سەۋىر قىلىڭلار، بىزمۇ بىر كۈنى توڭمايدىغان بولىمىز
(ھىكايە)
تاھىرجان ئاتاۋۇللا قوشماق
سۇلتان ئاكىنىڭ بەندىچىلىك قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ پۈتۈن يۇرت مۇسىبەتكە چۈمدى. پۈتۈن يېزا تەۋەسىدىن كىشلەر سۇلتان ئاكىنىڭ ئۆيى تەرەپكە قااپ سىلجىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە پىيادە، ئىشەك ھارۋۇلۇق، ئۈچ چاقلىق موتسىكلىتلىق، ھەتتا ماشىنا بىلەن كەلگەنلەرمۇ بار ئىدى. جامائەتلەر ئەتتىگەندە ناماز بامداتتىنلا يېنىپ كەلگەن ئىدى. يېزا سەھرا دىگەن قالتىس يەر، يېزا دىگەندە ئۆلۈم بىلەن توينىڭ ئەتىۋارى بولىدۇ. پالانى مەھەللىدىكى پوكۇنى تۈگەپ كىتىپتۇ دىگەن گەپنى ئاڭلىدىمۇ، قىلۋاتقان ئىشىنى شۇ يەردىلا قويۇپ كىلىدۇ. ھەتتا ئىچىۋاتقان ئېشىنى قويۇپ بولسىمۇ كىلىدۇ. سۇلتان ئاكا يېزا مەركىزىدىكى بازاردا تۆمۈرچىلىك قىلاتتى. ئۇ شۇنداق كىچىك پىل، ياخشى تەبىئەتلىك، تەقۋا ئادەم ئىدى. ئۇ ھۈنەر قىلغان ئەللىك يىل مابەينىدە دۇككىنىغا كىرگەن ئادەمنى قۇرۇق قول قايىتتۇرمايتى. ھېچ بولمىغاندا، ئۆزى بىكار چاغدا ياساپ قويغان مەش كولىغۇچنى بولسىمۇ سوغا قىلىپ، دۇككانغا كىرگەن ئادەمنى خۇشال قىلىپ،كۆڭلىنى ئېلىپ يولغا سالاتتى.
ئۆلۈمگە كەلگەنلەر ئالدى بىلەن سۇلتان ئاكىنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ ھازىدارلار بىلەن كۆرشۈپ ، دۇئا قىلىپ بولغاندىن كىيىن، ئىشىك ئالدىغا چىقىپ مىيىتنى ئېلىپ چىقىشنى كۈتۈپ تۇرۇشتى. سۇلتان ئاكىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى يول ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان ئىدى. نەچچە يەرگە گۈلخان يېقىلغان ئىدى. نامازغا كەلگەن كىشلەر گۈلخان ئەتراپىنى چۆرىدەپ ئۆرە تۇرۇشقان بولۇپ، ئۇلار سۇلتان ئاكىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ياخشى سۈپەتلىرىنى بايان قىلشىۋاتاتتى. بىر چاغدا ھويلىدىن مىيىت ئېلىپ چىقىلدى. ياش بالىلار ھەدەپ تالىشىپ مىيىتنى كۆتىرشىۋاتاتتى. جامائەت مەھەللىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى قەبرىستانلىققا يېقىن جايدىكى بىدىلىككە قاراپ ئاقتى. چۈنكى بۇنچە كۆپ جامائەت مەسچىد ھويلىسىغا پاتمايتى. جامائەت ناماز چۈشرۈشكە تەييار بولۇپ تۇردى. لىكىن ھېچ نامازنى باشلاي دىمەيتى. ئالدىنقى رەتتە تۇرغان مىيىتنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى ۋە يۇرت چوڭلىرى مەھەللىنىڭ خاتىپى، داڭلىق ئۆلىما مەخسۇم ھاجىمنى ساقلاۋاتاتتى. ئۇلارمۇ مەخسۇم ھاجىمنىڭ كەلمەيۋاتقانلىقىدىن تىت-تىت بولىۋاتاتتى.
بىرىنجى ئاي بولغاچقىمۇ، سوغۇقنىڭ ئەۋجىگە چىققان مەزگىلى ئىدى. مەھەللىدىغۇ كىشلەر گۈلخان ئەتراپىدا تۇرۇپ، ئازراق بولسىمۇ ئىسسىنغان ئىدى. لىكىن بۇ يەردە، كىشلەر تولا ساقلاپ توڭئۇشقا باشلىغان ئىدى. كىشلەر ئارىسىدا غۇلغۇلا ئاۋۇشقا بالىدى، بىر چاغدا كىشلەر توپى ئىچىدىن، سەرپۇش تۇماقنى چۆكۈرۈپ كىيۋالغان بىرەيلەن،
— نامازنى چۈشۈرمەيلىمۇ، جامائەت توڭۇپ كەتتى! — دەپ ۋاقىردى.
ئەمدى بۇ گەپكە جاۋاپ بەرمىسە بولمايتى. يۇرت چوڭلىرى بىر- بىرسىگە قاراشتى. شۇ چاغدا جامائەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىۋەتكەن ئابلىز ھاجىم مەزىن دەرھال ئالدىغا چىقتى، ھەم جامائەتكە قاراپ:
— ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك جامائەت، بۈگۈن ھەرقايسىللىرىنىڭ مۇبارەك ۋاقىتلىرىنى چىقرىپ، مەرھۇم سۇلتان ئاكىنىڭ نامىزىغا قاتنىشىشقا كەلگەنلىكىڭلارغا رەھمەت. مۇشۇ سوغۇقتا، سەۋىر قىلغان ئەجرىڭلارنى ئالاھ ھەسسىلەپ ساۋاپ بىلەن مۇكاپاتلىغاي. كۆپچىلىك ئۆزىنىڭ توڭئۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيىتتى، — ئۇ گېپىنى توختۇتۇپ، مىيىت يېنىدا تۇرغان سۇلتان ئاكىنىڭ بالىلىلرىغا قاراپ،
— سۇلتان ئاكا قاچان نەپەستىن قالدى، — دەپ سورىدى.
— ئەتتىگەن سائەت بەشتە، — دىدى سۇلتان ئاكىنىڭ چوڭ ئوغلى.
ئابلىز ھاجىم قولىدىكى سائەتكە قاراپ، بارماقلىرى بىلەن بىرنەرسىنى ھىساپلاپ كۆرگەندىن كىيىن، جامائەتكە قاراپ:
— جامائەت ھەرقايسىللىرى نوركا قۇلاقچا، سەرپۇش تۇماق، قېلىن چاپان، قونچۇلۇق ئاياقلار بىلەن توڭدۇم دىيىشىۋاتىلا. سۇلتان ئاكىنىڭ بەندىچىلىك قىلغىنىغا ئالتە سائەت بوپتۇ. ئۇ تېخى بىر قات نىپىز خام بىلەنلا، توڭدۇم دىيىشكە توغرا كەلسە، سۇلتان ئاكا دىسە بولاتتى. بىزمۇ ئامالسىز. داڭلىق ئۆلىما مەخسۇم ھاجىم كەلسىلا ناماز چۈشۈرلىدۇ.ۋاپات بولغان كىشىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈشتىن ئىبارەت ۋەزىپە ھەرقايسىمىزدەك تىرىكلەرنىڭ زىممىسىدە. سەۋىر قىلىشسىلا، پات يېقىندا بىزمۇ سۇلتان ئاكىدەك توڭمايدىغان بولىمىز، — دىدى.
جامائەت ئىچىدىكى گەپ سۆزلەر بىراقلا تىنجىدى. ئابلىز مەزىننىڭ دىگىنى توغرا ئىدى. چۈنكى دۇنيادىكى ھەممە ئادەم,جۈملىدىن مۇشا نامازغا قاتنىشىشقا كەلگەن ھەر بىر ئادەم چوقۇم بىر كۈنى سۇلتان ئاكىدەك توڭمايدىغان مەقامغا يىتەتتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-2 05:39 PM