مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 846|ئىنكاس: 9

ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى (4) ‏ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97345
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 667
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 392 سائەت
تىزىم: 2013-8-28
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-2 08:24:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ F9 h# Q$ b2 t' [- _+ h
‏ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﻪﺭ: قىزــ يىگىتلەر بالاغەتكە يېتىپ، كۆڭۈللىرىگە خىياللار كىرىشكە باشلىشى بىلەن تەڭ، ئولارنىڭ زىھنى كېلىچەك تۇرمۇشىدىكى شېرىكى ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلايدۇ.كىشىلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلگەن ۋە تەربىيە ئالغان مۇھىتلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغىنىغا قاراپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش قۇرۇش ئۈچۈن جور تاللاشتىكى قىزىقىشلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلەر ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان جورىسىنىڭ شەكلى گۆزەللىكىنى كۆزدە تۇتسا، بەزىلەر ئۇنىڭ بايلىقىنى ياكى جەمئىيىەتتىكى ئورنىنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى قانداقلا بىر جەمئىيەتتە بولمىسۇن، تۇرمۇش قۇرغۇچىلاردا ئومۇمەن كۆزدە تۇتىلىدىغان ئاساسلىق سۈپەتلەر. لېكىن يۇقىرىقى سۈپەتلەر ئىچىدە ھەممىدىن ئېسىل ۋە ئەڭ مەڭگۈلۈك ئۆزگەرمەيدىغان سۈپەت قايسى دېگەندە، ئۇ دىيانەتتۇر. تۇرمۇش قۇرغۇچىنىڭ جورىسىدىن ئىزدەيدىغان ئەڭ ئاۋۋالقى نەرسىسى دىيانەت بۇلىشى لازىم. ئەر ـ خوتۇنلۇق ھاياتى كۆپلىگەن مەسئۇلىيەت ۋە مۇشەققەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھايات بولۇپ، شارائىتلارنىڭ تەسىرى بىلەن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئەرـ خوتۇنلۇق ھاياتىنىڭ ئاساسى ئەگەر پۇل ـ مالنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولسا، يەنى ئۇلار بىرـ بىرىنىڭ مال دۇنياسىنى كۆزلەپ ئۆيلەنگەن بولسا، پۇل ـ مال دېگەن بىرخىل تۇرمايدۇ. جاھان ئۆزگىرىپ تۇرغاچقا، تۈنۈگۈنكى باينىڭ بۈگۈن گاداي بولۇپ قېلىشى تەبئىي ئەھۋال. مال ـ دۇنيا قولدىن كەتكەن ۋاقىتتا، بۇ تۇرمۇشنىڭ ئاساسىي يېقىلغان بۇلىدۇ. چۈنكى بۇنداق تۇرمۇش مال ـ دۇنيانى كۆزلەپ، بايلىقنى ئاساس قىلغان ھالدا قۇرۇلغان بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا نېمە بولماقچى ؟ ئەگەر بۇ تۇرمۇش گۈزەللىك ياكى مەنسەبنى ئاساس قىلغان ھالدا قورۇلغان بولسا، گۈزەللىك ھەمىشە بىر خىل تۇرمايدۇ. ئۇ، يىللار بىلەن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. مەنسەب دېگەنمۇ بۈگۈن بار، ئەتە يوق بولۇپ تۇرىدۇ. ئەر ـ ئاياللىق ھاياتى ئۆز ئاساسىنى يوقاتقاندىن كېيىن نېمە بولماقچى؟ شۈبھىسىزكى: بونداق شارائىتتا، ئەر ـ ئايال ئوتتۇرىسىدا چوقۇم جېدەل ـ ماجىرا چىقىدۇ، نەتىجىدە، ئۇلار ئاجىرىشىدۇ ياكى بەخىتسىز ھالدا ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ. چۈنكى بۇ تۇرمۇش ئۆزگەرمەيدىغان سابىت نەرسە ئۈستىگە قۇرۇلماستىن، بەلكى ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان شەخسىي مەنپەئەتلەرنى ئاساس قىلغان تۇرمۇشتۇر. ئەرـ خوتۇنلۇق ھاياتى ئەگەر دىيانەتنى ئاساس قىلىپ دىننىڭ ئۈستىگە قۇرۇلىدىكەن، دىن ـ مۇسۇلمان كىشىنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ سابىت ۋە ئەڭ كۈچلۈك نەرسىدۇر. شۇڭا مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى بارلىق نەرسىسى يوقالغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ دىنى قەتئىي يوقالمايدۇ، ئۇ مەڭگۇ قالىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ قەلبىدىكىلىرىگە ئۆزىدىن باشقىسى ئىگە بولالمايدۇ. مەلۇمكى، مۇسۇلمان كىشى مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن، ئۇ باياشاتلىق، ياخشى كۈنلەردە ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىدۇ. قاتتىقچىلىق ۋە ئېغىر كۈنلەردە ئاللاھ تائالاغا سەۋىر قىلىدۇ. رىئاللىققا ئىمانى ۋە سەۋىرچانلىقى بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ئامەت كەلگەندە بىر ـ بىرىگە ھاكاۋۇرلۇق قىلمايدۇ، زىيان تارتقاندا بىرـ بىرىگە تاپا ـ تەنە قىلمايدۇ. دىيانەتنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان ئائىلىدىكى ئەر ـ ئايال مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. ئۇلار رىئاللىققا قانائەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىدىكى قارشى تەرەپنىڭ ھەق ـ ھوقۇقلىرىنى تونۇيدۇ ۋە يولىدا ئادا قىلىدۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 B. g. z: W& r
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- A  Z. P4 {' z* o
ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻗﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﻮﺭ ﺗﺎﻟﻠﯩﺸﻰ: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”(ئى مۇسۇلمانلار) مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئىېيتمىغىچە، ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. (ھۆر) مۇشرىك ئايال (ھۆسنى ـ جامالى ۋە مېلى بىلەن) سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ، مۆمىن دىدەك ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر. مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېتمىغىچە، مۆمىن ئاياللارنى ئۇلارغا ياتلىق قىلماڭلار. ھۆر مۇشرىك ئەرلەر سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ، مۆمىن قۇل ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر. ئەنە شۇلار (يەنى مۇشرىك ئەر ۋە ئاياللار) سىلەرنى دوزاخقا چاقىرىدۇ. ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە سىلەرنى جەننەتكە ۋە مەغپىرەتكە چاقىرىدۇ. (بەقەرە سۈرىسى 221 ـ ئايەت) ئىسلام دىنى نەزەرىدە، ئايال كىشىلەر سۇپەتلىنىدىغان ۋە زىننەتلىنىدىغان ئەڭ ئېسىل ۋە گۈزەل سۈپەتلەرنى ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا قىلغان خىتابىدا مۇنداق بايان قىلىپ كۆرسىتىدۇ: ”ئەگەر ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) سىلەرنى قويۇۋەتسە پەرۋەردىگارى (ئۇنىڭغا) سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا، سىلەردىن ياخشى(ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ) ئەمرىگە بويسۇنغۇچى، (ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە) ئىمان ئېيتقۇچى، ئىتائەت قىلغۇچى، گۇناھلاردىن تەۋبە قىلغۇچى، ئىبادەت قىلغۇچى، روزا تۇتقۇچى چوكانلارنى ۋە قىزلارنى بېرىشى مۇمكىن.“ (تەھرىم سۈرىسى 5 ـ ئايەت)بۇ ئايەت، خاتىرجەم، بەرىكەتلىك ۋە ئېسىل بىر ئائىلىنى تەسىس قىلىشتا ئايال كىشىدىن تەلەپ قىلىنىدىغان بارلىق ئېسىل پەزىلەت ۋە گۈزەل سۇپەتلەرنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; [; Q, r4 ^2 L+ Jبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! L# u  u+ w! [( F. w* U# |9 J
‏‏ﻳﻮﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ:: 1 ـ ”بويسۇنغۇچى“ دېگەن سۈپەت بايان قىلىنغان، چۈنكى ئاللاھ تائالاغا ۋە پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە بويسۇنىدىغان ئايال ئېرىنىڭ خاھىشىغىمۇ چۇقۇم بويسۇنىدۇ ۋە ئۈستىدىكى ئۇنىڭ ھوقۇقىنى تونۇيدۇ. 2 ـ ”ئىمان ئېيتقۇچى“ دېگەن سۈپەت بولۇپ، ئاللاھ تائالاغا ئىمانى بار ئايال كىشى ھەر قانداق ياخشى ئىشنى رىياسىز ھالدا، ئىخلاس بىلەن قىلىدۇ. ئالدامچىلىق ۋە يالغانچىلىقلاردىن يىراق بولىدۇ. ئېرى ئۇنىڭ يېنىدا بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئېرىگە ھەمىشە ۋاپا قىلىدۇ. 3 ـ ”تەۋبە قىلغۇچى “دېگەن سۈپەت بولۇپ، بۇرۇن قىلغان خاتالىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىشنى بىلىدىغان ئايال كىشى ئەلۋەتتە، ئۆزىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك توغرا ئىشلىرىنى بىلىدۇ. ئېرىنى ۋە پەرزەنتلىرنى بەختلىك قىلىشنى بىلىدۇ. ئېرىنى ۋە پەرزەنتىلىرىنى بەختلىك قىلىش ئۈچۈن توغرا ئىش قىلىشقا تىرىشىدۇ. 4 ـ ”ئىبادەت قىلغۇچى“ دېگەن سۈپەت بولۇپ، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىدىغان ئايال كىشى ئەلۋەتتە، ئېرىنىڭ ھۆرمىتىنى ۋە ھەققىنى تونۇپ، قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى جايىدا ئورۇنلايدۇ. چۈنكى ئايال كىشىنىڭ ئېرىنى ھۆرمەتلىشنىڭ ئۆزى ئىبادەتتۇر.  5 ـ ”روزا تۇتقۇچى“ دېگەن سۈپەت بولۇپ، روزا تۇتۇش بىلەن بولسۇن، مەيلى باشقا نەپلى (ئىختىياري) ئىبادەتلەر بىلەن بولسۇن، ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشنى خالىغان ئايال كىشى ھەر ھالدا ئېرىنىمۇ رازى قىلىشقا تىرىشىدۇ. چۈنكى ئېرىنىڭ رازىلىقى ئايالىنىڭ ئاللاھقا تېخىمۇ يېقىنلىشىشىغا ۋاسىتە بولىدۇ.يۇقىرىقى سۇپەتلەر ئىسلام نەزەرىدىكى ئەڭ ئۆلگىلىك ئايال كىشىنىڭ مىسالىدۇر. ئۆلگىلىك ئايال ـ ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرـ پەرمانلىرىغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن قورقىدىغان، گۈزەل ئەخلاق ۋە ئېسىل پەزىلەتلەر بىلەن زىننەتلەنگەن ئايال دېمەكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە مۇنداق دىگەن: ”دۇنيا مەنپەئەتتۇر، دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى مەنپەئەتى ئۆلگىلىك ئايال كىشىدۇر.“ (مۇسلىم رىۋايىتى)پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇرمۇش قۇرغۇچىنىڭ ئۆز جورىسىنى قانداق تاللىشى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: ”كىشىلەر ئايال كىشىلەرنى تۆت نەرسىگە قاراپ تاللايدۇ، ئۇنىڭ بايلىقىغا، چىرايىغا، نەسىبىگە ۋە ئۇنىڭ دىيانىتىگە. سەن ئەڭ ئاۋۋال دىيانەتلىك بولغىنىنى تاللىغىن، ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭ چوقۇم زىيان تارتىسەن.“ (بۇخارىي رىۋايىتى)پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇھەدىستە، كىشىلەرنىڭ بىرگە تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان ئاياللاردىن تەلەپ قىلىشىدا ئومۇم بولغان تۆت خىل سۈپەتنى بايان قىلىپ، ئاخىرىدا، دىيانەتنى ئاۋۋال تاللاڭ، ئۇنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇشنىڭ لازىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. بەزى كىشىلەر چورىسى بولىدىغان ئايالنىڭ دىيانىتى ۋە ئەخلاقىدىن قەتئىينەزەر ھالدا، دۇنيانىڭ قاتتىقچىلىقلىرىغا تاقابىل كېلىشتە ياردەمچى بولۇپ قالار دېگەن مەقسەت بىلەن ئۇنىڭ بايلىقىنىلا كۆزلەپ ئۇنى تاللايدۇ. بەزى كىشىلەر ئايال كىشىنىڭ مەنسىبى ۋە جەمئىيىەتتىكى ئورنىنى كۆزلەپ ئۇنىڭ دىيانىتىدىن ۋە ئەخلاقىدىن قەتئىينەزەر ھالدا، ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرىدۇ. بەزى كىشىلەر ئەڭ ئاۋۋال، ئايال كىشىنىڭ دىيانىتىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۇنى تاللايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋسىيەسى مانا مۇشۇ. ”دىيانەتلىك“ دېگەن سۈپەت يۇقىرىقى ئۈچ سۈپەت بىلەن بىرگە تېپىلسا تېخىمۇ ياخشى بولغىنى، ئەگەر باشقىسى بولمىسىمۇ، دىيانەت ئۆزى يالغۇزلا يوقىرىقى سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ، ئەلۋەتتە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى ئايال كىشىنىڭ دىيانىتىدىن خەۋەرسىز ھالدا، ئۇنىڭ ئىقتىسادىغا ياكى گۈزەللىكىگە ياكى نەسىبىگە ياكى جەمئىيەتتىكى ئابرويىغا بېرىلىپلا، ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشنىڭ پالاكىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ”كىمكى ئايال كىشىنى ئۇنىڭ ئابرويىنى كۆزلەپ تاللايدىكەن، ئۇ خورلۇقتىن باشقا نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. كىمكى ئۇنى، ئۇنىڭ ئىقتىسادىنى كۆزلەپ تاللايدىكەن، ئۇ پېقىرلىقتىن باشقىسىغا ئېرىشەلمەيدۇ. كىمكى ئۇنىڭ نەسبىنى كۆزلەپ تاللايدىكەن، ئۇ پەقەت رەزىللىكتىن باشقىسىغا ئېرىشەلمەيدۇ. كىمكى ئايال كىشىنى، كۆزىنى نامەھرەمگە تىكىلىپ قاراشتىن، ئەۋرىتىنى ھارامدىن ساقلاشنى مەقسەت قىلغان ھالدا، ئۇنىڭ دىيانىتىنى دەپ ئالىدىكەن، ئاللاھ ھەر ئىككىسىگە بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ.“ (تەبەرانىي رىۋايىتى)يەنەبىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: ”ئايال كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ چىرايىنىلا كۆزلەپ ئالماڭلار. ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى، ئۇلارنىڭ سىلەرنى كۆزىگە ئىلماسلىقىغا سەۋەب بولىشى مۇمكىن. ئۇلارنى، ئۇلارنىڭ بايلىقىنى كۆزلەپ ئالماڭلار، بايلىقى ئۇلارنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. لېكىن ئۇلارنى دىيانىتىنى كۆزلەپ ئېلىڭلار. دىيانەتلىك بولغان، قارا تەنلىك دىدەك، دىيانىتى بولمىغان ھۆر گۈزەلدىن ئەلۋەتتە ئەۋزەلدۇر“. (ئىبىن ماجە رىۋايىتى)ئىسلام دىنى كىشىلەرنى ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىدىن، بايلىقىدىن ۋە ئابرويىدىن پايدىلنىشىدىن توسمايدۇ. بەلكى ئۇلارنى بەزى ئاياللاردىكى ئاقىۋەتسىز، ۋاقىتلىق گۈزەللىككە، مال ـ دۇنياغا ۋە ئابرۇيغا قىزىقىپ كېتىپ، ئۇلارنىڭ دىيانىتىنىڭ قانداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇلار بىلەن تۇرمۇش قۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنى ۋاقىتلىق مەنپەئەتلەرنىڭ ئەسىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقى، بەلكى ئەڭ ئاساسلىق ھەم مەڭگۇلۇك بولغان دىيانەتنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، ئۆزلىرىنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشىنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئايال كىشىنىڭ ئىقتىسادىنى ياكى گۈزەللىكىنى ياكى جەمئىيەتتىكى ئابرۇيىنىلا كۆزلەپ، ئۇنىڭ دىيانىتىنىڭ قانداق بۇلۇشىغا قارىماستىن، قۇرۇلغان تۇرمۇش كىشىنى داۋامسىز، ۋاقىتلىق نەرسىلەرگە قۇل قىلغان بولىدۇ. بۇنداق كىشى ئۆزىنىڭ سائادىتىنى ۋە خاتىرجەملىكىنى ۋاقىتلىق لەززەتلەر ئارىسىدا ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ھاۋايى ـ ھەۋەسلەرنىڭ سىرتمىسىغا ئاسقان بولىدۇ. تۇرمۇشتا ئۇ ھەرگىزمۇ خاتىرجەملىك ھېس قىلالمايدۇ. چۈنكى، دىيانەتسىز گۈزەل ئايال مەغرۇر ۋە ھاكاۋۇر كېلىدۇ. دىيانەتسىز باي ئايال ھەددىنى بىلمەيدىغان، چوڭچى كېلىدۇ. دىيانەتسىز ئالىي نەسەبلىك ۋە ئابرۇيلۇق ئايال مۇتەكەببىر كېلىدۇ. ئەمما دىيانەتلىك ئايال كىشى كەمتەر، ئىتائەتچان، ئېسىل، ئەخلاقلىق، سەۋىر ــ تاقەتلىك كېلىدۇ. ئەگەر ئۇ، گۈزەل جامالغا، بايلىققا، ئابرويغا ئىگە ئايال بولغان تەقدىردىمۇ، ئۆزى دىيانەتلىك بولغاچقا، ئۆز ھەددىنى بىلىدىغان، ھەمىشە بىر خىل تۇرىدىغان، ئېسىل، پەزىلەتلىك كېلىدۇ. شۇڭا دىيانەت يۇقىرىقى ئۈچ خىل سۈپەتنى بېسىپ چۈشىدۇ.  11ـ ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر دانىشمەن ۋە ئۇلۇغ پەيلاسوپ يۇسۇپ خاس ھاجىپ دۇنياغا داڭلىق ئەسىرى ”قۇتادغۇ بىلىك“ تە مۇنداق دەپ يازغانىكەن: دېسە كىم ئۆيلىنەي، ئەي ئەرلەر بېشى،ئالار شۇ تۆت خىلدىن بىرىنى ئۇ كىشى،بىرى باي خوتۇننى ئالماق ئىستەر،ئۇ بىرسى چىرايلىق ئۈچۈن كۆز تىكەر،يەنە بىرسى ئېسىل نەسەبلىك تىلەر،ئۇلۇغلۇق ئېتىغا قۇۋانىپ يۇرەر.بىرسى ئىستەر نەپىس تەقۋادارنى، ئۇنى تاپسا باغلار ئاڭا كارىنى، بۇلارنىڭ ئوبدىنىنى ئېيتاي مەن ساڭا،ئالۇر بولساڭ قۇلاق سال ماڭا،ئايا باي خوتۇنغا ئىنتىلگۇچى جان، ئەسىر بولما ئاڭا ئى ئالىم ئىنسان، گۈزەلنى تىلەگەن ئى ئەر ياخشىسى،ئۇنى ئالساڭ ياغار ئەلنىڭ كۇلكىسى.ئەي ئەسلى بۇيۇككە ئىنتىلگۇچى سەن،ئۆمرۇڭنى خار ئەتمە بۇنىڭ بىلەن.ئېرىغ تەقۋا بولسا ئۇ، ئېسىل بولۇر،قالغان ئۈچ نەرسىمۇ ئۇندا تېپىلۇر. ھېكىم سەن بىر تەقۋا خوتۇن ئىستىگىل،ئۇ بولسا، بولۇر بۇ تۆت شەرتمۇ بىل.يۇسۇپ خاس ھاجىپمۇ يۇقىرىقى بېيىتلىرىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ توغرىدا ئېيتقان ھەدىسلىرىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ بۇ توغرىدىكى پرىنسىپى كۈندىن كۈنگە ئىنسانلارنىڭ نەزەرىدە ھەقىقەتكە ئايلانماقتا. جەمئىيىتىمىز ۋە پۈتۈن ئىنسانلار جەمىيىتىدە تەكرارلىنىپ كەلگەن تەجرىبىلەرمۇ، بۇ پرىنسىپنىڭ ئىنتايىن توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كەلمەكتە. ئىسلام نەزەرىدىكى ئۆلگىلىك ئايالنىڭ سۈرىتىنى تۆۋەندىكى ھەدىستا كۆرىمىز: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قانداق ئايال كىشى ئەڭ ئۆلگىلىك ياخشى ئايال كىشى سانىلىدۇ؟ دېگەن سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: ” ئېرى ئۇنىڭ چىرايىغا قارىسا ئۇنى مەمنۇن قىلالايدىغان، ئۇنى بىرەر ئىشقا بۇيرىسا ئورۇنلايدىغان، ئۆزى ياقتۇرمايدىغان ئىشتىمۇ ئېرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلغانلىقتىن ئۇنىڭ بىلەن قارشىلاشمايدىغان، ئېرىنىڭ ئامانىتىنى ھەر ھالەتتە ساقلىيالايدىغان ئايال، ئەڭ ئۆلگىلىك ياخشى ئايالدۇر.“ (نەسائىي رىۋايىتى)ئىمۆم غازالى ”دىنىي ئىلىملەرنى راۋاجلاندۇرۇش“ ناملىق ئەسىرىدە، ئەسما ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ، قىزىنىڭ توي كۈنىدە ئۇنىڭغا قىلغان نەسىھەتلىرىنى بايان قىلىدۇ. ئەسما قىزىغا مۇنداق دېگەن: ”ئەي قىزىم! سەن ئۆسۈپ يېتىلگەن ئۇۋاڭدىن ئايرىلىپ، ساڭا تونۇشلۇق بولمىغان ئۆيگە ۋە سەن بىرگە بولۇپ كۆرمىگەن دوستنىڭ يېنىغا كېتىپ بارىسەن! سەن ئۇنىڭغا زېمىن بولساڭ، ئۇ ساڭا ئاسمان بولىدۇ. سەن ئۇنىڭغا بىسات بولساڭ، ئۇ ساڭا تۇۋرۇك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆپ نەرسە سورىما، ئۇ سەندىن زىرىكىپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن ئۇزاقلاشما، ئۇ سېنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ. ئەگەر ئۇ ساڭا يېقىنلاشسا، سەنمۇ ئۇنىڭغا يېقىنلاشقىن. ئەگەر ئۇ سەندىن ئۇزاقلاشسا، سەنمۇ ئۇنىڭدىن ئوزاقلاشقىن. ئۇنىڭ نومۇسىنى ۋە ئىپپىتىنى ساقلىغىن. ئۇ سەندىن پەقەت خوشپۇراقنىلا پۇرسۇن. ئۇ سەندىن پەقەت گۈزەل سۆزنىلا ئاڭلىسۇن. ئۇ سەندىن پەقەت گۈزەللىكنىلا كۆرسۇن.“ (”دىنىي ئىلىملەرنى راۋاجلاندۇرۇش“ 4 ـ جىلد 163 ـ بەت)بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 Y* `! \( }8 D& }" V7 q& `6 ~$ U

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 }9 ^( h4 ^  U' ]$ Q( H" Gﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻗﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﻮﺭ ﺗﺎﻟﻠﯩﺸﻰ: ئىسلام نەزەرىدىكى ياخشى ئەر كىشى ـ ئۇنىڭدا پۈتۈن ئىنسانلىق پەزىلەتلەر ۋە ئەرلىك خىسلەتلەر مۇجەسسەملەنگەن، ھاياتلىققا توغرا مۇئامىلە قىلىدىغان، دىيانەتلىك، راستچىل ئەركىشىدۇر. ئەر كىشى قانچىلىك باي بولۇپ كەتسۇن ياكى چوڭ مەنسەبلىك بولسۇن، دىيانەتتىن ۋە گۈزەل ئەخلاقلاردىن خالىي بولىدىكەن، ئۇ، ئىسلام نەزەرىدىكى ياخشى ئەر كىشى سانالمايدۇ. ئۆيلەنمەكچى بولغان قىز ــ چوكانلار ئەگەر تۇرمۇشتا بەختلىك بۇلاي دئسە، ئەڭ ئاۋۋال ئىسلام نەزەرىدىكى ياخشى ئەرنى تاللىشى، شۇنىڭدەك دىيانەتسىز ئەرلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە، مال دۇنياسىغا، يۈزـ ئابرۇيىغا، ئالىي مەنسىبىگە ئالدىنىپ كەتمەسلىكى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلام نەزەرىدىكى ياخشى ئەرنىڭ خىسلەتلىرىنى ئىخچاملىغان ۋە ئۇنى دىن بىلەن ئېسىل ئەخلاقتىن ئىبارەت ئىككى نەرسىگە مەركەزلەشتۇرگەن ھالدا مۇنداق دەيدۇ: ”دىنى بىلەن ئەخلاقى سىلەرنى رازى قىلىدىغان، قانداقلا بىر كىشى سىلەردىن قىز سوراپ كەلسە، ئۇلارنى تىز ئۆيلەندۇرۇڭلار! ئەگەر ئۇنداق قىلمىغاندا، يەر يۈزىدە چوڭ بۇزۇقچىلىقنى تېرىغان بولىسىلەر“، ساھابىلار ــ يا رەسۇلۇللاھ! ئەگەر ئۇنىڭدا (يەنى پېقىرلىك ياكى تېگى پەسلىك) بولسىچۇ ؟ ـ دېيىشكەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ”دىنى ۋە ئەخلاقى سىلەرنى رازى قىلىدىغان، قانداقلا بىركىشى سىلەردىن قىز سوراپ كەلسە، ئۇلارنى تىز ئۆيلەندۇرۇڭلار“ دېگەن ئىبارىنى ئۈچ قېتىم تەكرارلايدۇ. (تىرمىزىي رىۋايىتى)پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زەينەپ رەزىيەللاھۇ ئەنھانى زەيد ئىبنى ھارىسەگە ياتلىق قىلماقچى بولغاندا، زەينەپ ئېسىل نەسەبلىك بولغىنىنىڭ ئۈستىگە، گۈزەل جامالغا ئىگە ئايال بولغاچقا، زەينەپ ۋە ئۇنىڭ تۇغقانلىرى زەيدنى ياقتۇرمىغان پۇزۇتسىيىدە بولىدۇ. شۇۋاقىتتا، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن مۇنۇ ئايەت چۈشىدۇ: ”ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغاندا، ئەر ـ ئايال مۆمىنلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ (يەنى ھېچ ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشىغا بولمايدۇ) كىمكى ئاللاھغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىدىكەن، ھەقىقەتەن ئۇ ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ.“ (ئەھزاپ سۈرىسى 36 ـ ئايەت) مانا بۇ ئىسلام دىنىنىڭ، ئىنسانلارنىڭ ئۆزئارا بىر ـ بىرىدىن ئارتۇق بولۇشىنىڭ مىقياسى تەقۋالىق ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى پرىنسىپىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنى ئەمەلىيەتتە تەتبىق قىلغانلىقنىڭ بىر نەمۇنىسىدۇر. ئىسلام دىنى كىشىلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئارتۇقچىلىقنىڭ مىقياسىنى ۋىجداننى ئىدارە قىلىدىغان، ھاياتلىققا سادىق نەزەر بىلەن قاراپ، ئۇنىڭغا توغرا موئامىلە قىلىدىغان، ئېسىل پرىنسىپلارغا باغلىق قىلدى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”ئى ئىنسانلار بىز ھەقىقەتەن سىلەرنى بىر ئەر بىلەن بىر ئايالدىن (يەنى ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا ـ ئانىدىن ياراتتۇق. ئۆز ئارا تۇنۇشۇشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق. ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر ـ بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەپ بىلەن ئەمەس، بەلكى تەقۋالىق بىلەن بولىدۇ) ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۇچىدۇر. ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.“ (ھوجۇرات سۈرىسى 13 ـ ئايەت) چۈنكى، دىيانەتلىك كىشى ئۈستىدىكى ئايالىغا مۇناسىۋەتلىك ھەق ـ ھوقۇقلارنى تونۇيدۇ. ئايالىنى ياقتۇرغاندا ھۆرمىتىنى قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ئاچچىقلاپ قالغاندا زۇلۇم قىلمايدۇ، ئايالى ئەگەر ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا، ئۇنىڭغا زىيان يەتكۇزمەستىن ئايرىلىدۇ. چۈنكى، تەقۋا كىشى دېگەن ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر ـ پەرمانلىرىغا ئاسىيلىق قىلىشتىن قورقىدىغان كىشى دېگەنلىكتۇر.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 P3 _+ M4 G* d' N  x) I7 q4 F1 [! ~
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 e; U* |8 g4 `& j‏‏مەنبە : شۇ ناملىق كىت
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  o, _/ E7 [5 d1 F1 i4 M% w; R. b
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 p' o% m8 l, Z; Y- U5 K/ P- m# @( y

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98904
يازما سانى: 516
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4657
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 609 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2014-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-3 01:01:48 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر قېرىندىشىم, ئائىلىۋى مۇناسىۋەتلىرىمىزدە كەم بولسا بولمايدىغان ئەھكاملار ئكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97345
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 667
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 392 سائەت
تىزىم: 2013-8-28
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-3 01:18:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار مەن بۇ بىر يۈرۈش تېمىلارنى داۋاملاشتۇرۇپ يوللىماقچى ئىدىم ، شۇڭا داۋامىنى مۇشۇ بۆلەكنىڭ ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللىسام بولغىدەك دەپ ئويلاپ قالدىم ، (بۇ بۆلەكنىمۇ تۈنۈگۈن كەچتە يوللىغان بۇگۈن تەستىقلىنىپتۇ ، ئۇندىن باشقا باغداش مۇنبىرىگىمۇ ئۇدۇللۇق يوللاۋاتقان 2- ۋە 3- بۆلەكلىرى ئۆچۈرۈلۈپ بولدى بۇ بۆلۈمنىڭ تەقدىرى نىمە بولىدۇ ئاللا ئۆزى بىلىدۇ ، ۋە ياكى بىر ماۋزۇدىكى تېما يوللىنىۋەرسە يېڭىلىق ھىس قىلىنمامدىغاندۇ بۇنىمۇ بىلمىدىم ) كۆڭۈل بۆلگۈچىلەرنىىڭ يول كۆرسىتىشىنى ، پىكىر ۋە مەسلىھەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102840
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 830
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2014-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-3 01:50:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇقرا پۇقرانى ئالدىسا تىجارەت بولىدۇ،پۇقرا ھۆكۈمەتنى ئالدىسا جىنايەت بولىدۇ،ھۆكۈمەت پۇقرانى ئالدىسا سىياسەت بولىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83136
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3494
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2012-7-28
ئاخىرقى: 2014-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-3 04:06:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگسىگە رەھمەت جاپا چەكتىڭىز ، ھارمىغايسىز   بولسا مۇشۇنداق تەربىلىك ئەھمىيەتلىك تېمىللىڭىز ئۈزۈلمۈسسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94936
يازما سانى: 410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 558
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 825 سائەت
تىزىم: 2013-4-16
ئاخىرقى: 2014-7-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-3 04:15:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«شۇ ناملىق كىت» ئەمەس، «شۇ ناملىق كىتاب»

«دىنىڭلارنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئاندىن شۇ بويىچە ياشاڭلار. بولمىسا، ياشىغىنىڭلارنى دىن دەپ ئويلاپ قالىسىلەر» ____ ھەزرىتى ئۆمەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102879
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 201
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2014-1-28
ئاخىرقى: 2014-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-3 05:04:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز

ئى رەببىم مېنىڭ غېمىم بار دېمەي،ئى غەم مېنىڭ رەببىم بار دېگىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 892
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9233
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1633 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2014-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-3 05:28:16 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! ناھايىتى ئىسىل كىتاب بۇ! بۇنداق ئىسىل مەزمۇنلارنى مىسرانيم خېلى ئېلان قىلىدۇ. باغداشنىڭ دىنى مەزمۇنلار بىلەن خوشى يوق! ........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7976
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 294 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2014-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 08:48:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت تىمىڭىزغا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103167
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 419
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 94 سائەت
تىزىم: 2014-2-4
ئاخىرقى: 2014-7-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 12:56:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش