يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى « بىر قىسىم يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلات بازىرىدىن يىغىدىغان ھەقنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، 11تۈرلۈك يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلار بازىرىدىن ئېلىنىدىغان ھەقنى بىكار قىلدى.
بۇ 11تۈرلۈك ھەق بولسا : تۈرلۈك كىنىشكا ھەققى، ئېلان ھەققى؛ سودا-سانائەت باشقۇرۇش ئورگانلىرى يىغىدىغان يىللىق تەكشۈرۈش ھەققى، يەككە سودا-سانائەتچىلەر رويخەتكە ئېلىپ تىزىملاش ھەققى؛ مەھەللە ئىش باشقارمىسى يىغىدىغان تازىلىق ھەققى؛ سەھىيە باشقۇرۇش نازارەت قىلىش ئورگانلىرى يىغىدىغان يېمەكلىك گىگېنا باھا ھەققى، جامائەت سورۇنلىرىدا تىجارەت باشلاش ۋە يىللىق گىگېنا باھالاش ھەققى، قۇرۇلۇش سۈپىتى سەھىيە قۇرۇلۇش لايىھىلەش تەكشۈرۈش ھەققى، چارۋىچىلىق ئورگانلىرى يىغىدىغان چارۋا –قۇش مەھسۇلاتلىرىنى كارانتىنلاش ھەققى، ئۆلچەم تەكشۈرۈش ھەققى قاتارلىقلار.
«ئۇقتۇرۇش»دا ھەر قايسى جايلار بازار ھەققىنىڭ باھاسىنى ئېنىق يېزىش تۈزۈلمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ، بازار ئاچقۇچىلار چوقۇم ھەق يىغىش تۈرى، ئۆلچىمى، تەننەرخ قۇرۇلما ئەھۋالى شۇنداقلا پاش قىلىش تېلېفونى قاتارلىقلارنى، بازاردا كۆزگە چېلىپ تۇرىدىغان جايلاردا ئاشكارىلىشىنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا يەنە، ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى باھا باشقۇرۇش ئورگانلىرى ئومۇميۈزلۈك شۇر رايوننىڭ يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلات بازىرىدىكى يىغىدىغان ھەق تۈرىنى تازىلاپ، قانۇنغا خىلاپ، مۇۋاپىق بولمىغان ھەق تۈرلىرىنى بىكار قىلىش ئوتتۇرىغا قويغان.
http://www.nur.cn/news/2014/02/154169.shtml نۇر تورىدىن ئېلىندى
1.بۇرۇنلا شۇنداق قىلماي ، بولاپتۇ كىچىكىپ بولسىمۇ بازار ئوڭشىلىشقا قاراپ ماڭامىكىن موشۇنداق بىكار قىلىۋەرسە، ھېلىمۇ دىقاننى چارۋىچىلارنى ساراڭ قىلىپ قوياي دىگەن بۇ قۇمدەك بازار ھەقلىرى
2.بولسا دىقان چاۋىچىلاردىن ئالدىغان بازار بېجىنى بىكار قىلۋەتسە تېخىمۇ ئوبدان بولاتتى ، ئىشقىلىپ مېنىڭ بۇۋاممۇ دىقان ،بۇۋامنىڭ بۇۋىسىمۇ دىقانكەندۇق ، شۇڭا دىخانلار ئۇچۇن گەپ قىلغۇم كەپلا تۇرۇدۇ ، ھى ھى ھى ....................
3. جايلار بازار ھەققىنىڭ باھاسىنى ئېنىق يېزىش تۈزۈلمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ، بازار ئاچقۇچىلار چوقۇم ھەق يىغىش تۈرى، ئۆلچىمى، تەننەرخ قۇرۇلما ئەھۋالى شۇنداقلا پاش قىلىش تېلېفونى قاتارلىقلارنى، ئىنساپ بىلەن ئىش قىلىپ ئۇيغۇرچە يازامىز ھە ماۋۇ دىقان ئاكام چۇشەنسۇندە ما سۆزۇڭلارنى ما ئېلان قىلغاندا ھەيۋەت يازغاندا خەنسوچىلا بوپ قالسا ، ئېي مىڭكوخەن ئەمەس دىخانلارغا ئۇۋال بولتۇ ...............
4.ئەڭ ئاخىرىدا دەيدىغىنىمىز ئەمدى شۇ موشۇ دىيارمىزدىكى بازارلارنى باشقۇرۇدىغان ، دىخان چارۋىچى قېرىنداشلىرمىزغا تەرىنى تۇرىدىغان داخاڭگەي بازار باشقۇرغۇچىلىرى سەل كەمتەررەك بولسا ، قىردىن كەلگەنلەرنى سىلكەپ سېسىق گەپ قىلىپ دىلىغا ئازار بىرىدىغان ئىشلارنى قىلمىسىكەن دەيمىزغۇ ئەمدى