈردۇر. چۈنكى كۆڭۈل دېگەن ئىنساندىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە، ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىماستىن، ئۇنى خالىغان يەرگە بېرىپ قويماسلىق لازىم. ئۇنىڭ پالاكىتىدىن قۇتۇلۇش ئىنتايىن قىيىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ”ئىككى مەھبۇب ئۈچۈن نىكاھتىن ياخشى نەرسە يوقتۇر“. (ئىبنى ماجە رىۋايىتى)مۇھەببەتنىڭ غايىسى ھەرئىككىسىنىڭ بىرگە تۇرمۇش قۇرۇشى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە تۇرمۇش قۇرالىغان مۇھەببەت مۇرادىغا يەتكەن غەلىبىلىك مۇھەببەتتۇر. مۇھەببەتنىڭ غايىسى بىر ـ بىرىنى ۋاقىتلىق ئالداپ كۆڭۈل ئېچىشتىنلا ئىبارەت بولسا، بۇ، مۇھەببەت ئەمەس، بەلكى ئالدامچىلىق ۋە رەزىللىكتۇر. مۇھەببەتنىڭ غايىسى ھەر ئىككىسىنىڭ تۇرمۇش قۇرۇشىنى ئاساس قىلىپ، ئەمەلىيەتتە تۇرمۇش قۇرالمىغان مۇھەببەت باشلىنىشى غەلىبە، ئاخىرى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياقلاشقان ئاۋارىچىلىقتۇر.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- i, x$ N$ u" R- v; dبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ k/ X+ ^3 M4 [) ?! d
‏ﺋﯩﺸﻖ: ئىشق ـ قەلبنىڭ مەشۇق تەرەپكە بولغان چوڭقۇر مايىللىقى بولۇپ، ئۇ، مۇھەببەتنىڭ ئەڭ يوقىرى پەللىسىدۇر. ئىشقمۇ ــ مۇھەببەتكە ئوخشاش ــ ئىپپەت بىلەنمۇ بولىدۇ، ئەگەر ئۇنى يولىدا ئىشلەتمىسە يولسىزلىق بىلەنمۇ بولىدۇ. ئەمما ئىپپەتلىك ئاشىق ئەگەر مۇرادىغا يېتەلمەي ئۆلۈڭ كەتسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئىپپىتى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭغا ساۋاپ بېرىدۇ.  ھەدىسلاردا، كىشىنىڭ قەلبى ئىختىيارسىز بىرسىگە مايىل بولۇپ قېلىپ، ئۇنى ئىزھار قىلىشقا پېتىنالماي، ئۆزىنى ھارامدىن ساقلاپ، سەۋرە قىلىپ، شۇ ئىشق يولىدا ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ كىشى شېھىتلارنىڭ قاتارىدا ئەجرى ـ ساۋاپ بىرىلىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان. چۈنكى ئەڭ چوڭ جىھاد نەپسى شەيتان بىلەن قىلغان جىھاتتۇر. نەپسى شەيتاننىڭ ھاۋايى ـ ھەۋسىگە بىرىلمەستىن، ئىرادىسىدە چىڭ تۇرۇپ ئىپپىتى بىلەن ئۆلگەن كىشىنىڭ شېھىتلار قاتارىدىن سانىلىشى ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% o6 ]4 y/ T$ i% T

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' i3 H3 O* z0 z( d‏ﻛﯜﻧﻠﻪﺵ: كۈنلەش ـ بىراۋنىڭ ھەققىگە باشقىلارنىڭ شېرىك بولۇۋېلىشىدىن قىزغىنىشى دېمەكتۇر. بۇ مەنىدىكى كۈنلەش مۇھەببەتنىڭ نەتىجىلىرىدىن سانىلىدۇ. كۈنلەش ئەرـ ئايال ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسدا بولىدۇ. ئايال كىشى ئېرىنىڭ باشقا ئاياللار بىلەن بىنورمال ئالاقە باغلىشىنى ياقتۇرمايدۇ. ئۈستىگە باشقا خوتۇن ئېلىشىغا قارشى تۇرىدۇ. بۇ ئاياللارنىڭ خاراكتېرى بولۇپ، يامان كۆرىلىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ھەققىدۇر. ئەر كىشىمۇ ئايالىنىڭ ئىككىنچى شەخس بىلەن بىنورمال مۇناسىۋەتتە بولۇشىغا ۋە ئالاقە باغلىشىغا قارشى تۇرىدۇ.ئەركىشىنىڭ ئايالىنى باشقا ئەرلەر (ئۆزىنىڭ ۋە ئايالىنىڭ بۇ ئايال بىلەن نىكاھتا باغلىنالمايدىغان تۇغقانلىرىدىن باشقا يات ئەرلەر) بىلەن بىنورمال ئارىلىشىشتىن، يولسىز مۇناسىۋەت باغلاشتىن مەنئىي قىلىشى، ھەتتا ئۇنىڭغا باشقىلارنىڭ يامان نىيەت بىلەن سۆزقىلىشىدىن قىزغىنىشى ئىسلام شەرىئىتىدە تەلەپ قىلىنغان زۆرۈرىيەتتۇر. غۇرۇرلۇق، دىيانەتلىك ۋە ۋىجدانلىق ئادەم ئۆزىنىڭ خوتۇن ـ قىزلىرىنىڭ يات ئەرلەر بىلەن يولسىز ئارىلىشىشىنى ۋە ئۇلار بىلەن بىنورمال چاقچاقلىشىىشىنى قەتئىي ياقتۇرمايدۇ. بۇ ئىشلارغا ئۇلار جېنى بىلەن قارشى تۇرىدۇ. مانا بۇ ھەقىقىي مۇسۇلمانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر. ئەپسۇسكى، كۈنىمىزدە خوتۇن ـ قىزلىرىنى باشقىلارنىڭ يامان نىيەتلىك كۆزلىرىدىن مۇھاپىزەت قىلىدىغان ۋە ئۇلارنى يات ئەرلەرگە ئارىلاشتۇرمايدىغان، ئائىلىسىنڭ ئابرويىنى ۋە نومۇسىنى ساقلاشقا تىرىشىدىغان، غۇرۇرلۇق كىشىلەر ”مۇتەئەسسىب“،” قىزغانچۇق“ دەپ ئاتىلىپ قالماقتا. چۈنكى زامانىمىزدىكى كۆپ كىشىلەر ”شەرمى ـ ھايا“، ”ئەدەب“ ۋە ”نومۇس“ دېگەنلەرنى لۇغەتلىرىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىغان رەزىل ياۋرۇپالىقلارنىڭ نىجىس ئادەتلىرىگە ۋە ئەدەبسىز مەدەنىيىتىگە ئەسىر بولۇپ قالغاچقا، ياۋرۇپا جەمئىيىتىنى ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۆلگە قىلىۋالغان. يەنە بىر تەرەپتىن دىن دۈشمەنلىرىنىڭ دىنىي ئەنئەنىلەرگە قىلىپ كەلگەن ھۇجۇملىرى تۇپەيلىدىن كىشىلەر ئىلاھىي تەلىماتلاردىن ئوزاقلىشىپ قالغان. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئۆزلىرى مۇسۇلمان بولۇپ تۇرۇپ، دىنىمىزدىكى گۈزەل ئەخلاقلارنى كەمسىتىدىغان، يامان ئىشلارغا كۆز يۇمىدىغان بولۇپ قالغان. بۇلار كۈنىمىزدە مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر مۇسىبەتلەردىن بىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خوتۇن ـ قىزلىرىنى يات ئەرلەر بىلەن يولسىز ئارىلىشىشتىن توسمايدىغان، ئۇلارنىڭ ئىپپەت ــ نومۇسلىرىنى قوغدىمايدىغان ئادەمنى ”دەييۇس“ دەپ ئاتىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە مۇنداق دەيدۇ: ”ئۈچ خىل ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ: ئۇلارنىڭ بىرى، ھاراقتىن باش ئالالمايدىغان ئادەم. يەنە بىرى، ئاتا ـ ئانىسىنى قاخشاتقان ئادەم. يەنە بىرى، دەييۇس ئادەم.“
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ U0 j" z( E( \: X" R1 o  v+ B4 dبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, M8 e( Q1 A$ v0 \5 m1 \- I3 c
‏ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪﺷﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ: ئۆزىنىڭ خوتۇن ـ قىزلىرىنى يات ئەرلەرنىڭ يامان نىيەتلىك تەمەلىرىدىن مۇھاپىزەت قىلىش، ئۇلارغا يولسىز ئارىلىشىشتىن توسۇش ئىسلام دىنى نەزەرىدە ۋە مىللىي ئەنئەنىمىزدە گۈزەل ئەخلاقلاردىن سانىلىدۇ. مانابۇــ ئەقىل بىلەن دىننىڭ بىردەك تەلىۋىدۇر. ئەمما ئۆزلىرىنى مەدىنىيەتلىك ۋە بىلىملىك دەپ سانايدىغان بەزى ئەبگالار بۇ گۈزەل ئەخلاقنى خاتا چۈشىنىپ، مەدەنىيەتلىك بولۇشقا ۋە ئىنسانىيەتچىلىككە زىت كېلىدىغان ”قالاقلىق“، ”قىزغانچۇقلۇق“، ” مۇتەئەسسىبلىك“ دەپ چۈشىنىدۇ. مۇنداق چۈشەنجىدىكى ئىنسانلار بىر تەرەپتىن دىن دۇشمەنلىرىنىڭ ئازدۇرغۇچى تەشۋىقاتلىرىغا ئالدىنىپ كېتىپ، ئەقىللىرىنى بولغىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ياۋروپالىقلارنىڭ رەزىل ئەخلاقىدىن تەسىرات ئالغان ئىنسانلاردۇر. چۈنكى ياۋروپالىقلار ھېچبىر ۋاقىت ئىپپەت بىلەن نومۇسىنى قەدىرلىگەن ئەمەس. ئۇلارنىڭ لۇغىتىدىمۇ ”قىزلارنىڭ نومۇسى“ نى ئىپادىلەيدىغان بىرەر سۆزمۇ يوقتۇر. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىسا ئۇلار مەسخىرە قىلىشىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ يارىتىلىشىدىكى ساپ تەبىئىتىنى يوقاتمىغان ئىنسانلاردا ئىپپەت ــ نومۇس ۋە خوتۇن ـ قىزلىرىنى يۇللۇق ھالدا كۈنلەش خىسلىتى بولىدۇ. ئىسلام دىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىپپەت ـ نومۇسلىرىنى قوغداش يولىدا ئۆلگەنلەرنى شېھىتلارنىڭ قاتارىدىن سانايدۇ. مانا بۇ ـ ئىسلام دىنىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئىپپەت ـ نومۇسلىرىنى نەقەدەر قەدىرلەيدىغانلىقىنىڭ بىرئىپادىسى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”كىمكى دىنىنى قوغداش يولىدا ئۆلىدىكەن، ئۇ شېھىتتۇر. كىمكى مال ـ مۇلكىنى قوغداش يولىدا ئۆلىدىكەن، ئۇ شېھىتتۇر. كىمكى ئۆز ئەھلىنىڭ نومۇسىنى قوغداش يولىدا ئۆلىدىكەن، ئۇ شېھىتتۇر“. (ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى) جەمئىيىتىمىزدىكى بەزى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ بىپەرۋالىقى ياكى بۇ ھەقتىكى شەرىئەت ھۆكمىنى بىلمىگەنلىكى تۇپەيلى، ئاياللىرىنى كۈنلەشتە سەل قارىسا، بەزىلەر شەرىئەت ھۆكمىنى سۇيېىستېمال قىلىپ، كۈنلەشتە ھەددىدىن ئاشۇرىۋېتىپ، ئاياللىرىغا ئاساسسىز تۆھمەت قىلىدىغان، ھەمىشە ئۇلاردىن يامان گۇمان قىلىدىغان دەرىجىگە يېتىپ قالغان. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى توغرا ئەمەس. ھەر ئىشنىڭ نورمال بولغىنى توغرا بولغىنىغا ئوخشاش، كۈنلەشتىمۇ، ئۇنىڭ ئۆز چەكلىمىسىدىن ھالقىپ كەتمەسلىك كېرەك. ئاياللارنى كۈنلەش دېگەننى كۆپ كىشىلەر ئاياللاردىن ھەمىشە شەكلىنىش، يامان گۇمان قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن جاسۇسلۇق قىلىش دەپ چۈشەنسە كېرەك، شۇڭا ئۇلار ھەدەپ ئاياللىرىنى ئاساسسىز ھالدا، قارىلاشقا ئالدىرايدۇ. مۇنداق كۈنلەش مۇھەببەتنىڭ دۈشمىنىدۇر. چۈنكى كۈنلەشنىڭ مەنىسى ـ بىز يوقىرىدا بايان قىلغاندەك ـ خوتۇن ـ قىزلىرىنى يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ تەمەلىرىدىن مۇھاپىزەت قىلىش، ھەرقانداق يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ مۇقەددىمىلىرىدىن ۋە شۇبھىلىك ئىشلاردىن ئۇلارنى يىراق تۇتۇش دېگەنلىكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۈۋەندىكى ھەدىسىدە كۈنلەشنىڭ چەك ـ چېگرىسىنى بايان قىلىدۇ: ” كۈنلەشتىن ئاللاھ ياقتۇرىدىغان كۈنلەشمۇ، ئاللاھ يامان كۆرىدىغان كۈنلەشمۇ بار، ئاللاھ ياقتۇرىدىغان كۈنلەش ـ ئۆز ئەھلىنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىپ، ئۇلاردىن ئاساسسىزھالدا، يامان گۇمان قىلماسلىق؛ ئاللاھ يامان كۆرىدىغان كۈنلەش بولسا، ئۆز ئەھلىنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلماستىن، ئۇلارنى دەلىلسىز قارىلاشتۇر.“ (ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; a6 q( k( F5 Y* Z3 Z% X! B" l. lبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 T$ Z$ o4 j0 ~2 e9 j. H
‏مەنبە : شۇ ناملىق كىتاببۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! c& f/ W6 ]& E2 k+ g

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 I& L5 z* D8 }: Y# `7 A7 L

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97939
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 329
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2013-9-17
ئاخىرقى: 2014-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 02:14:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ماقالىنى  بىر  پ د پ كىتاپ قىلىپ قويسا بوپتىكەن  بىلدىغانلار شۇنداق قىلپ قويساڭلار بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 L" H( J4 s; s  G' e) V1 l
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- L* z# O: d1 ]3 p6 C: G9 p
شۇ ناملىق كىتاپ دېگەن قانداق كىتاپ ئادىرسى بوسا ئەۋەتىپ بېرڭە  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ h6 ]/ B) o- k
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( Z* ]& q7 C- j7 i- u8 [
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98904
يازما سانى: 516
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4655
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 608 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 02:41:40 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      ئەجرىڭىزدىن گۈل ئۈنگۈسى, رەھمەت قېرىندىشىم.

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102840
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 830
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2014-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 05:47:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇقرا پۇقرانى ئالدىسا تىجارەت بولىدۇ،پۇقرا ھۆكۈمەتنى ئالدىسا جىنايەت بولىدۇ،ھۆكۈمەت پۇقرانى ئالدىسا سىياسەت بولىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97345
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 667
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 392 سائەت
تىزىم: 2013-8-28
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 07:01:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yakarim يوللىغان ۋاقتى  2014-2-4 02:14 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, R- g* U, b0 O- }2 E; K  _0 Rمۇشۇ ماقالىنى  بىر  پ د پ كىتاپ قىلىپ قويسا بوپتىكەن  بى ...

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ I0 h  ^: x0 B  H- j' aئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى ناملىق كىتاب  دىمەكچى

شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنىڭىزگە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 872
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2531
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2014-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 09:10:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم

ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100323
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 168
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2013-11-30
ئاخىرقى: 2014-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 10:40:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101964
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 337
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 12:03:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تىما يوللاپسىز ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن داۋاملىق يولللاپ تۇرۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103167
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 419
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 94 سائەت
تىزىم: 2014-2-4
ئاخىرقى: 2014-7-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 01:08:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىۋاتىدۇ،قايسى كىتاپتىن ئېلىندى،بولسا مەنمۇ بىر ئوقۇپ باقاي دىگەن،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش