قىز كۈتۈتىدۇ يەنە نىمىنى م.ئا.سەبر زۇلەيخا
يالغۇز جىمجىت كىچىگە جاۋاپسىز قالغان كۆزلىرىدىن تۆكۈلگەن نىدالىق ياشلىرى، كۈتۈشكە تولغان دەققلىرىگە يامغۇرلىرىنى تۆكەتتى. ئۇيقۇدىن بىدار ئويچان كۆزلىرىدىن مىھىر تۆكۈلۈپ، يارغا بولغان سېغىنىشىغا تاتلىق ئارزۇلىرى بىلەن، ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ يالغۇز كېچىنى مۇڭغا باشلايتى. -مانا بۇ، ئەشۇ قەلبى ئەسىرگە تەڭداش مۇھاببەت بىلەن تولغان، تەنھا قىز ئىدى. ئۈزۈلدۈرمەي باغرىغا يېزىۋاتقان سېىغىنىش كۈيلىرى، دىلدا مۆھۈر بولۇپ بېسىلاتتى-مانا بۇ، ئۇ ئىدى. ھايات بەتلىرىدە يېزىلىۋاتقان كۈتۈش سۆزلىرىنى قۇشلار ئېلىپ كېتەتتى، بەلكى بۇ- تەسەللى ئىدى. ھاياتقا تويمايۋاتقان تەنھا قىزنىڭ يۈرىكى تەن قەپەزلىرى ئىچىدە، سۆيگۈ ئۈچۈن سوقۇپ تۇراتتىيۇ، قانمايتى... مانا بۇ يەنىلا ئۇ، ئۇ ئىدى. ۋاپا بېغىغا تېرىغان ئەقىدە گۈللىرىنى پەقەت ۋە پەقەت شۇ سۆيگۈسى ئۈچۈن سۇغۇرۇپ كىلىۋاتقان مەسۇم قىز، تەسەللىلەرگە تولغان قەلبخانىسىنى يالغۇز كىچىدە ئاختۇرۇپ چىقاتتى. ھىجرانلاردا سېغىنىپ كۆيگەن باغرىنى تۇتقىنىچە ئۆكسۈپ يىغلايتى.
ھاياتنىڭ مۇزلىغان، قايناپ تاشقان دەققلىرىدىن ھالقىۋاتقان ياشلىرىنىڭ چاچلىرىغا ھەدىيە قىلغان ئاقلارنى، ئۇ يەنە بەخت دەپ سىلىيالىسۇنمۇ تەغدىر...؟.. خۇددى لاچىن سوققان يىگانە توشقاننىڭ تەنھا ئۇۋىسىدا يىغلاۋاتقان مەسۇمە.. بۇ دۇنياغا پاتمىغان چەكسىزلىكتىكى يىگانىلىقىغا باغرى ئۆرتىنەتتى... - قىز كۈتىدۇ يەنە نىمىنى... ...دىلدا كۆرسەتكەن چىن ۋىسالنى. ئۆزىگە تەۋە بولغان مىھىرلىك ھاياتنى... رەببىگە بولغان ئەقىدىدە تەڭ كۆيۈشنى... ئېتىقاد يوللىرىدا تەڭ ئېچىلىپ جەننەتلەرگە قول تۇتۇشۇپ بىللە بېرىشنى... تاتلىق ئارزۇلىرىدىكى تىلەكلىرى بىلەن بىللە ياشاشنى... پاكلىق تىلەكلىرى، ئارزۇ ئىچىدىكى ئۈمىتلىرىنىڭ باغرىدا ئەللەيلىنىپ -ئۇيقۇغا كەتكەن سەبرلىك، قەلبى مىھىر ھەم ۋاپا بىلەن تولغان قىز... ئاللاھ بەختىڭنى ھىدايەتلىرى بىلەن قوشۇپ زىمىننىڭ باغرىغا زۇلەيخانىڭ مۇھابىتى كەبى قادىسۇن... يىغلىمىغىن... ئاللاھتىن بەختىڭنى تىلىگىن. ھاياتنىڭ ئۈزۈلمەس يوللىرىدا ئازماي پاك ياشىغىن... -باغرىمنى ئەزمە...
2014-يىلى2-ئاينىڭ3-كۈنى قاراماي
|