مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 15147|ئىنكاس: 75

ۋاشىنگىتوندا بېشىمدىن ئۆتكەنلەر (10)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99740
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1951
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 202 سائەت
تىزىم: 2013-11-18
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 11:58:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ۋاشىنگىتوندا بېشىمدىن ئۆتكەنلەر  (10)

     يېشىل چاچلىق ئەرۋە تاقىرباش ئايال

      ئۆي يەتتىگە چىققاندىن كېيىن،بانكىغا قەرزىممۇ بىر يېرىم مىليون دوللارغا، ئايلىق تۆلەم(Mortgage)  ئونبەش مىڭ دوللارغا يېقىنلاشتى. ئىجارە پۇلىغا قۇرۇلۇشچىلىقتىن قىلىنغان ياماق،ئايلىق چىقىمنى بويلىمايتتى. بۇرۇن پوچتىدىن خەت كەلسە، قايسى دوست، قايسى يارەندىن كەلدى دەپ خوشاللىق بىلەن خەتلەرگە قول ئۇاتسام؛  ئەمدى قايسى بانكا، قايسى گاز شىركىتى تۆلەنمەي قالغان پۇلنى سۈرۈشتە قىلغاندۇ دەپ يۈرىكىم پوك-پوك ھالەتتە خەتنى ئاچىمەن؛ خەتتىكى ئاستىرنومىك رەقەملەرنى ئۆلۈم خېتىمنى  ئوقۇۋاتقاندەك غەم بىلەن  ئوقۇيمەن. بۇنداق چاغدا بەزى دوستلارنىڭ ' ھەي ئەمدى توختاپ قال، مۇشۇ ئۈچ ئۆيۈڭنى چىڭ تۇتۇپ تۇرساڭ،خىزمىتىڭمۇ مۇشۇ، پېنسىيە پۇلۇڭمۇ مۇشۇ' دېگەن مەسلىھەتلىرى قۇلاق تۈۋىمدە قايتا  جىرىڭلايدۇ. دېمەك قامچىلار ئۇرۇلماقتا، مەن يۈگۈرمەكتىمەن: قۇرۇلۇشچىلىقتىن  قەرزچىلىككە (Loan Officer)، ئۇنىڭدىن ئۆي-مۈلۈكچىلىككە (Real State Agent) يۆتكەلدىم.(راست ھېلىقى بىر قولىدا كىتاپ بىرقولىدا بولقا تۇتۇپ ئۆي رېمونت قىلىدىغان شېرىكىمدىنمۇ مەلۇمات بېرىۋېتەي: ئۇ ھېلىغىچە شۇ ئىشنى قىلىۋاتىدۇ؛ ھازىر ھەممە مەلۇماتلار توردا، تور قول تېلېفوندا  بولغاچقا، ئۇمۇ تەرەققىي قىپتۇ: ئۇنىڭ  ھازىر ئىش ۋاقتىدابىر قولىدا بولقا، بىر قولىدا ئايپون دەپ ئاڭلىدىم).
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  s* B& j  G$ M0 e5 ~* P/ j
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 E) o& V. B" Z( u9 C   ئۆي-مۈلۈكچىلىك دېگىنىم  ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچىنى كېلىشتۇرۇپ ئوتتۇرىدىن چاي پۇلى ئالىدىغان ئىش. بۇ ئىشنىڭ ئەڭ جاپالىق پارچىسى ئالغۇچىغا ئۆي كۆرسىتىش. بىر كۈنى  ئۆي كۆرسىتىۋاتقان خېرىدارلىرىمدىن بىرى يېشىل چاچلىق ئەر. ئاۋۋال ئۆي  شىركىتىدە ئۇچراشتۇق. بويى ئېگىز، 1دە 90 ئەتراپىدا، توغرىسىمۇ كىچىك ئەمەس، ئۇستىخىنىنىڭ زورلىقىغا نامۇناسىپ  ھالدا ھەرىكەتلىرى بەك چاققان،يېشى 30 دىن كەم ئەمەس، ئەمما جايىدا بىر دەممۇ جىم تۇرالمايدۇ. قاش ئۇچۇرۇپ، كۆز ئوينۇتۇپ گەپ قىلىشلىرىدىن باشقا، پات-پات بېلىنى تۇتۇپ قاقاخلاپ كۈلۈشلىرى بار. ئەڭ ئەجەپلىنەرلىكى چېچىنىڭ پىشانىسىگە تۇتاشقان قىسمىدىكى ئالقانچە قىسىمىنى يېشىلغا بويۇۋالغان. مۇشۇ بويىقى  بىلەنلا يېنىدىن ئۆتكەنلا ئەمەس  500مېتىر نېرىدىكى كىشىلەرگە ' ماڭا قاراڭلار، مەن باشقىچىرەك' دېگەن سىگنالنى بېرىدۇ.  بۇ تىپتىكى ئەرلەرنى بۇرۇن ئاڭلىغان -ئۇچراتقان بولساممۇ، بۇدەرىجىدە ئەركىن ئازادە، بۇ  دەرىجىدە شوخ، بۇ دەرىجىدە ھەييار بىرسىنى تۇنجى كۆرۈشۈم؛ شۇڭا ئۇنىڭغا ئۆي كۆرسىتىش بېشىمغا تاغ يىقىلغاندەك  غەم ئېلىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق كىشىلەرنىڭ چىشىغا تېگىپ قويماي ۋە خاتا ئۈمىت بېرىپ قويماي ھەمسەپەر بولۇش ھەققىدە ھېچقانداق تەجىربەم يوق. ئەممائۆي-مۈلۈكچىلىك قىلىمەن دەپ ئېلان بەرگەن ئىكەنمەن، ئالدىمغا كەلگەن خېرىدارنى رەت قىلماسلىقىم كېرەك.   ئۇنىڭغا بىر كۈن ئىچىدە 20 دەك ئۆينى كۆرسەتتىم،  ھىچبىرىنى ياراتمىدى، كۆپىنچىسىنى ' تازىلىقى ناچار' دەپ ياراتمدى؛  مەھەللىدىن قۇسۇر تاپقاندا ' ئادەملىرى بەك  لۈكچەك چىرايكەن' دەپ  بويۇن قېقىپ قوياتتى.  ئۈچىنجى كۈنى ئۆي كۆرگىنى ماشىنىسىز كەپتۇ، مېنىڭ ماشىنامدا ئولتۇرۇپ ئۆي كۆرىشىگە توغرا كەلدى، يەنە ياق دېگىنى بولمىدى.  بىر ماشىنىدا مېڭىش جەريانىدا ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ شوخلۇقلىرىغا شاھىد بولدۇم، ئۆزى توختىماي گەپ قىلغاندىن  باشقا مېنىمۇ تىنىمسىز  گەپكە سېلىشقا  ئۇرۇناتتى، گەپلىرىم يارىماي قالسا سۈزۈلۈپ-تۈرۈلۈپ نارازىلىق ئىپادىلەيتتى. تېخى ئارىلاپ مەندىن ئېشىنىپ ماشىنىنىڭ دېرىزىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ يولدا ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە گەپ قىلىشلىرى  ياكى چاخچاق قىلىشلىرى بار.  بۇ چاغدا مەن خۇددى بىر يامان ئىش ئۈستىدە سازايى قىلىنىۋاتقاندەك نومۇس قىلىمەن.  مىقنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغاندەك كېتىۋېتىپ تۇرۇپلا كاللامغا بىر ئەندىشە كەلدى:   ئەگەر مۇشۇ تاپتا، بىرەر ئۇيغۇر كۆرۈپ قالسا نېمە دە؟ تىجارىتىمنى- ئۆي كۆرسىتىۋاتقىنىمنىغۇ بىلىدۇ، شۇنداقتىمۇ، بىر يېشىل چاچلىق ئەرنى ماشىنىسىغا سېلىپ مېڭىش ۋەقەسىنى بۇ ئۇيغۇر جامائىتى،بولۇپمۇ بىزنىڭ بەزى ئاغىينىلەر كۆز يۇمۇپلا ئۆتكۈزىۋەتمەيدۇ. بۇ ۋەقەگە باغلانغان چاخچاقلارنى كۆتۈرۈپ قوپۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى ۋەتەندىكى ئايالىم ۋە ئىككى بالامنىڭ  شاڭخەي ئايرىدۇرىمىدا توسۇۋېلىنغانلىقى جامائىتىمىز ئىچىگە پۇر كەتكەن.  دوستلار مېنى ' ئەمدى باشقا يولنى تاللىماي ئامالى يوق' دەپ قارىشىپ، ماڭا لايىق تەۋسىيە قىلىنىۋاتقان مەزگىللەر. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە بايىقى چاقچاقنى قايسى چوققىغا ، قايسى بۇلۇڭغا تارتىپ قىلسا تازا كېلىدۇ..... مۇشۇ خىياللار بىلەن بىر قىزىل چىراقتا توختىغان ۋاقتىمدا يان تەرەپتىن ئۇيغۇرچە بىر ئاۋاز كەلدى:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 s! e4 G* ~  Z# n$ l5 { ---- تېنچلىقتۇ؟!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) R4 K; r+ G1 `! qقارىسام، ئارىمىزدىكى تازىمۇ گەپدان بىر ئاغىينىمىز. ئەھۋال سوراشتىكى ئىنتوناتسىيەدىنلا  بايا مەن ئەندىشە قىلغان چاخچاقنىڭ پۇرىقى كېلىپ بولدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, |2 s6 n  A) t: ^5 C --- يامان ئەمەس، ئۆزەڭلىچۇ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 B3 v' t. N* \9 ]4 | --- ئاغىينەڭلارنىڭ پەيزى بارغۇ؟---- بۇ گەپنى قىلغاندا ھەر ئىككىمىز تەڭ كۈلدۇق، بىراق مەن بىراز  قىزارغىنىم چېغى ئۇ گېپىنى داۋاملاشتۇردى:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 b6 z+ \1 h8 r% y0 M) O --- بولدى، خىجىل بولماڭلار  بويتاقچىلىق دېگەندە بوپ قالىدۇ..........----دوستىمىز ماشىنىسىنى مەن بىلەن يانمۇ -يان ھەيدەپ ماشىنامدىكى يېشىل چاچلىقنى گەپكە سېلىشقا ئۆتتى. يېشىل چاچلىققا بۇنداق بىر پۇرسەتنىڭ قىممىتى ئالتۇن؛ ئۇ شۇنداق ئېچىلىپ چاقچاققا كىرىشتىكى ھېلى تىزىنى شاپىلاقلىسا ھېلى ئۆزىنى مەن تەرەپكە ئاتاتتى. ئۇنىڭ بۇ كەپسىزلىكىنى كورگەن دوستىمىزغا بولۇپ بەردى، ئۇنىڭ مەقسىتى يېشىل چاچلىقنىڭ چاخچاقلىرىغا قىززىقىشتىن كۆپ سورۇنلاردا  مېنى چاقچاقتا كەلتۈرۈشكە دەسمى تېپىش  ئىدى. ماشىنامنى تېزلا ھەيدەپ ئۆتۈپ كېتەي دېسەم  دوستىمىز ' ئېلىپ قاچتى' دەپ كەلتۈرىدۇ؛ ئارقىدا قالاي دېسەم 'خالىيلىقنى تەلەپ قىلدى' دەيدۇ.... شۇڭا بۇ چاقچاقتىن قۇتۇلالىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چىشىمنى چىشلەپ يولۇمنى داۋام قىلدىم، بۇ ئارىلىقتا يېشىل چاچلىق قىسقا بىر يۇمۇردىن بىرنى سۆزلەپمۇ ئۈلگۈردى، بۇ يۇمۇر مېنىمۇ دوستىمىزنىمۇ كۈلدىرەلمىدى،ئەكسىنچە، ھەر ئىككىمىزنى سەسكەندۈردى؛ چۈنكى يۇمۇرنىڭ ۋەقەلىكى دەل ئۆزلىرىنىڭ تائىپىسىگە تەۋە ئىشلار ئىدى.  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* T: ^' V/ h7 T7 o6 \) N ---- ئاداش بۇ ئاغىينەڭلەرگە مەن تەڭ كېلەلمىگۈدەكمەن، مەن كېتىۋالاي .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  e  x  x/ `# M$ u2 [5 M0 E" D  O
--- ئاداش ما ئىشنىڭ چاقچىقى مۇشۇ يەردە قالسۇن جۇمۇ---دەپ جىددىي شەكىلدە ئەسكەرتتىم. دوستىمىز:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( B/ i6 Y  R! F--- مۇشۇ ئەسكەرتىشنى بەرمىگەن بولساڭ تەبىئىي شۇنداق بولاتتى، ئەمدى قانداق بولاركىن -تاڭ ---دەپ قورقۇتۇپ قويدى، تا ھازىرغىچە ئوتتۇرىمىزدا مېنىڭ چاقچىقىم سەللا بېسىپ چۈشسە  ' دېۋىتەيمۇ' دەپ مېنى قورقىتىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; e+ l& i# T+ H; \6 F
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  C2 \1 O8 W0 d! v% d5 }7 P  يېشىل چاچلىق بىلەن دەسلەپكى كۈنى ئىشخانىدىكى ئۇچرىشىشتىن كېيىنلا ئۇنىڭ چىرايىدىن، تۇرقىدىن كۆزۈمنى قاچۇرۇپ يۈرگەن ئىدىم؛ سۆزلەشكەندە داۋاملىق يانغا ياكى يەرگە قاراپ گەپ قىلاتتىم؛ بايىقى يۇمۇرىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئاۋازىدىنمۇ سەسكىنىشكە باشلىدىم. ئۇمۇ ئەلپازىمنى كۆرۈپ دەرھال پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتتى، تاكى پويىز ئىستانسىغا ئاپىرىلىپ قويغانغا قەدەر بويۇن تولغاپ بۇتناپ ئولتۇرۇپ ئارتۇق گەپ قىلمىدى. مۇشۇ پېتى قۇتۇلسام مەيلىتىغۇ دەپ ئويلىۋېدىم، كەچتە يەنە تېلېفون كەلدى ۋە جىددىي پوزىتسىيدە :
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 x8 X* P2 |* Q. x& g/ {* } --- سەن Gayمۇ ، Straightمۇ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' O& O0 J* H/ l4 `8 k ئالدىنقىسىنىڭ مەنىسىنى بىلىمەن، ئۇيغۇرچىدا ھەممىگە مەلۇم ئەرلەرنى تىللايدىغان بىر گەپ؛ ئەمما كېيىنكىسىنى تولۇق بىلىپ كەتمەيمەن.  شۇنداقتىمۇ،  بىرسى چوقۇم يەنە بىرسىنىڭ  زىت مەنىسى دېگەن تەخمىن بىلەن:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 g* k. _( z& y; l--- مەن Straight ‏-‏- دەپ جاۋاپ بەردىم. چۈنكى بۇ سۆزنىڭ تۈز ، ئۇدۇل دېگەندەك لۇغەت مەنىلىرىنىمۇ ھەم بىلەتتىم. ئۇ  'ھە'  دەپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى. بۇ ' ھە'دە ياكى بىر قىزغىنلىق ياكى بىر ئەجەبلىنىش يوق؛ ياكى نېمە ئۈچۈن سورىغىنىغا ئىزاھاتمۇ يوق. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; t7 v! Z7 r6 @+ M) ]5 N, e
جاۋابنى بېرىپ بولۇپ قورسۇقۇم كۆپتى، مۇشۇمۇ سورىلىدىغان سوئالمۇ؟ ئەگەر بىزنىڭ ۋەتەنلەردە بۇ سوئال بىرسىگە سورالسا، قان جىدىلىگە بولمىسىمۇ بىر مەيدان كاناي سىقىشىشقا يېتەرلىك سەۋەپ. بىر تۇرۇپ، بەلكىم بايىقى بۇتناشنىڭ داۋامى-مېنىڭ زىتىمغا تېگىپ- ئاچچىق چىقىرىش دەپ ئويلىدىم؛ يەنە بىر تۇرۇپ، بەلكىم بۇدۆلەتتە نورمالدۇر دېدىم. ئارقىدىن يەنە تۇرۇپلا ئەندىشىگە چۈشتۈم: توختىغىنە straight دېگەن گەپنىڭ كوچا تىلىدا يەنە باشقا مەنىسى بولۇپ قالسىچۇ؟ مەسىلەن  Gayلەرنىڭ ئۆز ئىچىدىكى بىر تۈرى ۋە ياكى جۈپىنىڭ يەنە بىرى دېگەندەك. شۇڭا دەرھاللا  تېلېفون قايتۇردۇم:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 a# A$ @* C5 M8 s/ | --- قارا،  مەن Gayمۇ ئەمەس، Straightمۇ ئەمەس، مەن نورمال.--- ئاۋازىم جىددىي ۋە كەسكىن ئىدى. ئۇ ئۆزىنى تۇتالمىغان ھالدا قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى:بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ z4 r, L; V$ T% Q2 [3 P
--- ھا، ھا،ھا، شۇنداقمۇ؟  سەن ئۇنداقتا ئالامەت ئىكەنسەن ‏--- بۇ مەسخىرە ئىنتوناتسىيەدىن  ئەسلىدە دەسلەپكى جاۋابىمنىڭ خاتا بولمىغانلىقىنى بىلدىم.  مۇشۇ تېلېفوندىن كېيىن ئۇ مەندىن ئۈمىدسىزلەندىمۇ ياكى ئۆي كۆرۈشتىن زېرىكتىمۇ  ۋە ياكى يېقىندا توي قىلىمەن ئۆي ئېلىشىم كېرەك دېگەن پلانى ئۆزگۈرۈپ قالدىمۇ مېنى ئىزدىمىدى.

شۇنداق، بۇ ئىشنىڭ پۇلى لوق بولغىنى بىلەن ئۆزىگە خاس دەردى بار،بەزى خېرىدارغا بىر يىل ئۆي كۆرسەتسەڭ، ئاخىرىدا پېشىنى قېقىپ كېتىپ قالىدۇ؛بەزىسى ئۈسسۈپ كىرگەن تۇنجى ئۆيىگىلا ئاشىق بولۇپ، شۇ ئۆينىڭ ئۆزىدىلا سېتىۋېلىش توختامىغا قول قويىدۇ. بەزىلىرى 30 بەتلىك ئۆي قەرز توختامىنىڭ ئەڭ ئاخرىقى بېتىدىكى ئىمزا دېگەن قىسمىنى ئوقۇپلا ئىمزا قويسا، بەزىلىرى پۈتۈن جەددى-جەمەتىنى يىغىپ  توختامنىڭ ھەر بىر پەش-چېكىتلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ئارقىدىن چوڭ بىرئائىلە يىغىنى ئېچىپ ئاندىن ئىمزا قويىدۇ. مانا مۇشۇنداق تېجىمەل بىر خېرىدارغا ئۆي سېتىپ قايتقان كۈنۈم،  ۋاشىنگىتونننىڭ L كوچا دەپ ئاتىلىدىغان (ۋاشىنگىتوندا كوچىلارنىڭ كۆپىنچىسىگە  ئېلىپ -بە تەرتىۋى بويىچە ھەرپلىك نام بېرىلگەن)ئاۋات بىر كوچىسىدا كېتىۋاتىمەن، ۋاقىت كېچە سائەت 2دىن ئاشقان چاغ، بۇشەھەرنىڭ رېستوران ۋە قاۋاقخانىلىرىدا كېچە سائەت 2دىن كېيىن مۇلازىمەتكە يول قويۇلمىغاچقا، بۇ ئاۋات كوچىمۇ  بۇ چاغدا چۆلدەرەپ قالغان ئىدى. بىر قىزىل چىراقتا توختىغىنىمدا ماشىنامنىڭ  ئوڭ ئىشىك دېرىزىسىگە بىر تاقىر باش، ئاقيۈز يېپىشىپ گەپ قىلدى. ئادەتتە يولدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر ماشىنىنىڭ شوپۇر بايقىمىغان بىرەر قۇسۇرىنى كۆرۈپ قالسا يىراقتىن ئىشارەت قىلىپ ياكى يېقىنلىشىپ بىلدۈرۈپ قويىدىغان بىر ئىش بار. مۇشۇ تۈر بىر خەيرخاھلىق دەپ چۈشۈنۈپ دېرىزىنى چۈشۈردۈم:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ z. Q( O/ c& h" W --- مېنى 6-7 كوچا نېرىغىچە ئالغاچ كەتسىڭىز بوپتىكەن، ئالدىرايتتىم تاكسى كەلمەيۋاتىدۇ...‏-‏-‏- بايا باشنىڭ تاقىرلىقىغا قاراپ دېرىزىگە يېقىنلاشقۇچىنى  بىر ئەر كىشى دەپ ئويلىغان ئىدىم. قۇلاققا ئېسىلغان  يوغان جۇلالىق ھالقا ۋە ئىنچىكە ئاۋازدىن ئۇنىڭ ئايال ئىكەنلىكىنى بىلىپ بىراز تېڭىرقىدىم. ئۇ  بۇ تېڭىرقاشنى ماقۇللۇق دەپ ئويلىدىمۇ ياكى بۇ تېڭىرقاشتىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلاندىمۇ، ئىشىكنى تارتىپلا  ئېچىپ ماشىنامغا شۇڭغىدى ۋە رەخمەت-تازىم ياغدۇرۇپ ئورۇندۇققا جايلاشتى.  مېنىڭ ماشىنىنى قوزغىغاچ ' نەگە ئاپىرىپ قويىمەن'  دەپ سورۇشۇمدىن باشقىغا ھاجەت قالمىدى. ئۇ :بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, B( T5 p! L9 ^1 y' l2 o
--- ۋېرمونت كوچىسىغا --- دېدى. دېيىلگىنى 6-7  كوچا نېرىدا ئەمەس، ئاز دېگەندە 40-50 كوچا نېرىدا ئىدى. بۇ يالغانچىلىققا ئالىيىپ قارىۋېلىشنىمۇ ئويلاشتىم-يۇ، ئەمما بايىقى  ھالىقىلىق تاقىرباشقا تەكرار قارىغۇم كەلمىدى؛ يولۇمنى داۋاملاشتۇردۇم. ۇ بىرقانچە كوچا ئۆتە-ئۆتمەيلا يېنىك بىر خورەكنى باشلىدى.بۇنىڭسىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ماشىنامدا پەيدا بولغان ھاراق پۇرىقى ئۇنىڭ يول ئۈستىدىكى بىر قاۋاقخانىدىن تەستە ۋە مەجبۇرى چىقىرىلغانلىقىدىن بىشارەت بېرەتتى.كۆڭلۈم بىر شۇملۇقنى تۇيغاندەك قىلدى، شۇنىڭدىمۇ نىيىتىمنىڭ دۇرۇستلىقىغا ئىشىنىپ ئۆزۈمنى بەزلىدىم.

  دېيىلگەن يەرگە كەلگەندە، ئۇدۇلۇمغا قاراپ تۇرۇپ، بوشئاۋازدا :
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# ~  [; t1 _/ H--- خانىم كەلدۇق --- دېدىم. ئويغانمىدى، ئاۋازىمنى يەنە سەل كۆتۈرۈپ باقتىم، يەنە ئىنكاس  يوق؛ يانغا تولۇق بىر بۇرۇلۇپ قارىۋېدىم چارىسىزلىقىمنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم. بايا ئۇنىڭ تاقىر بېشىدىن شۈركىنىپ ئۇدۇل قاراپ ئولتۇرىۋالغىنىم ئۈچۈن ،ئۇنىڭ گەۋدە قىسمىغا، بولۇپمۇ كىيىم-كېچىگە  دىققەت قىلالمىغان ئىدىم. چارىسىزلىقىم شۇ:  ئاستا سىلكىپ  ئويغۇتاي دېسەم تۇتىدىغانغا چاچ يوق،چاچ كۆپ بولسا 4ياكى 5 كۈننىڭ ئالدىدا ئۇستىرا بىلەن چۈشۈرۈلگەن ئۆسۈكلۈكتە. دولىسىنى بوش تۈرتەي  دېسەم، دولىسىدا بارى ئىككى تەرەپتە بىر تالدىن ئىككى تاللا يىپ؛ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يىپقا  ئىككى ياكى ئۈچ قوش ئالقانچىلىك رەخت پارچىسىنى بەدەندىن  ئۇچۇرىۋەتمەي تۇتۇپ تۇرۇشتەك  موھىم ۋە مۈشكۈل بىر ۋەزىپە يۈكلەنگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كىچىككىنە  پار-پۇر ۋە غىلدىر-غىلدىر رەخت پارچىلىرى  كېرەكسىز يەرلەرگە ئارتۇقچە يىغىلىپ، زۆرۈرى جايلارنى  يېتىم قالدۇرغان بىر ۋەزىيەتتە. شۇڭا دولىدىكى بۇ يىپنى تارتىشنىڭ نېمە ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىش قىيىن ئەمەس. چاچتىن سىلكىش ۋە يىپتىن تارتىشنىڭ مۈمكىنسىزلىكى ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن نوقۇشنىمۇ ئويلىشىپ باقتىم؛ بۇنداق بىر بەدەنگە  رۇخسەتسىز  تېگىش بىر قارىساڭ ھىچ ئىش ئەمەس، بىرئويلىساڭ ئالەمنى مالەم قىلىش. ھېس قىلىشىمچە ئامېرىكا جىنايى ئىشلار قانۇنلىرىدا چېقىلىش دېگەن ئۇقۇمنىڭ ئالاھىدە بىر سالمىقى بار. شۇڭا تۇتۇش، تارتىش، نوقۇش تەدبىرلىرىدىن ۋاز كېچىپ  ماشىنىنىڭ سىگنالىنى قاتتىق چالدىم، ئاخىر ئۇ ئويغاندى، ئايال ئويغىنىپلا چۆچۈپ توت تەرەپكە قارىدى ۋە ۋارقىراشقا باشلىدى:بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. E# A( v: ?+ A2 n# d* z
--- نە بۇ؟ مېنى نەگە ئەكىلىپ قويدىڭىز؟بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 Q) s, Y& v! p! M  R% S
--- ئۆزىڭىز ۋەرمونت دېدىڭىز، مانا ۋەرمونتقا ئەكەلدىم.....بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* \: ?  |$ R) k2 X
--- ياق، مەن Vermont ئەمەس Vernon دېدىم. ئەمدى قانداق قىلارمەن.....--- ئايالنىڭ ئاۋازى يىغلامسىراپ چىقىشقا باشلىدى‏، دېيىلگەن ھەر ئىككىسى ۋاشىنگىتوندا مەۋجۇت كوچا، بىرسى يېقىن ،بىرسى يىراقراق. خاتا ئاڭلاپ قالغان چېغىم دەپ ئويلاپ ماشىنامنى قايتا ئوت ئالدۇردۇم ۋە رولنى ئارقىغا بۇرىغاچ گەپ قىلدىم:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 H$ R6 G0 J* [; e/ J5 p2 f0 ^7 c: u--- خاتىرجەم بولۇڭ، سىز دېگەن كوچىغا ئاپىرىپ قوياي ئەمىسە؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# Y6 {& N6 e5 x; b8 I7 I  S--- ياق، بۇ سائەتتە ئۆيگە  كىرەلمەيمەن،يولدۇشۇمنىڭ ئاچچىقى بەك يامان،يولدۇشۇم 'بالىلارنى ئويغۇتىۋەتتىڭ ، ئوينىغان يېرىڭدە قونۇپ قالساڭ بولمامتى' دەپ خاپا بولىدۇ، كېتەلمەيمەن...بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 n* Q9 n0 o6 v" z
--- ئەمىسە قانداق قىلىمەن دەڭ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 s, e4 X, H' F$ }4 c ---- ياكى 200 دوللار بېرىپ تۇرۇڭ مېھمانخانىدا ياتاي، ياكى ئۆيىڭىزگەئەكىتىڭ، قونۇپ ئەتە كېلەي.....
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 W" a% ?+ v% r% d, `$ h; d بۇ گەپنى ئاڭلاپ بۇرۇن  ئاشخانىدا ئىشلەپ يۈرگەن مەزگىللىرىمدە بىر ئەرەپ ئىشدىشىمدىن ئاڭلىغان بىر ۋەقە  ئېسىمگە گۈپلا كەلدى. ئۇ  شۇچاغدا  ئۆزىنىڭ ئۇقۇشماستىن بىر ناركومان (چېكەرمەن)قىزنى ماشىنىغا سالغانلىقىنى، دەل ھازىرقىدەك ھېكايە بىلەن ئۆيىگە ئاپارغىنىدا ساقچى چاقىرىمەن دەپ قورقۇتۇپ 500 دوللار يۇلىۋالغىنىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. شۇڭا پوزىتسىيەمنى دەرھال ئۆزگەرتتىم: بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: _1 c7 r6 W+ }2 n
---- قارا، سېنىڭ بۇ ئويۇنۇڭنى بىلىمەن، چۈش ماشىنىدىن ئوشۇق گەپ قىلما...بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  k, e4 w/ A) \
--- مەن ئىككى بالىنىڭ ئانىسى، سەن مېنى دېمەكچىسەن....
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; P) t3 I5 A! q! z0 h مەن ماشىنامنى توختۇتۇپ، ئالدى تەرەپتىن ئايلىنىپ، ماشىنىنىڭ ئايال ئولتۇرغان تەرىپىگە كەلدىم ۋە ئىشىكنى داغدام ئېچىپ  دېدىم:بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 }- X, L0 m' y' j3 S0 Y
---- بوينۇڭدىن تۇتۇپ سىرتقا ئاتايمۇ، ئۆزۈڭ چىرايلىقچە چۈشۈپ كېتەمسەن؟بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) e3 G' }; Y- Y
ئۇ ماشىنىدىن ئۆزى چۈشتى، ئەمما بېلىكىمدىن  تۇتۇپ تۇرۇپ . ماشىنىدىن پەسكە چۈشكىنىدە، كىندىكىنىڭ تۆۋىنىدىكى رەخت- پارچىلىرىنىڭمۇ ئۈستىدىكىسىدىن چوڭ ئەمەسلىكى كۆزۈمدىن قاچمىدى. مۇشۇ كۆرۈنۈشنىڭ ئۆزىلا، يوتقاندىن سۇغۇرۇلۇپ چىققان بىر ئايال بىلەن تارتىشىپ-سۆرۈشىۋاتقان  بىر سەھنە. ئۇ بېلىكىمنى قويىۋېتىدىغاندەك ئەمەس، ئەمما بۇ سەھنىدە ئۇزاق رول ئالغۇم يوق، ئالدىمدىكىسى نېمىلا دېگەن بىلەن كىچىك بىر گەۋدە، نازۇك بىر تەن، زىيادە كۈچ قوللۇنۇشقا رايىم يەنە يول قويمايدۇ.  شۇڭا يانچۇقۇمدا بار 50 دوللارنى چىقىرىپ، بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ t& n+ S1 K( V+ n. p  o' x+ _
----ئەمىسە ئال ما پۇلنى تاكسى بىلەن كەت --- دېدىم.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) {7 C0 _0 G' K! a; \----  بەش كوچا نېرىدا بانكا ماشىنىسى بار، شۇ يەردىن  يەنە 50دوللار  ئېلىپ بەر Motelدە( يول ئۇزۇكچىلىكلىرىدىكى ئەرزانراق مېھمانخانا) ياتىمەن.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% @1 q% F2 _, s4 S" ~' e
    ئۇ شۇنداق دېگىنىچە بېلىكىمنى قويۇپ بەرمەي، ماڭا ئەگىشىپ ماشىنىنىڭ شوپۇر ئىشىكى تەرەپكە يېقىنلاشتى. مەن ئۇنىڭ  قولىنى سىلكىپ چۈشۈرۈپ، دولىسىدىن يىقىلمىغۇدەك دەرىجىدە ئارقىسىغا ئىتتىرىپ، ئۇ ئارقىسىغا سەنتۇرۇلگەن پۇرسەتتە ماشىنامغا شۇڭغۇپ كىرىپ ماينى دەسسىدىم.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 S0 f; i0 a: ]4 P3 M  M+ U/ f  H  ?9 M  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' z" ~5 ^6 s( v4 T% ]% P/ V% {
ماشىنام قوزغۇلا -قوزغالماي 'جاراڭڭىدە' ئاۋاز چىقتى، قارىسام، ماشىنىنىڭ سول ئارقا ئىشىكىنىڭ بۇلۇڭ ئەينىكى چېقىق؛ ئايال قولىدىكى سومكىسى بىلەن ئۇردىمۇ ياكى يەردىن تاش ئېلىپ ئاتتىمۇ ئۇقمۇدۇم، قۇتۇلغۇنۇمغا خوش بولدۇم. خوش بولۇشۇمغا  يەنە شۇ يىللاردا ھېلىقى ئەرەپ ئىشدىشىمدىن ئاڭلىغان مۇنداق بىرھېكايىمۇ سەۋەپ ئىدى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 [! @; x, y" y" j% [1 |
  ئۇ بىر كۈنى يەر ئاستى پويىزدا كېتىۋاتسا، پويىزغا بىر قارا تەنلىك ئايال چىقىپ كەپتۇ. ئايالنىڭ نورمالدىن تاشقىرى ئېگىز بويى ۋە قاملاشقان پىگۇرى پويىزدىكى پۈتۈن يولوچىلار قاتارىدا بۇ ئەرەپنىمۇ مەپتۇن قىپتۇ. يەنە بىر بېكەتتە  ئەرەپنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇقنىڭ بوشىلىشى ئۇنىڭغا  بۇ قاراتەنلىك ئايال بىلەن يان-يانمۇ ئولتۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپتۇ. پويىزنىڭ توختاش-قوزغىلىشلىرىدىكى سىلكىنىشتە قارا تەنلىكنىڭ پاچاق ۋە بىلەكلىرى ئەرەپكە بىرقانچە قېتىم يېنىك سوقۇلغان ۋە قارا تەنلىك لاپپىدە بىرقانچە قېتىم قارىغان بولسىمۇ، ئۇ بۇ گۈزەلگە بۇرۇلۇپ قاراشقا جۈرئەت قىلالماپتۇ؛ ئۇ بۇ  گۈزەلنى پويىز دېرىزىسىنىڭ ئەينىكىدىكى شولىسىدىن كۆزىتىپ مېڭىپتۇ. يەنە بىر بېكەتكە يېقىنلاشقاندا قارا تەنلىك ئورنىدىن ئازراق مىدىرلاش ئارقىلىق يېقىنلىشىۋاتقان بېكەتتە چۈشۈپ قالىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىپتۇ. پويىز توختاپ، ئۇ ئورنىدىن تۇرغاندا ئەرەپنىڭ پۇتىنى چىمدىپ قويۇپ قوپۇپتۇ. بۇنىڭدىن قارا تەنلىكنىڭ بايىقى سوقۇلۇش ۋە بېقىشلىرىدىكى مەنانى ئەمدىلا ئېنىق چۈشەنگەن ئەرەپ، مەنزىلىدىن بۇرۇن ئورنىدىن تۇرۇپ قارا تەنلىككە ئەگىشىپ  پويىزدىن چۈشۈپ قاپتۇ. ئىككىسى ۋوگىزالدا قىسقىچە تونۇشۇپ، گەپنى نەق تېمىدىن باشلاپ سودىدا كېلىشىپتۇ ۋە قاراتەنلىكنىڭ ئۆيىگە قاراپ تاكسى بىلەن يول ئاپتۇ. قارا تەنلىكنىڭ 5 مىنۇتلۇق يول دېگەن تۇرالغۇسىغا 40 مىنۇتتا بارغان بولسىمۇ  قارا تەنلىكنىڭ جىلۋىسى ۋەنازلىرى بىلەن يولنىڭ ئۇزاقلىقى بىلىنمەپتۇ. مەنزىلگە بېرىپ ياتاق ئۆيگە كىرگەندە، دەل مۇشۇنىڭغا  قۇيۇپ-قويغاندەك ئوخشايدىغان كېلىشكەن بىر يىگىتنىڭ رەسىمى  تامدا تۇرغۇدەك؛   ئەرەپ، ' ھە، گۈزەللىك بۇئائىلىنىڭ  گېنلىرىدا باركەندە' دېگەن ھەۋەس بىلەن قارا تەنلىكتىن سوراپتۇ:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% \0 K: V0 v- b* {# {% W  E ---  بۇ ئاكىڭىزمۇ، ئىنىڭىزمۇ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 f5 M9 C- n6 J# x) ~9 o ئۇ  ھىچ پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتمەي جاۋاپ بېرىپتۇ:بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 X( n. g5 k/ e9 z, b4 X" U
--- ئۇ مەن بولىمەن!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 T& h/ b/ [! t! N, E9 o--- نېمە؟ چاخچاق قىلمايۋاتقانسىز؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% g$ J' x, n3 X6 b+ T قارا تەنلىك  ئەرەپكە ھەيران بولغان ھالدا قاراپتۇ ۋە بايان قىپتۇ:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ v& v9 v. ^- y) T ---  ۋوگىزالدا دېدىمغۇ مەن ئۆزۈمنى Shemale دەپ. --- ئەرەپ مۇشۇنداقراق بىر گەپنى ئاڭلىغان بولسىمۇ ئۇ سۆزنىڭ 'ئايالچە قىياپەتتىكى ئەر' دېگەن مەنىسىنى بىلمىگەچكە،سۈرۈشتۈرمەيلا سودىلىشىشقا ئۆتكەن ئىكەن.  (Shemale خەنزۇچىدا 人妖دېيىلىدىكەن). بايىقى 40مىنۇتلۇق 'رومانتىك' سەپەردە قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازىدا بايقالغان بىراز غاراڭ-غۇرۇڭلۇق ۋە پاچاقلىرىدا سېزىلگەن ئانچە-مۇنچە  يىرىكلىكلەر ئەرەپنىڭ دەرھال ئېسىغا كېلىپ تېنى شۈركۈنۈپتۇ ۋە ئورنىدىن چاچراپ قوپۇپ، ئىشىك تەرەپكە مېڭىپتۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 m5 Y# Y6 @8 I4 v; I6 n* D0 ] --- نەگە ماڭىسەن --- دەپ ئالدىنى توسۇپتۇ قارا تەنلىك، ئەرەپنىڭ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! j- o4 ^2 B- E1 h& s, {2 l+ b
--- مەن بىلمەي كېلىپ قاپتىمەن، كېتىمەن.....
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* ~5 W) `/ F3 d9 x--- بۇنداق ئاسان ئىش يوق، بىز سودىلاشتۇق، پېشىڭنى قېقىپلا چىقىپ كېتەلمەيسەن---قارا  تەنلىك قوشۇمىسىنى بىر تۈرۈپ ئاۋازىنى بىر كۆتۈرگەن  ئىكەن،بايىقى نازۇكلۇقىدىن ئەسەر قالماپتۇ.  بايا تاكسىدا  ئۆزىنى مەشھۇر ناخشىچى رىھاننا بىلەن بىللە كېتىۋاتقاندەك ھېسسىياتتا بولغان  ئەرەپ،بىردىنلا  ئۆزىنى  قارا تەنلىك  بوكسورچى مايىك تايسىن بىلەن يالغۇز ئۆيدە گەپ تالشىۋاتقاندەك  ھېس قىپتۇ ۋە دەرھال ئاۋازىنى يۇمشۇتۇپتۇ:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ y6 I, @$ X& H --- بولدى دېيىشكەن پۇلنى بېرەي، مەن كېتىۋالاي ---دەپتۇ-دە، يېنىدىن 150دوللارنى چىقىرىپتۇ. بۇ پۇلنى تەرەددۇتسىز ئالغان قارا پەيلىنى بوشاتماپتۇ:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( c) X) d% k2 v! }. b --- سەن سودىنى بۇزغان تەرەپ، ھەرقانداق سودا بۇزۇلسا سودىنى بۇزغۇچىغا بەلگىلىك جەرىمانە بار،ياق دېسەڭ ساقچى چاقىر.--- بۇ ئۆيدىن  بىر مىنۇت بولسىمۇ بالدۇرراق چىقىپ  كېتىشنى ئويلىغان ئەرەپ  يېنىدىن يەنە يۈز دوللارنى چىقىرىپ:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 t8 h# f! f5 x& O3 R--- بولدى، سەنمۇ مېنى كۆرمىگەن بول، مەنمۇ سېنى؛  بۇ جەرىمانەم بولسۇن،ئەمدى مەن چىقىپ كېتەي.--- دەپتۇ. بۇ پۇلنىمۇ چاققانلا ئالغان قارا يولنى يەنە بوشاتماپتۇ، ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكىنى دۈمبىسى بىلەن توسۇپ تۇرۇپ، تامكىسىنى قاتتىق-قاتتىق شوراپ  گەپ قىپتۇ:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 M9 q" r" {0 U& Z' z --- بۈگۈن سودىنى بۇزدۇڭلا ئەمەس، كەيپىياتىمنىمۇ ئۇچۇردۇڭ، سودىدىن يېنىۋېلىپ مېنى ئۈمىدسىزلەندۈردۈڭ، ئومۇندۇرۇپ قويدۇڭ؛ يولدا كەلگىچە رومانتىك سۆز-ھەركەتلىرىڭ بىلەن  مېنى قوزغاپ قويۇپ، ئەمدى ئۆزۈڭ بوشىۋالدىڭ، تاتلىق خىياللىرىمنى سۇغا چىلاشتۇردۇڭ، مۇشۇنىڭ ئۈچۈن تۆلەم تەلەپ قىلىش ھەققىم يۈزدە-يۈزبار...--- ئويدە داۋاملىق تۇرۇشقا تاقىتى قالمىغان ئەرەپ ئەمدى چېچىلىشقا باشلاپتۇ:بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# i9 ?# X. A1 X  Q
--- دېگىنە زادى نېمە كېرەك ساڭا؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 t2 q( G, M6 I! i" L* K--- مېنىڭچە بولغاندا باشتا نېمە دېيىشكەن بولساق شۇ!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( r3 B( t+ T' ?% a; ^- q  a---بولدى ئۇنۇت ئۇ گەپنى، قانچىلىك پۇل بەرسەم رازى بولسىەن؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  v/ Y+ c& }8 F% s7 ^--- بۇ يەردىكى مەسىلە يالغۇز پۇل مەسىلىسى ئەمەس، ھېسسىيات مەسىلىسى، مەن سەن دېگەندەك 'ئۇنتۇ' دېسە  ئۇنتۇپ كېتىدىغان ئۈجمە كۆڭۇللەردىن ئەمەس؛شۇڭا بايا پويىزدا ماڭا كۆز  قىسقان 10 ئەركەككە قاراپ قويماي، ماڭا تەتۈر قاراپ ئولتۇرۇپ مېنى ئەينەكتىن كۆزەتكەن سېنىڭ پاچىقىڭنى چىمدىدىم.---- قارا تەنلىكنىڭ گەپلىرى راست بولسۇن، ئويۇن بولسۇن، مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدە ئەرەپكە بەرىبىر. شۇڭا ئۇ قۇتۇلۇشنىڭ  ئەڭ ئاخىرقى چارىسىنى بايان قىپتۇ. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 \6 X" [7 {% w
--- يېنىمدا بارىنىڭ ھەممىنى بېرەي --- دەپتۇ ئەرەپ ۋە پورتمىلىنى سۇنۇپ-مانا  30 دوللار قاپتۇ؛ پورتمال بىلەنلا سەندە قالسۇن.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 S. Y4 \& T* O0 X# {7 c
--- ئەمىسە كۆڭلۈمدە شەك قالمىسۇن، ئالدانمىغانلىقىمنى بىلىپ قالاي، يانچۇقلىرىڭنى ئۆزۈم ئاختۇرىمەن.--- ئەرەپ بۇنىڭغىمۇ ياق دىيەلمەپتۇ ۋە ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرۇپ بېرىپتۇ، قارا تەنلىك يېقىنلىشىپ كېلىپ ئەرەپنىڭ يانچۇقلىرىنى،بەللىرىنى، تېقىملىرىنى... پۇل يوشۇرۇلۇش مۇمكىنچىلىكى بار ھەممە يېرىنى ئاختۇرۇپتۇ. بەدىنىگە تېگىۋاتقان ئوتۇندەك-ئوتۇندەك قوللار، يۈزىگە بىر غېرىچ ئارىلىقتا تۇرغان  يوتقاندەك-يوتقاندەك كالپۇك، دىمىقىغا  ئۇرىلىۋاتقان ئاچچىق تەر ۋە تاماكا پۇرىقى ئەرەپنى سەسكىنىش ۋە قورقۇنۇچتىن ئوڭدا چۈشۈرگىنى تاس قاپتۇ. دېيىلگىنىدەك ھېچ ئارتۇق پۇل تاپالمىغان قارا، كەم قالدى دەپ ھېساپلىغان 70دوللار ھېساۋىغا ئۇنىڭ قول تېلېفونىنى ئېلىپ قىلىپ  يولغا سېلىپ قويۇپتۇ،ئۇزۇتشىدا  'كەچۈرىسىز' دەپ ئۈزرە ئېيتىشنىمۇ ئۇنتىماپتۇ. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 {! D4 x( O+ e* Z" Y, A7 M

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% V; T5 k; Q9 B مۇشۇ ھېكايىنى ئەسلەپ، نېمىلا دېگەن بىلەن مەن ئۇندىقىغا يولۇقماپتىمەن ھەم ئەرزان قۇتۇلپتىمەن دەپ 'خۇدايا شۈكرى' دەپ كېتىۋاتاتتىم، لاپ-لاپلا قىلىپ ئارقامدىن بىر سىگنال كەلدى، قارىسام ساقچى ماشىنىسى؛ ' ئاپلا، بايىقى شەيتان  ساقچى چاقىرىپتۇ-دە؟' دېگەن ئوي بىلەن توختىدىم.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. \+ w( T3 d" q% Q: j* P ' راستىنلا شۇنداق دۇرۇست بىر ئايال بولغىيمىدى؟ دۇرۇست بولسا، ئۆيۆڭگە ئەكەت دېيىشى مۇمكىنمۇ ' ساقچى شوپۇرلۇق كېنىشكەم ئارقىلىق ئۈستۈمدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان پۇرسەتتە يۇقارقىلارنى ئويلىدىم.  'دولىسىدىن ئىتتىرتىۋەتكىنىمدىن باشقا بىر گۇناھىم يوققۇ' دېگەن ئويدا تۇرغىنىمدا ساقچى سورىدى:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 f; D$ X( S7 E, f' R7 g6 z  --- نېمە ئىش بولدى؟بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 s" x2 ?, O% _+ a1 w# z0 s9 X
--- مەن 'تاك'  قىلىپ چەكمىدىم ئۇ ئايالنى- دەپ  گەپنى باشلىدىم  ۋە ئىشنى باشتىن ئاخىر سۆزلەپ بەردىم--- ساقچى مېيىقىدا بىرنى كۈلۈۋېتىپ دېدى:بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& Z% Y  S7 {( p& M% U1 \, J" Z* L8 V
--- ئەسلىدە ئۇ جىدەلدىن بىزنىڭ خەۋىرىمىز يوق،  ماشىناڭنىڭ دېرىزىسى سۇنۇق، ئارقىدىكى بىر چاقىنىڭ يېلى يوق،  شۇڭا ئوغرىلانغان ماشىنىمىكىن دەپ توختاتتۇق......
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% U1 c2 a$ ~4 b6 }5 l9 P  دېرىزىنى تاقىرباشنىڭ چاققىنىنى بىلىمەن، ئەمما چاقنىڭ تېشىلگەن ياكى ئېتىلغىنىدىن خەۋىرىم يوق، جىددىيچىلىكتە بايقىمىغان چېغىم؛ ئولتۇرغان ئورنۇمدىن چاق تەرەپكە باش ۋە تۇمشۇقۇمنى سوزۇشقا ئۇرۇنىۋېدىم؛ ساقچى جىددىي ئاگاھلاندۇردى:بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 O0 \6 C# Q: D' D
--- مىدىرىماي تۇر!-- ساقچى ئاۋازىنىڭ سۈرلۈكلىكى داۋام قىلدى--- قانچىلىك ھاراق ئىچتىڭ بۈگۈن؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; u$ [# Z1 Y$ g9 a8 b1 z6 Q--- ئىچمىدىم، خىزمەتتىن كەچ قايتقان.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ F! j4 V$ D: u4 ?; T2 V
--- ئۇ نېمە بوتۇلكا؟--- بايىقى تاقىرباش ئولتۇرغان ئورۇننىڭ پۇت تەرىپىدە، ئاغزى ئوچۇق، كىچىك، ياپىلاق ۋىسكى بۇتۇلكىسى تۇراتتى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 n6 ~2 o8 t, u5 n; l2 i( N6 B  F
--- بايىقى ئايالنىڭ بولۇشى كېرەك، مەنمۇ ئەمدى كۆرىۋاتىمەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) Y6 [$ j$ D& l& g* o--- ماشىناڭدا زاپاس چاق بارمۇ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; J. ~+ S: ?! P- c% j3 p0 `--- بار-- دېدىم ۋە بۇيرۇق بويىچە چاقنى ئالماشتۇرۇشقا  ئۆتتۈم؛ بۇ جەھەتتە بەك تەجرىبەم يوق. قوللۇرۇمنىڭ بەك قولاشمايۋاتقانلىقىدىن ئىچى پۇشتىمۇ ۋە ياكى مېنىڭدەك بىر جىنايەت گۇماندارىغا كۇلۇچ قاتارلىق تۆمۈر ئەسۋابلارنى تۇتقۇزۇشتىن ۋاز كەچتىمۇ، ساقچى قولۇمدىن سايمانلارنى ئالدى ۋە مېنى ساقچى ماشىنىسىغا ئاپىرىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، چاقنى ئۆزى يەڭگۈشلەشكە ئۆتتى. چاقنىڭ ئەتراپىدا گاھ زوڭزىيىپ،گاھ چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇپ دانگىراتنى تەستە ئورۇنلاشتۇرۇپ چاقنى كۆتۈرىۋېدى، چاق ئاجراپ چىقمىدى؛ چۈنكى چاق ئۇزۇندىن بۇيان ئالماشتۇرۇلمىغاچقا، بولتىلىرى داتلىشىپ قېتىۋالغان ئىدى. ساقچى بولتىلارنى يۇمشۇتۇش ئۈچۈن چاقنى تېپىپ باقتى، كالتەك بىلەن گۇپپاڭشىتىپ  ئۇرۇپ باقتى، نەتىجە بولمىدى؛ بولتىلارنى يۇمشىتىش ئۈچۈن بولسا كېرەك، تېلېفوندا بىرسىگە بىر قۇتا ماي بۇيرىدى؛ ئارقىدىن چاقنىڭ يېنىدا قايتىدىن  تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ چاق بىلەن يەنە "چېلىشىش"قا باشلىدى.  ساقچى بۇ جەرياندا خېلىلا تەرلىگەن ۋە چارچىغان ئىدى. 'ياردەملىشەيمۇ؟' دەپ سوراپ باقماقچىمۇ بولدۇم-يۇ، يەنە قوپال رەت قىلىنىشتىن  ئەندىشە قىلىپ سۈكۈت قىلدىم ۋە مۇشۇ سۈكۈت ئىچىدە غەمگە پاتتىم: قارىغاندا تاقىرباش ساقچى چاقىرماپتۇ، ئۇنداقتا ماڭا يەنە گەپ كېلەرمۇ؟ تۇرۇپلا ئۆي شىركىتىگە خىزمەتكە چۈشكەن چېغىمدا قول قويغان خىزمەت توختامنامىسىدىكى ' ئايال خىزمەتداشلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە دىققەت قىلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلار' دېگەن ماددا   ئېسىمگە كەلدى. بۇ ماددىدا ، ئايال خىزمەتداشنى رەت قىلىپ تۇرغان ئەھۋالدا ئۈچىنچى قېتىم يەنە تاماققا دەۋەت قىلىشنىڭ sexual harassment يەنى جىنسىي چېقىلىش سانىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى.  ئاياللارنى كۆزىگە كىرىپرەك تاماققا دەۋەت قىلىشمۇ، ئۇنىڭ ئىرادىسىگە  دەخلى-تەرز قىلىش سانىلىۋاتقان بۇ دۆلەتتە، بىر ئايالنى مەست ھالىتىدە -ئەقلى ۋە ئىراىدىسى ئۆز باشقۇرۇشىدا تولۇق بولمىغان بىر مەزگىلىدە -ماشىنىغا سېلىپ مېڭىش، ئەلۋەتتە مۇنداقلا بىر سەۋەنلىك بولمىسا كېرەك؛ بەلكىم تېخى  ساقچى چاقىرىشنىڭ ئورنىغا دولىسىدىن ئىتتىرگىنىممۇ ھەق-ھوقۇق دائىرەمدىن ھالقىغانلىق....چاق ئالماشتۇرۇلۇپ بولغاندا ماشىنىنى ئۆزۈم ھەيدەرمەنمۇ بۇلار ھەيدەرمۇ؟  ساقچىخانىغا ئاپىرالامەنمۇ،ئۇدۇل قاماقخانىغىمۇ؟ قايسى ئادۇكاتنى، قايسى تىللىق ئادۇكاتنى تۇتسام ئۆزۈمنى ئەڭ ياخشى قوغدىيالىشىم مۇمكىن؟؟؟؟؟  'تام نەمدىن، ئۇيقۇ غەمدىن' دەپ كۆزۈم ئۇيقۇغا كېتىپ قاپتۇ. بىر چاغدا پەس، ئەمما تەمكىن بىر ئاۋازنىڭ تەكرارلىنىۋاتقانلىقىنى تۇيدۇم:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, g/ g! }. A8 F* A! {* ?--- ئەپەندىم، ئەپەندىم، ئەپەندىم....بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 n1 u; T/ Y1 n0 a  J0 v9 H
كۆزۈمنى ئاچتىم، ئىككى نەپەر ساقچى چاقنىڭ ئالماشتۇرۇلۇپ بولۇنغانلىقىنى ئېيتىپ، ماشىنامنىڭ ئاچقۇچىنى قولۇمغا تۇتقۇزدى. مەن ئاچقۇچنى ئېلىپ سورىدىم:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* n6 D/ G' J2 h--- ئۆزۈم ھەيدەمدىمەن؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 x( y- ?" T8 T# o, U--- ئەلۋەتتە.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 E" {6 i* ~, W! r5 [1 P--- سىلەرنىڭ ئارقاڭلاردىن ماڭامدىمەن ياكى ئۆيۈمگە كېتىۋېرىمەنمۇ؟بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* Y# ~* b2 g$ }8 g; f
---- ئۆيۈڭگە كېتىسەن، ئەمما ئېسىڭدە بولسۇن، بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇقساڭ، ساقچىغا تېلېفون قىلىسەن. كوچىدا قالغانلارنى، ئاۋارىچىلىققا يولۇققانلارنى قۇتقۇزۇش ۋەزپىپىسى سېنىڭ ئەمەس، بىزنىڭ؛ شۇڭا بىز  24 سائەت كوچىلارنى كېزىپ يۈرىمىز.--- گەپ تەنە ۋە تەنقىد ئارىلاش بولسىمۇ، ساقچى دېگەنننىڭ ۋەزپىسىنى  ئادەم تۇتۇش، ئادەم سولاش، ئادەم ئۇرۇش دەپلا بىلىپ كەلگەن مەندەك بىر كىشىگە قاتتىق تۇيۇلمىدى، شۇڭا دىققەت بىلەن قۇلاق سالدىم:بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; H7 b8 `6 L1 `; O& z$ y
--- سېنى مۇشۇ تاپتا تۇتۇپ ئاپىرىپ سوراق قىلىشقا يېتەرلىك سەۋەپ بار... --- ئۇ بايا مەن ساقچى ماشنىسىدا ئولتۇرۇپ سانىغان  گۇناھلىرىمنىڭ ھەممىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندىن كېيىن--- راست گەپ قىلغىنىڭ ئۈچۈن، قويۇپ بەردۇق؛ ئەگەر ئەتىگىچە شۇ ئايالنىڭ بىرەر دوختۇرخانىدىن خەۋىرى كېلىپ قالسا سېنى يەنە ئىزدىشىمىز مۇمكىن.--- بۇ سۆزلەردىن كېيىن پۈتۈنلەي خاتىرجەم بولۇپ كەتتىم، چۈنكى بايىدىن بېرى بۇ ساقچىنىڭ مېنى تۇتۇپ ئەكىتىش ئۈچۈن ئەمەس، ئۆيۈمگە يولغا سېلىپ قويۇش ئۈچۈن ماشىنامنى ئوڭشىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەن ئىدىم.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 H4 a8 o& v8 G' |! p! n --- يەنە بىر گەپ--- دېدى ساقچى--- دەم ئېلىشقا ئېتىۋار بەر، بۇ سېنىڭ شەخسىي بىخەتەرلىكىڭ ئۈچۈنلا ئەمەس، جەمئىيەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈنمۇ مۇھىم، چۈنكى قولۇڭدا رول بار. بۈگۈن قاتتىق چارچاپسەن، بايا سېنى ئويغۇتۇش ئۈچۈن، 15 مىنۇت بېشىڭدا قاراپ تۇردۇق.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; ?; V$ e( m  Y0 @4 C3 e2 E ئاخىرقى گەپلەردىن بەكلا  تەسىرلەندىم، چۈنكى ئاباي مەن تاقىرباش ئايالنى ئويغۇتۇشتا بۇنچىلىك سەۋر قىلمىغان ئىدىم.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& f7 r  X+ p" y/ O& D. \& k3 ]   ئۆيگە كېتىپ بېرىپ بىر دوستىمىزنىڭ  ئامېرىكىلىقلار ھەققىدە قىلغان بىر گېپى ئېسىمگە كەلدى. ئۇ ئۆزى بىر قېتىم ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ  جازالانغاندىن كېيىن، شوپۇرلۇق كېنىشكىسى ئەمەلدىن قېلىش، خىزمىتىدىن ھەيدىلىش، ئادۇكات ئىزدەش، شوپۇرلۇق مەكتىۋىگە قايتا بېرىش قاتارلىق بىر قاتار زەنجىرسىمان ئاۋارىچلىقلارغا دۇچ كەلگەندىن كېيىن ھاراق ئىچكىنىگە جاق تويۇپ مۇنداق دېگەن ئىدى: بۇ خەقنى نېمانچە ئاڭلىق، نېمانچە مەدەنىيەتلىك، نېمانچە ئىنتىزامچانكىن دېسەم؛ ئەسلىدە، بىزدىن ئەقىللىق، بىزدىن مەلۇماتلىق بولۇپ كەتكىنى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى  ماڭا ئوخشاش مۇشۇنداق  تۇمشۇقلىرىغا يەپ، بۇرۇنلىرى تۈزلۈنۈپ ئادەم بولغان ياكى ماڭا ئوخشاش تۇمشۇقى  تۈزلەنگەنلەرنى كۆرۈپ ئادەم بولغان خەقكەن-دە؟! بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 ?" `( a9 h# \" ]0 A: D$ M5 Z
مەن بۈگۈنكى ساقچىنىڭ ماشىنامنىڭ چاقى ئەتراپىدا يېتىپ-يۇمىلاپ ماشىنامنى ئوڭشاپ بېرىپ، ئارقىدىن مېنى ئويغۇتۇش ئۈچۈن بېشىمدا 15 مىنۇت قاراپ تۇرغىنىغا ئاساسەن يۇقىرىقى تەسىراتنىڭ مۇنداق بىر  ۋاريانتىنى پىچىرلىدىم:  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! M, I3 X6 _: ^9 `
  بۇ خەق نېمە ئۈچۈن  دۆلەتكە باج تاپشۇرۇشتا بۇنچە ئاكتىپ- سادىقتۇر دېسەم، بۇ خەق ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇشتا نېمانچە ئىتائەتمەندۇر دېسەم،بۇ خەق ئەسكەر-ھەربىي دېسە نېمانچە بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرىدىغاندۇ دېسەم؛ بۇخەقنىڭ  يىقىلسا سۆرەپ-تارتىپ ماڭماي، يۆلەپ  تۇرغۇزۇپ توپىسىنى قېقىپ قويىدىغان كادىرلىرى؛ ئاداشسا، قاراڭغا كامىرغا ھەيدىمەي، قولىدىن تۇتۇپ  يېتىلەپ يولىنى  تېپىپ بېرىدىغان  ساقچىلىرى؛ دۈشمىنىنى چىگرىسىنىڭ ئىچىدىن ئەمەس، تېشىدىن ئىزدەيدىغان، ئوقنى پۇقراغا ئەمەس، دۈشمەن قوشۇنىغا  ئاتىدىغان  ئەسكىرى  باركەن ئەمەسمۇ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  d* t& z/ {7 m% X0 b  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 K4 h! d6 r/ `5 X# r3 } چاتمىنىڭ كېيىنكى قىسمىنىڭ ماۋزۇسى بەلكىم " ئىككى خىل قەھرىمانلىق" بولىدۇ، ۋەقەلىكى بۇلاڭچىنىڭ قولىدىن قورالىنى تارتىۋېلىشىم بىلەن باشلىنىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   AbduraxmanOghli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-4 03:32 PM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 c  s0 Z% F& K! K& c4 Lبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* t8 r1 q9 y* p  _5 j- b' H

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
amalsiz★man + 146 تەپەككۇرى كۈچلۈك
1lik + 126 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 272   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97345
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 559
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 335 سائەت
تىزىم: 2013-8-28
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 02:08:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت جاپا چەكتىڭىز ، بۇ قىسىمدا ئازراق ئىملا خاتالىقى باردەك تۇرىدىغۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98904
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4197
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 530 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 02:10:53 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      بۇ قېتىم خېلى تېزغۇ.  ھارماڭ قېرىندىشىم, بىر ئوقۇپ كۆرەي...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99289
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 65
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2013-11-6
ئاخىرقى: 2014-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 02:12:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاپا چىكىپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99769
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1178
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 510 سائەت
تىزىم: 2013-11-18
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 02:22:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئۇسلۇبىڭىز جايىغا قايتىپ كەپتۇ ئەمدى. (مېنىڭچە)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 v. r6 G5 _# F( M4 L' i% J  |

Don`t talk, just act
Don`t say, just show
Don`t promise, just prove

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99769
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1178
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 510 سائەت
تىزىم: 2013-11-18
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 02:30:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  نېمىشقا ئۇلىمايدىغان خەتلەرنى ئۇلاپ يېزىپ قويىسىز؟

Don`t talk, just act
Don`t say, just show
Don`t promise, just prove

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98904
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4197
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 530 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 02:35:46 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gayur1 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-4 02:10 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% v8 J0 i+ ]1 g0 E0 ?8 A' c+ M" vبۇ قېتىم خېلى تېزغۇ.  ھارماڭ قېرىندىشىم, بىر ئوقۇپ ك ...

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; [: S1 x( A( U# p0 b- r& e" b; b& G4 A     ھەر بىر ۋەقەلىكلەر بىلەن گىرەلەشكەن مەنتىقىلىق پىكىرلىرىڭىزغا ئاپىرىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37241
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2999
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2014-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 04:42:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋلدىم،، ئىشتىن چۈشۈپ كەچتە ئۆيگە بېرىپ ئوقۇي. ياخشى چىققان ئەسەر..

ئىملا دەۋاگەرى!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6644
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1328 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 04:57:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاھھاي ئابدۇلرەھمان ئوغلى، ئادەمنىڭ ھاردۇقىنى چىقاردىڭىز! مىسرانىم مۇنبىرى بۇ ئەسىرىڭىزنىڭ ھەربىر قىسىمىغا 1000 دوللاردىن ھەق بەرسىمۇ ئاز، ناۋادا مەن مۇشۇنداق بىر مۇنبەر خوجايىنى بولغان بولسام ئەسىرىڭىزنىڭ ھەر قىسىمىغا شۇ باھادا ھەق بېرىپ قوياتتىم، بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرىراق ھەق بەرگەن بولاتتىم!

ئادەم ئادەم بىلەن ئادەم،
ئادەمسىز ئادەم پادەم.
ئات ئات بىلەن ئات،
ئاتسىز ئات مات.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101747
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 206
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2014-1-3
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 05:16:05 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇرالنى تارتىۋىپ ئۇنسۇر بوپ قالماڭ يەنە  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' Q. U7 J( D8 @/ ]! ~) o+ y
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. X6 _1 ?7 q7 x9 T; _4 K* ?. ^چوڭ قالپاق جۇما ئۇ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش