نالە.تۈركلان
ئۇرۇش ئوتى ئارىسىدا تىرىك يىتىم قېلىۋاتقان نارىسىدە بالىلارغا ئاتالدى.
بىر ئۈمۈد چاقنايدۇ ئۇنىڭ كۈزىدە،
لاغىلداپ ياپراقتەك تۇرسىمۇ تىترەپ.
ئۇ كۈتكەن مۇھاببەت كۈلگەن دۇنيانى،
ۋە لىكىن پاك قەلبى ئىزىلدى ئەجەپ.
قان ئىچرە ئىڭرىشار قېرىنداشلىرى،
يغلايدۇ بىر مەسۈم بۇ ھالنى كۈرۈپ.
گىياھتەك قەلبىگە سانجىلار نەشتەر،
دوستلىرى يۈگۈرۈپ كىلەلمەس كۈلۈپ.
ئادەملەر پارچىسى چېچىلار ھەريان،
ئىس تۈتەك قاپلىغان ئۇنىڭ كۈزىنى.
قارچۇقتا قاتماقتا گويا بىر پىغان،
يۇتماقتا نالە زار ئۇنىڭ سۆزىنى.
ئېتىلار مىلتىقتىن دانە-دانە ئوق،
كۆممەكتە جەسسەتنىڭ ئۈستىنى جەسسەت.
ئۇ ئاشۇ بىچارە مەسۈم تۇرقىدا،
ھىچ ئىشنى چۈشەنمەي چەكمەكتە ھەسرەت.
چاچرىغان ئۇنىڭغا قىزىل تامچە قان،
قاتىدۇ يۈزىدە تارام ۋە تارام.
ۋەھىمە مەجبۇرلار ئۇنى نالىگە،
قۇرقۇنۇچ ئۇنىڭغا بەرمەيدۇ ئارام.
ئۇنىڭ بىر دۇنياسى ئىدى سۆيگۈگە،
لىق تولغان گوياكى گۈزەل بىر بوستان.
ئۇ بىلمەس ئىدى بۇ ئۇرۇش ئوتىنى،
بىلمەيتتى كىم ياخشى ھەم كىملەر يامان.
ئۇنىڭدا بىر نالە چىرقىرار شۇنداق،
ئۇ تېخى ئىدىغۇ بىر مەسۈم بالا.
ماڭاتتى ئىس تۈتەك ئىچرە يالاڭياق،
توۋلايتتى چىرقىراپ:نەدە سەن ئانا.
2014-24-يانۋار ،تۇمشۇق سەپىرىدە يېزىلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-4 11:46 AM