|
|
|
|
1. بۇگۇن ئايالىم بىر خەۋەر يەتكۇزدى . ۋاي قاراڭ (تىيەنما )تۇلپار توپ تارقىتىش بازىرىنىڭ ئورنىغا سېلىنغان دوسلۇق سودا سارىيىنىڭ سول قانات ئۇچۇنچى قەۋىتىدە ئوتتۇردىكى 40 دۇكاننى جۇپلەي ئۇيغۇرلار رەسمى بىر چوڭ باللار ئۇيۇن شەھەرچىسى ئېچىپتۇ دەيدۇ ، بېرىپ بالىنى ئايلاندۇرۇپ كەلمەمدۇق .
2. بۇ خەۋەر راستىنلا دىققىتىمنى تارتتى ، شۇنداق قومۇلدىكى مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن سۆيۇنمەي تۇرالمايمىز ، قارىغاندا 40 دۇكاننى جۇپلەپ باللار ئويۇن شەھەرچىسى ئاشقان بولسا ...................بېرىپ كۆرۇپ كىلەيلى ، ئۇيغۇرنى ئۇيغۇر تەبرىكلەيدۇ ، ئۇيغۇرغا ئۇيغۇر ئالدى بىلەن سودا قىلىپ بىرىشى ئەڭ ئەقەللى بىر ئىشقۇ
3. بالىنى ئېلىپ ھايالشىمايلا دوسلۇق سودا سارىيىغا يىتىپ باردۇق . سول قانات ئۇچۇنچى قەۋەتنىمۇ تىنىمەيلا تاپتۇق ،ھەقىقەتەن كەڭ ئىكەن ، تىجارەت يىتەكچىسى مېھراي بىزنى قىزغىن كۇتىۋالدى . ئۆز ئارا تەبرىكلەش تەشەككۇرلەردىن كىيىن مېھراي تونۇشتۇرۇپ بۇ قېتىم بىز ئاچقان بۇ زەنجىرسىمان باللار ئويۇنچۇق شەھەرچىسىنىڭ ئومۇمى كۆلىمى 1300 كۇۋادىرات مىتىر كىلىدۇ . بىر قەدەر مۇكەممەل ھالەتتە ئېچىشقا تىرىشتۇق .بۇ زەنجىرسىمان باللار ئويۇنچۇق شەھەرچىسىنىڭ باش تىجارەت ئورنى كورلىدا بولۇپ ھازىرغىچە پۇتۇن شىنجاڭدا ئۇچ تۆت شەھەردە ئېچىلدى ، ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى بولۇپ ئېچىلغىنى قومۇلدا ئېچىلغىنى بولۇپ قالدى . مەبلەغنى ئۆزىمىز چىقاردۇق ،قۇراشتۇرۇش ۋە لاھىيلەشكە باش شېركەت مەسئول بولدى .
4. باللار شەھەرچىىسنىڭ ئىچى كەڭرى بولۇپ ئادەمگە ئازادىلىك بېغىشلاپ تۇراتتى ، ھەر بىر بۆلۇمچىلەردە ئوخشاش فورما كەيگەن ئىللىق تەبەسسۇملۇق ئۇيغۇر قىز يىگىتلىرى نورمال يۇرۇشتۇرۇش خىزمەتلىرىگە مەسئول ئىكەن .
5.قومۇلدىكى ئوخشاش تۇردىكى باللار ئويۇن شەھەرچىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ، بىرنەنچىدىن ئازادە كەڭتاشا ئىكەن ، ئىككىنەنچىدىن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ تەۋەككۇلچىلىك خاراكتىرگە ماس كىلىدىغان كىىچىك باللارنىڭ بەلدىن باغلاپ قاڭقىپ سەكرەيدىغان ئويۇنلىرىمۇ باركەن ،ئۇچۇنچىدىن يېڭىلىقلار قاتارىدا ئىندوكسىيىلىك ئادەم كۆلەڭگىسى بىلەن باشقۇرۇلدىغان بىر قاتار ئويۇنچۇقلارمۇ كىرگۇزىلىپتۇ ، تۆتىنچىدىن باللار ئۇزاقراق ئويناپ تاماق ۋاقتى بولۇپ قالسا دەپ پولۇ قېتىق قاتارلىق ئۇيغۇر تائاملىرىنى تەمىنلەيدىكەن .بەشىنچىدىن تەبئەتكە يەنە بىر قەدەم يېققىنلىىشىپ قۇم ئويناش مەيدانى ، ھەم ھەققى بېلىق تۇتۇش كۆلچىكى قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن
ئەڭ مۇھىمى ئوبۇرنىمۇ تەل ئىكەن ،
6. بۇنى ئايرىم دىمىسەم كۆڭلۇم ئۇنىمايدۇ ، بۇ باللار شەھەرچىسىدە ھەقسىز ۋايفاي تەمىنلىنىدىكەن ،
7.قەرەللىك ھالدا سەھنە ھازىرلاپ باللار ياقتۇرىدىغان پائاليەتلەرنى ئېلىپ بارىدىكەن . بۇنداق بولغاندا بىر قسىىم كىچىك دوسلارنىڭ خاتىرە كۇنلىىرنى موشۇنداق جايدا ئۆتكۇزسەكمۇ بولغۇدەك دەپ ئويلاپ قالدىم ،
8. يەنە بىر ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئادەتتە قومۇلدا بەزى سودا سارايلىرى ئىچىگە ئېچىلغان باللار شەھەرچىلىرى سودا سارايلىرى خىزمەتتىن چۇشۇش بىلەنلا تاقىلىدۇ ، ئەمما بۇ باللار ئويۇن شەھەرچىسى ھەم سودا سارايدىن كىرگىلى بولدىغان ھەم سودا سارايدىن ئايرىۋېتىلسىمۇ باشقا مەخسوس ئىشىكتىن چىقىپ كىرگىلى بولىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەن ،بۇنداق دىگەنلىك دوسلۇق سودا سارىيى خىزمەتتىن چۇشسىمۇ بۇ باللار ئويۇن شەھەرچىسى يەنىلا ياندىكى قۇرۇق مىۋە توپ بازىرى كوچىسدىكى ئىىشىك بىلەن كىرىپ چىققان خېرىدارلارغا داۋاملىق مۇلازىمەت قىلالايدىكەن ، كەچتە ئۆرۇمچى ۋاقتى يەتتىلەرگىچە ئېچىۋاتىمىز ، گەپ ئارلىقىدا مېھراي خانىم خېرىدارلا بولدىكەن ۋاقىتنى يەنىمۇ تەڭشەش ئىمكانىيىتى بارلىقىنى پۇرۇتۇپ ئۆتتى .
بۇنداق بولغاندا كۇندىزى ئالدىراش بوپ كەتسەكمۇ كەچلىك تاماقلارنى يەپ بىر ئىككى ئۇچ سائەت باللارنى ئوينىتىپ كەلسەك ، باللار ئوينىسا بىز ھەقسىز ۋايفاي بىلەن تورغا چىقىۋەرسەكمۇ بولدىكەن دەپ قالدىم ،
9ئەمدى بۇ باللار ئويۇن شەھەرچىسىدە تەڭگە ، (بەر ) ۋە بېلەتتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئاساسلىق ئويناش شەكلى باركەن ، مېھراي خانىمنىڭ تونۇشتۇرىشچە ئەڭ كۆڭۇلدىكىدەك ئىتبار شەكلى 400 يۇەنلىك ماگنىتلىك كارتا بىجىرسە 300 يۇەننى ھەقىسز قوشۇپ بىرىش .800يۇەنلىك ئىتبار ماگىنىتلىق كارتا بىجىرسە يەنە 800 يۇەننى ھەقسىز قوشۇپ بىرىش ، بۇ پائاليەت موشۇ ئاينىڭ 1-كۇنى باشلىنىپ 14 كۇنى ئاخىرلىشىدۇ ، بۇنىڭدىن باشقىمۇ ھەر خىل ئېتبار تىجارەت شەكىللىرى باركەن .مەن 400 يۇز يۇەنلىك كارتىدىن بىرنى بىجىرىشنى ئويلاشتىم . لېكىن بۇ پائاليەتكە پەقەت 11كۇنلا ۋاقىت قاپتۇ ، كەڭ تورداشلارنى ۋاقىپلاندۇرۇشنى لايىق تاپتىم ،
10. قاتناش ناھايىتى قولايلىق ئىكەن ، ياقا ئولتۇراق رايوندىكىلەر 14- يولغا ئولتۇرۇپ ، توت كوچىدىكىلەر 1-يولغا ئولتۇرۇپ ،باشقىلار 4-يول ، ۋە 2 -يول 12-يوللارغا ئولتۇرۇپ دوسلۇق سودا سارىيى (تىيەنما پىپا )نىڭ ئالدىدا چۇشۇپ قېلىپ دوسلۇق سودا سارىيىنىڭ سول قانات 3-قەۋەت ئوتتۇرغا بارسا يىتىپ بارىدىكەن .
11.بۇ يازغىنىم ئازراق ئېلان تۇسىنى ئېلىپ قالدى ، ئەمما مەن بۇ ئىشتىن تولىمۇ سۆيۇنگەنلىكىم ھەمدە قايىل بولغانلىقىم سەۋەپلىك تىما يېزىشقا كىرىشپ قالدىم ،
12.ئاخىرىدا خوجايىن سودا يىتەكچىسى مېھراي خانىم باللار ئويۇنچۇق شەھەرچىسىنىڭ تۇزۇم ،ۋە باشقا ئاگاھلاندۇرۇش تاختىلىرىنى تىز سۇرئەتتە بىر پۇتۇن ئۇيغۇرچىلاشتۇردىغانلىقنى ئېيتتى ، چۇنكى تۇزۇم تاختىلىرى چوڭ شېركەتتىن ئۇيۇنچۇقلار بىلەن بىللە كەپتۇ ، بالدۇر ئەۋەتىپ بەرگەن بولسا ئۇ ئىشلارمۇ ئاللىبۇرۇن پۇتەتتىكەن
13 . ھە راست موشۇ ئاينىڭ 14كۇنىگىچە مىسرانىم تورىدىن موشۇ خەۋەرنى كۆرۇپ ئوينىغىلى بارغان كىچىك دوسلارمىسرانىم تورىنى تىلغا ئالسا بىر نەچچە ئېتبار بېلەتكە ئېرىشەلەيدىكەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-7 03:12 PM
|
|
|
|
|
|