قار مەلىكە .تۈركلان
ئەكبەر ئەھمەد تۈركلان
يالغۇز ئوۋغا چىقتى مەلىكە ،
كۆك تۇلپارنى كىشنىتىپ خۇشۋاق.
پارقىرايدۇ قۇلىدا خەنجەر،
بەلدە ئوقيا ياندا سىغىرتماق .
ئاق دالىدا چاپىدۇ تۇلپار،
ئاپئاق قارغا ئوخشار مەلىكە.
زىمىن ئۈستى ئاق چېچەكلەردەك،
تۇرار ئىدى بىر گۈزەللىكتە.
ئولجا ئىزلەپ يۈرسە مەلىكە،
ئۇچراپ قالدى بىر توپ بۆرىگە.
ۋەھىگە چۆمدى ئۇ شۇئان،
قارىغاندا ئۇلار كۆزىگە.
سىرلىق ئۇچقۇن چاقنايتتى ئۇندىن،
مەلىكىنى قورقۇنۇچ باستى.
تىزگىن تارتتى ئۇ تۇلپارىنى ،
ئۆرۈلدى ھەم بىر قامچا سالدى.
سادىقىدىن ئايرىلغان ئوقتەك،
چاپتى تۇلپار ئاچچىق ئازابتىن.
قار مەلىكە يېپىشار ئاتقا ،
بۆرە قوغلار ئىدى كەينىدىن.
<چاپقىن تۇلپار>دېدى مەلىكە،
بۆرە توپى توختاي دىمەيتتى.
شۇ بىر پەيىت مەلىكە ئاتتىن ،
ئاپئاق قارغا يىقىلىپ چۈشتى.
قاتتىق كىشنەپ توختىدى تۇلپار،
مەلىكىنىڭ يېنىغا ياندى.
شۇ ئارىدا بۆرىلەر ئوقتەك،
يۈگرەپ كىلىپ ئاتقا ئېتىلدى.
چاپچىپ شۇئان جەسسۇر كۆك تۇلپار،
بۆرىلەرگە بەرمىدى تۇتۇق.
شۇنداقتىمۇ چاچرىدى قانلار،
ئاپئاق قاردا كۈرۈنەرئۇچۇق.
قار مەلىكە نىمجان ھالەتتە ،
كۆردى قاننىڭ تامچىلىرىنى.
قار ئۈستىدە تۇلپارنىڭ قېنى،
تارقىتاتتى ئىسسىق ھورىنى.
خىرىس قىلىپ تۇرسىمۇ شۇنچە،
بۆرە توپى قار مەلىكىگە.
كۆك تۇلپارنىڭ جاسارىتىدىن،
قورقۇپ ئۇلار ياندى كەينىگە.
قانلىق جەڭدىن كىيىن كۆك تۇلپار،
مەلىكىنى مىندۈرۈپ قاچتى.
قارلىق يولدا قالدى قان ئىزى ،
قار مەلىكە سوغ تەرگە چۆمدى.
ئاستاغىنە ياتتى كۆك تۇلپار،
ئۇ بەك ئېغىر ئىدى پۇشۇلدار.
قان سىرغىيتتى ئۇندىن توختىماي،
قار مەلىكە ھەسرەتلىك يىغلار.
كۆز ياشلىرى قار مەلىكىنىڭ ،
قەترە -قەترە قانغا تۆكۈلەر.
كۆك تۇلپارنىڭ كۆز چانىقىدا،
بىر تۇيغۇ يېقىملىق كۈلەر.
قار مەلىكە ھىجران ئازابتا،
كۆز يېشىنى تۆكمەكتە ئۈنسىز.
كۆك تۇلپاردا ئاداققى نەپەس،
جىمجىتقىنا توختىدى سۆزسىز.
شىخەنزە ئۇنۋېرستتىدا يېزىلدى.
2014.01.06